كۆرۈش: 2227|ئىنكاس: 46

ھىلال قىز (44)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
(44)
IMG_1609.JPG


مەلىكە مۇھەممەت ھىلال 1992-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى پوسكام ناھىيىسىنىڭ كۈيباغ يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يۇرتىدا تاماملىغان. 2011-يىلى 9-ئايدا غەربىي-جەنۇب مىللەتلەر ئۇنۋېرىستىتىنىڭ 2يىللىق تەييارلىق ئوقۇشىغا قوبۇل قىلىنىپ، 2013-يىلى9-ئايدا شۇ مەكتەپنىڭ ئېلىكتىر-ئۇچۇر تېخنىكا كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان .ھازىر شۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ.
ئۇنىڭ ئەدەبىياتقا ھېرىسمەن قەلبى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغلىرىدىلا ئويغىنىپ، 2013-يىلى «قۇمۇل ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 6-سانىدا ئېلان قىلىنغان بىر يۈرۈش شېئىرلىرى بىلەن ئەدەبىيات گۈلزارىدا چېچەك ئېچىشقا باشلىغان، ھازىرغىچە«تارىم» ، «قۇمۇل ئەدەبىياتى» ،«قۇمۇل گېزىتى»، «كروران»  ، «سېتۇدېنتلار»، « كەلپىن»، «ئاقسۇ گېزىتى»، «پوسكام ھەپتىلىك گېزىتى» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا بىر قىسىم شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغان. ياشلار مەجمۇئەسىنىڭ «سېنىڭ ئىسمىڭ كېچە» ناملىق بىرلەشمە توپلىمىغا ئەسەرلىرى تاللانغان.




قاچاندىن بېرى قانداقلارچە شېئىرغا باغلىنىپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن.لىكىن،شېئىرغا باغلانغان ھاياتىمنىڭ قەلىب سىرلىرىمنى تۆكىدىغان،ماڭا مەڭگۈ ئاسىيلىق قىلمايدىغان،مېنى يالغۇز قويمايدىغان بىر ھەمراھقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئۆزۈمنىڭ ھەم بۇ شېئىرغا باغلانغان ھاياتقا ئاسىيلىق قىلمايدىغانلىقىمنى بىلىمەن.شېئىر مېنىڭ ياراتقۇچىدىن قالسىلا ۋۇجۇدۇم بىلەن سۆيىدىغان ئىككىنچى ئاشىقىمدۇر.
- مەلىكە مۇھەممەد ھىلال


مەلىكە مۇھەممەد ھىلالنىڭ شېئىرلىرى ئەنئەنىۋى شېئىرىيەت بىلەن يېڭىچە شېئىرىيەتنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىدىن بىزگە قاراپ كۈلۈمسىرەيدۇ، شەكىل جەھەتتە تولۇق ئەنئەنىۋى شېئىرىيەت بايرىقىنى كۆتۈرۈپ قىزلىق روھىي دۇنياسىدىكى تۇيغۇلارنى ئۆزگىچە تىل قۇرۇلمىسى بىلەن ئىپادىلەشكە ئۇرۇنۇش ئۇنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى. بىز مەلىكە مۇھەممەد ھىلالنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىي ھاياتىغا تېخىمۇ يۈكسەك پەللىلەرنى تىلەپ بىر قىسىم شېئىرلىرىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.
- مەسئۇل مۇھەررىردىن

كۆڭۈل جەندىسى
ھىجراننى يىپىنىپ كوچاڭدىن ئۆتتۈم،
كۆڭلۈڭنىڭ ئىشىكى تاقاقتۇر ماڭا.
مەن ئەسلى بىر قۇرۇق خىيالنى كۈتتۈم،
ھەسرىتىم  چېچەكلەپ ئېچىلار قارا.
ھىدىڭنى سېغىنسا غېرىب دەرىزەم،
شامالدىن بىسوراق ئۇچۇپ كېتىمەن.
باياۋان قوينىدىن تۆكۈلسە مىڭ غەم،
مىڭ بىرگە مەن ياياق مېڭىپ يېتىمەن.
غەيۋەتكە لىق تولغان كوچىلار قېنى،
مېنىمۇ تولدۇرۇپ يارغا سۇنۇڭلار.
چىققاندا  سۆيگۈ دەپ ھەركىمنىڭ جېنى،
ھىجراننى ئەڭ مۇڭلۇق كۈيگە قېتىڭلار.
ئاقىمەن ئاقىمەن ئوقيا  كۆزۈڭگە،
سۆزۈمدىن ئۆزۈمگە مىڭ بالا كەلسۇن.
مەن يېتىپ بارمىغان سېنىڭ ئۆيۈڭگە،
يەتكەنلەر ئاھ مېى كىپەنلەپ كەتسۇن.

چاڭقىغان دەريا
كۆزلەرگە بىر قېنىپ تويمىغان خىيال،
كۈلكەڭنى سېغىنىپ ياسايدۇ گۈلخان.
بىر مەرتە قونالماي لىۋىڭگە شامال،
تۈنلەردە چېچەكلەپ ئېچىلار ھەريان.
جەندىگە ئايلانغان جېنىمغا كىرسەم،
دەردىڭگە دەرمان يوق،يانغىن دېگەيمۇ.
زېمىنغا دەردىمنى يامغۇردەك تۆكسەم،
ۋادەرىخ،كەل ئۆزۈڭ ئالغىن دېگەيمۇ.
كىم سۆيگۈ يولىنى ۋەيرانە قىلدى،
ۋىسالغا يەتمىگەن غېرىب-سەنەملەر.
زۆھرە ئۇ تاھىرنىڭ باغرىنى تىلدى،
مىڭ نەپرەت چىن سۆيگۈ شۇدۇر دېگەنلەر.
گۈللەرنى بۇلبۇلنىڭ سۆيۈشى يالغان،
بەرگىدىن تۆكۈلسە نەدە سايرىغاي.
مەن چاڭقاق بىر دەريا دەردىڭگە تولغان،
نە ئەجەل نە ۋىسال بىزگە پايلىغاي؟

يۈر مۇھەببەت كەتتۇق بۇ يەردىن
سۇنغان گۈلۈم سۇلدى تۆكۈلۈپ،
يۈر مۇھەببەت كەتتۇق بۇ يەردىن.
ۋادەرىخ،جان كەتتى سۆكۈلۈپ،
يۈر مۇھەببەت كەتتۇق بۇ يەردىن.
بېرىپ سۆيگۈ زىبا سەنەمگە،
تاڭاي دېدىم  ئېلىپ چېكەمگە،
ئەپسۇس سۆيۈش گۇناھ ئىكەندە،
يۈر مۇھەببەت كەتتۇق بۇ يەردىن.
دەردىگە يا دەردىم يەتمىدى،
ئىشقىم چۈشۈپ ئەرزىم يەتمىدى،
كەتمەي دېسەم سەبرىم يەتمىدى،
يۈر مۇھەببەت كەتتۇق بۇ يەردىن.
كەتكەندە بىز گۈللەر ئېچىلار،
يار ئويغانسا ھىدى چېچىلار.
يىراق كەتسەك بەختى تېپىلار،
يۈر مۇھەببەت كەتتۇق بۇ يەردىن.
ئەسكەرتىش:يۈر مۇھەببەت كەتتۇق بۇ يەردىن  دېگەن مىسرا ئۆزبېكىستان شائىرى مۇھەممەت يۈسۈفنىڭ

كۈتۈش
ئورمانلارغا ئايلىنىپ كەتتىم،
يوپۇرماققا مېھىر بەرگەندە.
نەۋ باھارنى بەخشەندە ئەتتىم،
ئۇنى قايتا-قايتا سۆيگەندە.
مەن شۇنچىلىك سۆيەرمەن پەقەت،
شۇنچىلىكلا جىمجىت كۈتۈشتە.
كەچسەڭ مىڭ رەت كەلسەڭ مىڭ بىر رەت،
ھەققىڭ باردۇر شۇ بىر ئۈلۈشكە.
كەچ كۈز ئۈچۈن سارغايساڭ نېتەي،
سۈكۈت يەنە سۆيگۈمنى كۆمەر.
سۆيسەڭ كەلگىن سۆيمىسەڭ كېتەي،
ئۆمرۈم شۇنداق رېتىمدا ئۆتەر.
كەل ئاداققى قېتىم كەتمەسكە،
ئەجەل ئوقى ماڭا تەگمەستە.

غېرىب قۇشقاچ
تىمتاسلىققا چۆككىنىدە بارچە ئورمان،
ھارغىن ئۇچۇپ كەلدى يالغۇز غېرىب قۇشقاچ.
قالدى جۈپتى قالدى يۇرتى قالدى ئارمان،
ئۇچتى تىنماي غېمى پەقەت داندا بولغاچ.
چاڭقاپ تۇرار سۇ كۆرۈنمەس يانلىرىدا،
يەنە ئۇچۇپ باقتى ھەريان كۆڭلى تىنماي.
توق يۈرگىنى قالدى گۆدەك چاغلىرىدا،
قوندى شاخقا بەلكى ئۇچۇپ ھاردى بولغاي.
چۆكتى قارا تۈن قوينىغا بۇ مەنزىرە،
ھاردى قۇشقاچ ئارزۇسىنى شۇنچە قوغلاپ.
نالە قىلىپ سايرىدى ئۇ ئاستاغىنە،
پەريادىنى پەقەت ئۆزى قالدى ئاڭلاپ.

چارچاش
سېغىنىش يېلىنجاپ  تۈگىسە بىر كۈن،
تاراملاپ ئاقارمۇ ئۇيقۇچان سەھەر.
ئارزۇغا يەتمىسە  ئارمانلار تۈتۈن،
كۆيەرمۇ ئىزلىرىم قالغان بۇ شەھەر.
*
چارچىغان ھېسلارغا قالدىم يۆلىنىپ،
خىياللار بەك تاتلىق،ئاچچىق ھەقىقەت.
تىنىمسىز ماڭماققا قالدىم ئۆگىنىپ،
يەلكەمدىن باسقاندا تۇرمۇش دېگەن خەت.
*
كەلگەندە ئەڭ شىرىن دەملەر مىسىلداپ،
پۇرسەت يوق قەرزىمنى ئادا قىلغىلى.
ماڭىمەن ئۆلۈمگە ئاستا يىقىنلاپ،
ئۆزۈمنى ئۆزۈمدىن جۇدا قىلغىلى.
سۆيگىلى بولمايدىغان قىز
ئۇ بىر ئالۋۇن يا مەيىن شامال،
باغلىرىمغا سايە تاشلىغان.
راست ئەمەستۇر كۆزلىرى چولپان،
سېھىر بىلەن جادۇ قىلىنغان.
ئۇ ئەمەستۇر ياكى ئادەمزات،
چۆچەكلەردىن قاچقان زىرىكىپ.
جادۇگەرگە قىلىپ مۇناجات،
كەلگەن مېنىڭ ئىشقىمغا ئېقىپ.
كۆزلىرىدىن تۆكۈلسە ئاستا،
كۆتۈرەلمەس ئالەم ئاخىرى،
ئۆلمەكتىمەن سېھرىدە ئاڭا،
يېشىلمەستىن جادۇنىڭ سىرى.
ھېچ سۆز تەرىپ ئىتەلمەسمىكىن،
بۇ گۈزەللىك راست ئەمەس بەلكىم.
كەلدىڭ قايسى چۆچەك ئىچىدىن،
ئەي گۈزەل قىز ئېيتقىنا سەن كىم؟

ئۆلۈم سونېتلىرى
(1)
كەل مېنىڭ بولمىغان بىۋاپا گۈلۈم،
لىۋىڭنى قاچۇرما بىر رەت سۆيۈشكە.
يەتسەممۇ ئەجەلگە يەتمىدى ئۈنۈم،
ئىسمىڭنى چاقىرىپ مېنىڭ دېيىشكە.
كۈتۈشلەر سارغىيىپ تامچىغان كۈنۈم،
قەلبىمدىن ئاۋايلاپ ئۇزىتاي ئاۋال.
بەرىبىر ئاداققى قالدۇرغان خېتىم،
كۆمىۋەت ئوقۇماي قىلمىسۇن مالال.
سۆيمىسەڭ سۆيەركەن خەيرلىك ئۆلۈم،
ئاھ،مېنىڭ ۋەسلىمگە يىتەركەن بۈگۈن،
بىر سۆيۈش يىتەرلىك بولدى سۆيگىنىم،
باغرىڭنى ئاياپ قال سۆيگىنىڭ ئۈچۈن.
ۋەسلىڭگە يەتمەستىن يۇمۇلدى كۆزۈم،
قەبرەمدە گۈل بولۇپ ئېچىلسۇن سۆزۈم.
(2)
يېگانەم كەل جىمجىت يېنىمدا ئولتۇر،
ئەسلەيلى تۈنجى رەت يانغان كېچىنى.
ھاياتنىڭ بەشرىسى شۇ تاپ جۇل-جۇلدۇر.
قايتىدىن ئاچايلى سۆيگۈ بېتىنى.
ئېيتقىنا ئەزىزىم ئېسىڭدە بارمۇ،
قەلبىمدە چېچەكلەپ ئېرىپ كۆيگىنىڭ.
ئاھ،ئەمدى جۇدالىق جېنىمغا دارمۇ،
مەڭزىمدىن توختىماي ئىرغىپ چۈشكىنىڭ.
سەن يالغۇز قالىسەن كۆزۈم يۇمۇلسا،
نالەڭگە چىدارمۇ بىز تىككەن گۈللەر.
تۇيۇقسىز سېغىنىپ كۆڭلۈڭ بۇزۇلسا،
قەبرەمنى ئەگىسەڭ بۇقۇلدار كەپتەر.
چارىسىز كىتىمەن كۆزۈڭگە تولۇپ.
ئۈنىمەن قەبرەمدىن ئەتىرگۈل بولۇپ.

(3)
كەتكەندە مەن سەندىن يىراق ئالەمگە،
قەدىرسىز سوۋغىتىم قولۇمغا چىقار.
پەريادىڭ ئاشۇ چاغ ئوخشار نالەمگە،
بىر ئاچچىق ئىزتىراپ نەپسىڭنى سىقار.
ئەسلەشكە ئۇرۇنۇپ قالىسەن جىمجىت،
تاپالماي تەڭ كۈلگەن دەقىقىلەرنى.
لىۋىڭگە چاپلىشار بىر سۆز«ھەي ئېسىت»،
سۈكۈتكە كۆمىسەن شۇ ۋەدىلەرنى.
يامغۇرغا چىلانساڭ ھەر تامچە ھەسرەت،
تېگىدۇ تىرىسلاپ ئۇدۇل يۈرەككە.
بىلمەيسەن ئەسلەيسەن يەنە قانچە رەت،
قەبرەمگە ئەڭ يېقىن قەبرەڭ بولغىچە.
گۈللەرگە قالدۇردۇم ساڭا كۆيۈشنى،
ئۆزۈڭگە تاپشۇردۇم سېنى سۆيۈشنى.
(4)
قەبرەمگە يېقىنلاپ كەلگەندە ھايات،
باھارنى  ئەسلىدىم ئاخىرقى قېتىم.
پۇشايمان مىڭ مەرتە ئۇرسىمۇ كاچات،
مەن سېنى ئەسەبىي سۆيدۈم ئامرىقىم.
بىلىمەن گۈل تۇتۇپ كەلمەيسەن ماڭا،
ئۆمرۈمگە رەڭ بەرمەي ئۆتكەنلىرىڭدەك.
بىر ساڭا تارتىشتىم كۆڭۈللەر ئارا،
سەن يەنە يوق،ئاچچىق ئاغرىدى يۈرەك.
بىر تامچە يېشىمدا مىڭ پاتمان كۈتۈش،
سۈكۈتكە باغلىنىپ تىنىمسىز ئاقتىم.
ۋىسالىڭ  بىر خىيال ياكى قارا چۈش،
رازى بول دىيەلمەي چارىسىز ياتتىم.
ئۆمرۈمنىڭ ئاداققى پەيتى تىپتىنىچ،
كۆزلىرىم يۇمۇلدى،سەن كەلمىدىڭ ھېچ.




ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-3 11:25:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  سىزگە قۇت يار بولسۇن ھىلال قىز، شېئ‍ىرلىرىڭىزدىن زوق ئ‍الدىم!

ۋاقتى: 2015-12-3 11:28:16 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنىمۇ ئۇتۇق يار بولغاي

ۋاقتى: 2015-12-3 11:35:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



       ئالدى بىلەن «يازغۇچىلار مۇنبىرى»دە تونۇشتۇرۇلغىنىڭىزنى تەبىرىكلەيمەن. مۇبارەك بولسۇن !
        شېئىر ئىشقى دائىم چاپلىشىۋالسۇن، تۇرمۇشىڭىزغا چەكسىز قۇت، مۇساپىڭىزگە پارلاقلىق يار بولسۇن !

ۋاقتى: 2015-12-3 11:38:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا .....سىزدىن سۆيۈندۇق .ئىجايىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن .

ۋاقتى: 2015-12-3 11:42:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«يازغۇچىلار مۇنبىرى»دە تونۇشتۇرۇلغىنىڭىزنى تەبىرىكلەيمەن. مۇبارەك بولسۇن ! سىزگە قۇت يار بولسۇن ھىلال قىز، شېئ‍ىرلىرىڭىزدىن زوق ئ‍الدىم!

ۋاقتى: 2015-12-3 11:43:53 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيتىڭىزغا يەنىمۇ يۇقىرى پەللە تىلەيمەن سىڭلىم

ۋاقتى: 2015-12-3 11:55:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەكىل جەھەتتە تولۇق ئەنئەنىۋى شېئىرىيەت بايرىقىنى كۆتۈرۈپ قىزلىق روھىي دۇنياسىدىكى تۇيغۇلارنى ئۆزگىچە تىل قۇرۇلمىسى بىلەن ئىپادىلەشكە ئۇرۇنۇش ئۇنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئابدۇرىشىتكا،شېئىرى شەكىلمۇ ئەنئەنىۋى،زامانىۋى شەكىل دەپ ئايرىلامدۇ؟

  

ۋاقتى: 2015-12-3 11:56:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەلىكىنىڭ تېرىشچانلىقى ئادەمنى قايىل قىلىدۇ،ئۇنىڭغا نۇرانە پەللە تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2015-12-3 12:36:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ھىلال قىزنى «ئاقسۇ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان شېئىرى ئارقىلىق تۇنۇغاندىن بېرى، شېئىرلىرىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كېلىۋاتماقتىمەن. بۇ ئۈمىدلىك غۇنچىمىزنىڭ تېخىمۇ بەرق ئۇرۇپ ئېچىلىشىغا تىلەكداشمەن!

ۋاقتى: 2015-12-3 13:33:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەمقەلەمدىشىم مەلىكە مۇھەممەت ھىلالىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.لېكىن ئاۋۇ يەردىكى ئابدۇرۋشىتكام دىگەن«ئەنئەنە»دىگەن ئاتالغۇ ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم.ھازىرچە بۇ ھەقىتە تاللاش-تارتىش قىلىش سەل مۇۋاپىق ئەمەستەك قىلىدۇ.مەلىكىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتىنىڭ تېخىمۇ يۇرۇق پەلىلەرگە ئۇلىشىشىغا تىلەكداشمەن.

باھا سۆز

« ھەقىتە-ھەقتە، يۇرۇق-يورۇق» دەپ يېزىلسا توغرا بولىدۇ...  ۋاقتى: 2015-12-3 10:35 PM
ۋاقتى: 2015-12-3 13:41:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇردىشىم مەلىكە مۇھەممەد ھىلالغا بەرىكەت ياغسۇن. ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئادەمنى ھەقىقەتەن قايتىلاپ ئوقۇشقا مەجبۇر قىلىدۇ، چۈنكى ياخشى نەرسىنى كىممۇبىر ئوقۇپلا تاشلاپ قويسۇن!؟ شېئىرلاردىن گۈپۈلدەۋاتقان ئازاپ ۋە ئەلەم پۇرىقى كىشىنى تەگسىز خىياللارغا باشلاپ قويىدۇ، بىر چاغدا قارىسا شېئىر تۈگىگەن، ئويغانغان ئەلەملەر دىلغا خەنجەر سانجىپ قان تۆككەن.....
مۇھەببەت شېئىرلىرىمىزنىڭ ھەدددىن زىيادە يىغلاڭغۇ ۋە چۈشكۈن بولۇپ كەتكەنلىكىدىن رەنجىۋاتىمىز، بىراق ھىلالنىڭ شېئىرلىرى شۇنداقراق تۇيۇلسىمۇ، يەنىلا ئاز-تولا پەرق بار، ئادەم ئويلىمىغان ئويلارنى شېئىر قىلىپ يېزىپ، يېڭى پىكىرلەرنى ئويغاتقۇچى مىسىرالار بار. ئاچچىق تەنقىدكە بىرلىشىپ چەكسىز ساداقەت پۇرايدىغان شېئىرلارنىڭ ئۈزۈلمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋاقتى: 2015-12-3 13:55:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەلىكە مۇھەممەت ھىلال قىزنىڭ بۇ شېئىرلىرىدىكى قوش قاپىيەسىگە ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلىغا تولىمۇ ھەۋەس قىلىۋاتىمەن.... كېيىنكى ئىجادىيەتلىرى تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولغاي...

ۋاقتى: 2015-12-3 14:12:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم مەلىكە مۇھەممەت ھىلالنىڭ تونۇشتۇرۇلغانلىقىدىن دىللار يورۇدى. ھىلالنىڭ ئىزدىنىشلىرى مەنزىللەرگە يەتكۈزگۈسى. ھىلالنىڭ ئىجادىيەتلىرىگە تېخىمۇ نۇرانە پەللىلەر قۇچاق ئاچقاي!

ۋاقتى: 2015-12-3 14:28:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن! بەرىكەتلىك بولغايسىز!!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش