كۆرۈش: 407|ئىنكاس: 4

ھاجى ئېھسان قاۋۇل: شېئىر- ئەدەبىياتىمىزنىڭ جۇلالىق گۈلتاجى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-11-30 20:38:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

شېئىر- ئەدەبىياتىمىزنىڭ جۇلالىق گۈلتاجى


ھاجى ئېھسان قاۋۇل


-پىشقەدەم شائىر، ئىقتىدارلىق مۇھەررىر، ئەدەبىيات- سەنئەت تەشكىلاتچىسى ئۆمەر ئىسمائىل بىلەن سۆھبەت


   ھاجى ئېھسان قاۋۇل: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۆمەر ئىسمائىل ئاكا،سىز يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان شېئىرىيەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، كۆپ تەرەپلىمىلىك ماھارەت يېتىلدۈرۈش يولىدا جاپالىق ئىزدىنىپ، بارلىقىڭىزنى خەلقىمىزنىڭ قەلب ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن ئەگرى- توقاي يوللارنى يالاڭئاياغ بېسىپ، ھايات ھېكمەتلىرىدىن تىرناقلاپ يىغىپ، ئالەمگە، ئادەملەرگە سۆيگۈ- مۇھەببەت بېغىشلاشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشقا بېغىشلىغان تۆھپىكار شائىرلارنىڭ بىرى. ئىجادىيەت يولىڭىزغا نەزەر سالغىنىمىزدا، ئۆسمۈرلۈك چېغىڭىزدا تۇتاشقان ئىجادىيەت ئوتىنى تېخىمۇ يالقۇنجىتىپ، ياشانغىنىغا تەن بەرمەيدىغان ئىجادىيەت پەرۋانىسى بولۇشتەك روھىڭىز كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدۇ. مەن سىزنىڭ قومۇشلۇق ۋە قۇملۇق مەھەللىدە ئەقلىڭىزگە كەلگەن ھەۋەسكاردىن توختىماي پەرۋاز قىلىشقىچە بولغان ئىجادىيەت مۇساپىڭىزنى كىتابخانلىرىڭىزغا نامايەن قىلىش ۋە ئىزىڭىزنى بېسىپ كېلىۋاتقان شاگرىتلىرىڭىز بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە سىز بىلەن سۆھبەتلىشىشنى ئۇزۇندىن بىرى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ كەلگەن ئىدىم. بۇ مۇددىئايىمنىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرەلەرسىزمۇ؟
   ئۆمەر ئىسمائىل: بۇنداق ئەھمىيەتلىك ئىش ئۈچۈن ھەرقاچان قولۇم كۆكسۈمدە. كونىلاردا: «خېرىدارىڭ بولمىسا،زىبالىقىڭ نە كېرەك» دەيدىغان تەمسىل بار. مەندەك 70ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان ئادەمنىڭ ھايات كەچمىشلىرىنى ئەسلەش، ئوقۇرمەنلەرگە ئۆمۈر مۇساپىسىدىكى قايغۇ- شادلىقلىرىنى، خەلق ئۈچۈن نېمىلەرنى تەقدىم قىلالىغانلىقىنى، ئۈمىد- ئارزۇلىرىنى ئىزھار قىلىۋېلىشنىڭ ئۆزىمۇ غەنىيمەت پۇرسەت. ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ سۆھبەت سورۇنى ھازىرلىغىنىڭىز ئۈچۈن سىزگە كۆپ تەشەككۈر.
ھاجى ئېھسان قاۋۇل: سىز قانداق تەسىرنىڭ تۈرتكىسىدە ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن؟ تۇنجى ئەسىرىڭىز قاچان ئېلان قىلىنغان؟
  ئۆمەر ئىسمائىل: مەن 1947- يىلى  يەكەن ناھىيەسىنىڭ بەشكەنت بازار تۆۋەن باغئېرىق كەنتىدە ئۇقۇمۇشلۇق ئائىلىدە تۇغۇلدۇم. دادام ئىنتايىن كىتابخۇمار ئادەم بولۇپ، ئەقلىمگە كەلسەم نەۋائى، خوجا ھاپىز، سوپى ئاللا يار، قاتارلىقلارنىڭ كىتابلىرىنى، جەڭنامىلەرنى ئوقۇيدىكەن. مەن دادامنىڭ قۇچىقىغا چىقىۋېلىپ شېئىر ئاڭلاشقا ئامراق ئىدىم. گەرچە ئوقۇلىۋاتقان شېئىرلارنىڭ مەزمۇنىنى چۈشىنەلمىسەممۇ، ئۇنىڭدىكى قاپىيە ۋە تەسۋىرىي سۆزلەر، مۇناجاتلار ماڭا ئىنتايىن قىزىقارلىق تۇيۇلاتتى.
   باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى تىل- ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن ھېكايە، شېئىرلار مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ ياردىمى بىلەن «شەرق ناخشىسى»، «تېنچلىق ناخشىسى»، «كۆڭۈل ئارزۇسى»، «بەخت ناخشىسى»، «بىزنىڭ ئىرادە» ناملىق شېئىرلار توپلاملىرىنى ئوقۇش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولدۇم. تومۇزنىڭ پىژغىرىم ئىسسىقىدا زىلال چەشمىلىرى فونتان بولۇپ ئېقىۋاتقان بۇلاققا ئۇچراپ قالغاندەك ئىچ- ئىچىمدىن خۇشال بولۇپ كەتتىم. تاماق يىيىشنىمۇ، ئۇخلاشنىمۇ ئۇنتۇپ شېئىر ئوقۇيدىغان، شېئىر يادلايدىغان بولۇپ كەتتىم. مەكتەپ بىلەن ئۆينىڭ ئارىلىقى 6كىلومېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، پىيادە بېرىپ- كېلەتتىم. ئەنە شۇ ئۇزۇن يولدا ئىختىيارسىز ھالدا شېئىر دىكلاماتسىيە قىلىپ ماڭاتتىم. 2 يىل ئىچىدە 500 كۇپلىت شېئىر، 200 كۇپلىتتەك خەلق قوشاقلىرىنى ياد ئېلىپ بولغانتىم. شۇ ۋاقىتتىكى ھالىتىمنى كۆرگەن كىشىلەرنىڭ: « بۇ بالا كىچىككىنە تۇرۇپ ئاسمانغا قاراپ سۆزلەيدىغان بولۇپ قاپتۇ » دېيىشكىنى ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىمدە. شۇ خىل ئوتتەك ھەۋەسنىڭ تۈرتكىسىدە باشقا شائىرلارنىڭ شېئىرىغا تەقلىد قىلىپ «شېئىر» يېزىشقا باشلىدىم. قاملاشسۇن، قاملاشمىسۇن بىرەر پارچە «شېئىر» پۈتكۈزسەم  ساۋاقداشلىرىمغا ھاياجاندا ئوقۇپ بېرەتتىم. ساۋاقداشلىرىم ئارىسىدىكى ھەرخىل بولمىغۇر قىلىقلارنى كۆرسەم قوشاق يېزىپ تەنقىدلەپ سىنىپنىڭ تېمىغا چاپلاپ قوياتتىم. دەسلەپ شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن چاغدىكى ھەۋىسىمنىڭ كۈچلۈكلۈكىگە ھېچنىمە تەڭ كەلمەيتتى.  يىغىپ ئېيىتقاندا، مېنى كۆز قارىچۇقىدەك ئاسراپ، ئۆزى يىمەي، كىيمەي مەكتەپتە  ئوقۇتقان قەدىردان دادام ئىسمائىل ھوشۇر ئاخۇن ئوقۇپ بەرگەن كىتابلار سەبىي قەلبىمگە ئەدەبىيات  ئۇرۇقىنى چاچقان بولسا، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ بايراقدارلىرىدىن لۇتپۇللا مۇتەللىپ، تىيىپجان ئىلىيۇپ، نىمشېھىت، ئابدۇرېھىم تىلەشۇپ ئۆتكۈر، مۇھەممەد رەھىم، رەخىم قاسىم، مۇھەممەتئىلى زۇنۇن...قاتارلىقلار ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كېلىشىمدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.
   1960-يىلى «قەشقەر گېزىتى»دە  «پاختىكار » ناملىق شېئىرىم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن  ئۈمىد چىرىقىم چاقنىدى. شېئىرىم بېسىلغان گېزىتنى كۆكرىكىمگە بېسىپ سەكرەپ كەتتىم. ئۇستازلىرىم، ساۋاقداشلىرىم مېنى تەبرىكلەپ تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى.
   ھاجى ئېھسان قاۋۇل: سىزنىڭچە، ياراملىق بىر شائىر بولۇش ئۈچۈن قانداق شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك دەپ قارايسىز؟ ياخشى شېئىرنىڭ ئۆلچىمى نېمە؟ تەجرىبىلىرىڭىزگە بىرلەشتۈرۈپ سۆزلەپ بەرگەن بولسىىڭز.
ئۆمەر ئىسمائىل: سىز ئېيىتقان ياراملىق شائىر بولۇش مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ ھەقتە كونكىرت بىرەر ئۆلچەم يوق. مەلۇمكى،شائىر-يازغۇچىلىقنىڭ رىيازىتى كۆپ، مەنزىلى ئۇزۇن. شائىر- تەبىئەت، تىلسىماتلار بىلەن سىردىشالايدىغان ئالاھىدە كىشى، ئۆزى بىلەن قىلچە ھېسابلاشمايدىغان قەھرىمان. ئۇ بېرىشنىلا بىلىپ، ئېلىشنى بىلمەيدىغان، ھەننىۋا ھۇزۇر- ھالاۋەتنى  باشقىلارغا بېرىشتىن سۆيۈنىدىغان خىسلەت ئىگىسى. بۇ يولغا كىرىپ قالغانلار غايىۋىي پەللىگە يېتىش ئىستىكىدە قاتتىق چارچىغان، چاچلىرى ئاقارغان، بەللىرى مۈكچەيگەن ھالدا ۋېسال شارابى ئىچىشكە نائىل بولالماي ئالەم بىلەن خوشلىشىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ جىسمى تۇپراققا كۆمۈلسىمۇ، مۇبارەك ئەسەرلىرى ئالەم بىلەن تەڭ ياشايدۇ.    مېنىڭچە:
1.پۈتۈن ۋۇجۇدىنى، زېھنىي كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش كېرەك. بۇنىڭدا مۇھىمى، كىلاسسىك شائىرلىرىمىزنىڭ شېئىرلىرىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش، ئۆرنەك ئېلىش لازىم. شۇنىڭغا بىرلەشتۈرۈپ يېقىنقى زامان ئەدەبىيات مۇنبىرىدە يۈكسەك تالانتىنى نامايان قىلغان پىشىۋالىرىمىزنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ روھىي ئوزۇق ئېلىش لازىم.
2. جاپاغا چىداش، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش، توختىماي ئىجاد قىلىش، ھەرقانداق توسالغۇلارغا، جاپا- مۇشەققەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش روھى بولۇشى كېرەك.
3. شېئىرىي مۇددىئا ئېنىق بولۇش، نېمىنى مەدھىيەلەش، نېمىنى قامچىلاشتا بايراق روشەن بولۇش، قۇرۇق گەپ ئوينىتىشتىن ساقلىنىش لازىم.
4. بىلىم قۇرۇلمىسىنى ئۈزۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش، يالغۇز ئەدەبىياتقا ئائىت بىلىملەرنىلا ئۆگىنىش بىلەن چەكلىنىپ قالماي تارىخ،پەلسەپە ھەم تەبىئىي پەن بىلىملىرىنىمۇ ئۆگىنىش، تەبىئەت سىرلىرىنى، ھايات ھەقىقەتلىرىنى چۈشىنىش، شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىنى ئىگىلەشكە كۈچ سەرپ قىلىش لازىم.
5. خەلق- تارىخنىڭ ياراتقۇچىلىرى، ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭ ئانىسى، خەلق رازىلىقى –يازغۇچى- شائىرلار ئۈچۈن شان- شەرەپ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئادەمنى ئاساس قىلىشنىڭ مول ئىچكى مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىش، ئادەملەرگە مۇھەببەت باغلاش لازىم.
«-شېئىر،- دەيدۇ بىلىنىسكى،-ھەممە ئاددىي كىشىلەر چۈشۈنەلەيدىغان ساددىلىققىمۇ، ھېچقانداق ئاددىي كىشى تەكتىگە يېتەلمەيدىغان مۇرەككەپلىككىمۇ ئىگە بولۇشى لازىم». قارىماققا تەلەپ ناھايىتى ئاددىي، لېكىن شائىرنىڭ بىر شېئىردا ئاددىيلىق بىلەن مۇرەككەپلىكنىڭ بەدىئىي بىرلىكىكىگە ئېرىشىپ،شېئىرىي مەزمۇننى مۇئەييەن بەدىئىي روشەنلىكتە  يورۇتۇپ بېرىشى ئاسان ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن شائىردا تالانىتنىڭ نۇرلىرى پارلاپ تۇرۇشى كېرەك.
   ھاجى ئېھسان قاۋۇل: سىز بىر قىتىم گەپ ئارىلىقدا مەرھۇم شائىر مۇھەممەتئىمىن توختىنىياز(سۈزۈك) ئەپەندى توغرىسىدا  ئەسلىمە يازماقچى بولغانلىقىڭىزنى  ئېيىتقان ئىدىڭىز، يېزىپ بولدىڭىزمۇ؟ ئەسلىمە يېزىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدىكى قاراشلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باقساق بولامدۇ؟
   ئۆمەر ئىسمائىل: ئۇيغۇر يېقىنقى زامان ئەدەبىيات تارىخىمىزدا مۇناسىپ ئورۇن تۇتىدىغان يالقۇنلۇق شائىر مۇھەممەتئىمىن توختىنىياز (سۈزۈك) ئەپەندى ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەدىبلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇ ھەقىقەت دەستىكىنى چىڭ تۇتۇپ، جاسارەتلىك، غايىلىك ياشاپ بىزگە «يادىكار»، «ئىلھام چېچەكلىرى»، «يېنىپ تۇرغان شام» قاتارلىق شېئىر توپلاملىرىنى ۋە باشقا قىممەتلىك مىراسلارنى قالدۇرۇپ كەتتى.
  مەن ئۇنىڭ نام- شەرىپىنى خىلى بۇرۇنلا ئاڭلىغان بولساممۇ،لېكىن دىدارلىشالمىغان ئىدىم. 1978- يىلى پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومېتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ شانلىق نۇرى بارلىق ناھەق ئەنزىلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلاپ، ناھەق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ نامى ئەسلىگە كەلگەندىلا، شائىر شېئىرىيەت بوستانىغا قايتىپ كىلىپ قايتىدىن ناۋا قىلشقا باشلىدى. مەن ئۇ چاغدا سابىق « يەكەن گېزىتى»دە «يەكەن گۈلزارى» ئەدەبىيات بېتىنىڭ تەھرىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان بولغاچقا، شائىر بىلەن كۆپ قېتىم سىردىشىپ، ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردۈم. مەرھۇم شائىرىمىز بىلەن چۈشىنىش چوڭقۇرلاشقانسىرى ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەت- قايىللىقىم تېخىمۇ ئېشىپ، 1979- يىلى «ياشانغاندا ياشارغان شائىر» ناملىق زىيارەت خاتىرىسى يېزىپ «يەكەن گېزىتى»دە ئېلان قىلدىم.  ئۇ، شۇ چاغلاردا ماڭا سوراق سەھنىسىدە گومىنداڭ جاللاتلىرى بىلەن بولغان  كەسكىن مۇنازىرىلەردە كۆپ قېتىم ئۇلارنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى، گومىنداڭ تۈرمىسىگە تاشلانغاندا قەغەز، قەلەم بولمىغانلىقى ئۈچۈن تىرنىقى بىلەن تامغا شېئىر يازغانلىقى، سۆيۈملۈك رەھبىرىمىز ئەخمەتجان قاسىمى يەكەنگە كەلگەندە ئۆزىنى تۈرمىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققانلىقىدەك تەسىرلىك ۋەقەلەرنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.
  مەن ئۇ مۆھتەرەم زات بىلەن مەشھۇر كىلاسسىك شائىر مۇھەممەت سىدىق زەلىلىنىڭ «خوجا مۇھەممەت شىرىپ تەزكىرىسى» ناملىق 1700مىسرالىق تارىخىي داستانىنى نەشرگە تەييارلاش داۋامىدا ئۇنىڭ بىلىملىك بولۇپلا قالماي، يەنە ھەقىقىي ئىنسانغا لايىق پەزىلەت ئىگىسى ئىكەنلىكىنىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن ئىدىم. كېيىن بۇ داستان ئىككىمىزنىڭ نامىدا «قەشقەر قەدىمقى كىتابلار تەتقىقاتى» ژۇرنىلىغا بېسىلىدى. 1992- يىلى كامالەتكە يەتكەن شائىرىمىز بىلەن مەڭگۈگە ۋىدالاشقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ قەيسەر ئىرادىسى، پۈتۈن بارلىقىنى ئىجادىيەتكە بېغىشلاش روھى، ھاياتقا كۈلۈپ باقىدىغان ئېسىل پەزىلىتى قەلب ئىكرانىمدىن بىر كۈنمۇ نېرى كەتمىدى. مەرھۇم شائىرىمىز ھەققىدە چوڭراق بىر ئەسلىمە يېزىشنى ئۇزۇندىن بىرى ئارمان قىلىپ كېلىۋاتقان بولساممۇ، ھازىرغىچە قولۇمغا قەلەم ئالالمىدىم، بۇنىڭدىن خىجىلچىلىق ھېس قىلىمەن. لېكىن، سالامەتلىكىم يار بەرسىلا، يىل ئاخىرىغىچە چوقۇم مۇكەممەلرەك ئەسلىمە يېزىپ چىقىش پىلانىم بار.
  ئەسلىمە يېزىش- ئۇلۇغ ئۇستازلىرىمىزنىڭ مەنىلىك ئۆتكۈزگەن ھايات ئىزنالىرىنى ئەۋلادلارغا بىلدۈرۈش، جەڭگىۋارلىقى، ئەسىرلەر ئۆتسىمۇ قىممىتىنى يوقاتمايدىغان نادىر ئەسەرلىرىنى قايتىدىن ئۆگىنىپ، ئىجادىيەت گۈلزارىمىزنى تېخىمۇ ھۆسىندارلىققا ئىگە قىلىش، ئۆتمۈشنى ئەسلەپ، ھازىرقى ئەركىن- ئازادە، تىنچ ئىجادىيەت مۇھىتىنى قەدىرلەش...جەھەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇلار ھەققىدە ئەسلىمە يېزىش- ئۆزىنى تارىخنىڭ گۇۋاھ- شاھىدى دەپ قارايدىغان پىشقەدەملەرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مۇقەددەس بۇرچى.
   ھاجى ئېھسان قاۋۇل: سىز خېلى بۇرۇنلا «تارىم»، «جۇڭگۇ مىللەتلىرى»، «قەشقەر ئەدەبىياتى»، «شىنجاڭ ياشلىرى»... قاتارلىق نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا بىر قىسىم مۇنەۋۋەر ساتېرالارنى ئېلان قىلدۇرۇپ كىتابخانلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن ئىدىڭىز. لېكىن يېقىنقى بىر نەچچە يىل مابەينىدە بۇ خىل شېئىرلىرىڭىزنى كۆرەلمەي قالدۇق. بۇنى قانداق چۈشەنسەك بولار؟
ئۆمەر ئىسمائىل: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپرەك ۋاقتىمنى ئىلگىرى يېزىلغان ئەسەرلىرىمنى رەتلەش، نەشرگە تەييارلاشقا، شۇنداقلا،سەھنە ئەسەرلىرى، بولۇپمۇ ناخشا تېكىستى يېزىش ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا قاراتتىم. شۇ سەۋەبلىك كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالغۇدەك ساتېرىك ئەسەرلەرنى يازالمىدىم. بۇندىن كېيىن سالامەتلىكىم يار بەرسە، خەلقنى بىزار قىىلۋاتقان، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا پۇتلىكاشاڭ بولۇۋاتقان ھەشەمەتخورلۇق، ئىسراپچىلىق، يالغانچىلىق، ئەخلاقسىزلىق، ۋىجدانسىزلىق، ۋاپاسىزلىق، ھۇرۇنلۇق قاتارلىق ناچار كەيپىياتلارنى قامچىلايدىغان ئىجادىي ساتىرىك ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىشقا تىرىشىمەن.
ھاجى ئېھسان قاۋۇل: سىز ناخشا تېكىستى ئىجادىيىتىدىمۇ  بەلگىلىك نەتىجە ياراتقان شائىر. ھازىرغىچە كۆپ تېكىستلىرىڭىز ئاھاڭغا سېلىنىپ خەلق ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ناخشىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. سىزدىن سوراپ باقسام، ناخشا تېكىستى يېزىش ئۈچۈن بەلگىلىك مۇزىكا سىزىمىگە ئىگە بولۇش زۆرۈرمۇ؟ ناخشا تېكىستى ئۆزىدە قانداق ئالاھىدىلىكلەرنى ھازىرلىغان بولىدۇ؟
   ئۆمەر ئىسمائىل: بۇ سوئالىڭىزغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ئاتاقلىق شائىر ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ ئەل سۆيگەن تالانتلىق شائىر مۇھەممەدجان راشىدىنغا يازغان خېتىگە مۇراجىئەت قىلىشقا توغرا كېلدۇ. خەتتە بايان قىلىنغىنىدەك: «ياخشى بىر ناخشا- ئاۋاملار گېمىنى، قەلىبلەر گېمىنى، مۇھەببەت گېمىىنى سۈپىتىدە قەلبلەر كۆكىدە ياڭرايدۇ. قىيامغا يەتكەن لىۋەن ناخشىلار ئۆز ۋۇجۇدىدىكى  بارلىق شەكىل ئالامەتلىرى ئارقىلىق ئۇيۇل روھقا ئايلىنىپ، كۆڭۈللەر مېھرابىغا مۇستەھكەم ئورناپ كېتىدۇ.  تىڭشارمەنلەر بۇ ناخشىلارنى ئاڭلاپ، ھايات ۋە مۇھەببەت، ئەركىنلىك ۋە شادىمانلىق ناۋا كۈيلىرىنىڭ سېھرىي كۈچىدىن قانغىچە ھۇزۇرلىنىدۇ».
    بىز ئېرىشمەكچى بولغان ياخشى بىر ناخشا كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىجادىي ئىزدىنىشنىڭ مەھسۇلى. بۇ جەھەتتە تېكىست يەنىلا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئاپتوردا مۇزىكا سېزىمىنىڭ بولۇش- بولماسلىقى ئانچە مۇھىم ئەمەس.
مېنىڭچە، تېكىستنىڭ تىلى راۋان، چۈشىنىشلىك، ئاددىي سۆزلەر بىلەن چوڭقۇر پەلسەپىۋىي مەزمۇننى ئىپادىلەپ بېرىشى، بىر ئاڭلىغان ھامان قەلبكە سىڭىپ كىرەلىشى، خەلقنى ئالغا يېتەكلەش، ئىلھاملاندۇرالىشىدەك ئالاھىدىلىكلەرنى ھازىرلىغان بولۇشى، خەلق قوشاقلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىش ۋە ئۇنى مەنبە قىلىش لازىم. « ئامرىقىم كۆڭۈل شادى»، «ئازاد زامان»، «كۆيۈپ قالدىم مەن ساڭا»، «ياشىۋالغىن تۆت كۈن بولسىمۇ»، «بۇ ئالەمنىڭ تارازىسى بار»، «كارۋان ناخشىسى»...قاتارلىق ناخشىلار ئۆزىدە ئەنە شۇنداق ئالاھىدىلىكلەرنى ھازىرلىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ناخشىچىلىقىنىڭ نەمۇنىلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ.
   مۇزىكا ئىجادىيىتىدە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى ياراتقان ئاتاقلىق كومپوزىتور مەرھۇم تۇرسۇن قادىر ئالدى بىلەن تېكىستنى يادلاپ، مەزمۇنىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ تېگى- تەكتىگە يەتكەندىن كېيىن مۇزىكا ئىشلەشكە كىرىشىشنى ئادەت قىلغان، نەتىجىدە تېكىست بىلەن مۇزىكا بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، خۇش ئاۋاز بۇلبۇللارنىڭ يۈكسەك ماھارىتى ئارقىلىق تاماشىبىنلارغا ھۇزۇر ئاتا قىلالىغان.
   ھاجى ئېھسان قاۋۇل: سىز ھازىرغىچە قانچە پارچە نەزمىي ئەسەر، قانچە پارچە سەھنە ئەسىرى ۋە قانچە پارچە ناخشا تېكىستى يازدىڭىز؟ ئەسەرلىرىڭىزنىڭ ئېلان قىلىنىش ئەھۋالى قانداق بولدى؟ قايسى ئەسەرلىرىڭىز مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى؟
ئۆمەر ئىسمائىل: ھېسابلاپ كۆرسەم، 1960-يىلىدىن ھازىرغىچە 1500پارچىدىن كۆپرەك ھەرخىل مەزمۇندىكى نەزمىي ئەسەر يېزىپتىمەن. بۇنىڭدىن 900پارچىغا يېقىن ئەسىرىم گېزىت- ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىپتۇ. يەكەن ناھىيەسىدە ئىشلەنگەن 8 پارچە ئەدەبىي ئەسەرلەر توپلىمى ۋە ھەر قايسى نەشرىياتلار تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «تىيانشان ناخشىسى»، «يۈرەك ئالقىشى»، «قامچا»، «ئاھ، نۇرلۇق ئابىدىلەر»، «كۈمۈش قەترىلەر»، «قەشقەردە توي»....قاتارلىق توپلاملارغا 70پارچىدىن ئارتۇق شېئىرىم تاللاپ كىرگۈزۈلدى. قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن «دىلراباغا مەكتۇپ» ناملىق شېئىرلار توپلىمىم نەشر قىلىندى. «سايرا تەڭرىتاغ بۇلبۇلى»، «مۇقام يۇرتىدىن سالام»، «شەپقىتىڭ چەكسىز»، «دېھقان ئاتا»، «گۈللە مۇقام دىيارى»... قاتارلىق 100 پارچىدىن ئارتۇق ناخشا تېكسىتىم ئاھاڭغا سېلىنىپ ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشتى. «كېسەلنى كىمگە داۋالىتىش كېرەك؟»، «مۇقام يۇرتىدا شادلىق»، «قېرىنداشلىق مېھرى»، «قىممەتلىك سوۋغات»، «نەپ تەگدى»...قاتارلىق 30 پارچىدىن ئارتۇق ئوپىرا، ئېتوت، راۋاب قوشاقلىرىم سەھنىلەشتۈرۈلۈپ ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.  15پارچىغا يېقىن شېئىرىم ھەرقايسى گېزىت ئەدەبىي بەتلىرى تەرىپىدىن؛ 20 پارچىدىن ئارتۇق ھەرخىل مەزمۇندىكى سەھنە ئەسىرىم ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت دەرىجىلىك سەنئەت كۆرەكلىرىدە «مۇنەۋۋەر ئەسەر» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
   ھاجى ئېھسان قاۋۇل: ئىجادىيەت ھاياتىڭىزدا سىزنى ئەڭ خۇشال قىلغان ئىش قايسى؟
ئۆمەر ئىسمائىل: 1992-يىلى مەن يازغان شائىرە، مۇقامشۇناس مەلىكە ئاماننىساخان، قىدىرخان قاتارلىق ئۇستازلارنىڭ «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى»نى رەتلەش، قۇتقۇزۇش يولىدا جاھالەت پىرلىرى بىلەن كەسكىن ئېلىشىشتەك ھايات- ماماتلىق كۈرەشلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ئازادلىقتىن كېيىن مۇقام ئۇستازى تۇردى ئاخۇن ئاكىنىڭ جاپالىق ئەجر سىڭدۈرۈشى ئارقىلىق ئون ئىككى مۇقامنىڭ بۈگۈنگە يېتىپ كېلىپ، مۇقام يۇرتىنى شادلىققا چۆمدۈرگەنلىكى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن «مۇقام يۇرتىدا شادلىق» ناملىق ئالتە پەردىلىك تارىخىي ئوپىرا يەكەن ناھىيەلىك ناخشا- ئۇسۇل ئۆمىكى تەرىپىدىن سەھنىلەشتۈرۈلۈپ، يەكەندە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك «ئون ئىككى مۇقام ئىلىمىي مۇھاكىمە يىغىنى»غا قاتنىشىۋاتقان سەيپىدىن ئەزىزى، تۆمۈر داۋامەت ۋە شۇنداقلا مەملىكىتىمىز ئىلىم- پەن ساھەسىدىكى يۇقۇرى ئابرويغا ئىگە ئالىم- مۇتەخەسىسلەرنىڭ   ھۇزۇرىغا سۇنۇلغاندىن كېيىن يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ يۇقۇرى باھاسىغا ئېرىشتى. سەيپىدىن ئەزىزى ئەپەندى مېنى قوبۇل قىلىپ ئەسەرنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم مېنى تېخىمۇ ئىزدىنىپ، تېخىمۇ نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى. بۇ مېنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىمدىكى ئەڭ خۇشاللىنارلىق ئىشلارنىڭ بىرى.
    ھاجى ئېھسان قاۋۇل: بىر ئەدىب ئۈچۈن ئەسەرلىرىنىڭ ئامما ئارىسىدا ئىنكاس قوزغىيالىشى ئىجتىمائىي ئۈنۈم يارىتالىغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزمۇ بۇ خىل شەرەپلەرگە نائىل بولالىدىمۇ يوق؟
ئۆمەر ئىسمائىل: دېگىنىڭىز توغرا. بىر ئەدىب ئەسەر يازغان ئىكەن، ئۇنىڭغا قارىتا يا ئۇنداق، يا بۇنداق باھالارنىڭ بېرىلمەسلىكى، شۇ ئەدىبنىڭ ئىجادىي ئەمگىكىنىڭ مېۋە بېرەلىگەن- بېرەلمىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. مەن گەرچە تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن ياخشى يېزىپ كېتەلمىگەن بولساممۇ، ھەر ھالدا ياخشى نىيەتلىك ئوقۇرمەنلەرنىڭ، جۈملىدىن ئوبزۇرچىلارنىڭ ئازدۇر – كۆپتۇر ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلدىم. بۇ مەن ئۈچۈن زور ئىلھام ۋە مەدەت.
   «بۇ قانداق باشلىق» ناملىق ھەجۋىي شېئىرىمغا «كېلىشتۈرۈپ ئۇرۇلغان بىرقامچا»؛ «ئاشلىق ھەققىدە مۇخەممەس» ناملىق شېئىرىمغا «ياخشى يېزىلغان بىر پارچە شېئىر»؛ «ئاش- ناننىڭ زارى» ناملىق شېئىرىمغا« ‹ئاش- ناننىڭ زارى›مېنى چوڭقۇر ئويغا سالدى»؛ «مۇقام يۇرتىدا شادلىق» ناملىق 6پەردىلىك تارىخىي ئوپىراغا «تارىخي رېئاللىقنىڭ يارقىن جۇلاسى» ناملىق ئوبزۇر- ماقالىلەر ئېلان قىلىنىپ، جامائەتچىلىك ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى. ئۇندىن باشقا ئاشلىقنى قەدىرلەش مەزمۇن قىلىنغان بىر پارچە شېئىرىم خەتتاتلار تەرىپىدىن ھۆسنىخەت قىلىنىپ ئىشلىنىپ جاھازىلاشتۇرۇلۇپ،ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى بىر قىسىم رىستوران- ئاشخانىلارنىڭ تاملىرىغا  ئېسىپ قويۇلدى. بۇمۇ مەن ئۈچۈن ئەڭ ئالىي شەرەپتۇر.
ھاجى ئېھسان قاۋۇل: ھەربىر ئەدىبنىڭ ئۆزىگە خاس يېزىقچىلىق ئادەتلىرى بولىدۇ. سىز ئۇزۇن يىللىق يېزىقچىلىق ھاياتىڭىزدا قانداق يېزىقچىلىق ئادەتلىرىنى يېتىلدۈردىىڭز؟
    ئۆمەر ئىسمائىل: ئالدى بىلەن نۆۋەتتە نېمىنى يېزىش، قانداق يېزىش مەسىلىسى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ تېمىنى مۇقىملاشتۇرىمەن، ئۇنىڭدىن كېيىن بىر ئاي ئەتراپىدا جەمئىيەتنى كۆزىتىپ، ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى،شەكلى،شېئىرىي مۇددىئا قاتارلىقلارنى كاللامدا پىشۇرىمەن، ئادەتتە، كۆپىنچە ئەھۋالدا كېچە سائەت تۆت ئەتراپىدا ئورنۇمدىن تۇرۇپ يېزىشقا كىرىشىپ بىر قېتىمدىلا ئاخىرلاشتۇرىمەن. قەلبىمدە مەۋج ئۇرغان ھاياجان جۇغلانمىسى كۆكرەك قەپىزىمنى تېشىۋەتكۈدەك دەرىجىدە كۈچىيىپ، ۋۇجۇدۇمنى لەرزىگە سالىدۇ، شۇ مىنۇتلاردا ئۆزۈمنىڭ قەيەردە تۇرغانلىقىنىمۇ بىلەلمىگۈدەك ھالەتكە كېلىپ قالىمەن، پۈتكەن ئارگىنالنى بىرەر ئايچە تاشلاپ قويۇپ، قەلبىمدىكى شېئىرىي ھاياجان بېسىققاندىن كېيىن قايتا كۆرۈپ چىقىمەن. كۆرۈش داۋامىدا جايىغا چۈشمىگەن بىرەر سۆز، قاملاشمىغان مىسرالارنى رەھىمسىزلىك بىلەن قىرقىپ تاشلاپ، تاكى ئۆزۈم رازى بولغانغا قەدەر تەكرار تۈزىتىمەن. ئاندىن ئۇنى دوسىت- بۇرادەرلىرىمگە، پەرزەنتلىرىمگە ئوقۇپ بېرىپ ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئالىمەن. تۈزىتىلىپ پۈتكەن ئەڭ ئاخىرقى نۇسخىسىنى ئاققا چىرايلىق كۆچۈرۈپ مەتبۇئاتقا سۇنىمەن. ئىمكان بار ئەسەرلىرىمنى ئالدىراپ مەتبۇئاتقا ئەۋەتىشتىن ساقلىنىمەن.
   ھاجى ئېھسان قاۋۇل: سىز ئۇزۇن يىل تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، بۇ جەھەتتىكى تەجرىبىلىرىڭىزنى  سۆزلەپ بېرىشنى خالامسىز؟
   ئۆمەر ئىسمائىل: تەھرىرلىك- جاپالىق ھەم شەرەپلىك خىزمەت. تەھرىر- ئىدىئولوگىيە سېپىدىكى قەيسەر قاراۋۇلغا ئوخشايدۇ. تەھرىر بولغۇچىدا مول بىلىم، مەسئۇلىيەتچان روھ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭ، ئانا تىلغا بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولۇشى ئىنتايىن زۆرۈر. تەھرىر بولغۇچى ھەرقانداق ئەسەرنى تەكرار- تەكرار ئوقۇشى، ئىنچىكىلىك بىلەن تەھلىل قىلىپ، تەھرىرلىك پىرىنسىپلىرى ئارقىلىق ئۆلچەپ، كۆرۈلگەن نۇقسانلارنى چىقىرىپ تاشلىشى لازىم. تەھرىر بولغۇچى يەنە ئاپتورنىڭ ئەسىرىگە ھۆرمەت قىلىشى، ئۇنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تۈزىتىپ- تولۇقلاپ مۇكەممەل ئەسەرگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. تەھرىر- خالىس، سەمىمىي، پىرىنسپچان بولۇشى، ئاپتورغا ئەمەس، ئەسەرگە قارىشى، يەڭگىلتەكلىكتىن ساقلىنىشى زۆرۈر. تەھرىردە ئۆزىنى بېغىشلاش، تەقدىم قىلىش  روھى بولۇشى كېرەك. تەھرىر- ئالدىن ۋەدە بېرىپ قويۇشتىن قاتتىق ساقلىنىشى، ئۆز ئارا ئىتتىپاقلىققا ئەھمىيەت بېرىشى، مەخپىيەتلىكىنى قاتتىق ساقلىشى، ئۆزىنى كۆرسىتىشكە بېرىلىپ كەتمەسلىكى، ئاپتورلارغا ئوخشاش مۇئامىلىدە بولۇشى، سەمىميىلىكنى، ئادىللىقنى يېتىلدۈرىشى كېرەك.
ھاجى ئېھسان قاۋۇل: سىز سابىق «يەكەن گېزىتى» ئىدارىسىدىن كەسىپ ئالمىشىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ئىزچىل تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەپسىز. قارىغاندا، تەھرىرلىك كەسپىگە چوڭقۇر ئىشتىياقىڭىز باركەن- ھە!؟ تەھرىرلىك قىلىش جەريانىدا قانداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردىڭىز؟ تەپسىلىيرەك سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز.
   ئۆمەر ئىسمائىل: توغرا دەيسىز. مەن تەھرىرلىك كەسپىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن، شۇڭلاشقا خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن سابىق «يەكەن گېزىتى» ئىدارىسىدىن ئالمىشىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ تەھرىرلىكنى قولدىن بەرمىدىم. سابىق «يەكەن گېزىتى»دە ئىشلىگەن 15 يىل جەريانىدا ئاخبارات تەھرىرى، ئەدەبىي تەھرىر بولۇپ ئىشلەپ، ھەۋەسكارلارغا قىزغىن ئىلھام بېرىپ ۋە  ئىزچىل  قوللاپ ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن تېگىشلىك بۇرچۇمنى ياخشى ئادا قىلىشقا تىرىشتىم.
   پىشقەدەم شائىر ئابدۇسەمەت خېلىل بىلەن يەكەن ناھىيەسىدە چىقىرىلغان سەككىز پارچە ئەدەبىي توپلامنىڭ شېئىرىيەت تەھرىرلىكىنى، داڭلىق خەلق قوشاقچىسى مۇھەممەت ناپىرنىڭ «ئۆمۈر خاتىرەمدىن» ناملىق داستانىنى، «يەكەن خەلق قوشاقلىرى»نى تەھرىرلىدىم. ئەجرىمگە يارىشا ئاپتونوم رايونلۇق «ئۈچ توپلام»نى توپلاش، تەھرىرلەش، نەشر قىلىش ھەيئىتى تەرىپدىن «مۇنەۋۋەر شەخس» بولۇپ مۇكاپاتلاندىم.
     ھاجى ئېھسان قاۋۇل: ئاڭلىسام سىز ئىلگىرى بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ بايراقدارى، مەملىكەت ئىچى- سىرتىدا بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە مەشھۇر شائىر تىيىپجان ئىلىيۇپنىڭ بىر پارچە شېئىرىنى تەھرىرلەپ، شائىرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىپتىكەنسىز. بۇ جەھەتتىكى ئىشلارنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭز بوپتىكەن.
ئۆمەر ئىسمائىل: ئاڭلىغىنىڭىز راسىت. 1979 –يىلى ناھىيەمىزدە تۇرمۇش ئۆگىنىش ۋە زىيارەتتە بولۇۋاتقان مەشھۇر شائىر تىيىپجان ئىلىيۇپ «يەكەن گېزىتى»گە بىر پارچە شېئىر بەرگەن ئىدى، شېئىر ئومۇمىي جەھەتتىن ناھايىتى ياخشى يېزىلغان بولسىمۇ، بىر مىسرانىڭ سەل بوش چىقىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ  ئۆزگەرتمەكچى بولدۇم. شۇنداقتىمۇ شائىرنىڭ پىكرىنى ئىلىپ باقماقچى بولۇپ، ئۇ چۈشكەن «يەكەن مېھمانخاسى»غا بېرىپ  شائىر بىلەن كۆرۈشۈپ پىكرىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئۇ بىر ئاز ئويلىنىپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن: «ياخشى ئويلاپسەن، سەن دېگەندەك بولسۇن!» دېدى. دۇنياۋىي شۆھرەتكە ئىگە بۇ ئۇستازنىڭ شۇ قەدەر كەمتەرلىكىدىن چوڭقۇر تەسىرلەندىم.
   يەنە بىر قېتىم كۆزگە كۆرۈنگەن پېشقەدەم شائىر ئابلىمىت ھاجى بىر نەچچە پارچە رۇبائىي ئەۋەتكەن ئىدى، ئۇنىمۇ تەھرىرلىگەندىن كېيىن گېزىتكە بەردۇق. ئارىدىن ئون بەش كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ ماڭا خەت يېزىپ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
  ھاجى ئېھسان قاۋۇل: ناھىيەمىز ئەدەبىيات قوشۇنىدىكى يازغۇچى- شائىرلارنىڭ ئىجادىيەت ئەھۋالىغا قانداق قارايسىز؟
ئۆمەر ئىسمائىل: ناھىيەمىز بۇرۇندىن يازغۇچى- شائىرلارنىڭ ماكانى بولۇپ كەلگەن. ھازىرقى ئەھۋالدىمۇ پېشقەدەم شائىرىمىز ئابدۇسەمەت خېلىل ئاكا گەرچە ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ بىر- بىرىدىن ياخشى ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ بىزگە ئۈلگە بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدىلا «تۇرمۇش سۈرەتلىرى»، «ئاق چېچەك»، «ئاتا سۆزى»...قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرىنى بىزگە تەقدىم قىلدى. يەنە ئومۇمىي رۇبائىيلىرىدىن تەركىب تاپقان «مىڭ بىر رۇبائىي» ناملىق زور ھەجىملىك توپلىمىنى تەقدىم قىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. تالانتلىق يازغۇچىمىز ياسىنجان سادىق چوغلان پىروزىدا ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىن ھالقىپ، پۈتۈن مەملىكەتكە تونۇلغان پەخىرلىك يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئۇندىن باشقا رىزۋانگۈل يۈسۈپ، ئابدۇكېرىم قادىر، ئايسىمە ئىدىرىس قاتارلىقلارمۇ ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە خېلى كۆزگە كۆرۈنۈپ قالدى.
   ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، مەن ناھىيەمىز ئەدەبىيات قوشۇنىدىكىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئىجادىيەت ئەھۋالىدىن بەكلا رازى. ناھىيەمىزدە ئاشۇلارنىڭ ئىزىنى بىسىپ ماڭىدىغان بىر تۈركۈم قەلەمكەشلەر يېتىشىپ چىقسىكەن، دېگەن ئۈمىدىم بار.

( ئاپتور:يەكەن ناھىيەلىك 4-باشلانغۇچ مەكتەپتە)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-30 20:49  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-30 23:47:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنىم ھاجى ئېھسان قاۋۇلغا ئالىي ئېھتىرام.....ئۇستازىمىز ئۆمەر ئىسمايىلغا ئالىي تەشەككۈر...! مەنمۇ ئەنە شۇ ئۇستازنىڭ يىتەكلىشى بىلەن يەكەن گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان
«داۋانلار ئاتلاشقا » ناملىق شېئىرىم بىلەن ئەدەبى ئىجادىيەت قوشۇنىغا كىرگەن...ئۇستازغا
ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە سالامەتلىك تىلەيمەن...!

ۋاقتى: 2015-12-1 20:11:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاجى ئېھسان قاۋۇلغىمۇ، ئەلتۇغقىمۇ تەشەككۇر  

ۋاقتى: 2015-12-1 20:24:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئىسىل سۆھبەت خاتىرسى بولۇپتۇ.....!

ۋاقتى: 2015-12-2 18:59:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلتۇغ  ۋە ھاجى ئاغىنەمنىڭ ئەجرىگە رەھمەت ئىجادىيتگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش