قۇتاتغۇ بىلىك -روھىمىزدىكى يىلىك
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان ئاتاۋۇللا خەۋىرى،فۇتۇسى.
بۈگۈن قەدىمىي مەدەنىيەت بۆشۈكى ۋە ئىلىم مەرىپەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان ئەزىزانە قەشقەرنىڭ ئەڭ ئاۋات جايلىرىدىن ئارقا ئوردا كوچىسىنىڭ دوقمۇشىغا جايلاشقان قەشقەر « قۇتبىلىك كۇتۇپخانىسى » يەنە شادلىققا چۆمدى. بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 10دا بۇ كۇتۇپخانىدا « باغۋەنلەر كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى » ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ پائالىيەتنى شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، « كاشغەر مەدەنىيىتى » ژۇرنىلى تەھرىراتى بىلەن قەشقەر « قۇتبىلىك كۇتۇپخانىسى » بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. پائالىيەتكە شەھىرىمىزدىكى 10000مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچىلارغا ۋەكىل بولۇپ80نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى، مەكتەپ مۇدىرلىرى ھەمدە ھاجى مىرزاھىد كېرىمى، ئابلىز ئۆمەر ئانجانىي، ئابدۇرېھىم سابىت قاراخان، تۇرسۇن نىياز، ئۆمەر ئوسمان شىپايىتېكىن، ئابدۇرسۇل ئۆمەر قەشقىرى، ئوسمان مۇھەممەد قاراقۇتلۇق، زەيدىنجان مامۇت، ئابلاجان بوۋاقى، تاھىرجان ئاتاۋۇللا قوشماق، ئەسقەر ئەھمىدى، ، مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق، مېھرىگۈل ئابلىمىت، ئايپاشا تۇرسۇن...قاتارلىق مەدەنىيەت-تارىخ تەتقىقاتچىلىرى، شائىر-يازغۇچىلار، ئەدەبىي تەرجىمانلار، نۇرجان يۈسۈپتەك ئەلگە تونۇلغان كۈيچى بۇلبۇلللار ۋە ئوسمان نىياز ھاجىم، ئابدۇقەييۇمجانھاجىم قاتارلىق مۇشۇ كۇتۇپخانىنى قۇرغۇچى ساخەۋەتچى ئەزىمەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ 80 نەپەردىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.
بۇ پائالىيەتكە تونۇلغان ئاخباراتچى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، « كاشغەر مەدەنىيىتى » ژۇرنىلىنىڭ مۇائۋىن باش مۇھەررىرى ۋە مەسئۇل مۇھەررىرى ئابلىمىت سوپىھاجى رېسايەتچىلىك قىلدى ھەم ھەر بىر سۆزىدە كىتابنىڭ ھەممىدىن مۇھىملىقىنى، ھەممىمىزنىڭ پەقەت ۋە پەقەت كىتاب ئوقۇش ئارقىلىقلا ئۆزىمىزنى چۈشىنىپ، دۇنياغا يۈزلىنىپ، روھىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، ئەۋلادلارغا ھەقىقىي نەپ بېرىپ، كەلگۈسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنى ھەقىقىي تۈردە تەربىيەلەپ چىقىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار نىشانغا يېتەلەيدىغانلىقىمىزنى تەكىتلەپ، كىتابقا بولغان مېھرىمىز ۋە ئەتىگە بولغان ئىشەنچىمىزنى ئاشۇردى. پائالىيەت داۋامىدا مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ئابدۇرېھىم سابىت قاراخان، ھاجى مىرزاھىد كېرىمى، ئىبراھىم نىياز قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ كۆڭۈل سۆزلىرى ۋە بۈگۈنكى پائالىيەتتىن ئالغان تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى. كۇتۇپخانا قۇرغۇچىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى كۆپچىلىككە « قەشقەر ‹ قۇتبىلىك كۇتۇپخانىسى› باغۋەنلەر كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى» دېگەن خەت بېسىلغان خاتىرە سومكا، قەلەم ۋە ئالاھىدە خاتىرە تەقدىم قىلدى. كۆپچىلىك مۇشۇنداق پائالىيەتنى ھەردەم تەشكىللەپ تۇرۇش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. ئاخىرىدا كۇتۇپخانا ئىچىدە خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ، ھەممەيلەن«سۇلتان كاتتا چاي-تائاملىرى»دا غىزالانغاچ كىتاب ھەققىدە مۇتالىئە قىلىشتى.
, A$ s. F& ^4 G& d
5 k* ^! t1 r) @- t( i- s1 S [+ V
/ S/ e, h5 u6 F# O4 ^1 e& x& S1 N i. _7 r
6 l0 Z$ l8 F' u* a& g* _
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-5 17:11 " _( j0 i8 e- ~$ Y$ \
& ?- g& o- T5 O! b! a \4 L