ئاتاقلىق يازغۇچى ئابدۇۋەلى ئەلى ئەپەندى يەكەندە زىيارەتتە بولدى
. s: w/ r+ _0 f
; H7 C1 y5 H( n( k! L& g 11-ئاينىڭ 30-، 12-ئاينىڭ 1-كۈنلىرى، «بەدۆلەت»، «مەخدۇم ئەزەم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى»، «ئافاق خوجا»،«تورغاق خوجىلار»، «تۇغلۇق تۆمۈرخان» قاتارلىق داڭلىق تارىخىي رومانلارنىڭ يازغۇچىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ پىشقەدەم مۇھەررىرى ئابدۇۋەلى ئەلى ئەپەندى يەكەن ناھىيەسىدە زىيارەتتە بولدى.
+ `6 l% s0 r9 G3 H/ b ئابدۇۋەلى ئەلى ئەپەندىنىڭ يەكەن ناھىيەسىدە ئېلىپ بارغان بۇ قېتىملىق زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى- يېقىندا ئۆزىنىڭ يېزىپ تاماملىغان «ئۇنتۇلمىغان كىشىلەر» ناملىق رومانىنىڭ تىپىك پىرسۇناژلىرىدىن بىرى بولغان ئىمىن ھېيتنى زىيارەت قىلىش بولۇپ، يازغۇچى يەكەنگە كېلىپلا دوختۇرخانىدا بالنىستتا ياتقان ئىمىن ھېيت ئاكىنى يوقلىدى ۋە قىزغىن سۆھبەتلەشتى.
9 i+ v* x3 M( q+ ?. Dبۇ جەرياندا يازغۇچى ئابدۇۋەلى ئەلى ئەپەندى يەكەندىكى بىر قىسىم تارىخچى، تەتقىقاتچى، يازغۇچى - شائىرلاردىن ئابدۇقادىر داۋۇت، ئۆمەر ئوسمان سەبۇرىي، ئەركىن ئاۋۇت، نۇرمۇھەممەد ئايۇپ قۇربانى، ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ، ياسىنجان تۇرسۇن ئاتازات، گۇمىدىن ئابدۇۋەلى ئەپەندى بىلەن بىلەن ئالاھىدە كۆرۈشۈشكە كەلگەن پىشقەدەم ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى مۇھەممەد خالىي قاتارلىقلار بىلەن قىزغىن ھەمسۆھبەتتە بولدى.
% H: w3 G5 C& z$ @% Z2 Q زىيارەت جەريانىدا ئابدۇۋەلە ئەلى ئەپەندى يەكەن خانلار قەبرىستانلىقى، جاللات خېنىم مازىرى، يەكەن سەئدىيە خانلىقىىنىڭ تەقلىدىي ئوردىسى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقى ۋە ساياھەت ئورۇنلىرىنى زىيارەت قىلدى. ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ خەۋىرى
! Z3 X4 p) r+ h, W% P' ~0 I5 L1 }
كۆڭۈللۈك سۆھبەت
تەتقىقاتچى ئەركىن ئاۋۇت ئوردا قۇرۇلىشىنى تونۇشتۇرماق ...
يازغۇچى ئابدۇۋەلى ئەلى ئەپەندى
كۆڭۈللۈك كەچكى تاماق
كۆك كەپتەر ئارامگاھىدا
ئابدۇۋەلە ئەپەندى تەتقىقاتچىلاردىن مۇھەمەتتۇرسۇن مەج ...
ئابدۇۋەلە ئەلى ئەپەندى داڭلىق تارىخچى ئابدۇقادىر داۋۇ ...
جاللات خېنىم مازىرىدا
يازغۇچى، تەتقىقاتچى نۇرمۇھەممەد ئايۇپ بىلەن بىللە
ئالتۇنلۇق خانلار قەبرىستانلىقىدا
2 p$ B3 h: H* B a9 ^2 g
سۈرەتلەرنى نۇرمۇھەممەد ئايۇپ قۇربانى تارتقان.
/ ^) Z# b& U1 y9 M2 E, r9 r
" V. v* B4 S' B1 _+ K
9 G/ W7 a* s6 G0 M5 e+ _( U6 l
/ }4 }, n( V5 U5 u2 k7 T" H6 }6 J
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-2 19:03 5 ?4 f, q+ y) Q+ v
( u/ C: x* z1 A7 D