ماڭا نېمە بولغاندۇ؟
(ھېكايە)
تۇرسۇنجان ھەسەن
گېزىت-ژۇرناللارغا ئەۋەتكەن ئەسەرلىرىم ئېلان قىلىنمىغانسېرى جىلى بولىدىغان، تەھرىرلەردىن خاپا بولۇپ سۆزلەيدىغان، مۇناسىۋەت قىلىشقا ماھىر بولالمىغانلىقىدىن رەنجىيدىغان بولۇپ يۈرسەم، يېقىندا يەنە ئادەمنى خاپا قىلىدىغان بىر ئىش يۈز بەردى. «باياۋان» ژۇرنىلىغا بەرگەن ھېكايەمنى تەپسىلى خەۋەرگە ئوخشاپ قاپتۇ، پىرسۇناژلار ئوبرازى يارىتىلماپتۇ، تىپىك مۇھىت تەسۋىرلەنمەپتۇ، تىپىك ئىشلار ھېكايە قىلىنماپتۇ، دەپتۇ ئېيتاۋۇر، بۇ ھېكايەمنىمۇ باسماپتۇ.
-كىم بەرگەن ھاكاۋۇرلۇق بۇ، بىر ناھىيە دەرىجىلىك ژۇرنالمۇ ئەسەرلىرىمنى باسمىسا؟!
«باياۋان» ژۇرنىلىدىكى پاينەكباش مۇھەررىر بىلەنغۇ بىز بىر مەكتەپتە ئوقۇغان. ھازىرمۇ بىرەر چەينەك مۇسەللەس تاپساق بىرگە ئىچىپمۇ قويىمىز. مۇناسىۋىتىمىز ئالاھىدە ياخشى دەپ ئويلايتتىم. ھەر قېتىم ئەسەر ئېلىپ كىرگىنىمدە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:
-ئىجادىيەتتە ئىلگىرلەۋاتىسىز، پروزىغا خىلى كىرىشىپ قالدىڭىز، كۆڭلىڭىزگە كەلمىسۇن، تەپسىلاتلار تەسۋىرىگە سەل ئەھمىيەت بەرسىڭىز، تەپسىلاتلار تەسۋىرى پىرسۇناژلار ئوبرازىنى ئېچىپ بېرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلسا، قانداق دېدىم؟
مەنمۇ ئۇنىڭ گەپ-سۆزلىرىنى ئورۇنلۇق دەپ قارايتتىم، ئەمما، ئىجادىيەت جەريانىدا ئۇنىڭ دېگەنلىرىگە ئەمەل قىلىپمۇ بولالمايتتىم. بىر نەچچە پارچە ئەسىرىم «باياۋان» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مەنمۇ بۇ خىلۋەت نەھىيەدە كۆزگە كۆرۈنۈپ قالغان ئىدىم. يېقىندىن بىرى غايەت زور ئىشتىياق بىلەن يازغان ئەسەرلىرىم ئېلان قىلىنمايدىغان بولىۋالدى. ھەتتا «باياۋان» ژۇرنىلىدىمۇ ئەسەرلىرىم ئېلان قىلىنمىدى.
-«باياۋان» ژۇرنىلى قانچىلىك ژۇرنالتى؟ ئېلان قىلىنمىسا، ئېلان قىلىنماس، ئەسەرلىرىم، بۇ ژۇرنال ئېلان قىلمىسا ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنىۋاتقان 70 نەچچە ژۇرنال بارغۇ؟
مەن ئەسەرلىرىمنى ئۇيغۇر تىلىدا ئېلخەت ئادرېسى بار گېزىت-ژۇرناللارنىڭ ھەممىسىگە ماڭدۇرۇپ باقتىم. ئادەمنى خۇشال قىلىپ: «ئەسەرلىرىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق، ئۇزاقتىن بېرى بىزنى قوللىگىنىڭىزغا رەھمەت» دېگەن كۆزنەك چىققاندا، ئەسەرلىرىم ئېلان قىلىنغاندەك خۇشال بولۇپ كېتەتتىم. يېقىندا تېلىفۇنۇمغا مۇنداق بىر پارچە ئۇچۇر كېلىپ قالدى: «مۆھتىرەم ئاپتۇر ئەسەرلىرىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق، بىزنى قوللاپ ئەسەر ئەۋەتكىنىڭىزگە رەھمەت! ژۇرنىلىمىز دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا ئاشكارە تارقىتىلىدىغان پەسىللىك ئۇنىۋېرسال ئەدەبىي ژۇرنال. سۈپىتى يوقۇرى ئۇنىۋېرسال ئەسەرلىرى بىلەن سىزگە زور مەنىۋىي مەنپئەت، ئىستېتىك قىممەت، بەدئىي لەززەت بېغىشلايدۇ. ئەتراپىڭىزدىكى پوچتاخانىلار ئارقىلىق كېلەر يىللىق سانلىرىغا مۇشتەرى بولۇڭ، ئەسەرلىرىڭىزنىڭ ئېلان قىلىنىشى، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تارقىلىشى ئۈچۈن ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە تەۋسىيە قىلىپ قۇيۇڭ، مۇشتەرى كۆپەيتىشكە ھەمكارلىشىڭ، سىزگە ئېھتىراملار يار بولسۇن.» مەن بۇ ئۇچۇرنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. ئەمما، بىزنىڭ ئىدارىدىكىلەر ئەدەبىي ئەسەرلەرگە ئەمەس، خەۋەرلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرەتتى. بىر پارچە خەۋەر چىقسا 600 يۈەن ئىدى.10 سان ئەدەبىي ژۇرنالغا مۇشتەرى بولۇپ بەرسەم، نەچچە پارچە ئەسىرىمنى باسار؟!
يېقىندىن بېرى ماڭا نام چىقىرىش كېسىلى يۇقۇپ قالدى. نام-ئاتاق قازىنىش ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتىن يانمايدىغان بولۇپ قالدىم. ئىدارىمۇ مېنىڭ يېزىقچىلىقتىكى قابىليىتىمگە ھۆرمەت قىلىپ، مېنى مەخسۇس تەشۋىقات خىزمىتىگە ئاجرىتىپ قويدى. يازغانلىرىم چوقۇپ ئاپتونۇم رايۇن دەرىجىلىك گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىشى لازىم ئىدى. يازغانلىرىم ئانچە-مۇنچە چىقىپ تۇراتتى.
بىر كۈنى «باياۋان» ژۇرنىلىدىكى پاينەكباش مۇھەررىر:
-بىر ئۆمۈر خەۋەر يازسىڭىزمۇ، خەۋەرلەرنى توپلاپ كىتاب قىلغىلى بولمايدۇ، ئەڭ ياخشىسى پىروزا يېزىڭ. راست ئادەم، راست ئىشلارنى تىپىكلەشتۈرۈپ يازسا ئاجايىپ ئېسىل پروزا ئەسەرلىرىنى مەيدانغا كەلتەۈرگىلى بولىدۇ. ئالىي مەكتەپنىڭ تىل-ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان ئادەم خەۋەر يېزىپ ئۆمۈرىنى زايە قىلىۋەتسە بولمايدۇ.-دېگەنىدى.
مەن شۇنىڭدىن كېيىن ئويلىنىشقا باشلىدىم. «دۇنيانى زىل-زىلگە سالغان ئون كۈن» دېگەن ئەسەرمۇ ئەدەبىي خەۋەرغۇ؟ خەۋەر يازغاننىڭ نەرى يامان؟ ئەمما، ھازىرغا كەلگۈچە بېرەر مۇخبىرنىڭ خەۋەرلىرى توپلاپ قىلىنمىدىغۇ؟ بىز ئاجايىپ خەق. چوڭ ئىش قولىمىزدىن كەلمەيدۇ، كىچىكلىرىنى ياراتمايمىز. خەۋەر يازسام نېمە بوپتۇ دەيمەن. بۇ ناھىيەدە مېنىڭ ئالدىمغا ئۆتىدىغان مۇخبىردىن نەچچىسى بار؟ ئالىي مەكتەپنىڭ تىل-ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغانلار ساماندەك، بىزدەك يازالايدىغانلار قانچىلىك؟!
مەن يېزىش قارارىغا كەلدىم. ئاددىي ھېكايىلەرنى يازدىم. يازغانلىرىمنى «باياۋان» ژۇرنىلىغا ئۇدۇللۇق بېرىپ تۇردۇم. پايناكباش مۇھەررىر يازغانلىرىمنى خىلى ئېلان قىلىپ بەردى. مېنىڭ يازغانلىرىم بىلەن ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىم ئوتتۇرىسىدا ئاسمان-زېمىن پەرق بار ئىدى. يېقىندىن بۇيان بۇ ژۇرنالمۇ ئەسەرلىرىمنى ئېلان قىلمايدىغان بولىۋالدى. ئۆتكەن يىلى كەچكۈزدە مەلۇم بىر ژۇرنالغا ئەسەر ئەۋەتسەم، ژۇرنالدىن: «سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىز تەييار قىلندى،سۈزۈك چۈشكەن سۈرىتىڭىزنى تۈۋۈندىكى ئادرېسقا يوللاپ بېرىڭ» دېگەن ئۇچۇر كېلىپ قالدى.خۇشاللىقمدا رەسسىمخانىغا بېرىپ ئۆلچەملىك سۈرەتكە چۈشۈپ يوللاپ بەردىم. تەييار قىلىنغان ئەسەرلىرىم ھازىرغىچە ئېلان قىلىنمىدى.
ئەسەرلىرىمنىڭ ئېلان قىلىنماسلىقى، روھى بېسىمىمنىڭ ئېشىپ بېرىشى، ئارقامدىن قىلىنىۋاتقان گەپ-سۆزلەرنىڭ ئېشىپ بېرىشى، بىر نەچچە ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان سويما ئاپتۇرلارنىڭ كۆرەڭلەپ كېتىشى-مېنىڭ ئارامىمنى پۈتۈنلەي بۇزۇپ تاشلىدى. تاشلىۋەتكەن يامان ئادەتلىرىمنى يەنە تېپىۋالدىم. تۇنۇش-بىلىشلەرنىڭ ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنىپ قالسا كېچىچە ئۇخلىيالمايمەن. تەڭ-تۈشلەرنىڭ كىتابلىرى چىقىپ قالسىمىغۇ تۇرمۇش ماڭا ھارام بولىدۇ. قوينۇمغا سېلىۋالغان ئەسەرلەرنى قاۋاقتا ئوقۇپ، ئاپتۇرلىرىنى ئەڭ يامان سۆزلەر تىللاپ، سورۇن ئەھلىنى ھەيران قالدۇرىمەن. بىر ساۋاقدىشىم ھەدىيە قىلغان كىتابنى كۈندە بىر ۋاراقتىن كۆيدۈرۈپ يۈرگىنىمگە بەك ئۇزۇن بولدى. كۆيدۈرۈپ تۈگىتەلمىدىم.
پاينەكباش مۇھەررىر مۇلايىملىق بىلەن:
-يېزىقچىلىقمۇ بىر خىل كەسىپ، بىر خىل ھۈنەر. ھۈنەرۋەن ئۆز كەسپىگە ئەقىدە قىلىشى، ئۆز كەسپىنى قەدىرلىشى كېرەك. تىل-ئەدەبىيات كەسپىنى ئارزۇلاپ ئوقۇدۇق، ئۇنىڭغا چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىشىمىز كېرەك.- دېگەنىدى يولدا ئۇچراشقاندا.
مەن بىر نەچچە خىل نوقتىلىق ژۇرناللارغا مۇشتەرى بولىمەن، كىتابلارنىمۇ تاللاپ سېتىۋالىمەن، ئەمما، ئوقۇپ بولالمايمەن. ئىدارىدە قىلىدىغان تەشۋىقات خىزمىتىمنىڭ سالمىقى بەكلا ئېغىر. كۈندە خەۋەر يازمىسام بولمايدۇ. خەۋەر دېگەننى يېزىپ تۇرسا چىقىپ تۇرىدىكەن. چىقمىسا، شۇ بەت مۇھەررىرلىرىگە سوۋغا-سالام يوللاپ بولسىمۇ بىر نەرسە قىلىدىكەنمىز. ئەدەبىي ئەسەرنى ئۇنداق قىلغىلى بولمايدىكەن...مەن يېقىندىن بىېرى كونا ئادەتلىرىمنى يەنە تېپىۋالدىم. يۇرتىمىزدىكى بىر نەچچە يازغۇچىنى سېسىتىپ بولغاندىن باشقا، تۇنۇش-بىلىشلەرنىمۇ سېسىتىپ بولدۇم. نېرۋام جايىدا ئەمەس، ئۇيقۇم ياخشى ئەمەس، روھى ھالىتىم نورمال ئەمەس، ئەسەرلىرىمنىڭ ئېلان قىلىنماسلىقى مېنى كاردىن چىقاردىمىكىن دەيمەن، ھەي، ماڭا زادى نېمە بولغاندۇ؟!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-14 15:07