يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 427|ئىنكاس: 4

بوۋاقى: كۇتۇپخانا ھەققىدە ئويلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئابلاجان بوۋاقى
              قۇتلۇق قەدەملەردىن ئېچىلغان خۇشپۇراق گۈللەر
( ئەدەبىي خاتىرە)
سۆز بېشى
         يىراقتىن قارىيىپ كۆرۈنگەن ئۇپۇق ئاستا-ئاستا سۈزۈلۈشكە باشلىغان مەزگىل. قەدىمىي ئاستانە قەشقەرنىڭ نۇرانە چېھرى چولپان يۇلتۇزنىڭ ئاخىرقى سۈزۈك نۇرلىرى بىلەن سەل-پەل غۇۋا كۆرۈنۈشكە ۋە بەزى يەرلىرى جىلۋىلىنىشكە باشلايدۇ. قاتار-قاتار كەتكەن كونا كوچا-مەھەللىلەر، مۇنارلىرى بۇلۇت كۆكسىگە قادالغان مەسچىتلەر، ئۆگزىلىرى  ئېگىز-پەس ئۆيلەر، ئەگرى-بۈگرى يوللار، ئۇيقۇغا كەتكەن دەريالار، سۈزۈك تاراملىق كۆللەر...ھەممە-ھەممىسى بۇ شەھەرنىڭ ناھايىتى قەدىمىي بىر شەھەر ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىپ تۇرىدۇ. يىراقتىن ئەزاننىڭ سوزۇپ ئېيتىلغان ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بىرمۇنچە كىشىلەر ئۆزىنىڭ تائەت-ئىبادىتى بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ئالدىراپ مەسچىتلەرگە قاراپ يول ئېلىشىدۇ. كالتە-كالتە يۆتەللەر يوللارنى بىر ئالىدۇ. لېكىن يەنىلا بۇ شەھەرنىڭ ئۇيقۇسى پۈتۈنلەي ئېچىلىپ بولغاندەك ئەمەس. ئانچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمەستىنلا مۇڭلۇق مۇزىكا ئاستا ئاڭلىنىپ، ئۇلۇغ ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ روھىي سىماسى چولپان يۇلتۇزنىڭ يېنىدا گەۋدىلىنىپ، يۇلتۇزنىڭ ئىلاھىي نۇرلىرىنى لال ئەيلەيدۇ. ئالىمنىڭ نۇرانە سىماسى كۆكتە جىلۋىلىنىشكە باشلىنىش بىلەنلا ئۇنىڭ جاھانشۇمۇل كىتابى « قۇتادغۇبىلىك»تىكى مۇنۇ ئۈگۈتلەر ناھايىتى مۇڭلۇق، ھېسسىياتلىق، قائىدىگە ئۇيغۇن ھالدا ئاڭلىتىلىپ تۇرىدۇ:

تىلەكىم ئىدى، ئەي ھېكىم، سۆزلىمەك،
كېيىنكىلەرگە بىر يادىكار قالغىدەك.

ئەقىل كەلدى قارشى، دېدى دىققەت ئەت،
سۈزۈڭ بولسا يېڭىلىش، بولۇر ساڭا سەت.

ياماندۇر خەلق تىلى سېنى سۆزلىگەي،
كىشى خۇلقى قىزغانچ، ئېتىڭنى يىگەي.

قاراپ كۆرگىنىمچە يېنىكلىدى يۈك،
ئۆزۈمگە دېدىم سۆزلە، بار سۆزنى تۆك.

نېمىشقا دېسەڭ مەن ساڭا ئىنتايىن،
سۆزۈمنى ئەي ھۇشيار يىگىت ئاڭلىغىن.

كىشى ئاتى ياڭلۇق{53}، يېڭىلغاق ئۈچۈن،
دېيىلدى ئۇ يالڭۇق، يېڭىلغان ئۈچۈن.

يېڭىلمەس كىشى كىم، دېگىن سەن ماڭا،
تۈمەن مىڭ يېڭىلغاننى دەيمەن ساڭا.

بەك ئازدۇر بىلىملىك، تولا بىلىمسىز،
ئەقىلسىز تولادۇر، ئەقىللىق ئەزىز{54}.

بىلىمسىز بىلىملىككە بولدى يېغى،
نادانلار ئالىمغا قارشى ھەر چېغى.

كىشىدىن-كىشىنىڭ تولا پەرقى بار،
بىلىمدۇر بۇ پەرق، سۆز شۇ ئۆزرە بارار.

بىلىملىككە سۆزلىدىم مەن بۇ سۆزۈم،
بىلىمسىز تىلىنى بىلمەيمەن ئۆزۈم.

بىلىمسىز بىلەن ھېچ سۆزۈم يوق مېنىڭ،
ئەي ئالىم، ئۆزۈم بىر قۇلۇڭمەن سېنىڭ.

سۆزۈمنى دېگەلى سەندىن ئەيمىنىپ،
قويارمەن بۇ ئۆزرەمنى ئۈمىد قىلىپ.

سۆزئېيتقان كىشىلەر ئازار، ئالدىرار،
ئەقىللىق ئىشتسە، تۈزەتىپ بارار.


بۇرۇندۇقلۇق ئول سۆز تۆگە بۇرنىدەك،
ماڭار نەگە تارتسا ھىڭگان تۆگىدەك.

بىلىپ سۆزلىگۈچى كىشى كۆپ ئېرۇر،
ئۇنى بىلگۈچى ئەر ماڭا خوپ ئېرۇر.

پۈتۈن ياخشىلىقلار ئىلىم نەپئىي ئول،
بىلىم بىرلە تاپتى مىسال كۆككە يول.

بىلىم بىرلە سۆزلە پۈتۈن سۆزنى سەن،
بۈيۈك بىل بىلىمى بىلەن ئەرنى سەن.

يېشىل كۆكتىن ئىندى{55}قوڭۇر يەرگە سۆز،
كىشى تاپتى قىممەت سۆزى بىرلە ئۆز.

كىشى كۆڭلى تۈپسىز دېڭىزدەك ئېرۇر،
بىلىم ئۈنچە ئوخشاش تۈۋىدە ياتۇر.

دېڭىزدىن چىقارمىسا ئۈنچە كىشى،
قالۇر پەرقسىز بولۇپ ئۈنچە ساي تېشى.

قوڭۇر يەر تېگىدە ئالتۇن ئىدى تاش،
گەر چىقسا بەگلەرگە بولۇر باشقا تاج.

گەر ئالىم ئىلمىنى چىقارمىسا تىل،
يورۇتماس ئۇنىڭ ئىلمىي ياتسىمۇ يىل.

ئەقىل ۋە بىلىم ئول ئۇز نەرسىدۇر ئەڭ،
ئەگەر بولسا ئىشلەت، ئۇچۇپ كۆككە تەڭ.

نېمە دەيدۇ ئەلنىڭ بېگى ئاڭلىغىل،
ئوقۇشقا، بىلىمگە يۈگۈرتۈپ ئەقىل:

جاھان تۇتقىلى ئەل ئوقۇشلۇق كېرەك،
كېرەك يۇرت سوراشقا ئەقىل ۋە يۈرەك.

ئەقىل بىرلە تۇتتى جاھان تۇتقۇچى،
بىلىم بىرلە تۇتتى ئەلنى سورغۇچى.

قاچانكىم جاھانغا چۈشۈپتۇ ئادەم،
ئاقىللار تۈزەپ كەلدى ياخشى نىزام.


قايۇ ۋاقتا بولسۇن بۇ كۈندىن بۇرۇن،
بىلىملىككە تەگدى بۈيۈكرەك ئورۇن.

ئەقىللە ئېسىلغاي ئادەم ئەسكىسى،
بىلىملە بېسىلغاي خەلق پىتنىسى.

بۇ ئىككى يول بىلەن ئىشى پۈتمىسە ھېچ،
بىلىمنى قويۇپ ئال قولۇڭغا قىلىچ.

بىلىملىك، ئاقىل بەگ بولسا ئەل بېشى،
قىلىچ بىرلە تۈگەر بىلىمسىز ئىشى.

جاھان تۇتماق ئۈچۈن ئەلگە ئاڭ كېرەك،
ئەل-يۇرتنى سوراشقا بىلىم ئەڭ كېرەك.

بۇ ئىككى بېرىكسە بولۇر ئەر تولۇق،
تولۇق ئەر جاھان نېئىمەتىن يەر تولۇق.

ساڭا ئىككى دۇنيا گەر ئولسا تىلەك،
ئامالى ياخشىلىق ئېرۇر ئەيلىمەك.


ئەگەر ياخشى بولسا تىلەسەڭ ئۆزۈڭ،
يۈرى، ياخشىلىق قىل، قوي ئۆزگە سۆزۈڭ.

كىشى مەڭگۈ بولماس، كى مەڭگۈ ئېتى،
شۇڭا مەڭگۈ قالدى بۇ ياخشى ئېتى.

ئۆزۈڭ مەڭگۈ ئەرمەس، ئېتىڭ مەڭگۈ ئول،
ئېتىڭ مەڭگۈ ئولسا، ئۆزۈڭ مەڭگۈ ئول.
(8-باب تامام)
ئەگەر بولسا، خەلق ئۆزرە قولۇڭ ئۇزۇن،
ئەمەل سۆزدە قىل ياخشىلىقنى پۈتۈن.

يىگختلىك قاچار ئۇ، تىرىكلىك ئۇچار،
بۇ چۈشتەك جاھاندىن كىشى تېز كېچەر.

ھايات-دەسمىيە، پايدا ئەزگۈلۈك{56}،
بولۇر ساڭا تاڭنا يېمەك-كەيگۈلۈك.

نېمە دەيدۇ ئاڭلا كىشى ياخشىسى:
تىنارلىق، ماڭارلىق ئاخىر ئۆلگىسى.


جاھانغا نە ياڭلىغ ئەر تۇغۇلدى، كۆر،
بىر ئازلا يۈردى-دە، يەنە ئۆلدى، كۆر!

بەگ ئولسۇن ۋە يا قۇل يا ياخشى-يامان،
ئۆزى ئۆلدى، قالدى ئېتىدىن نىشان.

ساڭا تەگدى ئەمدى بۇ نۆۋەت ئورۇن،
قىلىپ سەن ياخشىلىق، ياخشى بول بۇرۇن.

تىرىك ئولۇر ئاخىر، تۆشەك بولۇر يەر،
تىرىكتۇر ئېتى، ياخشى بولسا ئەگەر.

كىشىدە ئىككى ئات، بۇ تىلدا يۈرۈر،
بىر ياخشى، بىر ئەسكى جاھاندا قالۇر.

يامانى سۆكۈلۈر، ياخشى ماختىلۇر،
قاراپ كۆر ئۆزۈڭگە قايۇسى ياقۇر!

ئۆزۈڭ ياخشى بولساڭ، ئېتىڭ ماختىلۇر،
ئەي ھۇشيار، يامان ئات بولسا سۆكىلۇر.


يامان خۇيلۇق زاھھاك{57} سۆكۈلدى نىچۈن؟
نىچۈن ماختىنىلدى قۇتلۇق پەرىدۇن{58}؟

بىرى ياخشى ئەردى، ئۇنى ماختىدى،
يامان ئەردى بىرسى، ئۇنى قارغىدى.

يامانلىق كېرەكمۇ، ياخشىلىق ساڭا؟
قاغىشلىق كېرەكمۇ، ماختاشلىق ساڭا؟

قايۇسىن تىلەسەڭ، بىرىن تاللىغىن،
يامان-ياخشىلىققا ئۆكۈنمە كېيىن.

بۇ ياڭلىغ سۆز ئېيتتى سىناغان كىشى،
سىناغان كىشى ئۇ بىلەن ئەل ئىشى:

كىشى ياخشى ئات بىرلە ئالقىش ئالۇر،
يامان ئاتلىق ئولسا، ئۇ قارغىش ئالۇر.

نىچە مەن سىنادىم يامان قىلغۇچى،
ئۆتۈپ كۈنمۇ-كۈنلەر ئازايدى كۈچى.


كۆرۈپ قانچە ئۆتتۈم، يامانلار ئىشى-
راۋاج تاپمىدى، ئەي بىلىملىك كىشى.

يامانلىق ئېرۇر ئوت، بۇ ئوت كۆيدۈرۈر،
ئۆتۈشكە يولىدا كېچىك يوق ئېرۇر.

كۆرەرسەنكى، بىزدىن بۇرۇن ئۆتكۈچى،
ئاۋام خەلق ۋ ەيا بەگ جاھان تۇتقۇچى.

ئۇلاردىن بىلىملىك بولۇر قايسىسى،
بولۇپ ئۆتتى دۇنيا-زامان ئىگىسى.

بۇ كۈندىمۇ ياخشى ئاتالغان كىشى،
ئەڭ ئاۋۋال ئېرۇر  ئۇ ياخشىلار بېشى.

جاھان بەگلىرىدىن كىم ئالىم ئىكەن،
ئۇلار ياخشى قانۇن تۈزەپ، ئۆرلىگەن.

كىم ئاقىل خان ئولسا، بىلىمگە يېقىن،
قىلپتۇر بىلىملىكنى ئۆزىگە يېقىن.


تۇتۇنغان ئىشىنى بىلىپ ئىشلەر ئۇ،
بىلىمنى ئىشلىتىپ ئەلنى باشلار ئۇ.

تۈزەدى ئەلنى ئۇ، بېيىدى قارا،
خەلق بايلىغىن قىلدى ئۆزىگە تۇرا{59}.

چىقاردى ياخشى ئات، ئاتالدى سېخى،
سېخى ئولسا، ئېتىن تىرىك بىل تېخى.

ئۆلۈشنى بىلگەچ تەييارلىق قىلىپ،
قويۇپتۇر تىرىككە پۈتۈك، ئات يېزىپ.

بۇ كىم ئۇقاركەن ئۇلارنى بىلەر،
ئالۇر ئۆلگە ئۇندىن ياخشىلىق كېلەر.

جاھاندا نېمە بار بىلىمدىن قىممەت،
بىلىمسىز دېسە ئەر ئۈچۈن بەكمۇ سەت.

نېمە دەيدۇ ئاڭلا بىلىملىك كىشى،
جاھاندا سىنالغان، يېتىلگەن يېشى:


بىلىمسىزگە تۆردە ئورۇن بولسا، كۆر،
بۇ تۆر بولدى پەگاھ، پاگاھ بولدى تۆر.

بولۇپ قالسا پەگاھ ئالىمغا ئورۇن،
بۇ پەگاھ بولۇر تۆر تېخى ئەڭ بۇرۇن.

بۇ ھۆرمەت پۈتۈنلەي بىلىمگە ئېرۇر،
ئۇ مەيلى ئىشىكتە يا تۆردە ئېرۇر.

ئىككى خىل ئېرۇر، كۆر، بۇ ئىسىل كىشى،
بىرى بەگ، بىرى ئالىم-ئىنسان بېشى.

بۇلاردىن بۆلەكنى سەن يىلقى سانا،
تىلەسەڭ بۇنى تۇت، ئۇنى سەن ۋە يا.

ئۆزۈڭ قايسىسى سەن ماڭا تىلىڭ ئاچ،
ئىككىدىن بىرى بول، ئۈچىنچىدىن قاچ!

ئېلىپ قولغا قىلىچ، بىرى ئەل تۈزەر،
قەلەم بىرلە بىرسى، ھەق يول كۆرسىتەر.


ئۇلاردىن قېلىپ كەلدى ياخشى نىزام،
مىراس بۇ، كىم ئالسا، ئۇ ئۆرلەر تامام.

ئۆلۈكتىن تىرىككە مىراستۇر بۇ سۆز،
مىراس سۆزنى تۇتسا بولۇر پايدا يۈز.

بىلىمسىز ئېرۇر ئۇ قارغۇ بەلگۈلۈك،
ئەي كۆزسىز، بىلىمدىن سەن ئالغىن ئۇلۇگ{60}.

كىشى كۆركى سۆزدۇر، كۆپتۇر سۆز تۈرى،
تىلىم، ماختا خۇش سۆز كىشىنى، يۈرى!

كېلۇر بۇڭا ئوخشاپ تۈركچە مەسەل،
بۇنى ئېيتايىن مەن مۇشۇ يەردە دەل:

ئەقىل كۆركى تىلدۇر، بۇ تىل كۆركى سۆز،
كىشى كۆركى يۈزدۇر، بۇ يۈز كۆركى كۆز.

كىشى تىلى بىلەن دەر سۆزىنى ئۆزى،
سۆزى ياخشى بولسا، يورۇيدۇ يۈزى.


بۇ تۈرك بەگلىرىگە سېلىنسا نەزەر،
جاھان بەگلىرىنىڭ ياخشىسى شۇلەر.

بۇ تۈرك بەگلىرىدىن ئېتى بەلگۈلۈك،
توڭا ئالپ ئەر{61}ئىدى بەختى بەلگۈلۈك.

ئىلىمدە بۈيۈك، كۆپ پەزىللىك دىلى،
بىلىملىك، ئەقىللىق، خەلقنىڭ خىلى.

ئىدى ئۇ سەرە خىل، زىرەك ئوغلان،
دۇنياغا زىرەكلەر بولۇر ھۆكۈمران.

تاجىكلار ئۇنى دەيدۇ ئافراسىياپ،
بۇ ئافراسىياپ تۇتتى ئەللەر تالاپ.

جاھاننى تۇتاي دەپ سۇنۇشقا ئىلىگ،
كېرەك كۆپ پەزىلەت بىلەن كۆپ بىلىك.

تاجىكلار كىتابتا پۈتۈپتۇ بۇنى،
كىتابقا پۈتمىسە كىم ئۇققاي ئۇنى.


ئەجەب ياخشى ئېيتقان جەسۇر باتۇر ئەر،
جاسارەتلىك ئەر چىڭ تۈگۈننى يېشەر.

پەزىلەت كېرەك مىڭ تۇتۇشقا جاھان،
قۇلان تۇتقىلى، كۆر، كېرەك ئارسلان.

ھۆكۈمدارغا خىسلەت كېرەك مىڭ تۈمەن،
ئۇنۇڭلە تۇتسا ئەل، يوقالۇر تۇمان.

قىلىچ بىرلە كەسسۇن يېغى بوينىنى،
قانۇن بىرلە تۈزسۇن ئېلى-خەلقىنى.
(9-باب تامام)
تىلەكىم ئىدى سۆز، ئەي ئالىم ھېكىم،
ئەقىل ۋە بىلىمدىن سۆزلەش مەقسىدىم.

ئەقىلدۇرغ چىراغدەك قاراڭغۇ تۈنى،
بىلىم-ئۇ يورۇغلۇق، يورۇتقاي سېنى.

ئۆسەر ئۇ ئەقىلدىن، بىلىمدىن بۇيۇر،
بۇ ئىككى بىلەن ئەر قەدىرلىك بولۇر.

بۇڭا پۈتمىسەڭ كۆركى، نوشىن راۋان{62}،
ئەقىل كۆزى بىرلە يورۇتتى جاھان.

بېيىدى ئېلى، تۈز يۈرۈتكەچ نىزام،
ئەجىب ياخشى ۋاقتا قويۇپ ياخشى نام.

دېمىش بىر ھېكىم سۆز ئۇنىڭغا ئاتاپ،
دەۋزىخى بولسىمۇ ئاڭا يوق ئازاب.

گۆدەككە قارا، ئۇ تاپۇر ئەقىل ھەم،
يېشى تولمىغۇنچە يۈرۈتمەس قەلەم.

ئەقىللىق كىشى ھەم قېرىسا ئازار،
ئەقىل كەتتى دەپ ھەم قەلەممۇ تىنار.

ئەگەر تەلۋە بىر ئەرنى ئۆلتۈرسە راست،
ئۇنىڭغا ئۆلۈم يوق، ئېلىنماس قىساس.

نېمىشقا دېسەڭ، ئۇ ئەقىلسى ئېرۇر،
ئەقىلسىز مۇكاپات، جازاسىز ئېرۇر.

ئەقىلدىن بۆلەككە ھۆرمەت بولمىغاي،
ئەقىلسىز ئادەم ئۇ بىر ئوچۇملا لاي.

قاراپ كۆر، مۇنۇ سۆز ياخشى ئېيتىلغان،
ئۆزىنى بۇيۇتمەس ئەقىلسىز نادان.

ھەركىمنىڭ كىيىمى بولۇر ئۈستىدە،
ئەقىللىق، بىلىملىك ئەزىز ئەسلىدە.

ئەقىل بولسا، ئېسىل بولۇر بولسا ئەر،
بىلىم بولسا، بەگلىك قىلۇر قىلسا ئەر.

ئەقىل كىمدە بولسا، بولۇر ئۇ ئىسىل،
بىلىم كىمدە بولسا، بولۇر خان ئۇ، بىل.

كىشى ئوغلى سۇندى قوڭۇر يەرگە قول،
بىلىم بىرلە تاپتى ھەر نەرسىگە يول.

ئەقىل بىرلە ئىسىل ئاتىلۇر كىشى،
بىلىم بىرلە بەگلەر قىلۇر ئەل ئىشى.

تولا ئالقىش ئالغان تۈمەن پەزلىلەر،
قىلىنغاچ ئەقىل بىرلە ماختالدىلەر.

ئەقىل ئازىنى ئاز دېمە، نەپئى كۆپ،
بىلىم ئازىنى دېمە، قەدرى خوپ.
شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇلۇغ ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ « قۇتادغۇبىلىك» ناملىق كىتابى ئالتۇن ھەللىك مۇقاۋىسى بىلەن كۆكتىكى يۇلتۇزلارنىڭ نۇرلىرى بىلەن زېمىنغا ئاقىدۇ. زېمىندا نۇرغۇنلىغان قېرى-ياش، ئەر-ئايال، چوڭ-كىچىك ئەۋلادلار قۇچاقلىرىنى كەڭ ئېچىپ، بۇ كىتابنى تۇتۇپ ئېلىپ، يۈز-كۆزلىرىگە سۈرتۈپ، باغرىغا تېڭىپ، بوۋىسىغا بولغان رەھمىتىنى ھەرىكەتلىرى بىلەن ئىپادىلەيدۇ. بۇ روھىي پائالىيەتلەر بىردەم داۋاملاشقاندىن كېيىن يەنە مۇڭلۇق مۇزىكىلارنىڭ ( تەمبۇر مۇزىكىسى بولسا تېخىمۇ ياخشى) جۆر بولۇشى بىلەن قۇتلۇق شەۋقىنىڭ مۇنۇ شېئىرى دېكلىماتسىيە قىلىنىدۇ:
قەشقەر
كۆرمىگىل قەشقەرنى كەم، بۇ جايدا مەردانلار ياتۇر،
ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بوغرايۇ خاقانلار ياتۇر.
خەلق ئۈچۈن جاننى تىكىپ دۈشمەن بىلەن قىلغان كۆرەش،
ئول شەھىدۇ قەھرىمان ئالىپ ئارسلانخانلار ياتۇر.
نۇر چېچىپ «قۇتادغۇبىلىك»، خەلقنى قىلغان بەختىيار،
خاس يۈسۈپ ھاجىپقا ئوخشاش ئەھلى ئېرپانلار ياتۇر.
يادىكار ئەيلەپ جاھانغا يازدى «دىۋانۇلۇغەت»،
مەھمۇدىل كاشغەرى كەبى ئەھلى شەرەپشانلار ياتۇر.
ئەيلىگەن شەۋقىنى مەپتۇن ئەل ئۈچۈن نۇرلار چېچىپ،
بۇ شەھەردە كۆپلىگەن خەلق ئوغلى ئىنسانلار ياتۇر.
شۇ ھالدىمۇ قەدىمىي شەھەرنىڭ باغۇبوستانلىرى، كۆركەم مەنزىرىلىرى، ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئافاق غوجا قەبرىگاھى، خانئۆي قەدىمىي شەھەر خارابىسى، مورتوم مۇنارى...قاتارلىق ئەزگۈ ئىزلىرى كۆرۈرمەنلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان قىلىنىپ، ئاخىرى قەشقەرنىڭ شان-شۆھرىتى، ئۇيغۇر بىناكارلىق مەدەنىيىتىنىڭ گۈلتاجىسى بولغان ھېيتگاھ جامىئەسىگە مەركەزلىشىدۇ ھەمدە شۇ يەردىن شەھەرنىڭ جەنۇبىيغا سۈرۈلۈپ قەشقەرنىڭ مەركىزىدە قەد كۆتۈرگەن « سۇلتانىيە كاتتا مېھمانسارىيى»غا يۆتكىلىدۇ. بۇ يەردە مىللىتىمىزنىڭ كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىگە خفس ھالدا كىيىنگەن مۇلازىملار قول قوشتۇرۇپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ چېھرىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدۇ. شۇ چاغدا بەرجەس قەدەملەر بىلەن ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر مەدەنىيىتىگە غايەت زور تۆھپە قوشقان ئەللامە-فازىللار، يازغۇچى-شائىرلار ۋە تۆھپىكارلار كىرىپ كېلىدۇ. شۇ يەردىن باشلاپ ھەشەمەتلىك بېزەلگەن زال ئىچى بىر-بىرلەپ كۆرۈرمەنلەرگە كۆرسېتىلىپ، سەككىزىنچى قەۋەتتىكى يىغىن زالىغا مەركەزلىشىدۇ. يىغىن زالىنىڭ ئىشىكى، ئىشىك يېنىدىكى ساھىبخانلار، يىغىن زالىنىڭ سەھنىسى ۋە يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ كەيپىايتى...شۇنداقلا زال ئىشىكى ئالدىدا يىغىنغا قاتنىشىش بېلىتى يوق بولۇپ قېلىپ يىغىنغا قاتنىشالماي تىت-تىت بولۇۋاتقان بىرمۇنچە كىشىلەرنىڭ چىرايىدىكى جىددىيچىلىك ئەكس ئەتتۈرىلىدۇ.
   ئاپتورنىڭ قىسقىچە قىياس ۋە ئويلانمىسى مۇنداق روياپقا چىقىرىلغان:
          ئىنسانىيەت تارىخىغا ئۆتكۈر كۆزلىرىمىز بىلەن نەزەر سالغىنىمىزدا، تابۈگۈنكى كۈنگە قەدەر يارىتىلغان بارلىق بايلىقلار ئىچىدە ماددىي بايلىقلارغا كۆرە مەنىۋىي بايلىقلارنىڭ قەلبلەردە ئەبەدىي بېسىلغۇسىز لەرزە پەيدا قىلىپ، ئەۋلادلارنىڭ روھ كۆكىدە مەڭگۈ ئۆچمەس قۇياشتەك پارلاپ تۇرغانلىقىنى ھەم شۇ بايلىقلارنى ياراتقۇچىلارنىڭ نۇرانە سىمالىرىنىڭ كۈنسايىن تېخىمۇ يارقىنلىشىۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يېتىپ، ئۇلارنى چىن دىلدىن سېغىنىش ئىلكىدە ئەسلەيمىز. شۇنداقلا بىزنىڭ بۇ كۈنلىرىمىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزنىڭ دەريا-دەريا قان-تېرى بەدىلىگە كەلگەنلىكىنى ھەقىقىي مەنىسى بىلەن تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، ئەجدادلارنىڭ ئىزىنى ئىشتىياق ۋە زوق-شوق بىلەن بېسىشىمىزنىڭ نەقەدەر پەخىرلىنەرلىك ھەم شەرەپلىك ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلەيمىز.
        تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەر بىر ئىنساننىڭ قىممىتى ئۇنىڭ ئەلگە ۋە ئەۋلادلارغا خالىس نىيەتتە ئاتا قىلغان سەمىمىي ھىممىتى بىلەن ئۆلچىنىدۇ ۋە جۇلالىنىدۇ. ھەر بىر ئادەمنىڭ روھىي ئۇنىڭ قىلغان ئەمەلىي بىلەن نامايان بولىدۇ. ئەبەدىيلىككە-باقىيلىققا سوزۇلغان ھەرقانداق بىر مەۋجۇدلۇق، شان-شەرەپ، بۈيۈكلۈك بىكاردىنلا زاھىر بولۇپ قالمايدۇ. ئىنسان بۇ دۇنياغا ياخشىلىق قىلىش ئۈچۈن كەلگەن. باشقىلارغا غەرەزسىز ھالدا ياخشىلىق قىلالىغان ئادەملا ھەقىقىي ئادەم ھېسابلىنىدۇ. تارىخنىڭ، ئادەملەرنىڭ، روھنىڭ، كائىناتنىڭ، قۇياشنىڭ...ھەممە-ھەممىسىنىڭ كۆزى، ئۆزى، يۈرىكى، تىلىكى، تىلى... بار. شۇڭا ئىنسانىيەتنىڭ ھەر بىر نەپىسى ۋە قەدىمىگە شاھىد بولىدىغان ئامىللار ئەتراپىمىزدا ھەر دائىملا كۆزگە چېلىقىپ ۋە چېلىقمايلا تىكىلىپ تۇرغان بولىدۇ. شۇڭا ئويلاپ قەدەم بېسىشقا ھەم قەدەم ئىزلىرىمىزدىن گۈللەرنى ئېچىلدۇرۇش ئۈچۈن بارلىقىمىزنى مىننەتسىز ھالدا بېغىشلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. پەقەت مۇشۇنداق قىلالىساق ۋە شۇنداق ياشىيالىساقلا، ھايات بېغىمىزدا بەرنا، خۇشپۇراق، توزىماس گۈللەر ئېچىلىپ، ئارمانلىرىمىز ئەۋلادلىرىمىزغا ئارمىغان بولىدۇ. شۇ چاغدا كامالىدىن بىنايى ئېيتقاندەك:« بىز تۇغۇلغان چاغدا ھەممە ئادەم كۈلگەن بولسا، بىز بۇ دۇنيادىن كەتكەن چاغدا ھەممە ئادەم يىغلايدىغان» ئەزگۈ كەيپىياتنى روياپقا چىقارغىلى بولىدۇ.
بۇ دۇنيادىن شۇنداق ئادەملەر ياشاپ ئۆتىدۇكى، ئۇلار باسقان مۇبارەك قەدەملەرنىڭ بەرىكەتىدىن ئۈنۈپ چىققان جەننەت سۈبھىسىدەك يىگانە دەۋرانبۇي گۈللەرنىڭ ئىلاھىي ھىدى شەپەقنى لال ئەيلەپ، ئىرادىمىزنى تاۋلاپ، دىلىمىزنى ئالغا ئىنتىلدۈرۈپ، مەنزىلىمىزگە يېتىشىمىز ئۈچۈن ئالتۇن پايانداز ھازىرلايدۇ. ئۇلار شۈبھىسىزكى، بۇ دۇنياغا يىيىش، كىيىش، ئىچىش، بۇزۇپ-چېچىش...ئۈچۈنلا بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولغان بولۇپ، ھەردەم باشقىلاردىن بىرنەرسىنى ھەر يول ۋە ئۇسۇللار ئارقىلىق يۇلۇپ، يالاپ، شۈلۈپ ئېلىشنىڭلا كويىدا ھەرقانداق پەسكەشلىك قىلىشتىن يانمايدۇ. يەنە شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى، ئۇلار پەزىلىتى بىلەن ياشاپ، ئالتۇن بەرسىمۇ ئۆزىنىڭ لەۋزى ۋە ئىزىدىن قەتئىي يانماي، ئۆز قوۋمى ۋە خەلقىگە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشنى مەڭگۈ قىلماي، ئاجايىپ زور شىجائەت ۋە ياشام ماھارىتى بىلەن ئەجدادلىرىنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلىپ، ئەۋلادلىرىنىڭ يولىغا مەشئەل بولۇپ، ئۆتمۈش، بۈگۈن ۋە كېلەچاكنى تۇتاشتۇرۇپ، روھىي پايانىنى كېڭەيتىپ، بىتەكرار ئىجادىي ئەمگەكلىرى بىلەن دەۋرنىڭ ئۇلۇغ ۋىجدانىغا، سەزگۈر قۇلىقىغا، ئويغاق روھىغا، مەغرۇر تۇلپارىغا ۋە كۈچلۈك پاراۋۇزىغا ئايلىنىپ، ئەل ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرى شۇنچە كۆپ بولسىمۇ، گويا ھېچ ئىش قىلمىغاندەكلا، ئۈن-تىنسىزلا بۇ ئالەم ۋە بىز بىلەن ۋېدالىشىدۇ. ئۇلارنىڭ پىكىر ۋە قەدەم ئىزلىرىدىن پەيدا بولغان بوشلۇقنى خېلى يىللاردىن كېيىنلا بايقىغان زاماننىڭ ئاقىللىرى ئاستا-ئاستا ئازاب دەرياسىغا شۇڭغۇيدۇ. بۇنداق بىباھا شۇڭغۇشنىڭ ئۇلار ھەم ئەۋلادلارنىڭ ئۆزىنى چۈشىنىشىگە چوڭقۇر پايدىسى بار، ئەلبەتتە.
  ئەمدى ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك، كۇتۇپخانا ئىنسانىيەت ياراتقان بارلىق مەنىۋىي بايلىقلارنىڭ روشەنلەشكەن جەمگاھىدۇركى، ئۇنىڭدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەر مىللەت ۋە قوۋمدىن بولغان باغرى قان ئەل سۆيەرلەرنىڭ قەلبىدىن تامغان شەربەت تاراملىرى قىيام بولۇپ، كېيىنكىلەرنىڭ روھىنى تاۋلاپ، ئەتىنىڭ مۇستەھكەم سېپىللىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەم قىلىش ئۈچۈن تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.
كۇتۇپخانا- دەۋرلەرنىڭ زەنجىرلىرىنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ، بىلىم غەزىنىسىنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچىنى ئىلىم تەلەپكارلىرىغا تاپشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قەلب گۆرۈستانلىقىنى روھ گۈلىستانلىرىغا، تاغۇدەشت، چۆل-باياۋانلىرىنى باغۇبوستانغا  ئايلاندۇرۇپ، ئۆز قىممىتىنى ئىنتايىن ئەزگۈ سەمىمىيەت ۋە ۋىجدانىي مەسئۇلىيەت نۇقتىسىدىن ئىزھارلاپ، كېلەچەكنىڭ رىشتە ئۇلىغۇچىلىرىنى ئالىي مەقسەت بويىچە تەربىيەلەپ چىقىدىغان ئانا مەكتەپ بولۇپ، ئاڭ كۈلبىسىنىڭ قارا قۇلۇپىنى ئېچىشقا يېقىندى ياردەمدە بولىدۇ.
  كۇتۇپخانا- كۈيلەر تىلسىمى بىلەن بېزەلگەن مۇقام غەزىنىسىدۇركى، ئۇنىڭدا ئەجدادلىرىمىز ياراتقان مەدەنىيەت جەۋھەرلىرى گويا كۈمۈش لېنتىدەك دىللاردىن دىللارغا سوزۇلۇپ، يىراق قىرلارغىچە لەرزىسىنى يوقاتماي، مەۋجۇدلۇق سېمپونىيەسىگە ئايلىنىپ، نەچچە ئەسىرلەر ئىلگىرىلا ئارىمىزدىن ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن نەمۇنىلىك زاتلارنىڭ روھىنى جانلاندۇرۇپ، تېنىنى تىرىلدۈرۈپ، ئارىمىزغا قايتۇرۇپ كېلىپ، ئاجايىپ دولقۇنلۇق يارقىنلىقنى ئىرادەتلىك كۈيلەر ۋادىسىغا تاشلىغۇچى سېخىي، نەرد، دانالارنىڭ ئىشىق ھارۋىسىدۇر.
ھالا بۈگۈنكى دەۋرىمىزگە قارايدىغان بولساق، قايسى ئەل-ئايماق ۋە مىللەت-دۆلەتتە كۇتۇپخانا كۆپ بولۇپتۇ، ئۇنىڭ تەرەقىياتىنىڭ بىھەد تېز، توختاۋسىز، توسالغۇسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز. ئەكسىچە بولغانلارنىڭ كۈنلىرىنىڭ خاراب ئىكەنلىكىمۇ ھەم كۆزگە تاشلىنىپ تۇرۇپتۇ. كۇتۇپخانىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىك شۈبھىسىزكى، مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ تەرەقىياتىغا، ئۆز خەلقىنىڭ تۇرمۇشىغا ۋە ئەۋلادلارنىڭ ئەتىسىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىك بولۇپ، بۇنداق مىللەت ۋە دۆلەت نوپۇس، زېمىن ۋە ماددىي بايلىقىنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جاھانغا پۇت دەسسەپ تۇرۇپ، بىراۋغا بوزەك بولماي، ئۆز نېنىنى ئۆزى تېپىپ يەپ، باشقىلارغا تارتقۇزۇپ قويماي، مەيدىسىنى كىرىپ ياشاۋاتىدۇ. ئۇلار تېخى ئۆزلىرىدىن ئېشىنىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى جاھان تۇتۇش ھەلەكچىلىكىدە يۈرۈپ چېچىلىپ كەتكەن خەلقلىرىگە يېتەرلىك ياردەملەرنى قىلىپ، مىللەت ۋە خەلقىنىڭ يۈزىن يەنىمۇ يورۇق قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئېنىق مىساللىرىدىن بىرى شۇكى، بۈگۈنكى دۇنيادا ئىسرائىلىيەنى مەركىزىي ئومۇرتقا قىلىپ جاھاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان يەھۇدىيلار تارىخىي سەۋەبلەرگە 1500يىل ئەتراپىدا سەرسان-سەرگاندان بولۇپ، قۇمدەك چېچىلىپ ياشاپ، ئىنسان كۆرمىگەن خورلۇقلارنى كۆرۈپ، تارتمىغان ئازابلارنى تارتىپ، دەسسىگۈدەك زېمىنغا ئىگە بولالماي ئۆتكەن بولسىمۇ، شۇنچە ئۇزاق يىللاردىن بېرى كىتاب ئارقىلىق ئۆزلىرىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، روھىنى بېيىتىپ، مىللىي قانداشلىق بىلەن رىشتىنى ئۈزۈپ قويماي، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە شۇنچە كۆپ ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ مەركىزىدە ھېچنىمىگە پەرۋا قىلماي، ئىلىم ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يېڭىلمەس كۈچىنى نامايان قىلىپ، دۇنيانىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىپ، سەلتەنەتلىك ھايات داستانىنى يازدى. ھەممىمىزگە سىر ئەمەسكى، ئۇلارنىڭ ئالىملىرى نوبېل مۇكاپاتىغا ئەڭ كۆپ ئېرىشتى، ئىنسانىيەت دۇنياسىغا مۆلچەرلىگۈسىز تۆھپە قوشقان ئالىملار ئاساسەن يەھۇدىلاردىن چىقتى. ئىلىم ساھەسىدىكى بۇ نوپۇزلۇقلارنى ئۇلارنىڭ نوپۇسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ئىلىمگە قانچىلىك ھۆرمەت ۋە ئىخلاس قىلىدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز. بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىرقى ئىسرائىلىيەدە 1500دىن ئارتۇق كۇتۇپخانا بار ئىكەن. سېلىشتۇرۇپ قارايدىغان بولساق، ئۇلار ئىگىلىگەن زېمىن، تەشكىل قىلغان نوپۇس ۋە باشقا جەھەتلەردىنمۇ بىز ئۇيغۇرلادىن خېلىلا تۆۋەن تۇرىدۇ. بىراق، ئىلىم نوپۇزى جەھەتتىنچۇ؟ دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بىزنىڭ شۇنچە كەڭ دىيارىمىزدا بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا كۇتۇپخانا بار بولۇپ، ئۇ يەرگە دائىملىق ئوقۇرمەنلەردىن باشقا ئادەملەر ئاساسەن دېگۈدەك كىرمەيدۇ. ھېچكىمنىڭ گويا « كىتاب خالتىسى» بوغۇسى يوقتەكلا. بىزنىڭ دىيارىمىزدىكى كۇتۇپخانىلار ھۆكۈمەت قۇرغان شەھەر، ناھىيە ۋە ئالىي مەكتەپلەردىكى كۇتۇپخانىلار بولۇپ، شەخسلەر قۇرغان بۇنداق خاسىيەتلىك جاينى تېپىش ئەسلا مۈمكىن ئەمەس ئىدى. گەرچە خېلى كۆپ ئادەملەر ۋىجدانىي قاينىغان بىلەن مەيدىسىدىكى زەدىسى قاينىغاننى پەرق ئېتتەلمەي، ئىككى سەر ئىچىپ، تۆت سەر مەست بولۇپ، مەيدىسىگە ئۇرۇپ، مىللەت، ئەل-ۋەتەن ھەققىدە شالىلىرىنى چاچرىتىپ سۆزلىگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق « زىيان چىقىدىغان كارخانا»غا مەبلەغ سېلىشنى ھېچكىم خالىمايدىغان بولۇپ، جاپالىق قەن-تەر بەدىلىگە كەلگەن پۇللىرىنى يەنىمۇ كۆپرەك پۇل تېپىشقىلا سەرپ قىلاتتى. بۇ ھال دىيارىمىزدا ئومۇمەن شۇنداق بولۇۋاتقاب بىر پەيتتە ئەزەلدىنلا ئىلىم-مەرىپەتنىڭ ئوچىقى، مۇقەددەس كىتابلارنىڭ يىلتىز-مەنبەسى، ئەجدادلىرىمىزنىڭ سەلتەنەتلىك تارىخىنىڭ جۇلاسى ھەردەم يارقىن نۇر چېچىپ تۇرغان مەۋلانىلەر قەدىمى ئۈزۈلمىگەن ئەزىزانە يۇرت قەشقەرنىڭ مەركىزىدە « قەشقەر قۇتبىلىك كۇتۇپخانىسى» قۇرۇلۇپ،گويا سەھەر قۇياشىدەك كۆز چاقنىتىپ، دىللارنى شادلاندۇرۇپ، كۆكڭۈللەرنى ئاۋۇندۇرۇپ، ئۈمىدۋارلىق تۇيغۇمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇلۇغ ئەجدادلىرىغا ۋارىسلىق قىلغان ئەلسۆيەر ئەۋلادلارنىڭ تېخى ئۈزۈلۈپ قالمىغانلىقىدىن دېرەك بەردى. بۇ خاتىرە مۇشۇ كۇتۇپخانىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مىننەتسىز تەر سىڭدۈرگەن ساخاۋەت تەلەپكارلىرىنىڭ ئېسىل پەزىلىتىدىن پۈتكەن مۇھەببەت داستانىنى ئەلگە سۇنۇش مەقسىتىدە يېزىلىدۇ.
مەرھۇم ئالىم، فىروففىسسور، ئەدىب ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن شۇنداق دەيدۇ:« بىر مىللەتنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇنىڭ ئىجادىيەت كۈچى ۋە بۇ كۈچنى داۋاملىق ئىجاد قىلىپ تۇرۇش بىلەن ساقلىنىدۇ، راۋاجلىنىدۇ.» ئۇنداقتا ئويلىنىپ كۆرەيلى، ھەقىقىي بىر مىللەتنىڭ ئىجادىي كۈچى نەدىن پەيدا بولىدۇ؟ نېمىگە ئاساسلىنىپ ۋە نېمىنى مەنبە قىلىپ راۋاجلىنىدۇ؟ ھاياتىي كۈچىنى قانداق نامايان قىلىدۇ؟...باشقا نەرسە ئەمەس، دەل ئىنسانىيەت بارلىق بايلىقلىرنىڭ مۇقەددەس جەمگاھىغا ئايلانغان كىتاب ۋە ئۇنىڭ مۇبارەك بەتلىرى بىلەن روھىي نەقىشلەنگەن كۇتۇپخانىغا مەركەزلەشكەن مەدەنىيەت جەۋھەرلىرى بىلەن يەكۈنلىىدۇ، خالاس. ئالىم يەنە:« كىتابسىز ئۆي-جانسىز تەن» دەيدۇ ناھايىتى روشەن سېلىشتۇرمىلىق تەتقىقاتنى ئوتتۇرىغا قويۇپ. ئۇنداقتا كۇتۇپخانىسىز شەھەرنى نېمە دېسەك بولار؟ شۈبھىسىزكى، ئۇمۇ گوياكى بىر قەبرىستانلىققا ئوخشايدۇ. بىز قەبرىستانلىقتا ياشاشنى خالامدۇق ياكى شەھەردىمۇ؟ ئۆزىمىزنى تونۇپ، چۈشىنىپ، قەدرىمىزگە يېتىپ ياشاشنى خالامدۇق ياكى كىتابسىز بىتاپ بولۇپ، باغرىمىزنى نادانلىق بېگىزلىرى بىلەن تىتىپ، كولاپ، قانىتىپ ياشاشنى خالامدۇق؟ بىز بۇ سوئاللارنى روھىمىزغا تاقاپ، ھەقىقىتەن جىددىي ھەل قىلىشقا تېگخشلىك بىر مەسىلە دەپ قاراپ ئويلانغىنىمىزدا، كىم ئۈچۈن، نېمە ئۈچۈن، قاچان، قەيەردە، قانداق ئۇسۇل بىلەن نېمە قىلىشمىزنىڭ كېرەكلىكى ئۆزلىكىدىن ئايان بولىدۇ.
ئەزگۈ ئارمان بىلەن يانغان يۈرەك
« يول ماڭغانچە ئېچىلىدۇ، قەدەم ئىزى بىراۋنىڭ ماڭغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ»
-مەھمۇد قەشقەرى
« سودا-سانائەتچى ياشلىرىمىزنىڭ مىللەتنىڭ يېڭى گەۋدىسى ۋە مىللىي ئىپپەت سارىيىنىڭ تۈۋرۈكلىرىدىن بولۇشى تارىخىمىزنىڭ ئۇلاردىن كۈتىدىغان تەلىپى».
-ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەدئىمىن
    بىر مىللەت ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىر تۈركۈم ئىجادىي كۈچى ھەردەم ئۇرغۇپ تۇرىدىغان كىتابخۇمار، ئەلسۆيەر، باغرى ئوت ئىلىم پەرۋانىلىرى بولۇش بىلەب بىللە، يەنە شۇنىڭغا يانداشقان ھالدا يەنە بىر تۈركۈم ئىقتىساد ئېڭى كۈچلۈك، مەدەنىيەتنى چۈشىنىدىغان، ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشقا ئىشىنىدىغان، ئەۋلادلىرنىڭ ئەتىسىگە ھەقىققىي مەنىدىن كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئۆز خەلقى كۈلسە كۈلۈپ، يىغلىسا يىغلىيالايدىغان، ئۇلارنىڭ بەختى ئۈچۈن ئوت دېڭىزغا كىرىشكىمۇ تەييار تۇرىدىغان، ھاياتىنى ئۆز مىللىتىنىڭ مەۋجۇدلۇقى بىلەن بىر دەپ قارايدىغان ساخاۋەتچى، ئىلىم سۆيەر، مەرىپەتپەرۋەر سودا-سانائەتچى بايلارنىڭ بولۇشى تولىمۇ زۆرۈر، ئەلبەتتە!
ئەمما شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، يىلتىزى يوق دەرەخ مەۋجۇد بولالمايدۇ. يىلتىزسىز دەرەخنىڭ دەۋران سۈرۈشى ئەسلا مۈمكىن ئەمەس. شۇنىڭغا ئوخشاش نەسەبى ئەسلىسىن ھالالللىق بىلەن پۈتۈلگەن، روھىي ئۈستۈن، باشقىلارغا مىننەتسىز ياردەم  بېرىشنى ئۆزىنىڭ ۋىجدانىي مەجبۇرىيىتى دەپ قاراپ، باشقىلارنىڭ يىغىسىنى يىغلاپ، كۈلكىسىنى كۈلۈپ پاك ئۆتكەن بەختلىك ئائىلىدە ياشاپ، ھيات گۈللىرىنى باراقسانلاشتۇرغان بىر ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ قەلبىدە ئاتا-ئانىسىدىن ئۇدۇم قالغان شۇ خىل ئۆزلۈك روھىي ھامان بىر كۈنى ئوقچۇپ چىقىپ، ھايات بەتلىرىگە ئالتۇن دۇردانىلىرىنى نەقىشلەيدۇ. مانا شۇنداق بەرنا جەننەتسىمان باغ-گۈلشەندەك ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن ئەزىمەتلەر ئەلنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ يېتەلەيدۇ ھەم شۇنى روياپقا چىقىرىشنىڭ كويىدا بولۇپ، ئەزگۈ پەزىلەتكە تويۇنغان مەتانەتلىك ھېسلىرى بىلەن ئەل ئۈچۈن ئەڭ كېرەكلىك بولغان، ھەممە شادلىنىدىغان، ھەممە تەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارنى قىلىپ، ئەبەدىيلىككە تۇتاشقان بەخت يولىنىڭ مەڭگۈلۈك ھۇلىنى سالىدۇ.
   مىلادىيە 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى ئەزەلدىنلا ئىلىم مەرىپەتنىڭ ئالتۇن  بۆشۈكى، مەدەنىيەتنىڭ مۇنبەت تۇپرىقى، ھۈنەر-سەنئەتنىڭ جەمگاھى، ئالىملارنىڭ نەزەرگاھى ۋە دۇنيانىڭ كۆزىدىكى « ئۈستى ئوچۇق موزېي » دەپ تەرپلىنىدىغان دۇنيادىكى بىردىن-بىر ئەزىزانە تەۋسىپىگە مۇيەسسەر شەھەر قەشقەردە تۇنجى بولۇپ شەخسلەر ھەمكارلىقى بىلەن مەيدانغا كەلگەن «  قەشقەر قۇتبىلىك كۇتۇپخانىسى » قۇرۇلۇپ، بۇ مەدەنىيەت قەسىرنىڭ سەلتەنەتى ئۈچۈن گۈل ئۈستىگە گۈل قوشتى. بۇ مەنزىرىنى بەلكىم « ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز » دەپ تەسۋىرلىسەك يەنىمۇ مۇۋاپىق بولار.
بۇ كۈنى ھاۋا ئىنتايىن ئوچۇق بولۇپ، قەدىمىي شەھەر ئاسمىنىدا بۇلۇتمۇ كۆرۈنمەيتتى. پاكىزە شەھەرنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان « سۇلتانىيە تېز تاماقخانىسى»نىڭ ئالدى قاينام-تاشقىنلىققا تولغان بولۇپ، بىرمۇنچە قاۋۇل، كېلىشكەن، ئاتەش يۈرەك ئەدىبلەر، ئىلىم پازىللىرى، مەرىپەتەرۋەر بايلار بۇ مېھمانخانىنىڭ ئىشىكىدىن ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا مەغرۇر قەدەم ئېلىپ كىرىۋاتاتتى. مېھمانخانىدىكى گۈلچىراي خانىم-قىزلار ئۇلارنى ئۇيغۇر قىزلىرىغا خاس بولغان ئەدەب-ئەخلاق بىلەن تەۋەززۇلۇق تەبەسسۈم ئىلكىدە كۈتۈۋېلىپ، ئارامگاھلارغا تەكلىپ قىلىۋاتاتتى. بىر تۈركۈم مېھمانلار مېھمانخانىنىڭ سەككىزىنچى قەۋىتىگە ئورۇنلاشقان ئازادە، كۆركەم بېزەلگەن، ئەسلىھەلىرى تولۇق بولغان زالغا قەدەم تەشرىپ قىلىپ ئولتۇرۇشاتتى. شۇ چاغدا ۋاقىت ئۈرۈمچى ۋاقتى سەككىز يېرىم بولغان بولۇپ، زالغا ئادەملەر لىققىدە كەلگەن ئىدى. يەنە بىر تۈركۈم مېھمانلار تەكلىپنامىسىن ئۇنتۇپ قالغانلىقى سەۋەبلىك زال ئىشىكى تۈۋىدە تۇرۇشاتتى. بىردىنلا ھەممەيلەن  بىر ئېغىزدىن دېگۈدەك :« كەلدى-كەلدى، ئەنە، ئاۋۇ داموللاھاجىمكام ئىكەن، ئاۋۇ ئاق چاچلىقى كىمدۇ ئەمدى؟ ئەجەپ سالاپەتلىك ئادەملەركىنا يازغۇچى-شائىر دېگەن...» دېيىشىۋاتقان بىر پەييتە زال ئىچىگە مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم، ئاتاقلىق شائىر، جامائەت ئەربابى، مەشھۇر تەرجىمان ئىمىن ئەھمىدى، دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك يازغۇچى ئەخەت تۇردى، ئاتاقلىق ئەدەبىتي تەنقىدچى مۇھەممەد پولات، تەتقىقاتچى ئىسلامجان شىرىپ بەشكېرەمىي، ئالىم ئارسلان ئابدۇللا، شائىر، فىروففىسسور، ئەدەبىياتشۇناس ئابدۇقادىر جالالىددىن، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىدىن مۇدىر دېكتور دىلدار مۇھەممەد رەھىم،  ئالى مەكتەپلەردىن ئالىم توختى، ئابدۇرېھىم راخمان؛ قەشقەردىكى ئەدىبلەردىن ئابلىز ئۆمەر ئەنجانىي، ھاجى مىرزاھىد كېرىمى، تاھىر تالىپ، ئابدۇلئەھەد ئىسمايىل ئوغلان، ئەسقەر ھاجى ئابدۇللا، ئابلىمىت سوپىھاجى،ئوسمان مۇھەممىدى قاراقۇتلۇق،  ئابلاجان بوۋاقى، ئابلەت جۈمە تۇپراق، ئەركىن نىيازبەگ؛ سودا-سانائەت ساھەسىدىكى مەرىپەتپەرۋەر بايلاردىن ئوسمان ھاجىم، سۇلتان ھاجىم كارۋان، پارىس ھۈسەيىن، ئىبراھىم سەمەن، ئابلىز تۇرھاجىم، زۇنۇن ھاجىم، مىجىت ھاجىم، ئەسقەر ھاجى ئابدۇللا...قاتارلىقلار زالنىڭ بەلگىلەنگەن جايلىرىدىن مۇبارەك ئورۇن ئالغان بولۇپ، ھەممەيلەننىڭ يۈزلىرىدە كۈلكە-تەبەسسۈم جىلۋە قىلاتتى. مۆتىۋەرلەر سالماق قەدەملەر بىلەن زال ئىشىكىگە كېلىشى بىلەنلا گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ھەممە ياقنى بىرلا ئالدى. كەيپىيات گويا شىددەتلىك دېڭىز دولقۇنىدەك بىراقلار يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ھاياجانلىق تۇيغۇلار كۆڭۈل گۈلىستانلىرىنى تامامەن ئىگىلىگەن ئىدى. ئارىنى بىر پەس جىمجىتلىق باستى. شۇ ئارىدا ئۆزىنىڭ سېخىيلىقى، مەرىپەت سۆيەرلىكى، مەردلىكى، شائىرانە تەپەككۇرغا بايلىقى ۋە ھازىر جاۋابلىقى بىلەن ئەلنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە سازابەر بولغان ئىجتىھاتلىق شائىر ئەسقەر ھاجى ئابدۇللا سەھنىدە پەيدا بولۇپ تولىمۇ ئۇرغۇلۇق قىلىپ:
ـ ھۆرمەتلىك ئەزىز مېھمانلار، ھەممىڭلارنىڭ قەدىمىڭلارغا قۇتلۇق بولسۇن! بىز بۈگۈنكىدەك كۈننى كۈتىۋاتقىلىى خېلى ئۇزۇن بولغان ئىدى. مانا بۈگۈن باھارنىڭ ئىللىق شامىلى بىلەن كەلگەن بۇ كۈنگە مۇيەسسەر بولدۇق. ھەقىقەتەن باھار شامىلى بىلەن كېلىدكەن. كۇتۇپخانا-مىللەتنى نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا كام بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئالىيگاھدۇر. ئۇنىڭسىز ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن بۇ ئەلنى نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرغىلى بولمايدۇ. نادانلىقتىن قۇتۇلمىغان مىللەتنىڭ ئەتىسى ناھايىتى پاجىئەلىك بولىدۇ، ئەتىسىدىن ئۈمىد كغۈتكىلىمۇ ھەم بولمايدۇ. بىز مانا مۇشۇنداق خالىس نىيەت بىلەن جەمئىيەتتە يولدىن چىقىپ، ئېزىپ كېتىۋاتقان ياش-ئۆسمۈرلەرنى كۇتۇپخانا قوينىغا جەلپ قىلىپ، باشلاپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ قاراڭغۇ دىللىرنى ئىلىم-ئېرپاننىڭ قۇياش كەبىي نۇرلىرى بىلەن ئەبەدىيلىك يورۇتۇپ، باغرىنى ئىللىتىپ، مېھرى-مۇھەببەت ئۇرۇقلىرىى قەلب زېمىنلىرىغا چېچىش ئارقىلىق، ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلىشنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، بىر تۈركۈم ئەقلىي سەگەك، ئىلىم سۆيەر، قەلبى ئويغاق بايلار ئىتتىپاقلىشىپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، پارتىيە-ھۆكۈمەت ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى ئارقىسىدا « قەشقەر قۇتبىلىك كۇتۇپخانىسى»نى قۇرۇپ چىقتۇق. ئەلبەتتە، بۇ كۇتۇپخانىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن بىر تۈركۈم ياشلار ئەسلىدىكى يامان يوللاردىن قايتىپ، ئەدەب-ئەخلاق ئۆگىنىپ، ئاتا-ئانىلارغا ۋاپادار، خەلقىگە كۆيۈمچان، ئەۋلادلىرىنى ئويلايدىغان روھقا ئىگە بولسىلا، بىز قىلغان خىزمىتىمىزدىن رازى بولغان بولاتتۇق. ئىشىنىمىزكى، بېسىلغان بۇ خاسىيەتلىك قەدەملەردىن چوقۇمكى، قىپ-قىزىل گۈللەر ئۈنۈپ چىقىدۇ...»
  زال ئىچىنى خېلى ئۇزۇنغىچە چېلىنغان چاۋاك ساداسى بىر ئالدى. ھەممە كۆزلەردە ئۈمىد نۇرلىرى پارلىدى، ھەممە دىللاردا ۋىسال قۇياشى چاراقلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئەسقەر ھاجى ئابدۇللا ئاكا بۇ ئەنجۈمەنگە داخىل بولۇش ئۈچۈن ياشىنىپ قالغىنغا قارىماي يىراقتىن كەلگەن  بىر قىسىم قەدىرلىك مېھمانلارنى ئەزىزانە دىيارى ئەزىمدىكى باغرى كەڭ مېھمانلارغا تولۇق، جۇشقۇن، جانلىق، توغرا، ئادىل باھالار بىلەن تونۇشتۇرۇپ چىقتى. ھەر بىر زاتى مۇبارەكنىڭ ھۆرمەت، تەرىپ-تەۋسىپى تىلغا ئېلىنغاندا، ئۇزۇنغىچە چاۋاك چېلىنىپ تۇردى. چۈنكى، بىزنىڭ بۇ قەدىمىي شەھەردىكى خەلقىمىز ئۇلارنىڭ سىماسىنى پەقەت خاسىيەتلىك كۈنلەر خاتىرىسىگە ئىشلەنگەن تېلىۋېزىيە فىلىملەردىنلا غىل-پال كۆرۈپ، قانالمىغان ئىدى. ئۇلارنىڭ دىللارغا يېقىشلىق ئەسەرلىرىنى بولسا، ئۇلارنىڭ قان-تەرى بەدىلىگە پۈتكەن كىتابلرىدىنلا ئوقۇپ، بۇلبۇلنى تاڭ ئەيلىگەن يېقىملىق ئاۋازلىرىنى تۇنجى قېتىم يۈز تۇرانە تۇرۇپ، ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلاۋاتاتتى. بۇنداق ئەزگۈ پەيتتە ئۇلار ھاياجانلانماي، كىم ھاياجانلانسۇن؟ ئۇلار شادلانماي، كىم شادلانسۇن؟ چاۋاكنى ئۇلار چالماي، كىم چالسۇن؟...
   ئارىدا مۇشۇ مۇبارەك قەدەمنىڭ بېسىلىشىغا تۇنجى بولۇپ تۈرتكە بولغان مەرىپەتپەرۋەر تىجارەتچى ئوسمان ھاجىم سۆزگە تەكلىپ قىلىنىپ شۇنداق دېدى:«  ھۆرمەتلىك رەھبەرلەر، ئۇستازلار، مېھمانلار، پارتىيە 18-قۇرۇلتاي 4-ئومۇمىي يىغىنى ھەم مەملىكەتلىك ‹ ئىككى يىغىن› روھىنى تەشۋىق قىلىش، ئۆگىنىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش دولقۇنى ئەۋج ئېلىۋاتقان ياخشى ۋەزىيەتتە تەبىئەت يېقىملىق كۈيلىرىنى باشلىغان، ھاياتلىق ئويغىنىپ، قۇشلار ناۋاسى، باھار سىماسى تاغ-دالىلارنى قاپلىغان، قۇياش شەيدا زېمىندا نۇر-زىياھ چاقنىغان، ۋەتەن باغرىدىكى ئاجايىپ مۆجىزىلەرگە تەلپۈنگەن ساناقسىز كۆزلەر جەننەت كەبىي گۈزەللىككە قاراپ-قاراپ قانمىغان، نەۋرۇز جىلۋىسى ۋەتەننىڭ تاغ-دەريا، باغ-يايلاق، ھەر بىر گىياھسىنى سۆيگۈچى قەلبلەرگە چەكسىز ھاياجان-زوق ۋە ئۈمىد  ئاتا قىلغان، تېخىمۇ ياخشى بولغىنى شۇكى، كىتاب ئوقۇش كۈنى بېكىتىلگەن بۇ خاسىيەتلىك دەملەردە  ‹ قەشقەر قۇتبىلىك كۇتۇپخانىسى›نى قۇرۇش ئۈچۈن بۇ يەرگە جەم بولدۇق.
بۇ پۇرسەتتە، مەن ئوپرتاق غايە، دۇرۇس نىيەت، ئانا يۇرتقا بولغان چوڭقۇر مېھرى-مۇھەببەت، ئەل بەختىنى ئىلىم-پەندىن ئىزدەشتىن ئىبارەت يۈكسەك غايىنى يۈرىكىگە تېڭىپ، ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي، يول جاپاسىدىن ئېرىنمەي، بۇ مۇبارەك تويغا قەدەم تەشرىپ قىلغان رەھبەرلەرگە، بارلىق ئېزىز مېھمانلارغا، كۇتۇپخانىنىڭ بارلىق ئەزالىرى نامىدىن سەمىمىي رەھمەت .ېيتىمەن ۋە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن!
بۇ كۇتۇپخانا پىشقەدەم مائارىپچى ئاىلىسىدىن كېلىپ چىققان مەرىپەتپەرۋەر تىجارەتچى، جامائەت ئەربابى ئوسمان ھاجىمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، ئالماس شىركىتىنىڭ دېرىكتورى زۇزۇن ھاجىم مىجىت، سۇلتان سودا سارىيىنىڭ لېدىرى مىجىت ھاجىم سۇلتان، كارۋان ئۆي-مۈلۈك شىركىتىنىڭ باش دېروكتورى مۇھەممەد ساۋۇت ھاجىم روزى، شاديار گىلەمچىلىكىدىن دېروكتور تاھىر ھاجىم، رىشتە ئىمپورت-ئېكىسپورت شىركىتىنىڭ دېروكتورى ئەھمەد قارىھاجىم، شىنجاڭ ‹ساچىيە كىتاب تارقىتىش شىركىتى›نىڭ دېروكتورڭ ئىسمايىل ھوشۇر، ‹ سەھۋە چاي-تائاملىرى›نىڭ دېروكتورى ئەھمەد قارىھاجىم، سادىق ھاجىم سودا سارىيىدىن ئىبراھىم ھاجىم، ‹ئوردا پولۇخانىسى›نىڭ دېروكتورى مۇھەممەد تۇرسۇن، ‹ يېڭى يۇلتۇز يەرلىك سودا چەكلىك شىركىتى›نىڭ دېروكتورى ئەسقەر ھاجى ئابدۇللا...قاتارلىق 30 نەچچە كارخانىنىڭ بىۋاسىتە ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتيىن ياردەم بېرىشى بىلەن كىتاب، ئەسلىھەلەر، خفدىملار تولۇقلىنىپ، بۈگۈن مۇۋەپپىقىيەتلىق ئېچىلىشقا مۇيەسسەر بولدۇق. ئۇلار ئويلىنىش، ئىزدىنىش، ئارقىلىق، ۋەتەن-مىللەتنى پەقەت ۋە پەقەت نادانلىقتىن ئىلىم-پەننىڭلا قۇتقۇزالايدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئۆلمەس ھەم مەڭگۈ ئۆڭمەس ھەقىقەت ۋە ئىمكانىيەتنى تونۇپ يەتكەن. خۇراپاتلىققا، دىنىي ئەسەبىيلىككە، تېررورلۇققا، بۆلگۈنچىلىككە قارشى ئوت ئاچقان، ئىلىم-پەننىڭ جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىش ئاساسىنى پۇختىلاش، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى  چوڭقۇر ئەھمىيىتىنى ھېس قىلغان. تەرەققىپەرۋەر ئەجدادلارنىڭ ئىلغار ئىدىيە ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ قەدىر-قىممىتىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق ئادا قىلىش ئۈچۈن ئۆز مەنپەئتىدىن كېچىشكە، ئىقتىسادىي بەدەل تۆلەشكە جۈرئەت قىلغان زامانىمىزدىكى مەردۇمەردانە ئوغلانلاردۇر!
ئىلىم-مەرىپەت ئارقىلىق ەقدىرگە تەدبىر تاپالايدىغان، گۈزەل ئەتىنى كۆرەلەيدىغان، ئۆزىنى يارىتالايدىغان ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئۈندەيدىغان، خەلقنىڭ قەلبىگە پارلاق ئىستىقبالنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى سىزالايدىغان بۇ خالىسانە روھ ھەقىقىتەن مۇقەددەس بولۇپ، دىللاردا گۈلخان، تىللاردا داستان قىلىشقا تامامەن ئەرزىيدۇ.
ساخاۋەتلىك قەدەملەر پارتىيەنىڭ ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ تغرتكىسى بىلەن  بېيىغان كارخانىچىلىرىمىزنىڭ ئىدىيەۋىي ھالىتى، ياشاش قارىشى، ئىلىم-پەن قارىشى، مەدەنىيەت ساپاسىدا ئاكتىپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئەلبەتتە!
كۇتۇپخانا-كىتاب توپلاشتا سىياسەت ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەپ، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىپ، مەزمۇنىنىڭ ساغلام، تۈرىنىڭ تولۇق بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىمىز. ئىلغار  ئىدىيە، ئىلار مەدەنىيەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان، پارتىيە-ۋەتەننى مەدھىيەلەيدىغان، پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ فاڭجخن-سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىدىغان، تەرەققىيات يۈشلىنىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلقىقى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتا ئىجابىي رول ئوينايدىغان، مەزمۇنى ساغلام، ئىلمىي قىممىتى يۇقىرى، ئىجتىمائىي ۋە تەبئىي پەن بىلىملىرى، گۈزەللىك قۇرۇلۇشى، قوش تىل ئۆگىنىشكە ئائىت كىتابلار، بالىلار ئوقۇشلۇقى، قانۇنلۇق گېزىت-ژۇرنال، ئېقىم مەسىلىلىرى، پەلسەپەگە دائىر كىتابلارنى كىرگۈزۈشنى تۈپ شەرت ۋە مۇھىم نۇقتا قىلدۇق. ئوقۇرمەنلەرگە مەنىۋىي ئوزۇق، ئىزدەنگۈچىلەرگە ئەمەلىي نەپ بېرىشنى كۇتۇپخانا خىزمەت ئۈنۈمىنىڭ ئاساسىي قىلدۇۇق.
كۇتۇپخانا قۇرۇش تەشەببۇسى كۈن تەرتىبىگە قويۇلغاندىن بۇيان ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، شەھەردىكى پارتىيە-ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ قىزغىن قوللىشىغا، يېتەكچىلىك قىلىشىغا، مەدەت ۋە ئىلھام بېرىشىگە مۇيەسسەر بولدۇق. ھەرقايسى نەشرىيات، ئاخبارات، كىتابخانا قاتارلىق ئورۇنلار زور كۈچ بىلەن ئەمەلىي ياردەم بەردى. شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، مەدەنىيەت ئىدارىسى مۇھىم، كونكىرت يوليورۇق، كۆرسەتمە ۋە ئاكتىپ، دانا مەسلىھەت بەردى. تەييارلىق ئىشلىرىمىزنىڭ ساغلام، راۋان يۈرۈشۈپ كېتىشى ئۈچۈن يول ئېچىپ بەردى.
  ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئىلىم-پەن ئىشقىدا ئاتەشتەك يانغان، مەرىپەت گۈلزارلىقىنى ئىخلاس بىلەن پەرۋىش قىلىۋاتقان، بىلىم ئېتىقادىدىن قەتئىي تەۋرەنمەي جاپالىق ئىزدىنىش ئارقىلىق، ئەۋلادلار ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى، بارلىق زېھنى كۈچىنى، ئەقىل-پاراسىتىنى تەقدىم قىلىپ، خەلقىمىزنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتى ۋە مۇبارەك سالامىغا، تەبئىي، پاك مېھرى ئىخلاسىغا نائىل بولغان، كىشىلىك ھاياتنىڭ قەدىر-قىممىتىدىن، شېرىن مېۋىلىك باغ بىنا قىلىپ، كۈچلۈك مەسئۇلىيەت، ۋاپا، ۋىجدان تۇيغۇسى بىلەن ئىجتىمائىي بۇرچىنى ئادا قىلىۋاتقان ئەللامىلەر، ئۇستازلار، زىيالىيلار كۇتۇپخانىغا كىتاب ۋە ئەقىل تەقدىم قىلدى.تەشكىل، رەھبەرلىك، ئەللامىلەرنىڭ قوللىشى بىلەن ماڭغان يولىمىزنىڭ توغرىلىقىغا، ئىشەنچ ۋە غەيرەت بېغىشلىدى. قىزغىنلىقمىز ۋە ئاكتىپلىقىمىز ھەسسىلەپ ئاشتى.
مەن كۇتۇپخانا قۇرۇش تەييارلىق ھەيئىتىگە، بارلىق ئەزالىرى ۋە خادىملىرىغا ۋاكالىتەن، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلىقىغا، ھاردەرىجىلىك رەھبەرلەرگە، ئەللامە ئۇستازلارغا، ئاخبارات-نەشرىيات، مەدەنىيەت، كىتابخانا ئوۇرۇنلىرىغا، دوستلارغا چىن قەلبىمدىن يەنە بىر قېتىم سەمىمىي تەشەككۈر ئېيتىمەن.
بىلىم-ئىنسانىيەت تارىخىي تەرەققىياتىدىكى ماددىي ۋە مەنىۋىي مەدەنىيەت مۇۋەپپىقىيەتلىرىنىڭ، تەجرىبە-ساۋاقلىرىنىڭ ئىلمىي يەكۈنى. شەيئىي ۋە ھادىسىلەر توغرىسىدىكى ماھىيەتلىك تەتقىقات نەتىجىسى. تەبىئەت ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزغا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلگەن بىلىم غەزىنىسى، نەزەرىيەۋىي سېستېما-كىتاب يېزىق ئارقىلىق ساقلىنىپ، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا مىراس بولۇپ قالىدۇ. مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، فارابى، نەۋايىلارنىڭ ئىلىم-ھېكمەت، ئەقىل-پاراسەت بىلەن تولغان كالاملىرى كىتاب ئارقىلىقلا زامانىمىزغا يېتىپ كېلىپ بىباھا گۆھەرگە ئايلاندى.
  ئەپسۇسكى، دىيارىمىزدىكى بىر قىسىم ئاز ساندىكى ياشلار كىتاب ئوقۇماي، ئىزدەنمەي، ئۆگەنمەي، ئەقىل ئىشلەتمەي، غەپلەت ئىلكىدە بىھۇدە كۈن ئۆتكۈزمەكتە. ئاللىقانداق سەپسەتىلەرگە ئالدىنىپ، باشقىلارنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈكى، بىخەتەرلىكىگە، جەمئىيەت ئامانلىقىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزمەكتە. پۈتۈن مىللەتنىڭ شانلىق ئوبرازىغا داغ چۈشۈرمەكتە. ئاشۇ قىلمىشلارنىڭ تۈپ سەۋەبى نادانلىقنىڭ، روھىي قاتماللىقنىڭ، ئەسەبىيلىكنىڭ، ساۋاتسىزلىقنىڭ، قىسقىسى كىتاب ئوقۇمىغانلىقنىڭ ئاقىۋىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس!
بىز ئۆزگىرىش ئەڭ تېز ماكان ۋە زاماندا ياشاۋاتىمىز. تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشى، بىلىمنىڭ يېڭىلىنىشى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، دۇنيا خەلقىنىڭ تەقدىرگە زور تەسىر كۆرسەتمەكتە.
بىلىمنىڭ چەكسىزلىككە قاراپ كېڭىيىپ، يېڭىلىنىپ، تولۇقلىنىپ، مۇكەممەللىشىپ بارىدىغانلىقىدىن ئىبارەت قانۇنىيەتنىڭ تەلىپى بويىچە ئېيتقاندا، ساۋادى چىققان ھەر بىر ئادەمنىڭ پۈتۈن ئۆمرى ئۆگىنىش، ئىزدىنىش جەريانىدۇر. زوڭلى لى كېچاڭ سىياسى كېڭەشنىڭ مەملىكەتلىك يىغىنىدا مەملىكەتلىك خەلقىنى كىتاب ئوقۇشقا چاقىرىق قىلدى. زوڭلىنىڭ بۇ يوليورۇقى بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىز ۋە ئېھتىياجىمىز بىلەن تامامەن بىردەكلىككە ئىگە.  ياشلارنى كىتاب جەلپ قىلىش-ئېتىقادىي توغرىلاپ، ئەقىل ئىشلىتىپ، بۆلگۈنچىلىككە، تېررورلۇققا، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشتا، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاشتا مۇھىم ساقلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
رەھبەرلەر، مېھمانلار:
پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلىقى ۋە قوللىشى بىلەن يۇرتىمىزنىڭ مەرىپەت گۈلزارلىقىغا بىر تال خۇشپۇراق ئەتىرگۈل ئېچىلدۇرۇپ، ئۆزىمىزنى چەكسىز بەختلىك ھېس قىلىۋاتىمىز. بۇ گۈل بىلىم ئاششىنالىرىنىڭ تاشنا ئارمانلىرىغا نۇسرەت، ئۇلۇغۋار غايە، نىشانلىرىغا سائادەت، ئىلىم-پەننىڭ يۈكسەك پەللىلىرىگە ئۆرلەشكە دالالەت، خەلقىمىزنىڭ روھىي، مەدەنىيەت ساپاسىغا لاياقەت، ئىزدەنگۈچىلەرگە كامالەت ئاتا قىلسا، خەلقمىزگە ۋە جەمئىيەتكە قايتۇرغان بىر تامچە جاۋاب سۈپىتىدە ئىجتىماىي مەسئۇلىيىتىمىزنى ئاز-تولا ئادا قىلغان بولاتتۇق....
بىز خەلقىمىزنى نادانلىق، خۇراپاتلىق، جاھىللىق، كاززاپلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنى ئىلغار مەدەنىيەتكە يېتەكلەپ، تۇرمۇشىنى جانلاندۇرۇشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، كۇتۇپخانىنى قۇرۇشنى ئويلاشقان. چۈنكى كۇتۇپخانا خەلقنى سائادەت ۋە پاراغەت گۈلشەنلىرىگە باشلاپ، ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىنى يېڭىلاپ، روھىي گادايلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئەتىگە تەلپۈندۈرۈپ، ئەقىل-ئىدرىكىنى ئۆستۈرۈپ، ۋىجدانىنى ساپلاشتۇرۇپ، ئۆزىنى تونۇۋېلىشىغا ئاساس سېلىپ بېرىدۇ. بىز قەشقەر شەھىرىدىكى ئىلىم سۆيەر بايلار پارتىيەنىڭ شانلىق سىياسىتى ۋە ئەۋزەل شارائىت يارىتىپ بېرىشى بىلەن ئەل كۆڭلىنى ئىلىم بىلەن مايىل قىلىپ، ئەمەلىي ئىش-ھەرىكتىمىز بىلەن قايىل قىلىپ، مەدەنىيەت ئۈچۈن مەبلەغ سېلىپ، ئەۋلادلارنى پارلاق ئەتىگە يېتەكلەپ، ئىزلىرىمىزدىن گۈل ئۈندۈرۈش ئۈچۈن بۇ قەدەمنى دادىللىق بىلەن باستۇق. مەن ئاخىرىدا مۇشۇ قۇتلۇق يولدا مېڭىشنى ئىختىيار ئەيلەپ، كۇتۇپخانا قۇرۇش ئۈچۈن ئىزدەنگەن، يۈرەك قېنىنى سەرپ ئەتكەن، كۆڭلىنى بايان قىلغان ۋە خىزمەتلىرىمىزنى ھەر جەھەتتىن قوللىغان ھەر ساھە دوستلىرىمىزغا ئېرپانپەرۋەر سودىگەرلەرگە سەمىمىي تەشەككۈر بىلدۈرىمەن. ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي، ئەنجۈمەنىمىزەە قاتنىشىپ بەرگەن بېيجىڭ، ئۈرۈمچى، خوتەنلەردىن كەلگەن مېھمانلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن!...
  ھەممىمىزگە ئايانكى، بۇنداق شادلىق مىنۇتلىرى ھەممىمىزگە ھەرۋاقىت نېسىپ بولمايدۇ. نېسىپ بولدى دېگەندىمۇ، بىر ياكى بىرنەچچە قېتىملا نېسىپ بولىدۇ، تۈمەنلىگەن خەلقىمىز ئۆزلىرىنىڭ دەردىنى يېزىپ، قەلبىنى ئاۋۇندۇرىۋاتقان ئەدىبلىرىنى بىر كۆرەلمەي بۇ ئالەمدىن ئەلەم بىلەن ئارماندا كېتىدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىن  ئەسقەر ھاجى ئابدۇللا فىروففىسسور، دوكتۇر يېتەكچىسى، ئەدەبىياتشۇناس، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان مۇئەللىمنىڭ تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى.
بۇ پائالىيەت شۇنداق بىر بېسىقماس شادلىق ئىلكىدە داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، ھېچكىم زېرىكىش ھېس قىلمىغان ئىدى. شائىر ئەسقەر ھاجى ئابدۇللا شۇنىڭسدىن كېيىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مەسلىھەتچىسى، دوكتۇر يېتەكچىسى، فىروففىسسور ئارسلان ئابدۇللا سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. ئارسلان ئابدۇللا مۇئەللىم سۆزىنى مۇنداق باشلىدى: مەن سۆزۈمنى ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ مۇنۇ جۈملىسى بىلەن باشلاي: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مۆھتىرەم ئۇستازلار، رەھبەرلەر، كارخانىچى بۇرادەرلەر، ئالدى بىلەن ھەممىڭلارغا سالام ۋە ئالىي ئېھتىرام!
بۈگن بىز ئەزىزانە قەشقەر دىيارىدا جەم بولۇپ، « قەشقەر قۇتبىلىك كۇتۇپخانىسى»نىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى داغدۇغىلىق قۇتلۇقلىماقتىمىز. « قەشقەر قۇتبىلىك كۇتۇپخانىسى»نىڭ قۇرۇلغانلىقى قەشقەر خەلقىنىڭ مەدەنىي ھياتىدىكى ناھايىتى چوڭ بىر ئىش. دۇنياغا كىتاب ئوقۇش كۈنىگە تەييارلانغان ئەڭ ياخشى، ئەڭ ئەھمىيەتلىك سوۋغات. قەشقەر خەلقىنىڭ ئىلىم-پەنگە ھېرىسمەنلىكىنىڭ ئەڭ يارقىن ئىپادىسى.
مەن سۆزۈمنى ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ مۇنۇ جۈملىسى بىلەن باشلاي: « گۈللەنگەن مىللەتلەرنىڭ ھايات يولى ئىسپاتلىدىكى، مىللەتكە يىمەك-ئىچمەك، ئۆي-ماكاندىن باشقا مۇھىمى مىللىي روھىيەت لازىم. بۇ مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچ مەنبەسى بولغان روھىي ئېتىقاد، مىللىي ئەنئەنە، يېڭىلىققا ئىنتىلىش، مەنىۋىي يېتەكچىلىك نوپۇزى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.» ھەممىمىزگە مەلۇم، قەشقەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ، ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ بۆشۈكى بولۇپ كەلگەن مەركەزلەرنىڭ بىرى. ماھمۇد كاشغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپقا ئوخشاش دۇنياۋىيشۆھرەتكە ئىگە ئالىم-مۇتەپەككۇرلىرىمىز، ئابدۇرېىم نېزارىغا ئوخشاش يۈزلىگەن ئەدىب-شائىرلىرىمىزنىڭ قەشقەردە ياشىغانلىقى ۋە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقى، ھەتتا ئىسلام مۇھىتىدىكى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسسەن قەشقەردە بارلىققا كەلگەنلىكى، قەشقەردە بۈگنكى كۈندىمۇ 50 يېقىن كىتابخانىنىڭ ھازىرمۇ روناق تېپىۋاتقانلىقى بوۋاي-مومايلارنىڭ، باققاللارنىڭ، ھۈنەرۋەن-كاسىپلارنىڭ، دۇكانچىلارنىڭ ئۆز تىجارىتى ۋە سودىسىنى قىلغاچ، گېزىت-ژۇرنال ۋە كىتابلارنى سۆيۈنۈپ ئوقۇشلىرى، مەكتەپ، تەتقىقات ئورگانلىرىدىلا ئەمەس، بەلكىي ئەل-ئاۋام ئارىسىدىمۇ خەلق ئېتىراپ قىلغان بىرمۇنچە ئالىم-ئەدىبلەرنىڭ مەۋجۇدلۇقى بۇ نۇقتىنى تولۇق دەىلىللەيدۇ. ئەڭ ياخشى كىتاب-مائارىپنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاسىتىسى ۋە ئۇستازى، شۇنداقلا ئىنسانىيەت مەەنىيەت بايلىقىنىڭ ناماياندىسى. ئۇ بىلىمگە ئىنتىلىدىغان ئىنساننىڭ مەڭگۈلۈك ھەمراھى ۋە ئۇستازى. كىتاب ئىنسانغا روھىي ئوزۇق، ئەقىل-پاراسەت، كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلىدۇ. ئۇ ئىنسانلارنى بەخت-سائادەتكە ئۈندەيدۇ. كىشىلەرنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدۇ. بۇ نۇقتىنى تولۇق چۈشەنگەن مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچىلىرىمىز مىڭلىغان-ئۇنمىڭلىغان ياش ئەۋلادلرىمىزنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرىشىگە ئىمكانىيەت ياراتقانلىقى، دۆلەتنىڭ يۈكىنى يەڭگىللەتكەنلىكى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرگەنلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنىڭ ئۇلىنى چىڭىتقانلىقىدەك ئۇلۇغۋار تۆھپىلىرىگە تۆھپىلىرى بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماي، ئۆزىنىڭ جاپالىق ئەجىر-مېھنىتى، ئەقىل-پاراسىتىنى بەخشەندە قىلىش بەدىلىگە تىيىنلەپ جۇغلىغان مەبلىغىنى مۇشۇ كۇتۇپخانىنىڭ قۇرۇلۇشىغا، مەكتەپلەرنى سېلىش، يېڭىلاشقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ۋە تۇرمۇش خىراجىتىگە سەرىپ قىلىۋاتىدۇ.
ئەمدى ئۆز گېپىمگە كەلسەم، مەن ئۆتكەن يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ بىر كەنتىدە خىزمەت قىلىش داۋامىدا قەشقەردىكى بۇ  مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچىلىرىمىزنىڭ غۇربەتتە قالغان دېھقان قېرىنداشلىرىمىزغا، شىنجاڭ ۋە ئىچكىرىدىكى بىرقانچە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نەچچە يۈز ئۇقۇغۇچىسىغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بەرگەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. ئۇلارنىڭ بۇ ساخاۋەت ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىدىغانلىقىنىڭ ھەقىققىي شاھىدى بولدۇم. كارخانىچىلىرىمى‍زنىڭ بۇ روھى مەدھىيەلەشكە، ئۆگىنىشكە ئەرزىيدىغان ئەڭ ئالىيجاناب روھتۇر. مەن كۆپچىلىكنىڭ ئەڭ قىزغىن چاۋاكلىرىمىز بىلەن ئۇلارغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىشىنى، ئۇلارنىڭ ئەزىز تېنىگە سالامەتلىك، ئىشلىرىغا بەرىكەت تىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن، سىلەرگە رەھمەت!
بىلىشىمچە،  « قەشقەر قۇتبىلىك كۇتۇپخانىسى» ھەرقايسى پەن تۈرىدىكى كىتابلار سېلىنغان، ئۈسكىنىلىرى ۋە باشقا باشقۇرۇلۇشى زامانىۋىي بىر كۇتۇپخانا، بۇ كۇتۇپخانا خەلقىمىزنىڭ مەدەنىي تۇرمۇشىنى بېيىتىش، كىشىلەرگە ئۈمىد-ئىشەنچ ئاتا قىلىش بىلەن بىللە، خەلقىمىزنىڭ بىلىم سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش، نەزەر دائىرەسىنى كېڭەيتىش، ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتىمۇ ،ۇھىم رول ئوينىغۇسى. ئاخىرىدا، كۇتۇپخانىنىڭ كۈنسېرى روناق تېپىشىنى، بۇ كۇتۇپخانىنىڭ ئىلھامى بىلەن تېخىمۇ كۆپ كۇتۇپخانىلارنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇنداقلا، مۇشۇ كۇتۇپخانىنىڭ بارلىققا كەلتۈرگەن كارخانىچىلارغا، ئۇلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن قەشقەر شەھىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرگە ۋە ئورگانلارغا چىن قەلبىمدىن رەھمەر ئېيتىمەن.
بۇ خاسىيەتلىك كۈنلەرگە شاھىد بولغانلار ئىچىدە يەنە بىرمۇنچە خەلق ئاممىسى بىلەب بىللە، مەملىكەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك يازغۇچى ئەخەت تۇردىمۇ بۇ كاتتا روھىي قۇرۇلۇشقا قەدەم تەشرىپ قىلغان بولۇپ، ئۇ قاتتىق ھاياجانلانغان ھالدا جاراڭلىق ئاۋازدا مۇنداق دېدى:« قەدىرلىك يۇرتداشلار، كەسىپداشلار ۋە ئۇشبۇ شەھەرنىڭ پەخىرلىك پۇقرالىرى! بىز بۈگۈن قەشقەرنى گۈزەل، يېقىملىق باھار كۈنلىرىدە، ئۆزىمىزنىڭ مەرىپەتكە، مەدەنىيەتكە ۋە زامانىۋىيلىققا بولغان تەشنالىقىمىز ھەم چوڭقۇر مۇھەببەت-ئخلاسىمىز بىلەن بۇ ئارامگاھقا جەم بولۇپ، قەشقەر « قۇتبىلىك كۇتۇپخانىسى»نىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىغا تەنتەنە قىلىۋاتىمىز. مەن بۇ قۇتلۇق كۈننى ئۆزۈمگە ۋە سىرتتىن كەلگەن بارلىق مېھمانلارغا ۋاكالىتەن قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە ئالىي ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن!  ( زال ئىچىنى قىزغىنلىك ئىلكىدىكى ئالقىش سادالىرى بىر ئالدى. ئۇزۇنغا سوزۇلغان چاۋاكتىن كېيىن ئۇ يەنە سالماقلىق بىلەن سۆ‍زىنى يەنە شۇنداق داۋاملاشتۇردى:
-كۇتۇپخانا-كىشىلەرگە بىلىم بېرىدىغان، ئەخلاق ئۆگىتىدىغان مەرىپەت ئوچىقى! ئۇ كىشىلەرگە پۈتمەس مەنىۋىي دۇنيا ئاتا قىلىدۇ، ھاياتنىڭ، ئۆزلۈكنىڭ، مەۋجۇدلۇقنىڭ نېمىلىكىنى تونۇتىدۇ. ئۇ بىزنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممىتىمىز، مەنىۋىي ساپايىمىز، دۇنيا قارىشىمىز، ئالغا ئىلگىرىلەش روھىمىز بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىشلىق!
كۇتۇپخانا-بەئەينى سۈيى خورىماس بۇلاققا ئوخشايدۇ. بىز ئۇنىڭدىكى كىتابلارنى ئوقۇغان ۋاقتىمىزدا، ئۇنىڭ ھەر بىر قۇرلىرىدىكى سىر-ھېكمەتلەر نادانلىقتا قۇرۇپ كەتكەن دەشت-چۆللەرنى ياشارتىدۇ؛ توپا باسقان، خۇنۇك چىرايلىرىمىزنى نۇرلاندۇرىدۇ؛ خۇراپاتتىن، قالاقلىقتىن بەدبۇيلىشىپ كەتكەن تېنىمىزنى پاكلاپ، قايتىدىن جۇلالاندۇرىدۇ. ئىنسان ئۈچۈن سىرتقى كۆرۈنىشى زەر لىباسلار بىلەن پارقىراپ تۇرغاندىن كۆرە، مەنىۋىيىتىنىڭ پاك ۋە ئويغاق بولۇشى مىڭ مەرتە ئەۋزەل!
  كۇتۇپخانا-بىز ئۈچۈن يالغۇز مەرىپەت ماكانىلا ئەمەس، بەلكىي يەنە بىزنىڭ كەلگۈسىدە كامىل ئىنسان بولۇپ يېتىشىپ چىقىشنى كىتابتىن ئىبارەت بىلىم غەزىنىسى بىلەن تەمىنلەيدىغان قۇتلۇق دەرگاھ!
ئۆز زامانىسىدا، يەنى  ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا، مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان ئىمىن ئەھمىدى ۋە مەن قاتارلىق ئۆسمۈر-ياشلار بۈگۈنكى كۇتۇپخانا قۇرۇلغان يەردىكى كۇتۇپخانىدىن ناھايىتى كۆپ نەپ ئالغان. بىز بۇ يەردىكى كىتابلارنى ئىشتىياق بىلەن بەس-بەستە ئوقۇپ، كاللىمىزبىلەن دۇنيانى تونۇشقا، يۈرىكىمىز بىلەن مۇھەببەتنى چۈشىنىشكە باشلىغان. بىز شۇ چاغدا ئىگىلىگەن مەنىۋىي بايلىق كېيىنكى ھاياتى ۋە ئەخلاقىي گۈزەللىكلەرنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالغان...
ئەقىللىق ئاتا-بوۋىلىرىمىز:« بىلىملىك كىشى بىلىم بىلەن غەلۋىردە ئالتۇن سۈزەر» دېگەن ھېكمەتنى قالدۇرغان. دەرۋەقە، يىراقتىكى شانلىق تارىخىمىزغا نەزەر سالساق، ئەجدادلىرىمىز ئىچىدىكى دانالارنىڭ « غەلۋىردە ئالتۇن سۈزۈپ»، ئىنسانىيەت ئىلىم غەزىنىسىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى كۆرەلەيمىز. يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرى، مىرئەلىشىر نەۋايى، رابغۇزى...قاتارلىق ئۇلۇغ ئەللامىلەرنىڭ بىزگە قالدۇرغان ئالتۇن كىتابلىرى ھازىر ئىنسانىيەت مەدىنىي مىراسلىرىنىڭ جەۋھەرلىرىگە ئايلاندى. بۇ كىتابلار ھەقىقەتەنمۇ ئىنسانلار ئەقىل-پاراستىنىڭ يۇقىرى چوققىسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە بىر نەرسىنى قىستۇرۇپ ئۆتكۈم كېلىۋاتىدۇ:
*.فرانىس بىكۇن:« فىرانسىيە ئويغىنىش دەۋرىدە:‹ بىلىم –كۈچ» دېگەننى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۇنىڭدىن بەش يۈز يىل بۇرۇن ‹ قۇتادغۇبىلىك› ئەسىرىدە بۇ ھەقتە كۆپ توختالغان. ‹ بىلىم-گۈزەللىك يارىتىدۇ. بىلىم-ئاسمانغا تۈۋرۈك بولالايدۇ. بىلىم-بە‍خت يارىتىدۇ...» دېگەندەك. ئەمما بىز بۇ ھەقتە تەتقىق قىلمىغاچقا، تونۇشتۇرمىغاچقا، ئۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۆزقاراش دۇنيادا ئېتىراپ قىلىنغان.
*.مەھمۇد قەشقەرىنىڭ « دىۋانۇلۇغەتىت تۈرك» ناملىق كىتابى سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىققا تەۋە ئەسەر بولۇپ،بۇ پەن ياۋروپادا مەھمۇد قەشقەرىدىن 700 يىل كېيىن بارلىققا كەلدى.
مېنىڭ بۇ قېتىمقى ئاددىي بىر كۇتۇپخانا قۇرۇلۇشى توغرىسىدكى تەسىراتىم ناھايىتى چوڭقۇر بولدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بەزى مۇھىم مەسىلىلەرنى چۈشىنىپ يەتكەندەك بولدۇم.
قۇرۇلۇش دېسەك، بۈگۈنكى كۈندە دىيارىمىزدا ئاجايىپ كاتتا قۇرۇلۇشلار بولۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭغا كېتىۋاتقان مەبلەغلەرنىڭمۇ ھېسابى يوق. بۇلارغا سېلىشتۇرغاندا، بىز قۇرغان بۇ كۇتۇپخانىنىڭ زىل-زىلىسى، ئېنىقكى، ناھايىتى ئۈستۈن ۋە يۈكسەكتۇر!

بۇ « خاتىرە »نىڭ ئاخىرى بار...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ABLAJAN.BOWAKI تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-7 17:43  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-7 18:39:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توردىن كىيىم كېچەك ئېلىشنى ياكى تاللا بازىرىدىن داڭلىق ماركىلىق ھاراق تاماكا ئېلىشنى  تەۋسىيە قىلساق خۇرسەن بولىدىغان دوستلار، كۇتۇپخانىدا كىتاپ كۆرۈشنى ياكى كىتاپخانىدىن كىتاپ سېتىۋېلىشنى تىلغا ئالساق مەسخىرىلىك  كۈلۈمسىرەپ باشقىچە قارايدىغان بولدى.بىر كىتاپ يۈز دوستقە تەڭ،ئەمما بىر ياخشى دوست بىر كۈتۈپخانىغا تەڭ دىگەن ھېكمەتلەر گە چىن پۈتىدىغانلار ئەتىراپىمىزد قانچىلىك تېپىلار...قەلەملەرگە قۇۋۋەت ،شائىرغا نۇسرەت يار بولسۇن.

ۋاقتى: 2015-12-7 23:08:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەرنى ھاياجان ئىلكىدە ئوقۇدۇم....داۋامىنى تېزراق يوللىغايسىز.....

ۋاقتى: 2015-12-8 00:22:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   تېخى بىكىمىگەن ئەسەرنى ئالدىراپ تورغا يوللىمىغۇلۇق، بەلكىم ئۆگەرتىش كىرگۈزۈش مۈمكىن، فىلىمى پۈتكەندە بىراقلا يوللىساق تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.

ۋاقتى: 2015-12-8 09:54:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەقەززا قىلماي ئاخىرىنىمۇ پۈتتۈرۈۋىتىڭ بۇرادەر. ئادەمنى ئويغا سالىدىغان ئەسەركەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qongkurqak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-8 09:56  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش