كۆرۈش: 596|ئىنكاس: 2

خۇدابەردى ئابدۇللا: چايخانىدىكى پاراڭلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-16 12:05:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
                                             چايخانىدىكى پاراڭلار
                                                (ئەدەبىي خاتىرە)
                                                 خۇدابەردى ئابدۇللا
        قەشقەر-رىۋايەتلەردىكىدەك ساھىبجامال، مېھرى ئىسسىق داستىخىنى كەڭ، مېۋىسى ئەلۋەك، خەلقى ئىشچان، پەم - پاراسەتلىك، باھار كەتمەس يۇرت. قەشقەر شەھىرى- تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، مىللىي ئاسار-ئەتىقىلەرنىڭ كۆپلۈكى، ئۆرپ-ئادەت پۇرىقىنىڭ قويۇقلۇقى، مىللىي خاسلىقنىڭ رەڭدارلىقى بىلەن باشقا شەھەرلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ئۆي-ئىمارەت، يول، كوچا - مەھەللىلەرنىڭ بېزىلىشى، ئادەملەرنىڭ كىيىنىشى، مېڭىش تۇرۇشى، سالام-سائىتى ئالاھىدە. ئادەم ئۈزۈلمەيدىغان، چوڭ-كىچىك چايخانىلارمۇ باشقا شەھەرلەردىن كۆپ. بۇ چايخانىلار شەھەرنىڭ مەركىزى، ئاۋات رەستە -كوچىلار كېسىشكەن نۇقتا، ئادەملەر توپلىشىپ تۇرىدىغان دوقمۇش، سەينا، بازار، باغچىلاردىلا ئۇچراپ قالماستىن، خىلۋەت كوچا، تار مەھەللە، چەت-ياقا جايلاردىمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇ چايخانىلار سەھەردىن قاراڭغۇ كېچىگىچە ئىشىكى ئېتىلمەيدۇ. ھەر ساھە ھەر تەبىقىدىكى كىشىلەر بىر - ئىككىدىن كېلىپ توپلىشىپ چاي ئېچىپ، ئاش تاماق يەپ، پاراڭ سېلىشىپ، ھال -مۇڭلىرىنى تۆكۈپ كەيپىياتىنى تەڭشەپ، ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىدۇ. چايخانىنىڭ تۆر-پەگاھى بولمىغىنىدەك كىرگەن ئادەملەرنىڭمۇ ئالاھىدە ئىمتىيازدىن بەھرىمەن  بولىدىغان سالاھىيىتى يوق. ئىككى كويلۇق بىر گىردىنى ياكى ياغلىققا ئوراپ، قولتۇقىغا قىسىپ كىرگەن قاتلىمىنى كۆتۈرۈپ «ئەسسالام» دەپ بوسۇغا ئاتلىغان ئادەمگە بىر كىشىلىك ئورۇن تەييار. كۈتكۈچى خۇشخۇيلۇق بىلەن ئالدىغا كىچىك پەتنۇس بىلەن بىر چەينەك چاي كەلتۈرىدۇ. تونۇش - بىلىشلىرىمنىڭ كۆپ قىسمى چايخانىنىڭ دائىملىق مېھمانلىرىدىن بولغان ياغاچچى، موزدۇز، تامچى، ماشىنىچى، تۇماقچى، ساتىراش، رېمونتچى، ئاشپەز، ناۋاي، باققال، مەيدە تىجارەتچى، ھۆپىگەر بولغاچقىمۇ-چايخانىغا كۆڭلۈم ھۇرۇپ تۇرىدۇ. ياشلىقىمدىن تارتىپ، شەھەر ئارىلاپ چارچسام، ھارسام، ئەتىگىنى، چۈش، كەچقۇرۇنلىرى چايخانىغا كىرىمەن، قورسىقىم ئاچ-توق بولسۇن بىر چەينەك چاي بىلەن ئىككى گىردىنى كەلتۈرۈپ نان ئوشتا قىلىمەن، چايخانىنىڭ چېيى مەن ئۈچۈن ئىشتەي ئاچقۇچى مەلھەم، كەيپىياتىنى تەڭشەيدىغان دورا، چايخانىغا كىرسەم تاۋىم يېشىلىپ، كۆڭلۈم ئېچىلىپ قالىدۇ، مەن قەشقەرگە بارسام، ئوردا ئالدىدىكى «كەسكەن يار»غا چېقىپ كېتىدىغان كوچىنىڭ ئۇدۇلىدىكى «چەينەك شورپىسى » داڭلىق چايخانىغا كىرىمەن. ياكى ئۆستەڭ بويىدىكى «يۇمىلاق شەھەر»گە بارىدىغان كوچا بىلەن قۇمىدەرۋازىغا بارىدىغان يول كېسىشكەن جايدىكى دوقمۇشقا سېلىنغان ئىككى قەۋەتلىك چايخانىغا كىرىشكە ئامراق. ئاغىنە- بۇرادەرلىرىم تولاراق مېنى مۇشۇ بىنانىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىن تاپالايدۇ. بۇ چايخانىغا كۆنۈپ قىلىشىدىكى سەۋەب، چوڭ يول بويىدا قەد كۆتەرگەن بۇ بىنانىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىكى پېشايۋان ئاستىدىكى كارىۋاتتا ئولتۇرۇپ سودا-سېتىق قايناپ تۇرىدىغان «كالتە بازار»دىن ھوزۇرلانغىلى بولىدۇ، ھېيتگاھ تەرەپتىن تۈرلۈك-تۈمەن ئىش بىلەن بەنت، ئۆتكۈنچى  ئادەملەرنى -ئۇلارنىڭ تىرىكچىلىك قىلىش تىرىشچانلىقى خۇددى كىنو كۆرگەندەك كۆرگىلى بولىدۇ.
       چايخانىلارغا كوچا سۈپۈرىدىغان، ئەخلەت توشۇيدىغان تازىلىق ئىشچىسى، ئىككى غۇلاچ تانىنى دولىسىغا سېلىۋىلىپ يۈك كۆتۈرىدىغان ھاممال، پېنسىيەگە چىققان دوختۇر، مۇئەللىم، ساقچى، سوتىچىدىن تارتىپ مۇددىتى توشۇپ تۈرمىدىن چىققان جىنايەتچى، ئوغرى، بېدىك، دەللال ھەربىگىچە ئومۇمەن سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان ئادەملەر توپلىشىپ پاراڭ سېلىشقانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ گەپلىرى قىزىق، ئاڭلىغانسېرى ئاڭلىغۇسى كېلىدۇ. بىر ئاڭلاپ قالغان ئادەم ئىككىنچى قېتىم ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بىر ئاڭلاپ قالغان ئادەم بۇ يەرگە كېلىپ قورساق تۇيغۇزمىسا، باشقا يەردە گېلىدىن غىزا ئۆتمەيدۇ. بۇ گەپ سۆزلەر بەزىدە ئادەملەرنىڭ ئۈچىيىنى ئۈزۋەتكۈدەك كۈلدۈرسە، بەزىدە ئادەملەرنى يېغىلىتىدۇ. بەزى گەپلەر ئادەملەرگە تۇرمۇشقا مۇھەببەت، ھۆرمەت ئاتا قىلسا، بەزى گەپلەر ئادەملەرنىڭ نەپرەت تۇيغۇسىنى ئويغىتىدۇ. تۇرمۇشتىن بىزار قىلىدۇ، بۇ يەردە تۇرمۇش، ئۆرپ-ئادەت، يېمەك-ئىچمەك، بازار، توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم، سودا-سېتىق، ئالۋان-ياساق، قىمار، پاھىشە، ئاغرىق-سىلاق، توغرىسىدىلا ئەمەس، پەلسەپە، سىياسەت، ئىقتىساد، ئېلېكتر، پەن-تېخنىكا، تەبىئەت، ئاسمان ‎جىسىملىرى، ئۇچار تەخسە، تارىخ، جۇغراپىيە، يەر تەۋرەش، سۇ تاشقىنى، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش، ئاداۋەت توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. راست سەمىمىي گەپمۇ، ئەپقاچتى  يالغان گەپلەرىمۇ، ئۆسەك سۆزلەرنىمۇ، يېرىمى راست يېرىمى يالغان گەپلەرمۇ تولا. بەزىدە ئۆسەك سۆزلەر ئۈستۈنلىكنى ئىگىلىسە، بەزىدە توغرا ھەقىقىي سۆزلەر ئۈستۈنلىكنى ئىگىلەيدۇ. بەزى كىشىلەر بىر چەينەك چاي ئېچىپ ئولتۇرۇپ، ئۆمۈرلۈك دوستلاردىن بولۇپ قالسا، يەنە بەزى كىشىلەر رەقىبلەردىن بولۇپ قالىدۇ. بۇ يەردىكى ۋەزىيەت ئەتىيازنىڭ ھاۋاسىدەك ئۆزگۈرۈشچان، لېكىن ھازىرغىچە بۇ چايىخانلاردا چوڭ -جېدەل ماجىرالارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئاڭلىمىدىم ھەم كۆرمىدىم. مەن چايخانىدا ئۇزۇن يىل چاي ئېچىپ، ناتونۇش كىشىلەر بىلەن ھەم سۆھبەت بولۇپ، نۇرغۇن ھېكايە، ئىبرەتلىك چۆچەك، مەسەل، ئەقلىيە سۆزلەر ئاڭلىغان بولساممۇ، ۋاقتىنىڭ ئۇزرىشى بىلەن، كۆپىنچىسىنى ئۇنتۇپ كەتتىم. يادىمدا قالغانلىرى ئاز ھەم غۇۋا،  شۇنداق بولسىمۇ بىر قىسىملىرىنى تىلغا ئېلىپ سۆزلەپ بەرگۈم كەلدى:
      بىر يەكشەنبە كۈنى دوختۇرخانىدىن پېنسىيەگە چىققان بىر پېشقەدەم بىلەن بىر داستىخاندا بولۇپ قالدىم. ئۇ كىشى بۇ چايخانىغا داۋاملىق كېلەتتى. ئۆزى ئايرىم ئولتۇرۇپ چاي ئىچەتتى، يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن گەپ قىلسا ھاسىراپ ھۆمۈدەپ كېتەتتى. بويان باشلىرىدىن تەر قويۇلاتتى، گەپ قىلغاندا ئادەمگە كۆزەينەك تېگىدىن قارايتتى. بۈگۈن ئولتۇرغانلارنى سىرداش سەمىمىي دەپ بىلدىمۇ ياكى گەپ قىلغۇسى كېلىپ قالدىمۇ ئۆزلۈكىدىن سۆزلەپ كەتتى:« مېنىڭ ئىككى بالام دوختۇرخانىدا ئىشلەيدۇ، بىرسى دورىگەر، يەنە بىرسى سېسترا، مەن ئۇلارغا بىمارلار ھاجەتمەن! پولغا ئەمەس، مېھىرىبانلىققا موھتاج. ئۇلارنىڭ بىر تال جىگدىسىنىمۇ يېمەڭلار، ھەر قانداق ۋاقىتتا ئىللىق چىراي ئېچىپ مۇئامىلە قىلىڭلار دەپ نەسىھەت قىلىمەن. دەپ پىيالىدىكى چاينى بىر ئوتلاپ، بىر تال تاماكىنى يۆگەپ چىكىۋالغاندىن كېيىن، سەل تۇرىۋىلىپ، داستىخاندىكىلەر جىم بولۇپ ئاغزىغا قارىغاندىن كېيىن،  مۇنۇلارنى سۆزلەپ بەردى: ھازىر دوختۇرخانىلارنىڭ شارائىتى ياخشى، دوختۇر سېستىرالارنىڭ مائاشى يۇقىرى، ھال كۈنى يامان ئەمەس. بىمارلاردىن «تاپان ھەققى، قىزىل بولاق» ئالدىغانلار ناھايىتى ئاز. مەن ئىشلەيدىغان چاغلاردا دوختۇرخانا شارائىتى ناچار، دوختۇرلار ئاچ كۆز ئىدى، كېسەللەرگە ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ مۇئامىلە قىلاتتى، بىر ياغلىق شاپتۇلنىمۇ مۇكاپاتتەك قوبۇل قىلاتتى، بىر كۈنى بالنېستتا غۇلغۇلا كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. كېسەلگە قارغۇچىلار ياتاقلاردىن كارىدورغا چىقتى. يېقىن بارسام، ياش يېڭىدىن خىزمەتكە چىققان ئىككى دوختۇر كېكىرتەك سىقىشىپتۇ. بېرىپ ئاجراتتىم. بۇلار نېمە تالاشقاندۇ؟ دېسەم بىر بىمارنى سوقۇر ئۆچەي ئوپېراتسىيەسىگە ئەكىرىپتكەن، ئوپېراتسىيەسى تۈگىمەستىن بوۋاي مەستلىكتىن يېشىلىپ ۋايجانلاپ كېتىپتۇ، ئوپېراتسىيە قىلغان دوختۇر ناركوز قىلغان دوختۇرنى «سەن ناركوز ئوكۇلنى ئاشۇرۇپ قالىمەن دەپ، ئاز ئۇرۇپسەن» دېسە «سەن چالا مەست كېلىپ ئوپېراتسىيە قىلىپ ۋاقتىنى سوزىۋەتتىڭ» دەپ جېدەل قىلغان ئىكەن. كېيىن دوختۇرخانا رەھبەرلىكى، ھەر ئىككى دوختۇرنى خىزمەتتىن بوشاتتى. بىرەيلەن گەپ سورىدى: ئۇلار نېمە تالىشىپتۇ« نېمە تالىشاتتى، ئىككىسى گېپىنى بىر قىلىۋېلىپ ئۇرۇلدىغان ناركوزنىڭ مىقدارىنى قىسۋىلىپ، نەپ ئالماقچى بوپتىكەن».
       -«يائاللا شۇنداق ئىنساپسىز دوختۇرلارمۇ بار ئىكەندە»،
       -«بولماي، ھەتتا تېڭىق تاڭىدىغان داكا، پىچاق كەسكەن يەرگە چاپلايدىغان بىنتنمۇ ئېلىپ، ئوغۇرلاپ كېتىدىغانلارمۇ بار ئىدى»-دېدى. ھەممەيلەن ياقا تۇتۇشۇپ «بەزى دوختۇرنىڭ خالىتى ئاق بولغان بىلەن كۆڭلى قازان كۈيسىدىنمۇ قارا ئىكەندە» دېيىشتى.
       ئىشچى-خىزمەتچىلەر دەم ئالىدىغان يەكشەنبە كۈنى ئىدى. بەش-تۆتىمىز «يار باغ»دىكى قاۋاخانىلاردىن قايتىپ، كۈن تېخى يورۇق بولغاچقا ھېيتگاھتا ئۆرە تۇرۇپ بولالماي ئۆستەڭ بويىدىكى چايخانىغا چىقتۇق. چايخانا خوجايىنى بىزنىڭ چالا كەيپ ئىكەنلىكىمزنى پەملەپ، ئادەم ئانچە كۆپ بارمايدىغان بۇلۇڭدىكى كارىۋاتقا باشلاپ، بىر چەينەك چاي ئەكىلىپ بەردى. ئارىمىزدىكى بىرەيلەنىڭ قورسىقى ئاچ بولغاچقا، ئىككى يۈەنلىك ناندىن بىرنى كەلتۈرۈپ ئوشتۇپ قويدۇم. مەن چاينى  ئىككى پىيالىگە قۇيۇپ، ئۆزۈم بىرنى ئالدىمغا قويۇپ، بىرسىنى  ئوڭ يېنىمدىكى  بۇرادىرىمگە سۇندۇم، تېخى بەش مىنۇتمۇ ئۆتمەي، قەشقەر شەھەردىن يېڭىشەھەرگە قاتنايدىغان قوش كوزۇپلۇق ئاپتوموبىل ھەيدەيدىغان 35ياشلاردىكى ئېگىز بوي، قاڭشارلىق، كۆزلىرى يوغان، ئاقباش شوپۇر كېرىپ كەلدى.  ئۇ بىردەم چايخانا بوسوغىسىدا تۇرىۋىلىپ، سىنچىلاپ قارىۋېلىپ، بىزنى كۆرگەندىن كېيىن، بوران سوققان مەجنۇن تالدەك ئىككى تەرەپكە ئىرغاڭلاپ چاي ئېچىۋاتقانلارغا تەزىم قىلىپ كەلدى. ئورۇندۇق قويۇپ بېرىپ، مەن بوشاتقان پىيالىغا چاي قويۇپ سۇندۇم، ئۇ ئاغزىغا بىر نېمە قاپلىشىپ قالغاندەك قېقىلىپ، ئۇنىنى قۇيۇپ بەرمەي، (كارىۋاتتىكىلەر ئاڭلىغدەك ئاۋاز چىقىرىپ) سۆزلەپ كەتتى. گېپىنىڭ ئورامىغا قارىغاندا، ئۇ چۈشتىن بۇرۇن يېڭشەھەردىن قەشقەر  شەھەردىكى دوختۇرخانىغا كىرىدىغان بىر كېسەل دېھقاننى ماشىنىسىغا ئېلىۋاپتۇ بوۋاي قېرى ئىكەن، قىزىلنىڭ كۆۋرۈكىگە كەلگەندە يان تەرەپتىن بىر ماشىنا ئىشتىك چېقىپ قاپتۇ. ئۇ مەستچىلىكتە يان تەرەپتىن چىققان ماشىنىغا سوقۇلۇپ كەتمەي دەپ ئىشتىك ماڭغان ئاپتوموبىلنى تورمۇزلاپتۇ. كېسەل بوۋاي ئارقا كوزىپىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۋاپتكەن، قاتتىق سىلكىنىپ، ئاپتوموبىل ئورۇندۇقىغا ئۇرۇلۇپ كېتىپ ئۈنى ئۆچۈپتۇ، دېھقاننى دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭغان بوۋاينىڭ ئوغلى بىلەن كېلىنى بېلىنى تۈزىيەلمىگەن بوۋاينى ھارۋىغا سېلىپ دوختۇرخانىغا ئەكىرىپ تەكشۈرۈتسە، ئومۇرتقىسى سۇنغان  ئىكەن. دوختۇر بوۋاينىڭ كېسىلىگە دىئاگنوز قويۇپ ياتاققا ئورۇنلاشتۇرماقچى بولغاندا، «سېغىزغان»دىن بىرسى بۇ خەۋەرنى بىزنىڭ شۇپۇرىمىزغا تېلېفون بېرىپ يەتكۈزۈپتۇ (رېنتگېن بۆلىمىدىكى دوختۇر شوپۇرنىڭ دوستى ئىكەن). شوپۇر دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ رېنتگېن بۆلىمىدىكى دوستىغا خىزمەت ئىشلەپ، دېھقان قولىدىكى دىياگنۇزنى ئېلىۋېلىپ، ئۆيدە يېتىپ ئارام ئېلىش توغرىسىدا مەسلىھەت بېرىپ، بىزنىڭ شوپۇر «قەھرىمانىمىز»نى جىنايى جازادىن قۇتقۇزۇپ قاپتۇ، مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەيران قالمىدىم. چۈنكى بۇ شۇپۇرنىڭ قولىدىن ھەر قانداق بالا كېلەتتى. مەن بىر قانچە قېتىم مەزكۇر شوپۇرنىڭ ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ قالدىم. ئۇ داۋاملىق مەست بولۇپ، ساق ئۇچراتماق تەس ئىدى. ئاپتوموبىل قوزغىلىشتىن بورۇن، باغچا ئالدىدىكى بوتكىدا «تىكتۇرما» قىلىپ ئىچىۋەتسە يېڭشەھەرگە بارغاندىن كېيىن يەنە قېقىۋىلىپ كەيپىنى ياشلىۋالاتتى.
     شوپۇرىمىز ئۆزىگە كېلىدىغان جازادىن قۇتۇلۇپ قالغاچقا بەكمۇ خۇشال ئىدى. ئۇ ئىككى پىيالە چاي ئېچىپ، بىر توغرام ناننى يەپ، سىلەرگە«بىر نېمە لازىممۇ» دەپ قويۇپ، ئېگىلىپ تەزىم قىلىپ، «كېمىنى تولۇقلىغلى» چېقىپ كەتتى، بىز ئۇ چاقىرمىغان مېھماننى كۆزىمىز بىلەن ئۇزۇتۇپ قالدۇق.     
     -توۋا قىلدىم خۇدايىم، مەستلىكتە نېمىلەرنى قىلمايدۇ گەپ باشلىدى بىر كىچىك تىجارەتچى ئۈلپىتىمىز، تۇرسۇن سەلەي دېگەن بىر شۇپۇر بار ئىدى. بىر قېتىم ئۈرۈمچىدىن كېلىۋېتىپ كوچادا قونۇپ قاپتۇ. كەچتە ياتىدىغان چاغدا بىر تونۇشى(ئۇمۇ شوپۇر ئوخشايدۇ) ئۆيگە مېھمانغا تەكلىپ قىلىپتۇ. تۇرسۇن سەلەي ۋە  ئۇ باشلاپ بارغان قەشقەرلىك شوپۇرلارنى ساھىبخان شورپا سېلىپ، پولۇ ئېتىپ، راسا مېھمان قىلىپتۇ، ھاراقمۇ قويۇپتۇ. ساھىبخان ئۆزىمۇ ئىچىپتۇ. بىر چاغدا تۇرسۇن سەلەي كېتەي دەپ مېھمانخانىدىن چىقسا، ساھىبخان بىر چوكاننى تامغا نىختاپ قۇچاقلاپ سۆيىۋاتقىنى كۆرۈپ ئوڭايسىزلىنىپ،  ئۇ كىشىگە بىلدۈرمەي چىقىپ كېتىپتۇ. ئەتىسى تۇرسۇن سەلەي ئۆي ئىگىسى تامغا نىقتاپ سۆيۋاتقان چوكانىڭ ئۇ توڭگۇزنىڭ قىزى ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپ، «ھاراق ئىچمەيمەن» دەپ قەسەم قىپتۇ.
        مەن بىرسىنىڭ توخۇچىنىڭ قاچە -قۇچا، غالتەك سۈرتىدىغان پاسكىنا جامبىسىنى يەپ كەتكەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم دەپ گېپىنى داۋاملاشتۇردى.  كاللا-پاقالچاق ساتىدىغان ۋىجىككىنە كەلگەن، كۆزلىرى ئىچكىرى، دىمىغىدا دەپ قىلدىغان بىرسى. بىر يەكشەنبىدە قاتناش بېكىتىنىڭ ئالدىدىكى بوتكىدا تويغىچە ئىچىپ، «قارقى» دەرۋازىسىغا كەلسەك، كوچا چېرىغىنىڭ يورىغىدا بىرسى توخۇ گۆشى، تۇخۇم سېتۋىتىپتىكەن، يوپۇرۇلۇپ باردۇق، غالتىكىدە ئىككى توخۇنىڭ بويىنى قانىتى 10،5 تۇخۇم  قاپتىكەن. ئۇستام پۇلنى ئەپ بولۇپ، ھەممىنى توغراپ بېرىپ،  قولىنى ئېتىپ غالتەكنى سۈرتىدىغان جامبىنى غالتەكنىڭ بىر چېتىگە تاشلاپ قۇيدى. ئارىمىزدا بىرسىنىڭ نەپسى قانىمغان بولغاي، « يەنە يەيتىم يوقمۇ؟ دەپ تۇرۇۋالدى» توخۇچى «ئەتە كېلىڭلار، توخۇ تۈگدى» دېسىمۇ غالتەككە ئېسىلىپ ماڭغىلى قويمىدى، بۇنىڭغا ئاچچىقى كەلدىمۇ، ياكى ئۆچى بارمۇ ئوقمىدىم « يەمتېڭ، يېسەڭ توخۇ گۆشى تۈگىمىدى» دەپ ئارىمىزدىكى بىرەيلەن توخۇچىنىڭ پىچىقىنى ئېلىپ، قاچا -قۇچا سۈرتۈپ، غالتەكنى ئېتىپ، مايلىشىپ كەتكەن جامبىنى ئۇششاق توغراپ، تەخسىگە سېلىپ، لوتاڭنى قۇيۇپ، ئالدىغان ئىتتىرىپ قۇيدى، باشقىلار قانداق قىلىدۇ؟ دەپ گەپ قىلماي قاراپ تۇردۇق. قانداق بولدى دېمەمسىلەر، ھېلىقى دوستىمىز كاپاملاپ ئېلىپ يەپلا كەتتى، راستمۇ-دېدىم مەن تەئەججۈپلىنىپ، ھەممەيلەن باش لىڭشىتتى. « نېمىشقا مۇنداق قىلدىڭلار» دېسەم «ئۇ پۇل خەجلىمىگەن بىلەن قورساققا ئامراق ئىدى، بىز نېمە ئالساق توشمايتتى، ئالدىمىزدىكى ھاراق تۈگىگىچە زاكوسكىنى قۇرتىۋىتەتتى» دېدى.
   − « ھۆكۈمەت ئەمدى ھۆكۈمەتتەك ئىش قىلىپتۇ» دېدى گېزىت مەستانسى بىر ئادەم.
    ھە! نېمە خەۋەر ئېلىپ كەلدىڭ، سوئال سورىدى قىشىمدىكى بىرسى. بۈگۈن گېزىتكە بىر توڭگۇزنى خىزمىتىدىن قالدۇرۇپ جازالىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بېسىپتۇ، ئۆيدىن كېلۋاتسام گېزىتخانا ئالدىدىكى گېزىت جازىسى ئالدىغا خەلق ئولشۋاپتىكەن، يېقىن كېلىپ ئوقۇسام سولامچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، قانۇن ئورگانلىرى تەپتىش قىلىپ جىنايىتىنى ئېنىقلاپ قانۇن بۇيىچە توختىتىپ قويۇپتۇ-: دېدى « ئوبدان بولۇپتۇ» دېدىم ئىچىمدە.
ئۇنىڭ خىزمەت تەكشۈرگىلى كەلگەن باشلىقلارغا تانسا ئۇيۇشتۇرۇپ بېرىش باھانىسى بىلەن ياش چوكانلارنى سولاپ بەرگەنلىكىنى، ئانا-بالا ئىككى ئايالنى مەجبۇرلاپ ئەكىرىپ، بىر-بىرسىنى قارىتىپ تۇرۇپ زىناخورلۇق قىلغان ئىنسان قىلپىدىن چىققان قەبىھ قىلىقنى ئاڭلىغان ئىدىم.
   −يامان ئادەم ھامان قىلغان يامانلىقىغا چۇشلۇق بەدەل تۆلەيدۇ-دېدىم  مەن ئۇ كازاپنى ئوبدان بىلىمەن. ئۇنىڭ بىلەن بىر سورۇندا بولغان، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقان بىر مەلئۇن ئىدى. بىر قېتىم موخبىرلىققا بارغاندا  ئۇنىڭ بىلەن كۆرىشىشكە توغرا كېلىپ قالدى، ئۇ نۇقتىدا تۇرغان كەنت يېزا كادىرلىرى بىلەن كۈزلۈك بۇغداي تىرۇلغۇسى بويىچە سىلشتۇرۇپ باھالاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىكەن. بىز نەق مەيدانغا بېرىپ قالدۇق. كۆز ئالدىمىزدا « بۇغداي تىرىلغۇ ئېتىزى تەكشى تۈزلەنمەپتۇ، چالما جىق ئىكەن» دەپ بىر دېھقاننى قوغلاپ «يوغان چالمىنى نېمىشقا ئەزمىدىڭ» دەپ بېشىغا چالما ئاتقانلىقى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنمەن. ئۇ بەكمۇ سۆلەتۋاز، ھاكاۋۇر بولۇپ، يېزىلارغا بارسا تەڭنە گۆش، «ئىلى ئالىي ھارىقى» تەييارلمسا ھاراق ئىچمەيتتى.
      بىر كۈنى ھاراقكەش ۋە بەڭگى توغرىسىدا پاراڭ بولۇپ قالدى. ھاراق ئىچىدىغان ھەم چېكىدىغان بىر بەڭگى گەپ ئېلىپ مۇنداق دېدى: ھاراق ئىچكەن مەستلەرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى كۆپچىلىككە مەلۇم، لېكىن نىشكەشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى نېمىلەرنى ئويلايدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس، ھاراق ئادەمنىڭ كەيپىنى كۆتۈرۋىتىدۇ، نەشە كەيپىياتنى باسىدۇ، شۇڭا ھاراق ساتىدىغان قاۋاقخاندا غوغا ئۈزۈلمەيدۇ. نەشە چەككەن بەڭگە بار يەر جىمجىت. كۆرگىنمىنى دېسەم: مەدەنىيەت ئىنقىلابى ئاياقلشاي دېگەندە بوي-تۇرقى ئوخشاش تۆت يىگىت كۈندۈزدە ئىشتىننىڭ پۇچقىقنى تۈرۈپ، دوپپىلىرىنى چىشلەپ،كۆينىكنى ئىككى قولى بىلەن بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئايرودۇرۇم تەرەپتىن يار باغ كۆۋرۈكىگە كەپتۇ. يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار «بۇ نېمە كارامەت» دەپ تەئەججۈپ بىلەن  قاراپ قاپتۇ. يولۇچىلاردىن بىرسى ئۇلارنى تونۇيدىكەن ئالدىغا بېرىپ «كۈندۈزى يالىڭاچ بولۇپ نەگە بارىسىلەر» دەپ ئالدىنى توسىۋاپتۇ.  ئۇلار پاراقلاپ كۈلۈپ، قولىدىكى كىيىمىنى كېيىۋىلىشىپتۇ. كېيىن مەلۇم بولۇشىچە ئۇلار ئايرودۇرۇمغا چىقىپ نەشە چېكىپ قاپتۇ يولدا بىر ئېرىق سۇ ئۇچراپتۇ، ئۇنىڭدىن ئىشتىنىنىڭ پۇچقىقنى تۈرۈپ ئۆتۈپ يولدا يەنە ئېرىق بار دەپ پەرەز قىلىپ، كۆينىكنى كىيمەي، ئىشتىنى تۈرۈك پېتى شەھەرگە كىرگەن ئىكەن.
      - مەن مۇنداق بىر ھېكايىنى ئاڭلىغان دېدى: يەنە بىرەيلەن تۆت  بەڭگى تۇرپاندىكى تۇيۇق غوجامغا چىقىپ بولۇشىغا نەشە چېكىپ، مەھەلىسگە قايتىپتۇ، بىرسىنىڭ ئىشىك ئالدىغا كەلگەندە ئارام ئالماقچى بولۇپ ئولتۇرغان بىرسى «ياق! ياق» دەپ بېشىنى سېلكىپتۇ. مۇنداق سىلكىش بىر نەچچە قېتىم داۋاملاشقاندىن كېيىن ساقراق بىرسى ئاغىنە نېمە بولدۇڭ، نېمە بېشىڭنى سېلكىۋىرسەن؟ دەپتىكەن ھېلىقى بەڭگە ئويغىنىپ مۇنداق دېگىدەك: باياتىن بىر چۈش كۆردۈم، چۈشۈمدە كالىغا ئايلىنىپ قاپتىمەن، ئىگەم مېنى بىر زاسۈيپەزگە سېتىپتۇ. زاسۈيپەز مېنىڭ پۇتۇمنى چېتىپ سويۇپتۇ. گۆشلىرىمىنى پاچىلاپ، پاچاقلىرىمنى ئۈكلەپ، ئۆپكە ئۆچەي قىرىنمىنى قازاندا پۇشۇرۇپتۇ، بۇنىڭ ھەممىسىگە ماقۇل دېدىم. لېكىن بۇرنۇمغا قىزىتىلغان تۆمۈرنى تىقىپ كاللامنى ئۈكلەيدىغان چاغدا «ياق، ياق» دەپ بېشىمنى لىڭشىتقان، شۇ چاغدا ئۇيغۇتىۋەتتىڭ دەپتىكەن.  
     - مۇنداق گەپنى ئاڭلىغانمۇ دەپ گەپ باشلىدى. چايخانىدىن چىقمايدىغان بىر گەپچى، قەشقەر شەھىرىدىكى يۇملاقشەھەر كۆلگە لىق سۇ قاچىلاپ، قىشىچە سۇ قەھەتچىلىكى تارتىمايمىز دەپ تۇرغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە-بىر چوشقا كۈچۈكى چۈشۈپ كېتىپتۇ، -سۇنى چىقىرۋەتسە قايتا قاچلايدىغان زاپاس سۇ يوق ئىكەن، سۇنى ئېچىۋىرەيلى دېسە- سۇ شەكلىك بولغاچقا خەقنىڭ كۆڭلى كۆتۈرمەيدۇ. جامائەت غۇلغۇلا قىلىشىپ، قانداق قىلىشىنى بىلمەي، مەسلىھەت سوراپ قازىنىڭ ئالدىغا كەپتۇ. قازى كۆپنى كۆرگەن بىلىمى بار، ئەقىللىق كىشى ئىكەن. ئۇزاق ئويلىشىپ تۇرماي، چوشقا كۆچىكى چۈشۈپ كەتكەن بولسا، چوشقا كۈچۈكنى سۈزىۋىتىپ، چوشقا كۈچۈكى چۈشۈپ كەتكەن يەردىن يەتتە چېلەك سۇ ئېلىپ سىرتقا تۆكىۋەتسە  سۇ پاكلىندۇ، ئىچىۋرسە بولىدۇ، يەنە قۇشۇمچە قىلىپ مۇنداق دەپتۇ، لېكىن تۆھمەتخور ۋىجدانسىز ئادەم چۈشۈپ كەتسە ئىچسە بولمايدۇ. تۆھمەتخور، ۋىجدانسىز كىشىنىڭ جىنايىتىنى كەچۈرگىلى بولمايدۇ. خەلققە جەمئىيەتكە كەلتۈردىغان زىيىنى سۇ تاشقىنى، يەر تەۋرەش زىيىنىدىن كەم ئەمەس، ئاپئاق چاچ ئانىمىز، جاينامازدىن قوپماي تۇرۇپ، ھەر كۈنلۈك نامىزىدا «قۇرۇق سۆز تۆھمەتلەردىن ساقلا»، دەپ خۇداغا مۇراجەت قىلىدۇ ئەمەسمۇ، ۋىجدانىسىزلىقنىڭ ماھىيىتى تۆھمەت، ۋىجدانسىز ئادەم تۆھمەتخور كېلىدۇ.   
مەھەللىمىزدە يېڭىدىن پۇل تېپىپ، قەد كۆتۈرگەن، نوپۇزلۇق بىر باي كارخانىچى تۆھمەتنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتتى.
   -تەپسىلىي دەڭلا، نېمە ئىش بولغان بىلىۋالايلى-،دېدى بىرەيلەن گەپكە قوشۇق سېلىپ.
   -ھە ئىش مۇنداق بولغان، كارخانىچىمىز بىرسىگە بەش مىڭ يۈەن قەرز بېرىپتۇ. قەرز قەرەلى توشقاندا پۇلنى سۈيلەپ ئالالماي رەللە بولۇپ تۇرغاندا قەرزدار تېلېفون ئارقىلىق ئۆيىدە ساقلاپ تۇرىدىغانلىقىنى، كەلسە پۇلنى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. قەرز ئىگىسى دېگەن پەيتىدە زەنجىرلەنمگەن ئىشىكنى ئېچىپ، بوسۇغىدىن ئاتلىغاندا يوتقاندا يالىڭاچ ياتقان ئايالى ئورنىدىن تۇرۇپ ئېتىلىپتۇ. دەل شۇ چاغدا نامەلۇم يەردە پەيت كۈتۈپ پايلاپ تۇرغان ئېرى پەيدا بولۇپ چۇقان سېلىپ «مەن يوق چاغدا ئۆيگە كىرىپ ئايالىمغا چىقىلىشقا ئۇرۇندى» دەپ تۆھمەت قىلىپ سوتقا ئەرز قىلدى، ئەر-خوتۇننىڭ گېپى بىر يەردىن چىققاچقا قەرز ئىگىسى ئۆزىنى ئاقلىيالمىدى قارا يۈز پۇلنى دەپ ھالال خوتۇنىنى قارىلاپ قەرزدىن قۇتۇلدى.
      -بۇ قىزىلكۆز نەدە، ھازىر بارمۇ؟-دەپ گەپ سورىدى يەنە بىرەيلەن،
      -بولماي نەگە كېتىدۇ،«شە شەمىدىننىڭ، كوچا رەسۋانىڭ» دېگەندەك ھېچ ئىش بولمىغاندەك گىدىيىپ يۈرمەمدۇ، ھارام يارىشىدىكەن، باي بولۇپ كەتتى، ئولتۇرۇشى ئالىي پىكاپ، نەچچە يەردە داچىسى بار، ئۆيىدىن نەغمە-ناۋا ئۈزۈلمەيدۇ. ئىچى پۇشۇپ قالغان چىرىك ئەمەلدار، ھارامدىن پۇل تاپقان سودىگەر، تاپاۋىتى بار قىمارۋاز، ئوغرى-يانچۇقچى، ئادەم بېدىكلىرى يوقلاپ تۇرىدۇ، ئېتى ھاجىم ئەمما ئاغزىدىن ماۋتەي پۇرىقى كەتمەيدۇ.
    -زامان تەرەققىي قىلىپ تۇرمۇشىمىز ياخشىلانغانسېرى كىشىلەردىكى ئىنساپ، دىيانەت تۈگەپ، ئەخلاق-پەزىلەت، ھايا كۆتىرىلىىپ كېتىۋاتامدۇ، نېمە؟ قىزلىرىمىز بىكار بولسىلا رېستورانغا، چايغا يۈگرەيدىغان بولدى، ئوغۇللىرىمىز ئۆيگە كىرمەيدۇ، خىيالىغا كەلگەننى قىلىدۇ، نەسىھەت قىلساق ئاڭلىمايدۇ، -دەپ گەپ باشلىدى. كۆنچىدەك قارا، ساقىلى ئاق، گازىر كۆز، موكا يۈز ۋىجىككىنە ئادەم چايخانا خوجايىننىڭ توسقىنىغا ئۇنىماي، تاماكىنى پۇرقىرىتىپ چېكىپ.
    -ئۇنداق دېمىسىلە ھاجىم، ئىنساپ، دىيانەت كۆتۈرىلىپ كەتكىنى يوق، قىز-ئوغۇللىرىمىز ھايالىق چوڭ بولىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ چاي، ئولتۇرۇشىغا بارغانلىقىغا قاراپ «ھايا» كۆتىرىلىىپ كەتتى دېسەك ئۇۋال بولىدۇ. زامان ئۆزگەردى، ھەممە ئادەم ئالدىراش، كۈندۈزى ئىشلەپ چارچايدۇ، كەچتە ئىش-ئوقەتتىن يېنىپ كىيىم-كېچىكىنى ئالماشتۇرۇپ، تەڭ-تۇشلىرى بىلەن تېپىشىپ دۇتار، راۋاب چېلىشىپ، كۆڭلىنى ئېچىشىپ زاماننىڭ شاراپىتىدىن بەھىرلەنگەنلىكىنىڭ نېمىسى يامان، -دەپ گېپىنىڭ بىلىگە تەپتى، ساغلام قېرىغان، تىمەن، يۈزى قىزىل، كۆزى ئوتلۇق داۋاملىق كۈلۈمسىرىگەندەك كۆرۈنىدىغان، تېگى ئاق يوللۇق ئالدى ئوچۇق پاڭچۇ كۆينەك كىيگەن سالاپەتلىك بىرەيلەن. گېپىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇردى، -قىزلىرىمىزنىڭ ئىنسابىغا دۇئا قىلساق بولىدۇ، مەن 20ياشتا ئۆيلەنگەن، ئايالىم 18ياشتا ئىدى. ئانام 14ياشتا دادامغا ياتلىق بولۇپ 17ياشتا ئىككى بالىلىق بولغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن. ھازىر قىزلىرىمىز ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بالدۇر بولغاندىمۇ 25ياشتا بولمىسا 29-30ياشتا توي قىلىۋاتىدۇ. سىلى بىلەن بىز 18،20ياشتا نېمە ئىش قىلغان؟ بۇنى ئويلىساقلا بالىلاردا گۇناھ قويالمايمىز، بۇ پاكىز كىيىنگەن سالاپەتلىك بوۋاينىڭ  قىسقىغىنا گېپىدە ئادەمنى قايىل قىلىدىغان ھەقىقەت بار ئىدى.
    -ئىنساپ، دىيانەت بىر قىسىم ئادەملەردىن كۆتۈرىلىپ كەتكىنى بىلەن يىلتىزى قۇرىمىدى، يەنە زاماننىڭ نۇرى بىلەن كۆكلەپ، چېچەكلەپ خۇش بۇينى چاچماقتا. ئەدەپ-ئەخلاق گۈللىرىنى ھەممە يەردە كۆرەلەيمىز،لېكىن بىز ئۇنى سىزەلمەيۋاتىمىز...،-دېدى ئاپئاق گىرىپ كۆينەك كىيگەن تۇرقىدىن دۇكان خوجايىنىدەك سىپايە كۆرۈنىدىغان قوي كۆزلۈك قاڭشارلىق يىگىت تەمكىنلىك بىلەن، بىر ھەپتە بولدى، ئۆيدە ئولتۇرسام ئىشىكنىڭ زەنجىرى جىرىڭلىدى، ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئالدىغا چىقسام، تۇنۇشلا بىر ئادەم ئۆيگە باشلىسام كىرگىلى ئۇنىمىدى، «خوش، نېمە گەپلىرى بار ئىدى دەپ ئاغزىغا قاراپ تۇرسام، مەندىن ئېلىشلىرى بارمۇ؟»دېدى ھىجىيىپ تۇرۇپ. «ياق،قانداق دەيلا»دېسەم «مېنىڭ بېرىشىم بار، ئون يىلنىڭ ئالدىدا باغقا چىققاندا، سىلىدىن 10يۈەن ئۆتنە ئالغان ئىدىم، ئەسلىرىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىپتۇ ئەتە-ئۆگۈن بېرىمەن دەپ نۇرغۇن يىلنى ئۆتكۈزۋېتىپتىمەن، بۇ پۇلنى بانكىدا قويسىلا ئۆسۈمى ئۆزى بىلەن تەڭ بولۇپ قالاتتى،مەن ئۆسۈمىنى بەرمەي دىرىنى قايتۇرۇپ بېرىمەن دەپ 10يۈەننى تۇتقۇزۇپ قويدى، ئۇنىمىغىنىغا قارىماي ئاخىرىدا بەرمىسەم قىيامەتلىك قەرز بولۇپ قالىدۇ»دېدى.
     -بۇنداق ئىشنى دەپ كەلسەك ساماندەك تولا،- دەپ گەپ قىستۇردى. ياندىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان پاكىنەك، شاپ بۇرۇت بىرەيلەن ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ تۇرۇپ: -ئۆتكەن ھەپتە سەي بازىرىدا تۆت بەشەيلەن غۇژمەك بولۇپ پاراڭ سېلىۋاتقاننىڭ ئۈستىگە كەپ قاپتىمەن، ئۇلار يېقىندا بولغان بىر ئىشنى دەپ بەردى:-جۈمە كۈنى ئۆستەڭ بويىدا بازار قىزىپ، چوڭ يول قۇيغان ئۈچەيدەك ئادەم بىلەن تۇلۇپ كېتىدۇ ئەمەسمۇ، چۈشتىن كېيىن بىر چەت ئەللىكنىڭ تەرتى قىستاپ ھاجەتخانا تاپالماي بىئارام بولغانلىقىنى، دوقمۇشتا دۇكان ئاچىدىغان بىر تىجارەتچى سىزىپ قېلىپ، ئۆيگە ئەكىرىپ ھاجىتىنى راۋا قىپتۇ، بۇ تىل بىلمەيدىغان ساياھەتچى خۇشلۇقتا ئۆي ئىگىسىگە 100يۈەن تەڭلەپتۇ. تىجارەتچى پۇل ئېلىشنى نەچچە قېتىم رەت قىلسىمۇ، تەڭلەپ تۇرۇۋاپتۇ. تىجارەتچى ئىلاج قىلالماي دۇكىنىغا باشلاپ بىر نېمە سېتىۋېلىشقا دەۋەت قىپتۇ، چەت ئەتللىك بىر پىچاقنى ئېلىپ 300يۈەن بېرىپتۇ، تىجارەتچى«ئادىل بولمىدى»دەپ 100يۈەننى ئېلىپ قېلىپ 200يۈەننى قايتۇرۋېتىپتۇ. ھېلىقى ساياھەتچى ھاياجاندا تەزىم قىلىپ دۇكاندىن ئارقىچە مېڭىپ چىكىتىپتۇ.
     -مەن دەپ گەپ باشلىدى،-سەپكۈن يۈز، قىسماق كۆز، ئىككى قوۋۇزى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن، ئۇرۇق، ئېگىز بىر ئادەم موزىيى ئۆلۈپ كەتكەن ئىنەكتەك ئىڭراپ بوغۇق ئاۋاز بىلەن ھەر يىلى 11-ئاي ئىسىمدىن كۆتىرىلمەيدۇ؛ 18-كۈنى ھەزرەتتىكى كادىرلار زاراتگاھلىقىغا بېرىپ، مەرھۇم ئەيسا شاكىر قەبرىسىنى يوقلاپ سۈپۈرۈپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ، مەرھۇمنىڭ روھىغا دۇئا قىلىمەن. قەبرىستانلىق مۆھتەرەم ئەيسا شاكىر بىلەن شەرەپ تاپتى، ئاۋاتلاشتى،نۇرغۇن ئادەم يوقلاپ كەلگەچكە، ئەيسا شاكىر قەبرىسىگە بارىدىغان يول ئولتۇرۇشۇپ پەسلەپ كېتىپتۇ.
    -ئەيسا شاكىر ھايات ۋاقتىدا خېلى چوڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشىپتىكەنسىزدە-، دېدى ئارىسىدىكى بىرەيلەن.
    -نېمە دېگەنلىرى بۇ، ئەيسا شاكىرنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشكەن ئادەم ئازمۇ؟دادام رەھمىتىنىڭ دەپ بېرىشىچە، ئەيسا شاكىر يىتىملارنىڭ باش پاناھى، غىرىپ-غۇربالارنىڭ غەمگۇزارى ئىكەن، ۋالى ۋاقتىدا ئىشخانىغا كىرگەن ئادەمنى رازى قىلماي قايتۇرمايدىكەن. ئەلپازى سۈرلۈك كۆرۈنسىمۇ ئاغزىدىن قوپال گەپ چىقمايدىكەن. بىر بولاق قەنت ئالماي ئاتا-ئانىسى يوق تالاي يېتىمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، يىراق يەرگە تەقسىم قىلىنىپ كەتكەن يالغۇز پەرزەنتىنى ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا، يېقىنراق يەرگە يۆتكەپ دۇئاسىنى ئاپتىكەن. ھېيت-ئايەمدە«بەش كاپالەتلىك ئائىلە»نى ئالدىن يوقلايدىكەن. تۇرمۇشتا ئاددىي -ساددا بولۇپ غورىگۈل تۇرمۇش ئۆتكۈزىدىكەن. قەشقەر گېزىتىنىڭ باشلىقى تۇرۇپمۇ، ئۇچىسىغا بىر نەچچە يۈەنلىك سىيامبودىن تىكىلگەن تۆت يانچۇقلۇق چاپان، پۇتىغا لاتا خەي، بېشىغا سىم شەپكە كىيىپ يۈرىدىكەن.
        1986-يىلى ياز پەسلىدە قىزىل دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچىدىغان قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسىنىڭ يېڭىئۆستەڭ ، ئاققاش ۋە پەيزىۋات ناھىيىسىنىڭ بىر قىسىم يېزا-كەنتلىرىدە يۇقۇملۇق جىگەر كېسىلى پەيدا بولۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەي پۈتۈن ۋىلايەتكە تارقاپ ئۆلۈم-يېتىم كۆپىيىپ كەتكەندە ئۆز ھاياتىنى خەلققە ئاتىۋەتكەن بۇ رەھبەر چىداپ تۇرالماي، ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەپ ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ئۈچۈن كېسەل ئېغىر بولغان پەيزىۋات ناھىيىسىگە بېرىپ ئاساسىي قاتلامدا ئەھۋال ئىگەللەۋاتقاندا يۇقۇملىنىپ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي 1987-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۈرۈمچىدە 58يېشىدا ۋاپات بولدى، -دېدى قەشقەر گېزىتىدىن پېنسىيىگە چىققان دوغىلاق كەلگەن، غورا قاپاق، يېڭى يارىشىملىق كىيىنىپ يۈرۈدىغان ئوچۇق چىراي، گەپ-سۆزى سىلىق-سىپايە كەلگەن بىرەيلەن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ. بىلىشىمچە قەشقەردە ئىككى زاتنىڭ ئۆلۈمى ھەيۋەتلىك ئۇزىتىلدى. بىرى 1956-يىلى 3-مارت كۈنى يۈرەك كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغان ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان، ئۆز ۋاقتىدا جەنۇبىي شىنجاڭ مەمۇرىي مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن شائىر قاسىمجان قەمبىرىنىڭ ئۆلۈمى. ۋاپات بولغاندا 46 ياشتا ئىدى.  
      ئىككىنچىسى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، مەمۇرىي مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى، مەرىپەتپەرۋەر ئەدىب ئەيسا شاكىرنىڭ ئۆلۈمى.
    «-ئەيسا شاكىرنىڭ مېيىتىنى ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە ئېلىپ كېلىۋېتىپتۇ»-دېگەن خەۋەر تارقىلىشى بىلەن قەشقەرنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىرى، خىزمەتداشلىرى، دوست-بۇرادەرلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، تونۇش-بىلىشلىرى، شەپقەت-ھىممىتىگە ئېرىشكەن، ھەم سەپەرداش بولۇشقا مۇيەسسەر بولغانلار قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى تاشلاپ ئالدىغا چىقتى، ئادەم شۇنداق كۆپكى سەپنىڭ ئالدى قەشقەر شەھىرىدىن 60كېلومېتر يىراقلىقتىكى سوغۇن چازىغا يەتكەن ئىدى. قەشقەر مەمۇرىي مەھكىمە قورۇسى ئىچىدىكى ئۆينىڭ ئالدىدا بىر نەچچە مىڭ ئادەم 11-ئاينىڭ 20-كۈنى چاشكا بىلەن مەرھۇمنىڭ مېيىتى بىلەن ۋىدالاشتى، مۇسىبەت باغىقى تەگمىگەن بولسىمۇ، خەۋەر تاپقان ئون نەچچە مىڭ ئادەم شۇ كۈنى قەشقەردىكى مەشھۇر ھېيتگاھ جامەسىدە پېشىن ۋاقتىدا مېيىت نامىزىغا قاتناشتى. مېيىتنى ئېلىپ ماڭغاندا ھېيتگاھ مەيدانى، چوڭ يول،كوچا-مەھەللىلەر ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى. ئۇۋىسى بۇزۇلغان ھەرىدەك ئۆي، دۇكان، ئىدارە-جەمئىيەت، مەكتەپتىن قوزغىلىپ چىققان ئامما يىغى-زارە بىلەن بۇ سۆيۈملۈك ئوغلىنى ئاخىرەتكە ئۇزاتتى.
      جىنازا قولدىن-قولغا ئۆتۈپ قەشقەر شەھەرلىك ھۆكۈمىتى ئىشخانىسى بىناسى ئالدىغا كەلگەندە ۋىلايەت رەھبەرلىرى ئادەملەر سىپىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، مېيىتنى ماشىنىغا ئېلىشنى ئۆتۈنگەندە بىر ياش ئالدىغا چىقىپ مۇنداق دېدى: ئەيسا شاكىر ھايات ۋاقتىدا خەقنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرگەن، ئەمدى بىز ئۇنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرۈشىمىز شەرت، بۇ شەرەپكە ئېرىشىش بىزنىڭ ئارزۇيىمىز، بۇنداق كەرەملىك زاتنى يەلكىمىزدە كۆتۈرۈپ يەرلىكىدە قويساق كۆڭلىمىز ئارام تاپىدۇ؛ خەلق يۈرەكتىن ئېتىلىپ چىققان خىتاپنى ئاڭلاپ چۇقان سېلىپ ئالەمنى بېشىغا كەيدى. رەھبەرلىك بۇ گەپكە جاۋاب بېرىپ ئۈلگۈرگىچە مېيىت ئۇزىتىشقا چىققان 200 نەچچە ماشىنا يولنى توراپ قاتناش توختىدى. ساقچى ۋە رەھبەرلەر ئاۋامنىڭ رايىغا باقتى، نەچچە يۈز ئادەم  ئۆز يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ مەرھۇمنى يەرلىكىدە قويدى، شۇ كۈنى كېچىسى نۇرغۇن ئادەم كۆز يۇمماي، ھازا ئېچىپ يىغلاپ چىقتى.
                2015-يىلى12-ئاينىڭ4-كۈنى
   
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-16 12:36  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-16 14:14:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھوم ئەيسا شاكىر ئاكىمىز 1987-يىلى(قايسى ئاي قايسى كۈن ئىسىمدە قالماپتۇ)قەشقەر پىداگوگىكا مەكتۋىگە ۋەلسىپىت بىلەن چىقىپ جىگەر كىسىلى بولوپ قېلىپ داۋالىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن ھال سوراپ كەتكەن ئىدى.
مەرھوم ئەيسا شاكىر ئاكىمىز ئۆزىنىڭ بارلىقىنى خەلق ئاممىسىغا بېغىشلىغان رەھبەر ئىدى.
بۇ ماقالىڭىز ماڭا شۇ تارىخنى ئەسلەتتى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-16 15:08  


ۋاقتى: 2015-12-16 15:14:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mahatjan يوللىغان ۋاقتى  2015-12-16 14:14
مەرھوم ئەيسا شاكىر ئاكىمىز 1987-يىلى(قايسى ئاي قايسى كۈن  ...

ئۇكام ئىمىننىياز ئىملا خاتالىقىنى تۈزەتتىم.

مەرھوم ئەيسا شاكىر ئاكىمىز 1987-يىلى(قايسى ئاي قايسى كۈن ئىسىمدە قالماپتۇ)قەشقەر پىداگوگىكا مەكتۋىگە ۋەلسىپىت بىلەن چىقىپ جىگەر كىسىلى بولوپ قېلىپ داۋالىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن ھال سوراپ كەتكەن ئىدى.
مەرھوم ئەيسا شاكىر ئاكىمىز ئۆزىنىڭ بارلىقىنى خەلق ئاممىسىغا بېغىشلىغان رەھبەر ئىدى.
بۇ ماقالىڭىز ماڭا شۇ تارىخنى ئەسلەتتى.

باھا سۆز

مەكتۋىگە-مەكتىپىگە، ئىسىمدە-ئېسىمدە، كىسىلى-كېسىلى، بولوپ-بولۇپ...  ۋاقتى: 2015-12-18 06:59 PM
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش