پولك قىزى
(ئەھەد ئابدۇراھماننىڭ شۇ ناملىق ئەسلىمىسىنى ئوقۇغاندىن كېيىن)
مانا قوللىرىمدا ئوتقاشتەك قىزىل گۈللەر، ساڭا تەييارلىغان ئوتلۇق «گۈل - دەستە»...
تولىمۇ كېچىككەن، گۇناھكار ھېس تۇيغۇلار ئىچىدە مۇڭلۇق قەبرەڭگە تىزلاندىم. ھەسرەتلىك شىۋاقلار ئۈستىگە تىترەپ تۇرۇپ ۋىدالىق گۈل - دەستىلىرىمنى قويدۇم.
شۇ تاپتا كەڭ ئېچىلغان تىترەڭگۈ ئالقانلىرىم بىلەن مۇبارەك روھىڭغا دۇئا قىلىۋاتىمەن. قەلب قەسىرىمگە بۆسۈپ كىرگەن ئۆزگىچە نازاكەت، مەردانە نىگاھلىرىڭدىن سۈكۈناتلىق شېئىر قاينىمىغا چۆكۈۋاتىمەن.
رىزۋانگۈل
قار ئۈستىدە ئېچىلغان گۈل...
كۆزلىرىدە قىتىپ قالغان ئون سەككىز مىڭ ئالەم !
يەنە بىر غۇنچە
يەنە بىر يۇلتۇز چاقنىدى كۆكتە
پولك قىزى...
ساھىپجامال ئابدۇللا
شۇ ئۆچمەس دەقىقىنىڭ ھايات شاھىدى!
شىددەتلىك جەڭ مەيدانى...
ۋىژ - ۋىژ ئۆتمەكتە، قۇلاق تۈۋىدە، باش ئۈستىدە، ھەممىلا يەردە گوياكى ئۆتكۈنچى يامغۇردەك ئەجەل ئوقلىرى.
ئەي شاكىچىك، سۆيۈملۈك جەڭچى! قانداق كۆتۈرگەنسەن، شۇنچە كۆپ يارىدارلارنى، قانداق تېڭىپ ئۈلگۈرگەنسەن، ئوقتا خار شۇنچە كۆپ قىزىل باشلارنى؟
لېۋىڭدىن ئانا سۈتى پۇراپ تۇرىدىغان مەسۇم بالا چاغلىرىڭ، تىنچ يۈكسەكلىككە تەشنا گۈزەل ياشلىقىڭ نە ئۈچۈن شۇنچە قانلىق جەڭگاھتا ئۆتتى؟ توغرا، ئەقىل ياشتا ئەمەس، باشتا. لېكىن، ھەممە ئادەمگە بۇ ئامەت توغرا كېلىۋەرمەيدۇ. سەن نېمىنىڭ شەرەپ، نېمىنىڭ نۇمۇس ئىكەنلىكىنى، سەبىي، كۈلپەتلىك قەلبىڭدە ئاللىقاچان بالاغەت تاپقۇزغان. تارىخقا مەشھۇر ئۇرۇش ئەھكانلىرىدا، جەڭگىۋار كۈرەش مەيدانلىرىدا سەنمۇ يارىلانغان، پۇتلىرىڭغا ئوقلار سانجىلغان. ھەيرانمەن، سېنىمۇ ساتقىنلار ساتقان، ساتقىنلار دەستىدىن سەن ھەتتا تورۇسقىمۇ ئېسىلغان، سوراق قېلىنغان. ئۆكۈنىمەن، نېمىشقا بالدۇرراق بىلمىدىم، بۇ ئاچچىق قىسمەتلىرىڭنى، رىيازەت - كۈلپەتلىرىڭنى؟
ھەر نەپسىمدە مىڭ پىغان،مىڭ سۇئال...
توغرا، زىمىن ئازات بولدى... سانسىز كەچمىش، قىسمەتلەر بىلەن ئۆز ئۇستازى رىزۋانگۈل شۇنداقلا ،پۈتكۈل خەلقىنىڭ يالقۇنلۇق نىدالىرىنى ئاقلاپ زەپەر قۇچقان سانىتاركا ، ئۇ قېنى،ئۇ نەگە كەتتى؟
تارىخ بەتلىرىنى ئويچان ۋاراقلاپ ئۇنىڭ گويا بۇلاق چەشمىلىرىدەك تۈگىمەس پىداكار خىسلەتلىرىنى، پاك غۇبارسىز مەنىۋى قاتلاملىرىنى «ئىسھاقبېك» دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ تېخى ئېچىلمىغان قومۇش - سازلىقلىرىدىن، ھايات - ماماتلىق تۇغۇت ئوپىراتسىيە ئۈستەللىرىدىن، تۇنجى ئېچىلغان بالىلار يەسلىلىرىدىن تېپىۋالدىم.
ۋاقىت نۇر تېزلىكىدە ئۆتۈۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۆزۈمنى قانداقتۇر زور پاجىئە ئەۋجىدە ھېس قىلدىم، ئۆكۈنۈش، ھەسرەت، ئىپتىخار تۇيغۇلىرىنىڭ گىرەلەشكەن ھەل قىلغۇچ دەقىقىلىرىدە، ھاياجانلىق كۆز ياشلىرىم بىلەن قەبرە بېشىدىن بىر سىقىم توپا ئالدىم. بۇ تەستە قولغا كەلگەن زېمىن توپىسىنى ئالقانلىرىمدا شۇنداق قاتتىق سىقتىمكى، ئىچ - ئىچىمدىن ئۇرغۇپ چىققان قانداقتۇر بىر قۇدرەتلىك كۈچ تۈرتكىسىدە، ۋۇجۇدۇمنىڭ تەسۋىرلىگۈسىز ئاجايىپ بىر لەرزى بىلەن بۇ تەۋەررۈك ئايال زاتقا ھايات ۋاقتىدا بىلدۈرەلمىگەن پىغانلىق ھۆرمىتىمنى، دېيەلمىگەن يۈرەك سۆزلىرىمنى تولىمۇ كېچىكىش ئىچىدە شىۋىرلىدىم.
-مەيلى سەن قانچىكىن كۆرۈنمەس خىلۋەتتە ئېچىلغىن،ئەبىدى توزىماس دەۋران گۈلىسەن! سەرسان گۈل شەيدالىرى سىنى ھامان ئىزدەپ تاپىدۇ!
ياز شاماللىرى غەمكىن ئەركىلەپ چىكە چاچلىرىمنى سۆيۈپ ئۆتتى.ئازات زىمىنىڭ ئازات تۇپرىغىغا خۇددى نانغا دەسسىگەندەك ئازاپلىق دەسسەپ ئورنۇمدىن تۇردۇم.
ئىنسان بىلەن تۇپراقنىڭ چەمبەرچاس باغلانغان تەگسىز سۆيگۈ قاتلاملىرىدا يۈكسەك ئاياللىق، ئۆزلۈك جۇلاسى بىلەن چاقنىغان بۇ مۇبارەك قەبرىگاھتىن يېنىش - يېنىشلاپ كەينىمگە قاراپ ئاستا - ئاستا ئۇزاپ كەتتىم.
ئۆركەشلىگەن ئاتەش قەلبىمدە شۇنداق بىر نىدا پارتلاپ چىقماقتا:
دەۋران ئېلىنىڭ جىسمىدە ھەم جان بولغىن .
ھەم جانلىرىغا ئۆزۈڭ دەرمان بولغىن...
نەۋايى ھېكمەتلىرىدىن
مەنبە :« ئىلى دەرياسى » ژورنىلى 2007- يىللىق 4 - سان بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-12 22:07
|