پۇشايمان
ئاپتورى:مەھمەت ناجار (تۈركىيە)
ئىزلىرىم ئۆچىدۇ پانى دۇنيادا ،
پۇشايمان ئىچىدە ئىزدەرسەن بىر كۈن .
تۇپراقنىڭ ئاستىدىن كەلگەن پەرياتقا ،
جاۋابنى ئۆزۈڭدىن تاپارسەن بىر كۈن .
يوللارنىڭ كارۋانى ئۆتكەندىن كىيىن ،
روھىمنىڭ ماكانى كۆچكەندىن كىيىن ،
تۇپراق قۇچىقىنى ئاچقاندىن كىيىن ،
مۇشتۇمۇڭنى تىزىڭغا ئۇرارسەن بىر كۈن .
تۆت قەدەم ئارىدا تىكىلەر تاشلار ،
يىغلىغان كۆزلەردىن قۇرۇدۇ ياشلار .
تۇيۇقسىز دەريادا ئۈزۈشكە باشلار ،
كۆڭۈل كۆلىدە ھېرىيسەن بىر كۈن .
ئاسمان كۆك تۇرىدۇ يەنە ئۆز پىتى ،
مىڭلارچە سوئال تاپار، بىر سىنى .
كۆڭۈل قازىنىڭدا ھەسرەت خىمىرى ،
يۇغۇرۇپ باغرىڭغا باسارسەن بىركۈن .
رەشىدە ئوسمان تەرجىمىسى
زامان ۋە مەن
ئاپتۇرسىز
قاراڭغۇلۇق كۈندۈزنى كۆكسىدىن ئەمدى ،
يورۇقلۇقتىن كېچىنى تۇغقان شۇ زامان .
كۆڭلۈمنى بىر سەۋدا ئورىدى ئەمدى ،
بىر بۈيۈك گۇناھنى چاقىردى زامان .
ھال رەڭ چۈشلۈرۈم دەھشەتكە تولدى ،
بىلەلمىدىم ئەسلا ، بۇ بىر رىيامۇ ؟
تارتتىم ھەر تۈرلۈك دەرتنى ۋە غەمنى ،
ئاڭلىماي ، بىلمەي ، گاس بولدى زامان .
قۇرىدى كۆزلەر ، سەل بولۇپ ياشلار ،
نىشانسىز قالغاچقا تۈگىدى يوللار .
بەرىبىر تىپىرلاپ ئۆتتى ھەم يىللار ،
ئەجەلنى بۇ جانغا ئېپ كەلدى زامان .
كۆچىتىم يوغانماس،شورلاندى بېغىم ،
قۇرىدى ، يېرىلدى سۇسىز تۇپرىقىم .
خازان بوپ سارغايدى چۈشكەن ياپرىقىم ،
شامالنىڭ ئادىدا سورىدى زامان .
يىللار ئىز سالدى سۇلغۇن يۈزلەرگە ،
بىر تامچە ياش بولدۇڭ غىرىپ كۆزلەردە ،
سەھەرنى كۈتكەن ھارغىن كۆزلەردە ،
يۇمۇلغان كىرپىكتىن ئېغىرتى زامان .
رەشىدە ئوسمان تەرجىمىسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-11 03:33
|