يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 682|ئىنكاس: 12

مۇھەممەد بارات تەشنائىي: ئوقۇتقۇچى ۋە مەسئۇلىيەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-14 17:42:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى



                                                   ئوقۇتقۇچى ۋە مەسئۇلىيەت


                                                 مۇھەممەد بارات تەشنائىي
'

                                  (مەكتىپىمىز فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى)


قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە ئوقۇغۇچىلارنى رازى قىلىدىغان لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچى بولۇش ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچىدا كەسپىگە قىزغىن مۇھەببەت ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەت ئېڭى بولۇش، ئۆز ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ئەمەلىي ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش ۋە كۆپ كىتاب ئوقۇشتىن ئىبارەت نېگىزلىك مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلگەن.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى؛ مەسئۇلىيەت؛ ساپا ۋە كىتاب


ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلارنى ئىلىم-مەرىپەتتە، غايە-ئىستەكتە، ئەخلاق-پەزىلەتتە، مۇھىمى ئادىمىلىكتە تەربىيەلىگۈچى ئۇستاز. «ئوقۇتقۇچى ـ ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنېرى»①. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىنى، ئىدىيەسىنى، كەلگۈسىنى، قاياققا قاراپ مېڭىشنى... لايىھەلەيدۇ. شۇڭا «سۆزلەش ئوقۇتقۇچىلارغا ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى باشقىلارنىڭ تەپەككۇرىنى قوزغىتىش ئۈچۈن بېرىلگەن»②. شۇنداق ئىكەن، ئوقۇتقۇچى ھەر بىر ئېغىز سۆزنى ئويلىنىپ دېيىشى، سەزگۈر، ھوشيار، ئاكتىپ، يېڭىلىققا مايىل، شېرىن سۆز، ياخشى تەبىئەتلىك بولۇشى لازىم.
ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنىڭ جاپالىق ھەم شەرەپلىك ئىكەنلىكى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئەمەلىيەت. دۇنيادا مەسئۇلىيىتى ئەڭ ئېغىر ھەم قىيىن ئىش-ئادەم تەربىيەلەش. چۈنكى، «ئوقۇتقۇچى جاۋابكارلىقى ئەڭ كۈچلۈك ۋەزىپىنى ئادا قىلىدۇ. ئۇ ئىنساننى شەكىللەندۈرىدۇ»③ گېرمانلار: «مائارىپ ھەربىي ئىشلاردىنمۇ مۇھىم»④ دەپ قارايدۇ. بىز بۇنىڭدىن مائارىپنىڭ بىر دۆلەت ۋە مىللەت ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىملىقىنى بىلەلەيمىز. شۇ سەۋەبتىن ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى نازۇك ھەم جاپالىق، لېكىن جاپالىق بولغىنى ئۈچۈنلا شەرەپلىك ئەمەس، بەلكى مەسئۇلىيىتى ئېغىر بولغىنى ئۈچۈن شەرەپلىك. شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، مەسئۇلىيەتسىز ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەشتە كەلتۈرۈپ چىقارغان ناچار ئاقىۋەتنى ۋە ئۇنىڭ جەمئىيەتتىكى يامان تەسىرىنى باشقىلارنى ياردەمگە چاقىرىپ ياكى ئىئانە توپلاپ ۋە ياكى باشقا ئۇسۇللارنى قوللىنىپ مەڭگۈ تولدۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭدىن شۇنداق يەكۈنگە كېلىشىمىز ئېنىق: بىز ئوقۇتقۇچىلاردا جاپادىن قورقمايدىغان ئىرادە، كەسىپكە بولغان ئوتتەك مۇھەببەت، ئوقۇغۇچىلارغا، ۋەتەنگە، مىللەتكە بولغان كۈچلۈك مەسئۇلىيەت بولغاندىلا، ئاشۇ شەرەپكە مۇناسىپ كېلىمىز. كونكرېت ئېيتقاندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم چاقىرغان ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى يىغىنىدا شۇجى جاڭ چۈنشيەن ئوتتۇرىغا قويغان: «تارىخىي مەسئۇلىيەت ئېڭى ياخشى ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇش، باشقىلارغا ئۈلگە بولىدىغان ياخشى ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇش، ئەخلاق ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرىدىغان ياخشى ئوقۇتقۇچىلاردىن بۇلۇش، كەسىپتە پىشقان ياخشى ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇش»تىن ئىبارەت «تۆتتە ياخشى ئوقۇتقۇچى»نىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشساق، بىزگە ئوقۇتقۇچىسىغا ئارزۇ-ئارمانلىرىنى، كەلگۈسىنى، تۇرمۇشىنى، خۇشاللىقىنى، غەم-ئەندىشىلىرىنى ھەتتا مۇھەببەت-ھەسرەتلىرىنى... تاپشۇرغان ئاشۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئانىدەك مېھرىبان، ئاتىدەك يۆلەنچۈك، دوستتەك سىرداش بولالىساق، ئاندىن ئاشۇ شەرەپكە مۇناسىپ كېلىمىز. گەرچە بىز سىنىپلارغا كىرىپ دەرس ئۆتۈۋاتقان بولساقمۇ، ھەممىمىزنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئۇستاز بولۇشىمىز، بىز يۇقىرىدا دېگەن شەرەپكە مۇناسىپ كېلىشىمىز ناتايىن. بۇنى ھەر بىرىمىز يۈرىكىمىزگە قولىمىزنى قويۇپ تۇرۇپ: «مەن ئاشۇ شەرەپكە مۇناسىپمۇ؟ مەندە  ئوقۇتقۇچىدا بولۇشقا تېگىشلىك ساپا، مەسئۇلىيەت ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش روھى بارمۇ؟» دېگەن سوئاللارنى قويغان چېغىمىزدا جاۋابى ئۆزىمىزگە ئايدىڭ بولىدۇ. بۈيۈك شائىر ئى. گىيوتىنىڭ: «بىزگە تەلىم بېرىۋاتقانلار ھەقلىق ھالدا بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ھېسابلىنىدۇ. ئەمما بىزنى ئوقۇتۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىلا بۇ نامغا لايىق ئەمەس»⑤ دېگەن سۆزى بىزنى ئويغا سالىدۇ. بىز شۇنى ئېنىق چۈشىنىپ يېتىشىمىز كېرەككى، ئوقۇتقۇچىلار مائاش ئالغۇچى ئەمەس، بەلكى ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم بەرگۈچى ھەم ئىدىيە سىڭدۈرگۈچى، شۇنداقلا ئۆزىنى بېغىشلىغۇچى. ئەگەر بىز مائاشنىڭ قۇلى بولۇپ قالساق، بەكمۇ بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالغان بولىمىز. پەقەت تۇرمۇشىمىزنى قامداش ئۈچۈنلا سىنىپلارغا دەرسكە كىرىپ-چىقىپ يۈرسەك ئۇ ھالدا بىز ئوقۇتقۇچى ئەمەس، بەلكى مائاشچى بولۇپ قالىمىز. ئۇ چاغدا بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كېتىمىز ئېنىق. ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كېتىشىمىز يەنىلا ئۆزىنى تۇيماي دەرسكە كىرىپ يۈرگەن ئوقۇتقۇچىنىڭ ھالىغا ۋاي!... بىز ھېلىھەم نەچچە يىللاردىن كېيىن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالساق، ئۇلار بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى شۇنچىلىك ئەستايىدىل سورىغانلىقىنى، ئون-يىگىرمە يىل بۇرۇن ئاڭلىغان دەرسىنى خۇددى تۈنۈگۈن ئاڭلىغاندەك ھاياجان بىلەن بايان قىلغانلىقىنى، ئاشۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرس ئۆتۈش مېتودىنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلغانلىقىنى، ئەكسىچە ئۆزىگە دەرسكە كىرگەن ئايرىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىسمىنىمۇ ئەسلىيەلمەي: «ھېلىقى بىر ئوقۇتقۇچى بولىدىغان، ئىسمى نېمىتتى؟ بىزگە دەرس ئۆتكەندە شۇنداق قىينىلىپ كەتكەن. بىچارىگە بەكلا ئىچىمىز ئاغرىيتتى. ھازىرمۇ دەرسكە كېرىپ يۈرەمدۇ؟ بىزنىڭ مەكتەپتە بولسا دەرسكىمۇ كىرگۈزمەيدۇ...» دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلاپ قالىمىز. بۇ بىر ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن نېمە دېگەن ئېغىر يوقۇشۇش-ھە!؟...
ئۇنداقتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈپ كەتمەيدىغان، ئۇلار ھەمىشە ياد ئېتىپ تۇرىدىغان ئوقۇتقۇچى بۇلۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلساق بولىدۇ؟
1. كەسپىمىزگە قىزغىن مۇھەببىتىمىز ھەم كۈچلۈك مەسئۇلىيەت ئېڭىمىز بولۇشى لازىم. ھەر بىر ئوقۇتقۇچىدا دەۋر تاپشۇرغان، تارىخ يۈكلىگەن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئالالايدىغان ئىرادە بولۇشى كېرەك. بىزدە ئۆزىمىز قىلىۋاتقان ئىشلاردىن ئاغرىنىدىغان، ۋايسايدىغانلار خېلى سالماقنى ئىگىلەيدۇ. خاپا بولۇپ، ئاغرىنىپ ئۆتكەن دەرسىنىڭ قانچىلىك ئۈنۈمى بولىدۇ؟ ئوقۇغۇچىلارغا چىن كۆڭلىدىن كۆيۈنمەي مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن بەرگەن تەربىيەنىڭ قانچىلىك تەسىرى بولىدۇ؟ «مۇۋەپپەقىيەتلىك تەربىيەنىڭ سىرى ـ ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ھۆرمەتتە»⑥ پەقەت ساپ قەلبتىن چىققان سەمىمىي سۆزلەر باشقىلارغا تەسىر قىلىدۇ. بىز ئوقۇغۇچىلارغا تەربىيە بەرگەندە «ياخشى سۆز تاشنى ئېرىتىدۇ» دېگەن ھېكمەتنىڭ تېرەن مەنىسىنى يادىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز، شۇنداقلا گېزى كەلگەندە ھەربىر ئېغىز سۆزىمىزنىڭ شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ كېيىنكى ھايات يولىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك. نۆۋىتى كەلگەندە بىزنىڭ بىر ئېغىز ئىلھاملاندۇرۇشىمىزنىڭ تۈرتكىسىدە بىر ئوقۇغۇچى داڭلىق ئادەم بولۇپ كېتىشى، ئەكسىچە بىر قېتىملىق خاتا تەنقىدنىڭ تەسىرىدە تالانتىنى جارى قىلدۇرماسلىقى، ئۈمىدسىزلىنىپ ئىقتىدارى كۆمۈلۈپ كېتىشى مۇمكىن. بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن كۆرە ئارتۇقچىلىقىنى كۆپرەك كۆرۈش، تەنقىدتىن كۆرە ئىلھاملاندۇرۇشنى كۆپرەك قىلىش، ئەڭ مۇھىمى ئۇلارنى چۈشىنىش كېرەك. ك.د.ئوشنىسكىنىڭ: «ئەگەر پېداگوگ ئىنساننى ھەر تەرەپلىمە تەربىيەلەشنى خالايدىكەن، ئۇ ھالدا ئالدى بىلەن ئۇ ئىنساننى ھەر تەرەپلىمە چۈشىنىشى كېرەك»⑦ دېگەن سۆزى تولىمۇ توغرا ئېيتىلغان. ئۇلارنى چۈشىنىپ مەسئۇلىيەت بىلەن بەرگەن تەربىيە بىز يۇقىرىدا دېگەندەك ئۇلارنىڭ بىر پۈتۈن ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. نادانلىق، جاھالەت ھۆكۈم سۈرگەن 1930-يىلنىڭ بېشىدا ئوت يۈرەك شائىر، قەيسەر مائارىپچى ھەم ئىسلاھاتچى مەمتېلى تەۋپىق ئەپەندى مىللەتنىڭ غېمىنى يەپ، نادانلىقتا ئىڭراۋاتقان خەلقىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي، جەمئىيەتتىكى كىشىلەرگە تەشۋىق قىلىپ، بايلارنى سەپەرۋەر قىلىپ پۇل يىغىپ، ناھايىتى قىسقا ۋاقىتنىڭ ئىچىدە ئاتۇشنىڭ 24 كەنتىدە 24 سىنىپ ئېچىپ، يېڭى مائارىپنى يولغا قويغاندا، بىر سىنت مائاش ئالمىغاننىڭ ئۈستىگە، باشقىلارنىڭ تۆھمەت، ھاقارەتلىرىگە ھەتتا زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغاندىمۇ قىلچىلىك ۋايسىمىغان. چۈنكى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا كەسىپكە نىسبەتەن قىزغىن مۇھەببەت، مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن كۈچلۈك مەسئۇلىيەت يېلىنجاپ تۇراتتى. ئەڭ مۇھىمى، ئۇ جالالىدىن رومىنىڭ: «دۇنيادىكى زىندانلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ دەھشەتلىكى يەنىلا ئادەمنىڭ بېشىدىكى زىنداندۇر»⑧ دېگەن ھېكمەتنىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى چۈشەنگەن بولغاچقا، نادان خەلقنى ئاشۇ زىنداندىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى دەپ بىلگەنىدى. ھۆرمەتكە سازاۋەر رەھبىرىمىز، تالانتلىق ئەدىب سەيپىدىن ئەزىزى ۋە باشقا كۆپلىگەن كىشىلەر ئاشۇ تەۋپىق ئەپەندى مائارىپنىڭ ھەم مەسئۇلىيەت ئېڭىنىڭ مېۋىسى. بۈگۈنكى كۈندە تەۋپىق ئەپەندىنىڭ مائارىپقا ئۆزىنى بېغىشلاش روھى، تارىخ يۈكلىگەن مەسئۇلىيەتنى ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن ئادا قىلىشى بىزگە مەنىۋى ئوزۇق بولۇشى لازىم.
2. ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىمىزنىڭ ساپايىمىزنى يېتىلدۈرۈشىمىز لازىم. ئېلىمىزدە ساپا مائارىپى يولغا قويغىلى نەچچە 10 يىل بولدى. لېكىن ئۈنۈمى دېگەندەك ئەمەس. نېمىشقا شۇنداق بولىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەرخىل بولۇشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ بىز ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىمىز بىلەن سەۋەبنى ئۆزىمىزدىن ئىزدىسەك، كۆپىنچىمىزنىڭ نەزەرىيە بىلىمىز يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمەلىي ساپايىمىز تۆۋەن. بىز تېخىچە بىلىمنى سىنىپتىن جەمئىيەتكە ھېچ بولمىغاندا، ئۆزىمىزگە يۈزلەندۈرەلمىدۇق. مۇنداق دېسەم بەزىلىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە كېلىشى مۇمكىن، شۇنداقتىمۇ ئەمەلىيەتنى ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇ: قېنى بىزنىڭ قايسى تەتقىقات نەتىجىمىز كارخانىلارغا يۈزلىنىپ ئىشلەپچىقىرىلدى؟... ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغانلارنىڭ قانچىسى جەمئىيەتتە كۆرگەن تۈرلۈك مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ ماقالە يازالايدۇ؟ فىزىكا كەسپىدە ئوقۇغانلارنىڭ قانچىسى ئۆيىدىكى تېلېۋىزورنى ئوڭشىيالايدۇ؟ تارىخ كەسپىدە ئوقۇغانلارنىڭ قانچىسى ئۆزىنىڭ جەمەتىنىڭ تەزكىرىنى يېزىپ چىقالايدۇ؟ مۇزىكا كەسپىدە ئوقۇغانلارنىڭ قانچىسى بېرەر ئاھاڭ ئىجاد قىلىپ جەمئىيەتكە تارقىتالىدى؟ خەنزۇ تىلى كەسپىدە ئوقۇغانلارنىڭ قانچىسى بېرەر كىتابنى تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇردى؟... شۇنداق قىلالايدىغانلار بەكلا ئاز، بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا. چۈنكى: «بىز بالىنىڭ قولىدىكى لاي توپىنى تارتىۋېلىپ، ئۇنىڭغا جۇغراپىيە ئۆگىتىمىز، ئۇنىڭ ئېغىز ئېچىشىغا يول قويماستىن، گىرامماتىكا ئۆگەتمەكچى بولىمىز. بالىنىڭ تەشنا بولۇۋاتقىنى داستان، ئۇنىڭ ئېرىشكىنى بولسا، سان-ساناقسىز تارىخىي پاكىتلار بىلەن تولغان ئاي-كۈنلەر. ئۇ ئىنسانلار دۇنياسىدا ياشاۋاتقان بولسىمۇ، تېرىك پاتېفون دۇنياسىغا سۈرگۈن قىلىنغان... مۇنداق مائارىپ نېمە دېگەن ئازابلىق!»⑨ باشتا دېگەندەك كۆپىنچىمىز نەزەرىيەنى بولۇشىغا سۆزلەيمىز، ئەمەلىيەتتىن ئۆزىمىزنى قاچۇرىمىز. شۇنداق بولغانىكەن، ئوقۇغۇچىلارنى ئەمەلىيەتكە يېتەكلىشىمىزدە مەلۇم مەسىلە مەۋجۇت. بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋەزىپىسى نەزەرىيەنى بايان قىلىش بولماستىن، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاش، گېزى كەلسە ئەمەلىيەتتىن نەزەرىيە يەكۈنلەش بولۇشى لازىم. «قابىلىيەتسىز ئوقۇتقۇچى ھەقىقەتنى ئاددىي سۆزلەپ قويۇپلا بولدى قىلىدۇ. ياراملىق ئوقۇتقۇچى ھەقىقەتنى تېپىشقا ئۆگىتىدۇ»⑩ شۇنداق ئىكەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇسسىغان يېرىگە بارىدىغىنى، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىغىنى كىتابتىكى تەييار نەزەرىيە بولماستىن، شۇ نەزەرىيەدىن پايدىلىنىپ قول سېلىپ ئىشلەش بولۇشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋۋال ئوقۇتقۇچى ھەم نەزەرىيەنى سۆزلىيەلەيدىغان، ھەم ئۆزى قول سېلىپ قىلالايدىغان ساپانى ھازىرلىشى زۆرۈر. قىسقىسى، ھەر بىر ئوقۇتقۇچى: «كەسپىي ئورۇننىڭ يوقلىقىدىن ئەنسىرەش، كەسپىي ئورۇنغا خاس قابىلىيەتنىڭ يوقلىقىدىن ئەنسىرىشى كېرەك. ئۆزىنى چۈشۈنىدىغان ئادەمنىڭ يوقلىقىدىن ئەنسىرىمەي، بەلكى ئۆزىدە باشقىلارنىڭ چۈشىنىشىگە ئەرزىگۈدەك قابىلىيەتنىڭ بار-يوقلىقى ھەققىدە ئىزدىنىشى كېرەك»⑪ شۇنداق قىلغاندا تەرەققىي قىلالايدۇ.
بىز ئوقۇتقۇچىلار كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىمىز لازىم. ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بولالايدىغان، كەسىپتە پىشقان ئوقۇتقۇچى بولۇش ئۈچۈن كىتابنى ئۆمۈرلۈك دوست تۇتۇشىمىز كېرەك. بۈيۈك ئەدىب ئۇ.تېككېربىي: «كىتابلار قەلبنى يورىتىدۇ. ئىنساننى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرىدۇ ۋە كۈچ-قۇۋۋەت قوشىدۇ. ئەڭ ياخشىسى ئارزۇ-تىلەكلەرنى ئويغىتىدۇ، ئەقىلنى ئۆتكۈر قىلىدۇ ۋە يۈرەكنى يۇمشىتىدۇ»⑫ دېگەنىدى. ئەگەر ھەر بېرىمىز بۇ سۆزنىڭ مەنىسىگە چوڭقۇر چۆكەلىسەك، كىتابنىڭ بىز ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈنلا ئەمەس، ھەربىر ئىنسان ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىملىقىنى بىلىپ يېتىمىز. بىز كىتابنى كۆپ ئوقۇساق، سىنىپتا ئەركىن-ئازادە سۆزلىيەلەيمىز. ئۆزىمىزنىڭ كەسپىنىڭ يېڭى ئۇچۇرلىرىغا ئىگە بولالايمىز. مەنىۋىيىتىمىزنى بېيىتالايمىز. بىزدە كىتاب ئوقۇيدىغانلارمۇ كۆپ بولسىمۇ، شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئوقۇمايدىغانلار خېلى كۆپ. «بىز دەرسلىك كىتابلارنىڭ ۋاراقلىرى بىلەن قەلبىمىزنىڭ دېرىزىلىرىنى چاپلىۋېتىشكە ئادەتلىنىپ قالدۇق. كىتابلاردىكى قۇرۇق گەپ-سۆزلەرنى بەدىنىمىزگە سېغىز لايدەك چاپلىۋېتىپ، ئۇنى ھەقىقەتنىڭ بارلىق بىۋاسىتە كۆيۈنۈشلىرىنى سېزەلمەيدىغان قىلىپ قويدى»⑬ بىر قىسىملىرىمىز نەچچە ئون يىل دەرسلىك كىتابنىڭ سىرتىغا چىقماي، مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى كۆرمەي، بىلىمىمىزنى يېڭىلىماي كەلگەچكە، شۇنداق بولدى. بۇ مەسىلىنىمۇ ھەر بېرىمىز يالغۇز ئولتۇرۇپ: «مەن كىتابخانىغا كىرمىگىلى قانچە ئاي بولدى؟ ئۆيۈمدە كىتاب ئىشكاپى بارمۇ، قانچىلىك كىتاب بار؟ قانچىلىك كەسپىي ژۇرنالغا مۇشتەرى بولدۇم؟ ھەر ئايلىق مائاشىمدىن قانچە پۇلغا كىتاب سېتىۋالدىم؟...» دېگەن سوئاللارنى قويساق، ھەممىسى ئايدىڭ بولىدۇ. دېھقانلارمۇ كۈزدە پاختا ساتقان پۇلىنىڭ مەلۇم قىسمىغا كېلەر يىللىق تېرىلغۇ ئۈچۈن يالتىراق، ئوغۇت ۋە باشقا لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋالغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز لازىم.
بىز ئوقۇتقۇچى-ئۇستاز بولغانىكەنمىز، ھەممىمىزنىڭ قەلبىدە ئۆز كەسپىمىزگە نىسبەتەن ئوتتەك مۇھەببەت، كۈچلۈك مەسئۇلىيەت يالقۇنجىسۇن! بۇ يالقۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيەسىنى، كەلگۈسىنى يورۇتسۇن! چۈنكى ئۇستاز يۈسۈپ خاس ھاجىب ئېيتقاندەك: «بىلىم ـ دوزاخ ئىشىكىنى پىچەتلەيدىغان تامغا». بۇ تامغا ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئالغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قولىدا.
ئىزاھاتلار:
①②③⑤⑥⑦⑨⑫ «تەپەككۇر گۈلشەنى»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1988-يىل 6-ئاي 1-نەشرى، 1991-يىل 11-ئاي 2-بېسىلىشى، 234-،240-،235-،237-،241-،344-بەتلەر.
④⑧ باتۇر روزى: «باش زىندانلىرىغا ھۇجۇم»، قاغىلىق ناھىيەلىك مائارىپ سىستېمىسى كومىتېتى، 2002-يىلى باستۇرغان كىتاب، 1-،8-بەتلەر.
⑩⑫ «تەپەككۇر گۈلشەنى» قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1988-يىل 6-ئاي 1-نەشرى، 1991-يىل 11-ئاي 2-بېسىلىشى 237-بەت.
⑬⑨ «تاگۇرنىڭ دۇردانە سۆزلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1996-يىل 6-ئاي 1-نەشرى، 233-بەت.
⑪ «دانالار دۇردانىلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2001-يىل 3-ئاي 1-نەشرى، 85-بەت.
تەھرىرلىگۈچى: ئابدۇرېھىم زۇنۇن


论教师及其责任

买买提﹒巴热提﹒塔西钠依

摘  要:本文主要围绕要成为让学生满意的、合格的教师,应该热爱本专业,具有强烈的责任意识,不断提高自身素质,培养实际能力,多读书等根本问题进行了论述。

关键词:师生;职责;素质和书籍



              

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللاسى +100 يىغىش سەۋەبى
بىلىگ2050 + 100

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-14 19:22:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەد بارات تەشنائىينىڭ بۇ ماقالىسىدىن سۆيۈندۈم .
ئابدۇرېھىم زۇنۇن مۇئەللىمنىڭ ئەجرىگە كۆپ تەشەككۈر !

ۋاقتى: 2015-12-14 20:27:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىدا ئوتقۇچىنىڭ مەسئۇلىيەت-مەجبۇرىيەتلىرىگە ئەمەلى پاكىتلار ئارقىلىق ئىلمىي چۈشەنچە بىرلىپتۇ.

ۋاقتى: 2015-12-14 22:44:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتۇرنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، قەلىمىگە بەرىكەت تىلەيمەن....

ۋاقتى: 2015-12-14 22:53:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن،مۇئەللىم!
ئەزىز تەنلىرىگە سالامەتلىك،قەلەملىرىگە بەرىكەت تىلەيمەن!
ئابدۇرېھىم زۇنۇن مۇئەللىمنىڭ  ئەجرىگە كۆپ رەھمەت.

ۋاقتى: 2015-12-14 23:25:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم تاشنايىنىڭ ماقالىسىنى ئوقۇپ سۆيۈندۈم، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىززەت-ئىناۋېتى دەل ئۆز ىنى تونۇپ ،ئوقۇغۇچىلار ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى چىن يۈرىكىدىن تونۇش ۋە ئىجرا قىلىشتا.رەھمەت سىزگە مۇھەممەتجان،بۇرادىرىم ئابدۇرېھىمنىڭ ئەجرىگە تەشەككۇر.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-15 12:47:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



      ئاپتورغا ۋە ئۆزۈمگە ۋاكالىتەن ھەممىڭلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن، بۇرادەرلەر...

ۋاقتى: 2015-12-15 13:13:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپ تەتقىقاتى-ھەممىمىز كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك موھىم ساھەلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بالىسىنىڭ بەختلىك بولۇشىنى ئارزۇ قىلمايدىغان ئاتا-ئانا يوق. بالىسىغا كۆڭۈل بۆلگەن ھەر قانداق ئاتا-ئانا مائارىپقا كۆڭۈل بۆلىدۇ...

ۋاقتى: 2015-12-15 17:15:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما بەك ياخشى يۇرۇتۇلۇپتۇ. ماقالە ئاپتورىغا ۋە بىزگە ئوقۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن ئابدۇرېھىم مۇئەللىمگە تەشەككۈر.

ۋاقتى: 2015-12-16 20:21:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم زۇنۇن مۇئەللىمنىڭ ئەجرىگە كۆپ تەشەككۈر

ۋاقتى: 2016-1-1 13:38:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازنىڭ باسقان ئىزلىرىدىن گۈل ئۈنسۇن ، ئابدۇرېھىم مۇئەللىمگىمۇ كۆپ تەشەككۈر ئىيتىمەن .

ۋاقتى: 2016-3-6 17:51:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەد بارات تەشنائىينىڭ «  ئوقۇتقۇچى ۋە مەسئۇلىيەت » دېگەن ماقالىسى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇقەددەس بۇرچىنى ھەقىقەتەنمۇ ياخشى يورۇتۇپ بېرىپتۇ ، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىززەت-ئىناۋېتى دەل ئۆزىنى  ياخشى تونۇپ ،ئوقۇغۇچىلار ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى چىن يۈرىكىدىن تونۇش ۋە بىجاندىل ئىجرا قىلىشتا ،  مەن ئاپتورنىڭ ئەجرىگە رەھمەت ئېيتىمەن .

ۋاقتى: 2016-3-6 17:57:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« ئوقۇتقۇچى ۋە مەسئۇلىيەت » دېگەن  بۇ ماقالىدە ئوقۇغۇچىلارنى رازى قىلىدىغان لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچى بولۇش ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچىدا كەسپىگە قىزغىن مۇھەببەت ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەت ئېڭى بولۇش، ئۆز ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ئەمەلىي ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش ، ئەۋلادلارغا ھەقىقىي كۆيۈنۈش ۋە كۆپ كىتاب ئوقۇپ ، ئەتراپلىق مول بىلىمگە ئىگە بولۇشتىن ئىبارەت نېگىزلىك  تۈپ مەسىلىلەر ياخشى يورۇتۇپ بېرىلىپتۇ، بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇقەددەس مەجبۇرىيىتىنى ھەقىقى تونۇتىدىغان ياخشى ماقالە ئىكەن .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش