كۆرۈش: 845|ئىنكاس: 0

ھەبىبۇللا رەجەپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ھەبىبۇللا رەجەپ

hebibulla rejep.jpg


   ھەبىبۇللا رەجەپ 1964 - يڭلى 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تۇرپان شەھىرى چاتقال يېزىسىنىڭ گوڭشياڭ كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1982 - يىلى 7 - ئايدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ،  شۇ يىلى 10 - ئايدا ئۆزىنىڭ ئانا مەكتىپى چاتقال ئوتتۇرا مەكتىپىدە تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1988 - يىلى «تۇرپان گېزىتى» ئىدارىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ ئورۇنغا يۆتكىلىپ كېلىپ، ھازىرغا قەدەر مۇخبىر ۋە مۇھەررىرلىك خىزمىتىنى ئىشلەپ كەلمەكتە.
   ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا باشلانغان بولۇپ، 1986 - يىلى «تۇرپان» ژۇرنىلىنىڭ 3 - سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئىككى شېئىر»ى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن بۇيان «تارىم»، «تەڭرىتاغ»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «تۇرپان» قاتارلىق ژۇرناللاردا 600 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى 2 - نۆۋەتلىك ۋە 14 - نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئادەبىياتى» مۇكاپاىتىغا ئېرىشكەن. «چولپان»، «دېھقان روھىدىكى قىزىل - يېشىل چىراغلار» قاتارلىق باللادا، ئەدەبىي ئاخباراتى «تۇرپان ئەدەبىياتى» مۇاكاپاتىغا ئېرىشكەن. «مۇزىكىسىز ناخشا ياڭرار كېچىدە» ناملىق شېئىرى ئاپتونوم رايون بويىچە يەرلىك گېزىتلەر قوشۇمچە بېتىنى باھالاشتا 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2001 _ يىللىق تۇنجى «ئاخباراتچىلار بايرىمى»دا ۋىلايەت بويىچە «ئون مۇنەۋۋەر ئاخباراتچى»نىڭ بىرى بولۇپ مۇكاپاتلانغان. «ياڭرىغاچقا بىرلىك كۈيى، ئاقتى ئوخچۇپ كارىز سۈيى» قاتارلىق 5 پارچە ماقالىسى 1 - دەرىجە ۋە 2 - دەرىجىلىك شىنجاڭ ئاخبارات مۇاكپاتىغا ئېرىشكەن. «خەلقئارا غۇنىجىن فوندى جەمئىيىتىنىڭ شاپائىتى» قاتارلىق ئۈچ پارچە ماقالىسى شىنجاڭ گېزىتى ئىداىرىسى تەرىپىدىن 1 -، 2 -، 3 - مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. سەككىز قېتىم شىنجاڭ گېزىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئىختىيارىي مۇخبىرى، «جۇڭگو مىللەتلىرى» زۇرنىلىرى تەرىپىدىن بەش قېتىم مۇنەۋۋەر ئاپتور مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1992- يىلى «ئوتلۇق تىلەكلەر» (باشقىلار بىلەن بىللە) ناملىق شېئىرلار توپلىمى شىنجاڭ خالق نەشرياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. «پوچىللىققا نوبىل مۇكاپاتى يوقمۇ» دېگەن ئەدەبىي ئاخباراتلار توپلىمى 2004 - يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. 2006 - يىلى «تۆمۈرچىلىق» دېگەن تېخنىكا ئوقۇشلۇقى كىتابى شىنجاڭ خەلق نەشرياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. «كارىزنىڭ يىلتىزى» ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتى 4 - نۆۋەتلىك ئاركىن روزى ئەدەبىي ئاخبارات مۇكاپاتىغا ئېرىكەن. جوڭگو ئاز سانلىق مىللەت يارزغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلىرى جەمىيىتىنىڭ، شىنجاڭ ئەدەبىي ئاخباراتچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-1 19:29  


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللاسى +166 يىغىش سەۋەبى
ئا.باھايدىن + 166 --------

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش