يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 459|ئىنكاس: 5

بەگئالپ:ئاخىرقى مەكتەپ (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

                  ئاخىرقى مەكتەپ                                 

                        ھېكايە

            مۇھەممەتتۇرسۇن ئابلېكىم (بەگئالپ)



  بۇ يەرنى  ئوقۇغۇچىلار ياتىقى دېگەندىن كۆرە ھاراق -تاماكا بوتكىسى دېگەن تۈزۈك ئىدى.بوتكىغا ئوخشىمايدىغان يېرى،بۇلار سىرتتىن ساندۇقلاپ ئەكىرگەن ھاراق-تاماكىلارنى «ئوبوروت» قىلماي ئۆزلىرىلا تۈگىتىشەتتى .  ياتاقتىكىلەر   كۈندۈزى ئۇخلاش، كېچىسى بوتۇلكا قۇرۇقداش بىلەن كۈن ئۆتكۈزەتتى .بەزمە قاراڭغۇ چۈشكەندە باشلىنىپ يېرىم كېچىدىن ئۆتكەندە ، ئەڭ ئاخىرقى بىر بوتۇلكىنىڭ قۇرۇقدىلىشى ۋە يەرگە تاشلانغان  تاماكا كۆيۈندىسىنىڭ  قايتا قولغا ئېلىنىپ پۈتۈنلەي چېكىلىپ بولغىچە داۋاملىشاتتى. باشتا رومكىلارنىڭ بوش سوقۇشتۇرۇلغان ئاۋازى ئاڭلىناتتى، ئاندىن بوتۇلكىلار سوقۇشتۇرۇلاتتى، ئاخىرىدا بىرىنىڭ  دەلدەڭشىپ ئورنىدىن تۇرۇپ يەردە زىچچىدە تىزىلىپ كەتكەن قۇرۇق بوتۇلكىلارغا پۇتلىشىشى بىلەن  بوتۇلكىلار  بىر-بىرگە سوقۇلۇپ  سېمونت پول ئۈستىدە چۇل-چۇل بولاتتى.   
  ئۇلار ئەتىسى چۈشكە يېقىن ئىسپىرت ۋە نىكوتىننىڭ كۈچى بىلەن  ئېتىلىپ كېتىدىغاندەك تۇرغان باشلىرىنى بىر قەۋەت قاپقارا مايلىق كىر بېسىپ  كەتكەن ياستۇق ئۈستىدىن تەستە كۆتۈرۈشەتتى ،ئاندىن  دېرىزە تەكچىسىدىن تارتىپ ئىشىكنىڭ تار بۇلۇڭىغا قەدەر  قالايمىقان چېچىلىپ ياتقان بوتۇلكىلارغا قىزىرىپ ئىششىغان خۇنۈك كۆزلىرى بىلەن قاراپ قۇيۇپ، ئۆزىنىڭ  ھېلىلا ئېقىپ كېتىدىغاندەك تۇرىدىغان ئەبگار گەۋدىسىنى مەينەتلىكىدىن ئەسلى رەڭگىنى بىلگىلى بولمايدىغان  كۆرپە ئۈستىگە قايتىدىن  تاشلايتتى.
  تازىلىقچى ئايال ھەر كۈنى ياتاقتىكى بوتۇلكىلارنى ئېلىپ  كەتكىلى كىرەتتى. ئۇ كىرشتىن بۇرۇن قېلىن ماسكىسىنى تاقىۋالسىمۇ ، ھاراقنىڭ بۇرۇننى ئېچىشتۇرىدىغان ئاچچىق بۇسى،تاماكىنىڭ زەھەرلىك تۈتۈنى ۋە ئاللىقانداق سېسىق پۇراقلارنىڭ ئۇۋىسى بولغان ياتاققا كىرگىنىدە ئۆپكىسى ئېچىشىپ ، قېقىلىپ كېتەتتى. ئۇ تاماكا  ئىسىنىڭ قۇيۇقلۇقىدا تۇرخۇندەك قاراڭغۇ  كۆرۈنىدىغان ياتاق ئىچىدە بوتۇلكا پارچىلىرى ئارىسىدىن مىڭ تەستە ئۆتۈپ، تاماكا ئىسى دەستىدە قارىيپ كەتكەن پەردىنى بىر تەرەپكە تارتىپ  دېرىزىنى  ئېچىۋېتەتتى. بىر-بىرنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان سېسىق پۇراقلار ، كۆكۈچ ئىسلار دېرىزىنىڭ  تارغىنا كۆزنىكىدىن  قىسىلىپ چىقىپ  كەڭرى بوشلۇققا تارقىلىپ كېتىشكە ئالدىرايتتى. بۇ ھال دېرىزىنىڭ  سىرتىدىن  قارىغان  كىشىگە« ياتاق ئىچىگە ئوت كېتىپتۇ »دېگەن  تۇيغۇنى  بېرىشى ئېنىق ئىدى.
  تازىلىقچى ئايال  كۆكۈچ ئىسلار سىرتقا تارقىلىپ ياتاق ئىچى ئېنىق كۆرۈنۈشكە  باشلىغاندا بوتۇلكىلارنى يىغىشقا  تۇتۇناتتى . ئۇ قېلىن پەلەي كىيىۋالغان قوللىرىدا ئاخشامقى « بوتۇلكا جېڭى» دە سۇنۇپ كېتىشكە ئۈلگۈرمىگەن ساق بوتۇلكىلارنى ئىلغاپ كېلەڭسىز تاغىرى ئىچىگە ئاۋايلاپ سېلىۋېتىپ ، قۇسۇقلار ئارىسىدا چېچىلىپ ياتقان بوتۇلكا پارچىلىرىنى تۆمۈردىن ياسالغان  قوپال ھەم مەزمۇت  گۈرجەكتە ئەخلەت سېۋىتى ئىچىگە تاشلايتتى.بەزىدە قۇسۇقلار ئارىسىدىن بىرەر تال ساق  بوتۇلكىلارمۇ ئۇچراپ قالاتتى،لېكىن  ئۇ قولىغا قېلىن بېرزىنت پەلەي كىيۋالغىنىغا قارىماي قۇسۇق يېپىشىپ تۇرغان بوتۇلكىنى ئېلىشقا ھەرىكەت قىلمايتتى.
  يامغۇر يېغىۋاتقان بىر كۈنى بۇ نەس باسقۇر جايغا يېڭى مېھماندىن بىرى كەلدى . ياتاق ئىچىدىن بۇقسۇپ چىقىۋاتقان سېسىق پۇراقتىن يېڭى مېھماننىڭ كۆڭلى ئاينىغان بولسىمۇ  كەينىگە يېنىپ چىقىپ كەتمىدى.ئۇ دېرىزە تەرەپتىكى  كارىۋاتنىڭ ئۈستى قەۋىتىدىكى بوش ئورۇنغا  يوتقان كۆرپىلىرىنى رەتلىك جايلاشتۇرغاندىن كېيىن تازىلىقچى ئايال چالا قۇيۇپ چىقىپ كەتكەن ئەخلەتلەرنى يىغىشتۇردى؛ قۇسۇق ۋە ئاللىقانداق نەرسىلەر بىلەن بۇلغىنىپ ئەسلى رەڭگىنى بىلگىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتكەن پولنى   قايتا -قايتا سۈرتتى،لېكىن ئەخلەتخانىدىن بەتتەر بولۇپ كەتكەن ئىشكاپلارغا  ئەدەپ يۈزىسىدىن چېقىلمىدى . ئۇ  دېرىزە تەكچىسىدە   توپا-چاڭ  بېسىپ تۇرغان چايداننى ئالماقچى بولۇپ ئېھتىياتسىزلىقتىن يەرگە چۈشۈرۈۋەتتى.چايدان مۇشۇنداق مەينەت يەردە ھالاك بولغانلىقىغا نارازى بولغاندەك ئادەتتىكىدىن تاشقىرى چىڭ  ئاۋاز بىلەن چېقىلدى.
ئۇلار جاراڭڭىدە قىلغان ئاۋازدىن تەڭلا ئويغىنىپ، چاپاق بېسىپ كەتكەن كۆزلىرى تەستە ئېچىشىپ  تۇيۇقسىز  پاكىزلىشىپ قالغان ياتاققا ھاڭ بېقىپ  قارىشىپ قېلىشتى، ھەتتا نەچچىسى ئۆز ياتىقىدا ئىكەنلىكىدىن شۈبھىلىنىپ ئۈلگۈردى . ئۇلارنىڭ بىرى يېتىۋېرىپ ئاغرىپ كەتكەن غولىغا ئېرىنچەكلىك بىلەن مۇشتلىسا ،يەنە بىرى ئۇيۇشۇپ قالغان بوينىنى ئاستا ئايلاندۇراتتى. ئۇلار   ئۆزلىرىنىڭ ئىسپىرتنىڭ رەڭگىدەك خۇنۈك كۆزلىرى؛ ياغاق سۆڭىكى چىقىپ قالغان قارىيىپ كۆرۈنىدىغان ياداڭغۇ يۈزى ؛ ۋىجىكلىشىپ كەتكەن زەيپانە گەۋدىسىگە روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ تۇرغان «يېڭى كەلدى » نىڭ نۇر يېغىپ تۇرغان سۈتتەك چىرايى ۋە بەك قاۋۇل بولمىسىمۇ  مەزمۇت كۆرۈنىدىغان بەستىگە  ھەسەتخورلۇق  ئارىلاشقان مەسخىرە نەزىرى بىلەن تىكىلدى.
  يېڭى مېھمان ئۇلارنىڭ قاراشلىرىغا بۇ ياتاقتىكىلەرگە  يات بولۇپ   كەتكەن سەمىمىي كۈلۈمسىرەش بىلەن جاۋاب بەردى:
-تونۇشۇپ قالايلى ئاغىنىلەر ، ئىسمىم ئەكرەم.
-  ئىسمىڭ نېمانداق   ھۇرۇن خوتۇننىڭ پايتمىسىدەك ئۇزۇن ھەم يېقىمسىز؟!  ئۇ مەتۇ  ئىسمىڭنى مەزىن تەكبىر  توۋلاپ قويغان بولسا،  بىز ناخشا توۋلاپ  يېقىملىق ھەم ئاقسا  ئىسمىدىن بىرنى قۇيۇپ قۇيايلى،ئىسمىڭ «ئەيكې»بولسۇن .
بۇ چاغدا  ئېشەكنىڭ ھاڭرىشىدەك يېقىمسىز كۈلكە ئاۋازى ياتاقنىڭ راملىرىنى تىترىتىپ مەكتەپ ھويلىسىغا تارقالدى.
-بولمايدۇ،- دېدى ئەكرەم قەتئىيلىك بىلەن ،- بىر چىرايلىق ئىسىمنى بۇزۇپ نېمە قىلىسىلە.
-نەدە بۇزۇلدى ،-دېدى ئۇ  ئاۋازىنى بوم ھەم ھەيۋەتلىك چىقىرىشقا تىرىشىپ ،- ئىسمىڭنىڭ ئىككى بوغۇمى  چۈشۈپ قالغانغا ،بىر يېرىڭ كەم بولۇپ قالامتى، مانا قارا، مېنىمۇ ھەممىسى «زۇلى» دېيىشىدۇ ، ھەممە ئەزايىم جايىدا.
-مەنمۇ بۇرۇنقى ئىسمىمنىڭ نېمىلىكىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، بەلكىم كىملىكىمنى كۆرسەم ئېسىمگە كېلەر،- دېدى،  ئۆزىنى « شىر » دەپ تونۇشتۇرغان بىرى.
لېكىن ئىش  زۇلىنىڭ دېگىنىدەك بولماي قالدى ، ئەكرەم  ئىسمى بۇزۇپ چاقىرىلسا ئاڭلىماسقا سېلىۋالاتتى. ئاخىرى « ھە ‎» دېگۈزەلمەي سەت ئاۋاز بىلەن «ئەكرەم » دەپ ۋارقىرغاندا ئاندىن مەغرۇرلۇق ئارىلاشقان تەبەسسۇم بىلەن چاقىرغۇچىغا بۇرۇلاتتى.
- مۇشۇ ئەبلەخنىڭ مەتۇلۇقىدىن بەك زېرىكتۇق دەيتتى،- ئۇلار نىكوتىن سارغايتىۋەتكەن  ھىڭگاڭ چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ.
  ئەكرەم ياتاققا كۆچۈپ  كىرگەندىن كېيىن دېرىزىنى  ئۇلۇغ ئېچىۋەتتى. ياتاققا قار كۈرەيدىغان يوغان بىر گۈرجەك ئېلىپ ياتاقنىڭ بۇلۇڭىغا قۇيۇپ قويدى ۋە ھەر كۈنى ئورنىدىن تۇرۇپلا  پۇتلىشىپ تۇرىدىغان بوتۇلكىلارنى گۈرجەك بىلەن ياتاقنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئوبۇرنىنىڭ ئىچىگە   سۈرۈپ  قويىدىغان بولدى  .ئەمدى تازىلىقچى ئايالنىڭمۇ ئىشى ئاسانلىشىپ بوتۇلكا ئۈچۈن سېسىق پۇراقلارنىڭ ئارىسىدا تېنەپ يۈرمىسىمۇ بۇلاتتى.
ياتاقنىڭ مۇھىتى ئادەم تۇرالىغۇدەك   ھالەتكە يەتكەن بولسىمۇ ،ئەمما ئۇلارنىڭ ھايۋانلىق ھالىتىدە  ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى. ئەكرەمنىڭ  تازا ھەم   رەتلىك   يوتقان كۆرپىلىرى ؛ كونىراپ رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن بولسىمۇ مەزمۇت گەۋدىسىگە يارىشىپ كەتكەن پاكىز  ئېگىنى بۇ يەرگە پەقەتلا ماس كەلمىگەن ئىدى.
ياتاقتا پەقەت ئەكرەملا ھەر سەھەر تاڭ يورۇشى بىلەن  ئورنىدىن تۇراتتىدە يوتقان- كۆرپىلىرىنى رەتلىك يىغىپ،كېچىچە ياستۇق يېنىدا تۇرغان كونىراپ پېتىدىن چۈشۈپ كەتكەن كونا بىر  ياغلىقنى بۇرنىغا يېقىن ئەكېلىپ چوڭقۇر نەپەس بىلەن پۇرىۋالغاندىن كېيىن،  يوتقان -كۆرپە ئۈستىگە يېپىپ قۇياتتى.
ياتاقتىكىلەر ياغلىققا باشتا بەك ئېرەنشىمىگەن ئىدى.لېكىن  ئاشۇ كۈنى چىققان  كۆڭۈلسىزلىك بۇ كونا ياغلىقنى  ھەممىنىڭ دىققىتىنى  تارتىپ تۇرىدىغان ئالاھىدە نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.
ئۇ كۈنى چۈشتە ياتاقنىڭ تازىلىقى مەكتەپ مۇدىرى تەرىپىدىن تەكشۈرىلەتتى.لېكىن دىجورنى ئۇنتۇپ قالغاچقا ياتاق تازلانمىدى . پەقەت تەكشۈرۈشكە بەش مىنۇتلا قالغاندا بۈگۈن تازىلىق تەكشۈرتىدىغانلىقىنى ئېسىگە ئېلىپ ئېشەك ئېغىلىغا ئوخشاپ قالغان ياتاقنى ھاپىلا-شاپىلا يىغىشتۇرۇشقا باشلىدى.
«زۇلى» بەكلا مەينەتلىشىپ كەتكەن ئۈستەل ئۈستىنى سۈرۈۋەتمەكچى  بولدى،لېكىن  ئۈستەلنى سۈرتىدىغان لۆڭگە ھېچ يەردە كۆرۈنمەيتتى.( بۇ ياتاقتا ھازىرغىچە ئۇنداق نەرسە بولۇپ باقمىغان ئىدى .) شۇ چاغدا ئۇنىڭ كۆزى ئەكرەمنىڭ رەتلىك يىغىپ قويۇلغان يوتقان-كۆرپىسى  ئۈستىدىكى كونا   ياغلىققا چۈشتى.
ئۇ ياغلىقنى ئېلىپ ئۈستەل ئۈستىدىكى مەينەتلەرنى سۈرتۈشكە باشلىدى.
دەل شۇ چاغدا   ئەخلەتنى تۆكۈۋېتىپ  كىرگەن ئەكرەم  ئېتىلىپ بېرىپ ياغلىقنى جان جەھلى بىلەن تارتتى. ياغلىق «جارت» قىلغان كۆڭۈلسىز ئاۋازدىن كېيىن ئۆز ئىگىسىنىڭ قولىغا قايتتى.
-بۇنىڭدىن كېيىن نەرسەمگە تەگكۈچى بولما دېدى!-دېدى ئەكرەم   كۆزلىرىدىن  ياۋايى بىر  ئوت چاقنىتىپ تۇرۇپ.
- ناھايىتى بىر كونا ياغلىققۇ شۇ، مانا ھازىر يىرتىلغانلىقىدىن   كۆرۈمسىزلىكتە چېكىگە  يېتىپ تاشلىۋېتىشكە تېگىشلىك بولۇپ قالدى. بۇمۇ ياخشى بولغىنى،ئەمدى ياتاقتىكى  ئەڭ كۆرۈمسىز نەرسە يوقىلىدىغان بولدى.
«زۇلى»ياغلىق ئىگىسىنىڭ گېپىگە ئىنكاس قايتۇرماستىن ياغلىققا يېپىشىپ قالغان مەينەتلەرنى تازىلاش بىلەن ئاۋارە بولۇۋاتقىنىنى كۆرۈپ   مەسخىرىلىك ئاھاڭدا سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
- يوتقان -كۆرپەڭ ئۈستىگە ياپىدىغانغا  مۇشۇ ئەبگار ياغلىقىڭدىن باشقا نەرسەڭ  بولمىسا مەن  بىرنى سەدىقە قىلاي .
«زۇلى» يوغان چامدىنىغا تولۇپ كەتكەن كىرلەش كىيىملەر ئىچىدىن چىرايلىق گۈللەر كەشتىلەنگەن ئاپئاق ھەم يىپيېڭى بىر ياپقۇچنى چىقىرىپ ئەكرەمگە سۇندى.
لېكىن ئەكرەم ياپقۇچقا قاراپمۇ قويمىدى.
-شۇنداق چىرايلىق ھەم يىپيېڭى تۇرسا نېمىشقا ئالمايسەن، بۇنىچۇ قارا،قىز دوستۇم ماڭا ئاتاپ كەشتىلەپ بەرگەن .
-ئۇنداقتا ئۆزۈڭ ساقلاشقا تېگىشلىكقۇ دېدى ،-ئەكرەم نارازىلىق بىلەن.
ساقلىغۇدەك نېمىسى بار،- دېدى «زۇلى» پەرۋاسىز  ئاھاڭدا، -بىر كېچە ياتاق ئېچىپ بولۇپلا تالاق قىلىۋەتكەنمەن.
ئۇ ئەكرەمنىڭ ئۆزىگە نەپرەت يىرگىنچ  بىلەن قاراۋاتقانلىقىنى سەزمەستىن ۋالاقلاۋەردى:
-لېكىن ئويلىغىنىمدىنمۇ پاسكىنا نەرسىكەن،مېنىڭ قولۇمغا چۈشكەندە  ئاللىقاچان بۇزۇلۇپ بوپتىكەن.
«زۇلى » ياپقۇچنى ئەكرەمنىڭ قولىغا تۇتقۇزىۋېدى،ئۇ  ياپقۇچنى سەسكىنىپ تۇرۇپ زۇلىنىڭ ئېتىكىگە تاشلىدى.ئاندىن بوغۇق ئاۋاز بىلەن ۋارقىرىدى:
-مەينەت نېمەڭنى نېرى ئاپار!
-نېمە؟ مەينەت دەمسەن ،- دېدى «زۇلى» دېدى كۆرەڭلىك بىلەن ،ئاندىن كەشتىلىك  ياپقۇچنى  پاناق بۇرنىغا يېقىن ئەكېلىپ ئاچ كۆزلۈك بىلەن پۇراپ قويدى،-بۇنىڭدىكى ئەتىرنىڭ خۇش ھىدى  شۇ پېتىچە  تۇرۇپتۇ، لېكىن ئاۋۇ ئەۋرەز سۈرتىدىغان لاتاڭ قۇسۇقلا پۇرايدىغۇ دەيمەن.
ئەكرەمنىڭ سۈزۈك چىرايى ئاچچىقتىن قارىداپ كەتتى:
- ئاغزىڭنى يۇم ئېشەكنىڭ بالىسى  ،-دېدىدە «زۇلى»نىڭ قارانچۇقتەك ۋىجىك گەۋدىسىنى تامنىڭ بۇلۇڭىغا سۈرۈپ ئاپاردى.
«زۇلى»  يەنە پېتىدىن چۈشمەي ۋالاقلاپ باقماقچى بولدىيۇ، ئەكرەمنىڭ كەمىرىدە  ئېسىقلىق  تۇرغان  پىچاق غىلاپنى كۆرۈپ خۇشامەت قىلىشقا ئۆتتى.
ئەكرەم ئۈستەل يۈزىدىكى مەينەتلەر يۇققان ياغلىقنى ئۇزاق يۇدى،ئاندىن بالكونغا ئاچىقىپ پارلاپ تۇرغان قۇياش نۇرى ئاستىغا يېيىپ قويدى. باشتا ياغلىقتىن سۈپسۈزۈك سۇلار چىپ-چىپ قىلىپ تېمىپ يېنىك تەۋرەنگەن بولسا، بىردەمدىن كېيىن شامالدا لەرزان  يەلپۈنۈشكە باشلىدى . شامالدا يەلپۈنۈۋاتقان ياغلىق ئەكرەمنىڭ خىياللىرىنى   ناھايىتى ئۇزاق يىللار ئىلگىرىكى كەچكۈزگە ئاپىرىپ قويدى ...
  ئۇزۇن ئارغامچىلارغا يېيىلغان رەڭگارەڭ پەردىلەر ئارىسىدا بىر ئانا ئالدىراشلىق بىلەن ئىشلەپ يۈرەتتى.
-كەل ئوغلۇم،-كىيملىرىڭنى سال، يۇيۇپ بېرەي،- دېدى ئانا .
-كىيىملىرىمنى  يۇيۇۋەتسىڭىز توڭۇپ  قالمامدىمەن؟.
-ئۇنداق بولمايدۇ، مەن چاپىنىمغا ئوراپ قۇيىمەن .
ئانا  بالىسىنىڭ كونىراپ ،كىچىك كېلىپ قالغان كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ ئۆزىنىڭ رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن  قىزىل چاپىنىنى كىيگۈزۈپ قويدى.
كەچكۈزنىڭ سوغۇق شامىلى ئۈششۈپ سارغىيىشقا باشلىغان ياۋا چۆپلەرنىڭ قۇلاقلىرىنى  نىمجان غوللىرىدىن ئايرىپ ئەخلەتلىك ئارىسىغا تاشلىۋېتىشكە ھەرىكەت قىلاتتى. تۇيۇقسىز كۈچەيگەن  سوغۇق شامال  ئايالنىڭ بېشىدا تۇرغان قارا ياغلىقنى ئۇچۇرۇپ چىملىقنىڭ سىرتىدىكى  ئۆي خوجايىنى يېگەن-ئىچكەنلىرىنى ياندۇرىدىغان   يۇندى ئورىكىگە تاشلىۋەتتى.ئايال ساپسېرىق تۇرغان يۇندىغا قاراپ يىرگەنگەندەك تۇرۇپ قالدىيۇ،بالىسىغا قاراپ بىر ئىشنى  يادىغا ئالغاندەك   بولۇپ   ياغلىقنى يۇندى ئورىكىدىن ئېلىۋالدى.
ئانا ياغلىقنى بىر ياققا تاشلاپ قۇيۇپ، بالىسىنىڭ كىيملىرىنى يۇيۇشقا باشلىدى.ئۇنىڭ بارماقلىرىدىن تارتىپ نېپىز كۆڭلىكى  تۈرۈپ قويۇلغان  بىلىكىگىچە سوغۇقتا قىزىرىپ كەتكەن ئىدى.
ئانا بالىسىنىڭ كىيىملىرى خېلى ئۇزاق ۋاقىتتا يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن   ياغلىقنى سۇغا چىلاپ كۈچەپ يۇيۇشقا باشلىدى، ھەر قېتىم ياغلىقىنى مۇزدەك سۇدا چايقاپ بولۇپ يېيىۋەتمەكچى بولاتتىيۇ،ئازگالدا ساپ-سېرىق ئۇيۇپ قالغان قۇسۇقلارغا  قاراپ  ياغلىقىنى  قايتىدىن يۇيۇشقا باشلايتتى.
- بالا ئۆي خوجايىنىنىڭ تۇرخۇنىدىن چىقىۋاتقان تۇرۇم-تۇرۇم ئىسلارغا قاراپ ئانىسىغا دېدى:
ئانا قارا ئاۋۇ ئىسلارغا،خوجايىننىڭ ئۆيى چوقۇم ئىسسىپ كەتتى..
ئانا بالىسىنىڭ  سوغۇقتا تۈگۈلۈپ قالغان قورچاقتەك جىسمىغا قاراپ  يۈرىكى ئاغرىدى  ۋە ناھايىتى ئۇڭايسىز ھالەتتە ئۆزىگە سۆزلىگەندەك پەس ئاۋازدا :
- ئۇ ياتلارنىڭ ئۆيى، كىرلەر قۇرسىلا ئىش ھەققىمنى ئېلىپ ئۆيىمىزگە كېتىمىز ،-دەپ قويدى .
ئانا  ياغلىقنى ئاخىرقى قېتىم چايقىۋېتىپ بالىسىنى قۇچىقىغا ئېلىپ ئولتۇردى.
-بالىنىڭ جىسمى  ئىسسىق ھەم يېقىملىق ھارارەت بىلەن  ئىللىپ قالدى .ئۇ    سوغۇق شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغان قارا ياغلىققا قارىغىنىچە ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا شېرىن  ئۇيقۇغا كەتتى.  

  شۇ ئەسنادا ياتاقتا قالغان زۇلىنىڭ پۇت قولىغا ئازراق جان كىرگەن ئىدى. ئۇ قاچىلىق تەييار چۆپنى يالماپ يېگەچ  ئاچچىق بىلەن سۆزلەيتتى:
- سەھرالىق ياۋايى سولتەك ،كونا ياغلىققا  نېمانچە  قىلىپ كېتىدۇ. يېنىدا پىچاق بولمىغان بولسا ئەدىپىنى بېرىپ قوياتتىم.
-بەلكىم مۇھەببىتىڭ يالدامىسىدۇر ،- دېدى بىرى چىرايىنى غەلىتە بىر تۈسكە كىرگۈزۈپ ،- سەھرالىق قىزلار يىگىتىگە مۇشۇنداق كونا ياغلىقنى يالداما قىلارمىش.

بىر كۈن كەچتە ئۇلار تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزمەكچى بولۇشتى، لېكىن ئەكەلگەن ھاراقنىڭ سەل كۆپلىكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا باشقا كۈندىكى ئولتۇرۇشتىن  ھېچقانچە پەرقلىنىپ كەتمەيتتى.
بوتۇلكىلارنىڭ بىر بىرىگە ئورۇلغان ئاۋازنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ غاراڭ-غۇرۇڭ ئاۋازىمۇ ئەۋج ئېلىشقا باشلىدى.
- دادام مۇشۇ كۈندە بەك پىخسىقىلىشىپ كېتىۋاتىدۇ،- پۇل دېسەملا تېخى بىر نەچچە كۈن ئالدىدا سالمىدىممۇ دەيدۇ.
-مېنىڭ داداممۇ شۇنداق دەيدۇ ،-دېدى بىرى ئاچچىق ھاراقتا پۈرۈشۈپ كەتكەن چىرايىغا ئەلەملىك تۈس بېرىشكە تىرىشىپ.
-نېمانداق ئوخشاش باھانە كۆرسىتىدۇ، سەن داداڭغا تېلېفون قىلىمەن دەپ مېنىڭ دادامغا تېلېفون قىلىپ قويدۇڭمۇ يا...
-ۋەت ...
-ھەممىڭ بىر -بىرىڭىدىن دۆت نېمىلەر ،- دېدى زۇلى كۆرەڭلىك بىلەن ، دادامغا پۇل دېسەم «ھەدەڭ  ئاغرىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ  قاپتۇ ، بار پۇلنى ھەدەڭگە ئۇرۇۋەتتىم   »دېدى.   شۇنىڭ بىلەن ھەدەمگە پۇتۇم يارىلاندى دەپ يالغاندىن تېڭىلغان پۇتۇمنى سۈرەتكە تارتىپ ئەۋەتىپ بەردىم.  بۈگۈن مەن بولمىسام خەقنىڭ ياتىقىغا چىقىپ خەسىسلىك بىلەن قۇيغان سېسىق پىۋىسىغا تەلمۈرۈپ ئولتۇرۇشاتتىڭ .
-ئانام مۇئەللىمگە تېلېفون قىلىپتۇ، مەندىن ئەنسىرەپ كەتكەنمىش، مۇئەللىم دېگەن تۈلكە بىرمۇنچە يامان گېپىمنى قىلىپ بەرگەن ئوخشايدۇ،ئانام سۆزلەپلا كەتتى، تېخى ئىچىمنى سىقىپ يىغلاپ كېتىشلىرىچۇ..
   قۇرۇقدالغان بوتۇلكىلارنىڭ  كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ بۇلارنىڭ پاراڭ تېمىسىمۇ ياتاقنى قاپلاپ كەتكەن تاماكا ئىسلىرىدەك ئۇيان بۇيانغا لەيلەپ ئاخىرىدا قىزلارنىڭ غەيۋىتىدە توختىدى.
شۇ چاغدا تېتىقسىزلىقتا  چېكىدىن ئاشقان گەپلەرگە  سەت ئاۋازى بىلەن كۈلۈپ ئولتۇرغان «شىر»   يېرىملىشىپ قالغان  پىۋىنى دەم تارتىۋەتكەن كېيىن تۇيۇقسىزلا   ھۆڭرەپ يىغلاشقا باشلىدى:
-مەن تۈگەشتىم ئاغىنىلەر!!
-نېمە بولدى ئەبلەخ!؟ قاۋاندەك گەۋدەڭ بىلەن خوتۇن كىشىدەك   يىغلىساڭ  ئادەمنىڭ قۇسقۇسى كېلىپ كېتىدىكەن،- دېدى زۇلى قولىدىكى قۇرۇقدىلىپ بولغان بوتۇلكىنى ئۈستەلگە زەرب بىلەن  قۇيۇپ .
-ئاينىگارنى  دىسكوخانىدا باشقا بىرى بىلەن كۆرۈپ قالدىم.
-سەن ئېلىپ بارمىغانمۇ ؟
- پۇل بولمىسا قانداق ئاپىرىدۇ؟!
-ھەممىسى ئىتچىلىكمۇ ۋاپاسى يوق بىر نېمىلەر...
-ئۇنداق دېيىشكە ھەققىڭ يوق!!-دەپ ھۆركىرىدى  «شىر»،ئاندىن  پىغانىنى بېسىش ئۈچۈن قولىغا يەنە بىر بوتۇلكا ئالدى،لېكىن  مەستلىكتە  كۈچسىزلىشىپ كەتكەن قوللىرى بىلەن بوتۇلكىنىڭ ئاليۇمىن بىلەن ھىملانغان ئېغىزنى ئاچالماي قالدى.
-لۆڭگە بارمۇ؟-دېدى ئۇ غاراڭ غۇرۇڭ ئاۋازدا.
-شۇنى لۆڭگە بىلەن ئاچماقچىمۇ دېدى ،-زۇلى.
ئۇ قوناق شېخىدەك تۇرغان بىلىكىنىڭ كۈچىنى كۆز-كۆز قىلىپ باقماقچى بولدىيۇ   ،ئۆزىنىڭ رەسۋا بولۇشىغا سەۋەب بولغان كونا ياغلىق ئېسىگە كېلىپ  ئەكرەمنىڭ بېشىدا چىرايلىق قاتلاپ قويۇلغان ياغلىقنى ئىشارەت قىلدى:
- ئاۋۇ  ئەبلەخنىڭ چوكان يارى سوۋغا قىلغان ياغلىقىنى ئىشلەت.
شىر ياغلىقنى ئېلىش ئۈچۈن ئورنىدىن  تۇرۇۋىدى  بوتۇلكىلارغا پۇتلىشىپ كەتتى. يەردە  زىچچىدە تىزىلىپ  كەتكەن بوتۇلكىلارنىڭ قالايمىقان سۇقۇلۇشىدىن چىققان كۈچلۈك  ئاۋاز چىقىپ كەتتى.
ياغلىقنىڭ بىر تەرىپى ئەكرەمنىڭ بېشى ئاستدا تۇراتتى ، «شىر » كۈچەپ تارتىۋىدى  ياغلىق ئورنىدىن قوزغالغۇسى كەلمىگەندەك بىر سوزۇلۇپ «شىر» نىڭ قولىغا چىقتى.
شۇ ئەسنادا ئەكرەمنىڭ چۈشىدە ياغلىق تۇيۇقسىز چىققان شامال  بىلەن يۇندى ئورىكى تەرەپكە ئۇچۇپ كېتىپ باراتتى...ئۇ  ياغلىقنى تۇتۇۋېلىش ئۈچۈن توختىماي يۈگۈرەيتتى..
شىر قولىغا ئېلىۋالغان  ياغلىققا قاراپ چىرايىنى پۈرۈشتۈردى:
- نېمە بۇ ؟-ئاياغ سۈرتۈشكمۇ يارىمىغۇدەك.
- كۆزگە ئىلمايۋاتامسەن ،- دېدى زۇلى،- بۇ دېگەن خەقنىڭ چوكان يارى سوۋغا قىلغان ياغلىق ،تېخى كۈندە چوشقىدەك پۇراپ قويىدۇ.
-نېمە مۇشۇ كونا ياغلىقتا قىزلارنىڭ پۇرىقى بارمىكەن ،-چاقچاق قىلمىساڭچۇ.
«شىر»  ياغلىقنى بۇرنىغا يېقىن ئەكېلىپ  ئاچ كۆزلۈك بىلەن پۇرىدى:
- نەدىمۇ قىز بالىنىڭ ياغلىقى بولىدۇ، خۇددى مىنېرال سۇغا ئوخشاش ھېچنېمە پۇرىمايدۇ، بۇنىڭ يارى ئەتىر دېگەننى كۆرۈپ باقمىغان قېرى بىر موماي ئوخشىمامدۇ.
ئۇ ياغلىقنى پۈرلەپ بوتۇلكىنى ئېچىش ئۈچۈن ھەركەتلىنىۋىدى، يەردىكى بوتۇلكىلارنىڭ بىر -بىرىگە سوقۇلغاندىكى  ئاۋازى تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى.دەل شۇ چاغدا  بوتۇلكىنىڭ ئېغىزىغا تېگەي دەپ قالغان ياغلىقنى بىر چەبدەس قول  شارتتىدە تارتىۋالدى .
شىر ئۆزىنىڭ مەستلىكتە قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرى بىلەن ئالدىدا مۇشتىنى چىڭ تۈگۈپ تۇرغان، ئۆزىدىن خېلىلا كىچىك  كۆرۈنىدىغان ئەكرەمگە كۆرەڭلىك ۋە بىپەرۋالىق نەزىرىدە قارىدى .
- چوكان مۇھەببىتىڭنىڭ ياغلىقىنى ئارىيەت بېرىپ تۇر ئاغىنە،- بوتۇلكىنى ئېچىۋېلىپ ئۆزۈڭگە بېرىمەن، خاتىرجەم بول پۇرىقى يوقاپ كەتمەيدۇ.
-ياغلىقنى پاسكىنا نەرسەڭگە يېقىن ئەكەلمە ،بولمىسا ئەدىپىڭنى بېرىمەن،-دېدى ئەكرەم ياغلىقنى تېخىمۇ مەھكەمرەك سىقىمداپ .
-ھاراقنى كىم ساڭا پاسكىنا دەپ ئۆگەتتى؟ -دېدى «شىر » سۆزمەنلىك بىلەن ،-مېنىڭچە ئەرگە تېگىپ كەتكەن يارنىڭ ئۆيىدىن ئوغرىلاپ كەلگەن نەرسىگە قارىغاندا ھاراق پاكىزراق.
  ئەكرەمنىڭ  تىترەپ تۇرغان قوللىرى  پىچاقنىڭ سېپىنى مەككەم تۇتۇۋالدى:
- چىشىمغا تەگمە !ياغلىقنى ھەرگىز سېنىڭ ئىپلاس قولۇڭغا تاشلاپ بەرمەيمەن.
شىر سوغۇق پارقىراپ تۇرىدىغان پىچاققا لاپپىدە كۆز يۈگۈرتۈپ سەل ئەندىككەندەك بولدىيۇ، مەستلىكتە تەلۋىلىشىپ كەتكەچكە   ئەكرەمگە كانىدەك چاپلاشتى :
- بۇ كونا ياغلىق ئۈچۈن ئۇنچىلىكمۇ قىلىپ كەتمە ،ۋاپاسىزلىق قىلىپ باشقا ئەرگە تېگىۋالغان  ئايالنىڭ كونا ياغلىقىنى تايغاندەك ھىدلاشتىن نېمە چىقىدۇ، بۇ ياغلىقتا بىز بوتۇلكا ئاچايلى، ئۇنىڭ ھېسابىغا تىرناققا توختىغۇدەك شاش  قىزدىن بىرنى  تونۇشتۇرۇپ قويىمىز،تازا  ياشايسەن.
-ئەمدى بىلجىرلىما ئەبلەخ ،- بۇ دېگەن ئانامنىڭ ياغلىقى ،  يەنە قولۇڭنى يىغمايدىغان بولساڭ  ئېشەك سۈيدۈكىدە  چىرىپ كەتكەن سېسىق ئۈچىيىڭنى چۇۋۇۋېتىمەن.
-ئانامنىڭ ياغلىقى...ھا..ھا...
ئۇلار شۇنچىلىك سەت كۈلدىكى، ئەگەر شەھەر مەركىزىدىكى ئالىي مەكتەپ ياتىقىدا بولماي چەت يېزىدا بولغان بولسا، ئېشەكلەر بىزدىنمۇ سەت زۇۋانى بار  مەخلۇقلار بار ئىكەنغۇ دەپ قېلىشقان بۇلاتتى .
كۈلكىدىن خۇدىنى يوقاتقان «شىر » ھەيۋە بىلەن ئالدىغا بىر قەدەم تاشلىدى:
- ماڭ قارا سەھرالىق، ئېشەكتىنمۇ  دۆت نېمىكەنسەن،مۇشۇنداق قاملاشمىغان يالغاننى توقۇپ چىقارغان بارمۇ، ئانا دېگەننىڭ ياغلىقىنى  بۇنداق پۇراپ يۈرۈش كېتەمدۇ؟ياكى  مۇھەببەتىڭ بەك قېرى بولسا ئاناڭ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قۇيۇۋاتامسەن ...
ئەكرەمنىڭ قولى پىچاقتىن تېزلىك بىلەن ئاجراپ مۇشت بولۇپ تۈگۈلدىدە،شىرنىڭ خام سېمىز گەۋدىسىنى بوتۇلكىلار ئۈستىگە يىقىتتى . زۇلى قۇرۇقدىلىپ  بولغان بوتۇلكا بىلەن ئەكرەمنىڭ بېشىغا تاڭڭىدە قويدى.ئەكرەمنىڭ قاپقارا چاچلىرى ئارىسىدىن  ئانار سۈيىدەك پاكىزە ھەم ئىسسىق قان ئوقچۇپ  چىقىپ مەينەت يەرگە چۈشۈشنى خالىمىغاندەك ئىگىسىنىڭ ئاپئاق كىيىمىگە  سىڭىپ توختاپ قالدى.
ئەكرەم قولىغا شارتتىدە پىچاقنى ئالدىدە زۇلنىىڭ كېكىردىكىگە تەڭلىدى.قىپقىزىل قان ۋە كېكىردىكىدە سوغۇق يالتىراپ تۇرغان پىچاق «زۇلى»نى تامام ھوشىغا كەلتۈرگەن ئىدى...
ئۇنىڭ تىلى كالۋالىشىپ پەقەت گەپ قىلالماي قالدى،پۇت قوللىرى بوشىشىپ ئەكرەمنىڭ ئايىقىغا يىقىلىپ چۈشتى ..
ئەكرەم ئۇنىڭ تۇرقىدىن سەسكىنىپ نېرى ئىتتىرىۋەتتى :
-سېنىڭ تېنىڭدە ئېقىۋاتقىنى قان ئەمەس بەلكى نىجاسەتتىنمۇ  پاسكىنا نەرسىلەر، شۇڭا قولۇمنى بۇلغىمايمەن.
ئۇلار ئۆمرىدە قان دېگەننى ئۆز كۆزى بىلەن  كۆرۈپ باقمىغاچقا مەستلىكى يېشىلىپ قورقۇنچتىن سارغىيىپ كېتىشتى.ھەتتا نەچچىسى ھۆ بولۇپ ،باياتتىن ئىچكەنلىرىنى بوتۇلكىلار ئۈستىگە تامام ياندۇرۇپ بولدى. ئەكرەم ئۇلارغا پەرۋامۇ قىلماستىن نەرسە كېرەكلىرنى سالماقلىق  بىلەن  رەتلىك قاتلاپ يوغان سومكىسىغا سالدى. ئاندىن بوتۇلكا سۇنۇقلىرى ئۈستىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ زەيپانىلىك ۋە پاسكىنىچىلىقنىڭ ئۇۋىسى بولغان ياتاقتىن چىقىپ كەتتى.
ئۇ كارىدوردا قالايمىقان چېچىلىپ ياتقان بوتۇلكا سۇنۇقلىرىغا  دەسسەپ ئۆتۈپ تاكى ئاخىرقى بىر ياتاققىچە قاراپ چىقتى ،ھەممە ياتاقتىن بوتۇلكىلارنىڭ سوقۇشتۇرۇلغان ۋە يەرگە چۈشۈپ سۇنغان ئاۋازلىرىغا ئارىلىشىپ كەتكەن سەت كۈلكە ئاۋازلىرى ئۈزۈلمەيتتى.
ئۇ  پەلەمپەينى بويلاپ  پەسكە چۈشكەنسېرى يېقىمسىز ئاۋازلارمۇ پەسىيىشكە  باشلىدى.بوتۇلكىلارمۇ بارغانسېرى شالاڭلاپ قەدەمدە بىر پۇتلاشمايدىغان بولدى.يەر ئاستى قەۋەتكە چۈشكەندە بارچە ئاۋازلار بېسىقىپ تىمتاس بولۇپ قالدى.
  سوغۇق ،قاراڭغۇ   يەر ئاستىدا  نەم تارتىپ ئاچچىق پۇراق تارقىتىۋاتقان   كىتاب- ماتېرىياللار  چېچىلىپ ياتاتتى.
ئەكرەم يەر ئاستىدىكى  جىمجىت  ئۆيلەرنىڭ بىرنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى.  تامنىڭ بۇلۇڭىدا كونا بىر ئىشكاپ دۈم ياتقان ئىدى. چاشقان يەپ كەتكەن قەغەز پارچىلىرى ئىشكاپ ئەتراپىدا چېچىلىپ ياتاتتى.بۇلۇڭدا تېخى تەكشۈرۈلۈپ بولمىغان ئىمتىھان قەغەزلىرى قېلىن توپا بېسىپ كەتكەن ئىدى.ئەكرەم  دۈم ياتقان ئىشكاپ ئۈستىدىكى توپا -چاڭلارنى سۈرتۈۋېتىپ يوتقان كۆرپىلىرىنى جايلاشتۇردى. ۋە يېڭىدىن كۆچۈپ كىرگەن ياتىقىدىكى ئەسكى تۈسكىلەرنى تازىلاپ ئۆزىنىڭ قەلبىدەك پاكىز تۈسكە ئەكىرىدى.
  ئۇ  توڭلىغاندەك ھېس قىلىپ سوغۇق شامال كىرىۋاتقان دېرىزىنىڭ ئەينىكى چېقىلىپ كەتكەن كۆزنىكىگە پارچە قاڭالتىر بىلەن ئېتىۋەتمەكچى بولۇۋىدى،  تۇرۇس بىلەن تەڭ دېگۈدەك تۇرغان دېرىزىگە بويى يەتمەي قالدى. ئۇ ئەتراپىغا قارىدىيۇ بىر نەرسە يادىغا يەتكەندەك بولۇپ دېرىزىگە قولىنى سوزغىنىچە تۇرۇپ قالدى...
سوزسا قولى يەتمەيدىغان دېرىزە ئۇنىڭ ئەركەكلەرگە خاس پۈتمەس-تۈگىمەس  مېھىر ؛  ئۇلۇغۋار  غېرىبلىق پۇراپ تۇرىدىغان  روھىنى مەڭگۈ قايتىپ بارالمايدىغان بالىلىقىدىكى ئاشۇ  قىش ۋاقتىغا ئاپىرىپ قويدى...
...... ئانا يىغىپ ئەكەلگەن تاشلاندۇق يەشىك پارچىلىرىنى كونىلىقىدىن نەچچە يىرى تېشىلىپ كەتكەن مەشكە پۇرلاپ تىقتى . مەشكە ئوت يېقىش  بىلەن قەغەزلەر لاپپىدە ئوت ئېلىپ گۈلدۈرلەپ كۆيۈشكە باشلىدى، مەشنىڭ تۆشۈكىدىن چىققان ئوتنىڭ شولىسى يەر ئاستىدىكى كىچىك ھەم قاراڭغۇ  ئۆينىڭ ئاقارتىلمىغان  سوغۇق  تاملىرىدا ھەرخىل  شەكىلدىكى تەسۋىرلەرنى ھاسىل قىلاتتى. لېكىن بۇ چىرايلىق شەكىللەر ئۇزاققا بارمايلا يوقاپ،  ئۆي قاپقاراڭغۇ بولۇپ قالدى .ئوتنىڭ تەپتىمۇ مەشنىڭ سىرتىغا چىقىشقا ئۈلگۈرمىگەچكە ،ئۆي يەنىلا سوغۇق پېتى تۇراتتى .
شۇ چاغدا چاپانغا يۆگىنىپ ئولتۇرغان بالا ھاياجان  بىلەن توۋلىدى :
-ئانا قاراڭا  ! ئاي بىزگە   يېقىن كەپتۇ ،شۇنداق يورۇق ھەم چوڭ  ، ئەمدى ئۆيىمىز  ئاي نۇرىدا  ئىسسىيدىغان بولدى.
ئانا قارىۋىدى،  ئاي نۇرى دېرىزىنىڭ كىچىككىنە كۆزنىكىدىن كىرىپ  تامنىڭ بۇلۇڭىدا سوغۇق يالتىراپ تۇراتتى.ئۇ  شۇ چاغدىلا دېرىزە  ئەينىكىنىڭ چېقىلۇق  ئىكەنلىكى يادىغا ئالدى.
ئەخمەق بالام ،-دېدى ئانا خۇرسىنىپ  ،-ئاينىڭ نۇرى بولغان بىلەن ئىسسىقى يوق، شۇڭا دېرىزىنى بىر نەرسىدە ئېتىۋېتەيلى.
لېكىن دېرىزە تۇرۇس بىلەن تەڭ دېگۈدەك  تۇرغاچقا ئانىنىڭ بويى يەتمىدى،بۇ چاغدا بالا كارىۋاتنىڭ ئۈستىدىن سەكرەپ چۈشۈپ ئانىسىنىڭ قېشىغا كەلدى.
- ئانا مېنى ئېگىز كۆتۈر ..
ئانا بالىسىنىڭ مەقسىتىنى چۈشىنىپ بالىنىڭ سەل بوي تارتىپ قالغان گەۋدىسىنى كۈچىنىپ كۆتۈردى:
_ ئەقىللىك قوزام،- دېدى ئانا ،بالىسىنى پەخىرلىنىش ئىلكىدە سۆيۈپ قويۇپ ،- كەلگۈسىدە چوقۇم ئالىم بولىسەن  .  بالا ئانىسىنىڭ مۈرىسىگە دەسسەپ  تۇرۇپ نەچچە قات يەشىك پارچىسى بىلەن دېرىزىنىڭ سوغۇق شامال كىرىدىغان كۆزنىكىنى ئېتىۋەتتى.
لېكىن دېرىزىنى ئېتىۋەتكەننىڭ  ھېچ بىر پايدىسى بولمىدى، ئۆي  تاكى ئۇخلايدىغان ۋاقىت بولغۇچە توختىماي سۇۋىدى. ئانا بېشىدىكى ياغلىقىنى ئېلىپ بالىسىنىڭ تۈگمىسى يوق چاپىنىنىڭ ئۈستىدىن  مەككەم ئوراپ   ياتقۇزۇپ قويغاندىن  كېيىن ئۆزىنىڭ ئۇچۇق قالغان چاچلىرىنى تۈگۈۋېلىپ بالىنى  قۇچاقلىغىنىچە يېتىپ قالدى.مۇشۇ چاغدىلا باياتتىن بىرى  چاپان ئىچىدە تۇرۇپمۇ توڭلاپ كەتكەن بالىنىڭ تېنىگە ئىللىق ھارارەت ئۇرۇنۇپ شېرىن ئۇيقۇغا كەتتى.
.................
ئەكرەم دېرىزىگە سوزۇلۇپ تۇرغان قولىنى ئاستا پەسكە چۈشۈردى ئاندىن سومكىسىدىن تۈگمىسى يوق كونا بىر ئايالچە چاپاننى ئالدى. چاپان ئۇنىڭغا بۆرىدەك تۇرغان بەستىگە ئېنىقلا كىچىك كېلىپ قالاتتى.لېكىن تارغىنا تۇرغان ئايالچە چاپان ئۇنى ئازادە سىغدۇردى. ئەكرەم قارا ياغلىقنى ئېلىپ يۈزىگە يېقىن ئەكېلىپ چوڭقۇر نەپەس بىلەن ھىدلىغاندىن كېيىن  چاپاننىڭ سىرتىدىن ئايلاندۇرۇپ بېلىگە   مەككەم ئورىدى. بۇ  ياغلىق ئەكرەمنى « ئىڭە» دەپ  كۆز ئاچقاندىن تارتىپ تاكى   ئاشۇ   سوغۇق سەھەردە، كىشىلەر ئانىسىنى ئۆز ئۆيىگە ئوخشايدىغان سوغۇق تۇپراق ئاستىغا كۆمۈۋەتكەنگە  قەدەر  ئاتەشكە ئوخشاش ئىللىتىپ كەلگەن ئىدى.
ئۇ قېلىن  بېتون تام ئايرىپ  تۇرغان سوغۇق تۇپراق ئاستىدا ياتقان ئانىسىغا يۈزلىنىپ شېرىن  ئۇيقۇغا كەتتى.
.......................     
ئەكرەم چىقىپ كەتكەندىن  كېيىن ئۇلار  خېلى ۋاقىتقىچە ئەس -ھوشىنى تاپالمىدى.لېكىن ئېشىپ قالغان بىر نەچچە بوتۇلكا ھاراق ئۇلارنىڭ چەكسىز ئېچىرقاش ھالىتىدە تۇرغان نەپسگە قايتىدىن جان كىرگۈزدى.
تازىلىقچى ئايال ئەكرەم كەلگەندىن كېيىن بۇ ياتاقنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدى.شۇڭا بوتۇلكىلارنى ھېچكىم ئېلىپ چىقىپ كەتمىدى. ياتاقتىكى  ھاراق بوتۇلكىلىرى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋەردى.بىر كۈنى زۇلى ئاستى قەۋەتتىكى  كارۋىتىدىن چۈشمەكچى بولۇۋىدى بىر نەرسىلەر ئۈستىدىن بېسىپ  ئورنىدىن تۇرالمىغىلى تاس قالدى،چۈنكى   ھاراق بوتۇلكىلىرى ئاللىقاچان پەگاغا تولۇپ ئۇنىڭ كارىۋىتى ئۈستىدىن بېسىۋالغان ئىدى.كارىۋاتنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدە ياتىدىغان «شىر»  ھاجەتخانىغا چىقماقچى بولۇپ ئورنىدىن تۇرۇۋىدى، بېشى تۇرۇسقا  تاقىشىپ ئىشىكنىڭ قېشىغا شۇنداق تەستە باردى، لېكىن ئىشىك سانسىزلىغان بوتۇلكىلار تەرىپىدىن توسۇلۇپ قالغاچقا ئاچالماي قالدى.ئۇ بوتۇلكىلار ئۈستىدە قەدەمدە بىر يىقىلىپ   مىڭ تەستە كارۋىتىنىڭ يېنىغا بېرىۋالدى، بۇ قېتىم ئۇ ئۈستى قەۋەتتىكى كارۋىتىغا  كۈچىمەيلا چىقىۋالدى.
ئۇ ياستۇقى ئاستىدىن ئاخشامكى  ئولتۇرۇشتا  تىقىۋالغان يېرىم بوتۇلكا ھاراقنى ئېلىپ قۇرۇپ چاپلىشىپ كەتكەن لېۋىنى نەمدىۋالغاندىن كېيىن قايتىدىن ئۇيقۇغا كەتتى.
  ياتاقتا ئىشلار ئاۋۋالقىدەكلا داۋاملىشاتتى .كۈندۈزى جىمجىت ،كەچ كىرىشى بىلەنلا جانلىنىپ بوتۇلكا  سوقۇشتۇرۇلغان ۋە سەت كۈلگەن ئاۋازلار تاكى سەھەرگىچە ئۈزۈلمەيتتى...
  ئۇزۇن يىللاردىن  كېيىنكى ھاراق بوتۇلكىلىرى سوقۇشتۇرۇلۇۋاتقان بىر كېچىدە بۇ يەردە تۇيۇقسىز يەر تەۋرىدى....
ئېگىز بىنا خۇددى ئېگىز ئەينەك ئىدىش تاش ئۈستىگە يىقىلغاندەك  قۇلاقنى يارغۇدەك جاراڭ -جۇرۇڭ ئاۋاز بىلەن يەرگە بىراقلا غۇلىدى. بىنا بىلەن تەڭ سەلدەك يامراپ چۈشكەن بوتۇلكا سۇنۇقلىرى مەكتەپنىڭ ئۇزاق ۋاقىتتىن بۇيا ئادەم كىرىپ باقمىغان كۇتۇپخانىسىنى؛ ئىشلىتىلمىگەنلىكتىن  ياۋا چۆپ بېسىپ كەتكەن پۇتبول مەيدانىنى ۋە قەبرىستانلىقتەك   جىمجىت  تۇرغان  ئوقۇتۇش بىناسىنى   پۈتۈنلەي كۆمۈپ تاشلىدى.

ئاپتور: سانجى ئىنستىتۇتىدا
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-9 10:56  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-9 11:55:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تەھرىرلەپ بەرگەن ھېكايە

ۋاقتى: 2015-12-9 14:51:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلانۇر يوللىغان ۋاقتى  2015-12-9 11:55
مەن تەھرىرلەپ بەرگەن ھېكايە

سىز تەھرىرلەپ بەرگەن بۇ ھېكايە ئادىل يىلدىرىمنىڭ قايسى ھېكايىسىغا ئوخشايدۇ، مۇئەللىم؟

ۋاقتى: 2015-12-9 15:49:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېكايىدە ‹ھاراق > دېگەن سۆز يىگىرمە يەتتە يەردە تىلغا ئېلىنپتۇ.. مەن بۇ ھېكاينى ئوقۇۋېتىپ ھاراق ئىچكەندەك تۇيغۇغا كىلىپ قالدىم. سەن مۇشۇنداق ئادەمنى غىدىقلايدىغان ھېكايە يېزىش ئارقىلىق ھاراق ئىچمەيدىغان نۇرغۇنلىغان ياخشى نىيەتلىك ئادەملەرنى ھاراق ئىچىشكە چاقىرماقچىمۇ؟

مەن بۇ ھاراق ئىچىدىغان ھېكايىنى قاتتىق تەنقىد  قىلىمەن. چۈنكى مەن ئادەتتە قايناق سۇ ئىچسەم ئىچىمەنكى ھەرگىز بىر تېمىمۇ ھاراق ئىچمەيمەن. شۇڭا مەن نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ بۇ ھېكايىنى ماڭا ياردەملىشىپ قاتتىق تەنقىد قىلىشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن.  


                                              -مەمەت ئۆمەر مەتتۇرسۇن خەتەر


ۋاقتى: 2015-12-10 11:49:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاسنى ئەتىگىچە يازاي

ۋاقتى: 2015-12-11 20:41:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارال يوللىغان ۋاقتى  2015-12-9 14:51
سىز تەھرىرلەپ بەرگەن بۇ ھېكايە ئادىل يىلدىرىمنىڭ قاي ...

بۇنى بىلمەيدىكەنمەن،مەن ئوقۇپ باقمىغان ھېكايىگە ئوخشىسا كېرەك.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش