يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 322|ئىنكاس: 1

سۇتۇق: ئىككى ھېكايە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                                ئىككى ھېكايە

                                                             غېنىجان خۇدابەردى

                                                                    نەمۇنىچى


ــ ئەترەت باشلىقى!تېلېۋىزوردا تونۇشتۇرۇلۇۋاتقان ئەمگەك نەمۇنىچىسى بەكلا تونۇشقۇ؟  
ــ بىزنىڭ ئەترەتتىكى مەمەتكە ئوخشايدىكەن،شۇنىڭدەكمۇ تۇرامدۇ نېمە؟
ــ توۋا دەڭە،ئۇ نەلەردە يورۇپ ئەمگەك نەمۇنىچىسى بولا؟ لېكىن،قىلغان ئىشلىرى ئەجەب سىز-بىزنىڭ ھەم ئەترەتتىكى باشقىلارنىڭ ئىشلىرغا ئوخشاپ كېتىدىكىنا؟
ــ بىر ساھە،بىر كەسىپ بولغاندىكىن ئوخشاپمۇ قالىدۇ-دە!
ــ ئەترەت باشلىقى،ئاڭلاڭە،ئاۋۇ نەمۇنىچىنىڭ تەپسىلاتى ئەجەب سىزنىڭ ئۆتكەندە قۇتقۇزۇۋالغان قىزنىڭ ئىشىغا ئوخشايدىكىنا؟.
ــ ئۇنداق ئىشلار باشقا يەرلەردىمۇ بولغاندۇ؟
ــ ئەمەسكەن،نەدىمۇ بىزنىڭ بۇ يەردە تەيفېڭ بۇرنى چىقسۇن،تېخى 17 بالا دەيدۇ،كىچىكىمىزدە مەكتەپتە ئوقۇغاندا12بالا شامال چىقسا يەر-جاھان تۈپ تۇز بولۇپ كېتىدۇ،دەيدىغان.ئو...!بۇ نەمۇنىچى راسلا يامانكەن،17بالا شامالدا ئاپەتكە ئۇچۇرغان كىشىلەرنى قۇتقۇزۇپتۇ.  
ــ شەيئىلەر ئۈزۈكسىز تەرەققىي قىلىدۇ،بورانمۇ 12بالىدىن تەرەققىي قىلغان بولسا كېرەك.باشقا يەردە بىز قىلغان ئىشلارنى قىلغان ھەم مەمەتكە ئوخشايدىغان بىرەرى راسلا باردۇ.

ــ ئەترەت باشلىقى ج خ خىزمىتى بويىچە قوغلاپ تۇتۇشتىكى ئىلغار شەخسمۇ بىزنىڭ مەمەتمۇ نېمە؟
ــ قايسى نەمۇنىچىنى كۆرسەڭ،بىزنىڭ ئەترەتتىكى مەمەتكە ئوخشاتقىنىڭ نېمىسى؟
ــ ئاۋۋال كېلىپ،تېلېۋىزورغا قاراپ بىرنېمە دېمەمسىز.
ــ بىزنىڭ ئەترەتتىكى مەمەت  قايسى ئىشلىرى بىلەن بۇ شەرەپكە ئېرىشىدۇ؟
ــ سىياسىي باشقارمىغا تېلېفون ئۇرۇپ، سۈرۈشتۈرۈپ باقمايلىمۇ؟ مەمەتنىڭ ئۆزدىن سورامدۇق يە؟مەمەت قېنى؟
ــ ئىچكىرىگە ئادەم تۇتقىنى كەتتى.
ــ شۇنداقمۇ ئۇدۇل كەلگەن بارمۇ؟يىغىنغا قاتنىشىپ شەرەپنىمۇ، ئادەمنىمۇ ئېلىپ كېلىدىكەن-دە؟
ــ ئۇنداق ئەمەستۇ؟مەن ئەترەت باشلىقى تۇرۇپ بىلمەي قالارمەنمۇ؟
ــ سىز-بىز بىلمەيدىغان ئىشلار تولا.ئىشەنمىسىڭىز تېلېفون ئۇرۇپ سوراپ بېقىڭ؟
ــ ھاجىتى بارمۇ؟
ــ بار جاپانى بىز تارتساق، ھەريىلى شەرەپنى ئۇ ئالامدۇ؟مەن شۇ دېسەم،ئىشەنمىدىڭىز،يۈرۈڭ،ئۇدۇل سىياسىي باشقارمىسىغا كىرىپ سورايلى.
ــ مۇدىر، تېلېۋىزوردا تەشۋىق قىلغان ئەمگەك نەمۇنىچىسىنىڭ بىرىنى بىزنىڭ ئەترەتتىكى مەمەتكە ئوخشىتىپ،دەلىللەپ باقايلى دەپ كىرگەنتۇق.
ــ  دەل ئۆزى شۇ.
ــ مۇدىر، ئۇ قانداق بولۇپ بۇنداق زور شەرەپكە ئېرىشتى؟ئۇنى كىم يوللىغان؟ئەجەب ئەترەت باشلىقى بولغان مەن بۇنى بىلمەيدىكەنمىنا؟
ــ سىلەر يولىغانغۇ؟
ــ قاچان؟ ئېسىمدە قېلىشىچە،تۆت يىل بۇرۇن بىر قېتىم ئىلغار ئىتتىپاق ئەزاسى دەپ،سايلاپ بەرگەن.توغرا،ئۇ چاغدا ئەترىتىمىزدە ئۇنىڭدىن باشقا ئىتتىپاق ئەزاسى بولمىغاچقا شۇنداق بولغان. بىراق،كېيىن يوللىمىغانغۇ؟يوللىدۇق دېگەندىمۇ يوللانغىنى ئەلۋەتتە مەمەت ئەمەس.چۈنكى ئۇنۇڭ شەرتى بۇ شەرەپلەرگە توشمايدۇ.
ــ بىز يۇقىرى چۈشۈرۈپ بەرگەن سان كۆرسەتكۈچكە ئاساسەن يوللىدۇق.ئۇنى يۇقىرىقى شەرەپكە ئېرىشىشكە شەرتى توشمايدۇ دەپ كىم دەيدۇ؟ئۇ ئىشلارنى سىلەرنىڭ ئەترەتتە يۈز بەرگەنمۇ يوق؟مەمەت شۇ ئەترەتتە بارمىدى يوق؟
ــ  مۇدىر،بىزنىڭ ئەترەتتە يۈز بەرگەن،بىراق ئۇ ئىشلارنىڭ بىرنىمۇ ئۇ قىلمىغان.
ــ كىم قىلغان؟
ــ مۇدىر،باشقىلار قىلغان.سۇغا چۈشۈپ كەتكەن قىزنى سۇدىن قۇتۇلدۇرۇپ قاشقا ئېلىپ چىقاي دەپ قالغاندا،ئۇ قاشتا تۇرۇپ چىقىشقا ياردەملەشكەن؛قوغلاپ تۇتۇش خىزمىتىدە ئۇ ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ ماتېرىيال يوللاش ۋە تۇتۇلغان قاچقۇنلارنى توردا سېلىشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.
ــ ئەترەت باشلىقى،بىزنىڭ يوللىغىنىمىز خاتا ئەمەسكەنغۇ؟سۇغا چۈشۈپ كەتكەن قىزنى قۇتۇلدۇرغۇچى ھېرىپ ھالدىن كەتكەن ھەل قىلغۇچ دەقىقىدە،مەمەت ھاياتنىڭ خەۋپكە ئۇچۇرۇشىدىن قورقماي  ئىككىيلەننى قۇتۇلدۇرۇۋالغان؛بىز تېخى ئۇنى بىر قىزنى قۇتۇلدۇرغان دەپ يوللاپتۇق.قوغلاپ تۇتۇش خىزمىتىدە،قوغلاپ تۇتۇش خىزمىتىنىلا ئىشلەپ قالماي،كېچىسى تۇتۇلغانلارنى توردا سېلىشتۇرۇش،قاچقۇنلارنىڭ ماتېرىيالىنى تەپسىلىي چۈشىنىشلىك قىلىپ يوللاشتەك ئەقلىي ئىقتىدار تەلەپ قىلىدىغان خىزمەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ھالقىسىنىمۇ ئۇ ئىشلەپتىكەن-دە،توغرا،بۇ تەرەپلىرىنى كېلەر يىللىق نەمۇنىچىلىك ماتېرىيالغا چوقۇم تولۇقلاپ يېزىش كېرەك.
ــ مۇدىر، ھەريىلى نەمۇنىچىلىك بولسىلا ئۇ سايلانسا، ئەترەت ئەزالىرىنىڭ ئاكتىپچانلىقىغا تەسىر يەتمەمدۇ؟.
ــ  ئەترەت باشلىقى، سىز ئۆكتە قوپۇش يولى بىلەن مەن بولىمەن دېمەكچى،شۇنداقمۇ؟ چۈشەندىم، لېكىن بۇ مۇمكىن ئەمەس، نەمۇنىچىنى  كۆپچىلىك سايلايدۇ.
ــ مۇدىر،مەمەتنى كۆپچىلىك سايلىمىغانتىغۇ.
ــ ئىلغار ئىتتىپاق ئەزالىقىغا كىم سايلىغان؟
ــ مۇدىر،بىر يىلى ئىلغار ئىتتىپاق ئەزاسى بولغان بىلەن ھەر يىلى ...پىرىنسىپقا ئۇيغۇن بۇلامدۇ؟
ــ قەيەرى ئۇيغۇن ئەمەسكەن؟سىز شوتىغا چىقىپ باققانمۇ؟شوتىغىمۇ بىر بالداق، بىر بالداقتىن  چىقىدىغان گەپ، نەمۇنىچىلىكمۇ شۇنداق.
ــ مۇدىر،بۇ،بىرى ئىلگىرى بىر قېتىم كالا باققان،كىيىن  ئۆلگۈچە پالان كالىچى دەپ چاقىرغاندەك بىر ئىشقۇ؟
ــ بىزگە سىلەر يولاپ بەرگەن،بىز ئۆلكىگە يوللىدۇق،ئۆلكە مىنىستىرلىككە ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يولاپ بەرگەن، بۇنىڭ نېرى خاتا.ھېچكىم بولمىغاندىن بولغان ياخشىغۇ؟
ــ سۆزىڭىزچە ،بۇندىن ئۇ  كىيىن نەمۇنىچى بولۇپلا ئۆتكىدەك-دە!
ــ تۇيۇقسىز قۇربان بولۇپ كەتمىسە ياكى پەۋقۇلئاددە بىر خاتالىق سادىر قىلمىسىلا.ئۇ ھەممىمىزنىڭ پەخرى! يېقىندا بىز مەمەتتىن ئۆگىنىش ئۇقتۇرۇشى چىقارماقچى،سىز ئۇنىڭ باشلىقى ھەم قۇتقۇزۇلغۇچىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئەترەت ئەزالىرىنى تەشكىللەپ ياخشى ئۈگىنىڭ.
ــ بىز ئۇنىڭدىن ئۆگىنەمدۇق ياكى ئۇ بىزدىن ئۆگىنەمدۇ؟
ــ جۈملىدىن بىز  مەمەتتىن ئۆگىنىمىز.بىراق سىلەر بىر ئەترەتتە بولغاندىكىن ئوز-ئارا ئۆگەنسەڭلارمۇ بولىدۇ.راست،ئۇ   ئالدىنقى كۈندىكى پارتكوم دائىمىي ھەيئەتلەر يىغىندا سىزلەرگە باشلىق بولۇپ تەيىنلەندى.
ــ مەن چۇ؟
سىز ھازىرچە نەمۇنىچىدىن ئۆگىنىپ تۇرۇڭ.نېمە،سىز ئەمدى  باشلىقلىقىنىمۇ تالاشىپ ئىشلىمەكچىمۇ؟

                                                                 چاۋاك

ــ ج خ ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيىتى،ـــ دەپ سوز باشلىدى ج خ ئورگىنىنىڭ باشلىقى،يىللىق ج خ خىزمەت يىغىندا،ـــ ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس،زەربە بېرىشنى قوشۇمچە قىلىشتۇر.شۇڭا،بىز بۇ قېتىم،ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگەن،دېلو يۈز بېرىش نىسبىتى توۋەن بولغان،ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەيمىز.
ــ باشلىق ناھايىتى توغرا دېدى.مەلۇم ئامبارنىڭ دېرىزىسىنىڭ پولات چىۋىقى بولمىسا،دەرھال پولات چىۋىق بىلەن ھىملىۋەتسەك، ئوغرىمۇ كىرمەيدۇ.مانا،بۇنى ئالدىنى ئېلىش دەيمىز،ــــ دېدى باشلىقنىڭ مۇئاۋىنى،قوشۇمچىسى ئارقىلىق باشلىقنىڭ دېمەكچى بۇلغۇننى تېخىمۇ پۇختىلىغان ھالدا،ــــ يولداشلار! مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيىتىمىز ئايدىڭ بولدى. ئەلۋەتتە،سوتسىيالىستىك ج خ خىزمىتىنىڭ  مەقسىتى ئازغانلارنى تۇرمىغا سولاش ئەمەس!
ــ بۇ،چەتئەللىكلەر دەيدىغان ‹‹پۇچۇق ئەينەك نەزەرىيىسى››،يەنى يوچۇق قويساڭ ئوغرى كىرىدۇ،دېگەننى ئەمەلىيەتتە تەتبىقلاش،ـــ يېنىمدا ئولتۇرغان بىرەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ چاۋاك چالغاچ قۇلىقىمغا پىچىرلىدى.مەن ئۇنۇڭ سۆزىنى بېشىمنى لىڭشىتىپ تەستىقلىغاچ،چاۋىكىمنى چېلىۋەردىم.

ــ ئامانلىق ۋە جىنايى ئىشلار دېلوسىنىڭ تۇرغۇزۇلۇش ھەم تەكشۈرۈلۈش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش،خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى قوغداش يۈزىسىدىن،بۇ قېتىمقى دېلو تۇرغۇزۇش نىسبىتى يۇقىرى بولغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى جازالاش ۋە مۇكاپاتلاش تۇزۇمنى يولغا قويدۇق،ـــ دېدى ج خ ئىدارىسىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن يېڭى باشلىقى،يىللىق خىزمەت خۇلاسە يىغىندا.
ــ باشلىق توغرا دېدى،ئىش ئالدىراش،ساقچى كۈچى ۋە راسخوت يېتىشمەيدۇ دەپ قاقشايمىز.لېكىن،بىزنىڭ بىر ساقچىمىز بىر يىلدا نەچچە پارچە ئامانلىق،نەچچە پارچە جىنايى ئىشلار دېلوسى ئىشلەيدۇ؟ـــ دېدى باشلىقنىڭ مۇئاۋىنى،تەپسىلىي شەرھلىگەن ئاساستا،ـــ ئويلاپ باقايلى،ھە،ھېسابلاپ باقايلى،ئايرىم ساقچىخانىلار ئايدا قوبۇل قىلغان دېلو كىشى بېشىغا بىر پارچىدىنمۇ  توغرا كەلمىگەن،بۇنداق بولغاندا،قانداقمۇ ج خ خىزمتىنىڭ خىزمەت سىجىللىقى ۋە راسخۇد توغرسىدا كىمگە،نىمە دىگىلى بولسۇن؟
ــ ئىلگىرى ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى پۇختا،دىلو يۇز بىرىش نىسبىتى توۋەن ئورۇن بەرپا قىلمىز دەپ،مەۋقە خاتا يۇنۇلۇشكە بۇرۋىتلگەن.نەتىجىدە،نۇرغۇن دىلو تۇرغۇزۇلمىغان.ھەممىمىزگە ئايان،دىلو تۇرزۇزلمىسا رازۋىتكا قىلغىنى،رازۋىتكا قىلمىسا،دىلونى قانداق پاش قىلىپ خەلق ۋە دولەت مەنپەتنى كاپالەتكە ئىگە قىلغىنى بۇلمايدۇ،ـــ دىدى ئىككىنجى مۇئاۋىن باشلىق، قۇشۇمچىسى ئارقىلىق باشلىقنىڭ سۆزنى تېخىمۇ قۇۋەتلىگەن ئاساستا،ـــ  ئوغرى ئوغىرلىققا كىرىشنى ئويلسا،پولات چىۋقنى كىسەلمەسمۇ؟تامنى تىشەلمەسمۇ؟پەقەت ۋە پەقەت زەربە بىرش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ،جىنايى ئىشلار-جىنايەتچىللىرگە قاتتىق زەربە بەرگەندىلا،جىنايەتنى تۇگتەلەيمىز.
ــ شۇ ئەمەسمۇ،جىنايەتچىگە ساقچىنى كۆرگەندە،ئۆرە تۇرۇپ ئىشتانغا كۆكەرتىپ سىيگۈدەك زەربە بېرىش كېرەك!ـــ دېدى  ئالدىنقى يىلى قۇلىقىمغا شىۋىرلىغان ساقچى.ئاندىن قىزغىن چاۋاك چېلىپ باشلىقلارنىڭ سۆزىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.ھەممەيلەن ئورنىمىزدىن تۇرۇپ ھاياجان ئىچىدە قىزغىن چاۋاك چالدۇق.

ــ سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ،خەلق ئاممىسىنى ئەمىنلىكتە خاتىرجەم،خۇشال-خۇرام ياشاش مۇھىتىغا ئىگە قىلمىز دەۋاتساق،ئائىلىسى بەش مىڭغا يەتمەيدىغان بىر ئورۇندا نېمە دېگەن كوپ دېلو؟!ـــ دېدى  ئىدارە باشلىقى يىللىق خۇلاسە يىغىندا،ـــ بىر يىلدا چوڭ-كىچىك بەش يۈز بارچە دېلو يۈز بەرسە،بۇجايدىكى خەلق قانداقمۇ ئەمىنلىكتە خاتىرجەم ياشاپ،تىرىكچىلىك قىلىدۇ؟دەرھال تەكشۈرۈپ گۇرۇپپىسى ئەۋەتىلىپ،ساقلانغان مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ، تۈپتىن توزۇتۇش،بۇ ئىشتا مەسئۇلىيىتى بار ئالاقىدارلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش بىلەن بىرگە،خەلق ئاممىسىنى خاتىرجەم قىلىدىغان تەدبىرلەر تىزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈلسۇن!
  يىغىن ئەھلى يەنە گۈلدۈراس ئالقىش ياراتتى.ئەجەبا  رەھبەرنىڭ ھەممە سۆزى توغرىمۇ؟ بىز توغرا بولسۇن ياكى خاتا بولسۇن چاۋاك چېلىۋېرەمدۇق؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-9 22:18  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-18 22:31:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىنايەت ئۆتكزمىگەن كىشىلەرنى ساقچى ياخشى كۆرمەيدۇ.شۇڭا...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش