يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 564|ئىنكاس: 1

ئابدۇسالام ساۋۇت: «توختى زور كېلىپلا قالسا»ناملىق ھېكايىدىكى ئىككى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
«توختى زور كېلىپلا قالسا»ناملىق ھېكايىدىكى ئىككى خىل بايان ئەندىزىسى

ئابدۇسالام ساۋۇت

مودېرنىزم ئەدەبىياتى 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر غەرب دۆلەتلىرىدە شەكىلىنۋاتقان سىمۋولىزم،كەلگۈسىزم،ئاڭ ئېقىنى پروزىچىلىقى،ئىپادىزم،ھالقىما رئېالىزم،مەۋجۇدىيەتچىلىك،يېڭى پىروزىچلىق،بىمەنە درامچىلىق،قارا يومۇر،سېھرىي رئېالىزم،دادائىزم،ئىستىتكىزم قاتارلىق ئەدەبىي ئېقىملارنىڭ ئومۇمىي نامى.ئاڭ ئېقىنى پىروزىچىلىقى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا مەيدانغا كەلگەن ئەدەبىي ئېقىم.بۇ ئېقىمنىڭ ئاساسلىق ئالاھدىلىكى بولسا ئىچكى مونولوگ،ئەركىن ئۇلانما ئوي ۋە يوشۇرۇن دئىالوگتىن ئىبارەت.ئۇلارغا نىسپەتەن پىرسۇناژنىڭ «ئاڭ ئېقىنى» خاتىرلەش بىر خىل  پىروزا شەكلى.ئۇلار ئەنئەنىۋى پىروزىچىلىقتىكى خارەكتېر يارىتىش،ئۇششاق ۋەقەلىكلەرنى ئۇلاپ توقۇلما سىيۇژىت ھاسىل قىلىش قاتارلىقلارغا قارشى تۇرىدۇ.
-1980يىلنى بەلگە قىلغان ھالدا بىر تۈركۈم ئىزدىنىش ۋە يېڭىلىق يارتىش روھىغا باي ياش شائىرلار ئىلگىرىكى ئەنئەنىۋىي  شئېىرىلاردىن كەسكىن پەرىقلىندىغان بىر تۈركۈم  شئېرىي تېكىستىلەرنى ئىجاد قىلىپ ئۇيغۇر ئەدەبىيات مۇنبىرىدە كۈچلۈك سىلكىنىش پەيدا قىلدى.ياش شائىرلارنىڭ ئورتاق ئىزدىنىپ ،تىرىشچانلىق كۆرسۈتىشى نەتجىسىدە بۇ خىل«گوڭگا شئېر»لار كەسكىن ئىدىيە دولقۇنى ۋە مۇنازىرنىڭ قوزغۇلۇشىغا سەۋەب بولدى.بۇ جەرياندا نورغۇن مەسىلىلەر ئايدىڭلاشتى.كىشلەر ئەنئەنىگە قارغۇلارچە چوقۇنۇش،ئوقۇرمەنلەرنىڭ زوقلۇنۇش سەۋىيەسىنى ئاساس قىلىپ بىر ئىزىدا توختاپ قېلىشنىڭ ،غەرب مودېرنىزم ئەدەبىياتىغا ئىنكارىي پوزىتسىيە تۇتۇپ،ئۆز ئەدەبىياتىنى كۆككە كۆتۈرۈشنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى يېڭى تەرەققىيات پەللىسىگە كۆتۈرۈشكە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى دەسلەپكى قەدەمدە چوڭقۇر تونۇپ يەتتى.شۇنىڭدىن كېيىن بىر قىسىم دوگما ،بىر قۇتۇپلاشقان،شئېرىيەت چۈشەنچىلىرى بۇزۇپ تاشلىنىپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بىر مەھەل يېڭى شئېرىيەت قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى.ھەمدە ئۆز ئەتراپىغا بىر قىسىم ئىخلاسمەنلەرنى جەلىپ قىلىپ ئۇلارنىڭ زوقلىنىش پىسخىكىسىنى ئۆزگەرتىۋەتتى.بۇنىڭ تەسىرىدە ئۇيغۇر پىروزىچىلقىدىمۇ نىسپىي يېڭىلنىش پەيدا بولدى.بىر قىسىم يازغۇچىلمىز ئىجادىيەت ئەمەليىتىدە «يېڭى پىروزىچىلىق»شۇنداقلا«ئاڭ ئېقىمى پىروزىچىلىقى»نى قوبۇل قىلىپ يۈرەكلىك ھالدا كونا رامكىلارنى پاچاقلاپ تاشلاپ، ئۆزىگە يىپيېڭى بىر ئىجادىيەت زېمىنى ھازىرلىدى.جۈمىلىدىن نەزەرىيە ساھەسىدىمۇ بىر قىسىم تەتقىقاتلار بولىۋاتىدۇ ئەمما ئۆزىنى تولۇقلىيالماي كىشلەرنىڭ نەزەرىيە چۈشەنچىسىدە مۈجمەل چۈشەنچىلەرنى پەيدا قىلۋاتىدۇ.شۇنداقتىمۇ مەن بۈگۈن «كۈسەن مەدەنيىتى»ژورنىلىنىڭ 2014-يىللىق 4-سانىغا بېسىلغان ئەمەتجان مۇھەممەت كۆنچىنىڭ «توختى زور كېلىپلا قالسا»ھېكايىسدىكى بايان ئەندىزىسى ھەققىدە توختۇلۇشنى لايىق تاپتىم.چۈنكى بۇ ھېكايىنىڭ ۋەقەلىكى سۇس،پىرسۇناژنىڭ پىسخىك دۇنياسىنى ئىپادىلەشكە  كۈچىگەن،ئەركىن ئۇلانما ئوي ھەمدە قەلىب مۇنولوگى گىرەلەشتۈرۈلۈپ يېڭىچە ئىستىتىك ئوي ئىپادىلەنگەن.

پىسخىكا-كەيپىيات ئەندىزىسى

»ئاڭ ئېقىنى پىروزىچىلىرى دىققىتىنى پىرسۇناژلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى قېزىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ ،ئۇلارنىڭ پىسخىك پائالىيەتلىرىنى ،ئاڭ ئېقىنىنى ئىپادىلەشنى مەركەز قىلىشى نەتجىسىدە ،ئەسەردىكى سۇژىت سۇسلاپ ياكى يوقىلىپ ،ئاڭ پائالىيىتى ۋە پىسخىك كەچۈرمىشلەر ئېقىنى ،خىيالىي تۇيغۇلار،خام خىياللار،ئىستىخىيەلىك ئەسلىمىلەر ۋە باغلىما تەسەۋۇرلار ،چۈشسىمان كۆرۈنۈشلەردىن تەركىب تاپقان پىسخىك قورۇلما ئەسلىدىكى سۇژىتلىق قۇرۇلمىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى.(1)«ئەمەتجان مۇھەممەت كۆنچىنىڭ بۇ ھېكايىسىدە سۇژىت سۇسلاشتۇرۇلغان،زامان -ماكان تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ،ئاپتور«مەن»نىڭ كۆزى ئارقىلىق ھەرخىل ئەسلىمە پارچىسىنى جىپىسلاشتۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئەركىن ئۇلانما ئويىنى ئىپادىلگەن.كۆرۈنۈشتە ئەمەلىي يۈز بەرگەن ئىش-ۋەقەلەرنى يازغاندەك قىلسىمۇ ،تەگ-ماھىيىتىدىن ئېيىتقاندا ،ئاشۇ ۋەقە-ھادىسلەرنىڭ پىرسۇناژ پىسخىكىسىدا پەيدا قىلغان ئۆزگۈرۈشلىرىنى خاتىرلەپ ،رېئالىقتىكى ئوبىكتىپ مەۋجۇت شەيئىلەرنى پىرسۇناژنىڭ روھىي دۇنياسىنى ئېچىپ بېرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغان.بۇ ھېكايىدە «مەن»نىڭ ئاڭ پائالىيىتى ۋە ھەرخىل پىسخىك توقۇنۇشى مەركەزلىك ئىپادىلنىپ،مەلۇم ئىش-ۋەقە ئاپتۇرنىڭ تەسەۋۇرىنى قوزغاتقۇچى يوشۇرۇن ئامىلغا ئايلانغان.پارچىلانغان ئۈزۈك-ئۈزۈك ۋەقەلىكلەر ئارقىلىق ئاپتورنىڭ تەسەۋۇر كۈچى قايتا-قايتا قوزغۇتۇلۇپ ،روھىي دۇنيانى ئىپادىلەش ئاساس،ۋەقەلىكنى قانات يايدۇرۇش قوشۇمچە قىلىنىپ قوش ئۈنۈم يارتىلغان.يەنە بىر تەرەپتىن ھېكايىدە چەكلىك كۆرۈش بولۇڭىدىن پايدىلىنىپ ئەسەرنىڭ چىنلىق تۈسىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە ئوقۇرمەن تەپەككۇرىنىڭ تېخىمۇ كەڭرەك يېيىلىشى ئۈچۈن زېمىن ھازىرلىغان.تۆۋەندىكى  مىساللارنى كۆرۈپ باقايلى.
(1)دېرىزىلەرنى ئېچىۋەتتىم،ئەتيازنىڭ ئىلمان ھاۋاسى ئۆينىڭ يەل ۋە تاماكا ئىسى بىلەن لىق توشقان ئېچىمال پۇرىقى بىلەن بىرلىشىپ تېخىمۇ غەلىتە بىر خىل پۇراققا ئايلاندى(2)。
»مەن»نىڭ ئاڭ سۇزۇملىچانلىقى تاكى ئۆز ئۆيىنىڭ ئىپتىدائىي ھالىتى،ئۆيىنىڭ كونىراپ كەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان تەشۋىشلىنىش،ياتلىشىش پىسخىكىسى، مال-دۇنياغا ئېرىشىش ئىستىكى ،ئۆلۈم ۋە ھاياتلىقىچە سوزۇلغان. دېرىزىنىڭ ئېچىلىشىدىن ئىبارەت كىچىكىنە بىر ۋەقەلىك دېتالى ئاپتۇرنىڭ پىسخىسىدا دېرىزىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان نورغۇنلىغان پىسخىكا كەچۈرمۈش ۋە ئىستخىكىلىق ئۇلانما ئەسلىملەرگە سەۋەبچى بولغان.«مەن»نىڭ ڧفىزىكىلىق زامان چېكى بوزۇلۇپ ،مەلۇم پىسخىكىلىق زامان ئايرىمىسىغا ئورۇن بوشاتقان.ماكان نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا ،ئاپتور جۇغراپىيەلىك ماكان بىلەن پىسخىك ماكاننى ئارلاشتۇرۋەتكەن.ئەمما ھېكايىدىكى ئاڭ پائالىيىتىنىڭ كۈچۈيىشىگە ئەگىشىپ  جۇغراپىيەلىك ماكاننى پىسخىك ماكانغا بويسۇندۇرغان.ماكاننىڭ پارچىلنىشى ھەمدە قايتىدىن قۇراشتۇرۇلۇشى ئارقىلىق ناھايىتى مۇرەككەپ ۋە كۆپ قاتلاملىق ئېيتىم كۆرۈنمىلىرىنى ھاسىل قىلغان.ئاپتۇر«مەن»نىڭ پىسخىك دۇنياسىدىكى مەلۇم ئوبىكتىپ شەيئى تەرىپىدىن قوزغىتىلغان خىلمۇ-خىل ئاڭ ئۈزۈندۈلىرىنى ئۆز -ئارا ئۇلاپ ھەم پارچىلاپ سۇس بولغان ۋەقەلىكنى ئاڭ ئېقىمىغا بويسۇندۇرغان. ھېكايىدە باشتىن-ئاخىر«مەن»نىڭ ئاڭ پائالىيىتى ۋە پىسخىكا-كەيپىياتىنى يېزىش ئاساس قىلىنغان.ئاپتۇر ئەسەرنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا مەلۇم ماددىنى ئۆز تۇيغۇسىنى قوزغىتىدىغان ،ئۆز تۇيغۇسى پىرىسلانغان مەنبەگە ئايلاندۇرغان. ئەسەرنىڭ ھەربىر بۆلىكىدىكى بىرەر ھەرىكەت ياكى كونكىرىت ئوبراز «مەن»نىڭ باغلانما تەسەۋۇرىنى قوزغاتقۇچى. ئاپتور ئاشۇ كونكىرىتلاشقان ئوبرازلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پىسخىك-كەيپىياتىنى ئەڭ زور چەكتە قوزغۇتۇپ قەلبىدىكى روھىي داۋالغۇشلارنى ھەمدە تۇيغۇسىدىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى قەلەمگە ئالغان.

(2)دېرىزە تۈۋىدە ئالاھەزەل بىرەر سائەتتەك تۇرۇپ ئۇنىڭ بۈگۈن كەلمەيدىغانلىقىغا ئىشەنگەن چېغىمدا سىرتقا چىقماقچى بولدۇم。(3)
مانا بۇ قۇرلار ئاپتۇرنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدىكى ئاڭ ئېقىنىنى پەيدا قىلدىغان يەنە بىر ئوبراز.«مەن»شۇنىڭدىن كېيىن ئۆز ئۆيىنىڭ قورۇلمىسى ،نەشە چېكىش،نەشىنىڭ كۆيگەندىن كېيىن سارغىيىپ كەتكەن رەڭگىگە ئاساسەن نەشە چەككۈچىلەرنىڭ سارغىيىپ كەتكەن چىرايىنى ئۆز تەسەۋۇرىدىن ئۆتكۈزىدۇ.ھەمدە ئاشۇ خىل باغلانما تەسەۋۇرىغا ئۆزىنىڭ كەيپىيات -پىسخىكىسىنى ئارلاشتۇرىدۇ.دېرىزىنى ئېچۋېتىش سەۋەبىدىن پەيدا بولغان ھەر خىل پۇراقلار ،كونىراپ كەتكەن ئۆي،بىنا قاتارلىقلار ئۇنىڭ ئېڭىنى قاناتلاندۇرىدۇ.روھىي كەيپىياتىدا خىلمۇ-خىل ئۆزگۈرۈشلەرنى پەيدا قىلىدۇ.ئۇنىڭ خىياللىرى كونا مەھەللە ۋە يېڭى مەھەللە تەرەپكە  پەرۋاز قىلىپ توختىماي داۋاملىشىدىغان ئاڭ ئېقىمىنى پەيدا قىلىدۇ.بۇ ئەسەر مۇشۇنداق ئۇششاق ئىشلار سەۋەبىدىن پەيدا بولغان ئاڭ ئۆزگۈرۈشى ھەمدە پىسخىكىلىق توقۇنۇشنىڭ خاتىرسىدىن ئىبارەت.ھېكايىدە توختى زورنىڭ كېلىشى ھەققىدىكى ۋەقەلىك ئاساس قىلىنماستىن بەلكى توختى زورنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان«مەن»نىڭ كەيپىياتىدىكى ئۆزگۈرۈشلەر مەركەز قىلىنغان.سىيۇژىت سۇسلاشتۇرۇلۇپ ،روھىي دۇنياغا بورۇلۇشنى كۈچەيىتكەن.ئاپتۇر سيۇژىت ھاسىل قىلىشقا زورۇقمىغان،بەكلى ئۆزىنىڭ تەبئىي شەكىللەنگەن پىسخىكا-كەيپىياتىنى ئىپادىلەپ بەرگەن.

تۇيغۇ-ئېماگ ئەندىزىسى

»ئادەمنىڭ،نەرسىنىڭ،ئىش-ۋەقەنىڭ ئۆزىنى ئەمەس،بەلكى ئۇلارنىڭ پىرسۇناژ تۇيغۇسىدىكى ،نەزىرىدىكى ئىنكاسىنى ۋە كۆرۈنۈشىنى يېزىش ،تاشقى دۇنيادىكى نەرسىلەرنى پىرسۇناژ بىۋاستە سېزىملىرى ۋە تۇيغۇ-تەسراتلىرىنى ئىپادىلەيدىغان ماس ماددا سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىش يېڭى پىروزىچىقتىكى يەنە بىر يۈزلىنىش بولدى.(4)«ئاپتور ھېكايىسىدە ئەسەردىن چېكىنىپ،«مەن»نىڭ ئۆز ئۆيىدىن چىقىپ،روزى ئوڭنىڭ ئۆيىگە بېرىپ،يەنە ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەلگۈچە بولغان جەرياندىكى تۇيغۇلىرىنى خاتىرلەپ بەرگەن.ئاپتور روزى ئوڭ بىلەن قىلىشقان قىسمەن دئىالوگلىرىدا ۋەقەلىككە ئېغىپ كەتكەندەك قىلسىمۇ،ئەمما ئەسەرنى ئەستايدىللىق بىلەن كۆزەتكەن چېغىمىزدا «مەن»نىڭ تۇيغۇسىدىكى ئىنتايىن زىل ،كۆز بىلەن كۆرگىلى،قول بىلەن تۇتقۇلى بولمايدىغان ناھايىتى ئىنىچكە ئۆزگۈرۈشلەرنى،دەقىقە ئىچىدە پەيدا بولغان تۇيغۇلارنى ئىپادىلەپ ئۈلگۈرگەن.ئەسەردە «مەن» تۇيغۇسى « تاملىرى زەيلەپ،لىم-تورۇسلىرى كۆكىرىپ كەتكەن »ئۆينى مەركەز قىلىپ ئايلىنىدۇ.ئۇ مەيلى قەيەرگىلا بارمىسۇن ئۇنىڭ ئېڭىغا ھۆكۈمرانلىق قىلۋاتقىنى ئۆز ئۆيى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان تەشۋىشلىنىش ،قورقۇش،تەسەللىگە ئېرىشىش،قاتارلىق مۇرەككەپ تەسراتلار.ئاپتور ئۆيىنىڭ ئەھۋالىنىمۇ،ئۆزىنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى ساددا مۇھاببەت كۈچۈرمىشلىرنىمۇ ،ئۆزىنىڭ روزى ئوڭنىڭ ئۆيىگە بېرىش يولىدا كۆرگەن نەرسىلىرنىمۇ،روزى ئوڭ بىلەن قىلغان دئىالوگلىرىنىمۇ،ئايگۈل دىگەن قىزغا قارغاندىن كېيىن ئىچىدە قوزغالىغان ھايۋانىي ئىستەكىلەرنىمۇ ،توختى زورنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا نىسپەتەن قوزغالغان غايىبانە ئىستەكلىرنىمۇ «مەن»نىڭ ھىسىي نەزىرىدە كۆزىتىدۇ ۋە تەسۋىرلەيدۇ.
نەتجىدە ،ھىس- تۇيغۇ بىلەن دئىالوگ،مەنزىرە،ئىچكى مونولوگ زىچ بىرلىشىپ ئۆزىگىچە بەدئىي پەللە ھاسىل قىلىدۇ.ئەسەردىكى دئىالوگ،« مەن»نىڭ ھىس- بايانلىرىلىرنىڭ نوقۇل ئوبيېكتىپ تەسۋىر بولۇشى ناتايىن.بۇ تەسرىرلەر«مەن»نىڭ ھىس-تۇيغۇلىرى سىڭگەن سىموۋوللاشقان،سوبيكىتىپلاشقان تەسۋىردىن ئىبارەت.شۇڭلاشقا ئەسەردىكى ئۆي، يول،مەھەللە،توختى زور قاتارلىقلار  كۆزىمىزگە كونكىرىتلاشقان مەۋجۇتلۇق سۈپىتىدە ئەمەس بەلكى تۇيۇلاشقان ،پەقەت ھىس قىلىشقا مۇمكىن بولغان مەۋجۇتلۇق سۈپتىدە كۆرۈنىدۇ.ئەسەردىكى«مەن»نىڭ ئاڭ پائالىيىتى ئۆي ۋە روزى ئوڭ ۋە توختى زوردىن ئىبارەت ئۈچ ئېماگنى چۆرىدەپ داۋاملىشىدۇ .ئۆيدىن ئىبارەت بۇ ئېماگ«مەن»نى چىرمىۋالغان ھېرىسمەنلىك،ئۈمىدسىزلىك،گاڭگىراش،قاتارلىق تەسراتلارنىڭ سىموۋولى بولۇپ،ئۇنىڭ تەپەككۇرىنى  مال-دۇنياغا ئېرىشىش،ئۆز ھاياتىغا بولغان بىپەرۋالىق ،سەل قاراش ،ئۆزىگە ئىشەنمەسلىكتەك بىنورمال ھىس-تۇيغۇلار قاپلاپ كېتىدۇ.ئۇ توختى زور دىگەن ئىسىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ.ئۆزىنىڭ تەقدىرىدە بۇرۇلۇش ھاسىل قىلماقچى بولىدۇ.ئەمما ئۇزاق يىلدىن بويان شەكىلىنىپ،قېلىپلىشىپ قالغان پاسىپ روھىي ھالەت«مەن»نىڭ روھيىتىنى تامامەن ئىگىلەپ بولغاچقا ،ئۇ ئۆز ئېڭىدىكى پاسىپلىقنى سىرتقى شارائىتقا ئارتىپ قويۇپ بولدى قىلىدۇ.ئاپتور ئەسەردە ۋەقەلىكنى بايان قىلىشقا ئۆزىنى ئۇرماستىن«مەن» نىڭ ئاشۇ لەھزىدە شەكىللەنگەن تۇيغۇ-تەسراتىنى،بىۋاستە سىزىملىرىنى ئەسلى پېتى تەسۋىرلەشكە كۆپ كۈچ سەرىپ قىلغان.
(1)بەلكىم ئۆيى چېقىلدىغانلارغا سەپلەپ بېرىلدىغان چەت ۋە قاقاسراق يەرگە سېلىپ قويغان ئاددىي قورۇلمىلىق كىچىك بىنا ئۆيدىن بىرىگە ئېرىشىپ قېلىشىم ،شۇندىلا ئىشلىرىم يۈرۈشۈپ قېلىشى،بەلكىم ئۇمۇ قايتىپ كېلىشى مۇمكىن ئىدى.ئۇ يېڭى ئۆيلەرگە ئامراق ئىدى...ئۇنىڭ مېنى تاشلاپ كېتىشىمۇ ئۆيۈمنىڭ كونىراپ كەتكەنلىكىدىن بولۇشىمۇ مۇمكىن ئىدى.(5)
مىسال ئېلىنغان جۈمىلىلەر «مەن»نىڭ ئۆي بىلەن ئۆزى سۆيگەن ئايالى ھەققىدىكى بىۋاستە سېزىمى ۋە تەسراتلىرىنىڭ يىغىندىسى.ئۇ ئۆزىنىڭ تەسراتىغا ئاساسەن ئايالىنىڭ ئۆيىدە تۇرماسلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئۆيىنىڭ كونىراپ كەتكەنلىكىگە باغلايدۇ ، ھەمدە تېخى چۈشەنچە ھالىتىگە كېلىشكە ئۈلگۈرمىگەن تۇيغۇسىنى ئىپادىلاپ بېرىدۇ..بۇ ئەسەردە يازغۇچى«مەن »نىڭ تۇيغۇسىنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئەينەن ئىپادىلەپ،كىتابخانلاردىمۇ شۇ خىل سېزىمنى پەيدا قىلىشقا تىرىشقان.ئاپتور«مەن»نى بايان ئوبيېكتى قىلماستىن،بەلكى ئۆز ئېڭى ئارقىلىق ئوبىكتىپ دۇنيانى ئىنكاس قىلغۇچى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىرىپ،«مەن»نىڭ بىۋاستە سېزىملىرىنى ،تۇيغۇ-تەسراتلىرىنى  ئەينەن ئىپادىلەپ بېرىشكە ئۇرۇنغان .ئەسەردە ئاپتور «مەن»نىڭ گەپ-سۆز ئىش ھەركەتلىرىگە ئارلىشۋالماي،«مەن»نىڭ تۇيغۇسىنى ئېماگلىشىپ كەتكەن ئوبرازلار ئارقىلىق ئىپادىلەپ،پىرسۇناژنىڭ روھىي دۇنياسىنى بىۋاستە ھالدا ئۇتۇقلۇق ئىپادىلەپ بەرگەن.دىمەك ئاپتور  ئەسەرنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تۇيغۇ-ئېماگ ئەندىزىسىنى قوللانغان.
يىغىپ ئېيىتقاندا ئاپتور ئەسەردە ۋەقەلىكنى بايان قىلىش، خارەكتېر يارتىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي،يۇقىرىدا مەن ئېيتىپ ئۆتكەندەك پىرسۇناژلارنىڭ كەيپىيات ۋە ئويلىرىنى،باغلانما تەسەۋۇرلىرىنى،يۇشۇرۇن ئاڭ قاتلاملىرىنى،بىۋاستە سېزىملىرىنى ئۆزىنىڭ بايان ئوبىكتىغا ئاياندۇرغان.ھىس-تۇيغۇنى ئىپادىلەشنى ئاساس،ۋەقەلىكنى ئىپادىلەشنى قوشۇمچە قىلىپ ئۆزىدە ئاڭ ئېقىمىغا تەۋەلىنىدىغان ئەسەرلەردىكى قىسمەن ئالاھىدىلىكلەرنى ھازىرلاپ بەردى.بۇ پەقەت مېنىڭ ئەمەتجان مۇھەممەت كۆنچىنىڭ «توختى زور كېلىپلا قالسا »ناملىق ھېكايىسىنىڭ ئىككى خىل بايان ئەندىزىسى ھەققىدىكى قىسمەن  شەخسى بايقاشلىرىم ۋە قاراشلىرىم.مەنچە ئەمەتجان مۇھەممەت كۆنچىنىڭ بۇ ھېكايىسىلا ئەمەس بەلكى بارلىق ھېكايە،پوۋسىتلىرى،شۇنداقلا نۇرغۇن يازغۇچىلىرىمىزنىڭ تېتىملىق ھېكايىلىرمۇ تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە.بولسا بىزدە بولۋاتقان ئوبزۇر-مۇھاكىمىلەر مەخسۇسلاشقان،سېستىمىلىق بولغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى.بۇ ئۈمىدىممۇ ئىشقا ئاشىدۇ دەپ ئويلايمەن.

پايدىلانغان ماتېرىياللار

(1)(4) مەتتۇرسۇن ئېلى:«يېڭى دەۋىردىكى ئۇيغۇر يېڭى پىروزىچىلىقى توغرسىدا»شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىېتى نەشرىياتى277-،282-بەتلەر
(2)(3)(5)«كۈسەن مەدەنىيىتى»ژورنىلى،2014-يىللىق4-سان23-24-بەتلەر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-4 21:49  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-6 00:10:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىشلىرىڭىز بەرىكەتلىك بولغاي! ئەمەتجان ئاكامنىڭ ھەربىر ئەسىرى ئۆزگىچە خاسلىق ۋە يېڭىلىققا تويۇنغان. ئوقۇرمەنگە يېڭىچە بەدئىي زوق بېغىشلايدۇ!!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش