كىرىش
QQ ئارقىلىق كىرىش
تىزىملىتىش
پارول قايتۇرۇش
تىزىملىك
باش بەت
Portal
مۇنبەر
BBS
ھويلا
Space
مىكروبىلوگ
تور خاتىرىسى
يازغۇچىلار لۇغىتى
خەنزۇچە
قازاقچە
يازغۇچىلار تورى
»
مۇنبەر
›
چەتئەل ئەدەبىياتى رايونى
›
غەرب ئەدەبىياتى
›
ئا.باھايىدىن (ت) ئەخلەت
تىزىملىككە قايتىش
كۆرۈش:
373
|
ئىنكاس:
3
ئا.باھايىدىن (ت) ئەخلەت
[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئا.باھايدىن
ئا.باھايدىن
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-12-10 23:39:04
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
|
كۆرۈش شەكلى
ئەخلەت
[بىرازىلىيە ] لۇيس . فېرنەندو . ۋېلشىم
فەن ۋېيشىن
ئابلەت باھايىدىن تەرجىمىسى
ئىككەيلەن ئاممىۋى بىنانىڭ ئۆتۈشمە يولىدا ئۇچرىشىپ قالدى ، ھەر ئىككەيلەننىڭ قولىدا بىردىن ئەخلەت خالتىسى تۇراتتى ، بۇ ۋاقىتتا ئۇلار پاراڭلىشىپ قالدى .
- خەيرلىك سەھەر ... ...
-خەيرلىك سەھەر ... ...
-انىم سىز 610 – ئۆيدە تۇرىسىز-ھە.
-ئەپەندىم سىز 612 – ئۆيدە تۇرۇسىزغۇ ؟
-شۇنداق .
-تېخى سىزنى مېنى تۇنۇمامدىكىن دەپتىمەن ... ...
-ئۇنداق بولامدۇ ... ...
-ئۆزەمنى چاغلىمىغانلىقىمنى كەچۈرۈڭ ، مەن سىزنىڭ ئەخلەتلىرىڭىزنى كۆرگەن ... ...
-نېمەمنى ؟
-ئەخلىتىڭىزنى .
-ئوھوي ... ...
-ھەر قېتىم مەن كۆرۈدىغان ئەخلىتىڭىز ئۇنچىۋالا كۆپ ئەمەس ، قارىغاندا ئائىلىڭىزدە چوقۇم ئادەم ئاز .
-ئەمىلىيەتتە ، ئۆزەملا .
-ھە ... ... مەن ئەپەندىمنىڭ دائىم كونسېرۋا يېمەكلىكلەرنى يەيدىغانلىقىغا دىققەت قىلغان ئىدىم .
-شۇنداق، مەن ئۆزەم تاماق ئېتىمەن ، بىراق يەنە ... ... قىلىشنى بىلمەيمەن .
-بۇنى چۈشىنىمەن .
-خانىم سىزمۇ ... ...
-مەنمۇ سىزدەكلا !
-سىزمۇ مېنىڭ بىپەرۋالىق قىلغىنىمنى ئەپۇ قىلىڭ ، مەنمۇ دائىم ئەخلەتلىرىڭىز ئىچىدە بىر قىسىم ئېشىپ قالغان يېمەكلىكلەرنى، يەنى موگو تۈرىدىكى نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى كۈزەتتىم .
-مەن دائىم سەي – موما يېيىشنى ياخشى كۆرۈمەن . بىراق ئۆزەم يالغۇز بولغاندىكىن دائىم شۇنداق ... ... نەرسىلەر ئېشىپ قالىدۇ .
-خانىم سىز ... ... ياق ، سىز ! تۇرمۇش قۇرمىغانما ؟
-تۇرمۇش قۇرۇشنى قۇرغان ، بىراق بۇ يەردە ئەمەس .
-ئانگستروم . شېڭتتا .
-سىز قانداق بىلىسىز ؟
-ئەخلەتلىرىڭىز ئىچىدىكى بەزى سالام خەتلەر ئانگستروم . شېڭىتتىن ئەۋەتىلىپتۇ .
-توغرا ، ئاپام ھەر ھەپتىدە ماڭا سالام خەت يازىدۇ .
-ئۇ ئوقۇتقۇچى .
-ھەقىقەتەن قالتىسكەنسىز ! سىز قانداقسىگە تېپىۋالدىڭىز ؟
-سالام خەت پوچۇركىسىدىن قارىغاندا ، ئۇنىڭ خېتى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خېتىگە ئوخشاپ تۇرىدۇ .
-سىز تاپشۇرۇۋالغان خەتلەر چىق ئەمەس ، بۇ سىزنىڭ ئەخلەتلىرىڭىز ئىچىدىن كۆرگەنلىرىم .
-توغرا .
-بىر كۈنى ، سىز بىر پارچە پۈرلىشىپ كەتكەن تېلىگىرامىنى تاشلىۋەتتىڭىز .
-توغرا .
-قانداق ، كۆڭۈلسىز ئۇچۇرمىكەن ؟
-دادامنىڭ ۋاپاتى توغرىسىدىكى ئۇچۇر ئىكەن.
-مەن سىز ئۈچۈن قايغۇردۇم .
-ئۇ ناھايىتى قېرىپ كەتكەن ئىدى ، جەنۇپتا تۇراتتى ، بىز كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغان ئىدى .
-شۇڭا ئاشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ تاماكا چەككەن ؟
-سىز قانداق بىلىسىز ؟
-يېقىندا ئەخلەتلىرىڭىز ئىچىدىن دائىم چالا چېكىلگەن تاماكا قالدۇقلىرىنى ئۇچرىتىپ قالدىم .
-قىلچىلىك خاتا ئەمەس ! بىراق يەنە تاماكا تاشلىدىم .
-تەڭرىگە تەشەككۇر ، مەن ئەزەلدىن تاماكا چەكمەيمەن .
-بۇنىسى ماڭا ئېنىق . بىراق مەن سىزنىڭ ئەخلەتلىرىڭىز ئىچىدىن بەزىبىر قۇرۇق دورا بوتۇلكىلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمەن ... ...
-تېنچلاندۇرۇش دورىسى . مەن بىر مەزگىل تېنچلاندۇرۇش دورىسى ئىشلەتكەن ، ھازىر ياخشىلىنىپ كەتتىم .
-سىز ئوغۇل دوستىڭىز بىلەن ئازارلىشىپ قالدىڭىز ، شۇنداقمۇ ؟
-نېمە ؟ بۇمۇ ئەخلەت ئىچىدىن بايقالدىمۇ ؟
-سىز ئاۋۋال بىر تۇتام گۈل ۋە بىر پارچە ئاترىتكىنى تاشلىۋەتتىڭىز ، ئاندىن كېيىن يەنە بىر قولياغلىقنى تاشلىۋەتتىڭىز .
-شۇنداق ، ئەينى ۋاقىتتا مەن ناھايىتى ئازاپلىنىپ يىغلىغان ئىدىم ، ھازىر ئۇ ئىشلار ئۆتۈپ كەتتى .
-بىراق بۈگۈن يەنىلا بىر قول ياغلىقىم بار .
-مەن زۇكامداپ قالغان ئىدىم .
-ھە .
-ئەخلىتىڭىز ئىچىدىن دائىم « قوشۇپ يېزىش ئويۇنى» ژورنىلىنى ئۇچرىتىپ قالىمەن .
-توغرا ، مەن ئۆيدە تۇرۇشنى ياخشى كۆرىمەن ، سىرتقا چىقىشنى خالاپ كەتمەيمەن . نېمە ئۈچۈنلىكىنى بىلەرسىزمۇ ؟
-قىز دوستىڭىز ؟
-خاتا !
-لېكىن بىرنەچچە كۈن بۇرۇن ، سىزنىڭ ئەخلىتىڭىز ئىچىدىن بىر چىرايلىق قىزنىڭ سۆرىتىنى ئۇچرىتىپ قالدىمچۇ !
-تارتمامنى ئاختۇرۇرىۋاتقان ۋاقتىمدا بۇ سۆرەت چىقىپ قالغان ئىدى ، بۇ بۇرۇنقى ئىشلار .
-سىز بۇ رەسىمنى يىرتىۋەتمەپسىزدە ، سىز قەلبىڭىزدە ئۇ قىزنىڭ قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئارزۇ قىلىدىكەنسىز - دە .
-سىز ئەخلەتلىرىمنى ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىدىكەنسىزدە .
-ئەخلەتلىرىڭىز ئەمىلىيەتتە مېنىڭ قىزىقىشىمنى قوزغىدى ، مەن بۇنى ئېتىراپ قىلىمەن .
-ئەھمىيەتلىكى شۇكى ، بىر قېتىم سىزنىڭ ئەخلىتىڭىزنى كۆرۈپ ، سىز بىلەن تۇنۇشۇپ قالسامچۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم . پەمىمچە سىز يازغان شېئىرنى كۆرگەندىن كېيىن بولسا كېرەك .
-نېمە سىز مېنىڭ شېئىرلىرىمنى ئوقۇدىڭىزما ؟
-ئوقۇپلا قالماستىن ، بەلكى ناھايىتى ياقتۇرۇپ قالدىم.
-بەك تومتاق يېزىپ قويغان ئىدىم .
-مۇبادا سىز راستىنلا ياخشى يازالمىدىم دەپ قارىغان بولسىڭىز ، شېئىرىڭىزنى يىرتىۋەتكەن بولاتتىم . ئەمما ئەمىلىيەتتە ، شۇنداق ياخشى يېزىلىپتۇ .
-مۇبادا مەن سىزنىڭ ئوقۇيدىغىنىڭىزنى بىلگەن بولسام ... ...
-مەن شېئىرىڭىزنى ساقلىمايمەن ، ئۇنى ساقلىسام ئەمىلىيەتتە ئوغرىلىق قىلىپ قويغاندەك بولۇپ قالىدىكەنمەن ، شۇڭا ئۆزەمنىمۇ چۈشەنمەي تۇرۇپ ، باشقىلارنىڭ ئەخلىتىنى شەخسىي مۈلكۈم قىلىۋالغاندەكلا بىر ئىش بولۇپ قالغىدەك.
-مەنلا كۆرگەندىكىن ھېساپ بولمايدۇ . ئەخلەت ئومۇمنىڭ .
-دېگىنىڭىز توغرا ! ئەخلەتنى كىشىلەر يۇشۇرۇۋالىدۇ ، بىز شەخسىي تۇرمۇشىمىزدا ئېشىپ قالغان نەرسىلىرىمىزنى ، باشقىلارنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىدىكى ئېشىپ قالغان نەرسىلىرى بىلەن ئارىلاشتۇرىۋېتىدىكەنمىز. بىر ئادەم بىلەن يەنە بىر ئادەم ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىدۇ ، ھېسسىيات ئالماشتۇرىدۇ ، بۇ مەسىلە بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى ئەڭ جەمئىيەت خاراكتېرلىك مەسىلە، توغرىمۇ ؟
-شۇنداق ، سىزنىڭ «ئەخلەت» توغرىسىدىكى تەھلىلىڭىز تولىمۇ چوڭقۇر ئىكەن ، مەن ... ... دەپ قارايمەن .
-تۈنۈگۈن ، سىزنىڭ ئەخلىتىڭىز ئىچىدە ... ...
-نېمە بار ئىكەن ؟
-مۇبادا مەن خاتا كۆرۈپ قالمىغان بولسام ، قۇرۇتۇلغان ئۇششاق راك بار ئىكەن .
-دېگىنىڭىز توغرا . بىر ئاز چوڭ راك سېتىۋېلىپ ،قاسرىقىنى ئادالىغان ئىدىم .
-مەن راك يىيىشنى ياخشى كۆرۈمەن .
-تازىلاپ بولدۇم ، لېكىن تېخىچە پىشۇرمىدىم ... ... بىز يىيەلەيمىزمۇ ... ...
-كەچلىك تاماق ۋاقتى بولدىمۇ ؟
-شۇنداق !
-ئۇنداقتا سىزنى ئاۋارە قىلغۇدەكمەن .
- تۈزۈت قىلماڭ .
-ئاشخانىڭىزنىڭ قالايماقان ئىكەنلىكىنى بىلىمەن .
-ھېچقىسى يوق ، بىر دەمدىلا يىغۇشتۇرۇپ بولىمەن ، ئەخلەتلەرنى تاشلىۋەتسەملا بولىدۇ .
-ئۇنداقتا ئۇ ئەخلەتلەر ، مېنىڭ ئەخلىتىم ھېساپلىنامدۇ ياكى سىزنىڭ ئەخلىتىڭىز ھېساپلىنامدۇ ؟
ياشلار تاللانمىلىرىنىڭ 2015- يىل 7- سانىنىڭ 58- 59 – بېتىدىن تەرجىمە قىلىندى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئا.باھايدىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-10 23:47
ئىنكاس
جابدۇق
پاش قىلىش
ئۈمەر
ئۈمەر
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-12-11 11:45:29
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارارسىز ئاداش ، تەرجىمىڭىزنى قىزىقىش ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم ، خۇددى بىرسى بىلەن گەپلىشىۋاتقاندەكلا ، تەرجىمە ئەسەرلىرىڭىزنى بۇرۇنمۇ ئوقۇغان ئىدىم ، شۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى تاللاپ تەرجىمە قىلىۋاتىسىز ئاداش ، ھارمىغايسىز !!!
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
زوقلان
زوقلان
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-12-11 12:04:19
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىملا خاتالىقىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ، تەرجىمە ناھايىتى مۇۋاپىقىيەتلىك ، تېتىملىق چىقىپتۇ، ئادەمنىڭ قىزىقىشىنى ئىختىيارسىز قوزغايدىغان ئەسەركەن. بىر تىنىقتىلا ئاخىرغىچە ئوقۇۋەتتىم.
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
تاشيولچى
تاشيولچى
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-12-11 15:54:25
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىكايە مىنى قىزىقتۇردى. تەرجىمانغا رەھمەت!
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
تىزىملىككە قايتىش
ئالىي ئىنكاس
B
Color
Image
Link
Quote
Code
Smilies
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز
كىرىش
|
تىزىملىتىش
سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى
ئىنكاس يوللاش
ئاخىرقى بەتكە ئاتلاش
ستاتىستىكا
|
يانفون نۇسخىسى
|
新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
Powered by
Discuz!
X3.2
(
NurQut Team
)
© 2001-2011
Comsenz Inc.
For
www.xjzjxh.com
جۇغلانما 0, دەرىجە ئۆسۈش ئۈچۈن جۇغلانما
چوققىغا قايتىش