كۆرۈش: 358|ئىنكاس: 4

شەيدائىي (ت): ئادەملىك گۇۋاھنامىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-16 15:19:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
«ئادەم» لىك گۇۋاھنامىسى

(فېليەتۇن)

ئەسلى ئاپتۇرى:  يو چىڭ



  يولۇچىلار پويىزىدىكى چرايلىق ئايال خىزمەتچى دېھقان سۈپەت بىرەيلەنگە ئۈنلۈك ئاۋازدا:
   __ «بېلىتىڭىزنى تەكشۈرىمىز!»- دېۋىدى، ئوتتۇرا ياش كىشى ئۇ يەر- بۇ يەرلىرىنى ئاختۇرۇپ ئاران دېگەندە بېلىتىنى تاپتى، لېكىن كۆرسىتىشنى خالىمىغاندەك ئالقىنىدا چىڭ سىقىمدىۋالدى.
  _ بۇ بالىلار بېلىتى ئىكەنغۇ!-دېدى پويىز خىزمەتچىسى ئۇنىڭ قولىغا زەن سېلىپ قاراپ چىققاندىن كېيىن غەلىتە ھىجىيىپ.
   ئوتتۇرا ياش كىشىنىڭ دىمى ئىچىگە چۈشۈپ يۈزلىرى قىزىرىپ كەتتى.
  _ بالىلارنىڭ بېلەت باھاسى بىلەن مېيىپلارنىڭ بېلەت باھاسى ئوخشاش ئەمەسمۇ؟-سورىدى ئۇ ھودۇقۇپ.
  _ نېمە، سىز مېيىپما؟ _ سورىدى ئايال خىزمەتچى ئوتتۇرا ياش كىشىگە باشتىن-ئاخىر سەپسېلىپ قاراپ چىققاندىن كېيىن.
  _ شۇنداق مەن مېيىپ!
  ــ ئۇنداق بولسا مېيىپلىق گۇۋاھنامىڭىزنى چىقىرىڭە، مەن كۈرۈپ باقاي!
  ــ مەن... مېنىڭ مېيىپلىق گۇۋاھنامەم يوق،ـ دېدى ئوتتۇرا ياشلىق كىشى جىددىيلىشىپ،ـ بېلەت سېتۋالغان چېغىمدىمۇ بېلەت ساتقۇچى مېيىپلىق گۇۋاھنامامەمنى چىقرىشىمنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالغاچقا، ئامالسىز ھالدا بالىلار بېلىتى سېتىۋالغان ئىدىم.
  ــ مېيىپلىق گۇۋاھنامىڭىز بولمىسا سىزنىڭ مېيىپ ئىكەنلىكىڭىزنى قانداق ئىسپاتلايمىز،ـ دېدى ئايال خىزمەتچى سوغۇق كۈلۈمسىرەپ.
     ئوتتۇرا ياش كىشى ئۈندىمەستىن ئايىغى بىلەن پايپىقىنى سالدى. دەرۋەقە، ئۇنىڭ بىر پۇتىنىڭ تاپىنىنىڭ يېرىمى يوق بولۇپ، بۇ پۇتى ناكا ئىدى. ئايال خىزمەتچى ئۇنىڭ پۇتىغا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قاراپ قويۇپ ۋارقىرىدى.
  ــ ماڭا مېيىپلىق گۇۋاھنامىڭىز كېرەك! ئۈستىگە «مېيىپلىق گۇۋاھنامىسى» دەپ خەت يېزىلىپ پولات تامغا بېسىلغان دەپتەر!
  ــ مېنىڭ بۇ يەردە نوپۇسۇم بولمىغاچقا، مېيىپلىق گۇۋاھنامىسى بېجىرەلمىدىم،ـ دېدى ئوتتۇرا ياش كىشى چىرايى تاتارغان ھالدا چۈشەندۈرۈپ،ـ ئىلگىرى بىر شەخسىنىڭ قۇرلۇش مەيدانىدا ئىشلىگەن ئىدىم. ھادىسە چىققاندىن كېيىن خوجايىنىم مېنىڭ دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈشۈمگە بىر فۇڭمۇ بەرمەستىن قېچىپ كەتتى....
    بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان پويىز باشلىقى ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرىۋىدى، ئوتتۇرا ياش كىشى ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن مېيىپ ئىكەنلىكىنى، شۇڭا مېيىپلارنىڭ بېلەت باھاسىغا تەڭ قىممەتتىكى بالىلار بېلىتى سېتىۋالغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم چۈشەندۈردى.
   ــ ئۇنداقتا سىزنىڭ مېيىپلىق گۇۋاھنامىڭىز قېنى؟- سورىدى پويىز باشلىقى. ئوتتۇرا ياش كىشى ئۆزىنىڭ مېيىپلىق گۇۋاھنامىسى يوقلىقىنى ئېيتىۋىدى، پويىز باشلىقى تاقەتسىزلەنگەن ھالدا ۋارقىرىدى.
  ـ بىز ئادەمنى ئەمەس، گۇۋاھنامىنى تونۇيمىز، مېيىپلىق گۇۋاھنامىسى يوق ئادەمنى قانداقمۇ مېيىپ دېگىلى بولسۇن!؟ سىزمۇ پەقەت مېيىپلىق گۇۋاھنامىڭىز بولسىلا ئاندىن مېيىپلار تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولالايسىز، تېزدىن چۈشۈپ بېلىتىڭىزنى تولۇقلاپ چىقىڭ!
     ئوتتۇرا ياش كىشى لەسسىدە بوشىشىپ كەتتى. ئۇ يانچۇقلىرىنى ھەتتا يوتقان كۆرپىلىرىنىڭ ئارىسىغىچە ئاختۇرىۋىدى ئاران دىگەندە بىر قانچە سوم پۇل چىقتى. لېكىن بۇنچىلىك ئاز پۇل بېلەت تولۇقلاشقا يەتمەيىتتى. ئۇ كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا پويىز باشلىقىغا يالۋۇرۇشقا باشلىدى.
  ــ پۇتۇمنى ماشىنا بېسىۋالغاندىن كېيىن ئىشلىيەلمىدىم. يېنىمدا پۇل يوق، يۇرتۇمغا قايتىپ كېتەلمەي تۇرغىنىمدا يۇرتداشلىرىم ئۆز-ئارا پۇل يىغىش قىلىپ ئاران دىگەندە مۇشۇ يېرىم باھالىق بېلەتنى ئېلىپ بەردى. سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي، ماڭا كەڭچىلىك قىلىپ بولدى قىلىۋەتكەن بولسىڭىز!...
   ــ ئۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ! ـ دېدى پويىز باشلىقى كەسكىن ھالدا.
   ــ ئۇنى ماشىنىغا كۆمۈر ئۇسۇش ئەمگىكىگە سالامدۇق-يە.... مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغىنى بولۇپ قالسۇن! - دېدى ئايال خىزمەتچى پويىز باشلىقىغا قاراپ.
   پويىز باشلىقى بىر دەم ئويلىنىپ تۇرغاندىن كېيىن «بولىدۇ» دېۋىدى، ئوتتۇرا ياشلىق كىشىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرغان ياشانغان بىر كىشى بۇ يولسىزلىققا چىداپ تۇرالمىغاندەك دەس ئورنىدىن تۇرۇپ پويىز باشلىقىنىڭ چىرايىغا تىكىلدى-دە:
   ــ سىز ئەر كىشىمۇ؟ - دەپ سورىدى.
   ــ مېنىڭ ئەر كىشى بولۇش-بولماسلىقىم بىلەن بۇ ئىشنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بار؟-دېدى پويىز باشلىقى پەرۋاسىز  ھالدا.
  ــ ماڭا قاراپ بىر دەڭە، سىز راسىتتىنلار ئەر كىشىمۇ؟
  ــ ئەلۋەتتە ئەر كىشى-دە!
  ــ ئۇنداقتا سىزنىڭ ئەر كىشى ئىكەنلىكىڭىزنى قانداق ئىسپاتلايمىز، قېنى ئەرلىك گۇۋاھنامىڭىزنى چىقىرىڭە، كۆپچىلىك بىر كۈرۈپ باقسۇن!
  ياشانغان كىشىنىڭ بۇ سۆزىدىن ئەتراپتىكىلەر پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى.
  ــ مەن ھەقىقەتەن بىر ئەركىشى، ئالدىڭىزدا تۇرىۋاتىمەنغۇ مانا! بۇنىڭ قانداقمۇ ساختىلىقى بولسۇن! ـ دېدى پويىز باشلىقى ئاچچىقلانغان ھالدا.
  ياشانغان كىشى بېشىنى چايقاپ دېدى.
  ـ بىزمۇ سىلەرگە ئوخشاشلا ئادەمنى ئەمەس، گۇۋاھنامىنى تونۇيمىز، ئەگەردە سىزدە ئەرلىك گۇۋاھنامىسى بولمىسا سىزنى قانداقمۇ ئەر كىشى دېگىلى بولسۇن!
   گەپتە تۇتۇلغان پويىز باشلىقى قارشى تەرەپكە قاندا جاۋاب قايتۇرۇشنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ تۇرغان پەيىتتە:
   ــ مانا مەن ئەر كىشى ئەمەس، قانداق گېپىڭىز بولسا ماڭە دەڭە!- دېدى ئايال خىزمەتچى پويىز باشلىقىنى ئوڭايسىز ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرماقچى بولغاندەك.
   ــ سىزغۇ ھەرگىز ئادەم ئەمەس!- دېدى ياشانغان كىشى ئايال خىزمەتچىگە قاراپ.
  ــ ئاغزىڭىزنى ئۈششۈتمەڭ! ئادەم بولماي زادى نېمە مەن!-دېدى ئايال خىزمەتچى ئاچچىقىدا ۋارقىراپ.
    ــ تېخى سىزمۇ ئادەممۇ؟-دېدى ياشانغان كىشى غالىبلارچە كۈلۈمسىرەپ،ـ ئۇنداق بولسا «ئادەم» لىك گۇۋاھنامىڭىزنى چىقىرىڭە، بىز كۈرۈپ باقايلى!
   ئەتراپتىكى كىشىلەر پاراققىدە كۈلۈپ كېتىشتى. پەقەت بىرلا ئادەم كۈلمىدى. ئۇ بولسىمۇ دەل ھېلىقى بىر تۇتى ناكا ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭ ئەلەم دەستىدە ياشقا تولغان كۆزلىرىدىن ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى، تەسىرلىنىۋاتقانلىقىنى، ياكى غەزەبلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىپ يەتكىلى بولمايىتتى.  

     ــ خەنزۇچە «تاللانغان فېليەتۇنلار» ژورنىلىنىڭ 2005-يىللىق 9-سانىدىن                                                              ئىمىننىياز مەتنىياز شەيدائىي تەرجىمسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-16 17:26  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-16 15:51:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېكايىنى بىر چاغلاردا «مىكرو ھېكايىلەردىن تاللانما» ناملىق ژۇرنالدىن ئوقۇغان ئىدىم. ھېكايىدىكى ۋەقەلىك كىشىنى بەكمۇ ئويلاندۇرىدۇ. بولۇپمۇ «ئادەمنى ئاساس قىلىش كېرەك» دېگەن ئۇلۇغۋار ھەم ئىلمىي چاقىرىق تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە ھېكايىدىكىدەك تېراگىدىيەنىڭ يۈز بېرىشى ئادەمنى تولىمۇ ئېچىندۇرىدۇ.
   ئىمىننىياز ئىنىمنىڭ ئەجرىگە كۆپ تەشەككۈر!

ۋاقتى: 2015-12-16 16:03:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەمئىيىتىمىزدە پۇلدار تۇرۇپ ، ئېسىل ماشىنىسى تۇرۇپ  ‹ تۆۋەن كاپالەت كېنىشكىسى ›

بىلەن تۇرمۇش پۇلى ئالدىغانلارمۇ يوق ئەمەس .

ۋاقتى: 2015-12-16 17:47:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەيدايى بۇرادەر تەرجىمىنى تاشلاپ قويماپتۇ.

ۋاقتى: 2015-12-18 16:49:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فېليەتۇننخڭ ئاپتۇرىغا ۋە تەرجىمە قىلىپ بىز بىلەن ئۇچراشتۇرغۇچى شەيدائىنىڭ ئەجرىگە تەشەككۇر.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش