يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 390|ئىنكاس: 3

بوۋاقى: ئوتلۇق ھېس-تۇيغۇ، سەمىمىيەت ۋە ھەقىقەت شېئىرنىڭ يىلتىزىدۇر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئوتلۇق ھېس-تۇيغۇ، سەمىمىيەت ۋە ھەقىقەت شېئىرنىڭ يىلتىزىدۇر
( ئاتاقلىق ئەدىب مەھمۇد مۇھەممەدنىڭ « مۇھەببەت مۇڭلىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى ھەققىدە)
شئېىر- شائىر قەلبىدىن بىۋاسىتە ئېتىلىپ چىققان ساپ ھېسسىياتنىڭ زاھىرلىنىشى بولۇپ، ئۇ، ئوتلۇق ھېس-تۇيغۇ، سەمىمىيەت ۋە ھەقىقەتنىڭ ئاجايىپ يارقىن بىر روھىي ئىپتىخار ئىلكىدە ئىپادىلىنىشى بولۇپ، مۇكەممەل، رەڭدار، يېقىملىق، جەلبكار تىل بولسا ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم قورالى ھەم قىممەتلىك ۋاستىسىدۇر. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، «تىل-مىللەتنىڭ ھاياتى، تىنىقى ۋە تارىخىدۇر»(ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن)   شېئىرىي تىل- شېئىرىي ئەسەرنىڭ ئومۇرتقىسى» (ئەھمەد دەرۋىش) دۇر.
ئېنىقكى، ھەرقانداق بىر مۇنەۋۋەر، جۇلاكار، مەتانەتلىك شېئىر نېمە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، مىللەتنىڭ بىباھا، قىممەتلىك، زەبەردەست تىلى بىلەن روشەنلىككە ئېرىشىپ، ئۆزىنىڭ سەرۋى قەددىنى نامايەن ئەيلەيدۇ.
تىل، بولۇپمۇ شېئىرىي تىل- مىللەتنىڭ مەنىۋىيىتى ۋە روھىي بالاغەت ئىستىتېكىسىنىڭ شائىر قەلبىدىكى تەڭداشسىز چۇقانى بولۇپ، ئۇ مىللەتنىڭ خاسلىقىنى ئاجايىپ سەلتەنەتلىك ھەم جەلبكار مەتانەت بىلەن ئىپادىلەپ، ئەبەدىيلىككە ئىگە قىلىدۇ، خۇددىي ئاتاقلىق ئەدەبىي ئوبزورچى مۇھەممەد پولات ئەپەندى قەيت قىلغاندەك:« ئالىيجاناب غايە ۋە قايناق ھېسسسىيات ئۇنىڭ ‹شېئىر›نىڭ جېنى، ئۇ شائىرنىڭ ئىجتىمائىي بۇرچى بىلەن ھاياتىي ۋىجدانىنىڭ ئوغرازلىق گەۋدىلىنىشى، ھەقىقىي بەدئىي شېئىر كەڭ ۋە چوڭقۇر لىرىك مەزمۇن ۋە يۈكسەك بەدئىي گۈزەللىكى بىلەن ئوقۇرمەننىڭ روھىي ۋە ئەقلىنى تەۋرىتىپ، ئۇنىڭ ئوي-پىكرىنى يېڭى بىر ھاياتىي ھېكمەت بىلەن بېيىتىدۇ».
شۇڭا شېئىر ھەقىقەتەنمۇ ۋىجدان ئىشى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىپادە قىلىنغىنى تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پاك ئىنسانىي ۋىجداننىڭ ئازابى، قايغۇسى، شادلىقى ۋە جىلۋىلىنىشىدۇر.
ئۆمرىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى دۇنيادىكى ئەڭ قىيىن بىر ئىشقا-ئىجادىيەتكە ئۈن-تىنسىز بېغىشلاپ، ئەلنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئېقىپ، شادلىقىغا كۈلۈپ، دەردىگە يىغلاپ، قىيىنىنى ئاسان، يىرىقىنى يېقىن قىلىپ، نەچچە ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، سەمىمىيەت بىلەن ھەقىقەت گىرۋەكلىرىنى بويلاپ، ئوتلۇق ھېس-تۇيغۇلار بەدىلىگە ئۆز ۋەتەن-خەلقىگە دىل باغلىرىدىن شىرىن مېۋىلەرنى تەقدىم ئېتەلەيدىغان ھەقىقىي ئىجادىيەتچىلەر ئانچە كۆپ بولمىسا كېرەك. ئاتاقلىق شائىر ماخمۇت مۇھەممەد ئىجادىيەتكە ۋىجدانىي نۇقتىدا تۇرۇپ، ئىلمىي ۋە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ، يۈرەك قېنىنى سۈكۈت ئىلكىدە ئاققۇزۇش بەدىلىگە بىرمۇنچە خاسلقىلىرى جۇلالىنىپ تۇرىدىغان، رەڭ-پۇراقلىرى ئۆزگىچە، مەنە قاتلاملىرى نېسبەتەن چوڭقۇر، تىلى ئويناق، پەلسەپىۋىي پىكىرگە تويۇنغان شېئىرلىرى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلب تۆرىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «مۇھەبببەت مۇڭلىرى» ناملىق تاللانغان شېئىرلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن شېئىرلىرى بىزنىڭ يۇقۇرىقى قاراشلىرىمىزنى روشەن دەلىللەيدۇ. چۈنكى، پاكىت ھەردائىم مۇنازىرىدىن، جۈملىدىن ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ھەقىقەتتۇر، خالاس!
شائىرنىڭ بۇ يىرىك (تاللانغان) شېئىرلار توپلىمىغا ئۇنىڭ مۇرەببە، مۇخەممەس، غەزەل، رۇبائىي، چاچ-ئەركىن شېئىرلار، مەزمۇن يېقىدىن قەسىدە، تەبىئەت لىرىكىسى، مۇھەببەت لىرىكىسى، ئىنتىم لىرىكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، مەزمۇنىنىڭ چېتىلىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ، پىكىرلەر يېڭى، ئىپادىلەش جانلىق، شېئىرىي خاھىش ئېنىق، مۇقامى يۇقۇرى، جەلبكارلىقى كۈچلۈك.
تىلى بىلەن دىلى، ئىچى بىلەن تېشى، سۆزى بىلەن ئۆزى، قولى بىلەن يولى  ئوخشاش بولمىغان ئادەملەر كۈنسايىن ئاۋۇپ كېتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئاتاقلىق شائىر ماخمۇت مۇھەممەد توغرا ھەن راست ئېيتىدۇ:« شېئىر-ئىنسان بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولغان كۈندىن تارتىپ ئاستا-ئاستا ئۇنىڭ يۈرىكىگە ئورناپ، بىر ئۆمۈر قەلبىگە شىرىن زىلزىلە سېلىپ، قايناپ-تېشىپ، كۈۋەجەپ، ئىنسانغا ئۆمۈر بويى ھەمراھ بولىدىغان، ھەر دائىم بىزنى گۈزەللىككە ئۈندەپ، ئاداققىي پەيتلەرگىچە قەلب ئاسمىنىمىزدا چاقناپ تۇرىدىغان مۇقەددەس، نۇرلۇق بىر سېزىم، بىر ئىلاھىي كۈچ. شېئىر-شائىرنىڭ يۈرىكىدە يېلىنجىغان بىر پارچە ئوت، شائىرنىڭ ۋۇجۇدى، قەلبى، تىلى ئارقىلىق جاھانغا ياڭرايدىغان سۆيگۈ خىتابنامىسى، شائىرنىڭ قەلب دېرىزىسىنى چەككەن ئىلھام پەرىسىنىڭ سېھىرلىك تەۋرىنىپ-لەپىلدەپ تۇرغان رەڭدار قانىتى. شېئىر بىلەن ياشىغان ئىنسان بىر ئۆمۈر شادىماندۇر، ئىزگۈ شېئىرلار تەۋەللۇتىدا تولغىنىپ ئۆتكەن شائىر بولسا مەڭگۈ بەختىياردۇر». كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، بۇ شۇنداقلا دەپ قويغان گەپ بولماستىن، بەلكىي شېئىرغا چىن ۋىجدانىي مەسئۇلىيەت بىلەن سەمىمىي مۇئامىلە قىلغان بىر ۋىجدانلىق، ئېتىقادلىق، ئەقىدىلىك، پەزىلەتلىك، جەڭگىۋار شائىرنىڭ كۆڭۈل قېتىدىن ياڭرىغان ھاياتلىق ۋەجى ئېيتىلغان مۇھەببەت شەربىتىگە تويۇنغان قىسمەت ناخشىسىدۇر!
ھەرقانداق بىر شائىرنىڭ قەلىمى پىشىپ، بالاغەت داۋىنىدىن مەردانە قەدەملەر بىلەن ئۆتۈۋاتقاندا، ئۇ ئۆزىنى ئەل-ۋەتەن، ھاياتلىق ئىماگلىرى، ئىشىق غەليانلىرى، پىغان سەۋدالىرى ۋە تەڭرى ئاتا قىلغان ساپ ھېس-تۇيغۇ ۋە ئەقىل-ئىدراكقا كۆرە ۋۇجۇدلانغان سەنئەت بىلەن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى بىر گەۋدە دەپ قاراپ ۋە تونۇپ، ئۆز ھاياتىنىڭ نېمە ۋە قانداق قىسمەت بىلەن مەنە تاپقانلىقى ھەققىدە چوڭقۇر ھەم ئەتراپلىق ئويلىنىپ، قىيام بولغان شېئىرىي ئىزتىراب تۈپەيلى، ھىدايەتلىك دۇردانىلەرنى نامايەن ئەيلەيدۇ. شائىر ماخمۇد مۇھەممەد «شېئىر بولۇپ يېزىلدىم بۇ دۇنياغا» ناملىق كىرىش سۆز ئورنىدىكى يېڭى پىكىرلىك شېئىرىدا مۇنداق تەلقىن قىلىدۇ:
....................................
كەچتى تالاي ئىسسىق-سوغۇق بۇ باشتىن،
كۇبلېتلىرى ئۇزارغانچە ئۆمرۈمنىڭ.
ئوقۇپ ماڭدى پەرزەنتلىرىم قۇرمۇ-قۇر،
(جاراڭلىدى جانانلىرى كۆڭلۈمنىڭ.

شېئىر-شەربەت، شېئىر-سۆيگۈ، شېئىر-گۈل،
شېئىر بولۇپ ئۆتتى مېنىڭ ھاياتىم.
چاقناپ كەلدىم شېئىر كەبىي پەرۋازدا،
جىسمىم پىكىر، شوخ مىسرالار-قانىتىم.
.......................
ئاق قەغەزگە پۈتۈلگەندەك شاھ يازما،
شېئىر بولۇپ يېزىلدىم بۇ دۇنياغا.
جاراڭلايمەن مىليۇن  دىلدا، كۈيلەيمەن،
ھايات- شېئىر، سۆيگۈ شىرىن دۇنيادا...

بارلىق-يوقلۇق ئەپسانىسى بىر قامۇس،
مەن قامۇسنىڭ داۋامىغا تىركەلدىم.
شېئىر كەبىي ئۆتەر ئەسلى بۇ ھايات،
كۆرەشلەردە شېئىر بولۇپ يۈكسەلدىم.
.................................»
ئۇنداقتا، شائىر نېمە ئۈچۈن شېئىر بىلەن ئۆزىنى مۇستەھكەم بىر روھىي گەۋدە دەپ قارىدى؟ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ھاياتىنى ئاخىرقى ھېسابتا شېئىر بىلەن تۈگەللەشنى ۋىجدان يېقىدىن خالاپ، قارار تاپتى؟ يەنە نېمە ئۈچۈن شېئىرىي ھاياتنىڭ باقىيلىقىغا ئۇ قەدەر ئىشەچ باغلاپ قالدى؟...نىھايەت، بۇ يەردە گەپ بىر نۇقتىدا شۇنداق روشەنلىككە ئىگە بولىدۇكى، شېئىرىي ھايات- مەشئۈم، يېقىملىق، مۇلايىم، تېتىملىق، شىرىن، ئارمانلارغا ئەبەدىي قانماس، پاك، دىيانەتلىك، يۈرەككە يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈن ئەلمىساقتىن بۇيان قەدىرلىنىپ، ئۆزىنىڭ مەتانەتلىك ئۆرنىنى تېپىپ كەلدى. شېئىر بىلەن بىر مۇستەھكەم بىر گەۋدىگە ئايلانغان ھايات- مەڭگۈلۈك ھايات سەپىرىنىڭ باقىي كارۋانلىرىغا ئايلىنىپ، قەلبلەرنىڭ دەشت-باياۋان ۋە مۇنبەت ئېكىنزارلىقىدا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇردى. ئەجدادلاردىن قالغان شېئىرىيەت ئۇدۇمى مىڭ يىللاردىن بىرىمۇ ھېچقانداق ئۆڭۈپ كەتمىدى... يېرىم ئەسىرگە يېقىن توختاۋسىز داۋام ئەتكەن بەدئىي ئىجادىيەت ھاياتىدا بۇ نۇقتىنى ناھايىتى روشەن تونۇپ يەتكەن تالانتلىق، خاس پىكىرلىك، ئۆتكۈر نەزەرلىك شائىر مەردانە ھالدا يۇقۇرىقىدەك ئىجابىي ھەم ئىجادىي يەكۈننى چىقىرىپ، ئەۋلادلارغا شېئىرىي ھاياتنىڭ قىممىتىنى تونۇتتى!
ئاتاقلىق شائىر ماخمۇد مۇھەممەد ئۆز قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان ساپ ھېس-تۇيغۇلارنىڭ نامايەندىسى بولغان شېىرلىرىدا بىر تەرەپتىن تولۇپ-تاشقان ئىپتىخارلىق تۇيغۇلار بىلەن ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىنى يۈكسەك سەمىمىيەت بىلەن مەدھىيلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆزىنىڭ ئەقىل تېپىپ، ئۆسۈپ يېتىلىشىدە بەلگىلىك يادرولۇق رول ئوينىغان خەلققە بولغان مېھرى-مۇھەببىتىنى پىشقان شېئىرىي تىل بىلەن « ئۇيغۇر يىگىتلىرى»، « ئۇيغۇر گۈللىرى»، « ئۇيغۇر دېھقانلىرى»، « ئۇيغۇر چاقچاقلىرى»... قاتارلىق شېئىرلىرىدا مۇنداق ئىپادىلەيدۇ:
« ئۇيغۇر گۈللىرى
گۈل ھاياتنىڭ زىننىتى، جان ئوزۇقى،
گۈل دېسەڭ ئاڭقىيدۇ جەننەت پۇرىقى.
گۈلگە تولغان يۇرتىمىزنىڭ ھەر يېقى،
بىز ئۈچۈن جانانە، ئۇيغۇر گۈللىرى.

گۈل تېرىپ ئۆتكەن ئىكەن ئەجدادىمىز،
گۈل قىسىپ ئۆتمەكتە ھەم ئەۋلادىمىز.

بۇ جاھاننى گۈل قىلىش ئەس-يادىمىز،
تۆت پەسىل گۈلخانە، ئۇيغۇر گۈللىرى.
............................
بۇ جاھان ياشنايدۇ گۈللەر چېھرىدىن،
  ئۇيغۇرۇم كۆكلەر ئىناقلىق مېھرىدىن.
تەڭ بەھر ئالساق تۈمەن گۈل سېھرىدىن،
تائەبەد جەۋلانە، ئۇيغۇر گۈللىرى.»
مانا بۇ نىھايەت قىسقىغىنە بىر شېئىر، مانا بۇ بىر قەدەمىي، ئۇلۇغ، مەدەنىيەتلىك، مېھنەتسۆيەر، ئىنايەتلىك ۋە ھىدايەتلىك بىر ئۇلۇغ مىللەتنىڭ جاھان مىللەتلىرىدىن روشەن پەرقلىنىدىغان مۇئەييەن بەلگىسى بولۇپ، شائىر بۇ خاسلىقنى قىسقىغىنە بىر شېئىرىدا ئاجايىپ ئۇستىلىق بىلەن گەۋدىلەندۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلغان. مانا بۇ شېئىردا ئىپادىلەنگەن يېڭى پىكىرنى ئۇزلۇقى جەھەتتىنلا ئەمەس، بەلكىي، يېقىشلىقلىقى جەھەتتىنمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ۋە تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ! شائىرنىڭ بۇ قىسقىغىنە شېئىرىدا ئىپادىلەنگەن مەزمۇننى كىم ۋەتەن-خەلققە ئوقۇلغان دىل قەسىدىسى دېمەيدۇ؟
ھاياتقا تولۇپ-تاشقان مېھرى-مۇھەببەت بىلەن قارايدىغان شائىر ھاياتىي مېھرى-مۇھەببەتنىڭ يىلتىزىنى ۋەتەن-خەلقنىڭ يۈرىكىدىن ئىزدەپ، ھەممىباب، چۈشىنىشلىك، ئارتۇقچە رەڭ-بوياقتىن خالىي، ھەشەم-دەرەمدىن يىراق، جانلىق ۋە بەدئىي تىلنىڭ ياردىمىدە يەڭگىل، ساپ، چىن، ئويناق تىل بىلەن ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى، ئۇ ھەم ئۆزىنىڭ نېمە يازغىنىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان «سىرلىق تېپىشماق » يازىدىغانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇچ-چېكىنىڭ تايىنى ئاتالمىش «پىكىر»لىرىدىن  بىزار، ئەلۋەتتە! « شائىرنى شائىر قىلغان- تىل،-دەيدۇ مەشھۇر شېئىرىيەت تەتقىقاتچىسى ۋە شائىر بۇغدا ئابدۇللا ئەپەندى،- ئۇ مىللەتنىڭ روھىدىن كېلىدۇ... شائىر-تىل سېھرىگىرىدۇر. ئۇ بۇ ئويۇننى ئويناۋاتقاندا، ئۆزىنىڭمۇ سېھىرلىنىپ كەتكەنلىكىنى سەزمەي قالىدۇ. تىل قىسمەت ئالدىدا ئۆز ئورنىنى تاپىدۇ. شائىرنىڭ تىل ئىشلىتىش ئادىتىنى باشقىلار دوراپمۇ دوراپ بولالمايدۇ. چۈنكى، ئۇ خاسلىققا ئىگە نەرسە».
ھايات قىسمەتلىرىگە باي ئاتاقلىق شائىر ماخمۇت مۇھەممەد بۇندىن باشقا ئادەم، ئىجادىيەت، مەدەنىيەت، مىللىي ئەنئەنە، ئۆرپ-ئادەت، ئىجتىمائىيەت، مۇھەببەت-نەپرەت، مېھرى-شەپقەت ھەققىدە سوغۇقققانلىق بىلەن ئۇزاق ئويلىنىپ، پەقەت پىكرى ۋۇجۇدىغا سىغمىغان چاغدىلا، قەلىمنى قولىغا ئېلىپ، ئىسسىق قېنى بىلەن يۈرىكىدىكى ئاچچىق ئىزتىرابلىرى بىلەن شىرىن مەيزابلىرىنى دىل بەتلىرىدەك قەغەز يۈزىگە چۈشۈرۈپ، قايتا-قايتا ئىشلەپ-پىرىسلاپ، ئاندىن ئۆز خەلقىگە تەقدىم قىلىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ھېچقانداق چېگىت چاقىدىغان تەرەپلەرنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. شائىر ماخمۇت مۇھەممەد ھاياتقا ناھايىتى ئۈمىدۋارلىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان، روھىي چۈشكۈنلىكتىن يىراق، يۈرىكى ساپ تۇيغۇلارغا پەۋەسلەنگەن، ئادەمىي پەزىلەتنى ھەممىدىن ئۈستۈن بىلىدىغان ئەۋلاد سۆيەر شائىر بولۇپ، ئۇ مىللىتىمىز ئىچىدىكى خارامۇشلۇققا كۆرە، مۇنداق روھىي چۇقانىنى ئىزھار قىلىدۇ:

