يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 896|ئىنكاس: 13

ئابابەكرى ئابدۇرەشىت: قارا يۇمۇردىن «ساراڭ» غا نەزەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-15 19:17:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى


                     قارا يۇمۇردىن «ساراڭ» غا نەزەر


  ــ مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «ساراڭ» تىپىدىكى ھېكايىلىرىنىڭ قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى ئۈستىدە تەھلىل



ئابابەكرى ئابدۇرەشىت


(شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىنىڭ لېكتورى، دوكتور)


قىسقىچە مەزمۇنى: قارا يۇمۇر ئامېرىكا ئەدەبىياتىدا مەيدانغا كەلگەن مۇھىم بىر مودېرنىزم ئېقىمى. ئۇ تۇرمۇشقا بولغان ئالاھىدە بىر خىل پوزىتسىيە، دۇنياغا قاراشتىكى ئۆزگىچە ئۇسۇل بولۇپ، كىشىلەردىن ئۆزىدىن ۋە رېئاللىقتىن ھالقىپ، دۇنيانى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، ئۇنىڭ بىمەنە ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «ساراڭ» تىپىدىكى ھېكايىلىرى بۇ جەھەتتە قارا يۇمۇر ئېقىمى بىلەن زور ئوخشاشلىققا ئىگە. مەزكۇر ماقالىدە قارا يۇمۇر پىروزىچىلىقىنىڭ مەزمۇن ۋە بايان ئالاھىدىلىكى تۇتقا قىلىنىپ، مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «ساراڭ» تىپىدىكى ھېكايىلىرىنىڭ قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى ئۈستىدە قىسقىچە تەھلىل يۈرگۈزۈلىدۇ.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: قارا يۇمۇر؛ «ساراڭ»؛ قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى


1. تېمىغا كىرىش: قارا يۇمۇر ئېقىمى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى

قارا يۇمۇر 20-ئەسىرنىڭ 60-ۋە 70-يىللىرىدا ئامېرىكىدا روناق تاپقان مۇھىم بىر مودېرنىزم ئېقىمى. بۇ ئېقىمنىڭ بەدىئىي ئالاھىدىلىكى ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى يازغۇچىلار ئىجادىيىتىدە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئىپادىلىنىپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى غەرب ئەدەبىياتىدا مۇھىم بىر خاھىشقا ئايلانغان. قارا يۇمۇر ئەدەبىياتتىكى مۇھىم بىر ئىپادىلەش ئۇسۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەر قايسى ئەللەر ئەدەبىياتىدا دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە. «بۈيۈك بىرىتانىيە قامۇسى»دا قارا يۇمۇرغا «ئۇ بىر خىل ئۈمىدسىز يۇمۇر بولۇپ، كىشىلەرنى كۈلدۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئۇ ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشتىكى مەنىسىزلىككە ۋە بىمەنىلىككە بولغان بىر خىل ئىنكاسىدىن ئىبارەت»① دەپ تەبىر بېرىلگەن. «قارا يۇمۇر» دەپ ئاتالغان بۇ ئەدەبىي ئېقىم روشەن ھالدا ئاشۇ بىر دەۋردىكى يازغۇچىلارنىڭ قەلىمىدە ئىپادىلەنگەن ئورتاق خاھىشنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى يىغىنچاقلىنىشى بولۇپ، ئامېرىكىلىق ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى خولمان (C.H.Holman) تۈزگەن ئەدەبىيات قوللانمىسىدا، «قارا يۇمۇر ‹ھازىرقى زامان پىروزىچىلىقى ۋە دىرامىچىلىقىدا بىنورماللىق ۋە بىمەنىلىك ئارقىلىق قورقۇنچلۇق ۋە كومېدىيەلىك ئۈنۈمگە ئېرىشىشتىن ئىبارەت. ئۇ ھەم غەزەپلىك ۋە كىنايىلىك ئۇسلۇبنى ھەم بىمەنە ۋە بىنورمال ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئوقۇبەت، ئىزتىراپ ۋە ئۆلۈم بىلەن زىچ باغلانغان›. بۇ خىل چۈشەندۈرۈش بىر ئەسەرنىڭ قارا يۇمۇرغا تەۋە ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتا بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە. چۈنكى، ئۇ ھەم قارا يۇمۇرنىڭ يېزىقچىلىق ماھارىتىگە چېتىلغان، ھەم قارا يۇمۇر ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇننى ئەكس ئەتتۈرگەن»② دەيدۇ.
ئەدەبىياتتا قارا يۇمۇرنىڭ بارلىققا كېلىشى باشقا نۇرغۇن ئەدەبىي ئېقىملارغا ئوخشاش فىرانسىيە ئەدەبىيات-سەنئەت ئېقىملىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئىنگلىز تىلىدىكى Black Humor (قارا يۇمۇر) دېگەن بۇ سۆز فىرانسۇز تىلىدىكى Humor noirدېگەن سۆزنىڭ تەرجىمىسى بولۇپ، بۇ ئاتالغۇنى ئەڭ بۇرۇن فىرانسىيە ھالقىما رېئالىزمچىلىرى ئوتتۇرىغا قويغان. قارا يۇمۇر ئېقىمى ئەڭ ئالدى بىلەن 20-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكىدا بارلىققا كەلگەن. ئۇنىڭ بارلىققا كېلىشى ھەرگىزمۇ سەۋەبسىز بولماستىن، بەلكى ئەينى دەۋر رېئاللىقى، جەمئىيەت ئەھۋالى، كىشىلەرنىڭ ھەر خىل ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرى، تۇرمۇش، خىزمەت شارائىتى ۋە باشقا تۈرلۈك سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي كىرىزىس ۋە خىرىسلار بىلەن زىچ باغلانغان.
20-ئەسىرنىڭ 60-،70-يىللىرىدىكى ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي تەرتىپى ۋە ئۇنىڭدا مەۋجۇت سىياسىي تۈزۈلمىلەر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. گەرچە بۇ يىللار ئامېرىكا تارىخىدىكى ئىقتىساد گۈللەنگەن، تۇرمۇش پاراۋان يىللار بولسىمۇ، بىراق يەنە جەمئىيەتنىڭ مۇقىم بولماسلىقىدەك ئاز بولمىغان ئىجتىمائىي مەسىلىلەر كۆرۈلۈپ تۇرغان. ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تېز سۈرئەتتە ماشىنىلىشىشى، ئاياللار ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ ئەۋج ئېلىشى، ياشلار ھەرىكىتىنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىشى قاتارلىقلار ئامېرىكا جەمئىيتىگە قاتمۇقات بېسىم تۇغدۇرۇپ، كىشىلەر ئېڭىدا بىر خىل قايمۇقۇش كەيپىياتى پەيدا قىلىپ، ئۆز-ئۆزىدىن گۇمانلىنىش، تۇرمۇشتىن گۇمانلىنىش، ئەنئەنىگە توغرا قارىماسلىق، ياتلىشىش قاتارلىق كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي ۋە پىسخىك مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ ھال ئامېرىكا جەمئىيىتى ئۈچۈن ناھايىتى زور تەھدىتكە ئايلانغان. ئامېرىكىلىق مەشھۇر ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ئىھاب ھەسەن (IhabHassan) «ھازىرقى زامان ئامېرىكا ئەدەبىياتى» ناملىق كىتابىنىڭ مۇقەددىمىسىدە: «قانداق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ھەقىقەتەنمۇ ھازىرقى زامان ئادەملىرىنىڭ قەلبىدىكى سىر ۋە غايەت زور گاڭگىراش بولۇپ قالغاندەك تۇرىدۇ»③ دېگەن. ئىھاب ھەسەننىڭ بۇ سۆزى ئەينى دەۋر ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى بۈگۈنكى ئىجتىمائىي رېئاللىق ۋە بۇ ئۆزگىرىشچان، مۇرەككەپ ئىجتىمائىي رېئاللىق تۈپەيلى كىشىلەر ئېڭىدا شەكىللەنگەن پىسخىك كەيپىياتىغا قويۇلغان ناھايىتى توغرا دىياگنوز بولسا كېرەك.
ئامېرىكا قارا يۇمۇر پىروزىچىلىقى كىشىلەرنىڭ قاتتىق ئىجتىمائىي قالايمىقانچىلىق ۋە پىسخىك تېڭىرقاش ئىچىدە ھەرخىل ياتلىشىش ۋە كىرىزىسلارغا بىلدۈرگەن كۈچلۈك ئىنكاسى بولۇپ، ئۆزگىچە ئىپادىلەش ئۇسۇلى ۋە بەدىئىي ئالاھىدىلىكى ئارقىلىق بىمەنە دۇنيانىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىشنى ئاساسىي نىشان قىلغان. «ئامېرىكا قارا يۇمۇر قوشۇنىنىڭ قوماندانى» دەپ تەرىپلەنگەن فرېدمان قارا يۇمۇر ئەدەبىياتى ئىخچام قىلىپ ئېيتقاندا «بىمەنە دۇنيانىڭ بوينىغا قامال سېلىشتۇر»④ دەيدۇ. ئاندىرى بىرېتون قارا يۇمۇرنىڭ ئېنىقلىمىسىنى مۇنداق ئىككى تەرەپكە يىغىنچاقلايدۇ: «بىرى، رېئاللىقنىڭ رەزىللىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان كىشىلەردىكى ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتى؛ يەنە بىرى، كىشىلەرنىڭ بۇ خىل رەزىل رېئاللىققا بولغان ئۆزگىچە قارشىلىقى»⑤. شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، قارا يۇمۇر تۇرمۇشقا بولغان ئالاھىدە بىرخىل پوزىتسىيە، دۇنياغا قاراشتىكى ئۆزگىچە ئۇسۇل. ئۇ كىشىلەردىن ئۆزىدىن ۋە رېئاللىقتىن ھالقىپ، دۇنيانى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، ئۇنىڭ بىمەنە ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
قارا يۇمۇر يازغۇچىلىرى ئومۇميۈزلۈك ھالدا دۇنيانىڭ بىمەنىلىكىدىن ۋە كىشىلەرنىڭ رەزىل رېئاللىق ئالدىدىكى ئامالسىزلىقىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن. ئادەملەرنىڭ ئەركىن تاللاشتىن مەھرۇم قالغانلىقىنى، ئىنسانىي قەدىر-قىممىتى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنىڭ يوقالغانلىقىنى ھېس قىلغان. شۇنداقلا مەۋجۇت بولىۋاتقان بىمەنىلىكلەر ئۈستىدىن ئاچچىق كۈلگەن. بىراق ئۇلارنىڭ كۈلكىلىرى، يۇمۇرلىرى غەزەپلىك، ئازابلىق ۋە ئۈمىدسىز تۈس ئالغان. ئۇلاردا قىزىپ چىققان كۈلكە كۆز ياشلارغا سىڭىپ كەتكەنكى، بۇ خىل كۈلكە ئازابلىق ياش تۆكۈۋاتقان ئادەمىنىڭ كۈلكىسى، ئۇ ھەم بەخىتسىزلەرگە قىلىنغان ئاچچىق چاقچاق بولغان. شۇڭا بەزىلەر بۇنداق يۇمۇرنى «دار ئاسىتىدىكى يۇمۇر»⑥ دەپ ئاتىغان.
تەكىتلەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، «قارا يۇمۇر»چى دەپ ئاتالغان يازغۇچىلار بىمەنە دۇنيانى ئىپادىلەش ۋە ئىجادىيەت مۇددىئاسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىدا بەزى بىر ئورتاقلىقلارنى شەكىللەندۈرگەن بولسىمۇ، ئوخشاش بولمىغان يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبىدا بىر-بىرىدىن كەسكىن پەرقلىنىدىغان خاس ئالاھىدىلىكلەرمۇ يوق ئەمەس. ئۇلارنىڭ بەزىسى ئەدەبىي جەھەتتىكى ئوخشاشلىق ۋە قەستەن ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان سۇژىت، مەقسەتلىك يارىتىلغان پېرسوناژ ۋە سۆز ئويۇنى قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق «كومېدىيەلىك شەكىلدە تىراگېدىيەلىك مەزمۇننى ئىپادىلەپ»⑦ تىراگېكومېدىيەلىك كەيپىيات ياراتقان؛ بەزىلەر غەلىتە سۇژىت ۋە مۇرەككەپ قۇرۇلما ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بەرگەن؛ يەنە بەزىلەر چۈش بىلەن رېئاللىقنى بىرلەشتۈرۈپ، بىمەنە دۇنيانى ۋە ئىنساننىڭ ئۆزگىرىشچان، مۇرەككەپ پىسخىك كەيپىياتىنى ئىپادىلەشنى قوغلاشقان.
ھالبۇكى، قارا يۇمۇر ئېقىمى دەسلەپتە ناھايىتى زور ھاياتى كۈچكە ئىگە بولغان بولسىمۇ، كېيىنكى ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۇزاق مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىغان، ئامېرىكا ئەدەبىيات ئاسمىنىدا بىر مەھەل نۇرلىنىپ يەنە ناھايىتى تېزلا غايىب بولغان. «ھېچقانداق تەشكىلى ۋە ئورتاق پىروگراممىسى بولمىغان بىر توپ يازغۇچىلاردىن شەكىللەنگەن قارا يۇمۇر ئېقىمى 20-ئەسىرنىڭ 60-،70-يىللىرىدا گۈللىنىپ، 70-يىللاردىن كېيىن پەسىيىشكە باشلىغان.»⑧ گەرچە قارا يۇمۇر ئېقىمى قىسقىغىنا ئون يىل ئىچىدە ئۆزىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى يوقىتىپ، ھاياتى كۈچىدىن مەھرۇم بولغان بولسىمۇ، يوسىف ھىللىر، توماس پىنچون، جون باس، ۋىلادىمىر نابوكوۋ قاتارلىق بىر تۈركۈم بۇ ئېقىمغا تەۋە يازغۇچىلار يېتىشىپ چىقىپ، ئەدەبىي جەھەتتە زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشىپ، پۈتكۈل ئامېرىكا ئەدەبىياتىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولغان.

2. «ساراڭ» تىپىدىكى ھېكايىلەر ۋە ئۇنىڭ قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى

ئۇقۇرمەنلەرگە مەلۇم بولغىنىدەك، يارغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ھېكايىلىرى يۇمۇرىستىك تۈسى كۈچلۈك بولۇش، تىلى ئىخچام، مەنىلىك بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئالاھىدە خاراكتېرلىنىدۇ. مەمتىمىن ھوشۇر ئۇيغۇر پىروزىچىلىقىدا ئۆزگىچە ئۇسلۇب ياراتقان، ئەدەبىي ئىجادىيەتنى مىللەتنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرگەن مول ھوسۇللۇق يازغۇچى ۋە ئېتىراپ قىلىنغان تىل ئۇستىسى. ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇنىڭ ئىجادىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئۇيغۇر پىروزىچىلىقىدا يۇقىرى پەللە يارىتىپ، خەلقىنىڭ چاڭقىغان قەلبىگە مەنىۋى مەلھەم بېرىش يولىدا ئۈزۈكسىز ئىزدەنگەنلىكىنى بايقىماق تەس ئەمەس. يازغۇچىنىڭ پىروزىچىلىقتىكى ھېكايە ژانىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشى ئالاھىدە گەۋدىلىك بولۇپ، ئۇنىڭ «ھېكايە سەنئىتىدىكى ئىزدىنىشى 80-يىللارنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى ۋە يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈلدى. ئۇ 1988-يىلى ‹ساراڭ› ناملىق ھېكايىسىنى ئېلان قىلدى. بۇ ھېكايىنىڭ ئېلان قىلىنىشى مەمتىمىن ھوشۇر ھېكايىچىلىقىنىڭ، شۇنداقلا يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ھېكايىچىلىقنىڭ يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بەردى. يازغۇچى شۇندىن كېيىن بۇ ھېكايە بىلەن مەلۇم جەھەتلەردىن باغلىنىشى بولغان ‹بۇرۇت ماجىراسى›، ‹قىرلىق ئىستاكان›، ‹ئالتۇن چىشلىق ئىت›، ‹چار خوراز›، ‹چوشقىلارغا بايرام› قاتارلىق بىر يۈرۈش چاتما ھېكايىلەرنى يازدى. بۇ ھېكايىلەرنى يېڭى دەۋر ھېكايىچىلىقىمىزدا مەيدانغا كەلگەن مۇنەۋۋەر ‹چاتما ھېكايىلەر› دەپ ئاتاش مۇمكىن»⑨.
مەمتىمىن ھوشۇر ھېكايىلىرى مەيلى تېما جەھەتتىن بولسۇن ياكى شەكىل، مەزمۇن، ئىپادىلەش ئۇسۇلى، ئەسەرنىڭ تىلى جەھەتتىن بولسۇن ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئۇنىڭ ئىجادىيىتى شۇنداق ئۆزگىچىلىككە ئىگىكى، ئەسەر ئاپتورى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئىگە بولماي تۇرۇپمۇ، بىر ئوقۇپلا «بۇ ئەسەر مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئىكەن» دېگەن تونۇشقا كېلىش مۇمكىن. بولۇپمۇ يازغۇچىنىڭ «ساراڭ» تىپىدىكى ھېكايىلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى ناھايىتى گەۋدىلىك. ئۇنىڭ بۇ تۈردىكى ئەسەرلىرىنىڭ ساتىرىك خۇسۇسىيىتى ناھايىتى قويۇق بولۇپ، يۇمۇرغا باي. «يازغۇچى مېھماندوست، خۇشچاقچاق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ ئۆزى ئۆسۈپ يېتىلگەن غۇلجا ئۇيغۇرلىرىنىڭ پىسخىكىسىدىكى كۈلكە-چاقچاقسىز ياشىيالماسلىقتەك تىپىك ئالاھىدىلىكىنى تۇتقا قىلىپ، مىللەتنىڭ مەنىۋىيىتىدىكى تۈرلۈك ئىللەتلەر، چىركىنلىكلەرنى مۇشۇ ئالاھىدىلىك ئاستىدا دارىتمىلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان ھەر قانداق بىر ئوقۇرمەن كۈلمەي تۇرالمايدۇ. ئەمما بۇ كۈلكە مەنىسىز ھىجىيىش ئەمەس. شۇنداقلا ئەسەر پەيدا قىلغان زورۇققان كۈلكە ۋە ياكى ئاددىيلا كۈلكىمۇ ئەمەس. بۇ كۈلكىنىڭ ئارقىسىغا ئىجتىمائىي رېئاللىقتىكى ۋە كىشىلەرنىڭ روھىيىتىدىكى تۈرلۈك ئىللەتلەر، چۈشكۈنلۈك، زەئىپلىك، بىچارىلىككە قارىتىلغان ئۆتكۈر كىنايە ۋە ئاچچىق تەنە يوشۇرۇنغان»⑩. ئۇنىڭدىن باشقا، مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ بايان ئۇسۇلى تولىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ، ئۇ ئەنئەنىۋى بايان ئۇسۇلىغا ئوخشىمىغان ھالدا ئەسەر ۋەقەلىكىنى ئاددىيلاشتۇرۇش، زامان ۋە ماكاننى ئېنىقسىزلاشتۇرۇش (غۇۋالاشتۇرۇش)، ئاپتور ۋە بايانچىنى ئايرىش ئۇسۇللىرىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، ئالاھىدە ئۈنۈم ياراتقان.
مەمتىمىن ھوشۇر ئىجادىيىتىدە ئىپادىلەنگەن يۇقىرىقى بىر قاتار ئالاھىدىلىكلەرنى قارا يۇمۇر ئېقىمىنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرگىنىمىزدە، بۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا خېلى كۆپ ئوخشاشلىق ۋە يېقىنلىقنىڭ بارلىقىنى بايقايمىز. ئاچچىق كۈلكە ئارقىلىق بىمەنە دۇنيا ۋە بىمەنىلىكنى پاش قىلىش، كومېدىيە ئىچىدە ئازابلىق ئىڭراۋاتقان ھەم تىراگېدىيەلىك ھەم ياش بىلەن سۇغۇرۇلغان يۇمۇرلار ۋە كۈلكىلەر... مەمتىمىن ھوشۇر ئىجادىيىتىدە ۋە قارا يۇمۇر ئېقىمىدا ئوخشاشلا ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ نۇقتىلارنى تېخىمۇ ئېنىق گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، تۆۋەندە قارا يۇمۇر ئېقىمنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «ساراڭ» تىپىدىكى ھېكايىلىرىنىڭ شەكىل ۋە قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزۈپ ئۆتىمىز.
قارا يۇمۇر ھېكايىلىرىنىڭ مەزمۇن جەھەتتىكى مۇرەككەپلىكى ئۇنىڭ شەكىل جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشىنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى ھېكايىنىڭ بىر پۈتۈنلىكى، بايان ئۇسۇلى، پېرسوناژلارنى يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە كونكرېت ئىپادىلىنىدۇ:
1) ئەسەرنىڭ بىر پۈتۈنلىكى
قارا يۇمۇر ھېكايىلىرى ئاساسىي گەۋدىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، «قارا» ۋە «يۇمۇر»دىن ئىبارەت بەدىئىي ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرگەن بولۇپ، «قارا» تىراگېدىيەنىڭ رەڭگى، «يۇمۇر» كومېدىيەلىك ئۈنۈمدىن ئىبارەت. بۇنداق ئەسەرلەردە كومېدىيەلىك شەكىلدىن پايدىلىنىپ، تىراگېدىيەلىك مەزمۇن ئىپادە قىلىنغان بولۇپ، رېئاللىققا بولغان نارازىلىق، ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇتلۇق ئەھۋالىدىن ئەنسىرەش ۋە ھەر خىل قايمۇقۇش كەيپىياتلىرى ئاچچىق كۈلكە ئاستىدا يورۇتۇلۇپ بېرىلىدۇ. ئوقۇرمەن ئاشۇنداق قۇرلارنى ئوقۇۋاتقاندا، ئىختىيارسىز كۈلۈش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ ئاللىقانداق بىر يەرلىرىنىڭ ئازابلىق ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.
قارا يۇمۇر ئەسەرلىرىنىڭ بىر پۈتۈنلىكى شۇ يەردىكى، ئۇ ئەنئەنىۋى ئۇسۇللارغا ئوخشاش تىراگېدىيە ۋە  كومېدىيەنىڭ مەلۇم بىرىنى تاللاپ قوللىنىشىنى ئاساس قىلماي، ئۇلاردىن بىرلا ۋاقىتتا ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، كومېدىيە ئىچىدە تىراگېدىيە، تىراگېدىيە ئىچىدە كومېدىيە بولۇشتەك تىراگېكومېدىيەلىك ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ يۇقىرى بەدىئىي ماھارەت ھاسىل قىلغان. «ساراڭ» تىپىدىكى ھېكايىلەرنى ئوقۇغىنىمىزدا، بۇ خىل ئالاھىدىلىكنىڭ ناھايىتى گەۋدىلىك ئىكەنلىكنى بايقايمىز. مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ مەيلى قايسى ئەسىرىنى ئوقۇيلى بىزنى ھامان كۈلكە قىستايدۇ. كۈلىمىزيۇ، كۈلكە ئىچىدە ئازابلىق ھېسلارغا چۆكىمىز. بۇ خىل كۈلكە يىغا بىلەن سۇغۇرۇلغان ياكى ئازابتىن پارتلاپ چىققان كۈلكە بولۇپ، ھېسام ئاكىنىڭ چاقچاقلىرى پەيدا قىلغان كۈلكە بىلەن ئاسمان-زېمىن پەرق قىلىدۇ.
2) ئەركىن بايان ئۇسۇلى
گەرچە ئوخشاش بولمىغان يازغۇچىلار ئۆزىگە خاس بايان ئۇسۇلىغا ئىگە بولسىمۇ، ئومۇمىي گەۋدىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قارا يۇمۇر ھېكايىچىلىقىنىڭ بايان ئۇسۇلى يەنىلا ناھايىتى زور ئوخشاشلىققا ئىگە. بۇ خىل ئالاھىدىلىك ئالدى بىلەن ھېكايىنىڭ ئەركىن بايان قۇرۇلمىسىدا ئىپادىلىنىدۇ. قارا يۇمۇر ھېكايىلىرىدە ئەنئەنىۋى مەنىدىكى سۇژىت سۇسلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئەسەر قۇرۇلمىسى ئۇنداق مۇستەھكەم بولمايدۇ. ۋەقەلىك ھەم ئەنئەنىۋى ۋاقىت تەرتىپى بويىچە راۋاجلانمايدۇ ھەم ئاتالمىش سەۋەب-نەتىجىلىك مەنتىق يولى ئاساسىدا چوڭقۇرلاشتۇرۇلمايدۇ. بۇ خىل ئەسەرلەرنىڭ سۇژىتى پارچە-پۇرات بايانلار ۋە ئىنچىكە تەپسىلاتلاردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، مەزمۇنى تولىمۇ قالايمىقاندەك كۆرۈنىدۇ. مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «ساراڭ» تىپىدىكى ھېكايىلىرىدە بۇ خىل ئالاھىدىلىكنى روشەن ھالدا تونۇپ يېتەلەيمىز. ئۇنىڭ «ساراڭ» ناملىق ھېكايىسىدىكى تۆۋەندىكى قۇرلار بۇ نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ:
دېھقان كەتمەن چاپقاندا قولىغا تۈكۈرىدۇ، ئۇغۇ كەتمەننىڭ سېپىنى چىڭ تۇتىمەن دەپ شۇنداق قىلىدىغاندۇ، ئەڭ قىزىقى يۈگۈرۈشكە چۈشكەن تەنھەركەتچىلەرمۇ قولىغا تۈكۈرۈپ قويىدۇ. بەزىلەر سوقۇشۇپ قالسا بىر-بىرىنىڭ يۈزىگە تۈكۈرىدۇ. بىزنىڭ كونا ئادىتىمىزدە بالىلارنىڭ بېشىغا چاقا چىقىپ قالسا چوڭلار تۈكۈرۈپ قويىدۇ. ئىشقىلىپ يازىدىغانلا بولساڭ بۇمۇ خېلى قىزىق بىر نېمە بولۇپ چىقىدۇ-جۇمۇ... ئاڭلىدىڭىزمۇ بۇ يىل خوتەندە پاختىنىڭ باھاسى چۈشۈپ كېتىپتۇدەك... سىز نېمىشقا خوتۇنىڭىزغا ۋېلىسىپىت ئېلىپ بەرمەيسىز؟!... بۇندىن كېيىن قارمۇ نورمىلىق ياققۇدەك... شىمالى قۇتۇپتىكى بەزى مەملىكەتلەردە كانكى باغلاپ ئىشقا بارىدۇ، -دەيدۇ، راستمۇ؟
يۇقىرىقى سۆز، جۈملىلەر گەرچە قۇرۇلما جەھەتتىن بىر ئابزاس پۈتۈنلىكىنى ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئىچكى جەھەتتىن (يەنى مەزمۇن جەھەتتىن) ئانچە چوڭ باغلىنىشقا ئىگە ئەمەس. ئوقۇرمەنگە تەبىئىي ھالدا ئاپتور ئالىجوقا جۆيلىۋاتقاندەك، ئەسەرنى پارچە تەپسىلاتلار دۆۋىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويغاندەك تەسىرات بېرىدۇ.
قارا يۇمۇر ھېكايىچىلىقىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، بايانچى بىلەن ئاپتور ئوتتۇرىسىدىكى چېگرانى غۇۋالاشتۇرۇشتۇر. قارا يۇمۇر ئەسەرلىرىدە ئاپتور ئەسەر ئىچىدە ھەرىكەتلىنىۋاتقان بايانچىغا تايىنىپ ۋەقەلىكنى قانات يايدۇرىدۇ. ئەسەردىكى بايانچىغا باھا بېرىشكە قاتنىشىدۇ ياكى ئەسەردىكى مەلۇم بىر پېرسوناژ سالاھىيىتىدە مەيدانغا چىقىدۇ. ئەسەرنىڭ قۇرۇلما قاتلىمىنى ئاشۇرۇپ بايانچى بىلەن ئاپتور، رېئال دۇنيا بىلەن بەدىئىي دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى چەكنى غۇۋالاشتۇرىدۇ. مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «ساراڭ» تىپىدىكى ھېكايىلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئاپتور بىلەن بايانچى ئايرىلغان ھالدا مەيدانغا چىقىدۇ. ئەسەرنىڭ بېشى ئاپتور بىلەن بايانچىنىڭ تۇيۇقسىز ئۇچرىشىپ قېلىشى ياكى ئۆزئارا پارىڭى سۈپىتىدە باشلانسا، ئەسەرنىڭ ئاساسىي قىسمى بايانچىغا تاپشۇرۇلۇپ، ئاپتور چېكىنىپ چىقىدۇ ياكى ئەسەرنىڭ ئاخىرىدىكى ئاز–تولا بايان بىلەن ئەسەرنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.
ئاپتورنىڭ ئۆز ئەسىرىگە ۋە ئەسەردە ياراتقان پېرسوناژلارغا باھا بېرىشى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «ساراڭ» تىپىدىكى ھېكايىلىرىنىڭ كۆپ قىسمىدا ئۇچرايدۇ. بۇ ھېكايىلەردە ئاپتور ئەسەرنىڭ تۇنجى ئوقۇرمىنى بولىدۇ ھەمدە ئەسەر ھەققىدە ئۆزىنىڭ باھاسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىدۇ. ئالايلۇق، مەمتىمىن ھوشۇر «ساراڭ» ھېكايىسىنىڭ ئاخىرىدا ئەسەر ھەققىدە ئۆزىنىڭ ھېچقانداق بىر ئېنىق تونۇشقا كېلەلمىگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق يازىدۇ:
ـ ھە!؟ ـ دەپ چۆچۈپ كەتتىم. ئۆزۈممۇ نەق مۇشۇنداق سوئالنىڭ قويۇلۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ تۇراتتىم. ھەممەيلەننىڭ كۆزى ماڭا تىكىلگەنىدى «ھېچنېمىنى چۈشىنەلمىدىم» دېيىش ساۋاتسىزلىقىمنى ئاشكارىلاش بولىدىغانلىقىنى پەملەپ قالدىم. – يېڭى ئۇسلۇبتىكى ئەسەرلەرنى ئالدىراپ رەت قىلىۋەتكەن بىلەن بولمايدۇ. قېنى ئۆزۈڭلار مۇزاكىرە قىلىپ بېقىڭلار، - دەپلا چىقىپ كەتتىم.
3) بايانچى «بىلمەيدىغان» بايان نۇقتىسى
كىنايە خاراكتېرلىك ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسىدا، بايانچى بىلەن ئاپتور ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ. بۇنداق ئەسەرلەردە بايانچى ھاماقەت، ئالىجوقا سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىدۇ. «مەن» نىڭ ھاماقەتلىكى دەل ئۇنىڭ ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمىگەنلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ. «مەن» بايانچى تۇرۇقلۇق ئۆزىنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى «بىلمەيدۇ»، «بىلمەيدىغان» مەزمۇن «مەن» ئارقىلىق بايان قىلىنىدۇ. ئوقۇرمەن ھەممىنى بىلىدۇ، چۈشىنىدۇ، پەقەت بايانچى ئۆزىلا ئۆزىنىڭ نېمە دەۋەتقانلىقىنى بىلمەيدۇ.
«ساراڭ» تىپىدىكى ھېكايىلەردە، بولۇپمۇ ھېكايىنىڭ باش قىسمىدىكى مۇھەررىر بىلەن مەننىڭ سۆھبىتىدە «مەن» ئالىجوقا، قالايمىقان سۆزلەيدۇ. ئۆزى دەۋاتقان سۆزلىرى ھەققىدە ھېچقانداق تەپەككۇر يۈرگۈزمەيدۇ.
چەت ئەللەردە نامراتلار سەمرىپ، بايلار ئۇرۇقلاپ كېتىۋاتقۇدەك... بىر گالستۇك چىقىپتۇدەك، ئۇنى تاقاپ ياتقان ئادەم پەقەتلا خورەك تارتماسمىش... بىر كۆزئەينەك كەشىپ بوپتىمىش، ئۇنى تاقاپ ئۇخلىسىڭىز چۈشمۇ كۆرمەيدىكەنسىز ...
بۇلارنى ئوقۇۋاتقاندا شۇنى ھېس قىلغىلى بولىدۇكى، بايانچىنىڭ بۇ سۆزلىرى ھېچقانداق مەنتىق باغلىنىشقا ئىگە ئەمەس، گەرچە بايانچى بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ نېمە دەۋەتقانلىقىنى، نېمە ئۈچۈن مۇشۇ گەپلەرنى دەۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ. مانا بۇ قارا يۇمۇر ھېكايىلىرىدىكى بايانچى بىلمەيدىغان بايان نۇقتىسىنىڭ مەمتىمىن ھوشۇر ھېكايىلىرىدىكى كونكرېت ئىپادىسى.
4) تەڭپۇڭسىزلىقنى ئاساسىي لىنىيە قىلغان بايان ئۇسۇلى
ئادەتتە قارا يۇمۇر ھېكايىلىرىدە نورمال ئادەم ياكى نورمال تۇرمۇش تەرتىپى ھامان مەلۇم بىر نورمالسىزلىق ئىچىگە ئېلىپ كېرىلىپ بايان قىلىنىدۇ. بۇنداق تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلۇشى مۇنداق ئىككى تەرەپتە ئىپادىلىنىدۇ: بىرى، ئەسەردىكى پېرسوناژنىڭ پىسخىك تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشى بولۇپ، ئۇنىڭ كەيپىياتى تۇراقسىزلىق ۋە ئۆزگىرىش ئىچىدە تۇرغان بولىدۇ. شۇنداقلا ئۇنىڭغا مەلۇم بىر كونكرېت ئىش سەۋەب بولىدۇ. «بۇرۇت ماجىراسى»نى ئېلىپ ئېيتساق، «مەن»نىڭ پىسخىك كەيپىياتى ئۈزۈكسىز ئۆزگىرىش ۋە توقۇنۇش ئىچىدە تۇرىدۇ. ئۇنىڭ پىسخىك تەڭپۇڭلىقى ئارقا–ئارقىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ. «مەن» «بۇرۇت قويغانلارنى تىزىملاپتۇدەك» دېگەن گەپنى ئاڭلاپ قاتتىق ھەيران قالىدۇ. بىز دەل مۇشۇ نۇقتىنى ئۆلچەم قىلىپ، ئۇنىڭ پىسخىك كەيپىياتىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، «مەن» بۇرۇت ھەققىدىكى گەپ–سۆزلەرنى ئاڭلاشتىن بۇرۇن پىسخىك تەڭپۇڭلۇققا ئىگە نورمال ئادەم ئىدى. كوچىدا تاسادىپىي ئاڭلاپ قالغان بۇ گەپ بىلەن پىسخىك تەڭپۇڭلىقى، نورمال تۇرمۇشى بۇزۇلدى. قوغداش ھەيئىتى ئۆمەرجاننىڭ بايانىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن «مەن»نىڭ قورقۇنچى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، دەككە–دۈككە بىر ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. بۇرۇت ھەققىدە قالايمىقان پىكىر قىلىشقا باشلايدۇ. ئاخىر ئوغلى بىلەن ساتىراشخانىغا بېرىپ، بۇرۇتىنى ئېلىۋېتىپ كۆڭلى ئارام تاپقاندەك ھېس قىلىپ، يەنە بىر پىسخىك تەڭپۇڭلۇققا ئېرىشىدۇ، ئەمما بۇ ھال ئۇزۇنغا بارمايدۇ. «مەن» شەھەر باشلىقىنىڭ ئۆزى بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ يەنە ئەندىشىگە چۈشۈشكە باشلايدۇ. تۈگىمەس خىياللار ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ ھەتتا تۈزۈكمۇ ئۇخلىيالمايدۇ. ئۆزىنى قايتىدىن ياساپ چىقىش خىيالىدىمۇ بولىدۇ. ئاخىرىدا بازار باشلىقىدىن «بۇرۇت ماجىراسى»نىڭ ئەسلىي ئەھۋالىنى بىلگەندىن كېيىن، پىسخىك جەھەتتە نىسپىي تەڭپۇڭلۇق ھالىتىگە ئۆتكەن بولسىمۇ، بىراق ئۆمەرجاننىڭ كېيىنكى بايانلىرىنى ئاڭلاپ يەنىلا گاڭگىراپ قالىدۇ. نورمال ئەھۋاللاردىن گۇمانلىنىپ پىسخىك تەڭپۇڭسىزلىق ئىچىدە قايمۇقۇپ يۈرۈشكە باشلايدۇ. شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، «مەن» «بۇرۇت ماجىراسى» يۈز بەرگەندىن كېيىن، پىسخىك تەڭپۇڭلۇقىدىن ئاساسەن مەھرۇم بولۇپ، نورمال ئادەملىك سالاھىيىتىنى يوقىتىدۇ. «مەن»نىڭ بىر پۈتۈن ئەسەردىكى پىسخىك كەيپىيات ئۆزگىرىشىنى مۇنداق ئىپادىلەش مۇمكىن:
