خىلۋەتنامە
( چاتما نەسىرلەر)
ئابلەت مۇھەممەد كۈيزار
1
قاشلىرىڭ قىيا،
كۆزلىرىڭ دۇنيا!
دېڭىزدەك چوڭقۇر قاراشلىرىڭغا چۆكمەكتىمەن.
قەلبىمدىكى بارچە دەرتلەرنى كەڭرى بوشلۇققا يېيىۋەتتىم. ئازگالغا ئايلىنىپ قالغىنى سۈكۈت قوراملىرىدا باستۇرۇلغان ئېيتىشقا تېگىشلىك ئېيتىلمىغان سۆزلەر...
پەسىللەر كەچكۈز دەرەخلىرىدەك سارغايغان، ئىشقى بىلەن سۈزۈك بەرگىدىن سۇلغان.
مېھرىڭنى چېچىۋەت جان روزىغارى، كۆزى ئوچۇق سۇلمىسۇن گۈللەر!
ئايدىڭلىرىڭنى يوشۇرما سەرسان كېچىلەر، تەمسىز لەۋلەشكەن خىلۋەتلەر ئاسىي سۆيگۈلىرىدىن پىغان قېيناقلىرىدا جان بەرسۇن!
سېغىنىش ئاشىيانىدا جىمىرلاپ تۇرغان ۋىسال يېلىنجاشلىرىنى شاماللار ئەركىگە قويۇۋەتتى. كۈنلەر گىريان ئۆركەشلىرىدە سۈر توقاي!
كۈتۈش- ئوت كەتكەن تەنھا قېيىق. ئوت ئۆچۈرگۈچى يىراقلاردا.
2015- 12- 12
|