ئىملاجان بىلەن ئىنكاسگۈل
ئۇيغۇر تور بىكەتلىرىدىكى ئىملا قالايمىقانچىلىقى مېنى ئويغا سالدى...
بىركۈنى ئېنتىرنتنىڭ دۇنياسىدا ،
قايسىبىر مۇنازىرە سەيناسىدا .
شىكايەت قىلغان ئىمىش ئىككى دەرتمەن ،
توردىكى كەچۈرمىشلەر توغرىسىدا .
مىچىلداپ ھال ئېيتىپتۇ ئىنكاس ئاۋال :
بولدىغۇ شۇكۈنلەردە نەرقىم پاخال .
تەر تۆكۈپ يازسا بىرسى ئىسىل تېما ،
سايرىشىپ شاتۇتىلار قىلدى ئۇۋال .
مۇنبەرگە ئېزىپ - تېزىپ كىرەمدىكىن ،
يارايسىز، ياخشى ...، دەپلا يۈرەمدىكىن .
ئەجرىگە باشقىلارنىڭ ھۆرمەت قىلىپ ،
تەپەككۇر قىلىپ باقسا ئۆلەمدىكىن ؟
ئىنكاس دەپ يازار تېخى قوچاقلارنى ،
ئوينىتىپ توقماق ، بېگىز ، پىچاقلارنى .
بىھۇدە ئازار بېرىپ باشقىلارغا ،
تېرىيدۇ زىدىيەتلىك چاتاقلارنى .
يازمىسا بولمامدىكىن يازالمىسا ،
يېزىشنى ئۆگۈنۈشتىن يالتايمىسا .
ئىنكاسنى كۆڭۈل قويۇپ يېزىڭ دېسە ،
غوتۇلداپ ، ئادەمگە سەت ئالايمىسا .
ئىككى-ئۈچ ئىسىم قويۇپ بىر جېنىغا ،
قىستۇرۇپ گۇپپاڭچىنى ھەم يېنىغا .
ھېلى ئوڭ ، ھېلى تەتۈر گەپ ئوينىتىپ ،
قىلمىسا تەخسىكەشلىك يېقىنىغا .
مېغىزلىق ، ئەھمىيەتلىك بولسا ئىنكاس،
دوستانە ئىناقلىققا تولسا ئىنكاس .
زارلىنىپ يۈرمەس ئىدىم مەنمۇ بۇنچە ،
مۇنبەرگە قىزىل گۈلدەك قونسا ئىنكاس !
ئىنكاس گۈل جىم بولۇپتۇ ئولۇغ تىنىپ ،
ساپ ھاۋادىن نەپەس ئاپتۇ قېنىپ - قېنىپ.
تەسەللى بېرىپ شۇئان ھاياجاندا ،
ئىملاجان گەپ باشلاپتۇ غەزەپلىنىپ :
نىزامدۇر ئىملا دېگەن تىل- يېزىققا،
تىل - يېزىق شەرت ئەمەسمۇ ھاياتلىققا .
بەزىلەر مېنى قەستەن بوزەك ئېتىپ ،
قالدىمغۇ شۇ كۈنلەردە خاپىلىققا .
بىرسى مېنى ئويناشقاندەك يېزىۋاتقان ،
بىرسى يەنە يېزىپ تۇرۇپ ئېزىۋاتقان .
چېكىت، پەش... بەلگىلىرىم بولۇپ سەرسان ،
ئۆزىنى غېرىپ- يېتىم سېزىۋاتقان ...
ئۇيغۇر تۇرۇپ ئۇيغۇرچە خەت يازالمىسا ،
يازسىمۇ ، سۆز- جۈملىلەر باغلانمىسا .
ماڭىمۇ ، ئۆزىگىمۇ ھۆرمەت قىلسا ،
نە بولۇر يۈرەك - باغرىم داغلانمىسا .
ئىملانى چوڭ بىلىدۇ ئۆزگە مىللەت ،
ئىملاسىز خەت يېزىشتۇر بىزدە ئىللەت .
تاپقاندەك ئىنسان ئەخلاق بىلەن زىننەت ،
يېزىقمۇ تاپار ئىملا بىلەن قىممەت .
بەزىلەر بۇ ھېكمەتنى بىلمەمدىكىن ،
بىلسىمۇ مېنى كۆزگە ئىلمامدىكىن ؟
ئېنتىرنېت دۇنياسىدا يېزىقىمىز،
سازايى بولسا خىجىل بولمامدىكىن ؟
دېگۈم بار شۇڭا دوستۇم دىققەت قىلىڭ ،
مەن ئەمەس ، ئۆزىڭىزگە ھۆرمەت قىلىڭ .
دېسىڭىز : قوغداي ئۇيغۇر يېزىقىمنى ،
كەمىنە ئىملاجاننى ئۈلپەت قىلىڭ !!!
2011-يىلى 3-سىنتەبىر
(ئاپتۇردىن ئىزاھ:بۇ شېئىرىم شائىر ئىنىم ئابدۇرىشىت ئېلى تەرپىدىن بۇرۇن بىرقېتىم مۇنبەرگە يوللانغان،زۆرۇرىيەت يۈزىسىدىن مۇنبەرداشلارنىڭ دىققىتىگە قايتا سۇندۇم)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-5 23:48