كۆرۈش: 251|ئىنكاس: 2

سەمەندەر(ت): مو خۈەيچى ـــ سەيلە (نەسىر)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سەيلە
(نەسىر)

مو خۈەيچى


دالىدا سەيلە قىلىۋاتىمىز: مەن، ئانام، ئايالىم ۋە ئوغلۇم.
ئانام ئەسلى چىقىپ ئايلىنىپ كىرىشنى خالىمىغانتى. ئۇ ياشىنىپ قالغان، سالامەتلىكى دېگەندەك ئەمەس، ئۇزاقراق يول ماڭسا ھاسىراپ كېتەتتى. شۇنداق بولغاچقىلا، ھەرىكەت قىلىپ بېرىش كېرەك دېدىم. ئانام قايىل بولغان ھالدا بېشىنى لىڭشىتقاچ چاپىننى ئالدى. ئۇ ھازىر سۆزۈمنى بەك ئاڭلايدۇ، خۇددى مەن كىچىك ۋاقتىمدا ئۇنىڭ سۆزىنى بەك ئاڭلىغانغا ئوخشاش.

ھاۋا رايى يېقىشلىق ئىدى. بۇ يىل باھار بەكمۇ كېچىكتى، بەك كېچىكىپ كەلدى. بەزى ياشتا چوڭلار بەرداشلىق بىرەلمىدى. لىكىن باھار ئاخىرى يېتىپ كەلدى. ئانام يەنە بىر قارا قىشنى ئۆتكۈزدى.

جەنۇبنىڭ باش ئەتىيازىغا يېڭىلىق ئاز-تولا پايانداز سالدى، بەزىسى قويۇق، بەزىسى شالاڭ؛ دەرەختىكى يېشىل پوتلا قويۇقلاشتى؛ دالىدىكى قار-مۇزلارمۇ «شىر-شىر»قىلىپ ئېقىشقا باشلىدى. بۇلار ئادەمنىڭ ئىسىگە بىر نەرسىنى سالىدۇ— ھاياتلىق.

مەن ئانام بىلەن ئالدىدا ماڭدۇق، ئايالىم بىلەن ئوغلۇم كەينىمىزدە كەلمەكتە. ئوغلۇم ئۇشتۇمتۇت چىقىراپ كەتتى: «ئالدىدىمۇ ئانا ۋە بالا، كەينىدىمۇ ئانا ۋە بالا. » بالامنىڭ بۇ سۆزدىن كۈلۈشۈپ كەتتۇق.

كېيىن ئىختىلاپ كېلىپ چىقتى: ئانامنىڭ چوڭ يول بىلەن ماڭغۇسى بار ئىكەن، چوڭ يولنى بىخەتەر دەپ قارايتتى؛ بالامنىڭ چىغىر يول بىلەن ماڭغۇسى بار ئىكەن، نەزىرىدە چىغىر يول كۆڭۈللۈك بولاتتى. بىراق، ھەممىسى ماڭا باغلىق. ئانام ياشىنىپ قالدى، ئۇ ئاللابۇرۇنلا ئوغلىنىڭ سۆزىنى يېرىماسلىققا ئادەتلەنگەن؛ بالام تېخى كىچىك، ئۇ مەندەك بىر دادىسىغا يەنىلا بويسۇناتتى؛ ئايالىمغا كەلسەك، سىرتلاردا سىزغان سىزىقىمدىن چىقمايتتى. توساتتىن ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ھېس قىلدىم. زىخمۇ كۆيمەيدىغان، كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان بىر ئامالنى ئويلاپ، ئامالىم بولمىدى؛ مەن بىر ئائىلە كىشىلىرىنى ئايرىپ، ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ، ئۆز يولىدا مېڭىشنى ئويلىدىم-يۇ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىدىم. مەن بالامغا ئۇۋال قىلىشنى تاللىدىم، چۈنكى ئۇنىڭغا ھەمراھ بولىدىغان كۈنلىرىم تېخى كۆپ ئىدى. «چوڭ يول بىلەن ماڭايلى» دېدىم.

بىراق ئانام نەۋرىسىنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ، پىكىرىنى ئۆزگەرتىپ: «يەنىلا چىغىر يول بىلەن ماڭايلى» دېدى، ئۇنىڭ كۆزلىرى چىغىر يول تەرەپكە باقتى: ئۇ تەرەپتە ئالتۇن رەڭ چېچەكسەي، ئىككى قاتار تەكشى ئۆسكەن ئۈژمە دەرىخى، ئىچكىرسىدە سۇ ئېقىپ تۇرغان بېلىق كۆلچىكى بار ئىدى. «مەن ھېرىپ قالغۇدەك بولسام يۈدۈۋالارسەن» دېدى ئانام.

شۇنداق قىلىپ، قۇياش نۇرى ئاستىدا، ئاشۇ چېچەكسەي، ئۈژمە دەرىخى ۋە بېلىق كۆلچىكىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق. بىر يەرگە بارغاندا، زوڭزىيپ ئانامنى يۈدۈۋالدىم، ئايالىممۇ زوڭزىيىپ تۇرۇپ ئوغلىمىزنى يۈدۈۋالدى. ئانام گەرچە چوڭ بولسمۇ، بەكمۇ ئورۇق بولغاچ، تەبىئىيلا يەڭگىل ئىدى؛ ئوغلۇم سىمىز بولسىمۇ، كىچىك بولغاچ، تەبىئىيلا يېنىك ئىدى. بىراق، مەن ئايالىم بىلەن ئاستا-ئاستا،مۇستەھكەم قەدەم ئېلىپ، ئىھتىيات بىلەن ماڭدۇق، مەن يۈدۈۋالغىنىم بىلەن ئۇ(ئايالىم) يۈدىۋالغىنىنى قوشساق،پۈتۈن دۇنيا ئىدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-4 21:31  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-5 09:46:11 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
؟

ۋاقتى: 2015-12-5 12:32:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇكېرىم  (سەمەندە) ئەپەندىنىڭ ماۋۇ تەرجىمىسى خېلىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىپتۇ. قوللاشقا ئەرزىيدىكەن. ئالدى بىلەن تەرجىماننىڭ ئۇيغۇر تىلى ماھارىتى خېلىلا نامايان بوپتۇ. مەسىلەن، جۈملىسى شۇنداق راۋان ۋە يەڭگىل. ئادەمگە خۇددى ئانا تىلدا يېزىلغاندەكلا تۇيغۇ بېرىدۇ. تىرىشىڭ، يەنىمۇ تىرىشىڭ. سىزدە مۇنداق ماھارەت بار يەدە خەلقىمىزنى يەنىمۇ نادىر ئەسەرلەر بىلەن ئۇچراشتۇرالىغۇدەكسىز. قەلىمىڭىز توختاپ قالمىسۇن، ئامان بولۇڭ!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش