سەن كەلمىگەن ئەشۇ ئاخشىمى
ئوسمانجان زۇنۇن
يۇلتۇزلىرى ئۆچتى كېچەمنىڭ،
سەن كەلمىگەن ئەشۇ ئاخشىمى.
كىرپىكىمدە تۈنىدى بۇلبۇل،
لەۋلىرىدە قىپقىىزىل چوغلۇق،
ھالسىز ئوقۇپ چۇل-چۇل ناخشىنى.
سەن كەلمىگەن ئەشۇ ئاخشىمى.
كۆزلىرىمنى يىمەكتە ھىجران،
چاچلىرىڭدەك زۇلمەت كېچىدە.
چۈشلىرىمدىن قاچقان سېغىنىش،
ئېزىتقۇغا يەم بولۇپ شۇدەم،
جان بەرمەكتە قاننىڭ ئىچىدە.
چاچلىرىڭدەك زۇلمەت كېچىدە.
تۈندە كۆيگەن ۋەدىمىز ئۈچۈن،
ئاينىڭ يۈزى بولدى قاپقارا.
توڭلاپ ياتتىم يالقۇندەك كۆيۈپ،
قىزىل گۈل دەپ،تىكەننى سۆيۈپ،
يۈرىكىمدە يىغلايدۇ يارا.
ئاينىڭ يۈزى بولدى قاپقارا.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-7 08:43
|