مۇھەممەتجان ھەسەننىڭ «مەدەنىيەتلەر ئۆتۈشۈش مۇھىتىدىكى يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» ناملىق كىتابى نەشر قىلىندى.
قاراقاش ناھىيەسىنىڭ قاراساي يېزىسىدىن يېتىشىپ چىققان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فېلېلوگىيە ئىنستىتۇتى جۇڭگو ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىياتى كەسپىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتى، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ تەھرىرى مۇھەممەتجان ھەسەننىڭ «مەدەنىيەتلەر ئۆتۈشۈش مۇھىتىدىكى يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» ناملىق كىتابى 2015-يىلى 3-ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. بۇ كىتابغا ئۇنىڭ سېلىشتۇرما ئەدەبىياتقا ئائىت بىر تۈكۈم ماقالىلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى سېلىشتۇرما ئەدەبىيات تەتقىقاتىدىكى ياخشى بىر باشلىنىش بولۇپ قالغۇسى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-9 12:46