مىرئەھمەد مامۇتنى تەسەۋۋۇر قىلىش
مىرئەھمەد مامۇت
مېنى بىر تال تاش دەپ ئويلاڭ
ئاندىن مېنى مەنزىلگە قارىتىپ ئېتىڭ .
قەلبىڭىزنى توسقان بۇلۇتلارنى
مەن ئارقىلىق چېقىۋىتىڭ .
مېنى بىر بۇردا نان دەپ ئويلاڭ
ئاندىن يالماپ يۇتىۋىتىڭ .
باھار مەڭزىڭىزگە سۆيگەندىن كىين
مېنىڭ نان ئىكەنلىكىمنى ئۇنتۇپ كېتىڭ .
مېنى بىر چىمدىم تۇپراق دەپ ئويلاڭ
ئاندىن يول-يوللارغا چېچىۋىتىڭ .
ئالتۇن رەڭ سىزنىڭ بولسۇن
ماڭا ۋاپا رەڭگىدە ھەل بېرىڭ .
مېنى بىر دەريا دەپ ئويلاڭ
ئاندىن ماڭا چۆمۈلۈڭ .
بىلىق ، سۇ ، قىرغاق سىزنىڭ بولسۇن
ماڭا بىر پارچە مۇھەببەت بېرىڭ .
2015-يىلى 11-دېكابىر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-14 18:26
|