سويۇلىۋاتقان شاكال
(نەسر)
قەلبىنۇر ئىلياس
ھاياتلىق باغچىسىدا، ئادەملەرنىڭ ئىستېمالىغا قاراپ باراقسان بولغان بىر دەرەخ بار بولۇپ، ئۇنىڭ تەپەككۈر شېخىدا ھەرخىل مېۋىلەر ساڭگىلاپ تۇراتتى .
بۇ مەي باغلىغان مېۋىلەر ، ئۆزىنىڭ تاشقى پوستى ئارقىلىق ، ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ئۆزگىچە رەڭ ۋە شەكىلگە ئىگە قىلىپ ، كۆز جېلۋىسىنىڭ ئىشىكىنى ئاچقان ھالدا ، ئىنسان شەيدالىقىنىڭ سېھىرلىك ئالىمىدىن قارار تېپىش تاماسىدا ياشايتتى.
بىراق، مېۋە يېيىشكە ئامراق كىشىلەر ئۇنى قارام قوللىرىدا ئۈزىۋىلىپ ، ئەقىلسىزلىق پىچىقىدا پوستىنى ئاقلىدى . ئاندىن خىرامان ھالدا شەربەت تامچىلىغان قىسمىنى نەپسىنىڭ ئىشتىياقىغا تاپشۇردى . بىر تاتلىق لەززەت، ئۇلارنىڭ ئېغىز بوشلىقىدا يامرىدى ...
سويۇلۇپ كەتكەن شاكاللار، ئۆزىدە ئىنسان قىياس قىلىپ بولالمىغان ئوزۇقلۇق قىممەتلىرىنىڭ بار ئىكەنلىكىگە ئىنسان ئەقلىنى ئىشەندۈرۈپ بولالمىدى . ئۇنىڭ غەليانلىرى ئېتىبارسىز قالدى ...
ماھىيەتتە، ھاياتلىقنىڭ ئۆزىمۇ شەربەت بالقىغان مېۋە ئىدى. ئۇ ھامان ئۆز قەدرىنى مۇۋاپىق نىقاپ بىلەن پەردازلايتتى . ئىنسانمۇ ئۆز شاكىلىدىن سويۇلۇپ تۇراتتى . خۇددى ئالەم ئۆز پوستىنى يېرىپ چىقىپ ،ئاندىن يېڭى بىر يېپىنچىغا ئېرىشكەندەك ،شاكىلىدىن سويۇلغان ئادەملەر ، ئۆز دۇنياسىنىڭ مەخپىيىتىنى دۇنياغا ئاشكارلايتتى-دە، ئاندىن بۇنىڭ نامۇۋاپىقلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۆز شاكىلىنىڭ قەدرىگە يېتىپ، سىرلىق پەرداز بىلەن يەنە ئۆزىنى نىقاپلايتتى ...
دۇنيا مانا مۇشۇنداق قانۇنىيەت ئىلكىدە چۆرگلىسىمۇ، ئەمما ئىنسانىڭ شەخسىيەتچىلىكى رەزىللىكتە چەككە يەتتى . ئۇنىڭ قاراڭغۇ ئىدىيىسىنىڭ ھەر – بىر بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدىن ، ئاشكۈزلۈك مارىلاپ تۇراتتى .ئۇنىڭ بۇ بالاخور نەپسى سەۋەبىدىن، يەر شارىنىڭ پوستىمۇ شاكال بولۇپ ئاقلىنىپ بولدى...
سويۇلىۋاتقان شاكاللار چوڭقۇر سۈكۈت بىلەن دۇنيانىڭ ئۆز قەدىر- قىممىتىنى قىلىپ قويىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى. ئۇ ئۆز مۇھەببىتىنىڭ خورلىنۋاتقانلىقىدىن ئۆكىنەتتى .
ماھىيەتتە ئۇ ، مېغىزلارنى باغرىغا تېڭىپ ياشايتتى . بۇ ئۇرۇقچىلارنىڭ بىخەتەر ۋە ساغلاملىقى ئۈچۈن، ئۆزىنى ئۇنىڭغا نىقاب قىلىپ ياشىغان شاكاللارنىڭ قەلبىدىكى مۇھەببەتنى، ئۇ، ئۆزىلا بىلەتتى . ئۇنىڭ بۇ مەڭگۈلۈك ھەدىيەسى بەدىلىگە مېۋە ئىچىدىكى بارلىق مەنالار ، يارقىنلىق ۋە جەلىپكارلىقلار ، ئىنسان مەدھىيەسىگە نائىل بولدى. ئەمما ھېچكىم شاكاللارنىڭ مېۋىلەر ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدىغان بۇ خىل پەزىلىتىگە قىممەت باھالىق تىل لېباسلىرىنى ئارتىپ باقمىدى .ئەڭ ئېچىنىشلىقى شۇكى، مېغىز ياكى شەربەتلەرنىڭ ئۆز شاكىلىدىن ئايرىلىپ قالسا شۇنچە تېز ئېچىپ قالىدىغانلىقى، شۇڭا شاكال بولۇپ يارىلىشنىڭمۇ ئۆزگىچە گۈزەللىكى ۋە ھېكىمىتى بار ئىكەنلىكى ھەققىدىكى لىللا داۋلىلار ئىنسان نەزىرىدىن ساقىت قالدى. ..
ئەمما ، شاكاللار ئىنسان ئەقلىدىكى بۇ يۈزسىزلىكنى تىلغا ئالمىدى. پەقەت ئۆز ئورنىنىڭ ئەخلەت ساندۇقىدا كۆيۈپ تۈگەيدىغانلىقىنى، ئىچىدە بىخەتەر تۇرغان جەۋھەرلىرىدىن شان – شەرەپ ۋە نەسەپ تالىشىشنىڭ نومۇسلۇق ئىش ئىكەنلىكىنىلا بىلەتتى . شۇ سەۋەپتىن ئۇلارنىڭ ئارمىنى ، قاپ- قارا ئىس تۈتەكلەر ئارىسىدا كۆيۈپ ياكى ئازگاللار ئىچىدە چىرىپ تۈگەيتتى.
سويۇلىۋاتقان شاكاللار، پەقەت ئۆز تېنىدە خوراۋاتقان ،ئىسراپ بولۋاتقان يوشۇرۇن بىر ئېنىرگىيەنىڭ ھازىدارى ئىدى .ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن سىرغىغان قان- ياشلار قارا داغ بولۇپ ، مەڭزىدە قېتىپ قالدى...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قەلبىنۇر ئېلياس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-7 11:02