يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 679|ئىنكاس: 13

ئامىنە ئابدۇۋايىت : ئاياللار ۋە گۈزەللىك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-16 23:23:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
                                             ئاياللار ۋە گۈزەللىك


                                                    ئامىنە ئابدۇۋايىت


    ‹‹ئاياللارنىڭ يەتتە ئەڭگۇشتەرى ›› دېگەن كىتاپتا ئاياللارنىڭ گۈزەللىگى توغرىسىدا توختىلىپ ، گۈزەل ئاياللار مەڭگۈلۈك مەنزىرە ، بۇ دۈنيا ئاياللار بولغانلىقى ئۈچۈنلا گۈزەلدۈر ، بىر گۈزەل ئايال ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە ئەقىللىق ئەرنىمۇ ئۆزىگە بوي سۇندۇرالايدۇ ، گۈزەل ئاياللار تەرەققىياتنىڭ شاھىدى ، جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئاياللارنىڭ گۈزەللىگىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ ، دەپ شەرھىلەپ ، ئاياللارنىڭ گۈزەللىگىنىڭ تولىمۇ موھىم ئىكەنلىگىنى ئېنىق ئىپادىلەيدۇ.
جەمىيىتىمىز بۈگۈنكىدەك گۈزەللىككە يۈزلەنگەن ، گۈزەللىكنى تەكىتلەۋاتقان گۈزەل زاماندا ئاياللارنىڭ گۈزەللىگى تېخىمۇ مۇھىم . ئاياللارنىڭ گۈزەللىگى تاشقى قىياپاتتە ئەكىس ئەتكەن گۈزەللىكتىن سىرت، يەنە تۇرلۈك شەكىلسىز گۈزەللىكلەردىن تەركىپ تاپىدۇ .بۇنداق ئىچكى گۈزەللىك چىرايى ئادەتتىكىچە ئاياللارنىمۇ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ، جەلىپكار ، نازاكەتلىك ،سۇباتلىق قىلىپ كۆرسىتىدۇ . مەسىلەن ، سىلىق – سىپايە بولۇشمۇ بىر خىل گۈزەللىك . مۇلايىم بولۇشمۇ بىر خىل گۈزەللىك . تەربىيە كۆرگەن ئاياللار خۇش پېئىل مۇلايىم كېلىدۇ . ئاياللاردىكى ئۈمىدۋارلىقمۇ بىر خىل گۈزەللىك ، چۈنكى ئۈمۈدۋارلىق كىشىلىك ھاياتقا ھاياتى كۈچ ۋە جاسارەت بېغىشلايدۇ . ۋاقىتلىق ئازاپ ، نامراتلىق ،ئوڭۇشسىزلىقلاردىن قۇتۇلدۇرىدۇ . ئاياللارنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىشىمۇ بىر خىل گۈزەللىك . ھەرقانداق ئايال ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا ،ئۆزىنىڭ بىلىم – قۈرۈلمىسىغا ، گۈزەللىگىگە شىنىپ ئۆزىنى گۈزەل دەپ قارىسا ، ئۇ مەڭگۇ گۈزەل ، چۈنكى سىز جەمىيەتكە ، تۇرمۇشقا قانداق قارىسىڭىز  ، جەمىيەتمۇ ، تۇرمۇشمۇ سىزگە شۇندق قارايدۇ .ئاياللارنىڭ جىسمانى جەھەتدىكى ئاجىزلىقىمۇ بىر خىل گۈزەللىك ، بىز جىسمانى جەھەتتىن ئەرلىرىمىزدىن ئاجىز بولغاچقا ، ئۇلار بىزگە كۆڭۈل بۆلىدۇ ، كۆيىنىدۇ ، يول قويىدۇ . بىزنىڭ جىسمانى ئاجىزلىقىمىز بىزدىكى بىر خىل تەببى ئىقتىدار بولۇپ ، بىزنى تېخىمۇ گۈزەل ، نازاكەتلىك قىلىپ كۆرسىتىدۇ . ئاياللارنىڭ شىرىن – شېكەر سۆزلەرنى قىلىشىمۇ بىر خىل گۈزەللىك كونىلارنىڭ ‹‹بۇغداي ئېشىڭ بولمىسا ، بۇغداي سۆزۇڭ يوقمۇ؟ ›› دېگەن سۆزى بار . ئاياللارنىڭ ياسىنىپ يۇرۇشىمۇ بىر خىل گۈزەللىك .لايىقىدا ياسىنىش ئاياللارنى تېخىمۇ گۈزەل ، تېخىمۇ جەلىپكار قىلىدۇ . بۇ ھەقتە قىرغىزلارنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچىسى چىڭگىز ئايتۇماتۇف : ئاياللارنىڭ ياسانماسلىقى باغ بولۇپ گۈلى بولمىغانغا ئوخشاش ، گۈلى يوق باققا كىممۇ ئىنتىلسۇن . دەپ ئاياللارنىڭ ياسىنىپ يۇرۇشىنى تەكىتلىگەن . بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى ، ئاياللار جەمىيەتكە ، ئائىلىگە زىننەت بەرگۈچى ، راھەت بېغىشلىغۇچى .
بىز ئاياللار يۈرۈش – تۈرۈش ، ئولتۇرۇش – قوپۇش ، سۆز –ھەرىكەت ۋە تەققى –تۇرۇقىمىزغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك .گۈزەل يۇردۇم ، مودا كېيىندىم دەپ مىللى ئۆرپ –ئادىتىمىز ، ئەنئەنىۋى قائىدە – يۇسۇنىمىزغا ماس كەلمىگەن ، ھەرەڭ –سەرەڭ كېيىنىۋالغىنىمىز بىلەن گۈزەللىگىمىزنى ئىپادىلىگىلى بولمايلا قالماستىن ، ئەتراپدىكىلىرىمىزگە چاكىنا ، سەلبى تەسىر بېرىشىمىز مۇقەررەر.
مىللى ئۆرپ – ئادىتىمىزگە سىغىدىغان ھەم زامانغا لايىق كېيىنىش ۋە ياسىنىش بىز  خانىم قىزلارغا لاتاپەت ئاتا قىلىدۇ . دېمەك ، ئاياللارنىڭ گۈزەللىگىنى ئاساسلىقى باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى چۇشىنىدىغان ،كەڭ قۇرساق ، بىلىملىك ،ساپالىق ،ئەدەپ –قائىدىلىك ، شەرمى –ھايالىق ۋە كەمتەر ، خۇش پېئىللىقىدا ئىپادىلىنىدۇ دېسەك ھەرگىزمۇ ئوشۇق كەتمەيدۇ .


                             ( ‹‹ھاياتلىق››  ژۇرنىلىنىڭ 2014- يىل 2-سانىدىن ئېلىندى )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-16 23:27  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-16 23:43:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       مىللى ئۆرپ – ئادىتىمىزگە سىغىدىغان ھەم زامانغا لايىق كېيىنىش ۋە ياسىنىش بىز  خانىم قىزلارغا لاتاپەت ئاتا قىلىدۇ . دېمەك ، ئاياللارنىڭ گۈزەللىگىنى ئاساسلىقى باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى چۇشىنىدىغان ،كەڭ قۇرساق ، بىلىملىك ،ساپالىق ،ئەدەپ –قائىدىلىك ، شەرمى –ھايالىق ۋە كەمتەر ، خۇش پېئىللىقىدا ئىپادىلىنىدۇ دېسەك ھەرگىزمۇ ئوشۇق كەتمەيدۇ .

       يۇقارقى بايانلىرىڭىزدىن سۆيۈندۈم. سىزنى خاس شېئىرلار يازامدىكىن دېسەم، ئەسلى كۆپ قىرلىق قەلەم ئىگىسى ئىكەنسىز-دە ئامىنە ھەدە! ئىزدىنىشلىرىڭىزگە ئوتۇق يار بولسۇن!  

ۋاقتى: 2015-12-17 00:52:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايىللللار        گۇزالدور، ياخشىي      تېمىكان.

ۋاقتى: 2015-12-17 01:12:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللى ئۆرپ – ئادىتىمىزگە سىغىدىغان ھەم زامانغا لايىق كېيىنىش ۋە ياسىنىش بىز  خانىم قىزلارغا لاتاپەت ئاتا قىلىدۇ . دېمەك ، ئاياللارنىڭ گۈزەللىگىنى ئاساسلىقى باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى چۇشىنىدىغان ،كەڭ قۇرساق ، بىلىملىك ،ساپالىق ،ئەدەپ –قائىدىلىك ، شەرمى –ھايالىق ۋە كەمتەر ، خۇش پېئىللىقىدا ئىپادىلىنىدۇ دېسەك ھەرگىزمۇ ئوشۇق كەتمەيدۇ .

يارايسىز! سىز كۆپ قىرلىق يازغۇچى جۇمۇڭ

ۋاقتى: 2015-12-17 09:55:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتتىگەندە  بىر  ياخشى  ماقالە  ئوقۇدۇم.....

ۋاقتى: 2015-12-17 10:51:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇزۇندىن بىرى مەن مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە مۇلاھزە قىلىۋاتاتىم،بۇ مەسىلىنى سىز شەرىھلەپ بىرىپسىز،ئەسلىدە ئاياللار سىز دىگەندەك پەزىلەتنى ئىپادىلىشى كىرەك.

ۋاقتى: 2015-12-17 11:00:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامىنە ھەدەمنىڭ يۇقارقى ماقالىسى  تولىمۇ ئىخچام ، مېغىزلىق چىقىپتۇ ، زىيادە دەبدەبىدىن خالىي ھالدىلا  ئاياللار گۈزەللىكىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى كۆرسۈتۈپ بېرىپتۇ . مەنمۇ ئاياللار ھەققىدىكى ھېكىمەتلەردىن يوللاپ قويدۇم ، نازنىنلار بىرلىكتە ھوزۇر ئالسۇن !


ئاچچىقى يامان ئايال پېتىقلىنىپ بۇلغانغان بۇلاق سۈيىدەك بارلىق گۈزەللىكنى يوقىتىدۇ .ئۇسسۇزلۇقتىن لەۋلىرىنى گەز باغلىغان ئادەممۇ ئۇنىڭدىن بىر يۇتۇمنى ئاغزىغا ئالغۇسى  كەلمەيدۇ (شېكىسپىر )
بىر ئايال ئەگەر تۇغۇلۇشىدىنلا ساھىبجامال بولسا ،مەغرۇرلىنىشقا ئەرزىيدۇ ؛.. ئەگەر پەزىلەتلىك بولسا ، ئاپىرىن ئوقۇشقا ئەرزىيدۇ ؛..ئەگەر ئۇ نازاكەتلىك ،ئەدەپلىك ،سىپايە بولسا ، ئۇ ھالدا ئەخلاقلىق ،سۆيۈملۈك كۆرنىدۇ ،قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ .     (شېكىسپىر )
قىزلارنىڭ مۇلايىملىقى ،مۇلايىملىق ئىچىدىكى قەيسەرلىكى يات جىنىسلارنى جەلپ قىلىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك خىسلىتىدۇر .           ( ۋولتېر  )

ئايال كىشى نازىنىن - دىلبەر بولىدىكەن ، ئۇنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتى ۋە يۈرۈش -تۇرۇشىدىن ئوي-پىكىر ،خىيالى بىلىنىپ تۇرىدۇ ،بۇنداق چاغدىكى ئاياللارنىڭ قىلىقلىرى ئاددىي -ساددىلىق ۋە ئەدەپ -قائىدە دائىرسىدە بولىدۇ .              (بالزاك)

بۇزۇق ئايالدىنمۇ يىرگىنىچلىك نەرسە يوقتۇر ،ئىپپەتلىك ئايالدىنمۇ گۈزەل نەرسە ھەم يوقتۇر .        (ئولپىدىس )

بىر ئايالنىڭ بەختى ئەرنىڭ شان-شۆھرىتىدە ،ھوقۇق -ئەمىلىدە ، مەردلىكىدە ۋە كۆڭۈل-كۆكسىنىڭ كەڭلىكىدە ئەمەس ، بەلكى ئىككى تەرەپنىڭ مۇھاببىتىدە .  (  جىبىران  )

ئاياللارنىڭ ھاياتى تۇنجى مۇھاببىتىدىن باشلىنىدۇ .               ( بالزاك)

بەزى ئاياللارنىڭ سىرىتقى قىياپىتى نوقسانسىز بولغىنى بىلەن ،ئىچكى دۇنياسىدىكى سىرلىرىنى شۇنداقلا ئاشكارلىسا ، ئىشىنىمەنكى ، ھەر قانداق قوپال ، نادان مەسخىرۋازنىڭمۇ يۈزى قىزىرىدۇ  .           (سانكىۋىچ )

چىرايلىق ئاياللارنىڭ ئەڭ چوڭ ئەيىبى چىرايىغا ئىشىنىپ ئۆزىنى تەبىئي ھالدا ھەممىدىن ئۈستۈن قويىۋېلىشى ۋە ھەر بىر سۆز -ھەرىكىتىدىن قويۇق شەخسىيەتچىلىكىنى ئاشكارلاپ تۇرۇشى .ئەكىسىچە تەرەپتىن قارىغاندا ، چىراي-شەكلى ئادەتتىكىچە ئاياللار ئۇلارغا ئوخشىمايدۇ . ئۇلار شۇ قەدەر كەمتەر ۋە سەمىمىي ،ھەممىلا يەردە باشقىلارنى كۆزدە تۇتۇپ ، ئۇلارغا سەمىمىي غەمخۇرلۇقى ۋە كۆيۈنۈش ھېسىياتىنى ئىپادىلەيدۇ . ئەرلەر ئاجايىىپ گۈزەل ئايالنىڭ ھەيۋە كۆرسۈتۈپ ، كۆرەڭلىشىگە ئەمەس ، ئاياللارنىڭ غەمخۇرلۇقى ۋە ھۆرمەت قىلىشىغا مۇھتاج .              ( كېسلىېر)  

ۋاپادارلىقى ساختا ئايال ھامان بېتاقەتلىك بىلەن چاكىنا چىرايىنى بازارغا سالىدۇ .                     ( بالزاك )

ئايال دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى ساھىبجاماللىقنى ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە گۈزەل ئەخلاقىلىق ، نازاكەتلىك ،ئىپپەتلىك بولۇشنى ۋە ئۆزىنى قۇربان قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .   (تاگور)

قىزلارغا نىسپەتەن ئاق كۆڭۈللۈك ئەڭ ياخشى پەرداز         .        (روللان )   

پاكلىق بىلەن گۈزەل ھۆسۈن قوشۇلۇپ كەلسە ، قەنىتنىڭ ئۈستىگە ھەسەل سۈركەلگەندەك بولىدۇ .      (شېكىسپىر )  

لاغايلاپ يۈرگەن قىزلارنى ئىپپەتسىز قىز دەپ گۇمانلىنىشقا بولىدۇ .   (  گىيۇتى )  

ھەر قانداق مىللەت ھاياسىز ئاياللارنى پەس كۆرىدۇ . بۇ ، تەبىئەت دۇنياسىنىڭ مىللەتلەرگە بەرگەن كۆرسەتمىسى .     (مونتىسكىيۇ )   

ئايال ئاقىل ،   ئەر ئىش بىلەرمەن بولسا ئۆي كۈندىن -كۈنىگە ئاۋات بولىدۇ .                    ( خۇسراۋ دېھلەۋى )  

بىر ئايال پەقەت بىر خىل ئۇسۇل بىلەنلا ئۆزىنى گۈزەل قىلالايدۇ ،لىكىن ئۇ يۈزمىڭ خىل ئۇسۇل بىلەن ئۆزىنى سۆيۈملۈك قىلالىشى مومكىن .       ( چارلىز رد )  


مەنبە -  ھېكىمەت دۇردانىلىرى مەجمۇئەسى                             ( ئەخلاق بۇلغۇنۇش موھىت بۇلغۇنۇشتىنمۇ ئېغىر بولۋاتقان مۇشۇ دەۋىرلەردە ھەر بىر خانىم قىز مۇشۇنداق ھېكمەتلەر ئارقىلىق ئۆزىمىزنى مۇكەللەشتۈرۈشكە مۇھتاجمىز ، شۇڭا يىغىپ يوللاپ قويدۇم .  )



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پاكنۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-17 11:01  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-17 23:00:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسىرىمگە كۆز يۈگۈرتكەن ۋە سەمىمى پىكىرلەرنى بەرگەن ئەزىزلەرگە مىڭلارچە تەسەنناھ!!!

ۋاقتى: 2015-12-18 11:06:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىڭىزدىن ئۇزۇمگە پايدىلىق بولغان بىر ئۈلۈشىنى ئېلىپ رازىمەنلىك بىلەن ساقلىۋالدىم .سىزگە ئۇۇق تىلەيمەن قېرىندىشىم!

ۋاقتى: 2015-12-18 14:29:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالە قىسقا ھەمما مەزمۇنلۇق چىقىپتۇ!

ۋاقتى: 2015-12-22 21:33:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەرىكەتلىك  قۇلۇڭىز  تىخىمۇ  ھۇسۇللۇق  بۇلسۇن  ئۇستاز، ماقالىڭىز  نىڭ  تەربىيەۋى   ئەمىيىتىدىن  سۈيۈندۇم !

ۋاقتى: 2016-1-15 14:39:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللار جەمىيەتكە ، ئائىلىگە زىننەت بەرگۈچى ، راھەت بېغىشلىغۇچى .
بىز ئاياللار يۈرۈش – تۈرۈش ، ئولتۇرۇش – قوپۇش ، سۆز –ھەرىكەت ۋە تەققى –تۇرۇقىمىزغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك .گۈزەل يۇردۇم ، مودا كېيىندىم دەپ مىللى ئۆرپ –ئادىتىمىز ، ئەنئەنىۋى قائىدە – يۇسۇنىمىزغا ماس كەلمىگەن ، ھەرەڭ –سەرەڭ كېيىنىۋالغىنىمىز بىلەن گۈزەللىگىمىزنى ئىپادىلىگىلى بولمايلا قالماستىن ، ئەتراپدىكىلىرىمىزگە چاكىنا ، سەلبى تەسىر بېرىشىمىز مۇقەررەر. بۇ قۇرلىرىڭىزدىن سۈيۈندىم.ئەمما ئىملادا  مەسلە باردەك ھىس قىلدىم . يەنە قاراپ باقسىڭىز.

ۋاقتى: 2016-1-18 23:53:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارف يوللىغان ۋاقتى  2016-1-15 14:39
ئاياللار جەمىيەتكە ، ئائىلىگە زىننەت بەرگۈچى ، راھەت ب ...

ئۆينىڭ نۇرلۇق چېرىغىدۇر ئايال،
بۇ بىر ھەقىقەت،ئەمەستۇر خىيال.
ئۆچمەيدۇ ئۆيدە بۇ نۇرلۇق چىراغ،
ياغ قۇيۇپ پىلىككە ئىزدىسەك ئامال.
.............................

ۋاقتى: 2016-3-6 17:04:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللار ھەققىدە يېزىلغان بۇ ماقالە قەلبىمنى ھەقىقەتەن لەرزىگە سالدى ، بىر ياخشى ماقالىنى ئوقۇپ ، تولىمۇ  ياخشى تەربىيەگە ئىگە بولدۇم، ئۆزۈمگە لايىق قىسمىنى ساقلىۋالدىم ، تىما ئىگىسىنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش