كۆرۈش: 222|ئىنكاس: 5

سايرامى قىزى: ئاتام كەتتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئاتام كەتتى
(مەرھۇم ئاتام مۇھەممەتجان سىدىق سايرامىدىن ئايرىپ)

سەرۋەر مۇھەممەت سايرامى

ئاتا قەددى ئەسلى قەددىمىز،
ئاتا دىگەن يۈكسەك تېغىمىز.
ئاتا كەتتى يوقالدى ئامەت،
بىللە كەتتى باتۇرلىقىمىز.

ئاتام كېتىپ باشقا غەم چۈشتى،
قەدىم ئۆيلەر قالدى چۆلدەرەپ.
ئاق قەغەزنى باستى غېرىبلىق،
«قەلەم» يىغلىدى تۈندە ئۆندۈرەپ...

ھەيھات! دادا يىغلاپ نە قىلاي،
زار يىغلاشتىن توختىدى يېشىم.
سەندىن ئۈدۈم شائىرلىقىممۇ،
ھەقلىق سېنى ئەسلەش، ئىزدىشىم.

پىكىرلىرىڭ ھەقنىڭ پەرۋازى،
ئىش- ئىزىڭدا يوق ئىدى بوياق.
ماڭا بايراق 75 يېشىڭ،
سەن قەلبىمدە، تا باشتىن- ئاياغ.

يىغلىدى يەر، يىغلىدى ئاسمان،
سېنى ھەجەپ بالدۇر كەتتى دەپ،
«دەنا» تۈگىسە، يىغلار مىڭ دۇنيا،
تەغدىر باشقا ، قىممەت باشقا گەپ.

كۆكتە تىتىرەر قەلبىم تارىسى،
نۇرلۇق چېھرىم ئوخشار چېھرىڭگە.
سەندە قالدى دەرتلىق كۆز يېشىم،
قانداق چىداي ئاتا! ھېجرىڭگە.

2015- يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-6 16:30  

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-6 16:18:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سايرامى قىزى قەلىمىڭىزگە بارىكاللا، سېزنىڭ «سايرام»ئىلھاملىرى ناملىق كىتابلار توپلىمىدا شۇنداقلا «بورتالا ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ 1- سانىدىكى شېئىرلىرىڭىزنىڭ تىلى ئۆتكۈر، تۇرمۇشتىن ئالغان ھېسىياتلىرىڭىزنى ھەر بىر مىسراغا سىڭدۈرۈپ كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەنلىكىڭىزدىن سۈيۈنىمىز، ھەر قايسى گېزىت ژورناللاردىكى  شېئىر ئەسەرلىرىڭىزگە تېخىمۇ بەرىكەت تېلەيمىز.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-6 16:58:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تولا
سايرامى قىزى

ئاسمىنىمنى تۈن دېمە، تۈنلەردە پەرۋانە تولا،
جانكى سەنسىزمۇ ئارام، سۆيسەمكى مەردانە تولا.

خالىغان چاغدا شېغىمدا، مەن ساڭا ئالما ئەمەس،
بۇ ھايات چەكسىز دېڭىز، سۈزسەمكى دۇردانە تولا.

گۈل ئىدىم، ئۆمرۈمكى گۈلدە بەرگى ياپراغىم گۈزەل،
قانچە ئاشىق ئۈزدى جان، ئىشقىمدا ۋەيرانە تولا.

يول ئۇزاق، ئۇشبۇ ھاياتنىڭ بىرسى جەڭ، توققۇزى رەڭ،
سۆيگۈسىز قايدا ۋىسال، ئاشىققا ئەفغانە  تولا.

مېنى يىگانە دىمە، بىر جان ئەمەس، مىڭ جاندا مەن،
  سەرۋىرى سايرامدا ھۆر، كۈلكەمگە دەۋرانە تولا.

«بورتالا ئەدەبىياتى» 1-سانىدىكى بۇ غەزەل ۋە«شۇمىكىنيا ھايات دىگەن»،«قاپتۇ» دىگەن ئەسەرلەر ناھايىتى مەزمۇنلۇق ھەم تېلى ئۆتكۈر ، چۈشىنىشلىك چېققان. بۇندىن كېيىنكى ئەسەرلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ مول -ھوسسۇلۇق بولۇشىغا تېلەكداشمىز.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-6 16:58:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ۋاقتى: 2015-12-6 22:39:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم  مۇھەممەتجان سىدىق سايرامىنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-12-7 11:21:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلى يەڭگىل،مەزمۇنى تىرەن ،بەلگىلىك ئارقا كۆرۈنۈشكە ئورالغان تىندىنتسىيەلىك شېئىرلارنىڭ مۇئەللىپى مۇھەممەتجان سىدىق سايرامى يۇرتىمىزدىكى پىشقان ھەم ۋەزنى بار شائىر ئۇزتازلاردىن ئىدى،ئۇنىڭ پانىدىن باقىغا قىلغان سەپىرىنىڭ خەيرلىك بولىشىغا ،ئىمانىنىڭ سالامەت ،نام ئەمالىنىڭ ئوڭ تەرەپتىن بېرىلگەنلەر قاتارىدا بولىشىغا تىلەكداشمەن، شۇڭا كۈنكى تۆلەندىن ئەزىم زۇليارى ئاكىنىڭ ئوقۇغان تەزىيە نۇتقى مەرھۇمنىڭ ھايات تارىخى ئۈچۈن بىسىلغان بىر ئۆچمەس مۆھۈر .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش