يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 8336|ئىنكاس: 2

بېھزاد(ت): ۋاڭ شيەنشىن ــــ ھايات قەسىدىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-10 18:10:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

ھايات قەسىدىسى

ۋاڭ شيەنشىن
تۇرسۇنجان ئابدۇرېھىم بېھزاد تەرجىمىسى


ئادەمزاتى بارچە مەۋجۇداتتىن ئۈستۈن. ئادەم بەدىنى تەبىئەت ياراتقان ئىلاھى ئەسەر، ئادەم بەدىنىنى سىزىش ۋە ئادەم بەدىنىدىكى ھېسسىيات، ئىدىيەنى ئىپادىلەش-ئەسەرلىرىگە جان كىرگۈزەلەيدىغان سەنئەتكارلارنىڭلا قولىدىن كېلىدۇ.
ئادەم بەدىنى تېمىسىدىكى ماي بۇياق ئەسەرلەر ئابدۇكېرىم نەسرىددىن ئەپەندى بەدئىي ئىجادىيەتلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى. مۆتىۋەرىمىز ئىلگىرى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى، مەركىزى گۈزەل سەنئەت ئىنىستىتوتلىرىدا تولۇق كۇرس، ماگىستىر ئاسپرانتلىقنى ئوقۇش ۋە كېيىنكى كۈنلەردىكى ئۇزاق مەزگىللىك گۈزەل سەنئەت مائارىپى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ئىزچىل ئادەم بەدىنى رەسىمى ئۆگىنىپ، ئۆگىتىپ، ئىنتايىن پۇختا كەسپى ئاساسى ماھارەت ۋە يۈكسەك بەدئىي ساپا ھازىرلىغان. ئالىملارغا خاس ئىلمى ئەقلىيلىك ۋە سەنئەتكارانە ھاياجانلىق ھېسسىيات بىلەن ياۋروپا كىلاسسىك رەسساملىقىدىكى رېئالىستىك ئاڭ ۋە جۇڭگو مەدەنىيىتىدىكى ئەنئەنىۋى ئېستىتىك قىزىقىشىنى ئورگانىك ھالدا يۇغۇرۇپ، ئادەم بەدىنى رەسساملىقى ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىدە ئۆزىگە خاس مىللى ئالاھىدىلىككە ئىگە بەدئىي ئۇسلۇب يارىتىپ، جۇڭگو ماي بۇياق رەسساملىقىنىڭ تەرەققىيات يۆنۈلۈشىگە بولغان مۇستەقىل ھەم سەگەك تونۇشىنى جاكارلىغان. مۆتىۋەرىمىز ئۆزىنىڭ كەسپى ساپاسى ۋە ئىجادىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن شىنجاڭنىڭ گۈزەل سەنئەت مائارىپى ئىشلىرى بولۇپمۇ ئادەم بەدىنى سەنئىتى ئوقۇتۇشىغا گەۋدىلىك زور تۆھپە قوشقان. سەنئەتكارنىڭ يۈكسەك ئىجتىمائى مەسئۇلىيەت ئېڭى، ئۆزىنىڭ نادىر ئادەم بەدىنى ماي بۇياق ئەسەرلىرى بىلەن بايراقدار بولۇپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى كۆرگەزمىلەردە ئىلمى سەنئەت نەزەرىيەسىنى تەشۋىق قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك رايونلار سەنئەت مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال ئاكتىپ تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن.
ئابدۇكېرىم نەسرىددىن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە:  سەنئەت كىشىلەرنىڭ مەنىۋىيەت، ھېسسىيات، ئىدىيە، گۈزەللىك قاراشلىرىنى ئالماشتۇرۇش شەكلى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سەنئەتكار روھى دۇنياسىنىڭ ماددىيلاشقان ئىپادىسى، مىللەتنىڭ ئېستىتىك ئەنئەنىلىرى سەنئەت ئىندېۋىداللىقى يارىتىشتىكى ئىپتىدائى تۇپراق، شۇنداقلا ئىندېۋىداللاشتۇرۇش ھازىرقى زامان ماي بۇياق رەسساملىقىنىڭ تۈپ چىقىش يولى.
ئابدۇكېرىم نەسرىددىننىڭ ئادەم بەدىنى تېمىسىدىكى ماي بۇياق ئەسەرلىرىگە ئومۇمى جەھەتتىن نەزەر ئاغدۇرغاندا رەڭ تۈسى ۋە ئاھاڭدارلىقنىڭ ماس بىرلىكىنى، قىزغىنلىق ئىلكىدىكى مەزمۇندارلىق  ۋە مۇلايىملىق، ئادەم ۋە مۇھىت ئارىسىدا شەكىللەنگەن زىچ ئىچكى باغلىنىشنى بايقايمىز. «ئىككى ئادەم بەدىنى» ناملىق ئەسەردىكى ئاياللارنىڭ ئاددى-ساددا، تېمەنلىكى، «ياشانغان كىشى» ناملىق ئەسەردىكى تۈرلۈك تۈمەن ئۆزگىرىش، نۇرغۇنلىغان ئىنچىكە قەلەم ئىزلىرىدىكى گۈزەللىك ۋە موسكۇلنىڭ ئىپادىلەش ئۈنۈمدارلىقىدىكى شەكىل مەنىدارلىقى ئارقىلىق مەنەن سىزما رەسىملىرىدىكى بەدىئىي ئۈنۈمگە يېتىپ، مەنىۋى مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرگەن، مول ئۆزگىرىشلەرگە ئىگە رەڭ ۋە ئومۇمى جەھەتتىن بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن رەڭ تۈسى ئارىسىدا زور ماھارىتىنى نامايەن قىلىپ ماسلىق ئىچىدىكى بىرلىكنى ئىشقا ئاشۇرغان. ئابدۇكېرىم نەسرىددىن ئەپەندىنىڭ قولىدا پۈتۈپ چىققان پېرسۇناژ رەسىملىرىگە نەزەر سالغىنىمىزدا ئۇ ياراتقان ئوبرازلارنىڭ ھەقىقى جانلىق ئادەملەردىنمۇ بەكرەك يۈرەكنى لەرزىگە سالىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۆزى سىزغان ئوبېيكىتلارنىڭ كىشىلىك خاراكتىرىگە بولغان ئۆتكۈر كۈزىتىشى ۋە چوڭقۇر تونۇشىنى بايقايمىز. بۇ ئەسەرلەردە ھەقىقى تۇرمۇش ۋە رېئال ئوبرازلار چەتكە قېقىلمىغاننىڭ ئۈستىگە، ھەقىقى تۇرمۇش ۋە نوقۇل رېئالىستىك تېخنىكىلىق تەسۋىرلەردىن زور پەرق روشەن گەۋدىلەنگەن. ئۈزۈكسىز داۋاملاشقان ئىزدىنىش ئەمەلىيىتىدە، ئابدۇكېرىم نەسرىددىن ئەپەندى بارا-بارا ئۆزىنىڭ خاس رەسساملىق تىلىنى يارىتىپ، سەنئەتنىڭ تۇرمۇشتىن كېلىدىغانلىقى لېكىن تۇرمۇشتىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىدەك سەنئەت قانۇنىيىتىنى تەكرار، تولۇق ئىسپاتلىغان.
«قىزىل تۈسلىك ئايال بەدىنى رەسىمى» ناملىق ئەسەردە، خەيرىيەت ئالامەتلىرى، بەخت بەلگۈلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم ئەيلىگەن تال-تال نۇر گەردىشىدىن يورۇغان يالىڭاچ ئايال بەدىنى تولغان، بەسىتلىك ھالەتتە تەسۋىرلەنگەن بولسىمۇ ئەمما يەنىلا ئاياللىق نازاكىتى يوقالمىغان، ئېغىر-بېسىق، تەمكىن ئەمما لېۋەنلىكى زىيادە ھالدا تەسۋىرلەنگەن. رەسىمدىكى باش پېرسۇناژنىڭ كەيپىياتى تېنىچ-خاتىرىجەم، قويۇق ۋە يۇمران چاچلىرى مۇرىسىدىن ھالقىپ دۈمبىسىگە يېيىلغان، قىيا پەسكە قاراپ تۇرغان ھالىتىدىن ئىززەت-ئابرويىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قويىدىغان ھايالىق، سىپايە خاراكتېرى چىقىپ تۇرغان، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك قىسقا ۋاقىتتا قايرىلىپ بىر نىگاھ تاشلاپلا يەنە يەرگە قارىۋالغاندەك مومېنت ئىپادىسى، رەسىم يۈزىدە ئىپادىلەنگەن كىشى ئەقلىنى لال قىلغۇدەك بەدئىي ئۈنۈم، ئاپپاق نازۇك بەدەن ۋە ئوت يالقۇنىدەك ئوچۇق قىزىل رەڭلىك پوندىن شەكىللەنگەن كۈچلۈك سېلىشتۇرما، چەكتىن ئاشقان ئىنچىكە تەپسىلاتلاردىن خالىيلىق، ئويناق كەڭ پەلكۈش ئىزى ۋە قىرىش پىچىقىدا قاتمۇ-قات قاتلام ھاسىل قىلغان رەڭ قەۋىتىدىن ئۆزگىچە ئۇسلۇب ۋە كۈچلۈك بەدىئي لەززەت ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچى ھاسىل قىلىنغان. قىزىل رەڭنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشكە دادىللىق بىلەن ئىشلىتىلىشى بىلەن رەسىم يۈزىدە تولۇپ تاشقان ھاياجانلىق مۇزىكىلىق مىلودىيە بوشلۇقى ھاسىل قىلىنغان، ئەنە ئەشۇ خىل تەرزدە پۈتۈن رەسىم يۈزىگە يېيىلغان قىزىل رەڭ، «رېئالىستىك» ئىپادىلەش ئاددىيلىقىدىن ھالقىپ ھايات قىزغىنلىقىنىڭ سىمۋۇلىغا ئايلانغان قىزىل رەڭ، كىشىنىڭ قىزىق قانلىرىنى ئۇرغۇتۇپ ئۆركەشلىتىدىغان قىزىل رەڭ رەسسامىمىزنىڭ قەلىمىدە يورۇق دۇنيانىڭ ھاياتى كۈچىگە ۋە گۈزەللىك ئىستەكلىرىگە ئايلاندۇرۇلغان. مەيلى رەڭلەرنىڭ موللۇقى ياكى پەلكۈچ ئىزلىرىنىڭ ئىپادىلەش كۈچىدە بولسۇن  ئاددى، ساپ رەڭ تۈسى ۋە يورۇق-كۆلەڭگۈنىڭ نازۇك ئۆزگىرىشلىرى ئارقىلىق يارىتىلغان مەنەن سىزما تەسۋىر ئۈنۈمى، بەھوزۇرلۇق ئىلكىدە پەلكۈشنى ئالدى كەينىگە ياندۇرۇپ تەكشى بويالغان زور كۆلەملىك قېنىق رەڭلەر، يۈز ۋە ھەجىمنى ئىپادىلەش تەلەپلىرىنىڭ چەكلىمىسىدىن قۇتۇلغان لىرىكىلىق ئۇسلۇب بۇ رەسىمنى قىزىل رەڭ تۈسىدە رەسىم سىزىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئىپادىلەش سەۋىيەسىگە يەتكۈزگەن. ئوچۇق، رۇشەن، يورۇق رەڭلەر، ئۇرغۇپ تۇرغان ئىجادىيەت قىزغىنلىقى ئىلكىدە زوۋانغا كەلتۈرۈلگەن رەسساملىق تىلى تەبىئى ھالدا ئابدۇكېرىم نەسرىددىن ئەپەندى ئەسەرلىرىنىڭ ئاقكۆڭۈللۈككە، گۈزەللىككە، ئوچۇق-يورۇقلۇققا پائال تۈردە تېخىمۇ يېقىن سىلجىشتەك مەنىۋى ئىستەك خاھىشىنى زور دەرىجىدە كۈچەيىتكەن.
ئوبراز يارىتىپ ئىدىيىۋى ھېسسىياتنى ئىپادىلەش- سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ ئەڭ ئالى فورماتسىيەسى. مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسىگە تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرىش قىيىن بولغان ئىدىيىۋى ھېسسياتلار يۇغۇرۇلغان بولىدۇ، بۇ خىل ئەسەرلەر ھېسسىيات ئالاھىدىلىكى بىلەن كۆرۈرمەننى بەدئىي لەززەتكە، ھوزۇرلۇق ھېس-تۇيغۇغا ئېرىشتۈرىدۇ، شۇڭا كۆرۈرمەن ئۆزىگە چۇشلۇق سەۋىيە ۋە خاسلىق بىلەن ئاپتورنىڭ ئەسىرىدىكى باش تېمىنى چۆرىدەپ بەدىئىي تەسىرلىنىشنى باشتىن كەچۈرىدۇ. «ياشانغان كىشى»  ناملىق ئەسەر مانا شۇنداق بىر قاراشقىلا تارتىنىش تۇيغۇسى بېرىدىغان، بەدىئي تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي ئەسەردۇر.
رەسىم يۈزىدىكى باش گىلدىڭلىتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان چاچلىرى ئاقارغان بوۋاينى ئىنچىكە كۈزەتكىنىمىزدە، ئۇنىڭ جاھىللىق ئارىلاشقان زېرىككەن چىراي ئىپادىسى، قېرىلىقتىن بوشاشقان كۆكرەك تېرىلىرى ۋە مۈرىلىرى، كۆپ ئىشلارنى باشتىن كەچۈرۈپ مۈكچەيگەن بەدىنىدىن تالاي قىسمەتلەرنى، بوران چاپقۇنلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن قېرى دەرەخنى كۆرگەندەك بولىمىز، پۈرلەشكەن يۈزلىرىدىكى ھەر بىر تال قورۇق، ھەر بىر تال سىزىقچىلار بىزگە ئۈنسىز ھالدا پەلەكنىڭ چاقىغا ياندىشىپ ئايلىنىۋاتقان ئىنسانىيەت تەقدىرىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا تەبىئى رەۋىشتە ھاياتلىقتىكى بارچە مەۋجۇداتنىڭ دەۋرىيلىكىنى، پانىيلىقىنى، ئانا يۇرتىنىڭ قەدىمى تۇپرىقىغا بولغان چەكسىز ھۆرمەت ۋە ئاشىقى-بىقارارلىقنى بايان قىلىدۇ.
بۇ ئەسەر رېئالىستىك تەسۋىردە ئىنچىكە ئىپادىلەنگەچكە رەسسام زوقلانغۇچى ۋە ئەسەر ئارىسىدىكى پەردىنى يىرتىپ تاشلىغان؛  رەسسام بۇ ئەسەردە كۆرۈرمەننى ئەسەرنىڭ ئۆزى بىلەن بىۋاستە سۆھبەتلەشتۈرگەن، ھاياتنىڭ مەنىسى ھەققىدە پەيلاسوپلارچە چوڭقۇر تەپەككۇر ئېلىپ بارغان. ئابىدە خاراكتىرىدىكى بۇ ئەسەر شۈبھىسىزكى ئابدۇكېرىم نەسرىددىن ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئادەتتىكى سەنئەتكارلار ئاسانلىقچە يېتەلمەيدىغان بەدئىي يۈكسەكلىك پەللىسىگە كۆتۈرگەن، چۈنكى ئاپتورنىڭ ئەسەردىكى ئادەتتىكى كىشىلەرگە خاس كۈزىتىشى، ئىنسانىيەت ۋە ھاياتلىققا بولغان ھۆرمىتى ۋە مىللىيلاشتۇرۇلغان سەنئەت تىلىغا بولغان ئاداققى ئىزدىنىشى بىزنى ئوڭايلا ئەپەندىمنىڭ ئەسەر ئىجاد قىلىشتىكى ئېستىتىك موھىتىغا باشلاپ كىرىپ، كەيپىياتىمىزنى، ھېسسىياتىمىزنى، روھىمىزنى، پىسخكىمىزنى تېخىمۇ پاك، تەڭداشسىز گۈزەل، نۇرانە بىر مەنىۋى ماكانغا يۈكسەلدۈرىدۇ.
«ئەر كىشىنىڭ يالىڭاچ بەدىنى» ناملىق ئەسەرگە يۈزەكى نەزەر ئاغدۇرغىنىمىزدا ئالدى بىلەن كۆزىمىزگە چېلىقىدىغىنى مويسىپىت ئەر تېنىنىڭ جۇغراپىيەسىگە ئائىت ئۇچۇرلار بولىدۇ: ئاقارغان چاچلار، بوشاشقان موسكۇللار، مۆكچەيگەن ئولتۇرۇش قىياپىتى، ئالدىغا ئېڭىشكەن بەدەن ھالىتى... بولۇپمۇ ئاپئاق كەكە ساقال ئالاھىدە دىققەت-ئېتىبار بىلەن تەسۋىرلەنگەن، ئاق ساقال ئىگەك ئاستىدىكى قېنىق رەڭلەر بىلەن كۈچلۈك سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىپ گەۋدىلىك ھالدا كۆزنى ئالاھىدە جەلپ قىلغان، ساقالنىڭ رۇشەن تەسۋىرى ياردىمىدە باش ئېڭىشتۈرۈلۈپ ئىككى قولنىڭ بىلەك سۆڭەكلىرى بۆرتۈپ چىققان (ئوقۇرەك سۆڭىكى ئەتراپىدا ئويمان بۆلەك ھاسىل بولۇپ موسكۇللارنىڭ سۈپەت ھېسسىياتى جانلىق ئىپادىلەنگەن)، ئاق ساقالنىڭ شەكلى يەنىلا جاھىللارچە ئازراق ئىگىلگەن شەكىلدە بولسىمۇ ھامان ئوۋچىلارغا يول باشلايدىغان جەڭ ئەلەملىرىگە ئوخشىمايدۇ، نائىلاج تولدۇرۇپ سىزىلغان...
بىراق ھايات ھېكمىتى نوقتىسىدىن ئەستايىدىل كۈزىتىپ نەزەر ئاغدۇرغىنىمىزدا، بىز رەسىمدە ئىپادىلەنگەن ئەر كىشى بەدىنىنىڭ ناھايىتى قەددى-قامەتلىك، پۇت-قوللىرى يوغان، سۆڭەكلىرى قاتتىق، موسكۇللىرى چىڭ كەلگەنلىكىنى بايقايمىز، سەنئەتكار بىزگە ئۇنىڭ قەددى-قامىتى كېلىشكەن، كۈچ-قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلىق باھارىدىن ئىشارەت بېرىپ ئۈلگۈرىدۇ ــ «ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى، نى گۈزەللەر بولغانتى شەيدا. خەنجەر بولۇپ قادىلار ئىدى، بولسا مەلئۇن ھەر جايدا پەيدا...دىگەن مىسرالاردا دېيىلگەندەك ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە ئىشەنچى ئۇرغۇپ تاشقان، كۈچ قۇۋۋەتكە تولغان، تاغنى تالقان، يەنى يەكسەن قىلغۇدەك جاسارەتتە ئۆز-ئۆزىدىن پەخىرلەنگەن چاغلىرى بولغان، ئەلۋەتتە....
ئىجادىيەتلىرىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرىدىلا تەمتىرىمەستىن بەھەيۋەت سەنئەت قەسىرلىرىگە قەدەم باسقان سەنئەتكارىمىز نۇرغۇنلىغان مەشھۇر سەنئەتكارلارنىڭ ئۇدۇمى بويىچە مېڭىپ، مودېلنى سىزىش ئارقىلىق ھاياتلىق ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن، مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن، ئۇ ئۆزىگە خاس تۇرمۇش كۆز قارىشى ۋە سەنئەت تىلى بىلەن شېئىرىلاشتۇرۇلغان ھەر بىر پارچە رېئالىستىك يالىڭاچ بەدەن رەسىمى بىلەن ھاياتلىققا قەسىدە ئوقۇغان.
رومىن روللان مۇنداق دېگەنىدى: «سەنئەتنىڭ ئۇلۇغ ئەھمىيىتى ئۇنىڭ ئىنسانلارنىڭ ھەقىقى ھېسسىياتىنى، ئىچكى ھېسسى تۇرمۇشىنىڭ سىرلىرىنى، دۇنياغا بولغان قىزغىنلىقىنى ئىپادىلەپ بېرەلىگەنلىكىدە.» كىشىنىڭ مىجەزى يۇرتىنىڭ سۇ-تۇپرىقىدىن ئەنداز ئالىدۇ، يىلتىزى شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ باغرى ئىسسىق تۇپراققا سوزۇلغاچقا، يەرلىك مەدەنىيەت ئابدۇكېرىم نەسرىددىن ئىجادىيەتلىرىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان پۈتمەس-تۈگىمەس، قۇرىماس بۇلىقى بولۇپ كەلگەن. ئىككى قولى بىلەنلا ئەمەس يۈرىكى، باغرى بىلەن دەۋرنى قۇچاقلىيالىغان سەنئەتكارلارلا سەنئەتنىڭ ھەقىقى مەنىسىگە يېتەلەيدۇ، ئىنسانىيەت روھىيىتىگە ئوزۇق بېرەلەيدۇ، مىللى مەدەنىيەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئالالايدۇ، شۇندىلا سەنئەتنىڭ سېھىرلىك قەلىمى ئېدىئال كېلەچەكنىڭ قوينىغىچە ئۇزىراپ يۈكسەكلىككە يېتىپ بارالايدۇ.
ئابدۇكېرىم نەسرىددىننىڭ رەسىملىرى ئوبرازلىق ۋە چۈشىنىشلىك، ئۇ كامالەت تاپقۇزغان سەنئەت تىلىغا يەنە ئارتۇقچە ئىزاھ قوشۇمچە قىلىشنىڭ پەقەتلا ھاجىتى يوق، ئابدۇكېرىم نەسرىددىننىڭ يېرىم ئۆمرىنى ئىگەللىگەن سەنئەت ئىجادىيەت كەچمىشى ئۇنىڭ ھەر بىر پارچە ئەسىرىگە سىڭىپ كەتكەن. ئەپەندىمنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى ئاللىقاچان سەنئەت تارىخىنىڭ رەڭدار بەتلىرىدىن مەزمۇت ئورۇن تۇتۇپ بولدى، كەلگۈسى يۈز يىل، 50يىل ۋە يېقىنقى 20يىل ئىچىدە يېزىلىدىغان جۇڭگو ماي بوياق سەنئىتى ھەققىدىكى قامۇس ۋە رەسىملىك توپلاملار ئەلۋەتتە ئابدۇكېرىم نەسرىددىننىڭ مانا موشۇنداق كىلاسسىك ئەسەرلىرىسىز روياپقا چىقالمايدۇ.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-10 19:20  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-10 18:28:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      مۇمكىن بولسا ئەسەرنى تەرجىمە قىلىشتا پايدىلانغان ئەسلى كېلىش مەنبەنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ، سېلىشتۇرۇپ ئوقۇشنى ئارمان قىلىغانلارغا ئاز-تولا پايدىسى بولۇپ قالار !

ۋاقتى: 2015-12-10 18:57:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« كەلگۈسى يۈز يىل، 50يىل ۋە يېقىنقى 20يىل ئىچىدە يېزىلىدىغان جۇڭگو ماي بوياق سەنئىتى ھەققىدىكى قامۇس ۋە رەسىملىك توپلاملار ئەلۋەتتە ئابدۇكېرىم نەسرىددىننىڭ مانا موشۇنداق كىلاسسىك ئەسەرلىرىسىز روياپقا چىقالمايدۇ. » ...مۇشۇ قۇرلارنى ئوقۇغان ھەرقانداق بىر ئوقۇرمەن مەرھۇم ئاتاقلىق سەنئەتكار ئابدۇكېرىم نەسىردىننىڭ مەدەنىيىتىمىزنىڭ يارقىن نۇقتىلىرىنى يورۇتۇشتا ئىنتايىن مۇھىم تۆھپىكار ئىكەنلىكىنى چوقۇم ئېنىقى بىلەن ھېس قىلالايدۇ. ئىنىمىز تۇرسۇنجاننىڭ ئەجرىگە تەشەككۈرلەر بولسۇن، ئامەتلىك بولۇڭ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىملاغىمۇ ئىنتايىم مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپسىز... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ABLAJAN.BOWAKI تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-10 18:58  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش