ئانام يوق
( شائىر زوردۇن ئىمىرنىڭ شۇ ناملىق غەزىلىگە تەخمىس )
ياسىنجان ئوسمان ئەركزات
-ئانا!!! دەپلا ئىشىك ئاچتىم ئانام يوق،
چۆچۈپ شۇئان چىراغ ياقتىم ئانام يوق،
بىھۇشلۇقتا يىغلاپ ياتتىم ئانام يوق،
ئەتراپىمدىن ئىزدەپ باقتىم ئانام يوق،
ھەر تەرەپكە مەڭدەپ چاپتىم ئانام يوق.
سېغىنىشتا ھەممە يەرگە سىنچىلاپ،
نەزەر سالدىم تەئەججۈپتە ئالدىراپ،
تاپالمىدىم، ۋۇجۇدۇمدا ئىزتىراپ،
يۈزگە سۈرۈپ ئىزلىرىنى يېنىشلاپ،
كۆز يېشىمدا ئۈزۈپ ئاقتىم ئانام يوق.
كۆپ ئىزدىدىم قۇرداشلىرى سېپىدىن ،
پەريادلىرىم قايتتى ئالەم چېتىدىن،
ئاجراپ كەتتى يۈرىكىم ئۆز قېپىدىن،
ئورۇن ئاپتۇ ھۆر-پەرىلەر رېتىدىن ،
چىقىپ قالار دەپ ئاققۇلار قېتىدىن،
ساما ئۆزرە قانات قاقتىم ئانام يوق.
ئانام باردا كۈلەر ئىدىم قاھ-قاھلاپ،
تايچاقلاردەك چاپار ئىدىم شاپاشلاپ،
كۆزۈم ئەمەس، يۈرەك يېشىم تاراملاپ،
ھەسرەت چېكىپ ئۆز-ئۈزۈمنى كاچاتلاپ،
تەستەك سېلىپ ئېڭەك چاقتىم ئانام يوق.
پەرزەنت دېگەن بولار ئىكەن بىخەستە،
قان-تەرىمدىن سۇنالمىدىم گۈلدەستە،
ئەجەل ئوقى تېگەر ئىكەن بىلمەستە،
ئېست، ئانام كېتىپ قاپتۇ كەلمەسكە،
قەبرىسىگە كۆكرەك ياقتىم ئانام يوق.
2015-يىل15-دېكابىر
شائىر زوردۇن ئىمىرنىڭ ئەسلىي شېئىرىنى تۆۋەندىكى ئادرېستىن كۆرەلەيسىز:
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-15 21:32