«ئىپپەت گۈلى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشىردىن چىقتى
يېقىندا قاراقاش ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، كۆزگە كۆرۈنىۋاتقان شائىر، يازغۇچى ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيارنىڭ «ئىپپەت گۈلى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى. بۇ كىتاب شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان بولۇپ، جەمئىي 231 بەتتىن تەركىب تاپقان. كىتابقا «روھلار جىلۋىسى»، «ھاياتلىق تىۋىشلىرى»، «مېھىر دولقۇنلىرى»، «مۇھەببەتلىك دۇنيا»، «تەبىئەت تۇيغۇلىرى»، «يىللار ۋە ئادەملەر»، ئانا ۋە ئانا يۇرت تۇيغۇلىرى»، «ھىجراننامە»، «ئاچچىق كۈلكىلەر»، «ناخشا تېكستلىرى»، «رۇبائىيلار» قاتارلىق تارماق سەھىپە ئاستىدا 159 پارچە شېئىر، 64 كۇپلىت رۇبائىي كىرگۈزۈلگەن. بۇ توپلام شائىرنىڭ ھازىرغا قەدەر يازغان شېئىرلىرىدىن تاللاپ تۈزۈلۈپ، نەشىر قىلىنغان تۇنجى شېئىرلار توپلىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kiwirhemit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-18 11:42