كۆرۈش: 681|ئىنكاس: 7

بارات تۇرسۇنباقى: مائارىپ مىللەتلەرنىڭ جېنى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-16 17:31:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى




                                         مائارىپ مىللەتلەرنىڭ جېنى


                                                بارات تۇرسۇنباقى


        (مەكتىپىمىز فىلولوگىيە پەنلىرى پىروفېسسورى، مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى)


قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە مائارىپ ئۇقۇمىنىڭ ھەر خىل مەنىلىرى ھەققىدە بىر نەچچە نۇقتىدىن پىكىر يۈرگۈزۈلۈپ ئېلىمىزدىن، شۇنىڭدەك چەت ئەللەردىن جانلىق، كونكرېت مىساللارنى كۆرسىتىپ، مائارىپنىڭ ھەر بىر مىللەتنىڭ دۆلەتنى، ئۆزىنى ۋە ئەتراپىدىكىلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، قۇدرەت تاپقۇزۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى يورۇتىلغان.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: مائارىپ؛ تەرەققىيات؛ ساپا؛ مىللەت ۋە جان



ئەرەب تىلىدىن قوبۇل قىلىنىپ، مىڭ يىللاردىن بېرى ئىستېمال قىلىنىپ كېلىنگەن «مائارىپ» دېگەن بۇ سۆزنىڭ تىلىمىزدىكى ئىستېمال مەنىسى «تەلىم» ۋە «تەربىيە» بولۇپ، بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىدە تەلىم ئالدىنقى شەرت ۋە ۋاسىتە، تەربىيە مەقسەت ھېسابلىنىدۇ.

مائارىپ ئۇقۇمىنىڭ ئېنىقلىمىسى

ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى 5-توم 1-بەتتە: «مائارىپ (ئەرەبچە سۆز) يېڭى بىر ئەۋلادنى ئىجتىمائىي تۇرمۇش بىلەن شۇغۇللىنالايدىغان قىلىپ تەربىيەلەشنىڭ بىر پۈتۈن جەريانى، ئۇ مۇھىمى مەكتەپلەردىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەر، ياشلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىدىغان تەربىيە جەريانىنى كۆزدە تۇتىدۇ» دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن.

پېداگوگىكا دەرسلىكلىرىدە مائارىپنىڭ ئېنىقلىمىسى

ئېلىمىز پېداگوگىكا ئىنستىتۇتلىرىدا ئۆتۈلۈۋاتقان مەخسۇس پېداگوگىكا دەرسلىكلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مائارىپنىڭ ئېنىقلىمىسىدا قىسمەن پەرقلەر بولسىمۇ، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، بەزىلەر جەمئىيەت نۇقتىسىدىن، يەنە بەزىلەر شەخسى نۇقتىدىن چىقىپ مائارىپقا ئېنىقلىما بەرگەن. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئېلىمىز ئادەتتە جەمئىيەت نۇقتىسىدىن مائارىپقا ئېنىقلىما بەرگەن بولسا، ئەنگلىيە، ئامېرىكىدىكى مائارىپشۇناسلار شەخسى نۇقتىدىن چىقىپ ئېنىقلىما بەرگەن. جەمئىيەت نۇقتىسىدىن مائارىپقا ئېنىقلىما بەرگەندە، مائارىپنىڭ ئېنىقلىمىسىنى ئوخشىمىغان قاتلاملارغا ئايرىشقا بولىدۇ:
1. كەڭ مەنىدىكى مائارىپ ئادەمنىڭ بىلىمى ۋە ماھارىتىنى كۈچەيتىپ، كىشىلەرنىڭ ئىدىيە، ئەخلاقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىكى پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى مائارىپ بولىدۇ. مائارىپ پۈتكۈل جەمئىيەت سىستېمىسىدىكى بىر تارماق سىستېما بولۇپ، بەلگىلىك ئىجتىمائىي رول تەقسىملەنگەن ۋە يۈكلەنگەن.
مائارىپنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى جەمئىيەتنىڭ كىشىلەر ئىدىيەسىگە بىلىم سىڭدۈرۈش ۋە ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش بولۇپ، بىرى، مائارىپنىڭ ئوبيېكتى ئادەم؛ يەنە بىرى، مەزمۇنى چوقۇم ياخشى ۋە ئەھمىيەتلىك بولۇشى، شۇ ئارقىلىق كىشىلەرنى جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىدىغان قىلىشى كېرەك.
2. تار مەنىدىكى مائارىپ شەخسنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى يۈكسىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئېنىقلىما جەمئىيەت ئامىلىنىڭ شەخسنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان تەسىرىنى تەكىتلەيدۇ. شەخس نۇقتىسىدىن مائارىپقا ئېنىقلىما بېرىش، مائارىپنى شەخسنىڭ ئۆگىنىش ياكى تەرەققىي قىلىش جەريانى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇپ قويىدۇ.
3. تېخىمۇ تار مەنىدىكى مائارىپ: ئاساسلىقى مەكتەپ مائارىپىنى كۆرسىتىدۇ، يەنى تەربىيەلىگۈچى مەلۇم جەمئىيەت ياكى سىنىپنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، پىلانلىق، مەقسەتلىك، تەشكىللىك ھالدا تەربىيەلەنگۈچىنىڭ روھى ۋە جىسمىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنى مەلۇم جەمئىيەت ياكى سىنىپ ئېھتىياجلىق بولغان ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش پائالىيىتىدىن ئىبارەت. بۇ ئاساسلىقى ئېلىمىز مەكتەپلىرىدىكى ئىمتىھان مائارىپىنى كۆرسىتىدۇ.
مائارىپ پائالىيىتىنىڭ ئاساسىي ئامىللىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېنىقلىما بەرگەندە، مائارىپقا: «مائارىپ ئادەمنىڭ ئاڭلىق ھالدا بىر قانچە ئۇسۇل، ۋاسىتە قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق باشقىلارغا ئۇچۇر يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ روھى دۇنياسىغا ياكى پىسخىك ھالىتىگە تەسىر كۆرسىتىشنى ئۈمىد قىلىپ، مەلۇم خىل قاراش، ساپا، ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشىغا ياردەم بېرىدىغان ياكى توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئىجتىمائىي پائالىيەت» دەپ ئېنىقلىما بېرىشكە بولىدۇ. «ئالدىنقى رولدا تۇرىدىغىنى تەربىيەلىگۈچى»، «كېيىنكى رولدا تۇرىدىغىنى تەربىيەلەنگۈچى» دېيىلىدۇ. بۇنداق ئېنىقلىما بېرىش بارلىق ئىنسانىيەت مائارىپ پائالىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بولۇپ، مائارىپنىڭ ئاساسىي ئېنىقلىمىسى قىلىشقا بولىدۇ.
ھازىرقى زامان شائىرى، مەدەنىيەتشۇناس ئالىمى جاڭ شۇلىن «مائارىپ توغرىسىدا» دېگەن ماقالىسىدا: «مائارىپ دېگەنلىك ئىجتىمائىي مەدەنىيەتنى يەتكۈزۈش، تارقىتىش دېگەنلىك بولىدۇ. ئىجتىمائىي مەدەنىيەت جۈملىدىن ئىجتىمائىي، تەبىئىي پەنلەر ئۈچ قاتلاملىق مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. بىرىنچى قاتلىمى، يۇقىرى قاتلاملىق مەدەنىيەت، يەنى ئابستراكت، مەۋجۇتلۇقىنى كۆرگىلى بولمايدىغان جەمئىيەت پىسخولوگىيەسى، ئېستېتىكا ۋە قىممەت قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ؛ ئىككىنچى قاتلام بولسا، بىرىنچى قاتلامدىن كونكرېتلاشقان، گەرچە مەۋجۇتلۇقىنى كۆرگىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە پائالىيەت شەكلىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھەقىقىي ھېس قىلغىلى بولىدىغان ھاكىمىيەت ۋە ئۇنىڭ ئاپپاراتلىرىنى كۆرسىتىدۇ؛ ئۈچىنچى قاتلام بولسا، يۈزەكى مەدەنىيەتنى، كۆرگىلىمۇ بولىدىغان، تۇتقىلىمۇ بولىدىغان، نەرسە ياكى ماددىي مەدەنىيەتنى كۆرسىتىدۇ. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، مەنىۋى مەدەنىيەت، مەنىۋىيەتنىڭ ماددىيلىشىش مەدەنىيىتى ۋە ماددىي مەدەنىيەت دېگەنلىكتۇر. مائارىپنىڭ مەقسىتى ئېيتماققا ئادەمنى تەربىيەلەش دېگەن بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئادەمگە تۈرلۈك كېرەكلىك بىلىملەرنى قوبۇل قىلدۇرۇپ، مۇشۇ بىلىملەرنى ھەزىم قىلىش، سىڭدۈرۈش، ئۇنى بىۋاسىتە جەمئىيەتكە تەسىر كۆرسەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىدۇ ياكى مۇشۇ بىلىملەرنى ئاساس قىلىپ، بايقاش ۋە كەشپىياتلارغا يۈكسەلدۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئالدىنقىسى فىزىكىلىق ئۆزگىرىش بولۇپ، قوبۇل قىلغان ئادەم خۇددى بىر نەرسە ئالىدىغان قاچىغا ئوخشاش بولۇپ، قوبۇل قىلغان ئورۇنلا ئالماشقان، بەزى ئارىلاشمىلار بولغان بولىدۇ، خالاس. بۇ بەلكىم دائىم دەپ كېلىۋاتقان ئەمەلىي قوللىنىشچان ئىختىساسلىقلار؛ تېخنىكا ياكى ھۈنىرى بولغان ئىختىساسلىقلار بولۇشى مۇمكىن؛ كېيىنكىسى خىمىيەلىك ئۆزگىرىشكە ئوخشاش بولۇپ، ئوخشىمىغان، باشقا نەرسە ھاسىل بولۇپ قالغان بولىدۇ، بۇ خىل ئىختىساسلىقلار بىرىنچى قاتلامدىكى مەدەنىيەتنى ناھايىتى ياخشى ئىگىلەپ، ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە بولغان ئىلىم تەھسىل قىلىش ئىدىيەسى، قارىشى ۋە ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرەلەيدۇ. مانا بۇ يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلاردۇر. بىر دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ دۇنيادىكى مەدەنىيەت تەسىرى ئاساسلىقى بىرىنچى قاتلامدىكى مەدەنىيەت، يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلارنىڭ تەسىرىدۇر. ئىنسانلارنىڭ يۈكسەك تەرەققىي قىلغان نېرۋا سىستېمىسى مائارىپنىڭ پەيدا بولۇش ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ماددىي ئاساسى ۋە ئالدىنقى شەرتى. ئۇ ھېس قىلىش، خاتىرە، باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىش، ھۆكۈم قىلىش قاتارلىق مۇكەممەل تەپەككۇر بىلەن تەمىنلەپ، ئادەمنىڭ ئېڭىنى ئۆزئارا تەسىر قىلىش ھەم تارقىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ» دەپ چۈشەندۈرگەن.
مائارىپ ھەققىدە ئېيتىلغان يۇقىرىقى ئېنىقلىمىلار مائارىپنىڭ ماھىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ ھەم مائارىپ پائالىيىتىنى ئۆگىنىش، مەشىق قىلىش، تەشۋىقات قاتارلىق باشقا پائالىيەتلەردىن پەرقلەندۈرىدۇ، بۇ ئېنىقلىمىلارنى «مائارىپنىڭ ئاساسى ئۇقۇمى» دەپ قاراشقا بولىدۇ. لېكىن، كىشىلەر دائىم دەپ يۈرىدىغان «مائارىپ» بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ ئېنىقلىما چېتىلىدىغان كاتېگورىيە تار بولۇپ قالىدۇ. ئەنئەنە جەھەتتە، كىشىلەر ئۆگىنىش بىلەن تەربىيەلەش، مائارىپ بىلەن تەربىيەلەش، مەشىق بىلەن تەربىيەلەش، ياردەم ئارقىلىق تەربىيەلەش قاتارلىق ئۇسۇللارنى «مائارىپ» دەپ قارايدۇ، بۇ كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا، يەنە باشقا بىر خىل تېخىمۇ چوڭ بولغان مائارىپ ئۇقۇمىنىڭ، يەنى ماكرو مائارىپ ئۇقۇمىنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۇ ھەم ئاساسىي ئۇقۇم بولغان تەربىيەلەش، مەشىق قىلدۇرۇش، ئۆگىنىش قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ساپاسى، ئىقتىدارىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر تۈردىكى پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەم كىشىلەرنىڭ ساپاسى، ئىقتىدارىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتەلمىسىمۇ، لېكىن ئالدىنقى تۈردىكى پائالىيەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا ياردەم بېرىش، ئالغا سۈرۈش رولىنى ئوينايدىغان پائالىيەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇمۇ كىشىلەر دەپ كېلىۋاتقان «تەربىيەلەش» پائالىيىتىدۇر. ماكرو مائارىپ ئەمەلىيەتتە تەربىيەلەش بىلەن ئوخشاشتۇر. ئۇنداقتا، تەربىيەلەشنىڭ ئېنىقلىمىسىمۇ ماكرو مائارىپنىڭ ئېنىقلىمىسىدۇر. يۇقىرىقى ئاساسىي مائارىپ ئېنىقلىمىسى ئاساسىدا، ئۆگىنىش، مەشىق قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان تۈر پەرقىنى چىقىرىۋەتسەك، ماكرولۇق مائارىپ ئېنىقلىمىسىغا ئايلىنىدۇ: مائارىپ ئادەمنىڭ ساپاسى، ئىقتىدارىنى نەزەردە تۇتۇپ ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتتۇر.

مائارىپنىڭ بۈگۈنكى دۇنيادىكى مۇھىملىقى

ھازىرقى دەۋر ئۇچۇر دەۋرى. ئۇچۇر دەۋرىدە بىلىم ۋە تېخنىكا ئىگىلەش بايلىق ۋە ھوقۇقنىڭ ئارقا تىرىكى بولىدۇ. سېنىڭ مەلۇم بىر جەھەتتە بىلىمىڭ ۋە ئىقتىدارىڭ بولسا، كۆپچىلىك سېنىڭ ياخشى رەھبەرلىك قىلالىشىڭغا ئىشىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن سەن تەبىئىي ھالدا مەلۇم بىر جەھەتتە ھوقۇق يۈرگۈزىسەن، شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر تارىخىي دەۋر ئىچىدە سېنىڭ ئىگىلىگەن ئەمگەك كۈچۈڭ، يېرىڭ ۋە كاپىتالىڭنىڭ ئاز-كۆپلىكىگە ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ئىگىلىگەن بىلىمىڭ ۋە ئىقتىدارىڭنىڭ قانداقلىقىغا قارىلىدۇ. چۈنكى بىر ئادەمنىڭ مەلۇم بىر جەھەتتە بىلىم ۋە ئىقتىدارى بولغاندا ئاندىن ئۇ، شۇ جەھەتتە توغرا ئىستراتېگىيەلىك پىكىر قىلالايدۇ ۋە ئىلمىي ھۆكۈم چىقىرالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۈنۈملۈك باشقۇرغۇچىغا ئايلىنالايدۇ. كىشىلەر يەنە شۇنداق قارايدۇ: يېزا ئىگىلىكى ئاساس قىلىنغان، تەبىئىي ئىقتىساد جەمئىيىتىدە كىشىلەرنىڭ قوغلىشىدىغان، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشتا ئېھتىياجلىق بولغان بارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ماددىدۇر. مەسىلەن: ئاشلىق، رەخت، ئۆي قاتارلىقلار. سانائەتنى ئاساس قىلغان تاۋار ئىگىلىكى جەمئىيىتىدە كىشىلەرنىڭ قوغلىشىدىغىنى ماددىدىن باشقا يەنە ئېنېرگىيە مەنبەسىدۇر. ئېنېرگىيە مەنبەسى كىشىلەر تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان زور تېخنىكا مەسىلىسىدۇر. پۈتكۈل سانائەتلىشىش جەريانىدىكى چوڭ ئىلگىرىلەشلەرنىڭ ھەممىسى ئېنېرگىيە مەنبەسى بىلەن تەمىنلەش شەكلىنىڭ تۈپ ئۆزگىرىشىنى پۇرسەت قىلغان. مەسىلەن، بىرىنچى قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابى ھور ماشىنىسىنى كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىپ قوللىنىشنى بەلگە قىلغان بولسا، ئىككىنچى قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابى گېنېراتور، ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتېللارنى كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىپ قوللىنىشنى بەلگە قىلغانىدى. بۇ قېتىمقى تېخنىكا ئىنقىلابىدا كىشىلەرنىڭ قوغلىشىدىغىنى ماددا ۋە ئېنېرگىيە مەنبەسىدىن باشقا بىلىم ۋە ئۇچۇر بولىدۇ. بىلىم ۋە ئۇچۇر پائالىيىتى ئادەملەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى مەزمۇنىغا ئايلىنىدۇ. بىلىم، ئۇچۇر ۋە ئېنېرگىيە مەنبەسى بىرلىكتە يېڭى تېخنىكا ئىنقىلابى دەۋردىكى جەمئىيەت ئاساسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. مىسال ئۈچۈن، تارىختىكى سانائەت ئىنقىلابىدىن، مائارىپ مەسىلىسىنىڭ مۇھىملىقىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ھەر قېتىملىق ئىلىم-پەن ئىنقىلابى، تېخنىكا ئىنقىلابى ياكى سانائەت ئىنقىلابىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا، پۈتۈنلەي ئۇلارنىڭ ھەر قايسىسىنىڭ ئىچكى مەنتىقە ۋە مۇۋاپىق شارائىتلىرى بولغان. بىرەر ئىلغار دۆلەتكە  نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ، ئىلىم–پەن ئىنقىلابى ھېچقاچان ئۆز-ئۆزىدىنلا تېخنىكا ئىنقىلابىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالمىغان، تېخنىكا ئىنقىلابىمۇ ئۆزىدىنلا سانائەت ئىنقىلابىغا كۆچەلمىگەن. خەلقئارا ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئىلغار دۆلەتلەرنىڭ تېخنىكا ئىنقىلابى ياكى سانائەت ئىنقىلابى ھەرگىزمۇ تەرەققىي تاپمىغان مەملىكەتلەرگە ئۆزلۈكىدىنلا قانات يايمىغان. تارىخ تەتقىقاتىدىن شۇنى ئېنىق كۆرەلەيمىزكى، بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا، ئىجتىمائىي شارائىت، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، بولۇپمۇ مەدەنىي مائارىپ سەۋىيەسى بىلەن پەن–تېخنىكا تەربىيەسى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن. ئەنگلىيەنىڭ سانائەت ئىنقىلابى نىيۇتون مېخانىكىسى ۋەكىللىكىدىكى ئىلىم–پەن ئىنقىلابىدىن كېيىن باشلانغانلىقى كۆپچىلىككە ئايان، لېكىن تەتقىقاتلار شۇنى ئېنىق كۆرسەتتىكى، ئەگەر ئىلىم–پەن ئىنقىلابىدىن كېيىنكى ئومۇملاشتۇرۇش مائارىپى بولمىغان بولسا، يەنى يېقىنقى زامان پەن–تېخنىكا تەربىيەسى بىلەن تەربىيەلەنگەن، ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ قالاق ئىشخانىلىرىدا ئىشلەيدىغان قول ھۈنەرۋەنلەرگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان زور تۈركۈمدىكى ئىشچىلار بولمىغان بولسا، ۋات كەشىپ قىلغان ھور ماشىنىسى ۋەكىللىكىدىكى تېخنىكا ئىنقىلابىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايلا قالماستىن، بەلكى يەنە توقۇمىچىلىق ماشىنىسىدىن باشلانغان 18-ۋە 19-ئەسىردىكى ئەنگلىيە سانائەت ئىنقىلابىنى تەسەۋۋۇر قىلىشمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى پەن–تېخنىكا جەھەتتىكى بۆسۈپ ئۆتۈشنى بىۋاسىتە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقى دېگىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، ئىنسانلار تارىختىكى تۇنجى ھور ماشىنىسىنىڭ مودېلىنى 1797-يىلى تېلىۋىسىك ئىسىملىك بىر كىشى ياساپ چىققان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاشۇ ھور ماشىنىسىنى ياساش ئۈچۈن ئون يىل ئەجىر سىڭدۈرۈپ، ئاخىرىدا ئۇنى ئون توننا تۆمۈر ۋە 70 ئادەمنى تارتالىغىدەك ھالغا يەتكۈزگەن. ئەمما ئۇ ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلمەي، پەقەت كۆرگەزمىخانىغا قويۇپ قويۇلغانىدى. دۇنيادا تۇنجى قېتىم تۆمۈر يول ياسىلىپ، پاراۋۇزنىڭ كەڭ تۈردە ئىشلىتىلىشى 1825-يىلىدىكى ئىشتۇر. تېلۋىسىك پاراۋۇزى نېمە ئۈچۈن ياسالغاندىن كېيىنلا ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلىنالمىدى؟ بۇنىڭدىكى ئاساسىي سەۋەب، ئۇ چاغدا تېخى زور تۈركۈمدىكى تەرىپلەنگەن ۋە پىشقان پاراۋۇز ئىنژېنېرلىرى ۋە ھەيدىگۈچى ئىشچىلار يوق ئىدى. ۋات قاتارلىق كىشىلەرنىڭ  كەشپىياتىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى بولسا، دەل ماركس كۆرسەتكەندەك: «ئۇ كەشپىياتچىلارنىڭ ئىشخانا قول سانائىتى مەزگىلىدىلا بارلىققا كەلگەن كۆپلىگەن ماشىنىسازلىق ئىشچىلىرىنى تاپقان»لىقىدىندۇر.
بۇنىڭدىن ئىككى يۈز يىل بۇرۇنلا، كاپىتالىستلار پەن-تېخنىكىنى بايلىق توپلاپ بېيىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلغانىدى، ئۇلار پەن-تېخنىكا تەربىيەسىنىڭ مۇھىملىقىنى ناھايىتى ئوبدان چۈشەنگەن بۇرژۇئازىيە 18-ئەسىردىلا «سانائەتكە رەھبەرلىك قىلغۇچىلار ئىلىم-پەنگە ئېھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىشچىلارمۇ پەيدىنپەي، بەزى ئىلىم-پەننىڭ ئەقەللىي قائىدە-پىرىنسىپلىرىنى ئىگىلىشى لازىم»لىقىنى كۆرۈپ يەتكەن. ئامېرىكىنىڭ مەشھۇر ئالىمى فىرانكىلىن 1755-يىلى فىلادېلفىيە شەھىرىدە تەتقىقات ئىنستىتۇتى قۇرغان. ئەنگلىيەدە بولسا، ئەنگلىيە ئىنقىلابى دەۋرىدە شىمالىي ئامېرىكىغا قېچىپ كېتىپ بېيىغان داڭلىق ئالىم گىراف لېنھورد مەملىكىتىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بىر تەرەپتىن، ئىسسىقلىق ئىلىمىنى تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭغا تۆھپە قوشقان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 1799-يىلى يەنە ئۆز يېنىدىن نۇرغۇن پۇل چىقىرىپ لوندوندا پادىشاھلىق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش جەمئىيىتىنى تەسىس قىلغان ھەم ئۇ يەردە قەرەللىك ھالدا پەن-تېخنىكا ھەققىدە ھەقسىز لېكسىيە سۆزلەشنى يولغا قويغان. ئۇنىڭ مەقسىتى، پەن–تېخنىكا بىلىم سەۋىيەسىگە ئىگە ئىشچىلارنى تەربىيەلەش بولغان، فارادى ئاشۇ لېكسىيەنى ئاڭلاپ يۈرۈپ ئالىم دېيۋىد بىلەن تونۇشقان، كېيىن ئۇ ئۇزۇن يىل تىرىشىش ئارقىلىق دۇنيا بويىچە داڭلىق ئالىملارنىڭ بىرى بولۇپ يېتىشكەن.
يېقىنقى يېرىم ئەسىر مابەينىدىكى زور ئۆزگىرىشلەرمۇ پەن-تېخنىكا تەربىيەسىنىڭ مۇھىملىقىنى تېخىمۇ كۆپ پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلاپ بەردى. بۇنىڭدا بىز پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلغان بىر  ئەھۋالنى  مىسالغا ئالساق، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياپونىيە بىلەن گېرمانىيە ئىقتىسادىنىڭ قايتىدىن گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتى بىر قەدەر تېز بولدى. ئۇلارنىڭ بۇنداق تېز تەرەققىي قىلالىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب بۇ ئىككى دۆلەت مائارىپ سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى بولغانلىقىدىن ئىبارەت.
تېخنىكا ئىنقىلابىنىڭ غەلىبە قىلىشى، مائارىپنىڭ ئالدىنقى ئورۇندا بولىشىغا باغلىق، بۇ خىل كۆز قاراش پەيدىنپەي كىشىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنماقتا.
ھازىرقى دۆلەت بىلەن دۆلەت، رايون بىلەن رايونلارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادىي كۈچىنى سېلىشتۇرۇشتا بۇرۇنقىدەك يەر كۆلىمىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، بايلىق مەنبەلىرىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى ئۆلچەم قىلىنماستىن، بەلكى شۇ مىللەتنىڭ پەن-تېخنىكا سەۋىيەسى ھەمدە شۇ مىللەتنى تەشكىل قىلغان ھەر بىر شەخسنىڭ بىلىم سەۋىيەسىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكى ئۆلچەم قىلىنىدىغان بولدى.

ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى مائارىپ ۋەزىيىتىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى

ئازادلىقتىن كېيىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر جەھەتتىن كۆڭۈل بۆلۈپ، يېتەكلىشى بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە يۇرتمۇ يۇرت، مەھەللىمۇ مەھەللە يېڭىچە مەكتەپلەر قۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ زامانىۋى دۇنيا بىلەن بولغان مۇساپىسى تەدرىجىي يېقىنلاپ، كىشىلەرنىڭ قالاق، ئارقىدا قالغان ھالىتى تەدرىجىي ئۆزگىرىپ، كىشىنى خۇشاللاندۇرىدىغان نەتىجىلەر ئارقا-ئارقىدىن بارلىققا كەلدى، كىشىلەرگە يېڭىچە مائارىپنىڭ مىللەتنىڭ تەرەققىي قىلىپ، گۈللەپ ياشنىشىدىكى بىردىنبىر ئامىل ئىكەنلىكىنى تەدرىجىي تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇۋاتقان مۇشۇنداق ياخشى بىر ۋەزىيەت داۋام قىلىپ، 50 يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، ھەممىمىز چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتكەندەك، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە، مىللىتىمىز ئىچىدە، بولۇپمۇ كەڭ بىپايان يېزىلاردىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئىچىدە «مائارىپنى رەت قىلىش»، «مائارىپتىن قېچىش»، «ئەنئەنىنى چەتكە قېقىش»، «ئەنئەنىنى ئۇنتۇشقا ھەرىكەت قىلىش»، «بۆلۈنۈشكە يۈزلىنىش»تەك مىللەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە كەلگۈسىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار ئىنتايىن ئېغىر مەسىلىلەر باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، كەڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە يامراشقا باشلىدى ھەم ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مەلۇم تەسىر پەيدا قىلدى. بىز تېخىچە تارىختىن ساۋاق ئالمىدۇق، ئەتراپقا نەزەر سالمىدۇق، بۇ بىر قاتار مەسىلىلەرگە قارىتا كوممۇنىستىك پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت دەل ۋاقتىدا ئاقىلانىلىك بىلەن ئىلمىي سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى بەلگىلەپ ۋە يولغا قويۇپ، تۈزەش ئېلىپ بېرىپ، دەسلەپكى قەدەمدە بەلگىلىك ئۈنۈملەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، كىشىلەر كۆڭلىنى خاتىرجەملەندۈردى. مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا نىسبەتەن قايتىدىن ئۈمىد تۇغۇلدى.
يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بېرى ھازىرقى زامان مائارىپ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىپ ئۆسۈپ يېتىلگەن، بارلىقىنى ئۆز مىللىتىنىڭ تەرەققىيات، ئىستىقبال ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، ھەر ۋاقىت مىللەتنىڭ غېمىنى يەپ، مىللەتنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئېقىۋاتقان تالاي ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئوخشىمىغان ساھەدىن چىقىپ، مىللىتىمىزنى «نادانلىق» بىلەن خوشلىشىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت يارىتىپ بەرگەن نۆۋەتتىكى تۈرلۈك پايدىلىق پۇرسەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، يۈكسەك تەرەققىيات يولىغا مېڭىپ، ئۆزىنىڭ بەخت-سائادەتلىك كەلگۈسىنى يارىتىشقا چاقىردى ۋە چاقىرىۋاتىدۇ. ئەگەر بىز بۇ چاقىرىقلارغا ئاۋاز قوشۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىمەي، يەنىلا «نادانلىق» يولىغا قاراپ ماڭىدىغان بولساق، كەلگۈسىمىز تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدۇ.
ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە تۈرلۈك ساھەلەر يەر شارىلىشىۋاتقان دەۋردە، بۇنىڭدىن كېيىنكى رىقابەت «ئادەم بىلەن ئادەم، دۆلەت بىلەن دۆلەت، مىللەت بىلەن مىللەت ۋە رايون بىلەن رايون ئوتتۇرىسىدىكى بىلىم ۋە تېخنىكا رىقابىتى بولىدۇ. ئىپتىخار، غۇرۇر، ئىززەت-ھۆرمەت ۋە قەدىر-قىممەت بۇ رىقابەت ئۈستۈنلۈكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ». دېمەك، بىر ئادەم ياكى بىر دۆلەت ۋە ياكى بىر مىللەتنىڭ بېشىغا چۈشكەن بارلىق كۈلپەت ۋە بەختسىزلىكنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى دەل «نادانلىق»، «بىلىمسىزلىك». ئۇنداق بولسا، قانداق قىلغاندا «نادانلىق» ۋە «بىلىمسىزلىك»نى تۈگەتكىلى بولىدۇ؟ دەل مائارىپقا كۆڭۈل بولۇش، مائارىپنى ئۆز مەۋجۇتلۇقىنىڭ تۈپ كاپالىتى، دەپ تونۇش بىلەن تۈگەتكىلى بولىدۇ. «مائارىپ ھەر بىر مىللەتنىڭ جېنى». مائارىپ كىشىلەرنىڭ روھىنى يۈكسەكلىككە كۆتۈرىدىغان ھەقىقىي ۋاسىتە بولۇپ، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئېڭىنى ئۆستۈرىدۇ. بۈگۈنكى مائارىپ، ئەتىكى خەلقنىڭ ساپاسىنى بەلگىلەيدۇ، ئەتىكى خەلق بولسا، دەل بىزنىڭ يۈرەك پارىمىز، بارلىقىمىز، مەۋجۇتلىقىمىزدۇر. شۇڭا ھەممىمىز مائارىپقا كۆڭۈل بۆلەيلى، مائارىپنى قەدىرلەيلى.

تەھرىرلىگۈچى: ئابدۇرېھىم زۇنۇن


教育是民族的生命


巴拉题•吐逊巴克

摘  要:本文就教育概念的各种含义提出了一些观点,通过国内外生动、具体的实例,阐述了教育对每个民族的国家、自身和全面的发展具有非常重要的作用。

关键词:教育;发展;素质;民族和生命


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-16 19:24:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم زۇنۇننىڭ بۇ تېمىسىغا سەمىمىي تەشەككۇر.  ئابدۇرېھىم زۇنۇن ئارقىلىق  مەسئۇلىيەتچان پېداگوك بارات تۇرسۇنباقى ئەپەندىگە چوڭقۇر سالىمىمنى يوللايمەن.

ۋاقتى: 2015-12-16 19:25:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم زۇنۇننىڭ بۇ تېمىسىغا سەمىمىي تەشەككۇر.  ئابدۇرېھىم زۇنۇن ئارقىلىق  مەسئۇلىيەتچان پېداگوك بارات تۇرسۇنباقى ئەپەندىگە چوڭقۇر سالىمىمنى يوللايمەن.

ۋاقتى: 2015-12-17 01:22:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوتەن دىيارىدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر پېداگوك بارات تۇرسۇنباقىنىڭ مىللىي مائارىپ ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسىگە ئاپىرىن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-18 13:32:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




     ئاپتورغا ۋاكالىتەن پىكىر قاتناشتۇرغان دوستلارغا رەھمەت ئېيتىمەن.

ۋاقتى: 2015-12-29 15:12:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەكتەپ مۇدىرىمىزنىڭ  پىكىرىنىڭ ئۆزگىچىلىككىگە ئامراقمەن. . .

ۋاقتى: 2016-3-6 18:05:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بارات تۇرسۇنباقىنىڭ « مائارىپ مىللەتلەرنىڭ جېنى » دېگەن ماقالىسىنى ئوقۇپ ئۆزۈمنى قايتىدىن تونۇغاندەك بولدۇم ، بۇ ماقالىدە مائارىپ ئۇقۇمىنىڭ ھەر خىل مەنىلىرى ھەققىدە بىر نەچچە نۇقتىدىن پىكىر يۈرگۈزۈلۈپ ئېلىمىزدىن، شۇنىڭدەك چەت ئەللەردىن جانلىق، كونكرېت مىساللارنى كۆرسىتىپ، مائارىپنىڭ ھەر بىر مىللەتنىڭ دۆلەتنى، ئۆزىنى ۋە ئەتراپىدىكىلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، قۇدرەت تاپقۇزۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىلىپتۇ ، مەن مۇشۇنداق ماقالىلارنى توردا كۆپرەك كۆرۈپ تۇرسام دەيمەن .  مۇشۇنداق ماقالىنى كۆرۈشكە نىسىپ  قىلغان ئابدۇرېھىم  زۇنۇن ئەپەندىگە رەھمەت !

                                                

ۋاقتى: 2016-3-6 18:05:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بارات تۇرسۇنباقىنىڭ « مائارىپ مىللەتلەرنىڭ جېنى » دېگەن ماقالىسىنى ئوقۇپ ئۆزۈمنى قايتىدىن تونۇغاندەك بولدۇم ، بۇ ماقالىدە مائارىپ ئۇقۇمىنىڭ ھەر خىل مەنىلىرى ھەققىدە بىر نەچچە نۇقتىدىن پىكىر يۈرگۈزۈلۈپ ئېلىمىزدىن، شۇنىڭدەك چەت ئەللەردىن جانلىق، كونكرېت مىساللارنى كۆرسىتىپ، مائارىپنىڭ ھەر بىر مىللەتنىڭ دۆلەتنى، ئۆزىنى ۋە ئەتراپىدىكىلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، قۇدرەت تاپقۇزۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىلىپتۇ ، مەن مۇشۇنداق ماقالىلارنى توردا كۆپرەك كۆرۈپ تۇرسام دەيمەن .

                                                

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش