يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 547|ئىنكاس: 8

شاھىدى: «ئۈمىد يۇلتۇزلىرى» يورۇتقان يوللار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-10 12:49:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
«ئۈمىد يۇلتۇزلىرى» يورۇتقان يوللار



قۇربان داۋۇت شاھىدى

قۇر بېشى


چېكىدۇ ئىنساننىڭ يۈرەك تارىنى،
ئىجادنىڭ باھاردەك سېھىرلىك كۈچى.                  
ھايات ئۇ ئۈمىدتىن ئېشىلگەن تانا،                     
شائىرنىڭ قولىدا ئۇنىڭ بىر ئۇچى.     
               
  ئاڭلىشىمچە ئامېرىكىلىق بىر كاتتا يازغۇچى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ھەسرەت چېكىپ تۇرۇپ: «ئەگەر ماڭا قايتا تاللاش پۇرسىتى بولغان بولسا، يېزىقچىلىقتەك بۇنداق تەس ئىشنى ھەرگىزمۇ تاللىمايتتىم» دېگەنمىش. مەن بۇ گەپنى ھەقىقەتەنمۇ راستمىكىن دەپ قالدىم. مېنىڭمۇ يېزىقچىلىق بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرگىنىمگە بەك ئۇزۇن بولدى. بېرەك ھېسابلىغاندا 30 يىل بوپتۇ. ئادەمنىڭ ئۆمرىگە باغلاپ چۈشەنگەندە 30 يىل ۋاقىتنى ئۇزۇن ۋاقىت دېسەك ئارتۇقچە بولماس. بۇ جەرياندا نۇرغۇن نەرسىلەرنى يازدىم، ھەرخىل ژانېردا قەلەم تەۋرەتتىم. ھەر قېتىم پۈتتى دەپ قارىغان ئەسەرلىرىمدىمۇ يەنىلا ئۆزۈم رازى بولمىغان، دىلىم سۇ ئىچمىگەن تەرەپلەر باردەك تۇيۇلدى. دەرسخانىدا بالىلارغا ماقالە يېزىشنى ئۆگۈتىمەن دەپ، ئالدىمىزغا چايدان، چەينەك، ئالما دېگەندەك نەرسىلەرنى قويۇۋېلىپ، شۇنى تەسۋىرلەپ، ئەشۇ كۆز ئالدىمىزدىلا مانا مەن دەپ تۇرغان نەرسىنى يېزىپ مەشق قىلدۇق، يازدۇق، قايتا-قايتا يازدۇق، كۆپ يازدۇق، ئەمما ئۇنى ئۆز ئەينى بويىچە يازالمىدۇق، ئۇنى خۇددى سىزغاندەك يېزىپ چىقالمىدۇق. باشقىلارنى قانداقراق يازغاندۇ دەپ قارىسام، ئۇلارمۇ تۇرمۇشنى تېخىچىلا ئەينەن يېزىپ چىقالماپتۇ. كۆز ئالدىدىكى مەنزىرە، مۇكەررەملەرنى ئەسلىي قىياپىتى بويىچە تەسۋىرلەپ بولالماپتۇ. ئىشلەتكەن تىل ۋە تەسۋىرلەرنىڭ ھالى شۇ ئەسلىدىكىسىدىن تۆۋەن كۆرۈندى ماڭا. مانا شۇنىڭغا قاراپ يازماق ھەقىقەتەن تەسكەن دەپ قالدىم ئىچىمدە. شۇنداق قىلىپ، يېزىشنىڭ، يېزىقچىلىق قىلىشنىڭ قىيىنلىقىنى، ئوڭاي ئىش ئەمەسلىكىنى بىلگەنسېرى باشقىلارنىڭ يازغانلىرىنى قەدىرلەيدىغان، بىر نەرسە يازغانلارغا ھۆرمەت نەزىرىمدە قارايدىغان بولدۇم. كىتابلارنى، گېزىت-ژورناللارنى ئالا قويماي ئوقۇيدىغان، ئەتىۋارلاپ ساقلايدىغان بولدۇم. ئېسىمگە ئورناپ كەتكەن بىر ئەستىلىك بار، ئۇ بولسىمۇ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ يۈرگەن چاغلىرىمدا نۇرغۇن قېتىم توپ مۇسابىقىلىرىغا رىپىر بولۇپ پۇشتەك چالغانىدىم. پۇشتەكنى چېلىش ئوڭاي بولغان بىلەن، بىلىپ چېلىش، بايقاپ چېلىش، ھەقىقەتنى كۆرۈپ چېلىش بەكمۇ تەس ئىدى. سىرىتتا تاماشىبىن بولۇپ ئولتۇرۇپ مۇسابىقە كۆرگەندە، قىلدىن قىيىق كەتكەننى بەك ئوڭاي بىلىۋالغىلى بولاتتى، سىرىتتا تۇرۇپ گەپ قىلماق، نۇقسانلار ھەققىدە سۆزلىمەك، قىييا- چىييا قىلماق بەك ئوڭاي ئىش ئىدى. ھالبۇكى، پۇشتەكنى قولغا ئالغاندا بولسا نۇرغۇن ئادەملەر، مانا مەن دەپ مەيدىسىگە چەككەن نوچىلارمۇ ئىختىيارىسىز مەڭدەپ قالاتتى. مۇنداق ئەھۋاللارنى مەن كۆپ ئۇچراتقان ئىدىم. مانا ھازىرمۇ قولۇمغا قەلەمنى ئېلىپ مەڭدەپ قېلىۋاتاتتىم، قانداق يېزىشنى بىلەلمەيۋاتاتتىم. «ئۇھ، يازماق ھەقىقەتەن تەسكەن!» دېدىم ئىچىمدە يەنە بىر نۆۋەت. لېكىن بۇ ھېكايىنى يازماي بولمايتتى. بۇ ئادەم ھەققىدە سۆز ئېچىش، يېزىپ بېقىش مېنىڭ ئىستىكىم ئىدى. چۈنكى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا چاقناپ چىقىپ، جەمئىيەت ۋە روھىيەتنى تەڭلا لەرزىگە سالغان «ئۈمىد يۇلتۇزلىرى» مېنىڭ ۋۇجۇد قەسرىمنى چەككەن ئىدى.

كۆكچى مەھەللىسىنىڭ ئاسمىنىدىكى يۇلتۇزلار

   بۇ قىسسىنى باشلاش ئۈچۈن گەپنى سەل يىراققا سوزۇشقا توغرا كېلىدۇ. كۆكچى مەھەللىسى قەدىمىي كۈسەن دىيارى يەنى كۇچا ناھىيەسىنىڭ كونا شەھەر رەستە بازىرىنىڭ جەنۇپ تەرىپىگە تۇتىشىدىغان، ئۇزۇنغا سوزۇلغان بىر كوچىنىڭ نامى. بۇ كوچىنىڭ بارلىققا كېلىش تارىخى بەلكىم كۇچانىڭ تارىخى بىلەن تەڭ بولۇشى مۈمكىن. بۇ كوچا ئۆزىمۇ ئۇزۇن كوچا، تارىخىمۇ ئۇزۇن كوچا. كېچە- كۈندۈز ئادەم ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان ئاۋات كوچا، بازار كوچا. كۇچادىكى بىلىملىك كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى، ھاللىق، باي ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسىمۇ مۇشۇ كوچىدىن، مۇشۇ كۆكچى مەھەللىسىدىن چىققان. بۇ مەھەللىدىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، بۇرۇنمۇ، ھازىرمۇ شۇنداق. بۇ مەھەللىدىكى كىشىلەر كۆكتات تېرىپ ئۆستۈرۈشكە ماھىر بولۇپ، ھەم مۇشۇ تۈردىكى تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تىرىشچان، ئىشقا پىششىق ئادەملەردۇر. شۇڭا بۇ مەھەللىنىڭ نامى ئەنە شۇنداق «كۆكچى مەھەللىسى» دەپ چىرايلىق ئاتالغان ئىكەن.
ئابلىكىم سابىر ئاكا 1937-يىلى شەھىرى كۈسەندىكى مۇشۇ كۆكچى مەھەللىسىدە ئۇقۇمۇشلۇق، مەرىپەتلىك، جاھان كۆرگەن تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئاتىسى سابىر ئاكا سودا-تىجارەت ئىشلىرى بىلەن چەتئەللەرگە چىققان، ئىچكىرى ئۆلكىلەرنى ئارىلىغان، ئەقىللىق ھەم تولىمۇ چىۋەر ئادەم ئىدى. 1943-يىلى ئانىسى زەيتۇنىخان ئالەمدىن ئۆتكەندە ئابلىكىم سابىر تېخى ئالتە ياشتا ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۆگەي ئانىنىڭ ئالدىدا چوڭ بولۇشقا باشلىغان. ئۇنىڭ بۇ كېيىنكى ئانىسىنىڭ ماشىنچىلىق ھۈنىرى بار، ئاش-تاماققا، ئۆي- ئىشلىرىغا قولى بەك ئەپلىك ئايال بولۇپ، ئابلىكىم سابىرنى كۆڭۈل قويۇپ، كۆيۈنۈپ تەبىيەلىگەن. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەقىقىي ئانا-بالىلىق مۇناسىۋەتكە ئايلىنىپ كەتكەن. ئۇلار ئىنتايىن ياخشى ئۆتكەن. ئۇلارنىڭ ئائىلە شارائىتىمۇ ھەر جەھەتتىن ياخشى بولغاچقا، ئاش- ناندىن، پۇل-پۈچەكتىن قىسىلماي ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرى توق ھەم كۆڭۈللۈك ئۆتۈشكە باشلىغان. 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى (قۇربان ھېيتنىڭمۇ 3- كۈنى ئىدى) گومىنداڭ ھۆكۈمىتى كۇچا بازىرىنى تاشلاپ قاچىدىغاندا شەھەرگە ئوت قويغان. شۇ كۈنى كۇچا ئوت دېڭىزىغا ئايلانغان. نۇرغۇن ئۆي-ئىمارەتلەرنى كۆيدۈرىۋەتكەن، نۇرغۇن ئادەملەر ئۆلۈپ كەتكەن. يەنە قانچىلىغان كاتتا بايلارنى گومىنداڭ ئەسكەرلىرى ئالتۇن-كۈمۈش تەلەپ قىلىپ، پۇل تەلەپ قىلىپ قىيناپ ئۆلتۈرىۋەتكەن. شۇ كۈنىدىكى ئوت ئاپىتىدە ئابلىكىم سابىرنىڭ ئۆيىمۇ كۆيۈپ چىچىلغا ئايلىنىپ كەتكەن. ئۆينىڭ ئىچىدىكى مال-دۇنيا، يەر ئاستى ئۆيدىكى قىممەت باھالىق گېلەملەر، چىنە-قاچا، پار-پۇر بويۇملاردىن ھېچبىرى ساق قالمىغان. شۇ كۈنى ئابلىكىم سابىر ئائىلىسىنىڭ جىمىكى تاپقان-تەرگىنى كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىپ كەتكەن. شۇ قېتىمقى پاجىئەدىن كېيىن ئامان قالغانلار يەنە ئۆز تۇرمۇشىنى بىر قىماپ بىلەن داۋام ئەتكەن. تارىخمۇ داۋام قىلىپ تۇرغان. شۇنداق قىلىپ ئابلىكىم سابىر 1952-يىلى 6-ئايغىچە ئائىلە تەربىيىسىدە بولغان ۋە كۆكچى مەھەللىسىگە يېقىن جايدىكى كۇچا ناھىيەلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان. 1952-يىلى يازلىق تەتىلدە شەھەرگە قاراشلىق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يازلىق لاگىر پائالىيىتىدە كوممۇنىزىم ئىشلىرىنىڭ ئىز باسارلىرى بولغان پىئونىرلار ئەترىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن. شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭ سەبىي ھاياتىدا يېڭى بىر سەھىپە ئېچىلغان، ئۇنىڭ ئېڭىدا، ئىدىيىسىدە بىر ئۈمىد يۇلتۇزى نۇر چېچىشقا باشلىغان. 1952-يىلى 9-ئايدا ئەمدىلا يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقان، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شەرقىدىكى تۇنجى ئوتتۇرا مەكتەپ، سانسىزلىغان سەبىي سۇمرۇغلارغا قانات بەرگەن بىلىم بۆشۈكى، كۇچا ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئابلىكىم سابىر ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭ ھاياتىدا، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا يەنە بىر سىلكىنىش، يەنە بىر قېتىملىق ئويغىنىش بولغان. ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇش ئۇنى ئۆزىگە بەكلا جەلىپ قىلغان. ھەرقايسى پەنلەرنى ياخشى ئۆگۈنۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ رەسىم سىزىش، گۈزەل سەنئەت ئۆگىنىشكە بولغان ئىشتىياقى يەنىمۇ كۈچەيگەن. شۇ يىلى ئەتىيازدا بولۇپ ئۆتكەن بىر ئىش ئۇنىڭ ئېسىدىن زادىلا چىقمايدۇ. 1952-يىلى 3-،4-ئاي مەزگىلىدە ناھىيە بويىچە جىددىي قانات يايدۇرىلىۋاتقان «ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىپ، زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇش» ھەرىكىتىنىڭ تەشۋىقات گۇرۇپپىسى ئۇنى چاقىرتىپ، تەشۋىقات ئىشلىرىغا قاتناشتۇرىدۇ. ئۇ بۇ گۇرۇپپىدا ئاساسلىقى تاختاي ۋە تاملارغا رەسىم سىزىدۇ. بولۇپمۇ ئەشۇ يىللىرى، ئازاتلىقنىڭ ئەشۇ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە بىر كىچىك بالا ئۈچۈن، بىر ساددا ئۆسمۈر ئۈچۈن پارتىيە، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئارىسىدا يۈرۈپ، شۇلارنىڭ قاتارىدا بۇنداق بىر مۇھىم ھەم چوڭ ئىشلارنى قىلىش بالىلارنى ئەمەس، چوڭلارنىمۇ ئوبدانلا ھاياجانغا سالىدىغان، غايەت زور ئىلھام ھەم مەدەت بولىدىغان بىر ئەستىلىك ئىدى. دەرۋەقە، بۇ ۋەقە ئابلىكىم سابىرنىڭ كېيىنكى ھاياتىغا چوڭقۇر ئىجابىي تەسىر كۆرسەتتى. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا شىمالدىن كەلگەن رىشات ئىسىملىك بىر رەسىم ئوقۇتقۇچىسىدىن رەسىم سىزىشنى تېخىمۇ سىستېمىلىق ئۆگىنىشكە باشلىدى. دەرستىن سىرىتقى ۋاقىتلاردا مەكتەپنىڭ تام گېزىتلىرىنى ئىشلەپ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ تۇردى، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇ كىچىك تۇرۇپلا داڭ چىقىرىشقا باشلىدى. ئۇ بۇ يىللاردا مەكتەپنى، ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرىنى، ئىلىم-پەننى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ياخشى كۆرۈپ قېلىۋاتاتتى. مەكتەپ تەشكىلىمۇ ئۇنىڭ ئۆگىنىشتىكى تىرىشچانلىقىنى، ئائىلىسىدىكى ئېغىر قىيىنچىلىقنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنى مەكتەپ ئاشخانىسىدىن ھەقسىز تاماق يەيدىغانغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان ئىدى. ئۇ ھەركۈنى مەكتەپكە بەك سەھەر باراتتى. نېمىشقا دېگەندە ئوقۇتقۇچى، ئۇستازلىرىنى ئازراق بولسىمۇ بالدۇر كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن، بىر-ئىككى بەت بولسىمۇ كىتاب ئوقۇۋېلىش ئۈچۈن، بورنى قولىغا ئېلىپ دوسكىغا خەت يېزىۋېلىش ئۈچۈن، مەكتەپنىڭ ئورمان، دەل- دەرەخلىرىنى بالدۇرراق كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن، ئۆزى ئىشلىگەن تام گېزىتلىرىدىن ھوزۇر ئېلىش ئۈچۈن مەكتپكە ئەنە شۇنداق سەھەر باراتتى. بىر كۈن كەچكىچە ئەنە شۇنداق تىنىم تاپماي يۈگۈرۈپ يۈرۈپ ئوقۇيتتى، پۈتۈن قىزغىنلىقى بىلەن ئۆگۈنۈش قىلاتتى. ئۇ نەچچە قېتىملاپ مەكتەپكە يېرىم كېچىدە بېرىپ قالغان. بۇنداق بولىشىدا كۆكچى مەھەللىسىنىڭ شۇ زامانلادىكى يۇلتۇزلىرى بەك يورۇق، بەك نۇرلۇق ئىدى. خۇددى بىر ئادەم بۇ يۇلتۇزلارنى سۇپۇنداپ يۇيۇپ قويغاندەك شۇنچىلىك پاكىز، جۇلالىق ھەم چىرايلىق بولۇپ، كۆكچى مەھەللىسىنىڭ ئاسمىنىدا، بۇ يۇلتۇزلارنىڭ يېنىدا ھېچقانداق بىر تۈتەك، تۇمانلار يوق ئىدى. شۇڭا تازا تۈن تەڭ بولغاندا پۈتۈن يۇلتۇزلار، بارلىق يۈلتۇزلار ئۇۋىسىدىن چىقىپ جىىمرلاپ، يورۇپ، كېچىنى گويا كۈندۈزدەك ئايدىڭ قىلىۋېتەتتى. مانا بۇ ئايدىڭ، مانا بۇ يورۇقلۇق شۇ چاغدىكى كىچىك ئابلىكىمنىڭ قەلب دۇنياسىغا، ۋۇجۇدىغا ئۆتۈپ كەتكەنىدى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە تاتلىق ئۇخلاۋاتقان ئابلىكىم كىرپىكلىرىگە قونغان يورۇقلۇقتىن، ئاي شولىسىدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ «ئاپلا، تاڭ ئېتىپ كېتىپتۇ ئەمەسمۇ» دېگىنىچە مەكتەپكە يۈگرەيدۇ. مەكتەپ ئىچىگە كىرىپ قارىغۇدەك بولسا ھېچكىم يوق، ساۋاقداشلىرىنىڭ ياتىقىغا بېرىپ قارىسا ئۇلارمۇ تاتلىق ئۇيقىدا ياتقان، ئابلىكىم بېشىنى كۆتىرىپ ئاسمانغا قارىسا ئاسماندا ئاي بىلەن لىققىدە يۇلتۇزلار ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈشۈپ تۇرغان، شۇنىڭ بىلەن ئابلىكىم مەكتەپ قوغداش ئۆيىگە كىرىپ بۇ يەردىكى قاراۋۇلدىن «تېخى تاڭ ئاتمىدىمۇ؟ سائەت نەچچە بولدى؟» دەپ سورايدۇ. قاراۋۇل: «ھەي بالام، سەن بالدۇر كېلىۋاپسەن، تېخى تاڭ ئاتمىدى، ھازىر كېچە سائەت ئۈچ بولدى» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن ئابلىكىم قاراۋۇلغا ھەمرا بولۇپ، قوغداش ئۆيىدە بىر- بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرۇپ تاڭنى ئاتقۇزغان ھەم شۇ يەردە ئولتۇرۇپ سەھەر سائەت ئالتىدە چېلىنىدىغان پۇشتەك ئاۋازىنى ساقلىغان. بۇنداق ئىشلار، مەكتەپكە بالدۇر كېلىپ قالىدىغان بۇنداق ئەھۋاللار بىر ئەمەس، نەچچە قېتىملاپ يۈز بەرگەن. بۇ قايناق يىللار، بۇ قانماس يىللارمۇ ھەمساتتىلا ئۆتۈپ كەتتى. 1955-يىلى 6- ئايدا كۇچا ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تۇنجى قارارلىق ئوقۇغۇچىلىرى كۈسەن دىيارىدىكى بۇ ئانا مەكتەپنى غەلىبىلىك پۈتتۈردى. شۇ يىلى 8-ئايدا ئۇ كۇچا ناھىيەسىدىن تۇنجى بولۇپ، شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل- ئەدەبىيات فاكولتىتىغا ئوقۇشقا قوبۇل قىلىندى. 8-ئاينىڭ 23-كۈنى قارا ماشىنىنىڭ كۇزۇپىدا ئولتۇرۇپ، يەنە شۇ يېلىڭ، يالاڭ ئاياغ پېتى، ئاددىي، داغدۇغىسىزلا كۇچادىن ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ كۆكچى مەھەللىسى بىلەن 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئارلىقىدا يۈگۈرۈپ يۈرۈپ ئوقۇيدىغان، قىشمۇ- ياز دېگۈدەك نامراتلىق، كەمبىغەلچىلىك تۈپەيلىدىن يالاڭ ئاياغ مېڭىپ يۈرۈپ ئوقۇيدىغان كۈنلىرى ئۆتمۈشكە ئايلاندى. كۆكچى مەھەللىسىدىكى، رەستە بازىرىدىكى، ئاقدەن يولىدىكى مىڭلىغان كىشىلەر بۇ بالىنى،  ھەر كۈنى ئوخشاشلا ئالدىراش يۈرۈيدىغان، دۇكان- سارايلارنىڭ، تىجارەت سورۇنلىرىنىڭ ئالدىدىن مەكتەپ تەرەپكە قاراپ ئاققان يۇلتۇزدەك يۈگۈرۈپ ئۆتۈپ كېتىدىغان بۇ بالىنى قايتا ئۇچراتمىدى. ھەتتا ئىنقىلابىي قۇربان لىن جىلۇ ھاكىم باش بولۇپ سالدۇرغا قەدىمىي كۈسەن كېچىكىدىكى ياغاچتىن ياسالغان ھەيۋەتلىك ئىتتىپاق كۆۋرۈكىنىڭ ئىككى قاسنىقىدا، كۆۋرۈكنىڭ دەرەبجىلىگە يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ كۈننى كەچ قىلىدىغان بېكار تەلەتلەر، تىلەيدىغان دىۋانە، قەلەندەرلەرمۇ ئۈمىد يۇلتۇزلىرى سۆيگەن، ئانا دەريا سۇ بەرگەن، ئۇسسۇزلۇق بەرگەن، كۆكچى مەھەللىسى مېھىر بېرىپ چوڭ قىلغان، پەرۋىش قىلغان بۇ ئوغۇل بالىنى شۇنىڭدىن كېيىن  قايتا چېلىقتۇرمىدى.

