ئوغلۇمغا
مەتيۈسۈپ ئابدۇسەمەت
(ئوغلۇم ئابدۇۋارىسجاننىڭ ئالتە ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈن خاتىرىسىگە)
‹‹ئىڭڭە››لەپ دۇنياغاكۆز ئاچقىنىڭدا،
مەن ئەمەس ھەتتاكى تىترىگەن زېمىن.
پەرزەنتىم ‹‹ئوغۇل›› دەپ مەغرۇرلۇق بىلەن،
جار سالغان توختىماي يىراقۇ- يېقىن.
سەن مېنىڭ ئۈمۈدۈم، غورۇرۇم، پەخرىم،
سەن بىلەن قۇت تاپار ئارزۇ- ئارمىنىم.
سەن مېنىڭ ۋارىسىم، ئىز باسارىمسەن،
سۆيۈندۈر ئاۋامنى، ئۆچمىسۇن ئىزىم.
رەزىللەر يولۇڭنى توسسىمۇ بىر كۈن،
باش ئەگمە، يىگىتتەك تۇر قەددىڭ كېرىپ.
مېھنەتلىك ئەجرىڭدىن ياراتقىن تۆھپە،
ياشىغىن ھاياتقا مېھرىڭنى بېرىپ.
ئوقچىسۇن قەلبىڭدە ئوتلۇق ئارزۇلار،
تىرىشقىن، غەپلەتتە ياتمىغىن ئۇخلاپ.
ئاتاڭنىڭ روھىدۇر ساڭا كۈچ، مەدەت،
ئالغا باس، قۇت، نۇسرەت يولىنى بويلاپ.
قۇرۇق نام- ئاتاققا ئۇرما ئۆزۈڭنى،
باسقان ھەر قەدەمدىن ئىزلىرىڭ قالسۇن.
ئەجرىڭدىن سۇ ئىچىپ چاڭقىغان دىللار،
سۆيۈنۈش ئىلكىدە سېنى ياد ئالسۇن.
سوقسىمۇ جۇت- بوران نازۇك تېنىڭنى،
شەمشادتەك يىقىلماس قامىتىڭ بولسۇن.
ئۆزگىگە سانىما قىلچىلىك قارا،
ئاۋامغا ياخشىلىق ئادىتىڭ بولسۇن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تاغداش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-1 09:47