دادا، ئانا، جاپا چەكتىڭىز!
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
(يەكەن ناھىيە مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
(«ئاتا – ئانىلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرەيلى» تېمىسىدىكى سىنىپ يىغىنى لايىھەسى)
ئالدىن تەييارلىق: ئالدى بىلەن ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ ئاتا - ئانىسى بىلەن يانمۇ - يان بىرگە ئولتۇرغۇزۇلىدۇ. ئارتۇقچە مېڭىش ۋە ۋاراڭ – چۇرۇڭنىڭ بولماسلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلىدۇ.
باشلاپ كىرىش: ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچى ئاتا – ئانىلارغا سالام بېرىپ، تېنچلىق – ئامانلىق سورىۋەتكەندىن كېيىن، ئەكرەم نىياز ئورۇندىغان «جان ئانا» ناملىق ناخشا تېلېۋېزوردا قويۇلىدۇ. بىر مىنۇتلۇق سۈكۈتتىن كېيىن ئوقۇتقۇچى ۋەزمىن ۋە تەسىرلىك نۇتۇق بىلەن تۆۋەندىكىچە تەرتىپلەرنى ئورۇندايدۇ.
باشلاش: ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ئاتا - ئانىلار پەرزەنتى ئۈچۈن ھەممە نەرسىدىن ۋاز كېچەلەيدۇ، بىراق، بىز بالىلار داۋاملىق بۇ ئەھۋالغا سەل قارايمىز.
ساۋاقداشلار، ۋاقىت تولىمۇ تېز ئۆتىدۇ، مۇشۇ پەيتتە مەن ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا مۇھىم بىر تاپشۇرۇق بەرمەكچىمەن. بۇنى كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار قىلىپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن.
ئاتا - ئانىلار ۋە ساۋاقداشلار، جىمجىتلىقنى ساقلاپ ئولتۇرۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن نېمە ئىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەرگىزمۇ كۈلۈشكە بولمايدۇ. بولمىسا، سىزنىڭ بۇ كۈلكىڭىز بالىڭىزنىڭ غۇرۇرىغا تېگىپ كېتىشى مۇمكىن.
ئاتا - ئانىسى كەلگەن بارلىق ئوقۇغۇچىلار ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ، ئاتا – ئاناڭلارنى تەپسىلىي كۆزىتىپ بېقىڭلار!
ساۋاقداشلار، تۈز تۇرۇڭلار! سىلەرگە دېسەم، بۇ دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان ۋاپاسىز بالىلار ئەزەلدىن ئاتا- ئانىسىغا تەپسىلىي قاراپ باقمىغان. ئوقۇغۇچىلار، ئاتا - ئاناڭلارغا قاراپ بېقىڭلار!
قاراڭ، سىزنىڭ ئانىڭىز ئەسلى چىرايلىق بىر قىز ئىدى. سىز دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن، ئانىڭىز بارلىقىدىن كېچىپ، بارلىق مېھرى - مۇھەببىتىنى سىزگە ئاتا قىلدى. ئانىڭىز مەيلى ئېتىزدا بولسۇن، ياكى ئىشقا ماڭغان يولدا بولسۇن، ئۇنىڭ پۈتۈن ئەس - يادى سىزنى ئويلاش بىلەن ئۆتىدۇ.
بالىلىرىم! كىچىك ۋاقتىڭىزدا دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز دوختۇرغا يىغلاپ يالۋۇرۇپ، دېمىگەنلىرى قالمىدى. ئانىڭىز ئۆزىنىڭ يۈز - ئابرويى بىلەنمۇ قىلچىلىك ھېسابلىشىپ ئولتۇرمىدى. سىز ئۈچۈن ئانىڭىز نۇرغۇن جاپالارنى چەكتى. لېكىن، سىزچۇ؟ ئانىڭىزغا نېمە ئىشلارنى قىلىپ بەردىڭىز؟ قەھرىتان قىش كۈنلىرى ئانىڭىز ئاشۇ سوغۇق سۇدا قوللىرى قىزارغان ھالدا سەي - كۆكتاتلارنى يۇيۇۋاتقاندا، كىر – قاتلارنى، كىيىم -كېچەكلىرىڭىزنى قىينىلىپ تۇرۇپ يۇيۇۋاتقاندا، سىز ئانىڭىزغا: « ئانا، جاپا چەكتىڭىز، مېنى دەپ چەككەن جاپايىڭىزغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!» دەپ باقتىڭىزمۇ؟
ئەمدى دادىڭىزغا قاراڭ، ئۇ بىر چاغلاردا قاۋۇل، ھەممە كىشىنىڭ مەستلىكى كېلىدىغان تەمبەل يىگىت ئىدى. ئۇ خۇددى تاغدەك قامىتى بىلەن مۇشۇ ئائىلىڭىزنى، سىزنى قوغدايدۇ. دادىڭىزنىڭ جاپاسى ئارقىلىق مۇشۇ ئائىلىڭىزنىڭ بەختى قولغا كەلگەن. لېكىن، سىز نېمە ئىش قىلدىڭىز؟ بەزىدە سىز تېخى دادىڭىزدىن رەنجىپسىز. نېمىشقا پۇلنى جىق تاپمايسەن؟ نېمىشقا ماڭا پۇل بەرمەيسەن؟ نېمىشقا ماڭا ئويۇنچۇق ئېلىپ بەرمەيسەن؟ دېگەندەك نۇرغۇن رەنجىشلەر بولغان بولغىيتى. لېكىن، بالىلىرىم، سىلەر مۇشۇنداق ئويلىغان ۋاقتىڭلاردا سىلەرگە مۇنداق بىر ئېغىز گەپنى قىلغۇم كېلىۋاتىدۇ: بىز سىزنىڭ ھەر قانداق بالىلاردىن كۈچلۈك بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز. لېكىن، سىز قىلالىدىڭىزمۇ؟
سۆيۈملۈك بالىلار، دادا بولماق ھەقىقەتەن تەس. بەكمۇ تەس. ھازىرقىدەك ئىقتىساد ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان زاماندا، دادىلارغا بولغان بېسىم ھەقىقەتەن بەك ئېغىر، لېكىن ئۇلار مۇشۇ بېسىملارنى كۆتۈرۈپ، يەنە سىز ئۈچۈن، مۇشۇ ئائىلىڭىز ئۈچۈن توختىماي پۇل تېپىش ئۈستىدە تىرىشىۋاتىدۇ.
ئاتا - ئانىڭىز نۇرغۇن جاپالارنى چەككەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئەزەلدىن سىزنىڭ ئالدىڭىزدا بۇنى چاندۇرۇپ باققىنى يوق.
سۆيۈملۈك بالىلىرىم، سىز دادىڭىز ھېرىپ – ئېچىپ ئۆيگە كەلگىنىدە: «دادا، ھېرىپ كەتتىڭىز، سىزگە رەھمەت! مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن!» دەپ باقتىڭىزمۇ؟
بۈگۈن كۆپ قىسىم ساۋاقداشلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كەلدى، بۈگۈن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئاتا – ئانىڭىزغا ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭلىنى ئىزھار قىلىڭ!
ئۇنداقتا ھەممىمىز بېشىمىزنى كۆتۈرۈپ، يۇقۇرى ئاۋازدا دەپ باقايلى:
«ئانا جاپا چەكتىڭىز! ئانا، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن! ئانا، رەھمەت سىزگە! دادا، جاپا چەكتىڭىز! دادا، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن! دادا، رەھمەت سىزگە!»
ئەمدى ئاتا – ئانىڭىزغا بايا ئۆگىنىپ ئۆتكەن سۆزلىرىڭىزنى قايتىدىن دەپ بېقىڭ. ھەرگىز خىجىل بولماڭ:
«ئانا، جاپا چەكتىڭىز! دادا، جاپا چەكتىڭىز! دادا، ئانا، رەھمەت سىزگە!»
يەنە بىر قىسىم ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ ئاتا - ئانىلىرى بۈگۈنكى يىغىلىشىمىزغا كېلەلمىدى. ئۇلار شۇ تاپتا سىلەرنىڭ خاتىرجەم ئوقۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئائىلەڭلارنىڭ خاتىرجەملىكى ئۈچۈن جاپالىق ئىشلەپ پۇل تېپىۋاتىدۇ. بىز ئۇلارغىمۇ يۇقۇرى ئاۋازىمىز بىلەن رەھمەت ئېيتايلى:
«ئانا، جاپا چەكتىڭىز! سىزگە رەھمەت! مەن سىزنى سېغىندىم! دادا، جاپا چەكتىڭىز، سىزگە رەھمەت! مەن سىزنى سېغىندىم!»
(سۈكۈت...سۈكۈت...سۈكۈت)
(ئاخىرلاشتى)
(ئىلگىرى بۇ سىنىپ يىغىنىنى ئاچقان ۋاقتىمدا، ئۈنۈمى ۋە تەسىرى ناھايىتى ياخشى بولغان ئىدى. بەزى كەسىپداشلار داۋاملىق مۇشۇنداق نەرسە يېزىپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلىپ ئاۋارە قىلاتتى. گەرچە بۇ خاتىرە مەخسۇس ئەدەبىي ئەسەر بولمىسىمۇ، ئەمما، مۇنبەردىكىلەرنىڭ ئارىسىدا ئوقۇتقۇچىلارمۇ خېلى كۆپ. بەزى ئوقۇتقۇچىلار مۇشۇنداق نۇتۇقلارنى مۇنبەرلەردىن ئىزدەپ تاپالمىغانلىقىنى ئىنكاس قىلىشقان ئىدى. بۈگۈن ئوقۇتقۇچى كەسىپداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بۇ لايىھەمنى يازغۇچىلار مۇنبىرى ئارقىلىق كۆپچىلىككە سۇندۇم. ئەلۋەتتە، بەزى ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىشتە، نەقمەيداندىكى سۆزلەشكە ۋە ئورۇنداشقا قۇلايلىق بولۇشى كۆزدە تۇتۇلدى. مۇۋاپىق ئۆزگەرتىپ ۋە تېخىمۇ ياخشىلاپ ئىجادىي پايدىلانغايسىلەر!
-ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ)
2015-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى. يەكەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-11 21:26