تۇرسۇنئاي سۇلتان 1979-يىلى سىنتەبىر ئېيىدا توققۇزتارا ناھىيەسىدە زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كىچىكىدىن باشلاپ دادىسىنىڭ تەسىرى بىلەن كىتاب ئوقۇشقا ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، 2008-2009-يىللىرىدىن باشلاپ ئۇ تور ئەدىبىياتىغا قىزىقىپ توردا نۇرغۇنلىغان ھىكايە، پوۋىسىت، نەسىرلەرنى يېزىپ كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ شۇنداقلا يازغۇچى، شائىرلارنىڭ ياخشى باھاسى ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن تارتىپ «مىللەتلەر ئەدىبىياتى»،«تەڭرىتاغ»،«تارىم»،«ئىلى دەرياسى»،«تۇرپان ژورنىلى»،«كۈسەن مەدىنىيىتى»، «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق گېزىت-ژورناللاردا ئارقىمۇ ئارقىدىن ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان. 2012-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «تىۋىشسىز كېچىلەر»ناملىق توپلامغا ئىككى پارچە ھىكايىسى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭ «خىرۇستال قىز» ناملىق تۇنجى رومانى يېقىندا شىنجاڭ ياشلار –ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى.
ئۇ ھازىرشىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.