يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 278|ئىنكاس: 1

ئازىق: چىراغ نۇرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
چىراغ نۇرى




قۇربانجان توختى ئازىق



ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ ئۆيى مەكتەپ قوروسى ئىچىدە ئىدى،بولۇپمۇ بىزنىڭ ياتاق بىناسىمىزنىڭ دەل ئۇدۇلىغا توغرا كىلەتتى.ھەمىشە كەچلىك مۇزاكىرىدىن قايتقاندا،مۇئەللىمنىڭ تىنماي دەرس تەييارلاۋاتقانلىقى،تاپشۇرۇق تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇراتتۇق.شۇ سەۋەپتىنمىكىن،مۇئەللىم ھەممىمىزنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە نائىل ئىدى.
مۇئەللىمنىڭ ئۆيىدىكى بۇ مەنزىرىنى ئەك كۆپ كۈزىتىدىغان ئادەم مەن بولسام كېرەك،ساۋاقداشلىرىم پات-پات چىشىمغا تىگىپ:
ــــ مۇئەللىمگە ھەۋەس قىلىۋاتامسەن ياكى ئۇنىڭ ئۆيىگىمۇ؟-دەپ چاخچاق قىلىشاتتى.
ساۋاقداشلىرىم راست دەيدۇ،مۇئەللىمگە ھەۋەس قىلىۋاتقان بولسام كېرەك.چۈنكى،ئوقۇتقۇچىلىقنىڭ بۈيۈك سىماسى ھەركۈنى دىلىمغا ئوت-ھەۋەس سېلىپ،گۈزەل ئارزۇلارغا باشلىماقتا ئىدى.
جىمجىت كېچىدە،مۇئەللىمنىڭ ئۆيىدىن كىتاپ،دەپتەرنىڭ بىربەت-بىربەتتىن ئۆرۈلگەن ئاۋازى،خەت يېزىۋاتقاندىكى قەلەم تېۋىشىدىن بۆلەك باشقا ئاۋاز ئاڭلانمايتتى.يولدىشى ۋە باللىرى ئاللىبۇرۇن ئۇيقۇغا كەتكەن بولۇپ،تىرىشچان،جاپاكەش بىر ئىنساننىڭ بۇنداق ئېسىل مەنزىرىسىنى كۆرۈشكە شاھىد بولالماي قالغانىدى.ئەلۋەتتە،مەن ھەركۈنى مۇئەللىمگە ھەمراھ،ئۇنىڭ قەلبى بىلەن بىر سىزىق ئۈستىدە ئىدىم.
روجەكتىن روجەككە چۈشۈۋاتقان چىراق نۇرى مېنى مۇئەللىم ئۈستىدە خىيال قىلىشقا باشلايتتى.دېرىزە تۈۋىدە تۇرۇپ مۇئەللىمگە ئۈنسىز پىچىرلاپ باقتىم:
ـــ مۇئەللىم،سىز قاچانغىچە خىزمەت قىلىسىز؟قاچانمۇ بۇ چارچاشلاردىن قۇتۇلىسىز؟قولىڭىزدىكى قەلەم قاچان يېزىشتىن توختايدۇ؟قاچان ئۇيقۇنى چىللايسىز؟بەلكىم،بىزدەك ئوقۇغۇچىلىرىڭىز ياراملىق بولۇپ يىتىشىپ چىققاندا،چاچلىرىڭىز ئاقرىپ،قولىڭىزدا قەلەم تۇتالمايدىغان بولۇپ قالغاندا،ئاندىن ئۆزىڭىزگە ۋاقتىڭىز يىتىشى مۇمكىن.قانچە يىل،قانچە كۈن،قانچىلىغان سائەتلەر سىزنىڭ ياشلىق باھارىڭىزنى ئوغۇرلىغان،ھازىرغىچە ئۆچۈرۈلمىگەن چىراق نۇرلىرى كۆز نۇرىڭىزنى قانچىلىك خۇراتقان-ھە!سىز ھەربىر ئوقۇغۇچى ئۈچۈن ئاز بولمىغان ئەقىدىلەرنى قىلدىڭىز،كېلەچەك ئۈچۈن دەپ ئۆزىڭىزنى دېگۈدەك ئۇنتىدىڭىز،ياق،تامامەن ئۇنتۇپ كەتتىڭىز.كەچ ياتقىنىڭىزغا قارىماي،يەنە سەھەر ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ،ئائىلە ئىشلىرى ئالدىراشچىلىقىدا ناشتا قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي مەكتەپكە چاپتىڭىز.كېسەل بولۇشلارغا پەرۋا قىلماي مۇنبەردە ئىزچىل دەست تۇردىڭىز،داجىپ باقمىدىڭىز.كۈنلەر بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتتى،سىزنىڭ ئاشۇ ئەستايىدىللىقىڭىز ئۆزگەرمىدى،لېكىن ئۆزگەرگىنى چېكە چاچلىرىڭىز ئاقاردى،كۆز نۇرىڭىز خىرەلىشىپ،كۆزئەينەك تاقايدىغان بولدىڭىز.مۇئەللىم،ئەجرىڭىزگە رەھمەت،سىز سەپكەن نۇرلار بىزنىڭ قەلبىمىزگە مەڭگۈ مەشئەل.
بىردىنلا ساۋاقداشلىرىمنىڭ مېنى چاقىرىپ:«ئەمدى ئۇخلىغىن،چىراقنى ئۆچۈرىمىز»دېگەن ئاۋازىدىن ئېسىمگە كەلسەم،دېرىزە تۈۋىدە مۇئەللىمنى كۈزۈتۈپ شۇ خىياللارغا كېتىپ قاپتىمەن.بىز چىراغنى ئۆچۈرۈپ ئۇخلىدۇق،ئەمما،ھېلىقى ئۆينىڭ چىرىقى تېخىچە....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-6 23:32  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-25 08:27:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەرنىڭ ژانىرىنى ئېنىق ئەسكەرتىشكە ئەھمىيەت بېرىڭ!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش