كۆرۈش: 151|ئىنكاس: 0

يولچى: ھەقىقى كارتىنىلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ھەقىقى كارتىنىلار
ياسىن ئابدىكىرىم يولچى

مەن بۇ ماقالىنى يېزىشتىن ئاۋال ناھايىتى كۆپ ئويلاندىم.
سەۋەپ،مەنمۇ بىر ئوقۇتقۇچى.ئوقۇتقۇچىنىڭ يىغىرىنى تارتىلاش،ئوقۇتقۇچى ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش ئەزەلدىن مىنىڭ پىكىر قىلىش پىرىنسىپىمغا خىلاپ.شۇنداقتىمۇ ئەتىراپىمدىكى ئاز بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زىممىسىدىكى ۋەزىپىسىنى،شان-شەرەپ تۇيغۇسىنى ۋە مەجبۇرىيىتىنى تونۇشىنىڭ يىتەرسىز بپلىشى،كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق روھى،ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيىشى،ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنىڭ كەملىكى مىنى ئويلاندۇرۇپ قويدى.ئۇلارنى ئويغىتىپ قويۇش،توغرا يولغا باشلاش،يىتەكلەش مەجبۇرىيىتىم بولغانلىقى ئۈچۈن قەلەمنى قولۇمغا ئىلىشقا مەجبۇر بولدۇم.كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ <بولسا تۈزىتىش،بولمىسا دىققەت قىلىش>پوزىتسىيىسىدە مۇئامىلە قىلىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆتىنىمەن.

(1)

  -كېچىكىپ قالدىڭىزغۇ؟
-...
-ئۆيدە سائەت يوقما؟
-...
-بىز ئۇيغۇرلاردا سەھەر تۇرۇش ئەلمىساقتىن تارتىپ داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان ئەنئەنە تۇرسا،
ئەجەبا ئاتا-ئانىڭىز كۈن چۈش بولغىچە ئۇخلامدۇ؟
-...
-گەپ قىلىڭە!نىمىشقا كېچىكتىڭىز؟نىمە ئىش بولدى؟
-...
-مەن ساڭا گەپ قىلىۋاتىمەن،تۈنۈگۈن سائەت نەچچىدە كىلىڭلار دىگەن،ھە! گەپ قىلە!
-...
-ئېشەكتەك كۈن چۈش بولغىچە ئۇخلىماي ،سەھەر كەل بولامدۇ؟! ۋۇ...
...
   بۇ بىر سىنىپ مۇدىرىنىڭ سىنىپ ئىچىدە كېچىككەن ئوقۇغۇچىنى دەل ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلغان كۆرنىشى.بىر سائەتلىك دەرىسنىڭ كەمدىگەندە 10مىنۇت ۋاقتى شۇنىڭ بىلەن ئۆتتى...
ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەر بىر ئېغىز ۋارقىرپ – جارقىراشلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرىكىنى
يېرىۋەتكۈدەك بولۇپ،ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن بىر خىل قورقۇنۇش،ۋەھىمە ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى...

(2)

-مۇئەللىم ماۋۇنى بىر چۈشەندۈرۈپ قويىسىڭىز بوپتىكەن.
-نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ،نىمىنى ؟! ساراڭما مەن!بىر سائەتتىن بۇيان ئېغىزىمدىن كۆپۈك
چىقىرىپ سۆزلىگەندە نەدە ، نىمە ئىش قىلغان ؟ سىنىپتا بار ئىدىڭغۇ؟
-خاپا بولماڭ مۇئەللىم،بولدى سورىمىدىم.
-مەن نەدە خاپا بولدۇم؟ سەنزە مىنى سۇئال سورىسا خاپا بولىدىغان مۇئەللىم دەپ
قالدىڭما؟
-ياق مۇئەللىم،شۇكىچىككىنە يىرىنى تازا چۈشىنەلمىدىم،شۇڭا...
-بۇندىن كىيىن دەرىس سۆزلىگەندە دېققىتىڭنى يىغىپ ئولتۇر ماقۇلما؟
  قوڭغىراق چېلىندى،ئوقۇتقۇچى ئالدىراشلا سىنىپتىن ئايرىلدى،ئوقوغۇچىنىڭ سورىغان سۇئالى جاۋاپسىز قالدى...
(3)
-پاراڭ سالماي ئولتۇرۇڭلار!
سىنىپتا پاراڭ ئۈزۈلمىدى.
-پاراڭ سالماڭلار دېدىم!!-ئوقۇتقۇچى ئاۋازىنى ئۈنلۈك چىقىرىپ ۋارقىردى.لىكىن سىنىپ
ئىچى ھىچ تىنىچلىنىدىغاندەك ئەمەس .
-يىغىشە زۇۋانىڭنى ۋۇ مەرەزلەر!
پاراڭ يەنىلا بېسىقمىدى.سىنىپنىڭ بىر بۇلىڭىدىن بىردىنلا قاقاقلاپ كۈلگەن كۈلكە ئاۋازى
بىلەن تەڭ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاچچىقتىن پۇت-قوللىرىنى تېتىرەك بېسىپ،مىڭىسى پارتىلاپ كەتكۈدەك
بولۇپ كەتتى.
-نېمىشقا كۈلىشىسەن؟بىر يىرىم ئوچۇق قاپتۇما؟ ۋۇ لالمىلار...
بىر سائەتلىك دەرىس ئەنە شۇنداق ۋاراڭ-چۇرۇڭ،تىل-ئاھانەت ئىچىدە ئاخىرلاشتى.قوڭغىراق چىلىنىشى بىلەن تەڭ،ئوقۇتقۇچى خۇددى يەلكىسىنىبىسىپ تۇرىۋاتقان يۈكنى ئىلىۋاتقاندەك بولۇپ ، <ئۇھ...>دىگىنىچە سىنىپتىن پۇتىنى ئارانلا ئىلىۋالدى.ئوقۇغۇچىلارنىڭ كوللىكتىپ ئورنىدىن تۇرۇپ :
-خەير-خوش مۇئەللىم جاپا چەكتىڭىز،
بىر سائەتلىك دەرىسنى ھارام قىلدىڭىز،-دىگەن سۆزلىرى قۇلىقىغا كىرىپ چىقمايىتتى...

(4)
-ھەي،ھەي ،قاراڭلار،ئاۋۇ بىزنىڭ ××ئۆتىدىغان مۇئەللىم شۇمۇ نىمە؟
-ھە...،شۇكەن! توۋا...
  ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۈستىباشلىرى توپىغا مىلەنگەن بولۇپ،ھېلىلا مەستلىكتىن خۇدىنى بىلمەي
ئىشتىنىنى ھۆللىۋەتكەن ئىدى...

(5)
  ئوقۇتقۇچى سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆز تالانتىنى نامايەن قىلىشنى مەخسەت قىلغان بىر
قېتىملىق پائالىيەت تەشكىللىدى.ئوقوغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى ناخشا ئېيىتسا ،بەزىلىرى ئۇسسۇل ئوينايىتتى؛بەزىلىرى يۇمۇر ئېيىتىپ ھەممەيلەننى كۈلدۈرسە،يەنە بەزىلىرى تېپىشماق،ھېكايە،چۆچەك،شېئىر ئوقۇپ دىگۈدەك سىنپ ئىچىنى قاينام تاشقىنلىققا چۈمدۈرۋەتتى،ھەتتا بەزى ساۋاقداشلار گەپدانلىق ماھارىتى بىلەن بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتنىڭ تېلىۋىزوردىكى بىر قىسىم پىروگىراممىلاردىنمۇ بەكرەك قىززىغانلىغى توغىرسىدا بىر ھازا ۋەز ئېيىتتى،ساۋاقداشلىغاۋە ئوقۇتقۇچىلىرىغا مەمنۇنلىقىنى بىلدۈردى. شۇ ئەسنادا سىنىپ ئىشىكى ئېچىلىپ ،مەكتەپ مۇدېرى سىنىپتىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭدىن بېزار بولغاندەك سىنىپ مۇدېرىغا سەت بىرنى ئالايدى ۋە :
-نىمە ۋاراڭ-چۇرۇڭ بۇ؟! بالىلارنى مۇشۇنداق تۇتامسىز؟سىز نىمە ئىش قىلىدىغان
ئادەم؟ ...،-دىگەندەك بىر قاتار سۇئاللارنى ئوقۇتۇچىغا قويۇپ،قالغان گەپ-سۆزنى مەمۇرىيەت يىغىنىدا قارار قىلىش توغىرىسىدا دوق قىلىپ سىنىپتىن ئايرىلدى.ئوقۇتقۇچى چۈشەندۈرۈشكىمۇ ئۈلگۈرمەي ئوقۇغۇچىلاردىن خىجىل بولۇپ،يۈزىگە ۋاللىدە قىزىللىق يۈگۈردى.سىنىپ ئىچى تىمتاس ئېدى.ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىسىغا ھىسداشلىق نەزىرى بىلەن تىكىلەتتى...

(6)
-بالام،سەن تېخى كىچىك ،كىمدىن ئۈگەنگەنسەن ئۇ ئىشلارنى!
قىز ھىچ ھېيىقماستىن دادىسىغا قاراپ:
-بىزنىڭ××ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىمىز  <قىز بالا دىگەن ئۆزىمىزنى كۈندە ياساپ،چىرايلىق يۈرىشىمىز كېرەك،گىرىملەر دىگەننى قىلىپچۇ،ھە،...زىبۇ-زىننەت دىگەننى پۇلى بار ئادەم تاقايدۇ،...باشقىلارغا  ئىمكان بار چىرايلىق ھالىتىمىزنى كۆرسىتىشىمىز لازىم...> دەيدىغۇ؟
  دادا يۈزىنى مايمۇندەك بويىۋالغان،چېچىنى غايرى قىلىۋىلىپ،تار ئىشتان،تار كۆينەكلەر
بىلەن ئەۋرەتلىرى مانا مەن دەپ پولتىيىپ چىقىپ قالغان قىزىغا قاراپ يەنە ئاغزىنى ئۆمەللىدىيۇ،كۆڭلىگە بىر نەرسىنى پۈككىنىچە ئۆيدىن ئايرىلدى.

2015-يىلى يەكەن


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-7 19:14  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش