«چار روسىيە»، «چار پادىشاھ» ئاتالغۇلىرىدىكى «چار» سۆزى قەيەردىن كەلگەن؟
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
(يەكەن ناھىيە مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
بىز مەيلى دەرسلىك كىتابلاردا بولسۇن، مەيلى باشقا تارىخىي ماتېرىياللاردا بولسۇن داۋاملىق «چار روسىيە»، «چار پادىشاھ» دېگەندەك ناملارنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. ئۇنداقتا بۇ يەردىكى «چار» سۆزىنىڭ مەنىسى نېمە؟ ئۇ قانداقلارچە پەيدا بولغان؟ ئۇ نېمە ئۈچۈن روسىيە ھۆكۈمدارلىرىنىڭ ئىسمى ئالدىغا قوشۇپ قويۇلىدۇ؟ دېگەندەك سوئاللار ھېلىھەم كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ قويدى. ھەتتا بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار تارىخ دەرسى ئۆتكەندە ئۆز ھېسسىياتىنى چىقىش قىلىپ ھېچقانداق پاكتسىزلا: « ‹چار› دېگەن سۆز فارىسچىدىكى ‹تۆت› مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ‹چاھار› دېگەن سۆزنىڭ ئۆزگىرىشىدىن كەلگەن، بۇ ‹تۆتىنچى پادىشاھ›، ‹تۆتىنچى قېتىملىق روسىيە ئىمپىرىيەسى› دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ» دەپ چۈشەندۈرۈشتى. شۈبھىسىزكى، بۇ چۈشەندۈرۈشلەرنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي، تارىخىي ئاساسى بولمايلا قالماستىن، بەلكى، نوپۇزلۇق تارىخىي ماتېرىياللاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان دۇنيانىڭ بىر پۈتۈن ئومۇمىي تارىخى، روسىيە تارىخى ھەققىدىكى بايانلارغىمۇ قىلچە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. بۇ، كۆپ قىسىم ئوقۇرمەنلەر، تەتقىقاتچىلار، بولۇپمۇ تارىخ ئوقۇتقۇچىلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم نۇقتىدۇر.
«چار» لاتىنچە «كائېسار»(قەدىمقى رىم ئىستىبداتى كائېسار ‹قەيسەر› نىڭ نامى. كېيىن رىم ۋە غەرب ئىمپېراتورلىرىنىڭ ئۇنۋانىغا ئايلانغان)نىڭ ئاھاڭ ئۆزگىرىشىدىن كەلگەن بولۇپ، 1547- يىلى 1- ئاينىڭ 16- كۈنى ئىۋان تاج كىيىپ تەختكە چىققاندىن كېيىن، موسكۋا كىنەزى دېگەن نامغا قانائەت ھاسىل قىلماي ئۆزىنى رەسمىي چار پادىشاھ، دەپ ئاتىغان. ئۇنىڭ بۇ نامنى قوللىنىشتىكى مەقسىتى، ئۆزىنىڭ چەكسىز پادىشاھلىق ھوقۇقىنى كۆز - كۆز قىلىش ھەم موسكۋا كىنەزلىكىنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىچىدىكى يۈكسەك ئورنىنى تەكىتلەشتىن ئىبارەت بولغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن موسكۋا كىنەزلىكى ئۆزىنى چار روسىيە دەپ ئاتاپ كەلگەن. 1721-يىلى پېترI ئۆزىنى ئېمپىراتور دەپ ئۆزگەرتكەن، بىراق ئادەتتە يەنىلا چار پادىشاھ دېگەن نامنى قوللىنىپ كەلگەن. چار پادىشاھلىق تۈزۈمى ئىچكى جەھەتتە خەلقنى ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇپ كەلگەن، سىرتقا قارىتا تاجاۋۇزچىلىق - كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، تاكى 1917- يىلىدىكى فېۋرال بۇرژۇئا ئىنقىلابىدا ئاغدۇرۇپ تاشلانغانغا قەدەر داۋام قىلغان.①
بۇلغارىيە پادىشاھىمۇ 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ چار پادىشاھ دېگەن نامنى قوللانغان. بۇ باتتېنبېرگ (1857_1893) بۇلغارىيە كىنەزى بولغان (1879_1886) چاغدا قويۇلغان نام بولسا كېرەك. چۈنكى، باتتېنبېرگ چار پادىشاھنىڭ خانىكىسى مارىيە ئالېكساندروۋنانىڭ جىيەنى بولۇپ، ئەسلىدە پرۇسسىيە ئوفتسېرى بولغان. 1946-يىلى خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا بۇ نام بىكار قىلىنغان.②
دېمەك، «چار پادىشاھ»، «چار روسىيە» دېگەن ناملار ئەينى دەۋردىكى غەرب ۋە روسىيە ھۆكۈمدارلىرىنىڭ رىم ئېمپېراتورى كائېسار (قەيسەر)غا چوقۇنغانلىقىدىن كېلىپ چىققان نام بولۇپ، «كائېسار پادىشاھ»، «كائېسار روسىيەسى» دېگەن مەنىگە ئىگە. بۇ ناملار ئەمەلىيەتتە روسىيەنىڭ پادىشاھلىق تۈزۈم مەزگىلىدىكى مۇستەبت سىياسىي تۈزۈلمىسىنى ئەڭ ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان سىمۋوللۇق نامغا ئايلانغان.
ئىزاھلار:①‹‹ئۇيغۇرچە - خەنزۇچە دۇنيا تارىخى لۇغىتى›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1994-يىلى 10-ئاي1-نەشرى 1998-يىلى 12-ئاي 1-قېتىملىق بېسىلىشى، 350-بەت
②يۇقارقى كىتاب 110-بەت
(تامام)
بۇ ماقالەم ئالدى بىلەن «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. كېيىن كۆپرەك تارىخ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ پايدىلىشىنى نەزەردە تۇتۇپ، «شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلىغا ئۆزۈم بىۋاستە تەۋسىيە قىلىپ ئېلان قىلدۇرغان.-ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-11 16:22