يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 389|ئىنكاس: 3

قۇتتاپ: بىكارچىنىڭ تەتىلى (مىكرو فىلىم سېنارىيەسى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-11-30 20:30:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بىكارچىنىڭ تەتىلى                 
         مەردان مۇھەممەد قۇتتاپ
                                                         
       1-كۆرۈنۈش                                                                                                                                      
ئاھالىلەر بىناسىدىن ئۆي ئىچىگە كېسىلىدۇ.                                                                                                
جەسۇر دادىسىدىن پۇل سورايدۇ. سۆھبەت ئىككىيلەن ئۆي ئىچىدە ماڭغاچ ئېلىپ بېرىلىدۇ. دادىسى ھوجرائۆيىدىن چاپىنىنى كىيگەچ مېھمان ئۆيگە چىقىدۇ، جەسۇر ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ پۇل سورايدۇ.                                                        

جەسۇر: مۇشۇ بىر قېتىم بېرىپ تۇرغان بولساڭ،دادا، بەك جىددى كېرەك ئىدى، يېنىمدىكى پۇل يېتىشمەي قالدى، بىر ياردەم قىلغان بولساڭ، دادا !                                                                                                                                
دادىسى: نېمىگە كېرەك بوپقالدى؟! (مېھمان ئۆيگەچىقىدۇ، بىر ئىشكاپنىڭ ئېغىزىنى ئېچىپ ماتېرىيالىنى ئاختۇرغاچ سورايدۇ)
جەسۇر: تېلېفونۇم بۇزۇلۇپ تۇتقىدەك يېرى قالماپتۇ، يېڭى بىرنى ئالاي دېگەنتىم.                                                      
دادىسى: (ماتېرىيالىنى ئېلىپ ئىشىك تەرەپكەماڭىدۇ)                                                                                          
جەسۇر: (دادىسىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ) كۆپ ئەمەس مىڭ سوملا كېرەك بوپقالدى، دادا!                                             
دادىسى: (ئاياغ ئىشكاپىدىن ئايىغىنى ئېلىپ بولۇپ، جەسۇرنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كېتىدۇ) مىڭ سوم كۆپ ئەمەسمۇ                             ئوغلۇم؟!
جەسۇر: كۆ...(گېپىنىڭ ئاخىرىنى قىلالماي قالىدۇ)
دادىسى: (جەسۇرنىڭ مۆرىسىگە قولىنى ئېلىپ) ئىشلەئوغلۇم، تەتىلدە بىكار يۈرگىچە بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتقىن، ئاندىن تاپقان پۇلۇڭغايېڭى تېلېفوندىن بىرنى ئالغىن، (بىر دەقىقە تۇرغاندىن كېيىن) شۇ چاغدا سەندىنسورايدىغان بىرلا سوئالىم بار، {*جەسۇرنىڭ مېمىكىسى} يەنى مىڭ سوم كۆپمۇ ئەمەسمۇ؟!(مەنىلىك كۈلۈپ قويۇپ چىقىپ كېتىدۇ)
جەسۇر بىردەم يېپىلغانئىشىككە قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، كەينىگە بۇرۇلۇپ چاي ئىچىش ئۈچۈن ئۈستەل يېنىغابارىدۇ.
جەسۇرنىڭ ئاغىنىسىرۇستەم جىددى يۈگۈرگەن پېتى جەسۇرنىڭ بىناسىغا كىرىدۇ، كورپۇس ئىشىكى ئالدىداجەسۇرنىڭ دادىسىغا ئۇچرايدۇ.
رۇستەم: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئاكا، جەسۇر ئۆيدەبارمىدۇ؟!
دادىسى: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام بار، بار ئىچىگەكىر !
رۇستەم پەلەمپەيدىن يۈگرۈپ چىقىپ جەسۇرنىڭئىشىكىنى ئۇرىدۇ.
رۇستەم: جەسۇر، ئىشىكنى ئاچە ئاداش، مەن رۇستەم!
جەسۇر: (ئىستاكاننى قويۇپ ئىشىك تەرەپكە ماڭىدۇ)ھە مانا كەلدىم.
جەسۇر ئاۋۋال ئىشىكنىئاچماي مۆشۈككۆزدىن مارايدۇ. بۇ چاغدا رۇستەمنىڭ ئايىقىنىڭ (ئىشنۇرى) يېشىلىپكەتكەچكە ئولتۇرۇپ چېگىدۇ، مۆشۈككۈزدىن ھېچنىمە كۆرمىگەن جەسۇر چۆچۈپ كېتىدۇ. رۇستەمئەمدىلا ئورنىدىن تۇرۇپ يەردە ياتقان نان-ئۇگاكنى كۆرىدۇ.
رۇستەم: قايسى ئەخلاقسىز بىر ئوبدان ناننى بۇيەرگە قويۇپ قويدى-ھوي!!! (يەنە ئولتۇرۇپ نان-ئۇگاكنى تېرىيدۇ)
جەسۇر: (يەنە سىرتتىن ھېچنەرسە كۆرمىگەچ ئاڭقىرالمايدۇ)كىمۇ؟! (ھەيرانلىق ۋە قورقۇنچ بىلەن ۋارقىرايدۇ)
رۇستەم: (ناننى دېرىزە بار يەرگە قويۇپ قويۇپمۆشۈككۈز ئالدىدا ئاخىرى پەيدا بولىدۇ) ۋاي مەن، رۇستەم!
جەسۇر: ھە، سەنمىدىڭ ئاداش! (ئىشىكنى ئاچىدۇ)
رۇستەم: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، (ئىشىكتىن كىرىپ)،خوتۇن كىشىدەك “كىمۇ” دەپ يۈرمەي گاچچىدە ئاچمامسەن ئىشىكنى ئاداش!
جەسۇر: بولدى بۇنداق گەپنى قويۇپ ئۈستىگە چىقەئاداش-ھە!
رۇستەم: ھوي، نېمە بولدۇق ئاداش، (بەدەشقاننىقۇرۇپ ئولتۇرىدۇ) قاپاقلىرىڭ ساڭگىلاپلا كېتىپتىغۇ؟ (جەسۇرغا قاراپ قويۇپ قولىنىدۇئاغا كۆتۈرىدۇ) ئامىن!
ئىككەيلەن دۇئا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، جەسۇرچاي قۇيغاچ سۆزلەيدۇ.
جەسۇر: چوڭ ئىشقۇ يوق ئاداش، شۇ تېلېفونۇمنىڭ تۇتقىدەكيېرى قالمىدى دېگىنە  كاردىن چىقىپ، يېنىمدىكىپۇل يېڭى بىر تېلېفون ئېلىشقا يەتمەيتىكەن دادامدىن بېرىپتۇ دەپ سورىسام “ئىشلە، ئۆزۈڭ تاپ” دەيدۇ دېگىنە...
رۇستەم: ھىي سېنىڭ داداڭمۇ ئىشلە دەمدا؟!
جەسۇر: ھە قانداق؟ سېنىڭ داداڭمۇ بىكار يۈرگىچە ئىشلە دەمدا؟
رۇستەم: بولدى سورىمايلا قوي،(بىر يۇتۇم چاي ئىچىۋەتكەندىنكېيىن)  ئەتتىگەندە مۇشۇ ئىش ئۈچۈن دادامدىندۈشكە ئاڭلاپ يېنىپ چىقتىم!
جەسۇر: قانداق؟! نېمىش بولدى باشتىن ئاخىرى بىردېگىنە!
رۇستەم: ئەتتىگەن ھويلىدا ئېلەڭگۈچنىڭ ئۈستىدەئۇخلاۋاتسام قارا...(ئىشنى سۆزلەپ بېرىدۇ)
كۆرۈنۈش ئەتتىگەن ھويلىدا يۈزبەرگەن ۋەقەنىڭكۆرۈنۈشىگە كېسىلىدۇ، بۇ يەردىكى چېكىنمە بايانلىق كۆرۈنۈشنىڭ كومىدىيىلىكخۇسۇسىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن ئاق-قارا رەڭلىك ئاۋازسىز ھالدا سۈرەتكەئېلىنىدۇ.
رۇستەمنىڭ ئۆيى
رۇستەم ئېلەڭگۈچتە كۈندۈزلۈك چۈشىنى كۆرۈپياتماقتا،ئۇنىڭ دادىسى ئۇنى كۆرىدۇ ۋە قاتتىق ئاچچىقى كېلىدۇ. يۈگرۈپ بېرىپرۇستەمنىڭ يانپىچىدىن تېپىپ ئويغىتىۋېتىدۇ، رۇستەم يەرگە دۈملا چۈشۈپ چاچراپئويغىنىدۇ، دادىسى ئۇنىڭ قۇلىقىدىن تارتىپ ئورنىدىن تۇرغۇزىدۇ.
دادىسى: سىرتقا چىقىپ ئىشلىسەڭ بولمامدۇ بۇيەردە ئېشەكتەك ياتقۇچە !
رۇستەم: (پېشانىسىنى سىيلاپ) مۇشۇنداق يېتىپلائۇيقىغا كېتىپتىمەن، (دادىسىنىڭ يوغان قورسىقىنى سىيلاپ قويۇپ) كەچۈرگىن دادا!
دادىسى: (ئاچچىقى بىلەن بالىسىنى ئۇرىدۇ، رۇستەميەنە {يۇمۇرىستىك} يىقىلىپ چۈشىدۇ) ماڭ بېرىپ تەتىلدە قىلىدىغان ئىش تاپقىن بىكارياتماي! (يانپىچىغا تېپىپ قوغلاپ چىقىرىۋېتىدۇ)
جەسۇر: (ئاشخانا ئۆيگە {بايا چاي ئىچكەن ئۈستەل}قويۇپ قويغان ئەبجەق تېلېفونىگە قاراپ تېلېفونىنىڭ يېنىغا بارىدۇ، تېلېفونىنىقولىغا ئېلىپ بىر ھازا قارىغاندىن كېيىن كەينىگە بۇرۇلۇپ رۇستەمگە قاراپ) ئىككىمىزبىللە سىرتقا چىقىپ تەتىللىك بىرەر ئىش ئىزدەيلى ئاداش!
رۇستەم: ئىزدەيلى مەندە گەپ يوق!
ئىككىيلەن تەڭ ئىشىك تەرەپكە ماڭىدۇ.
رۇستەم ئورنىدىن تۇرغاچ) ئاما مەن ئۈندىداردائايگۈل دېگەن بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قالدىم، ئاداش، شۇ قىزنى ئۇچۇرشۇشقاچاقىرايمىكىن دەيمەن.
جەسۇر: (ئايىغىنى ئېلىپ كېيگەچ) ئاۋۋال ئىشىىڭنىبىر تاپقىنە، قېرىندىشىم، سادىغان كېتەي! (ئىككىيلەن تەڭ چىقىپ كېتىدۇ)
تەخمىنەن يېرىم مىنوتلۇق شەھەر مەنزىرىلىرىكۆرۈنۈشى{ ياغاچ قۇلاق ناخشىسىنىڭ مۇزىكىسى بېرىلىدۇ}
Ⅱ-كۆرۈنۈش
مەلۇم بىر رېستۇران
جەسۇر بىلەن رۇستەم رېستۇران ئىچىگە ئىش ئىزدەپكىرىدۇ، پۇكەيگە ئىش ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ، بىر خادىم ئۇلارنى دېرىكتۇرئىشخانىسىغا باشلاپ كىرىدۇ.
خىزمەتچى خادىم: (دېرىكتۇر ئىشىكىنى چېكىدۇ)
دېرىكتۇر: كىرىڭ!
خىزمەتچى خادىم : بۇلار بۇ يەرگە ۋاقىتلىق ئىشئىزدەپ كەپتۇ، دېرىكتۇر!
جەسۇر: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھە بىز ئوقۇغۇچى،تەتىللىك ئىش ئىزدەپ كەلگەنتۇق!
دېرىكتۇر: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، (ئورنىدىن تۇرۇپجىددى تەلەپپۇزدا) مېنى بىر مېنوت ساقلاپ تۇرۇڭلار ئۇكىلىرىم، مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپتۇرۇڭلار...(چىقىپ كېتىدۇ)
جەسۇر بىلەن رۇستەم ئىشخانا ئىچىدە ئۇنى-بۇنىكۆرۈپ ئايلىنىپ يۈرىدۇ، توساتتىن رۇستەم چەتكە تىزىپ قويۇلغان خىرىستالنىچېقىۋىتىدۇ، ئۇلار چۆچۈپ كېتىپ بىر-بىرىگە قاراپ قالىدۇ.
جەسۇر: ئاللا ئاللا سەن نېمە ئىش قىپ قويدۇڭ،ئاغىنە!
رۇستەم: (قورققىنىدىن جەسۇرغا قاراپ) ماڭ بولدىئاداش بۇيەردىن چىقىپ كېتەيلى! (جەسۇرنىڭ قولىدىن تارىدۇ)
جەسۇر: (رۇستەمنىڭ قولىنى سىلكىۋېتىپ) ھىي توختاتوختا، سەن قاچىمىز دەۋاتامسەن، خەقنىڭ بىر نەرسىسىنى چېقىپ قويۇپ قېچىپ كەتسەكقانداق بولىدۇ؟! (دېگەنچە چېقىلغان خىرىستال پارچىلىرىنى تېرىپ قولىغا ئالىدۇ)ئەمدى چاققاندىنكىن تۆلەيلى بۇنى!
رۇستەم: مەندە بۇ خىرىستالنى تۆلىگىدەك پۇل يوقتۇرسا، بۇ قاچىنىڭ قانچە پۇللىقىنى خۇدايىم بىلىدۇ، ماڭە جىق گەپ قىلماي! (جەسۇرنىڭقولىدىن خىرىستال پارچىلىرىنى تارتىپ ئېلىپ ئەسلى جايىغا قويۇپ قويىدۇ ۋە جەسۇرنىڭقولىدىن تارتىپ ئىشىكنى ئاچىدۇ)
رۇستەم ئىشىكنى ئېچىپلا قايتىپ كىرىۋاتقاندېرىكتۇرنى كۆرىدۇ.
رۇستەم: ھوۋ ۋاي ئانام، (ئىشىكنى يېپىۋېتىدۇ ۋەجەسۇرغا قاراپ) دېرىكتۇر قايتىپ كەپتۇ ئولتۇرە،(ئولتۇرىدۇ) مەن تۈگەشتىم، مەنتۈگەشتىم!
دېرىكتۇر كىرىدۇ ۋە ئورنىدا ئولتۇرىدۇ،ئۈستىلىنىڭ ئىشكاپلىرىنى ئاختۇرىدۇ ۋە قويدەك ئولتۇرغان رۇستەم ئىككىيلەننىكۆرىدۇ.
دېرىكتۇر: كەچۈرۈڭلار ئۇكىلىرىم، بۈگۈن بىرازئالدىراش بوپ قالدىم...(ئۈستەللىرىدىن ماتېرىيالىنى ئىزدەيدۇ) نەدەدۇر بۇ نەدەدۇر!
رۇستەم بىلەن جەسۇر دېرىكتۇرنىڭ ئالدىراشلىقسەۋەبىدىن خىرىستالغا دېققەت قىلمىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ ۋە رۇستەمخۇدۈكسىرىگەنسېرى خىرىستالغا قاراپ ئولتۇرىدۇ.
رۇستەم خىرىستالدىن كۆزىنى يۆتكەپ جەسۇرغا قاراپكۆز ئىپادىسى بىلەن دېئالپگلىشىدۇ
*{يەنى بۇ يەردە كومىدىيىلىكنى ئاشۇرۇش ئۈچۈنئۇلارنىڭ گەپ-سۆزلىرى كېيىكى ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق كىرىشتۈرۈلىدۇ، نەق مەيدان گەپقىلماي كۆز ئىپادىسى بىلەن سۆزلىشىدۇ}
رۇستەم: (جەسۇرغا قاراپ) ماڭ قېرىندىشىم ھازىرلائاستا چىقىپ كېتەيلى!
جەسۇر: ياق! ئۇ كۆرۈپ قالىدۇ!
رۇستەم: كۆرمەيدۇ، قارىمامسەن ئالدىراش بىرنېمىلىرىنى ئىزدەۋاتىدۇ.
جەسۇر ئالدىراش ئۈستەلدىن ماتېرىيال ئىزدەۋاتقاندېرىكتۇرغا قاراپ قويۇپ، رۇستەمگە قاراپ <ماڭايلى> دېگەن ئىپادىنى قىلىدۇ.
ئۇلار ئاستا ئىشىكنى ئېچىپ مېڭىپ چىقىپ كېىدۇ.بۇ ۋاقتىدا دېرىكتۇر ماتېرىيالىنى تاپىدۇ.
دېرىكتۇر: ھە مانا تاپتىم ، كەچۈ...(بېشىنىكۆتۈرۈپ رۇستەملەر ئولتۇرغان جايغا قارىسا ھېچكىم يوق، ئاندىن كۆزى چېقىلغانخىرىستالغا چۈشىدۇ، جىددى تۇرۇپ خىرىستالنى قولىغا ئېلىپ ۋارقىرايدۇ) ياق!!!
بۇ ۋاقىتتا رۇستەم بىلەن جەسۇر ئاللىبۇرۇنسىرتقا چىقىپ بولىدۇ.
رۇستەم: (يۈرىكىنى تۇتۇپ) ئۇھ، مانا قۇتۇلدۇققۇ،يەنە بەش سېكونت ئولتۇرغان بولساق چاتاق بولاتتى!
جەسۇر: (ئىككى قولى بىلەن بېلىنى تۇتۇپ) ئەمدىنەگە بارىمىز...(ئەتراپقا قارايدۇ)
رۇستەم: (ئۇھ تارتىپ قويۇپ ئەتراپقا قارايدۇ)
رۇستەم بىلەن جەسۇر كوچىدا ماڭىدۇ. رۇستەمئۈندىدار ئويناپ ماڭىدۇ.
رۇستەم: مەن بىلەن كۆرۈشۈشكە ماقۇل بولدىڭىزما،دوستىڭىزنىمۇ ئېلىۋالامسىز؟ چاتاق يوق ھازىرلا بارىمەنغۇ! (ھېجىيىپ خۇش بولۇپكېتىدۇ)
جەسۇر: ئىش تاپالمايۋاتقاندا قىزبالا بىلەنكۆرۈشىمەن دەيسەنغۇ!
رۇستەم: ھىي ئاداش، ھېلىقى ساڭا دېگەن ئايگۈلدېگەن قىز باغۇ، سىز بىلەن كۆرۈشكۈم بار، دوستۇمنىمۇ ئېلىۋالىمەن دەيدۇ قارا، مەنبىلەن بىللە بارمامسەن،دوستىنى ساڭا تونۇشتۇرۇپ قوياي-ھە؟!
جەسۇر: ماڭە ۋوي، ئىشلەپ ئۆزۈمگە تېلېفونئالىمەن مەن تېخى!
رۇستەم: ۋاي بولدى ئۇ ئىشىڭنى مونۇ قىزلار بىلەنكۆرۈشۈپ بولۇپ تاپە، ئاداش، (قولىدىن تارتىدۇ) ۋوي ماڭغىن مونۇنى قارا!
رۇستەم بىلەن جەسۇر قىزلار بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈندېيىشىپ جايغا كېلىدۇ.
رۇستەم: (ئەتراپقا قاراپ) يوققۇ بۇلار، تېخىكەلمەپتۇدە..(ھېجىيىدۇ)
ئىككى ناھايىتى قامەتلىك، بەستى يوغان يىگىتلەرپەيدا بولىدۇ.
ئارىسىدا بىرى رۇستەملەرگە قاراپ گەپ قىلىدۇ.
يىگىت: ئايگۈل بىلەن كۆرۈشىمەن دېگەن سەن خەقئوخشىمامسەن!
رۇستەم بىلەن جەسۇر بىر-بىرىگە قاراپقورققىنىدىن تۈكۈركىنى ئىچىگە يۈتۈپ، يىگىتلەرگە قاراپ سورايدۇ.
رۇستەم: سىز ئۇنىڭ؟...
يىگىت: مەن ئۇنىڭ ئاكىسى بولىمەن، (يېنىدىكىبالىنى كۆرسىتىپ) دوستىڭىزنى ئەكىلىڭ دەۋاتمامتىڭ مانا دوستۇمنىمۇ ئەكەلدىم،تۆتىمىز ئۇچۇرشۇشىمىزنى باشلامدۇق يا؟! (قولىدىن ۋە بوينىدىن قاس چىقىرىدۇ)
رۇستەم جەسۇر ئىككىيلەن بىر-بىرىگە قاراپ<قاچە> دەپ تەڭلا قېچىشىدۇ. بەستى يوغان يىگىتلەر <توختا> دەپكەينىدىن قوغلايدۇ.
[تۆۋەندىكى قوغلاش-قېچىش كۆرۈنۈشىنى ئالدىدارۇستەمنىڭ دادىسى بىلەن بولغان زىددىيەتكە ئوخشاش ئاق-قارا رەڭدە مۇزىكا بېرىلىپچارلىزچاپلىن ئۇسلۇبىدا سۈرەتكە ئېلىنىدۇ.]
ئاخىرىدا ئۇلارنى تۇتۇۋالىدۇ ۋە بوينىدىن سۆرەپبىر يەرگە ئەكېلىپ دۇمبالايدۇ.
Ⅲ-كۆرۈنۈش
رۇستەمنىڭ مەھەللىسى
رۇستەم ۋايجان ۋويەي دەپ مەھەللىسىدە ماڭىدۇ.
رۇستەم: ئۈدىداردا زۇۋانىنى چىقارماي پاراڭلاشسانازلىنىۋاتىدۇ دەپتىمەن، ئەسلى مۇنداق گەپ باركەندە بۇيەردە! (يۈزىنى تۇتۇپ)ۋايۋاي ھەجەپ ئاغرىدى.
بۇچاغدا بىر ئايلانمىدا ۋېلىسپىت رۇستەمنىڭئۇدۇلىدىن تۇيۇقسىز چىقىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ، خالمۇرات ئۆمەرنىڭ <<ساراڭ>>ناملىق فىلىمىگە ھۆرمەت تەرىقىسىدە بۇ يېرىدە شۇ كۆرۈنۈش تەقلىد قىلىنىدۇ.
رۇستەم قورققىنىدىن تېيلىپ كېتىپ ياندىكىئورۇندۇقتا ئولتۇرىۋالىدۇ.
رۇستەم: (ۋېلىسپىت كەتكەن تەرەپكە قاراپ) سەنمۇمېنى بوزەك قىل، ۋاي ۋاي ۋاي...(يەنە يارا يۈزىنى تۇتىدۇ)
Ⅳ-كۆرۈنۈش
رۇستەمنىڭ ئۆيى
رۇستەمنىڭ دادىسى خەلق ناخشىسى ئېيتىپ ھويلىداتۇراتتى. رۇستەم دەرۋازىنى ئاستا ئېچىپ كىرىدۇ ۋە دادىسىغا مەيۈس ۋە يارا يۈزىبىلەن قارايدۇ.
دادىسى: مونۇ يۈزۈڭگە نېمە بولدى ۋوي، موزاييالىۋەتتىما؟!
رۇستەم: (نېمە دېيىشىنى بىلمەي چۈشكۈن ھالەتتەتۇرىدۇ)
دادىسىچايخانىدا ئولتۇرىدۇ) بۇيەرگە كېلىپئولتۇر.
رۇستەم: (يېنىغا بېرىپ ئولتۇرىدۇ)
دادىسى: شۇنداق قىلىپ ئىش تاپالمىدىڭ؟
رۇستەم: ياق..(بوينىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرىدۇ)
دادىسى: ھەي...(بىر سېكونت سۈكۈتتىن كېيىن) ماڭاقارا ئوغلۇم، ئىنسان ھاياتىدا ئۆزىگە چۇشلۇق بىر قىممەت يارىتىپ ياشىشى كېرەك،سېنى چوقۇم بىر ئىش تېپىپ قىل دېمەيمەن، ئەمما بىكار ياتمىغىن بالام، ئۆزۈڭ ياخشىكۆرىدىغان بىرەر ئىشنى بولسىمۇ قىل، بىكارچىدىن خۇدا بىزار دەپتىكەن...(بىرنەرسىنى ئويلاپ) مېنىڭ بىر ئاغىنەم ئۆي سېلىۋېتىپتۇ، شۇنىڭغا ياردەملىشىپ لايتوشۇش سامان ئېتىش دېگەندەك ئىشلارنى قىل، مەن ئۇنىڭغا دەپ قوياي!
رۇستەم: كۈنىگە قانچە پۇل بېرىدۇ؟
دادىسى: (قاپىقىنى تۈرۈپ رۇستەمگە قارايدۇ)
رۇستەم: (خاتالاشقىنىنى بىلىپ) ماقۇل داداماقۇل!
جەسۇرنىڭ ئۆيى
جەسۇر چۈشكۈن ھالەتتە ئۆيىگە كىرىپ ئولتۇرىدۇ ۋەئەبجەق تېلېفونىغا قاراپ ئۇھ تارتىدۇ. تۇيۇقسىز شۇ تېلېفونى سايرايدۇ.
جەسۇر: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
رۇستەم: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام مەن ئاداش رۇستەم.
جەسۇر: ھە گەپ قىلە ئاداش!
رۇستەم: ئاداش، مەن بىر ئىش تاپتىم!
جەسۇر: راسما؟! قانداق ئىش؟
رۇستەم: دادامنىڭ بىر ئاغىنىسى ئۆيسېلىۋېتىپتىكەن، مېنى شۇيەردە ئىشلە دەيدۇ، سېنىمۇ مەن بىلەن بىللە بارامدىكىندېدىمغۇ! قانداق ئىشلەمسەن؟!
جەسۇر: (خۇش بوپ كېتىدۇ) ئىشلەيمەن ئاداشئىشلىمەمدىغان ئاللا داداڭغا رەھمەت قىلسۇن!(تېلېفوننى قويىۋېتىپ تېلېفونىغاقاراپ) سېنىڭ بىلەنمۇ خوشلىشىدىغان بولدۇق ئاغىنە!
رۇستەم بىلەن جەسۇر قۇرۇلۇش ئورنىدا تەر ئېقىتىپئىشلەيدۇ، ئاندا-ساندا ھورۇنلۇق قىلىپ سايدا ئولتۇرىۋالىدۇ.
ئاخىرى پۇللىرىنى ئالىدۇ. رۇستەمنىڭ دادىسىپۇلىنى ساناپ ئولتۇرغان رۇستەمگە مەمنۇنلۇق بىلەن قارايدۇ.
جەسۇر بولسا بىر تېلېفون دۇكىنىدا يېڭىتېلېفوننى قولىغا ئالىدۇ، ئىختىيارسىز دادىسىنىڭ سۆزى ئېسىگە كېلىدۇ.
جەسۇر: (يېڭى تېلېفونىغا قاراپ ئۆز-ئۆزىگە) مىڭسوم كۆپكەن دادا، كۆپكەن!
جەسۇر تېلېفون دۇكىنىدىن چىقىپ يىراقتىكى ئۆيىگەقاراپ يول ئالىدۇ...                                                                                  

تۈگدى

(بۇ فىلىم ئاپتۇر تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىنىپ بولغان،قېرىنداشلارنىڭ ئاپتۇرنىڭ ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىپ، رۇخسەتسىز قايتا ئىشلىمەسلىكىنى سورايمىز،  





                                                                 
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-30 23:02  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-1 20:56:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز فلمىنمۇ ياخشى ئىشلەپسىز تىخمۇ تىرىشىڭ قىرىندىشىم.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-1 21:48:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەيھانگۇل يوللىغان ۋاقتى  2015-12-1 20:56
ياخشى يىزىپسىز فلمىنمۇ ياخشى ئىشلەپسىز تىخمۇ تىرىشىڭ  ...

رەھمەت سىزگە قېرىندىشىم

ۋاقتى: 2016-6-24 12:33:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخىمۇ تىرىشىڭ قېرىندىشىم ،  بۇندىن كىيىنمۇ مۇشۇنداق سىنارىيەلەرنى كۆپلەپ روياپقا چىقىرىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش