يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 658|ئىنكاس: 5

زۇلتاپ: مەن سېنى ئەشۇ يەردە ئۇچراتتىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


مەن سېنى ئەشۇ يەردە ئۇچراتتىم


ئۇزاققىچە سۆيۈشۈش ئۈچۈن-
قەلبىڭدە ئەمەس-لېۋىڭدىكى لېۋىڭنىڭ ئىچىدە،
كۆزۈڭدىن قايىتقان نۇر گىلاسلىرى ئىچىدە،
ۋە ئەشۇ قاراڭغۇلۇقتىكى قاراڭغۇ ئېغىزىڭنىڭ قاراڭغۇ قۇدۇقلىرى ئىچىدە،
چېچىڭدىكى جىلغىنىڭ سۈرلۈك جىلغىللىرى ئىچىدە،
تېنىڭ چوقايلىرىدىكى ئىككى سۈندۈك ئۇۋىسىنىڭ تېخىمۇ ئىچىدە،
ئۇزاققىچە سۆيۈشۈش ئۈچۈن،
ئۇزاققىچە سۆيۈشۈش ئۈچۈن،
روھ ۋە تېنىڭنىڭ ئەڭ چوڭقۇر جايلىرى ئىچىدە،
ئىچىڭنىڭ ئەڭ تېشىدىكى ئەڭ مەيۈس ئىچىدە،
ۋە تېشىڭنىڭ ئەڭ تېشىدىكى ئەڭ چۈشكۈن ئىچىدە،
ئۇزاققىچە سۆيۈشۈش ئۈچۈن-
پەقەت ئۇزاققىچە سۆيۈشۈش ئۈچۈنلا
مەن سېنى ئەشۇ يەردە ئۇچراتتىم...

2015.12.2

ئۈرۈمچى





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زۇلتاپ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-2 14:03  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-2 15:37:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىماققا زۇلتاپنىڭ بۇ شېئىرىدا لەۋدىن ئىبارەت ۋاسىتە ئارقىلىق ئىنساننىڭ روھىيىتىگە ئاستا-ئاستا سىڭىپ كىرىۋاتقاندەك بىر شېرىن، لەرزان، ئازابلىق مەنزىرە ئىپادە قىلىنغاندەك قىلسىمۇ، بىراق ماۋۇ : « ئىچىڭنىڭ ئەڭ تېشىدىكى ئەڭ مەيۈس ئىچىدە،

ۋە تېشىڭنىڭ ئەڭ تېشىدىكى ئەڭ چۈشكۈن ئىچىدە،» دېگەن ئىككى مىسرانىڭ شېئىرىي راۋانلىقىغا سەل-پەل نۇقسان يەتكەندەكلا ھېس قىلدىم.
ئۇندىن باشقا يەنە « قايىتقان-قايتقان، جىلغىللىرى-جىلغىلىرى، ئەشۇ-ئاشۇ...» دېگەن سۆ‍زلەرنى تۈ‍زىتىپ قويۇش مۇۋاپىق دەپ قارىدىم...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ABLAJAN.BOWAKI تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-2 15:37  


ۋاقتى: 2015-12-2 15:49:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىڭى شېئىرىڭغا مۇبارەك بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-12-2 16:31:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن.زوقلاندىم.

ۋاقتى: 2015-12-2 21:51:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىڭدىن ھوزۇر ئالدىم دوستۇم، تېخىمۇ ئەسەبىي ھەم مۇڭ شېئىرلىرىڭغا خۇشتارمەن...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-22 22:35:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاپقارا كېچە

قاپقارا كېچە-كۆزۈمدىكى مۇنار ئۈستىدە
ياتماقتا تۈگۈلۈپ،
ئۇ ئۆچۈپ قالغان مۇخۇركىدەك ئىس-تۈتەكسىز
ئۇ كەتمەننىڭ سېپىدىكى يېرىقتەك بوش
ئۇ يېزىق يىلانلىرىدەك سويلىغان
ئۇ قېرى جىگدە قوۋزاقلىرىدىكى چۈمۈلىلەردەك
سىلەرنى سىم-سىم يامغۇرمىكى دەپ قالغان...

قاپقارا كېچە-
نۇر يىپلىرىغا تۇماردەك ئېسىلغان

قاپقارا كېچە-
سۆز بۇلاقلىرىنى فونتاندەك ئېتىلدۇرغان
سۆز ئىگىنلىرىنى ئەينەكتىن ئايرىغان
سۆز ئېغىزلىرىنى جاراھەت گۈلى بىلەن بېزىگەن
سۆز ئەرلىرىنى ھەسرەت گۈزەللىرى بىلەن تارتۇقلىغان
سۆز قەدەملىرىگە-مۇساپىسىزلىقنى
سۆزكۈندۈزلىرىگە-ئەبەدىيلىكنى
سۆز رومكىللىرىغا-تولماسلىقنى
سۆز شەبنەملىرىگە- سۈبھى كېپىنەكلىرىنى
سۆز كارۋاتلىرىغا-بوشلۇقنىڭ مامۇق بۇلۇتلىرىنى
شۇنداقلا سۆز باللىرىغا-
ئۆلۈمنى، ئەشۇ رەڭسىز ئۆلۈمنى
تىمتاسلىقتا توڭ قاغىدەك ئاچ ئۆلۈمنى
قېرى بەڭگىدەك ئۆلمەس ئۆلۈمنى
چىرىپ كېتىدىغان يالتىراق ئۆلۈمنى
ئۇۋىلىدىغان كەندىر ئۆلۈمنى
ۋە ئەڭ قورقۇنچلىق ئۆلۈمنى....

قاپقارا كېچە-
تېخىمۇ قارىدىماقتا



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زۇلتاپ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-22 22:36  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش