ئاپتاپ چىق
ئەدىھەم ئىبراھىم
يامغۇر ياغلاق،
ئۆچكە ساغلاق.
يامغۇردا لاينى،
قىلىمەن باغ-باغ.
يامغۇر توك-توك،
يۈرۈكۈم پوك-پوك.
سۆيىدۇ تامچا،
يۈزۈمگە چوك-چوك.
يامغۇر شار-شار،
ئاسمان سۇ چاچار.
ئۆتىكىمنى مايلىسام،
بولمىدى پار-پار.
ئاپتاپ چىق-ئاپتاپ چىق،
بەش بالاڭنى ھاپاشقىپ.
ئىسىتىپ قوي قۇچاغلاپ،
يېنىمغا كېلىپ...
2015-يىلى12-ئاينىڭ8-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-8 18:04
|