بىر ئاچچىق ئازابقا يۆلىنىپ خۇشاللىقلىرىمغا ناخشا ئېيتىپ بېرىۋاتىمەن ، دۇنيانىڭ ئۇ چېتىدە ئىنسانلار ئۇنتۇپ قېلىۋاتقان بىر نەچچە ھەرىپنىڭ قىيا-چىيالىرىدا سېنىڭ
سۇس ھەم مەغرۇر ئاۋازىڭ ئاڭلىنىۋاتىدۇ ...،ئۇلارغا ئۇنتۇلۇپ كەتمە ، دىدىم سۈكۈتلىرىڭگە جىمجىتلىقىمنى بەردىم !
2
ئەي، قىشنىڭ يۈرىكىنى باھار يىپلىرى بىلەن كەشتىلىگۈچى ، نىمانچە سەۋىرلىكسەن ، تاقەتلىرىڭگە تاغلار بېشىنى قويسۇن ؛
لىۋەنلەرنىڭ يۈرىكىگە ئوتلار ياققۇچى ، كۆيۈشلىرىڭ نىمانچە مەغرۇر ، مەغرۇرلىقىڭدا گۈللەرگە پەرۋىشكار بول؛
زىمىننىڭ ياشلىرىنى سۈرۈتكۈچى ، ئالقانلىرىڭ نىمانچە كەڭ ، پايانىڭغا ئاسمان باغرىنى ياقسۇن ؛
پەلەككە دەرىتلىرىنى سۆزلىگۈچى ، ئاۋازىڭ نىمانچە جىمجىت ، سۈكۈتلىرىڭ شاۋقۇنلاردەك قاينىسۇن ....
3
كەچمىش ھەم كەلمىشلىرىڭگە دۇئالىرىنى چېچىۋاتقان ناتىۋانلارنىڭ تىلەكلىرىدە سېنىڭ جىمجىت كۆيۈشلىرىڭ ھەم سۆيۈشلىرىڭ چىچەكلەيدۇ ؛
ئاشۇ ئېزىپ يۈرگەن بىر نەچچە ھەرىپنىڭ پىغانى سېنىڭ ئاياقلىرىڭغا بېشىنى قويىدۇ ؛
فېۋرالنىڭ يۈرىكىدە كۆكلىگەن چىنار ، باھارغا تۇتاشقان قەدەملىرىڭنىڭ يىشىللىقى ئەبەدىيلىكتىمۇ كۈزگە يىقىلمىسۇن ...
سەن كەلمىشلىرىڭگە باغرىڭنى ئاچ ، مەن ھەسىرەتلىرىڭگە تۆكۈلەي ...
|