« قۇچاقلىشىپ ئۆتمەكتە ھايات،
ئۈمىد ئاتلىق پەرى-ناز بىلەن.
كائىناتقا ئەيلىدىم خىتاب،
شۇڭلاشقىمۇ بار ئاۋاز بىلەن.
ئۈمىد بىزنى ياشنىتىۋاتقان،
ئۈمىد بىزنى ياشنىتىۋاتقان.
......................
مەشئەل بولۇپ ئۇزاق يوللاردا،
ئۈمىد ھەمدەم ئىجادكارلكارغا.
ئۈمىد بىلەن تالاي ئىجادكار،
ئايلىنىدۇ نىجادكارلارغا.
ئۈمىد ئىقبال يارىتىۋاتقان،
ئۈمىد بىزنى ياشنىتىۋاتقان.
.........................»
قاراڭ، قەدىرلىك ئوقۇرمەن، بىر شائىرنىڭ قولىدىن ئۆز خەلقىگە قاراپ ياڭراق ئاۋاز بىلەن شۇنداق نېدا قىلىشتىن باشقا يەنە نېمە كېلىدۇ؟ بىر شائىر ئۆز خەلقى ئۈچۈن يەنە نېمە قىلىپ بەرسە بولىدۇ، ئاخىر؟ ئويلاپ بېقىڭ، ئىنسان ئۈمىدتىن ئايرىلىپ قالسا، ئۇ بەجايىكى، ئۆلگەنگە باراۋەر ئەمەسمۇ؟... بۇ نۇقتىدا چوڭقۇر ئويلانغان شائىر ماخمۇت مۇھەممەد ياشناۋاتقان ھايات بىلەن يارىلىۋاتقان ئىقبالنىمۇ، بوۋاقلارنىڭ ئىڭەلىرىنىمۇ...ھەممە-ھەممىنى ئۈمىدكە باغلاپ تەسەۋۋۇت قىلىدۇ ۋە ھەممىمىزنى ئۈمىدۋارلىق بىلەن ياشاپ-ياشناپ، ئىجاد قىلىپ، ئۇلۇغ ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاپ، ئەۋلادلىرىمىزغا پارلاق يول ئېچىپ بېرىشىمىزنىڭ بۈيۈك تۆھپە ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بېرىدۇ. شۇنداقلا، ھەممىمىزنى شۇنداق ياشاشقا دالالەت قىلىدۇ. بۇنداق ئوتلۇق ھېس-ھاياجان بىلەن ئەزگۈ تىلەكلەر چاقناپ تۇرغان شېئىرغا تەھسىن ئېيتماي بولامدۇ؟ بۇنداق شېئىرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن شائىرغا ئېسەنلىك، خاتىرجەملىك، قەلىمىگە بولسا بەرىكەت، ئىجادىيىتىگە مۇۋەپپىقىيەت تىلىمەي بېشىمىزنى ئىچىمىزگە تىقىپ، سۈكۈتگاھنىڭ بەندىسى بولىۋالساق بولماس. ئەگەر بىز ياخشى قىلالمىساق، ياخشى ئىش قىلغانلارغا مەدەت بەرسەكمۇ، ياخشى قىلغانغا كۇپايە ئەمەسمۇ-ھە؟!
ئاتاقلىق شائىر ماخمۇت مۇھەممەد پۈتۈن ھاياتىنى ئىجادىيەتكە مۇپەسسەل يۈزلەندۈرگەن، تېنىمسىز ئىزدىنىشنى ياشام مىزانى قىلغان، ئىجاد قىلىشنى ئەڭ خۇشاللىق ئىش دەپ قارايدىغان، قىممەت بىلەن قىسمەتنىڭ كۆرەشلىرىدە تاۋلانغان شائىر بولۇپ، ئۆز روھىدىكى ئۈزۈكسىز يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان ئەڭ يۈكسەك گۈزەللىكنى قەدىرلەيدۇ، سۆيىدۇ، ھۆرمەتلەيدۇ، غۇرۇر بايرىقى قىلىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ تۆھپىسى زور، نەتىجىسى قايىل قىلارلىق، روھىي ئۈستۈن، تىلى ئۇزۇن ۋە ئۆتكۈر، ئىرادىسى مۇستەھكەم، روھىي ئويغاق ۋە ھىدايەت يولىدىكى سەپىرى يىراق مەنزىل بىلەن مۇئەللەق ئارىسىدا چەكسىزلىككە سوزۇلغاندۇر!
شائىر ماخمۇت مۇھەممەد ئادەم ھەققىدە نېسبەتەن چوڭقۇر ئىزدىنىپ، تىرەن پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى ئەزگۈ تىلەكلەرگە تويۇندۇرۇپ، ئادەمدىن ئىبارەت بۇ ئۆزىنى ھاردائىم يېڭىلاپ تۇرغۇچى شەيئىنى ھەقىقەت ۋە سەمىمىيەتنىڭ قاق مەركىزىگە قويۇپ تۇرۇپ، تەپەككۇر قىلىپ، ئادەملەرنىڭ غالىپلىقى بىلەن ئاجىزلىقىنى شۇنداق ئىپادىلەيدۇ:
« ئادەم دېگەن سىرلىق مۆجىزە،
ھەر ئادەمكى، مىسلى بىر كىتاب.
ھەر كىتابنىڭ تىلى ئۆزگىچە،
ھەر كىتابنىڭ سېھرى ئۆزگىچە،
ھەر كىتابتا قىسسە بىھېساب.

ھەر كىتابنى ئوقۇيمەن قىزغىن،
ھەر ئادەمنى قىلارمەن تەتقىق.
مىڭ كىتابتىن جۇغلىغان شىرنەم،
ۋە ئۆزۈمنىڭ ھېسسىي پىكرى ھەم،
بىر كىتابنى پۈتتۈرەر، تەھقىق.


بىر كىتابنى پۈتتۈرەلىسەم،
بىر مەكتەپنى تۈگەتكىنىم شۇ.
ئادەملەرنى قانداق تونۇشنى،

ئادەملەرنى قانداق ئوقۇشنى،
ئادەملەرگە ئۆگەتكىنىم شۇ.

ئادەملەرگە ئېيتار سۆزۈم كۆپ،
شائىر بولدۇم شۇ ئارمان بىلەن.
ئۆگىنىمەن ئادەمىيلىكنى،
ئۆگىتىمەن ئادەمىيلىكنى،
خوشلاشقىچە، بۇ جاھان بىلەن.»
سۆيۈملۈك شائىرىمىز توغرا دەيدۇ: دۇنيادا ئادەمدەك سىرلىق، مۇرەككەپ، سېھىرلىك ۋە مېھىرلىك يەنە بىر مۆجىزات دۇنيادا يوق. ئادەمدەك غالىپ ۋە ئادەمدەك روھىي ئاجىز يەنە بىر جانلىقمۇ ھەم دۇنيادا يوق. بىراق ئادەم ناھايىتى ئۇلۇغ، چۈنكى ئۇ ئۆزىنى ھەم دۇنيانى ئۆزگەرتكۈچى، بۈيۈك قۇرغۇچى ۋە يىرگىنىشلىق بۇزغۇچىدۇركى، دۇنيادا ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان يەنە بىر دەۋرانىنى تاپقىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئۇلۇغ يازغۇچى گوركى ئادەم دېگەن خەتنى چوڭ خەت بىلەن يېزىشنى تەشەببۇس قىلغان بولسا كېرەك.
شائىر ماخمۇت مۇھەممەد ئادەمگە بولغان مېھرى-مۇھەببەت ۋە يۈكسەك ھۆرمەت تۈپەيلى بولسا كېرەك، ئادەمنى دۇنيادىكى يەنە بىر سۆيۈملۈك غالىپ نەرسە- كىتابقا ئوخشىتىپ، شېئىرىي پىكرىنى ئەركىن قاناتلاندۇرۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ
كۆڭۈل تۈگۈچلىرىنى يېشىپ تاشلايدۇ. شائىر ھەر ئادەمدىكى خاسلىق-ئۆزگىچىلىكنى تىلى ۋە سېھرى ئۆزگىچە بولغان كىتابقا تەققاسلاپ، ئىپادىلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەممىمىزنى بىر-بىرىمىزنى قەدىرلەشكە چاقرىدۇ، بۇ چاقرىقنىڭ بۈگۈنكى رېئاللىقىمىزدا رولى ئىنتايىن چوڭ، ئەلۋەتتە!
يەنە شۇ نۇقتىدىنمۇ بۇ مۆتىۋەر شائىرنىڭ شېئىرلىرى خاسلىققا ئىگىكى، ئۇنىڭ بۇ يىرىك شېئىرلار توپلىمىغا « مۇھەببەت مۇڭلىرى» ناملىق ئومۇمىي ماۋزۇ ئاستىدا 13 پارچە شېئىري كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئىشىق سەۋدالىرىدىن روياپقا چىققان بۇ شېئىرلارنىڭ ھەممىسى تۆت كۇبلېت بىلەن تۈگەللىنىپ، ئۆزىنىڭ يېقىشلىقلىقى، ھېسسىياتقا تويۇنغانلىقى، تىلىنىڭ يەڭگىللىكى، ھەممىبابلىقى ۋە ناخشا تېكستلىرىگە رەڭلەنگەنلىكى بىلەنمۇ ئالاھىدە خاراكتىرلىكتۇر. شائىر بۇ شېئىرلىرىدا ھەر بىر ھېسسىياتلىق ھايات ئادەمنىڭ بېشىدىن مۇقەررەر ھالدا ئۆتىدىغان مۇھەببەت پاجىئەلىرىنى يېزىش ئارقىلىق، ئۆز روھىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىنى قېزىپ، قىسمىتى ئىرادەتنىڭ غالىپلىقىدىن ئۆكۈنگەنلىكىنى يارقىن ئىپادىلىگەن، بىز پەقەت يۈرەككە تېگىدىغان بىر پارچە لېرىكىنى كۆرۈپ ئۆتىمىز:
سىر يوشۇرۇپ
ئېيتالمايمەن سىرىمنى خەققە،
سىر ئاغرىقى بولۇپ يۈرىمەن.
كېچىلىرى پىنھاندا يىغلاپ،
ئەل ئالدىدا كۈلۈپ يۈرىمەن.

ئەل ئالدىدا كۈلۈپ يۈرىمەن،
مۈشكۈل ئىكەن زورلاپ كۈلۈشمۇ.
ئاڭلىغانتىم ئۆلۈم بىرلا دەپ،
باشقا كەلدى تىرىك ئۆلۈشمۇ.

باشقا كەلدى تىرىك ئۆلۈشمۇ،
پاك ئىشقىمنىڭ ئىنئامى بولۇپ.
ئۆزۈم ئىزدەپ ئۆزۈم تاپقان دەرد،
سالدىم شۇڭا تىلىمغا قۇلۇپ.

سالدىم شۇڭا تىلىمغا قۇلۇپ،
كۈندە مىڭ بىر ئۆلۈپ يۈرىمەن.
ۋاپاسىزدىن ئۈمىد ئۈزەلمەي،
سىر يوشۇرۇپ كۈلۈپ يۈرىمەن.
مەن ئويلايمەنكى، ھەرقانداق بىر ھايات ئادەم يۈرىكىگە قولىنى سېلىپ بېقىپ، ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى سەمىمىيلىك بىلەن «سىر»ىنى زاھىر ئەيلەشكە جۈرئەت قىلالىسا، ھاياتىدا بۇ خىل مۇھەببەت قىسمىتىگە دوچار بولمىغان ھېچكىم يوق، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ، ئەلۋەتتە. شائىر مانا شۇنداق ھاياتىي ئومۇمىيلىقنى كىچىككىنە بىر پارچە شېئىرىدا مەركەزلىك، جانلىق، روشەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىپ، بىر پارچە چوڭ رومانغا سىغمايدىغان مۇھەببەت پاجىئەسىنىڭ يارقىن سۈرىتىنى سىزىپ بەرگەن.
قىسقىسى، ئاتاقلىق شائىر ماخمۇت مۇھەممەد  شېئىر يازدى، شېئىرىدا ئالدى بىلەن ئۆزىنى، ئۆزىنىڭ روھىنى ۋە قەلبىدىكى ۋۇجۇدىغا سىغمىغان ئاچچىق ئىشقىي ئىچكى كەچۈرمىشلىرىنى يازدى ھەم ئۆز ئوقۇرمەنلىرى بىلەن خىيابان ھالدا ھەردەم سىردىشىپ، ئۆز باغرىنى ھەردەم ئۆرتەپ، قېزىپ كەلدى. ئاقىللار راست ئېيتىدۇ:« شائىرلار ئۆزىنى يازىدۇ، شۇ ئارقىلىق بىراۋنىڭ مەنىۋىيىتىگە سىڭىپ كىرىپ، ۋىجدانىي ۋەزىپىسىنى تاماملايدۇ.»
قەدىرلىك ئوقۇرمەن، سىز بۇ ئاتاقلىق شائىرنىڭ بەرنا شېئىرلىرى مۇشۇنچىلىكلا ئوخشايدۇ، دەپ قالماڭ ھەم ناۋادا بۇ مۇبارەك ئۈنچە-مارجانلار پەۋەسلەنگەن تاللانغان شېئىرلار توپلىمىنى ئوقۇش نېسىپ بولۇپ قالسا، ئۆزىڭىزنى تىڭشاپ، تەتقىق قىلىپ ئوقۇڭ. ئۇ سىزنىڭ، مېنىڭ ۋە ئۇنىڭ، جۈملىدىن ئۆز خەلقىنىڭ كۆڭلىدىكىنى تېپىپ يازىدىغان، روھىنى تېنىمسىز قازىدىغان ۋە ئىجاد پەرىسىنىڭ ۋىسالەاھىغا تەلپۈنۈپ
« ئەقىل» دىن ئازىدىغان شائىردۇركى، سەمىمىيەت ۋە ھەقىقەتكە تەلپۈنۈپ ياشاش- ئۇنىڭ ھايات مىزانىدۇر! ئۇنىڭ يەنە بۇ توپلىمىدىن مۇبارەك ئورۇن ئالغان «سالام، قۇياش»، « تاڭ لىرىكىسى»، « كۆينەكنىڭ بەختى»، « قوۋزاق سۆزلىسۇن»،
« سەھرادىكى ھاۋا ئانىغا»، « شائىرنىڭ سۈرىتى»، « شېئىر يازماڭلار دېگۈچىلەرگە»، « شېئىر تەسۋىرى»،« دۇتار»، « ئارمانلار، مېنىڭ گۈزەل ئارمانلىرىم»، « ئېيتقىن، يۈرەكتىكى سۆزۈڭنى يارىم»، « بۇلبۇل قانىتىدىكى شېئىر»، « ئەڭ ياخشى شېئىرىمنى يازمىدىم  تېخى»، « يۈرەك ھەققىدە شېئىر»، « ئارمان دېگەن چىرايلىق بىر گۈل»، « مىڭ يىل ياشىمايدۇ دۇنيادا ئىنسان»، « ھەقىقەت ھەققىدە»، «  چاتما رۇبائىيلار»، « سەمەندەر»...قاتارلىق بىرمۇنچە مۇنەۋۋەر شېئىرلىرى بار بولۇپ «تاللانغان»غا لايىق نۇر-جۇلاسى بىلەن كىشى قەلبىنى رام قىلىدۇ ۋە ئۈزۈكسىز تەتقىق قىلىشقا، ئۆگىنىشكە ھەمدە مۇھاكىمە تېمىسىغا ئايلاندۇرۇپ، خاس پىكىر يوللىرى بىلەن تەلقىن قىلىشقا ئەرزىيدۇ.
خۇلاسە كالام شۇكى، ئاتاقلىق شائىرنىڭ «مۇھەببەت مۇڭلىرى» ناملىق تاللانغان شېئىرلار توپلىمىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقىنى بەرھەقكى، ئالدى بىلەن شائىرنىڭ قەلبىدىكى ئىلاھىي مۇھەببەتنىڭ مۇڭىدۇر ھەم سىزنىڭ، مېنىڭ ۋە ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئىشقىي مۇھەببەتنىڭ پىغانلىق كۈۋەجەش ئىلكىدىكى «مۇڭ»ىدۇر، خالاس!




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ABLAJAN.BOWAKI تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-1 19:52  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-1 23:19:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاياتقا تولۇپ-تاشقان مېھرى-مۇھەببەت بىلەن قارايدىغان شائىر ھاياتىي مېھرى-مۇھەببەتنىڭ يىلتىزىنى ۋەتەن-خەلقنىڭ يۈرىكىدىن ئىزدەپ، ھەممىباب، چۈشىنىشلىك، ئارتۇقچە رەڭ-بوياقتىن خالىي، ھەشەم-دەرەمدىن يىراق، جانلىق ۋە بەدئىي تىلنىڭ ياردىمىدە يەڭگىل، ساپ، چىن، ئويناق تىل بىلەن ئىپادىلەيدۇ. ........دەپ،

كۆپ ئىزدىنىپ،ئەتراپلىق تەھلىل قىلىپ ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ ئالاھدىلىكىگە ئەمەلى باھا بەرگەنلىرىگە تەشەككۇر.

باھا سۆز

رەھمەت، سىلىگە بەخت يار بولغاي!  ۋاقتى: 2015-12-2 09:59 AM
ۋاقتى: 2015-12-2 22:16:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر-شەربەت، شېئىر-سۆيگۈ، شېئىر-گۈل،
شېئىر بولۇپ ئۆتتى مېنىڭ ھاياتىم.
چاقناپ كەلدىم شېئىر كەبىي پەرۋازدا،
جىسمىم پىكىر، شوخ مىسرالار-قانىتىم.

ئېسىل مىسرالار ئىكەندە بۇ .بوۋاقىنىڭ ئەجرىگە ئاپىرىن .

ۋاقتى: 2015-12-2 22:34:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبزۇر- ماقالىلىرىڭىزنىڭ ئۆزگىچە خاسلىق بىلەن يېڭىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئۇستاز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابلەت.م.كۈيزار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-2 22:35  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش