كىرىش
QQ ئارقىلىق كىرىش
تىزىملىتىش
پارول قايتۇرۇش
تىزىملىك
باش بەت
Portal
مۇنبەر
BBS
ھويلا
Space
مىكروبىلوگ
تور خاتىرىسى
يازغۇچىلار لۇغىتى
خەنزۇچە
قازاقچە
»
مۇنبەر
›
ئېلىمىز ئەدەبىياتى رايونى
›
خەنزۇ ئەدەبىياتى
›
تاڭ شائىرى سېن سەننىڭ «ئىدىقۇت » ھەققىدە يازغان شېئىرلىرىدىن
تىزىملىككە قايتىش
كۆرۈش:
505
|
ئىنكاس:
3
تاڭ شائىرى سېن سەننىڭ «ئىدىقۇت » ھەققىدە يازغان شېئىرلىرىدىن
[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قورولچى
قورولچى
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-12-16 16:59:05
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
|
كۆرۈش شەكلى
تاڭ شائىرى سېن سەننىڭ «ئىدىقۇت»ھەققىدە يازغان شېئىرلىرىدىن
ئىدىقۇت تېغىدىن ئۆتكەندە
ئىدىقۇت تېغىنى كۆرۈش بۈگۈن نېسىپ بوپتۇ،
ئۇ پۇچاڭنىڭ شەرقىدە تىك تۇرۇپتۇ.
ئوتقاش يالقۇن بۇلۇتلارنى قىزىل بوياپ،
ئىسسىق ئېقىم چېگرا ياقتا مەۋج ئۇرۇپتۇ.
زىمىستان قىش پەيتى كەلسەم بۇيان بېسىپ،
تاغ باغرىدا ئىسسىق شامال گۈرۈلدەپتۇ،
تەبىئەتنىڭ سىرىنى بىلمەك مۈشكۈل ئىكەن،
ئادەم بىلەن ئات تەرگە تەڭ چۆمۈلۈپتۇ.
ۋۇۋېيدا دارخاھ بېگىمنى چۆل غەربىگە ئۇزۇتۇپ قويۇش
ئىدىقۇت تېغىدا ماي ئېيىدا ئاياغ باسماس ئادىمىزات،
بۈگۈن بۇيان كېلىپ قاپسىز ئۇچار قۇشتەك ئوينىتىپ ئات.
زوھرا يۇلتۇز مەغرىبىدە ھەيۋەت بارگاھ قۇرۇلۇپتۇ،
ھەيران قالۇر غۇز دىيارى بۇرغا ئۈنى يەتكەن زامات!.
يانداش ئەلچى لى جانابنى غەربىي تۇتۇق بەگلىككە ئۇزۇتۇپ قويۇش
ئىيۇن پەيتى ئىدىقۇت تېغىنىڭ تەپتى قىزىپ كېتەر ئاندىن،
ئۆتمەس ئىكەن ئىنسى-جىنمۇ چىتىڭ قورۇلى دېگەن جايدىن.
شەھرى تىلەۋ قورۇلىدىن تالاي كېزىپ ئۆتكەنتىڭىز،
قورقۇنچ دېگەن نېمە سىزگە دۇمتايدىكى ھېلال ئايدىن.
غۇز يۇرتىغا ئۇزىتاي قۇتلۇق سەپەر يولىڭىزغا،
بۇندا بىر پەس كەيپ سۈرەيلى كاسا بىلەن، چۈشۈڭ ئاتتىن.
تا ئەزەلدىن نامۇ –شەرەپ ئات ئۈستىدە كېلۇر ئاخىر،
چىن-ھەقىيقى ياراملىق بىرئەر ئىكەنسىز زاتىڭىزدىن.
ئىدىقۇت تېغىدا ناخشا ئېيتىپ خوشلىشىش
چىتىڭ قورۇلىغا باقسام ئىدىقۇت تېغى تۇرار ھەيۋەت،
ئىدىقۇت تېغىنى ماي پەسلى چۆمكىگەن بۇلۇت مىڭ قەۋەت.
چوققىلارنى قاپلاپتۇ قىزىل بۇلۇت يېيىلىپ،
قۇش-جانۋارلار كېلىشكە قىلالمايدۇ زىم جۈرئەت.
تاڭ سەھەردە بۇلۇتنى شامال سۈرۈپ كەتسىمۇ،
يەنە ھەيدەپ كېلىدۇ سوغ يامغۇر ئۇنى كەچ پەيت.
قاپقىدىكى دەرەخلەر قاپتۇ تۇمان ئاستىدا،
يارغولدىكى گازارما كۆرۈنىدۇ غۇۋا-چەت.
سىزگە ھەمراھ بارغۇسى تەنھا بۇلۇت تاغدىكى،
ئىدىقۇت تېغىنىڭ شەرقىغە يۈرۈشكە بوپتۇ پۇرسەت.
«پىچان ھەققىدە يېڭى بايان» دېگەن كىتابتىن ياقۇپ ئىسمائىل قورۇلچى تەييارلىغان.
ئىنكاس
جابدۇق
پاش قىلىش
ئاۋۇل
ئاۋۇل
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-12-17 11:31:18
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاڭ شائىرى سىن سەننىڭ بۇ تۆت پارچە شېئىرىنى تەرجىمە قىلغانلىقىڭىزدىن خۇشالمەن . قولىڭىزغا دەرت يەتمىسۇن !
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
ئۈمەر
ئۈمەر
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-12-17 13:04:50
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر -بىرىدىن ئېسىل شېئىرلارنى يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت ئاداش ، ئوقۇپ ھوزۇرلاندىم ، سىزمۇ گۈلقەنتتىن بىر قۇتا يەپ بولۇپلا مۇشۇنداق تاتلىق شېئىرنى يوللاپسىز - ھە ، دوستۇم .
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
ئابدۇقادىر. م
ئابدۇقادىر. م
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-12-17 14:45:11
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە تەرجىمىگە يەنە بىر قۇر ئىشلەپ بېقىش كېرەك. تەرجىمدىكى شېئىرىي تىل ۋە ئۇسلۇب تاڭ دەۋرىدىكى شېئىرىي تىلنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇسلۇبى بىلەن خېلىلا پەرقلەنگەن. شېئىر تەرجىمە قىلىشتا ئەسلى ئەسەردىكى تىل ۋە ئۇسلۇبقا سادىق بولۇش بىلەن بىرگە نىشان تىلدىكى ئالاھىدىلىك ۋە شېئىرىي ھىسلارغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك.
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
تىزىملىككە قايتىش
ئالىي ئىنكاس
B
Color
Image
Link
Quote
Code
Smilies
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز
كىرىش
|
تىزىملىتىش
سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى
ئىنكاس يوللاش
ئاخىرقى بەتكە ئاتلاش
ستاتىستىكا
|
يانفون نۇسخىسى
|
新疆作家协会网
Powered by
Discuz!
X3.2
(
NurQut Team
)
© 2001-2011
Comsenz Inc.
For
www.xjzjxh.com
جۇغلانما 0, دەرىجە ئۆسۈش ئۈچۈن جۇغلانما
چوققىغا قايتىش