يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 354|ئىنكاس: 2

ئىمىر غىياس: پەش ۋە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                             پەش ۋە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

                                                      ئىمىر غىياس

        ئاپتورنىڭ ئىلاۋىسى: ھۆرمەتلىك  ئۇستازلار، سۆيۈملۈك قەلەمكەشلەر، مۆھتەرەم تورداشلار! بىز ـــ  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو تىل- ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ 1977- يىللىق 2- ۋە 4- يىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ـــ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ نۇتقىنى بىۋاسىتە ئاڭلىغان، مۇتالىئە قىلغان، زوق ئالغان ۋە لەززەتلەنگەن بولغاچقا، بۇ ئىككى سىنىپتىكى ساۋاقداشلارنىڭ نۇرغۇنىمىز ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ سېماسىنى قەلبىمىزگە چوڭقۇر پۈكۈۋالغانمىز. كېيىنكى كۈنلەردە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ يەنئەنلۇ كىتابخانىسىنىڭ بېقىنىدىكى ئۆيىگە خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن بېرىپ يۈزتۇرا كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىش، دىدارلىشىش، گەپلىرىنى ئاڭلاش، خوشلىشىش جەريانىدا ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئالىملار ۋە ناتىقلارغا خاس پەزىلىتى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان؛ ئەسەرلىرىدىكى رەڭدار كەلىمىلەر،  پاساھەتلىك جۈملىلەر ماڭا جۈملىنى قانداق تۈزۈش ۋە ئۇقۇملارنى قانداق ئىپادىلەشنى بىلدۈرگەن. شۇڭا جۈملىلىرى ماسلاشمىلىق، كەلىمىلىرى سۈلكەتلىك، ئابزاسلىرى پار كېلىشلىك تۈزۈلگەن ئەسەرلەرنى ئوقۇساملا خۇددى ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغاندەكلا ئىچ- ئىچىمدىن سۆيۈنۈپ كېتىمەن. ئۆتكۈر ئەپەندى جۈملىسىنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن تەسىرىگە جاۋابەن ئۆتكۈر ئەپەندى ھەققىدە بىرەر پارچە ماقالە يېزىۋېلىشنى ئۇزۇندىن بېرى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ كەلگەن ئىدىم. شۇڭا لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋاپاتىنىڭ 70 يىللىقىغا، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋاپاتىنىڭ 20 يىللىقىغا بېغىشلىغاچ  ئۆتكۈر ئەپەندى بىلەن سۆيۈلۈك شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ مۇناسىۋىتىگە دائىر ئىنتايىن قىزىقارلىق بىر ۋەقەلىكنى تاللاپ، ئاندىن ئۇنى ئەتلەس توقۇغاندەك چىرايلىق «توقۇپ چىقتىم»، توقۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى بۇ يىل 8- ئايدا «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دە ئېلان قىلدۇردۇم. ئەمدى بۇ ماقالىنى تورداشلارنىڭمۇ ھۇزۇرلىنىشى ئۈچۈن «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»غا سۇندۇم. كۆرۈپ بېقىشىڭىزلار ۋە پىكىر بېرىشىڭىزلەرنى ئۈمىد قىلىمەن.  

          «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى»دە 14 خىل تىنىش بەلگىسىنى قوللىنىش بەلگىلەنگەن. دېمەك، ئۇلارمۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى. ئۇيغۇر تىلىدىكى تىنىش بەلگىلىرىنىڭ ھەممىسى مەنە ئىپادىلەش رولىغا ئىگە، ئەگەر جۈملىدە ھەر قايسى تىنىش بەلگىلىرىنى توغرا قوللىنالمىساق ياكى بىرىنىڭ ئورنىغا بىرىنى دەسسىتىپ قويساق، دېمەكچى بولغان ئوي- پىكىرىمىز ساغلام ئىپادىلەنمەيدۇ. شۇڭا ھەر قانداق قەلەمكەش ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرىنى جۈملىدە توغرا قوللىنىش بىلەن بىللە تىنىش بەلگىلىرىنىمۇ توغرا قوللىنىشنى بىلىشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن ئۇ لاياقەتلىك قەلەمكەش بولالمايدۇ، ئەلۋەتتە.
پەش (،) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى 14 خىل تىنىش بەلگىسىنىڭ بىرى. ئۇ جۈملىدە مەنە ئىپادىلەش، ئۇقۇملارنى روشەنلەشتۈرۈش ياكى غۇۋالاشتۇرۇش، ئىنتوناتسىيە ھاسىل قىلىش، ئۇنى تەڭشەش ۋە كۈچەيتىش رولىغا ئىگە. مەسىلەن، ئۇ جۈملىدە مەلۇم بىر ئىدىيەنى ئەكس ئېتىش، سۆز بىلەن سۆزنى، سۆز بىرىكمىسى بىلەن سۆز بىرىكمىسىنى، جۈملىدىن ئابزاس ئىچىدىكى ئاددىي جۈملە بىلەن ئاددىي جۈملىنى، قوشما جۈملە تەركىبىدىكى تارماق جۈملىلەرنى ھەمدە ھەر قايسى باغلىغۇچىلار بىلەن جۈملە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى روشەنلەشتۈرۈش، بىر- بىرىدىن ئايرىش، پەقلەش، نۇتۇق ئىنتوناتسىيەسىنى تەڭشەش، ھەتتا قەلەمكەشلەرنىڭ جۈملە تۈزۈش ماھارىتىنى نامايان قىلىپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرىدۇ. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ يازمىچە نۇتۇقتىكى رولىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ھەقىقەتەن بىر ئاپتورنىڭ پەشنى جۈملىلەردە قانداق ئىشلەتكەنلىكىگە قاراپلا ئۇنىڭ پوزىتسىيەسى ۋە سەۋىيەسىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن. ھالبۇكى، بىزنىڭ ئەدەبىي تىل ئىستېمالىمىزدا قەلىمى خېلى پىشقان قەلەمكەشلىرىمىزدىمۇ پەشنى جايىدا ئىشلەتمەي ياكى ئىشلىتىشنى بىلمەي، ئۇقۇملارنى مۇرەككەپلەشتۈرۈپ قويۇش، مۇھەررىرلەرگە ئاۋارىچىلىك كەلتۈرۈپ بېرىش ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇتتۇر. شۇڭا، پەشنى جۈملىلەردە توغرا ئىشلىتىشنى بىلىش كېرەك. بۇ بىر لاياقەتلىك زىيالىي بولۇشنىڭ ئەقەللىي ئۆلچىمى، ئەلۋەتتە.
       بىز پەشنىڭ ئەدەبىي تىلدىكى رولىنى ئوت يۈرەك شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن شائىر ۋە يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ يېقىن دوستلۇقىغا، بولۇپمۇ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ يازغۇچىلىق پەزىلىتى ۋە ئابرۇيىغا بىر مەزگىل زىيان يەتكۈزگەن مۇنۇ ۋەقە ئارقىلىق تېخىمۇ روشەن ھېس قىلىمىز.
      1942- يىللىرى شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۈرۈمچىدىكى مەركىزىي ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىدا ئىشلەيدىغان «دىلشاد» ئىسىملىك قەلەمكەشنىڭ ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن قىسمەن ھەۋەسكارلارنىڭ مىللىي سەنئەتنىڭ تەرەققىياتىنى كەينىگە چېكىندۈرۈش رولىنى ئوينايدىغان ماقالىلەرنى ئېلان قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتىنى قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇنىڭ سەھنىلەردىكى ئاكتىپ نامايەندىلىرى بولغان قاسىمجان قەمبىرى، مەرۇپ ئاكا، سىراجىدىن زەپەر، قەمبەر خانىم قاتارلىق سەنئەتكارلارنى قوللاش ۋە ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈش يۈزىسىدىن «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 1942- يىل 12- ئاينىڭ 12- كۈنىدىكى سانىدا «سەنئەت خۇمارى» تەخەللۇسى بىلەن «سەنئەتكە مۇھەببەت» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلغان. «دىلشاد»مۇ جىم تۇرماي لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىجادىيىتىگە كاشىلا پەيدا قىلغان ۋە «خالىس» دېگەن تەخەللۇستا ئۇنىڭغا قارشى قەلەم كۈرىشى باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتىنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتىنى كەينىگە چېكىندۈرۈش ئوتتۇرىسىدىكى بىر مەزگىللىك زىددىيەت باش كۆتۈرگەن. ئەلۋەتتە زور كۆپچىلىك ئىلغار زىيالىيلار لۇتپۇللا مۇتەللىپ تەرەپتە تۇرۇپ كەسكىن ۋە ھەققانىي جامائەت پىكىرىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. شۇ قاتاردا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىمۇ لۇتپۇللا مۇتەللىپنى ياقلاپ «سەنئەتتە مىللىي» ناملىق ماقالىسىنى يازغان. شۇنداق قىلىپ لۇتپۇللا ۋە ئۆتكۈر ئەپەندىلەر باشچىلىقىدىكى ئىلغار زىيالىيلار بىلەن «خالىس»لار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت تېخىمۇ كۈچەيگەن. مەسىلەن، لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1944- يىلى 4- ئايدا ئاقسۇدا يېزىپ «ئاقسۇ شىنجاڭ گېزىتى»دە ئېلان قىلغان «شائىر توغرىسىدا مۇۋەششەھ» دېگەن شېئىرىدا ئاشۇ قېتىمقى زىددىيەتنى ئەكس ئەتكەن. ھەقىقەتەن بۇ شېئىردىكى:
                      «شەۋكەت تاپمايسەن، ئىجادىيەت بېغىدا تۇرمىساڭ خالىس،
                       سايرا ئۆتكۈر، ھاڭ- تاڭ قالسۇن ئۇ، بۇلبۇلىستان بول»
دېگەن مىسرا ئەمەلىيەتتە ئاشۇ «دىلشاد» (خالىس)قا قارىتىلغان ئىدى. ئەمما كېيىن بۇ شېئىر ئۈرۈمچىدە قايتا ئېلان قىلىنغاندا «خالىس»لار ئالا كۆڭۈللۈك قىلىپ، ئۇنىڭ ئىككىنچى مىسراسىدىكى «سايرا ئۆتكۈر، ھاڭ- تاڭ قالسۇن ئۇ، بۇلبۇلىستان بول»نىڭ بېشىدىكى پەشنىڭ ئورنىنى يۆتكىۋەتكەن، يەنى «سايرا، ئۆتكۈر ھاڭ- تاڭ قالسۇن ئۇ، بۇلبۇلىستان بول» دېگەن شەكىلدە ئېلان قىلغان. نەتىجىدە بىر پەشنىڭ ئورنىنىڭ يۆتكىۋېتىلىشى بىلەن يۇقىرىقى شېئىر پۈتۈنلەي ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىگە قارشى شېئىرغا ئايلىنىپ قالغان ھەمدە  بەزى كىشىلەر بۇ شېئىرنى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىگە خاتا باھا بېرىشنىڭ كوزىرى قىلىۋالغان، مەسىلەن، «ئۆتكۈر ـــ گومىنداڭ ئىشپىيونى، شۇنىڭ ئۈچۈن لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۇنىڭغا قارىتىپ ئاشۇنداق شېئىر يازغان» (ئوبزورچى ئەنۋەر ئابدۇرېھىمنىڭ شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 2013- يىل 1- ئايدا نەشر قىلىنغان «ئەدەبىيات ۋە ئىنسان» ناملىق ماقالىلەر ۋە ئوبزورلار توپلىمىغا قارالسۇن) دېگەنگە ئوخشاش ئىغۋالارنى تارقاتقان. ئۆتكۈر ئەپەندى بۇ ئەھۋالغا چىداپ تۇرالماي نارازىلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، بۇ ئىش ـــ بىر «پەشنىڭ ئىشى» ئابدۇسالام ئابباس قاتارلىق زىيالىيلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان. كېيىن، يەنى 1981- يىلى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەلقەم ئەختەم ئەپەندى «ل. مۇتەللىپ ئەسەرلىرى»نى نەشرگە تەييارلىغاندا، «سايرا، ئۆتكۈر ھاڭ- تاڭ قالسۇن ئۇ، بۇلبۇلىستان بول» دېگەن مىسرادىكى پەشنىڭ ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ھەمدە بىر پەش كەلتۈرۈپ چىقارغان خاتالىقنى شەرھلەپ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنى ئاقلىغان. ئەلقەم ئەختەم ئەپەندى «شائىر توغرىسىدا مۇۋەششەھ» دېگەن شېئىرنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئەينى دەۋرنىڭ نەق شاھىدى سۈپىتىدە شەرچلەپ ۋە چۈشەندۈرۈپ: «‹شەۋكەت تاپمايسەن، ئىجادىيەت بېغىدا تۇرمىساڭ خالىس، سايرا ئۆتكۈر، ھاڭ- تاڭ قالسۇن ئۇ، بۇلبۇلىستان بول› دېگەن بىرىنچى مىسرانىڭ ئاخىرىدىكى ‹خالىس› شۇ ۋاقىتتىكى مەلۇم ئادەمنى كۆرسىتىدۇ. ل. مۇتەللىپ ئۇنىڭغا ‹سەن ئىجادىيەت بېغىدا خالىس تۇرمىساڭ، ئىجادىيەتتىن خەۋىرىڭ بولمىسا، خەلق دېگەننى بىلمىسەڭ، خەلق ئۈچۈن يىغلىمىساڭ، بۇ چاغدا سەن شەۋكەت تاپالمايسەن، ساڭا شانۇ- شەۋكەت ياغمايدۇ، شائىر بولالمايسەن› دېگەن... ئىككىنچى مىسرانىڭ بېشىدىكى ‹سايرا ئۆتكۈر› دېگىنى ھازىرقى ئابدۇرېھىم تىلەش ئۆتكۈرگە قارىتىلغان، ئۇ پېشقەدەم شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى، 1939- يىلدىن 1943- يىلنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئۇ ل. مۇتەللىپ بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرىدا بىرگە بولغان. مۇتەللىپ شېئىرنىڭ ئاخىرقى مىسراسىدا ئەنە شۇ ئۆتكۈرگە قارىتىپ ‹سايرا ئۆتكۈر، ھاڭ- تاڭ قالسۇن ئۇ، بۇلبۇلىستان بول› دەپ خىتاپ قىلغان» (ئەلقەم ئەختەم نەشرگە تەييارلىغان: «ل. مۇتەللىپ ئەسەرلىرى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1981- يىل 2- ئاي 1- نەشرى، 85 ـــ89- بەتلەر) دەپ يازغان. شۇنىڭ بىلەن بىر پەش كەلتۈرۈپ چىقارغان خاتالىق ئۈزۈل- كېسىل ئوڭشالغان.
      يۇقىرىقى مىسرادا ئېيتىلغاندەك لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ دوستلۇقى ۋە ئەدىبىي ھەمكارلىقى لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۈرۈمچىدىكى چاغدىلا باشلانغان. ئىككىسى پەقەت بىر ياشلا پەرقلەنگەن بولغاچقا تۇنجى ئۇچرىشىشتىلا قىزغىن دوستلىشىپ قالغان، ئىجادىيەت جەريانىدا بىر- بىرىنى سەمىمىي قوللىغان، بىر- بىرگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن، ئۇيغۇر ئەدەبىيات- سەنئىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى ئورتاقلاشقان، ئۇزۇندىن- ئۇزۇن سىرداشقان؛ 1941- يىلى لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىگە «ئۆتكۈر» دېگەن تەخەللۇسنى، ئۆتكۈر ئەپەندى بولسا لۇتپۇللا مۇتەللىپكە «قاينام» دېگەن تەخەللۇسنى تەقدىم قىلغان (بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي لۇتپۇللا مۇتەللىپ «قاينام»غا «ئۆركىشى»نى قوشۇپ، «قاينام ئۆركىشى» دېگەن تەخەللۇسنى قوللانغان)؛ ھەتتا ئىككىسى يېقىندىن ھەمكارلىشىپ «چىنمودەن» دىرامىسىنى بىللە ئىجاد قىلىپ دەۋرنىڭ ساداسىغا ئورتاق ماسلاشقان. لۇتپۇللا مۇتەللىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندىن كېيىن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى ئۇنى دائىم ئەسلەپ تۇرغان، ئۇنىڭ تەرىپىنى ئەسەرلىرىدە بايان قىلغان، ئاغزاكى نۇتۇقلىرىدا مەدھىيەلىگەن.     
     يۇقىرىقى ۋەقەلىكتىن كۆرۈپ تۇرۇپتۇقكى، ئىجادىيەتتە تىنىش بەلگىلىرىنىڭ رولىغا ھەرگىزمۇ سەل قارىغىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ، پەشنىڭ رولى ئالاھىدە زور. ئۇ ئۇيغۇر تىلىدا قوللىنىلىش چاستوتىسى ئەڭ يۇقىرى تىنىش بەلگىسىدۇر. مۇبادا ئەلقەم ئەختەم ئەپەندى ھەقىقىي ئەھۋالنى ۋاقتىدا ئېيتمىغان ۋە پەشنىڭ ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرمىگەن بولسا، پەش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۇقۇشماسلىق ھېچبولمىغاندا بىر مەزگىل كەينىگە سۈرۈلۈپ كەتكەن بولاتتى. ئۆز ۋاقتىدا لۇتپۇللا مۇتەللىپ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بايراقدارى بولۇپ تونۇلغان؛ ئوخشاشلا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىمۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ سېپىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، كېيىنكى مەزگىللەردە لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئەدەبىيات ئىشىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇپ ۋە بېيىتىپ، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئاۋانگارت تەشكىللىگۈچىلىرىنىڭ بىرىگە ۋە يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بايراقدارىغا ئايلاندى. بىر پەشنىڭ ئىشى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ لۇتپۇللا مۇتەللىپكە بولغان دوستلۇق رىشتىنى يەنىمۇ پۇختا چىگدى، كېيىنكى ئەمەلىيەتمۇ بۇنى تولۇق ئىسپاتلىدى.   
       1980  ـــ  1990- يىللىرى مۇھەممەد رەھىم، يولۋاس راشىدىن قاتارلىق زىيالىيلار «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلىدا ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى «پەش ئىسراپچىلىقى» بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىكى «پەش ئاپىتى»گە دائىر قاراشلىرىنى ئەمەلىي تىل پاكىتلىرى ئارقىلىق شەرھلەپ،  بىر قىسىم بىپەرۋا قەلەمكەشلەرنى پەشنى توغرا قوللىنىشقا ئۈندىگەن ئىدى. قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇر تىلى ئىملا قائىدىسى يولغا قويۇلۇۋاتقىلى 50 يىلدىن ئاشقان بۈگۈنكى كۈندىمۇ بىر قىسىم قەلەمكەشلىرىمىز جۈملىدە پەشنى توغرا ئىشلەتمەي، ئۇقۇملارنى مۈجمەللەشتۈرۈپ قويۇپ مۇھەررىرلەرگە بىھۇدە ئاۋارىچىلىكنى سالماقتا، ئۇلار پەشنى جۈملىدە قالايمىغان ئىشلەتمەكتە. شۇ سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ جۈملىدە نېمە مەنەنى ئىپادىلەۋاتقانلىقىنىمۇ بىلگىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ھەر بىر قەلەمكەش پەشنى جۈملىدە توغرا ئىشلىتىشنى بىلىشى، يالغۇز پەشلا ئەمەس، باشقا 13 تىنىش بەلگىسىنىڭمۇ ئالاھىدىلىكى، رولى ۋە جۈملىدىكى ئورنىنى پۇختا ئىگىلىشى، ئۇلارنى جۈملىدە جەزمەن توغرا ئىشلىتىشى، 14 خىل تىنىش بەلگىسىنى توغرا ئىشلىتىشنى بىر لاياقەتلىك ئىجادىيەتچى بولۇشنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان شەرتى دەپ چۈشىنىشى، مۇھەررىرلەرگە تايىنىۋالماسلىقى لازىم. بىر مىللىي تىلنىڭ تىنىش بەلگىلىرىنى بىلمىگەن، ئىشلىتىش پىرىنسىپلىرىنى چۈشەنمىگەن يازغۇچىلارنى ھەرگىزمۇ لاياقەتلىك ئەدىب دېگىلى بولمايدۇ. دېمەك، تىنىش بەلگىلىرىنى توغرا قوللىنىشنى زىيالىيلارنىڭ مىللىي تىل ساپاسىغا باھا بېرىشنىڭ بىر ئۆلچىمى دەپ چۈشەنگەندىلا، تىنىش بەلگىلىرى جۈملىدىكى ئورنىنى توغرا تاپالايدۇ، تىلنىڭ تەرەققىياتىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.  
   
     مەنبە: «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» 2015- يىل 8- ئاينىڭ 27- كۈنىدىكى سانى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-3 22:32  


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللاسى +100 يىغىش سەۋەبى
uygurya + 100

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-4 18:54:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالە مېنىڭ كۆزۈمنى ئېچىپ قويدى.....ئاپتۇرنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر.....

ۋاقتى: 2015-12-6 15:47:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىنى ئوقۇپ ئىملا  قائىدىسىگە بولغان تەپەككۇرۇم يەنە بىر قەدەر سەگەكلەشتى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش