يازغۇچى ئابباس مونىياز ئەپەندىنىڭ «ئاياللىق ئالەم» ناملىق پوۋېست، ھېكايىلەر توپلامىنىڭ نەشر قىلىنغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ھەمدە مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئابباس مونىياز ئەپەندىنىڭ ئىجادىيەتتە ئۆزىگە خاس يول تۇتۇپ دادىل ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىغا بولغان چوڭقۇر تەشەككۇرىمنى بىلدۈرىمەن. ئابباس مونىياز يېقىننىڭياقى تونۇلۇۋاتقان يازغۇچىلىرىمىز ئىچىدە «ئابباس مونىيازچە ئۇسلۇب» يارىتىپ بىزنىڭ قايىللىقىمىزنى قوزغاۋاتىدۇ. ئابباس مونىياز ئەپەندىگە يەنىمۇ شانلىق نەتىجە تىلەيمەن.
|