قاتتىق قىلما باغرىڭنى ئۇنداق
ئابلىپىز ئىدىرىس
سۆيۈپ قالغان گۇناھ مەندىدۇر،
باردۇر ئوتقا سالغان گۇناھىڭ.
قاتتىق قىلما باغرىڭنى ئۇنداق،
ياشقا تولار بىر جۈپ نىگاھىم.
ئەيىپلىمە يالغۇز قويدى دەپ،
ئاغرىنمىدىم مەنمۇ ھېچقاچان.
تۇقۇمۇچى قىز، پادىچى يىگىت،
چۆچىكىنى ئوقۇپ ھەر زامان.
قېتىلمىغان بەلكىم رىسقىمىز،
يارالمىغان مەنمۇ سەن ئۈچۈن.
بولۇپ قالاي ئەسلىمەڭدە ھەم،
ئېچىلمىغان سىر ۋە يات يۇچۇن.
ئۆتۈپ ئەسىر ياكى بىر دەۋىر،
قالار بىزدىن شۇنداق رىۋايەت.
يىتەلمىگەن مۇرادلىرىغا،
ھاياتىدا تارتىپ مۇشاقەت.
2015-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى