تەپەككۇردىن تامچىلار
مەخەت ئابدۇرېھىم
ھايات سەيناسى
ھايات سەيناسى؛-تەبىئەت بىلەن جەمىيەتنىڭ قانۇنىيەتلىك مۇناسىۋەت ئامىللىرىدىن ھاسىل بولغان ھەم مۇرەككەپ ھەم مۇكەممەل ئۇنۋىرسال بىنا.ئادەملەر ھەرقانداق ئىش-پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارالايدىغان ھەم قىزىقارلىق ھەم رەڭگارەڭ بىزەلگەن سەينا.ئادەملەرنىڭ بۇ سەھنىدە ئورونلاۋاتقان نۇمۇرلىرى ھېلى قارىسا كومىدىيە،ھېلى قارىسا تىراگىدىيە،شۇ نۇمۇرلارنى لاھىلەپ ئورونلۇغۇچىلارمۇ،ئاخىردا باھالاپ خۇلاسە چىقارغۇچىلارمۇ شۇ ئادەملەر.
ھايات سەيناسىدىكى تۇرمۇش تەپسىلاتلىرى تولىمۇ قىزىقارلىق ۋە رەڭگارەڭ بولغاچقا خىلمۇ-خىل شەكىللىرى ئارقىلىق ھەممە ئادەمنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ.
ھالال مېھنەت
ھالال مېھنەت؛-ئىنسانىيەتنىڭ كۇچ-قۇدرەت جاسارىتىنى،ئەقىل-ئىدراك پاراسىتىنى،مەڭگۈ ئۆڭمەس ئاسارىتىنى،ئۆمۈرلۈك تۇرمۇش خاراجىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان،كۈندىن-كۈنگە باھاسى ۋە قىممىتى ئۆسۈدىغان ئالتۇن رەڭلىك بايلىقتۇر.
تۇرمۇش تەمىناتى
تۇرمۇش تەمىناتى؛-ئادەمنىڭ بىلەكلىرىدىن يۈرەكلىرىگىچە سىڭىپ كىرىدىغان ،ئۇ ئادەمنى ئۇخلىغاندا چۈشۈگە،ئويلىغاندا خىيالىغا كىرىپ باقمىغان جايلارغا باشلايدىغان، ئەگەر ئادەملەر دىققەت قىلمىسا تۇرمۇشنىڭ دولقۇنلۇق قايناملىرىغا تاشلايدىغان شەيتان سۈپەت سەركەردىدۇر.
بەخت يۇلتۇزى
بەخىت يۇلتۇزى؛-تۇرمۇشنىڭ دولقۇنلۇق دېڭىز-ئوكيانلىرىدا،ھەسرەتلىك چوڭقۇر قايناملىرىدا پىشىپ يىتىلىدىغان،ئادەملەرگە خۇشاللىق يول ئاچىدىغان،قوياشتەك ئىللىق نۇر چاچىدىغان ئەقىل ئاسمىنىدىكى چولپان يۇلتۇزدۇر.
كەيپىيات ئامىللىرى
كەيپىيات ئامىللىرى؛-ئادەملەرنىڭ تەپەككۇرىغا ماھيەتلىك تەسىر كۆرسىتىدىغان،تۇرمۇش تەرتىۋىگە خىلمۇ-خىل رەڭلەرنى قوشۇدىغان پىسخىك ئامىل بولوپ ئۇ،ئادەملەر جاپا-مۇشەققەتتىن ئازاپلانغاندا،ھېرىپ-چارچاپ ماغدۇردىن كەتكەندە،ئىللىق چىراي،يېقىملىق سۆز،ئىللىق مۇئامىلىدە بولوپ گۈزەل قىياپەتنى كۆرگەندەكۆڭلى گۈلدەك ئېچىلىپ،تەنلىرىدە كۇچ-قۇۋەت ھاسىل بولىدىغان،قەلىبنى نۇرلاندۇرىدىغان،قەدەملىرىنى راۋانلاشتۇرىدىغان، ئادەمنىڭ تۇرمۇش يۈكىنى يەڭگىللىتىدىغان مۇھەببەت-نەپرەت ۋە غورورنىڭ ئەمەلى ئىپادىسىدۇر.شۇڭا ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشقا نىسبىتەن مىھرى-مۇھەببەت ھارارىتى،غەزەپ-نەپرەت كارامىتى بولمىسا ئادىمىيلىك سالاھىتى ئىپادىلەنمەيدۇ.
سەمىمىي مۇھەببەت
مۇھەببەت:-ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇرىنى يورىتىدىغان ماياك.كائىناتنى توسالغۇسىز ئايلاندۇرىدىغان ساغلام قانات،تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك-تۈمەن مۇناسىۋەتلەردىن ھوزورلاندۇرىدىغان خۇشال ھايات.
ئادەملەر ھەرقانچە تاش يۈرەك،ۋاپاسىز بولوپ كىتىشىدىن قەتئىنەزەر ئۇلارنىڭ يۈرىكىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا،يۈرەك تومورلىرىدا،بىلەك-بارماق،ئۇستىخانلىرىدا،روھى-ئەھكاملىرىدا،مېھرى-مۇھەببەتنىڭ ساداقەت گۇلخانلىرىدا سەمىمىي مۇھەببەت يالقۇنلاپ تۇرالىسا،شۇ ئادەملەردە ئادىمىيلىكنىڭ ماھيىتى ئىپادىلەنگەن بولىدۇ.
غەپلەت ئۇيقۇسى
غەپلەت ئۇيقۇسى؛-ئىنسانىيەتنىڭ تەپەككۇرىنى تۇمانلاشتۇرۇپ،ئۇلارنى تۇرمۇش دېڭىزىنىڭ قايناملىرىغا قولۋاقسىز باشلايدىغان،ئاخىردا ھالاكەت ئارىلىدىكى ھاڭغا تاشلايدىغان ياۋايى مەلئۇن.
شۇڭا،غەپلەت ئۇيقۇسادا ياتقانلارنى تاڭ شامىلىنىڭ سەھەر شاۋقۇنىدا ئويغۇتىۋىتەيلى،قارا بېسىپ جۆيلۈپ قالمىسۇن.
شىپالىق دورا
بىر ئادەمنىڭ ياخشى تەرپىنى ماختاش،ئاندىن كەمچىللىكىنى تۈزۈتۈشكە ئاستا-ئاستا ياردەم بىرىش كىرەك.بۇ ئۇسۇل ئائىلىدىمۇ،مەكتەپتىمۇ،جەمىيەتتىمۇ ياخشى ئۈنۈم بىرىدۇ.مانا بۇ ئۇسۇل بالىلارغىمۇ،چوڭلارغىمۇ ھەتتا دۇنيادىكى بارلىق كىشىلەرگە ماس كىلىدىغان شىپالىق دورىدۇر.
پۇشايمان
پۇشايمان ؛-ئەگەر دۇنيادا پۇلغا ئالىدىغان بولسا كىشىلەرنىڭ بىر ئۆمۈر خىراجىتىگە يىتىپ ئاشىدىغان ئۆسۈمسىز دوللەر،كىشىلەرنىڭ ھايات سەپىرىگە كەينىدىن ئەگەشكەن قۇرالسىز دۈشمەندۇر
مەخەت ئابدۇرېھىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-2 00:23