تەڭپۇڭلۇق ـ تەڭپۇڭسىزلىق ـ تەڭپۇڭلۇق ـ تەڭپۇڭسىزلىق ـ نىسپىي تەڭپۇڭلۇق ـ تەڭپۇڭسىزلىق ... ئەڭ ئاخىرىدا، «مەن» پىسخىك جەھەتتە بىنورمال ھالەتكە ئۆتۈپ كېتىدۇ.
يەنە بىرى، پېرسوناژلارنىڭ تۇرمۇش تەرتىپىنىڭ تەڭپۇڭلىقى بولۇپ، ئۇنىڭدا پېرسوناژلارنىڭ ياكى مەلۇم بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئادەتلىنىپ كەلگەن مۇئەييەن قائىدە، تەرتىپى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. قارا يۇمۇر ئەسەرلىرىدە بۇ خىل تەرتىپ ھامان مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ ھەمدە تەرتىپسىزلىك تۈپەيلى ئويلىمىغان نەتىجىلەر كۆرۈلۈپ قالىدۇ. مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «قىرلىق ئىستاكان» ھېكايىسىنى مىسال قىلىپ ئالساق، ئەسەرنىڭ بېشىدا «مەن»، ئابدۇل تېرە، رەجەپ تورپاق، تۇرسۇن تېكىدىن ئىبارەت تۆت ئۈلپەت ھەر شەنبە كۈنى ئاخشىمى بىرەرىنىڭ ئۆيىگە يىغىلىپ ناخشا ئېيتىپ، قارتا ئويناپ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىشنى ئادەت قىلغانىدى. بۇ ئۇلارنىڭ نورمال تەرتىپى بولۇپ، نۆۋەت رەجەپ تورپاققا كەلگەن كۈنى ئۆيگە چاقىرمىغان مېھماننىڭ كىرىپ كېلىشى ئۇلارنىڭ داۋاملىشىپ كەلگەن تەرتىپىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ. تۆتەيلەن «قەھرىمان» نى دوراپ كىچىك ئىستاكاننى تەرك ئېتىپ، چوڭ قىرلىق ئىستاكاندا ئىچىشكە باشلايدۇ. تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇرۇلۇشى پېرسوناژلارنىڭ تەقدىرىدە كەسكىن بۇرۇلۇش ياسايدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلار ئوخشىمىغان قىسمەتلەر ئىچىدە ئەسەرنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، قارا يۇمۇر كۈچەپ ئېچىپ بېرىۋاتقان تۇرمۇش رېئاللىقى ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتى ئەسەرنىڭ بايان شەكلىنىڭ ئۆزگىچە بولۇشىنى بەلگىلىگەن بولسا، باياننىڭ ھەرخىل ئالاھىدىلىكى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە رېئاللىقنىڭ ماھىيىتىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، قارا يۇمۇر پىروزىچىلىقىنىڭ ئاساسىي تېمىسىنى روشەنلەشتۈرۈپ بېرىش رولىنى ئۆتىگەن.
3. خۇلاسە
شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش ھاجەتكى، مەزكۇر ماقالىدىكى سېلىشتۇرما دېتاللار ئارقىلىق قانداقتۇر يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنى «قارا يۇمۇر» ئېقىمىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان ياكى شۇ خىلدىكى ئەسەرلەردىن ئۆرنەك ئالغان دېمەكچى ئەمەسمىز. يازغۇچىمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، «مەن ‹قارا يۇمۇر› ئەدەبىياتىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن»⑪ دەپ ئېيتقان. يازغۇچىنىڭ بايانىغا ئاساسلانغاندىمۇ ئۇ بۇ خىل ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى ئۆگەنگەن ياكى تەقلىد قىلغان ئەمەس. بۇ تەتقىقاتتىن ئاساسىي مەقسەت شۇكى، ئۇيغۇر پىروزىچىلىقىدا مەيدانغا كەلگەن، جۈملىدىن يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «ساراڭ» تىپىدىكى ئەسەرلىرىدە كونكرېت ئىپادىلەنگەن ‹ئاچچىق كۈلكە ئارقىلىق چەكسىز ئەلەم»نى ئىپادىلەشتىن ئىبارەت تىراكومېدىيەلىك ئۇسۇلنىڭ دۇنيا ئەدەبىيات مۇنبىرىدە بارلىققا كەلگەن، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان «قارا يۇمۇر» ئۇسۇلى بىلەن بولغان ئوخشاشلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزدا بارلىققا كەلگەن بۇ خىل ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى نەزەرىيەۋى دەلىللەر ئاساسىدا كۆرسىتىپ ئۆتۈشتۇر.
ئىزاھاتلار:
⑦⑤④① ۋاڭ شياۋلىڭ: «ئامېرىكا قارا يۇمۇر پىروزا تەتقىقاتى»[M]، شاڭخەي چەت ئەل تىللىرى نەشرىياتى، 2006-يىلى نەشرى، 3-،5-،6-،7-بەت.
⑧⑥③② تاھىر ھامۇت: «غەرب مودېرنىزم ئەدەبىياتى ئېقىملىرى»[M]، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل 11-ئاي نەشرى، 477-،478-،479-،481-بەتلەر.
⑨⑩ ئازاد سۇلتان، كېرىمجان ئابدۇرېھىم: «ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخى»[M]، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2001-يىل 9-ئاي، 277-،327-بەتلەر.
⑪ «ئۈچ ئەدىب بىلەن سۆھبەت»، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»[J]، 2008-يىلى 6-سان، 20-بەت.
پايدىلانمىلار:
1) تاھىرجان ھامۇت: «غەرب مودېرنىزم ئەدەبىياتى ئېقىملىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل 11-ئاي نەشرى.
2) ئازاد سۇلتان، كېرىمجان ئابدۇرېھىم: «ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخى»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2009-يىل 9-ئاي نەشرى.
3) ئازاد سۇلتان: «بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدا»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1997-يىلى نەشرى.
4) ۋاڭ شياۋلىڭ: «ئامېرىكا قارا يۇمۇر پىروزا تەتقىقاتى» (خەنزۇچە)، شاڭخەي چەت ئەل تىلى نەشرىياتى، 2006-يىلى 5-ئاي نەشرى.
5) «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، 2008-يىللىق 6-سان.
تەھرىرلىگۈچى: ئابدۇرېھىم زۇنۇن

  
从黑色幽默看“傻”

巴克力阿卜杜热西提  

摘 要:黑色幽默是在美国产生的一个重要的现代主义文学流派,是一种特殊的生活态度、独特的世界观。它要求人们要超越自己和现实,要清醒地认识世界并揭露其荒唐的本质。作者买买提明∙吾守尔创作的“疯子”系列小说从这种角度看,跟黑色幽默文学流派的特点大有相同。本人以黑色幽默小说的内容和叙述特点为主,对买买提明∙吾守尔的“疯子”系列小说的结构特点进行初步分析。

关键词:黑色幽默;《傻子》;结构特点

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللاسى +400 يىغىش سەۋەبى
ئەخەت + 400

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-15 20:36:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم مۇئەللىمگە ۋە مۇئەللىپ ئابابەكرى ئەپەندىگە تەشەككۈر. قارا يومۇر بىر مۇھىم ئەدەبىي ئېقىم، تۇرسۇن مەھمۇد ئاكىمىزنىڭ بىر قىسىم ھېكايىلىرىنىمۇ مۇشۇ ئېقىمغا تەۋەلىگىلى بولىدۇ. كافكانىڭ ئڭقۇرمەنلىرىمىزگە تونۇش بولغان «ئاچلىق سەنئەتكارى» ناملىق نادىر ھېكايىسىمۇ قارا يومۇرچە يېزىلغان ئۈلگىلىك، ساناقلىقلا نادىر ھېكايە ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئۇستاز مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئەسەرلىرى ئۈستىدە يۈرگۈزۈلگەن يەنە بىر ياخشى تەتقىقات بوپتۇ. تەشەككۈر!

ۋاقتى: 2015-12-15 21:19:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت مۇئەللىم.

ۋاقتى: 2015-12-16 11:23:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىنىڭ مۇنداق ئىككى نۇقتىسىغا دىققەت قىلدىم: بىرىنچى  قارا يومۇر پىروزىلىرىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكىنى  ئاپتور بىلەن بايانچىنىڭ ئارىلىقىدىكى چىگرىنى غۇۋالاشتۇرۇش دېيىلىپتۇ، ئەمەلىيەتتە مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ساراڭ تىپىدىكى ھېكايىلىرىدە ئىككى خىل بايانچى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بىرىىنچى بايانچى ئەسەرنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى بايان قىلىش ھوقۇقىنى ئىككىنچى بايانچىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. بۇ قانداقتۇر بايانچى بىلەن ئاپتور ئوتتۇرىسىدىكى چىگرىنىڭ غۇۋالاشقىنى ئەمەس. بايانچى بىلەن ئاپتور ئوتتۇرىسىدىكى چىگرىنىڭ غۇۋالاشتى دېيىش ئەمەلىيەتتە بايانشۇناسلىقتىكى ئاپتور ئەسەردىن ئايرىلىدۇ، دېگەن قاراشقا زىت.   ئىككىنچىسى، بايانچى «بىلمەيدىغان» بايان نۇقتىسىنى قوللانغان دېگەن قاراش. ئەمەلىيەتتە بىلمەيدىغان بايان نۇقتىسى مەۋجۇت ئەمەس، چۈنكى، بايانچىغا نىسبەتەن بىلمەسلىك بايان قىلالماسلىقتىن دېرەك بېرىدۇ . بۇنىڭدىن ماقالە ئاپتورىنىڭ بايانشۇناسلىقتىكى ئۇقۇملاردىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكى مەلۇم. ئەمەلىيەتتە، بۇ بايانچىنىڭ «چەكلىك بىلگۈچى» بايان نۇقتىسىنى قوللىنىشى دەپ ئىشلىتىلىشى كېرەك ئىدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kiwirhemit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-16 11:26  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-16 13:38:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kiwirhemit يوللىغان ۋاقتى  2015-12-16 11:23
ماقالىنىڭ مۇنداق ئىككى نۇقتىسىغا دىققەت قىلدىم: بىرىن ...




      تازا مۇھىم مەسىلىنى تۇتۇپسىز، مەنمۇ ئاشۇ نۇقتىدا ماقالىنى ئىشلىتىش-ئىشلەتمەسلىك ھەققىدە كۆپ ئويلىنىپ، ئاخىرى «چىقىپ باقسۇن، باشقىلار بىر نەرسە دېسە، تالاش-تارتىش ئارقىلىق مۇھىم بىر مەسىلە ھەل بولۇپ قالسا، ئەجەب ئەمەس...» دېگەن ئوينىڭ تۈرتكىسىدە ئىشلەتكەنىدىم. رەھمەت سىزگە!

ۋاقتى: 2015-12-16 17:52:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەلىيەت شۇكى، ئاپتورنىڭ بۇ ماقالىسىدە يېڭىلىق دېيىشكە توغرا كەلسە پەقەت قارا يومۇر پىروزىچىلىقى توغرىسىدا ئىككى ئېغىز گەپ قىلغىنى بولسا كېرەك. بىراق بۇ گەپلەرنىمۇ تاھىر ھامۇت كىتابىدا دەپ بولغان.

ۋاقتى: 2015-12-16 20:22:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم زۇنۇن مۇئەللىمنىڭ ئەجرىگە كۆپ تەشەككۈر

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-14 13:51:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kiwirhemit يوللىغان ۋاقتى  2015-12-16 17:52
ئەمەلىيەت شۇكى، ئاپتورنىڭ بۇ ماقالىسىدە يېڭىلىق دېيىش ...





       بۇ ماقالىدىن نەپ ئالىدىغان ۋە ئالايدىغانلار يەنىلا چىقىشى مۇمكىن...




ۋاقتى: 2016-1-14 15:48:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئەسەرلىرىنى قارا يۇمۇرچىلىق بىلەن باغلاپ تەھلىل قىلىش تاشنى تاياققا تاڭغاندەكلا بىر ئىش.
ئاپتور قارا يۇمۇرچىلىقنى زادىلا چۈشەنمەپتۇ.

ۋاقتى: 2016-1-14 15:56:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارا يۇمۇر ھەققىدە غايەت زور تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارمىسىڭىزمۇ، قارا يومۇر ھەققىدىكى كىتابلارنىڭ ھېچقايسىسىنى ئوقۇمىسىڭىزمۇ، ھېچبولمىغاندا «قارا يۇمۇر»، دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئالدىدىكى «قارا» دېگەن سۆز بىلەن بۇ ئېقىمنىڭ ئىستېتىك پىرىنسىپلىرىنىڭ ئاساسى بولغان «بىمەنە» دېگەن سۆزنى ياخشى چۈشىنىۋېلىڭ.
مەمتىمىن ئاكامنىڭ ھېكايىلىرى بىمەنە ئەمەس بەكمۇ مەنىلىك.

باھا سۆز

ئاقىلانەپىكىر!مەمتىمىن ئاكام تىل ،قۇرۇلماجەھەتتەئاجايىپ ئۇسلۇب ياراتقا  ۋاقتى: 2016-1-14 07:23 PM
ن گېگانت يازغۇچى.  ۋاقتى: 2016-1-14 07:20 PM
ۋاقتى: 2016-1-14 16:00:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەنمۇ مۆجىزە بىلەن تولغان دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. «شائىر» دېگەن سۆزنى توغرا يازالمايدىغانلار شېئىرىيەت ھەققىدە ماقالە يازىدۇ. «تىل» دېگەن سۆزنى توغرا يازالمايدىغانلار تىلشۇناس ھازىر.

ۋاقتى: 2016-1-14 18:41:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىشلەر  ھامان ئىلمى يەكۈن تاپقۇسى...

ۋاقتى: 2016-1-14 22:13:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخەت يوللىغان ۋاقتى  2015-12-15 20:36
ئابدۇرېھىم مۇئەللىمگە ۋە مۇئەللىپ ئابابەكرى ئەپەندىگ ...


ئۇكام، «ئاچلىق سەنئەتكارى» بىلەن «ساراڭ»نى پەقەت كومپيوتېردا، كۇنۇپكا تاختىلىرىدىلا بىر يەرگە ئېلىپ كېلىش مۇمكىن. ئىككى گەپنى بىر يەرگە يازغىنى بولغىنىغا قاراپلا، بىر بىرىگە ئوخشىتىپ قالدىڭىزمۇ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   PerhatTursun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-14 23:18  


ۋاقتى: 2016-3-29 15:20:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەخىرلىك يازغۇچىمىز  مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «ساراڭ» تىپىدىكى ھېكايىلىرىنىڭ قۇرۇلما ئالاھىدىلىكلىرى   تەھلىل  قىلىنىپ يېزىلغان بۇ ئوبزور خىلى ۋەزىنلىك چىقىپتۇ  .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش