ئاخىرلاشمىغان لەتىپە(4)
مەخەت ئابدۇرېھىم:
نەسىردىن ئەپەندى ياۋرۇپا قىتئەسىدىكى خەلقارا ئېلىكتىر-ئېنىرگىيە شىركىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدسوننىڭ توي-مەركىسىدە،ئۆزى قاتتىق،تەمى تاتلىق بىر تەستەكنى نىسىگە يەپ،ئىدسون بىلەن خوشلاشمايلا ئۆيگە قايتاي دەپ تۇرىشىغا،ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دىگەندەك ئەڭ يېقىن ئاغىينىسى ھىسام چاقچاقنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىدىن سۈنئى ھەمرانىڭ ئۇلىنىش تورىدىن قول تىلفۇنىغا ئۇچۇر كىلىدۇ.
نەسىردىن ئەپەندى ئەڭ يېقىن ئاغىينىسى ھىسامنىڭ مىيت نامىزىغا ئۈلگۈرۈپ باراي دەپ،مەيدە يانچۇقىدىكى تىك ئۇچار ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ ئاسىيا قىتئەسىنىڭ غۇلجا رايۇنىدىكى خەلقارا ئايدۇرۇمغا قونۇپ تۇرىشىغا،غۇلجىنىڭ مەرگىزىدىكى،ھىسام چاقچاق سەنئەت سارىينىڭ باش دىرىكتورى؛-باھادىر بوۋاي بىلەن ئۇچۇرشۇپ قالىدۇ.
- ئەسسالامۇئەلەيكۇم،نەسىردىن ئەپەندىم،نىمە ئىش بىلەن كىلپ قالدىلا بۇ غۇلجىغا؟؛-قىزغىن سالاملىشىپ تۇرۇپ سورىدى باھادىر بوۋاي.
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،ھۆرمەتلىك باھادىر بوۋاي،ئاغىينەم ھىسامنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ مىيىت نامىزىغا داخىل بولاي دەپ كەلدىم.
- ئىشەك مىنمەي ئايرۇپىلان بىلەن كەلگەنلىرىدىن قارىغاندا يىراقتىن كەپلا-دە.
- شۇنداق،ئىدسوننىڭ تويىدىن كەلدىم.
- يۈزلىرى قىزىرىپ كىتىپتۇ،تويدا قىززىق تاماق يىگەن ئوخشىمامدىلا؟
-ياق،ھەم قاتتىق ھەم تاتلىق ھەقسىز تاماق يىدىم.
- بۇ، ياۋرۇپاچە تاماق ئوخشىمامدۇ؟
- بۇ. ئىدسون كەشىپ قىلغان زەررەتلىك تاماق ئىكەن،بەلكىم رىياكسىيە بەردى بولغاي،
بۇ مۇنداق ئىش،ئىدسوننىڭ قېرىغاندا قىلغان تويىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئالتۇن ئۈزۈكنى ئىدسوننىڭ ئايالىنىڭ قولىغا سېلىپ قوياي دەپ قولىنى تۇتىشىمغا ئىدسون كىلىپ يۈزۈمگە بىر كاچات ئۇرغان ئىدى،يۈزۈمدىن چاقماق چاققاندەك ۋاللىدا بىر ئوت چىقتى-دە يۈزۈم قىزىرىپ كەتتى دىسلە.بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى ئدسوندىن سورسام،ئۇ دىدىكى ھەي ھۆرمەتلىك نەسىردىن ئەپەندىم يۈزلىرىگە بىر تەستەك ئۇرۇشۇم بىرىچىدىن ،ئۆزلىرىنى قىزغىن قارشى ئالغانلىقىم،ئىككىنچىدىن،سۈركىلىشتىن زەررەت ھاسىل قىلغان كەشپىياتىمنى ئەمىلى مىسال ئارقىلىق بىۋاستە كۆرسەتكەنلىكىم، بەلكىم بۇنىڭدىن قارمۇ-قارشى زەررەتلەرنىڭ تارتىشىدىغانلىقىنى،ئوخشاش زەررەتلەرنىڭ تىپىشىدىغانلىقىنى،سۈركىلىشتىن زەررەت ھاسىل بولىدىغانلىقىنى چۈشۈنىپ يەتتىڭز، ئۈچۈنچىدىن،سىزگە بەرگەن توي سوغىتىمنى كۆپچىلىك
ئالدىدا كۆرسەتكەنلىكىم،-دەپ بولۇپلا ئايالىنىڭ قولىدىن تۇتقان پىتى ھويلىسىغا كىرىپ كەتتى،مەنمۇ ئىدسوننىڭ تويى توغرۇلۇق بىر لەتىپە يېزىپ قوياي دەپ تۇرشۇمغا بۇ ئۆلۈمنىڭ خەۋىرى كەلگەچكە بۇياققا قايتىپ كەلدىم.
باھادىر بوۋاي نەسىردىن ئەپەندى يەتكۈزگەن بۇ ئۇچۇرلاردىن تەبىئەت،جەمىيەت ۋە تەپەككۇرنىڭ قانۇنىيەتلىرى ھەققىدە يېڭى تەسىراتلارغا ئىگە بولغان بولسا كىرەك،نەسىردىن ئەپەندى بىلەن ئاسىيا قىتئەسىدىكى ئادەملەر مۇناسىۋىتى ھەققىدە قىزغىن سۆزلىشىشكە باشلىدى.
-نەسىردىن ئەپەندىم،سىزنى ئاسىيا قىتئەسىدە قانداق كىشلەر ياخشى كۆرۈدۇ،قانداق كىشىلەر يامان كۆرۈدۇ،سىز راستىنى دەيسىز،مەن ئۇنىڭ سەۋەبىگە ھۆكۈم قىلاي،بولامدۇ؟
- مىنى دوختۇرلار،ساقچىلار،ئىدارىنىڭ باشلىقى،بالام ياخشى كۆرمەيدۇ.
-سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىز ياخشى ئىكەن.دوختۇرخانىغا كىسەل داۋالاتقىنى بارمايدىكەنسىز.
شۇڭا دوختۇرلار يامان كۆررىدۇ.سىزنىڭ قانۇن قارشىڭىز ياخشى ئىكەن، جىنايەت ئۆتكۈزمەيدىكەنسىز،شۇڭاساقچى يامان كۆرىدۇ،سىز بىلىملىك،قابىلىيەتلىك ئىكەنسىز باشلىقىڭىز يامان كۆرىدۇ.سىز بالىڭىزغا مەن ئۆلۈپ كەتكەندە مال-مۈلۈكلىرىمنى ساڭا مىراس قالدۇرىمەن دەپتىكەنسىز،ئەمما ھازىرغىچە ھەم ئۆلمەپسىز ھەم مال-مۈلىكىڭىزنى بالىڭىزغا بەرمەپسىز،شۇڭا بالىڭىز يامان كۆرۈدۇ.
- مىنى بايلار،بانكىدىكىلەر،نەۋرىللىرىم ياخشى كۆرۈدۇ.
-سىز بايلارغا بېقىنىپ،تەلمۈرۈپ ياشايدىكەنسىز.شۇڭا بايلار ياخشى كۆرۈدۇ. بانكىدىن ئالغان قەرزىڭىز كۆپ ئىكەن،بىر ئۆمۈر تاپقان پۇلىڭىزنى بانكىغا تاپشۇرىدىكەنسىز،شۇڭا بانكىدىكىلەر ياخشى كۆرۈدۇ.باللىرىڭىزنىڭ خىزمىتى ئالدىراش،ئويان-تاماششەلىرى كۆپ بولغاچقا باللىرىنى بېقىشقا ۋاختى يەتمىگەچكە باللىرىنى سىز بېقىپ بىرىدىكەنسىز،شۇڭا،سىزنى نەۋرىللىرىڭىز ياخشى كۆرۈدىكەن.
-مەن خىزىرغا يولۇقۇپتىمەن،خىزىرغا.باھادىر بوۋاي ئۆزلىرى بەك توغرا ھوكۈم قىلدىلا،دىگەنلىرى تامامەن توغرا،-دەوپ تۇرىشىغا باھادىر بوۋاي نەسىردىن ئەپەندىگە ھىسامنىڭ نامىزىغا بېرىشقا تەكلىپ بەردى.
نەسىردىن ئەپەندىم نامازغا ماڭغاچ باھادىر بوۋايدىن مۇنداق بىر سۇئالنى سوراپ قالدى؛
-ھىسام بىلەن ئىككىمىز ئوخشاشلا چاقچاقچى،ئوخشاشلا ئەر،شۇڭا قەۋرە بېشىدا ئىككى ئوخشاش زەررەت تىپىشىپ قالارمىزما،ئىدسون ئوڭ تەستىكەمگە ئۇرغان ئىدى،ھىسام سول تەستىكەمگە ئۇرمىسۇن يەنە؛-باھادىر بوۋايغا كۈلۈپ قارىدى نەسىردىن ئەپەندى.
-سىلەر ئىككىڭلار ھازىر ئوخشاش زەررەتلەر ئەمەس،ھىسام ئۆلۈك،نەسىردىن ئەپەندىم ئۆزلىرى تىرىك،بەلكىم قارمۇ-قارشى زەررەت بولوپ بىر بىرىڭلارنى تارتىشامسىلە تېخى.
نەسىردىن ئەپەندى باھادىر بوۋاينىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بىر ئاز جىددىلەشكەندەك
بولوپ،-ھىسام چاقچاقتا مەندىن يامانراق ئىدى،ھەم ھازىر قارمۇ-قارشى زەررەت بولوپ
قالدۇق،غۇلجا ئۇنىڭ ئانا يۇرتى،ئۇ ئۆلەپ بولدى ،ھېچنىمىدىن قورقمايدۇ،مىنى گوغا تارتىپ كەتمىسۇن،خەيىر-خوش دوستۇم،ئامان بولوڭ؛-دەپلا يانچۇقىدىكى تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ قەدىمقى قەلئەگە ئۇچۇپ كەتتى.باھادىر بوۋاي ھېلى ئاسمان پەلەككە،ھېلى قەۋرە كۆمەككە قاراپ تۇرۇپ قالدى.
مەخەت ئابدۇرېھىم:
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-7 12:12