يۇلتۇزدەك رەڭدار خىياللىرىم بار   
            
   ئۇنىڭ خىياللىرى كۆپ ئىدى، ئۇنىڭ خىياللىرى بىر-بىرىدىن گۈزەل، بىر- بىرىدىن تاتلىق ئىدى. ئۇنىڭ خىياللىرى كۇچا بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ ئارلىقىدىكى يولدىنمۇ ئۇزۇن بولغاچقا تاكى ماشىنا بىلەن ئۈرۈمچىگە بېرىپ بولغىچىمۇ تۈگىمىدى. ئۇ ئۈرۈمچىگە ماڭىدىغاندا، ئۈرۈمچىنى كۆرگەنلەر ئۇنىڭغا ئۈرۈمچى ھەققىدە سۆزلەپ مۇنداق دېگەنىدى: «ئۈرۈمچى دېگەن قالتىس يەر، بەك چىرايلىق شەھەر، كوچىلىرىدا ماڭساڭلار يولغا كۆلگىچىڭلار چۈشۈپ تۇرىدۇ. يوللىرى گويا ئەينەكتەك سىلىق». بۇ سۆزلەر ئۇنىڭ ئۈرۈمچى ھەققىدىكى قىزىقىشىنى تېخىمۇ ئاشۇرىۋەتكەنىدى. 1955-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشكە يېقىن بىر چاغدا ئۇ چۈشكەن ماشىنا ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى. ئۇ مەكتەپكە كېلىپ، ياتاققا ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كېيىن بىر نەچچە ساۋاقداشلار مەكتەپ ئىچىنى كۆرۈپ باقماقچى بولۇپ تالاغا چىقتى. ئۇ ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم ئېگىز بىنانى، ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇشلارنى كۆرۈۋاتاتتى. گەرچە ئاشۇ يىللىرى ئۈرۈمچىدە ئەڭ ئېگىز قۇرۇلۇش ئۈچ قەۋەت ئەتراپىدا بولسىمۇ لېكىن بۇ يېڭىلىق ئابلىكىم سابىر ئۈچۈن  غايەت زور ھاياجانلىق ئىش ئىدى. ئابلىكىم بالىلارنىڭ قاتارىدا ئەمدىلا نەچچە قەدەم مېڭىشىغا، سەل نېرىدا تازىلىق قىلىۋاتقان ئايال ئۇنىڭغا  :« ھەي بالا، پۇتىڭىزغا ئاياغ كىيىۋېلىڭ، سىمونت يەر زىيان قىلىدۇ، رىماتىزىم بولۇپ قالىسىز» دەپ توۋلىدى. دەرۋەقە، ئابلىكىم ئۈرۈمچىگە يالاڭ ئاياغ پېتىلا كەلگەنىدى. ئۇنىڭدا ئەسلىدىمۇ پۇتىغا كىيگۈدەك بىر نەرسە يوق ئىدى. ئۇ «رىماتىزىم» دېگەن بۇ قانداق گەپتۇ دەپ، ئايالنىڭ ئاغزىغا قاراپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالغانىدى. چۈنكى ئۇ «رىماتىزىم» دېگەن بۇ سۆزنىمۇ تۇنجى قېتىم ئاڭلاۋاتاتتى. ساۋاقداشلىرى ئۇنى ئېلىپ دەرھال ياتاققا كىرىپ كەتتى. ئارىدىن تولا ئۇزاق ئۆتمەيلا بىر ساۋاقداش يۇقىرى يىللىقتىكى بىر بالىنىڭ ئۇنىڭغا بىر جۈپ ئاياغ بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ، بىر نىمكەش تەنھەرىكەت ئايىغىنى كۆتىرىپ كىرىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئابلىكىم ئۈرۈمچىگە كەلگەن شۇ كۈنى بىر ئاياغلىق بولۇپ قالدى. شۇ كۈنى يەنە ئۇنىڭ سەبىي يۈرىكىلا ئەمەس، خۇددى چەمدەك قېتىپ كەتكەن تاپانلىرى، پۇتلىرىمۇ كۈلۈپ كەتتى.                           
   ئەنە شۇ كۈندىن ئېتىبارەن ئابلىكىم سابىرنىڭ سىتودىنىتلىق ھاياتى باشلىنىپ كەتتى. ئۇنىڭغا ئىنىستىتوتتىكى ھەممىلا نەرسە يېڭىلىق بولۇپ تۇيۇلدى. ئۈرۈمچى ئۇنى ھەقىقەتەنمۇ ھەيران قالدۇرماقتا ئىدى. دېمىسىمۇ ئابلىكىم سابىرنىڭ ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا بارغان ۋاقتى ئېلىمىز مىقياسىدا ئازاتلىقنىڭ دەسلەپكە مەزگىللىرى بولۇپ، بۇ مەزگىلدە پۈتكۈل جۇڭخۇا زېمىنىدا كۈندە بىر دېگۈدەك يېڭىلىقلار، يېڭى ئىشلار، ئادەمنى خۇشال قىلىدىغان ئۆزگىرىشلەر بولۇپ تۇراتتى. جۈملىدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمۇ ئەشۇ كۈنلەردە قۇرۇلغان ئىدى. شۇڭا ئۈرۈمچى تۇپرىقىدىكى يېڭىچە روھ، قاينام-تاشقىنلىققا تولغان مەنزىرە ئۇنىڭ ئوقۇشقا، بىلىم ئېلىشقا، ئىزدىنىپ ئىجاد قىلىشقا بولغان ئىشتىياقىنى بىراقلا يۇقىرى پەللىگە كۆتىرىۋەتتى. يەنە بىر جەھەتتىن مۇشۇ مەزگىللەردە ئىنىستىتوت ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ھەر ئايدا ئۈچ يۈئەن تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرەتتى. بۇ پۇل كېيىنچە بەش يۈئەنگە ئۆسكەنىدى. مەكتەپتىن بۇ بېرىلگەن پۇلنى ئۆيگە خەت سېلىشقا، ئارىلاپ كىنو، تىياتىر كۆرۈشكە ئىشلىتىڭلار دەپ جېكىلەيتتى. شۇ چاغدا كىنو بېلىتى بەش پۇڭ ئىدى. يەنە تېخى يۇيۇنىدىغانغا مۇنچە بېلىتى بېرەتتى. ھەر قېتىم ئۇ مۇشۇ تەمىناتلارنى، ئەشۇ تاراقشىپ تۇرغان پۇل ۋە بېلەتلەرنى قولىغا ئالغاندا تەسىرلەنگىنىدىن ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا ئىچىگە چۆكۈپ ئولتۇرۇپ كېتەتتى، تەگسىز خىياللارغا چۆمۈلەتتى. مانا ئۇ ئېلىۋاتقان بۇ پۇللار ئۇنىڭ كۆكچى مەھەللىسىدىكى ئۆيىدە يوق ئىدى، ئۇنىڭ مېھرىبان، بىچارە ئاتىسىدا يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۆيىدە غېرىبلىق، نامراتلىق، تاشتىن قاتتىق قىيىنچىلىق بار ئىدى. پارتىيە، ھۆكۈمەت ئۇنىڭغا تاكى ئوتتۇرا مەكتەپتىن تارتىپلا ئەنە شۇنداق يەيدىغانغا ھەقسىز تاماق بېرىپ، يېتىپ قوپىدىغانغا ياتاق بېرىپ، يېپىنىدىغانغا  يوتقان- كۆرپىدىن تارتىپ بېرىپ ئوقۇتماقتا ئىدى. بىر كەمبىغەل، يوقسۇزنىڭ بالىسى كومپارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدا مانا مۇشۇنداق خاتىرجەم ئوقۇش، بىلىم ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنىدى. ئۇ ئەسلىدە رەسىم كەسپىدە ئوقۇماقچى بولغانىدى. بىراق شۇ يىلى بۇ كەسىپ ئېچىلماي قالغانلىقى ئۈچۈن تىل- ئەدەبىيات پاكولتېتىدا ئوقۇشقا باشلىدى. ئەمما رەسىم سىزىدىغان ھۈنىرىنى بولسا تاشلاپ قويمىدى. ئۇ داۋاملىق مەشق قىلىش ئارقىلىق ماي بوياق ۋە سۇ بوياق تۈرلىرى بويىچە رەسىم سىزىشتا خېلىلا يۇقىرى سەۋىيىگە يېتىپ، ئىنىستىتوتتا، ساۋاقداشلىرى ئارىسىدا كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ئۇ كىچىكىدىنلا بىلىمگە ئىنتىلىدىغان، ئۆگۈنۈشكە ھېرىسمەن، ئۆز ئىچىدىن ئۇرغۇپ تۇرۇپ ئىش قىلىدىغان بالا بولغاچقا ئۇنىڭ شىنجاڭ ئىنىستىتوتىدىكى ئوقۇشى تولىمۇ ئۇتۇقلۇق، راۋان  داۋاملاشماقتا ئىدى. ئۇ بۇ يەردە يۇقىرى سەۋىيىلىك ئۇستازلارنىڭ تەلىم- تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىپ، بىر تەرەپتىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن كىتاب ئوقۇپ، ئۇنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى، مەنىۋى جەھەتتىكى سەرمايىسى تېزلا ئاشتى ھەم يۇقىرى كۆتىرىلدى. ئۇنىڭ بىلىمى ئاشقانسېرى، نەزەر دائىرىسى كېڭەيگەنسېرى ئويلايدىغانلىرىمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ئوي-خىياللىرى ھەقىقەتەنمۇ بىر- بىرىدىن تاتلىق ھەم گۈزەل ئىدى. ئۇنىڭ غايە- ئارمانلىرى بەكلا ئىجابىي بولۇپ، خەلقى ئۈچۈن، ئۇلۇغ ۋەتەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى، تەر ئاققۇزۇشنى، تۆھپە قوشۇشنىلا ئارمان قىلاتتى. يىللار ئەنە شۇنداق جۇشقۇنلۇق ئىچىدە ئۆتمەكتە ئىدى. ئۇ 1956-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ ئىنىستىتوتىدىكى ياشلارنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئېچىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك ياشلار قۇرۇلتىيىغا قاتناشتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىدا، ياشاش قارىشىدا يەنە بىر يېڭى بۇرۇلۇش بولدى. بۇ ئىش ئۇنىڭغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. ئۇ شۇ يىلى 12-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇپ كىردى. مانا شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئۈچۈن، يېڭى جۇڭگو ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئارزۇسى تېخىمۇ كۈچەيدى. ئۇ ئارزۇسىغا تېزراق يېتىش ئۈچۈن بىلىم دېڭىزىغا بار كۈچى بىلەن، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن شۇڭغۇپ كىرىپ كەتتى.   

يۇلتۇزۇڭ بولاي        
                     
  ئەسلىدە بۇمۇ بىر تەسادىبىيلىقتىن يۈز بەرگەن ئىش ئىدى. 1957-يىلى ئابلىكىم سابىر «سىرلىق يۈرەكلەر» ناملىق پوۋىستىنى يېزىش ئۈچۈن خىيال سۈرۈپ، باش قاتۇرۇپ يۈرگەن كۈنلەر ئىدى. بىر كۈنى ئۇشتۇمتۇت ئۇنىڭ بىر پارتىدا ئولتۇرىدىغان چىرايلىق قىز ساۋاقدىشى سۆز ئېچىپ قالدى. ئۇ :«ئابلىكىم، مېنىڭ سۈرىتىمنى سىزىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن» دېدى، بىر خىل ئىسسىق چىراي ھالدا. ئابلىكىممۇ ئارتۇقچە تارتىشىپ تۇرماستىنلا بۇ تەلەپكە ماقۇل بولدى. شۇنداق قىلىپ ئابلىكىم بۇ چىرايلىق پارتىدىشىنىڭ سۈرىتىنى سىزىشقا باشلىدى. سىزغاندىمۇ پۈتۈن ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن سىزىشقا كىرىشىپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ بۇ گۈزەل قىزنىڭ سۈرىتى ئاخىرى سىزىلىپ بولدى. بىراق ئابلىكىمنىڭ ۋۇجۇدىغا بىر ئىسسىق ئېقىم، بىر تاتلىق تۇيغۇ مېڭىپ كەتتى. ئابلىكىم بۇ رەسىمنى سىزىش جەريانىدا بۇ گۈزەل قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغانىدى. ئۇ نۇرغۇن ئويلىنىش ۋە تالاي تولغۇنۇشلاردىن كېيىن ئاخىرى بۇ قىزغا ئۆز سۆيگۈسىنى ئىزھار قىلدى. بىراق ئۇنىڭ سۆيگۈسى، ئۇنىڭ تۇنجى مۇھەببىتى بۇ ئوماق قىز تەرىپىدىن چىرايلىقچە رەت قىلىندى. قىز ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ تېخى كىچىك ئىكەنلىكىنى، ھازىرچە بۇنداق ئوي-خىيالدا بولۇپ باقمىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. ئابلىكىم بۇنداق چىرايلىق رەت قىلىشتىن بەكلا ئازابلاندى. ھەم ئۇنىڭدكى مۇھەببەت، ياخشى كۆرۈش ئىستىكى تېخىمۇ يالقۇنجاپ كۈچىيىپ كەتتى. ئۇلار شۇنداق تارتىشىپ يۈرۈپ يازلىق تەتىلگە ئۇلاشتى ھەم ئۆيلىرىگە قايتىشتى. تەتىلدىن يېنىپ كەلگەندە بولسا ھېلىقى «كىچىك قىز» توي قىلىۋېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ.  تەتىلنىمۇ ئەشۇ قىزنىڭ سەۋداسى بىلەن كۆيۈپ، پىشىپ ئۆتكۈزۈپ، ۋاقىتنى مىڭ تەسلىكتە توشقۇزۇپ مەكتەپكە ئوقتەك ئۇچۇپ كەلگەن ئابلىكىمغا، قىزنىڭ توي  قىلىۋالغانلىقى ھەققىدىكى بۇ «شۇم خەۋەر» قاتتىق تەسىر قىلدى. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر ئازابتا قالدى. كىچىكىدىنلا ساددا، سەمىمىي چوڭ بولغان بۇ ئاق كۆڭۈل يىگىتنىڭ ئىچىدە پىشىپ يېتىلگەن تۇنجى سۆيگۈسى، 50-يىللاردىكى سېرىقتال جەمئىيەتتە غۇبارسىز يېتىلىۋاتقان، چىن مۇھەببەتتىن كۆكلەپ چىققان بىر تال غۇنچە شىنجاڭ ئىنىستىتوتىدىن ئىبارەت بۇ ھارارەتلىك ماكاندا ئەنە شۇنداق سۇلدى.                          
دەرۋەقە، ئۇ ئېغىر روھىي ئازاپقا ئۇچرىدى. ئازاپ ئۇنى قولىغا قەلەم ئېلىشقا، دەردلىرىنى، ھەسرەتلىرىنى بەت يۈزىگە تۆكۈپ بېقىشقا توختىماستىن دەۋەت قىلماقتا ئىدى. ئۇ شۇ ھەسرەتنىڭ كۈچى بىلەن «سىرلىق يۈرەكلەر» نى رەسمىي يېزىشقا كىرىشىپ كەتتى. ئۇنىڭ مۇھىم بىر ئەسەرگە تۇتۇش قىلغىنىنى بىلگەن ساۋاقدىشى مۇھەممەت ئېلى زۇزۇن (كېيىنكى چاغلاردىكى مەسشھۇر شائىر، دىرامماتىروگ مۇھەممەت ئېلى زۇنۇن تەشنائىي) ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىپ، ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇنى تۇرسۇنئاي بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىش توغرىسىدا مەسلىھەت بېرىدۇ. تۇرسۇنئاي ئىسىملىك بۇ قىز ئىنىستىتۇتنىڭ سەنئەت پاكولتىتىدا ئوقۇيدىغان، ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ ساۋاقداشلار ئارىسىدا كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىغان، ئۆزىمۇ شىنجاڭ ئىنىستىتۇتى بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى گۈزەللەردىن ھېسابلىنىدىغان تىرىشچان قىز ئىدى. بۇ گەپ بىلەن كاللىسىنى ئازاب تۇمانلىرى چۇلغىۋالغان ئابلىكىمنىڭ بىردىنلا دىلى يورۇپ كەتتى. ئۇ ساۋاقدىشى مۇھەممەت ئېلى زۇنۇنغا رەھمەت ئېيتىپ، ئۇ قىز بىلەن يېزىلىۋاتقان «سىرلىق يۈرەكلەر» پوۋىستى ئۈستىدە پىكىرلىشىپ بېقىش قارارىغا كەلدى. نىھايەت، بۇ قېتىمقى پىكىرلىشىش ئابلىكىم سابىر بىلەن تۇرسۇنئاي ئوتتۇرىسىدىكى ئۆمۈرلۈك پىكىرلىشىش بولۇپ قالدى. شۇ قېتىمقى پىكىرلىشىشتىن كېيىن بۇ بىر جۈپ يۈرەكتىكى سىر يېشىلىپ كەتتى. بۇ بىر جۈپ يۈرەك بىر-بىرىگە مەھكەم يېپىشىپ كەتتى، يۈرەكلەردە يېنىۋاتقان چوغ، يالقۇن بىر-بىرىگە ئۆتۈشۈپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ، تۇرسۇنئاي ئىسىملىك بۇ قىز ئابلىكىمنىڭ بەخت يۇلتۇزى، ئۈمىد يۇلتۇزى بولۇپ قالدى. ئوقۇش ۋە ئۆگىنىش، تۇرمۇش ۋە ئىجادىيەت ئىشلىرىدا ئۇلار روھداش، سىرداشلاردىن بولۇپ ئۇتۇق ئوكيانلىرىغا  قاراپ بىرلىكتە يەڭ تۈرۈپ يۈزلەندى. قولنى-قولغا تۇتۇپ تۇرمۇش قايناملىرىدا، بۇ ھاياتلىق ئېقىنىدا غۇلاچ تاشلاپ تەڭ ئۈزۈپ كەتتى. ئارىدىن تولا ئۇزاق ئۆتمەيلا يەنى 1957-يىلى 6-ئايدا «ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى» باشلاندى. ئابلىكىم بىلەن تۇرسۇنئاي بىرلىكتە ئاكتىپلاردىن بولۇپ بۇ ھەرىكەتكە قاتناشتى. بۇ مەزگىلدە مەكتەپلەردە دەرسلەر ئومۇميۈزلۈك توختاپ كەتتى. ھەممىلا ئىش ئىستىل تۈزىتىشكە قارىتىلدى. بۇ ھەرىكەتنىڭ زىل- زىلىسىمۇ ئىنتايىن زور بولدى. شۇنىڭغا ئۇلىشىپلا 1958-يىلى ئەتىيازدا «ئۈرۈمچى ياشلار ئۆستىڭى قۇرۇلۇشى» باشلاندى. بۇ ئۆستەڭ قۇرۇلۇشىغىمۇ ئىككىسى بىرگە قاتناشتى. بۇ ئەمگەك ئىككى-ئۈچ ئاي داۋاملاشقان بولۇپ، ھەدىدىن زىيادە ئېغىر ئەمگەك بولغان. جۇدۇن-چاپقۇن، قار- شىۋىرغان  توختىماستىن چىقىپ تۇرغان. بۇ قېتىمقى چاپىدىغان ئۈرۈمچى ياشلار ئۆستىڭىنىڭ ئىنى كەڭ ھەم چوڭقۇر بولۇپ، بۇ ئۆستەڭنى چېپىش بولۇپمۇ قىزلارغا بەك ئېغىر كەلگەن. 1958-يىلى 7-ئايغا كەلگەندە ئۈرۈمچىدە تۆمۈر يول ئەمگىكى باشلانغان. بۇ ئەمگەككە تۇرسۇنئاي قاتناشقان بولۇپ، ئابلىكىم مەكتەپتە قېپ قالغان. ئەمما ئىككىسى داۋاملىق خەت يېزىشىپ تۇرغان. 1958-يىلى 11-ئايغا كەلگەندە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە «پولات تاۋلاش» ھەرىكىتى باشلاندى. ھازىرقى بالىلار بۇ ئىشنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ. بۇ ھەرىكەت بەك يۇقىرى تەلەپ ۋە تۈزۈم ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدى. بۇ چاغدا مەكتەپتە ئاساسىي جەھەتتىن ئادەم قالمىدى. ئابلىكىم كۆك تاغدا، تۇرسۇنئاي قىبلە تاغدا ئەمگەككە قاتناشتى. ئەسىرىمىزنىڭ باش قەھرىمانى ئابلىكىم 12-ئاينىڭ ئىچىدىكى قار يېغىۋاتقان بىر كەچقۇرۇنلىقى يوتقان-كۆرپىسىنى قۇچاغلاپ، قارا ماشىنىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ كۆك تاغقا يېتىپ كەلدى. شۇ كېچىسى ئۇ تۈزدىلا، قارنىڭ ئىچىدە، قارغا كۆمۈلۈپ يېتىپ تاڭنى ئاتقۇزدى. ئەتىسى باشلاپ گەرەمگە ئورۇنلۇشۇپ، ئاسىتىغا بۇغداي، شال پاخىلىنى سېلىپ يېتىپ- قوپتى. ئەمگەك تاغنىڭ ئۈستىدە بولۇپ، ئاساسلىق قىلىدىغان ئىش رۇدا كولاش ئىدى. ھەممىلا ئادەمنىڭ قولىدا تاغ تىشىپ، تاش چاقىدىغان لوم تۆمۈر، مىتىن بار ئىدى. كۈندىلىك ۋەزىپە بىر ئادەم بىر كۇپ مېتىر رۇدا قېزىش كېرەك ئىدى. كەچتە مەخسۇس گۇرۇپپا بويلاپ ئۆتكىزىۋالىدىغان ئادەم بار ئىدى. ئەگەر شۇ كۈنلۈك ۋەزىپە ئورۇندالغان بولسا گۇرۇپپىغا قىزىل بايراق بېرىلىدۇ، ئورۇندالمىغان بولسا ئاق بايراق بېرىلەتتى. كەچتە يەنە يىغىلىپ يىغىن ئېچىلاتتى. يىغىندا «شۇ بىر كۈنلۈك ئەمگەكتە كىم ئەمگەكنى ياخشى قىلدى، كىم ياخشى قىلمىدى، قانداق قىلغاندا ۋەزىپىنى تولۇق ئورۇندىغىلى بولىدۇ» دېگەندەك تەلەپلەر بويىچە مۇزاكىرە ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلاتتى. كېيىنچە ئۆزلىرى كولىغان رۇدىلارنى تاغنىڭ ئۈستىدىن پەسكە يەنى دومنا پېچنىڭ يېنىغا ئۆزلىرى توشىغان. كۈندۈزى رۇدا كولىسا، كېچىسى رۇدا توشۇشقا توغرا كەلگەن. كۆپىنچە ھاللاردا قىزلار زەمبىل بىلەن تاغدىن ئوغۇللار كولىغان رۇدىلارنى توشىغان، ئىش بەك ئېغىر بولغاچقا قىزلار كېتىۋېتىپلا ئايلىنىپ قېلىپ يىقىلىپ چۈشىدىغان، ھۇشىدىن كېتىدىغان ئىشلار داۋاملىق كۆرىلىپ تۇرغان. ئابلىكىم سابىر ئاكا شۇ ۋاقىتتىكى ئىشلارنى يادىغا ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ: «قىزلار بۇ ئەمگەكتە ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر ئىشلىگەنىدى. پولات تاۋلاپ تەرەققىي قىلىپ چەتئەللەردىن ئېشىپ كېتىمىز دەپ يۇقىرى دولقۇن بىلەن ئىشلىدۇق. كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىدىكى تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان كېرەكلىك تۆمۈر-تېزەك، پالتا- پىچاقلارنىمۇ يىغىپ ئەچىقىپ، دومنا پېچقا سېلىپ ئېرىتىپ داشقالغا ئايلاندۇرىۋەتتۇق. تۆمۈر ئېرىتىمىز دەپ ياغاچ-تاش يېتىشمەي ئورمان ئەدىۋايىنى ئۆرۈپ، يىقىتىپ ئوچاققا قالاپ، كۆيدۈرۈپ تۈگىتىپ، پۈتۈن ئەتىراپنى قاقاسلىققا ئايلاندۇرىۋەتتۇق. ئاشۇ كۈنلەردە ھەقىقەتەنمۇ ئۆيلەردە تۆمۈر قالمىدى، دالا- تۈزلەردە ئورمان قالمىدى. ھەتتا تاماق ئېتىدىغان قازاننىمۇ ئېلىپ چىقىپ ئۆز قولىمىز بىلەن پېچقا تاشلىغانىدۇق. مانا مۇشۇنداق دولقۇندا، مانا مۇشۇ ئەمگەكلەرنىڭ ھەممىسىدە تۇرسۇنئايمۇ بار ئىدى. ئۇمۇ ئاشۇ كۈنلەرنى تولۇق ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەنىدى. ئىككىلىمىزنىڭ قەلبىدە بىر- بىرىمىزگە بولغان يالقۇنلۇق مۇھەببەت بولغانلىقى ئۈچۈن، بىز مۇشۇنداق ناچار شارائىتلاردىكى ئېغىر ئەمگەكلەردىن ساق-سالامەت چىققانىدۇق». شۇنداق، «ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى»، «ئۈرۈمچى ياشلار ئۆستىڭى قۇرۇلۇشى»، «ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئەمگىكى»، «قىزىل تاغنى كۆكەرتىش ئەمگىكى»، «پولات تاۋلاش ھەرىكىتى» قاتارلىق زور ۋەقە، زور كۆلەملىك ئەمگەكلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۇلار بار ئىدى، ئۇلار بىرلىكتە جاپا تارتقانىدى. مانا مۇشۇنداق جۇدۇن-چاپقۇن، قاتتىقچىلىق كۈنلەردە ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى ھەقىقىي سىناقلاردىن ئۆتۈپ، سۆيگۈ-مۇھەببەت مېۋىسى پىشىپ يېتىلدى. 1958-يىلى 7-ئايدا ئۇلار ئىككىسى تەڭلا ئوقۇشنى غەلىبىلىك پۈتتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، مەكتەپنىڭ پەخرىي مۇدىرى بۇرھان شەھىدى ئەپەندىنىڭ تامغىسى بېسىلغان دىپلومنى قولىغا ئالدى ھەم يېڭى بىر مەنزىلگە قاراپ پەرۋاز قىلدى.       ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، سىز بەلكىم تۇرسۇنئاي ئىسىملىك بۇ قىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىگە قىزىقىۋاتقان بولۇشىڭىز مۈمكىن. مەن بۇ يازمامدا تۇرسۇنئاي ھەققىدە تەپسىلىي توختالمايمەن. ئەمما ئوقۇرمەنلەرگە بىر ئايالنىڭ تۆۋەندىكى قىسقا لېكىن يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا ئوخشاپ كېتىدىغان گۈزەل تەرجىمىھالىنى سۇنماقچىمەن.      
    ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى: تۇرسۇنئاي   يۇنۇس، 1940-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملاپ،  1955- يىلى 9-ئايدىن 1958-يىلى 7-ئايغىچە سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتوتىنىڭ سەنئەت فاكولتېتىدا ئوقۇغان. 1958-يىلىدىن 1965-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا-ئۇسسۇل ئانسامبىلىدا ئۇسسۇل ئارتىسى بولغان. 1965-يىلىدىن 1982-يىلىغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىلمە-توقۇلما ماللار شىركىتىگە قاراشلىق يىپەك ماللار ماگىزىنىدا ئىشلىگەن. 1982-يىلىدىن كېيىن «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دە مۇھەررىر، مۇخبىر بولۇپ ئىشلەپ، 1992-يىلى دەم ئېلىشقا چىققان. ئۇنىڭ «توزىماس گۈل»، «قىزىل شارپا»، قاتارلىق ھېكايىلەر توپلىمى، «تىلەمچى ئايال» ناملىق پوۋىستلار توپلىمى، «كارۋان ئىزى»، «قەمبەرخانىم»، «ۋەتەن سۆيگۈسى» قاتارلىق رومانلىرى نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا نەچچە يۈز پارچىدىن ئارتۇق ئاخبارات ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان. 2004-يىلى «تۆھپىكار ئانا ئەدىب» مۇكاپاتىغا،  2013-يىلى «ۋەتەن سۆيگۈسى» ناملىق رومانى بىلەن «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ يەنە «تەكلىماكان مەلىكىسى»، «كۆلدىكى ئاي شولىسى»، «چۈشتەك ئۆتكەن يىللار»، «نۇرلۇق يۇلتۇزلار» قاتارلىق تۆت پارچە كىتابى نەشر قىلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ. بىز بۇ تىرىشچان ئانا ئەدىبنىڭ كۆز ئالدىمىزدا يۇلتۇزدەك چاراقلاپ، نۇر چېچىپ تۇرغان ئەجىر- ئەمگەكلىرىگە، مەڭگۈ توزىماس گۈل-چېچەكلىرىگە چىن دىلىمىزدىن ھۆرمەت بىلدۈرىمىز، ئاپىرىن -تەھسىنلەر ئوقۇيمىز. ئۇنىڭغا سالامەتلىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمىز.

  روھ كۆكىدە چاقنىغان يۇلتۇز     
               
ئابلىكىم سابىر 1958-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ ئىنىستىتوتىدىكى ئوقۇشىنى غەلىبىلىك تاماملىغاندىن كېيىن، تەشكىل ئۇنىڭ ئوقۇشتىكى نەتىجىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مائارىپ سېپىگە قەدەم قويدى.  1961- يىلى9 - ئايدىن 1962-يىلى 3-ئايغىچە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ خەنزۇتىلى كۇرسىدا بىلىم ئاشۇردى. ئۇ مائارىپ نازارىتىدە ئىشلىگەن مەزگىلىدە ئاساسلىقى ئىدارە ئىتتىپاق باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكىرتارى بولۇپ ئىشلىدى. 1963-يىلى 10-ئايدىن 1964-يىلى 8- ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق سوتسىيالىستىك تەربىيە ئۆمىكىنىڭ تەركىبىدە خوتەنگە بېرىپ، يېزا سوتسىيالىستىك تەربىيە ھەرىكىتىگە قاتناشتى. مائارىپ نازارىتى رەھبەرلىكى ئۇنىڭ خىزمەتتىكى ئاكتىپچانلىقى، قابىلىيىتى ۋە پائالىيەتچانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەندىن كېيىن، 1966-يىلىنىڭ بېشىدا ئۇنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكىدى. ئۇ بۇ مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات دەرسى ئۆتكەندىن سىرىت يەنە مەكتەپ ئىتتىپاق باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكىرتارى بولۇپ ئىشلىدى. 1973-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە رەسمىي ئەزا بولۇپ كىردى. 1975- يىلىدىن 1978-يىلىغىچە مەكتەپ ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ ئىشلىدى. 1980- يىلىدىن 1990-يىلىغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 14-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى، مەكتەپ ئىشخانىسنىڭ مۇدىرى، مەكتەپ ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ سېكىرتارى، مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ھەيئىتى بولۇپ خىزمەت ئىشلىدى. ئارىلىقتا مەلۇم مەزگىل شەھەرلىك پارتكوم پارتىيىنى تەرتىپكە سېلىش ئىشخانىسى، شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى كاتىبات باشقارمىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا تەكلىپ بىلەن خىزمەت ئىشلىدى. 1990-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 38-ئوتتۇرا مەكتەپتە مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سېكىرتارى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىدى. 1991-يىلى 10-ئايدىن 1992-يىلى 1-ئايغىچە شاڭخەي پېداگوگىكا ئونىۋېرسىتېتىنىڭ شىنجاڭ مەمۇرىي كادىرلار سىنىپىدا بىلىم ئاشۇردى. 1996-يىلى شەرەپ بىلەن دەم ئېلىشقا چىقتى.  
   ئۇ ئۆزىنىڭ 40 يىلغا يېقىن ۋاقتىنى دەرس مۇنبىرى ئالدىدا، بور توزانلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزدى. بۇ جەرياندا ئۇ بىرىنچى بولۇپ ۋاقىتنى چىڭ تۇتتى. بالىلارغىمۇ ۋاقىتنى بوش ئۆتكۈزمەسلىكنى، ۋاقىتتىن پايدىلىنىشنى ئۆگەتتى. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇنىڭ ياشلىقى، قىران چاغلىرى، ئۇرغۇپ تۇرغان قىزغىنلىقى، زېھنىي كۈچى، تەن ساقلىقى، غەيرەت-شىجائىتى ئاشۇ مەكتەپتىكى بالىلار ئارىسىدا، مېھنەت- مۇشەققەتلەر دۆۋىسى ئارىسىدا ئۈن-تىنسىزلا قالدى. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ مىللەتنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن ئاز بولمىغان تەر ۋە بەدەللەرنى تەقدىم ئەتتى. ۋىجدانى ھەم غۇرۇرى بىلەن ئۆزىنىڭ روھىيەت دۇنياسىدا، ئەلنىڭ قەلبىدە ھەقىقىي مۇئەللىمنىڭ مەردانە ھەيكىلىنى تىكلىدى. بىز بۇ مېھنەتكەش مۇئەللىمنىڭ مەكتەپتە، مۇنبەر ئالدىدا ئۆتكەن 38 يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىغا چىن قەلبىمىزدىن ھۆرمەت بىلدۈرىمىز. ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر مائارىپنى سۆيگەن ئېسىل خىسلىتىگە، پىداكىرانە روھىغا ئاپىرىن ئوقۇيمىز.   
      
قەلەمدىن ساقىغان يۇلتۇز

   ئابلىكىم سابىرنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان قىزىقىشى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشتىياقى ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرى بىلەن باغلىنىشلىق ئىدى. ئۇنىڭ كىچىكىدىنلا خىيالغا باي بولۇشى، رەسىم سىزىشقا ئامراق بولۇشى، باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا قىزىقىدىغان مۇڭداشقاق مىجەز- خاراكتېرى ئۇنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە داڭلىق يازغۇچى بولۇپ چىقىشىنىڭ مۇھىم ئاساسى ئىدى. ئۇنىڭ كىتاب ئوقۇشقا ھېرىسمەنلىكى باشلانغۇچ مەكتەپتىكى چېغىدىلا باشلانغان. كېيىنكى مەزگىللەردە ئۇ سوۋىت ئىتتىپاقىدىن كىرگۈزۈلگەن «شەرق ھەقىقىتى»، «يېڭى ھايات» قاتارلىق ژورناللارغا ۋە باشقا كىتابلارغا بېسىلغان پوشكىن، لېرمونتوۋ، خەمىد ئالىمجان، غاپۇر غۇلام، ئۆمەر مۇھەممىدى، گوركىي، ئابدۇللا توقاي، ئايبېك، سەدرىددىن ئەينى قاتارلىق مەشھۇر ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى، ل. مۇتەللىپ، ئەنۋەر ناسىرى، زۇنۇن قادىرى، ئەلقەم ئەختەم، تىيىپجان ئېلىيۇف، ئابلەي روزى قاتارلىق ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى زور ئىشتىياق بىلەن سۆيۈپ ئوقۇدى. ئۇ ئازراق ۋاقىت تاپسىلا قىرائەتخانىلارغا بېرىپ، ئۆزى قىزىقىدىغان كىتابلارنى ئېلىپ ئوقۇدى. يېنىغا ئازراقلا پۇل كىرسە كىتاب سېتىۋالدى. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭدا ئەدەبىياتقا بولغان قىزىقىش ئەنە شۇنداق كۆز ئېچىپ يېلىنجاشقا باشلىدى. ئۇنىڭ مەخسۇس ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇۇشى بۇ ئارزۇسىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىغا چوڭقۇر تۈرتكە بولدى. ئۇ ئوقۇش، ئۆگۈنۈش ۋە يېزىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ ماڭدى. ئۇ 1960-يىلى «تارىم» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان «مېنىڭ قەدىرلىك ئوقۇتقۇچۇم» ناملىق مائارىپ تېمىسىدىكى ھېكايىسى بىلەن ئەدبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن يەنە كۆپلىگەن ھېكايە، پوۋىستلارنى يازغان. شېئر ۋە ماقالىلارنىمۇ يېزىپ ئېلان قىلدۇرغان. ئاراچول ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ 4000 كۇبلىتقا يېقىن ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىنى يىغىپ توپلىغان. 1988-يىلى ئۇنىڭ تۇنجى يىرىك ئەسىرى، جەمئىيەتتە زور تەسىر قوزغىغان تارىخىي رومان، «ئۈمىد يۇلتۇزلىرى» ناملىق كىتابى شىنجاڭ خەلق نەشرياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. 2004-يىلىغا كەلگەندە ئۇنىڭ كۆپ يىللىق ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىسى بولغان، كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ھاكىمى، ئىنقىلابىي قۇربان لىن جىلۇ ھەققىدە يېزىلغان  «پەزىلەت» ناملىق رومانى شىنجاڭ خەلق نەشرياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. «پەزىلەت» نىڭ نەشر قىلىنىش بىلەن تەڭ جەمئىيەتتە ئاجايىپ زور ئىجابىي غۇلغۇلا پەيدا بولدى. بۇ روماننى شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى، كۇچا خەلق رادىئو ئىستانسىسى قايتا-قيتا ئاڭلاتتى. ئارقىدىنلا قەشقەر خەلق رادىئو ئىستانسىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك رادىئو ئىستانسىسىمۇ بۇ روماننى ئاڭلاتتى. «پەزىلەت» ناملىق رومان پۈتۈن شىنجاڭ خەلقىگە جانلىق ھەم ئەمىلى بولغان ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيىسى ئوقۇشلۇقى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقاتىدىكى زور قىممەتكە ئىگە دەرسلىك بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ھازىر «سۆيگۈ قەسىرى» ناملىق ئىككى قىسىملىق رومانى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشرقىلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ. بىز بۇ ھۆرمەتلىك ئۇستازنىڭ، قەدىرلىك قەلەم ساھىبىمىزنىڭ ئالتۇن بويىغا ئېسەنلىك تىلەيمىز. كېيىنكى كۈنلىرىنىڭ تېخىمۇ ئەمىن، خۇشۋاق بولۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.  
                                          
ئاخىرقى قۇرلار

   ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، قەدىرلىك كەسىپداش، شۇنداق قىلىپ «(ئۈمىد يۇلتۇزلىرى) يورۇتقان يوللار» ناملىق ئۇشبۇ ئەدەبىي خاتىرە ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرىدۇ. ئەمما بىزنىڭ ئۇشبۇ يازمىمىزنىڭ باش قەھرىمانى بولغان ئابلىكىم سابىر مۇئەللىم ھەققىدىكى ئوي-خىياللىرىمىز، ئىزدىنىشلىرىمىز بولسا ھازىرچە ئاخىرلاشمايدۇ. مېنىڭ بۈگۈن يورۇتقىنىم بىر مېھنەتكەش مۇئەللىمنىڭ، بىر جاپاكەش يازغۇچىنىڭ ھايات ھېكمەتلىرىنى چېقىپ ياشىغان ئۆمۈر خاترىسىنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسمىدىن ئىبارەت. يەنە كېيىنچە مەن ۋە باشقىلار بۇ مۆھتىرەم زات ھەققىدە قەلەم تەۋرىتىپ قېلىشىمىز مۈمكىن. يەنە بىر جەھەتتىن ئۇنىڭ يازغان ئەسەرلىرى، نەشر قىلدۇرغان كىتابلىرىدا تارىخىي تۈس ئىنتايىن قوييۇق ۋە چىن، پېرسۇناژلار تىرىك پېتى ئوتتۇراغا چىققان دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭا بۇ ئەسەرلەر يۇرتىمىز تارىخىنى چۈشىنىشتە، ئۇلاپ يېزىشتا مۇھىم ماتېرىيال مەنبەسى بولۇپ قالىدىغانلىقىدا شەك يوق. يۇقىرىدا قەيت قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك ئابلىكىم سابىر ئەپەندى بىر ئۆمۈر تۇرسۇنئاي يۇنۇس خانىم بىلەن بىرگە ياشاپ، تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلدى. شۇڭا بۇ ئىككى قوشماق يازغۇچىنىڭ، بۇ بىر جۈپ ئوت يۈرەك ئەدىبنىڭ ھاياتى ۋە كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە ئىزدىنىپ كۆرۈشكە ھەقلىقمىز. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئۆسمۈرلۈك، ياشلىق چاغلىرى ئىنتايىن غۇربەتچىلىك يىللاردا ئۆتكەن، ھەم تولىمۇ پاكىز، مەنىلىك ئۆتكەن. شۇڭا ئۇلارنىڭ ھايات خاتىرىسىدە بىزگە، كېيىنكى ئەۋلادلارغا پايدىلىق بولغان، بىزنىڭ بالىلىرىمىز ئۆگىنىدىغان، ئۈلگە ئالىدىغان نۇرغۇن خىسلەتلىك نەرسىلەر بار دەپ قاراشقا بولىدۇ. مۇشۇ تەرەپلەرىدىن ئالغاندىمۇ ئۇلارنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى، ئۇلارنىڭ قەدەم ئىزىدىن قالغان ھېكايىلەر بەرھەقكى قىممەتلىكتۇر. گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە يەنە مۇنداق ئۇچۇرلارنىمۇ قىستۇرۇپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق دەپ قارىدىم.  1961-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى مائارىپ نازارىتىنىڭ كىچىك مەجلىسخانىسىدا ئابلىكىم سابىر ئەپەندى بىلەن تۇرسۇنئاي يۇنۇس خانىمنىڭ قۇتلۇق تويى ئۆتكۈزۈلدى. ئۇلار تويلۇق ئۈچۈن ھېچنېمە ئېلىشمىدى. ئەمما تۇرسۇنئاي خانىم ئابلىكىم سابىر ئەپەندىگە ئاتاپ ساقلىغان، تاشكەندتە تىكىلگەن بادام دوپپىدىن بىرنى شۇ كۈنى ئابلىكىم سابىر ئاكىمىزنىڭ بېشىغا ئۆز قولى بىلەن كىيدۈرۈپ قويدى. بىراق ئابلىكىم ئەپەندى تۇرسۇنئاي خانىمنىڭ ئۇچىسىغا يىپ چاغلىق نەرسە ئارتالمىدى. ئۇلارنىڭ تويىغا نەچچە تۈپ يېسىۋېلەك بىلەن بىر نەچچە كىلوگىرام پىچىنە- پىرەنىك، كەمپىت قاتارلىق تاتلىق تۈرۈم نەرسىلەر ئىشلىتىلدى. توي مۇشۇ تەرىقىدە ئىنتايىن ئاددىيلا ئۆتكۈزۈلدى. لېكىن بەكلا مېھرى ئىسسىق توي بولدى. نەچچە ئون خىزمەتداشلىرى بۇلارنىڭ تويىنىڭ ئەزىز مېھمانلىرى بولۇپ قالدى. مانا بۇ تويغا، مانا بۇ ئاددىي ئەمما تەسىرلىك كۆرۈنۈشكە ھازىر توپتوغرا 54 يىل بولدى. 54 يىلدىن بېرى ئۇلار بىرگە ياشاپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار تۆت پەرزەنتلىك، بەش نەۋرىلىك بولدى. ئابلىكىم سابىرنىڭ ئانىسى زەيتۇنىخان 1943-يىلى ئابلىكىم سابىر ئالتە ياش ۋاقتىدا ئالدەمدىن ئۆتكەن. ئاتىسى سابىر ئاكا 1966-يىلى ئالەمدىن ئۆتتى. 1992-يىلى ئابلىكىم سابىرنى بېقىپ چوڭ قىلغان تەربىيە ئانىسى (ئۆگەي ئانا)  ئايتىللاخان ئالەمدىن ئۆتتى. مانا ھازىر ھۆرمەتلىك ئۇستاز ئابلىكىم سابىر ئاكىمىز 78 ياشقا كىردى. ئۆز ۋاقتىدىكى داڭلىق مۇخبىر، تالانتلىق يازغۇچى تۇرسۇنئاي يۇنۇس خانىم بولسا 75 ياشقا كىردى. بۇلارغا گەرچە جىسمانىي جەھەتتىن قېرىلىق يەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدە قېرىماس مۇھەببەتنىڭ چوغ، يالقۇنلىرى يەنىلا روشەن ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ.     بۈگۈن كۈنگە جۈمە. كۇچا كونا شەھەردە جۈمە كۈنى كوچا-كويلار بەكلا ئاۋاتلىشىپ كېتىدۇ. مۇشۇ ئاۋاتلىق ئىچىدە چاچلىرى ئۇچتەك ئاقارغان، خېلىلا ياداپ قالغان ئابلىكىم سابىر ئەپەندى بىلەن تۇرسۇنئاي يۇنۇس خانىم چۈشتىن كېيىنكى بىر چاغ بولغاندا، بىر-بىرىنى يۆلىشىپ، بىر-بىرىنى يېتىلىشىپ، كۈلۈشۈپ، چاقچاقلىشىپ، ئاۋال ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ مەكتەپ ئىچىنى بىر قۇر زىيارەت قىلىپ ئايلىنىپتۇ. ئاندىن كىچىك ۋاقتىدا ماڭغان ئاقدەن كوچىسىغا كىرىپ، ئۇ يەردىن كىنوخانىنىڭ ئالدىغا چىقىپتۇ-دە، ئۇدۇللا قەدىمىي كۈسەن كېچىكىدىكى ئىتتىپاق كۆۋرۈكىدىن خۇددى زەپەر دەرۋازىسىدىن ئۆتكەندەك مەغرۇر ھالدا ئۆتۈپ، ئاندىن مىڭلىغان، مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ مىيىت نامىزى چۈشۈرلگەن رەستە مەسچىدنىڭ ئالدىدا بىر دەم توختاپ، ئۇ يەردىن بۇرۇلۇپلا مىڭ يىللىق قەدىمىي كوچا، ئەۋلاد-بوغۇنلارنىڭ ئۆرپ-ئادەت، ئەنئەنە مەكتىپى دەپ تەرىپلىنىدىغان كۆكچى مەھەللىسىگە كىرىپ كېتىپتۇ.                                    



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-10 14:05  


باھا سۆز

رەھمەت، ئوڭشاشقا ۋاقىت چىقماي قالغان ئىدى.  ۋاقتى: 2015-12-10 02:05 PM
كىچىك ماۋزۇلىرى ئايرىلمىغان ھالەتتە ئىكەن، بەت شەكلىنى ئوڭشاپ قويدۇم!  ۋاقتى: 2015-12-10 01:57 PM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-10 13:06:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


2-.jpg


3-.jpg


1-erchin bilen yazguqi ablikim sabir.jpg


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-10 15:48  


ۋاقتى: 2015-12-10 14:58:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قۇربان ئاكا، بۇ خاتىرىلەرنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقتىم. كۆپ ئەجىر قىپىسز.  خاتىرىنىڭ ،  ئابلىكىم سابىرى ئاكىنى ساۋاقدىشى مۇھەممەتئېلى زۇنۇن تۇرسۇنئاي ئىسىملىك يېزىقچىلىق قىلىدىغان بىر قىزغا تۇنۇشتۇرۇپ قويغان، يېرىگە كەلگەندە بۇ قىزنىڭ دەل تۆھپىكار ئانا ئەدىب- تۇرسۇنئاي يۈنۈس ھەدەم ئىكەنلىكىنى قىياس قىلغان ئىدىم . قىياسىم توغرا چىقتى. مېنىڭمۇ تۇرسۇنئاي ھەدەمگە مۇناسىۋەتلىك قىسقا ئەسلىمەم بار ئىدى، سۆرەتلەر بىلەن ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قوياي دېسەم سۆرەت يوللاشنى بىلمەيدىكەنمەن. شۇڭا يەنىلا بۇ بىر جۈپ قەدىرداننىڭ كۆنچى مەھەللىسىگە كىرىپ كەتكەندىن كېيىنكى ئىشلىرىنى ئاڭلايلى، داۋامى باردەك قىلىدۇ...

ۋاقتى: 2015-12-10 16:28:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم، شاھىدى، بۇ تۈردىكى ئەدەبىي خاتىرىلەر ئازلاپ كېتىۋاتقانتى، سىزنىڭ يورۇتقان بۇ تېمىڭىز ئۆز قىممىتى بىلەن دىللارنى ئىللىتتى...سىزگە ئامەت تىلەيمەن. ئەمما ئىملاغا سەل قارىمايسىز، ئاغىينەم!

ۋاقتى: 2015-12-10 16:51:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇربان داۋۇت شاھىدىنىڭ ئۆز كەچۈرمىشلىرى ۋە ئىستەكلىرىگە دائىر بۇ پۈتۈكلىرىنى «ئاڭلىشىمچە ئامېرىكىلىق بىر كاتتا يازغۇچى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ھەسرەت چېكىپ تۇرۇپ: ‹ئەگەر ماڭا قايتا تاللاش پۇرسىتى بولغان بولسا، يېزىقچىلىقتەك بۇنداق تەس ئىشنى ھەرگىزمۇ تاللىمايتتىم› دېگەنمىش»  دەپ باشلىشى ۋە پاساھەلىك جۈملىلىرى ئۇنىڭ بىر مۇنەۋۋەر قەلەمكەش ئىكەنلىكىدىن دالالەت بېرىپ تۇرۇپتۇ.  تەسۋىر دېگەن مانا مۇشۇ ماقالىدىكىدەك بولمامدۇ.

ۋاقتى: 2015-12-10 16:52:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاھىدى،بۇ ئەدەبى خاتىرىڭىز ئوقۇشچانلىققا ئىگە بولغان خاتىرە بوپتۇ،ئوقىغان ئادەم ئاخىرى قانداق بولاركىن دەپلا ئوقۇپ تۈگۈتىۋېتىدىكەن...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-10 22:31:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستلارغا رەھمەت، پىكىرلىرىڭلار مېنى بۇ تېما ئۈستىدە يەنە ئويلاندۇردى. دوستۇم ئەرچىننىڭ سۈرەتلەرنى كىرىشتۈرگەنلىكىدىن خۇش بولدۇم.

ۋاقتى: 2015-12-11 01:49:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆھپىكارلارنى ئەسلەش،ئۇلارنىڭ ئىش -ئىزلىرىنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇپ بېرىش ساۋاپلىق ئىش.بۇ ئەدەبىي خاتىرىڭىزنى ئوقۇپ،تەسىرلەندىم.بولسا شۇنداق يازمىلارنى داۋاملىق يېزىپ تۇرارسىز.

ۋاقتى: 2015-12-27 06:59:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك  خاتىرىكەن ، ئۇستاز شائىر شاھىدىغا سالام

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش