ئاچكۆز ئاسلاننىڭ ئاقىۋىتى
(مەسەل)
زۇلپىيە ئىمام مۇھەممەد تامچە
ئالا مۈشۈك ئانىنىڭ ،
ئىككى ئوغلى بار ئىكەن .
بىرى تاغىل ئاسلانچاق ،
يەنە بىرى قاراكەن .
تاغىل ئاسلان بەك چېچەن ،
ئەدەپلىك ھەم ئىشچانكەن .
ئۈگۈنۈشتە تىرىشچان ،
ئىش –ئەمگەكتە پىشقانكەن .
ئانىسىغا ماسلىشىپ ،
تۇتار ئىكەن چاشقاننى .
ساقلايدىكەن بەك ھۇشيار ،
ئاشلىق باسقان ئايۋاننى .
شۇڭا ئانا مۈشۈكمۇ ،
رازى ئىكەن ئۇنىڭدىن .
ئۇمۇ ھەر چاغ ئانىنىڭ ،
ئايرىلماسكەن يېنىدىن .
قارا ئاسلان ئەكسىچە ،
بەكمۇ ھۇرۇن ئاچكۆزكەن .
مىھنەت قىلماي دائىملا ،
تەييارنىلا يەيدىكەن .
چاشقان تۇتماي پەقەتلا ،
ئۇخلار ئىكەن چۈشكىچە .
ئويغاق بولسا ئۇ بىلەن ،
ئارام يوقكەن ھەممىگە .
مۈشۈك ئانا ھەر كۈنى ،
تەربىيەلەپ تۇراركەن .
ماقۇل دەپلا «بەز قۇلاق»،
ئۆز كۇيىنى قىلاركەن .
بىزار ئىكەن ئۇنىڭدىن ،
بارچە قۇلۇم –قوشنىلار .
دىيىشەركەن بۇ كەپسىز ،
قاچانمۇ بىر ئوڭشىلار .
قارا ئاسلان بىر كۈنى ،
ئاپتاپ سۇنۇپ يېتىپتۇ .
ئويغىنىپلا تامدىكى ،
ئۆمۈچۈكنى كۆرۈپتۇ .
باشقىلاردىن قىزغىنىپ ،
كاپلا قىلىپ تۇتۇپتۇ .
ئانا تۇساپ بولغىچە ،
تىرىك پېتى يۇتۇپتۇ .
زەھەرلىنپ شۇ ھامان ،
ئوڭدىسىغا چۈشۈپتۇ .
ئاچكۆزلىكى دەستىدىن ،
تىن تارتىماستىن ئۈلۈپتۇ .
2015-يىلى دېكابىر ئۇچتۇرپان .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-6 01:51
|