يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 356|ئىنكاس: 4

ئەلتۇغ(ت): ئاخبارات مۇخبىرلىقى ۋە يېزىقچىلىقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-11-30 20:15:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئاخبارات مۇخبىرلىقى ۋە يېزىقچىلىقى

(مۇخبىرلارنى تەربىيەلەش دەرسلىكى)

ماتېرىياللاردىن تەييارلىغۇچى:  ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ

      مۇخبىر دىگەن نامنى ئاڭلىغان ھەر بىر كىشى ئۇنىڭغا ئالاھىدە ئىھتىرام بىلەن قارايدۇ، ھۆرمەتلەيدۇ ۋە قەدىرلەيدۇ، چۈنكى مۇخبىرلىق كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشكەن، ھەۋىسىنى قوزغايدىغان بىر شەرەپلىك خىزمەت. ئەمما مۇخبىرلىق كىشىلەر ئويلىغاندەك ئۇنداق ئوڭاي،  ئۇنداق ئوڭۇشلۇق خىزمەت ئەمەس، بەلكى ئۇ جاپالىق ئەقلىي ئەمگەك، قەيسەر ئىرادە يۈكسەك سىياسىي سەزگۈرۈك ۋە يۇقىرى كەسپىي ئىقتىدار تەلەپ قىلىدىغان نازۇك كەسىپلەرنىڭ بىرى. بولۇپمۇ مۇخبىر پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىشلىرىغا يۇكسەك دەرىجىدە مەسئۇلىيەتچان بولۇشى، خەلقكە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان بولۇشى كېرەك. مانا بۇ مۇخبىر ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنىدۇر.
ئاخباراتچىلىق پارتىيە سىياسىتىنى ئاممىغا يەتكۈزىدۇ، تارقىتىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئاممىغا تايىنىدۇ،  مۇنداقچە ئېيتقاندا،  شەھەر يېزا - قىشلاقلاردىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە يېڭىلىقلارنى كەسپىي مۇخبىرلارغىلا تايىنىپ ئەمەس ئىختىيارىي مۇخبىرلارنىڭ ئاكتىپلىقىغا تايىنىپ ئەكس ئەتتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ناھىيمىزدەك نوپۇسى كۆپ، دائىرىسى چوڭ بۇ جاي ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق. شۇڭا ئۇلارنى زور كۈچ بىلەن تەشكىللىمەي ۋە ئۇلارنىڭ كۈچىگە تايانماي بولمايدۇ.
بىرىنچى باب : مۇخبىر

مۇخبىرنى كەڭ ھەم تار مەنىدىن چۈشىنىشكە بولىدۇ. تار مەنىدىن ئېيتقاندا، مۇخبىر مەخسۇس زىيارەت قىلىش ۋە خەۋەر يېزىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملارنى كۆرسىتىدۇ. كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا ئۇ ئاخباراتچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بارلىق خادىملارنى، يەنى گېزىتخانا-رادىيو ،تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى، باش مۇھەررىر، مۇھەررىر ۋە مۇخبىرلارنى ۋە ئىختىيارىي مۇخبىرلارنى كۆرسىتىدۇ.
1.مۇخبىرنىڭ ئىجتىمائىي فونكىسيىسى ۋە ئوبرازى

مۇخبىرنىڭ ئىجتىمائىي فونكىسيىسى ۋە ئورنى ئۇ شۇغۇللىنىۋاتقان ئاخبارات ئىشلىرىنىڭ خاراكتېرى، ئالاھىدىلىكى ۋە ۋەزىپىسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. بولۇپمۇ بۇنىڭ ئىچىدە ئاخبارات ئىشلىرىنىڭ خاراكتېرى ھەل قىلغۇچ ئامىل ھېسابلىنىدۇ.
بىزگە مەلۇمكى، ئاخبارات ئىشلىرى مۇئەييەن جەمئىيەتتىكى  ئىقتىسادىي بازىسنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلۈشى، ئاىبارات تارقىتىشنى ئاساس قىلىدىغان شەكىل، شۇنداقلا جامائەت پىكىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىدىغان ئىجتىمئاىي پائالىيەت دېمەكتۇر.
مۇخبىر-ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنى توپلىغۇچى ۋە خەۋەر قىلغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ ئىجتىمئاىي پائالىيەت جەريانىدا ئەڭ پائالىيەتچان، ئەڭ ئاساسلىق خادىملاردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىجتىمائىي فونكىسيىسى ھەقىقىي ئاىبارات ئۇچۇرلىرىنى تېز ھەم دەل ۋاقتىدا ئىگىلەپ، جەمئىيەتنىڭ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئېھتىياجىنى تەمىن ئېتىشتىن ئىبارەت.
مۇخبىر- دەۋر ئېقىمىنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان كۆزەتچى ھەم قاراۋۇل. ھەر قانداق يېڭى شەيئى بايقالغان ھامان ئۇ ئۆتكۈر نەزەرى بىلەن بايقاپ ئالدىن ئالقىش ياڭرىتىدۇ. زىيانلىق نەرسىلەر باش كۆتۈرگەن ھامان دەل ۋاقتىدا سېگنال بېرىدۇ. ئۇلار بارلىق رەزىللىكلەر بىلەن باتۇرلارچە ئېلىشالايدىغان ھەققانىيەتچى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سادىق جارچىسى.
مۇخبىرلار ئەمگەكچان ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشايدۇ. ئۇلار دائىم سىرتلاردا يۈرۈپ،  كەڭ مۇخبىرلىق پائالىيىتى جەريانىدا ئۇچۇرلارنى، تەجىرىبىلەرنى ۋە بارلىق گۈزەل نەرسىلەرنى تارقىتىدۇ. ئەڭ مۇھىمى ئۇلار ئەقلىي ئەمگەك بىلەن جىسمانىي ئەمگەكنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىجادچانلىق بىلەن ئىشلەيدۇ.
مۇخبىرلار ھەممىنى بىلگۈچى، شۇنداقلا مەلۇم  تەرەپتىكى مۇتەخەسىس. ئۇلار مۇخبىرلىق جەريانىدا خىلمۇ - خىل مەسىلىلەرگە يولۇقىدۇ، خىلمۇ خىل ئاخبارات يىپ ئۇچلىرىنى بايقايدۇ، ھەر ىىل كەسىپتىكى ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىدۇ، ھەر ىىل سورۇنلارغا دۇچ كېلىدۇ. مۇخبىرلار ئاتراپلىق بىلىمگە ئىگە بولغانلىقى، خىلمۇ خىل كەسىپلەردىن ئازراق خەۋەردار بولغانلىقتىن، ھەممە تەرەپكە تەڭ ماسلىشىپ، مۇخبىرلىق ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق ئورۇندىيالايدۇ.
2.مۇخبىرلارنىڭ ۋەزىپىسى

ئاخبارات ئىشلىرىمىزنىڭ خاراكتېرى، ۋەزىپىسى، شۇنداقلا مۇخبىرلارنىڭ ئاخبارات ئورگىنىدىكى سىرتقى ۋەزىپە شارائىتىغا ئاساسەن، مۇخبىرلارنىڭ ۋەزىپىسى- خەۋەر يېزىش، ئەھۋاللارنى ئىنكاس قىلىش ۋە ئاممىۋىي خىزمەت ئىشلەشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ. بۇ دۆلىتىمىز مۇخبىرلىرىنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك ئاساسىي مەجبۇرىيىتى.
1.خەۋەر يېزىش
خەۋەر يېزىش مۇخبىرلارنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى، شۇنداقلا دائمىلىق ۋەزىپىسى، ئۇ بىر مۇخبىرنىڭ ياخشى - يامانلىقىنى باھالايدىغان مۇھىم ئۆلچەم. بىر مۇخبىر خەۋەر يازمىسا ياكى ناھايىتى ئاز خەۋەر يازسا، ئۇنى لاياقەتلىك مۇخبىر دېگىلى بولمايدۇ. يىل بويى بىرەر پارچە ياخشى خەۋەر يازالمىسا، ياخشى مۇخبىر دەپ قارىغىلىمۇ بولمايدۇ.
بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان خەۋەر ئادەتتىكى خەۋەر، تەپسىلىي خەۋەر، تەكشۈرۈش دوكلاتى، ئوبزور، مۇخبىرلاردىن خەت، مەخسۇس زىيارەت قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا مۇخبىرلار خەۋەر قىلىش دائىرىسىنى تىرىشپ كېڭەيتىپ، ئىجتىمئاىي تۇرمۇشتىكى خەۋەرلىك قىممىتىگە ئىگە بولغان ئۇچۇر، ۋەقە، ئادەم، مەسىلە، نەتىجە ۋە تەجىربىلەرنى ئئەكس ئەتتۈرۈش بىلەن بىرگە، ئىسلاھات جەريانىدا بارلىققا كەلگەن يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى نەزەرىيەلەرنىمۇ خەۋەر قىلىشى، بولۇپمۇ مۇستەقىل خەۋەرلەرنى، تەسىرى زور بولغان سالماقلىق خەۋەرلەرنى تۇتۇشقا ماھىر بولۇشى لازىم.
2.ئەھۋاللارنى ئىنكاس قىلىش
مۇخبىر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆزى ۋە قۇلىقى، خەلقنىڭ ۋاكالەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەھۋاللارنى ئىنكاس قىلىشتا باش تارتىپ بولماس مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان.
ئەھۋاللارنى ئىنكاس قىلىش دېگىنىمىز ئاسالىقى مۇخبىرلارنىڭ ئەمەلىي خىزمەت ۋە ئىجتىمئاىي تۇرمۇشتا ئىگە بولغان ئوچۇق-ئاشكارە ئېلان قىلىشقا بولمايدىغان، ئەمما پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئۈچۈن پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بولغان ماتېرىياللارنى «ئىچكى پايدىلىنىش ماتېرىيالى» قىلىپ يۇقۇرىغا يوللاشنى كۆرسىتىدۇ. «ئىچكى پايدىلىنىش ماتېرىيالى»نىڭ مەزمۇنى ئاساسەن پارتىيەنىڭ فاڭجىن - سىيسەتلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىش جەريانىدىكى ئەھۋاللار، ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ خىزمىتىدە  ساقلانغان مەسىلىلەر، ھەر قايسى قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئىدىيىۋى يۈزلىنىشى، ئايرىم پىشمىغان يېڭى ئۇسۇل، يېڭى تەجرىبە، بالايىئاپەتلەر، شۇنداقلا ئاشكارىلاشقا بولمايدىغان باشقا يۈزلىنىش، ئىنكاس قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ تۆۋەننىڭ ئەھۋالىنى تېزلىك بىلەن يۇقىرىغا يەتكۈزىدىغان مۇھىم بىر يول بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىكنىڭ خەلقنىڭ ھالىنى، جەمئىيەتنىڭ يۈزلىنىشىنى ئىگىلىپ، مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى تۈزۈشى ئۈچۈن قىممەتلىك ماتېرىيال يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.
3.ئاممىۋىي خىزمەت ئىشلەش
بۇ پرولېتارىيات مۇخبىرلىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى بولۇپ، ئاممىۋىي خىزمەت ئىشلەش ئاساسلىقى ئىختىيارىي مۇخبىرلار بىلەن ئالاقىلىشىش، ئۇلارنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە قارىتىلغان. خەۋەر يېزىش ۋە ئىچكى قىسىمدىكى ئەھۋاللارنى مەلۇم قىلىشتەك خىزمەتنىڭ ھەممىسىنى مۇخبىرلار ئۈستىگە ئېلىپ بولالمايدۇ، بۇ كەڭ ئىختىيارىي مۇخبىرلارنىڭ قوللىشى ۋە ھەمكارلىشىشىغا موھتاج.
3. مۇخبىرلار ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلەر

1. توغرا دۇنيا قاراش ۋە ئۆتكۈر كۆز بولۇشى كېرەك.
ھەر قانداق مۇخبىر پاكىتلارنى خەۋەر قىلىپ يازغاندا، بەلگىلىك تاللاشتىن ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ باھاسىنى قوشىدۇ. بۇنداق تاللاش، باھا، شۇنداقلا خاھىش خاراكتېرلىك پوزىتسىيە مۇخبىرنىڭ دۇنيا قارىشىنىڭ قوماندانلىقىدا بولىدۇ. مۇخبىرنىڭ دۇنيا قارىشى ئۇنىڭ پۈتكۈل ئاخبارات پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ئاخبارات ئەسەرلىرىدە ئەكس ئېتىدۇ.
پرولېتارىيات مۇخبىرلىرى دەۋرنىڭ قاراۋۇلى بولۇشتەك بۇرچىنى ئادا قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ كۆزى، قۇلىقى، تىلى بولۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۆتكۈر «كۆز»گە ئىگە بولۇشى كېرەك. بۇ ئۆتكۈر كۆز ماركىسىزم، لېنىنىزم، ماۋزېدوڭ ئىدىيىسى ئاساسىدىكى ئىلمىي بولغان دۇنيا قاراشتىن ئىبارەتتۇر. دۇنيا قاراش مەسىلىسى مەيدان، نۇقتىئىنەزەر ۋە ئۇسۇل مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە مەيدان توغرا بولمىسا، چىقىش نۇقتىسى توغرا بولمىسا، پوزىتسىيە توغرا بولمىسا  ئوبىيىكتىپ ئەمەلىيەتنى دەل، چوڭقۇر تونۇش ۋە ئەكس ئەتتۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ. شۇڭا بىز تارىىنىڭ تەرەققىيات يۆنۈلۈشىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزگەندە، خەلق ئاممىسنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش نۇقتىسى قىلغىنىمىزدىلا ئاندىن ئاىبارات خەۋەرچىلىك خىزمىتىمىزنى ھەقىقي تۈردە ياخشى ئىشلىيەلەيمىز.
2.ئەتراپلىق ھەم پۇختا بىلىم بولۇشى كېرەك
مۇخبىر ئالدى بىلەن ھەممىگە قادىر ئادەم بولۇش ئۈچۈن، ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە بولۇشى لازىم. مۇخبىرلىق خىزمىتىنىڭ جەمئىيەت بىلەن ئۇچرىشىدىغان دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ، مۇخبىرنىڭ ئكزىمۇ ئەتە قانداق مەسىلىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى قىياس قىلالمايدۇ. شۇڭا ھەر قايسى تەرەپلەردىن ئازدۇر –كۆپتۇر بىلىم، ماتېرىيال توپلىشى، قايسى يەردىن سۆز ئېچىلسا شۇنىڭغا ماسلىشالايدىغان بولۇشى كېرەك.
3.كۈچلۈك قابىلىيەت بولۇشى كېرەك
قابىلىيەت مۇخبىرنىڭ كەسپىي جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى بۇ، مۇخبىرلار ئاخبارات مۇخبىرلىقى ۋە يېزىقچىلىقىدىكى قائىدە - قانۇنىيەتلەرنى پىششىق ئىگىلىۋالغان بولۇشى ھەم ئىجادىي يوسۇندا تەدبىقلىيالايدىغان بولۇشى كېرەك، دېگەنلىكتۇر.
مۇشۇنداق قابىلىيەت بولغاندىلا مۇىبىرلار رېئال تۇرمۇشتىكى ئاخبارات قىممىتىگە ئىگە نەرسىلەرنى سەزگۈرلۈك بىلەن بايقاپ، توغرا ۋە نادىر خەۋەرلەرنى يېزىپ چىقالايدۇ. شۇنداق قابىلىيەتنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئاساسىي ماھارەتنى پۇختا ئىگىلىشى كېرەك.
4. ئالىيجاناپ كەسپىي ئەخلاق ۋە ياخشى مۇخبىرلىق ئىستىلى بولۇشى كېرەك
سوتسىيالىستىك دۆلىتىمىزدە ياراملىق بىر مۇخبىر بولۇش ئۈچۈن، ئالىيجاناب كەسپىي ئەخلاققا ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە ئېسىل مۇخبىرلىق ئىستىلىنىمۇ يېتىلدۈرۈش كېرەك.
لاياقەتلىك بىر مۇخبىر بولۇش ئۈچۈن يۇقىرىدىكى تۆت نۇقتىنىڭ بىرەرسى كەم بولسا بولمايدۇ. بۇ شەرتلەرنى تولۇق ھازىرلىمىغاندا، مۇخبىرنىڭ ھەقىقىي ئوبرازىنى تىكلىگىلى بولمايدۇ.
ئىككىنچى باب : ئاخبارات پاكىتلىرىنى قانداق تاللاش كېرەك


يېڭىدىن مۇخبىرلىققا قەدەم قويغان نۇرغۇن كىشىلەر دائىم مۇرەككەپ، رەڭگارەڭ دۇنيادىكى خىلمۇ خىل ئىشلار ئىچىدە نېمىنىڭ خەۋەر بولىدىغانلىقىنى، قانداق نەرسىنىڭ خەۋەر قىلىشقا ئەرزىيدىغانلىقىنى ئاڭقىرالماي گاڭگىراپ قالىدۇ.
ئاخبارات پاكىتلىرىنى تاللاش ئۈچۈن مۇخبىرلاردا جەزمەن كۈچلۈك كەسپىي ئىقتىدار يېتىلىشى لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا مۇخبىر بولۇشتىن سۆز ئاچقىلىمۇ بولمايدۇ.
1. ئاخبارات پاكىتلىرىنى تاللاشنىڭ مۇھىم ئاساسى – ئاخبارات قىممىتى
ھەممىمىزگە مەلۇمكى، يېڭىدىن يۈز بەرگەن ۋە بايقالغان پاكىت خەۋەر بولىدۇ. ھەر قانداق جاي ۋە ھەر قانداق ۋاقىتتا يېڭى پاكىتلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ ۋە بايقىلىپ تۇرىدۇ. بۇ پاكىتلارنىڭ بەزىلىرى گېزىت، رادىيو، تېلېۋېزورلاردا خەۋەر قىلىنىپ تارقىتىلىدۇ، بەزىلىرى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ نەزەرىدىن ساقىت قىلىنىدۇ. بۇ يەردىكى ھالقىلىق مەسىلە ئوبىكتىپ پاكىتنىڭ ئاخبارات قىممىتىنى ھازىرلىغان - ھازىرلىمىغانلىقىدا.
ئۇنداقتا ئاخبارات قىممىتى دېگەن نېمە؟
ئۇ ئادەتتە تۆۋەندىكى ئۈچ خىلغا يىغىنچاقلىنىدۇ.
1)ئاخبارات قىممىتى- ئاخبارات خىزمەتچىلىرى بەلگىلىگەن خەۋەرلەرنى تاللاش، ئۆلچەش، شاللاش ۋە بەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئۆلچەمدىن ئىبارەتتۇر.
2) ئاخبارات قىممىتى- ئاخبارات ئورگىنى  تارقاتقان خەۋەرنىڭ ئامما ئارىسىدا پەيدا قىلغان تەسىرى ۋە ئۈنۈمىنى كۆرسىتىدۇ.
3) ئاخبارات قىممىتى – ئاخبارات پاكىتلىرى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە بىلىش قىممىتىنى كۆرسىتىدۇ.
يىغىنچاقلىغاندا، ئاخبارات قىممىتى- خەۋەرنى تەشكىل قىلغۇچى پاكىتنىڭ قوبۇل قىلغۇچىلارغا ئېلىپ كېلىدىغان ئۇچۇر مىقدارى ھەمدە قوبۇل قىلغۇچىلار ۋە جەمئىيەتكە بولغان پايدا - زىيان مۇناسىۋېتىنىڭ دەرىجىسىنى كۆرسىتىدۇ.
   ئاخبارات قىممىتى ئادەتتە    1. يېڭىلىق؛ 2.مۇھىملىق؛ 3.يېقىنلىق؛  4. قىزارلىقلىقى قاتارلىق تۆت شەرتنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك.
2. ئاخبارات يىپ ئۇچى- ئاخبارات پاكىتىغا ئىگە بولۇشنىڭ مۇھىم شەرتى
مۇخبىرلارنىڭ ئاخباراتنى بايقىشى ھامان ئاخبارات يىپ ئۇچىنى بايقاشتىن باشلىنىدۇ. مۇخبىرلارنىڭ ئاخبارات يىپ ئۇچىنى بايقاش-بايقىيالماسلىقى ھەمدە ئۇنىڭ ئاخبارات قىممىتىنى پەرق ئېتىش –ئېتەلمەسلىكى مۇخبىرنىڭ ئاخبارات سەزگۈرلۈكىنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى.
ئاىبارات يىپ ئۇچىغا ئىگە بولۇشنىڭ يوللىرى خىلمۇ ىىل بولىدۇ:
1.ئاخبارات يىپ ئۇچى پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ فاڭجىن، سىياسەت،قارار، يوليورۇقلىرىدىن ۋە ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ مۇھىم  سۆزلىرىدىن كېلىدۇ.
2. ئاخبارات يىپ ئۇچى «ئۇچۇر ئالاقە تورى»دىن كېلىدۇ. يەنى جەمئىيەتتىكى كەڭ خىزمەت ئالاقىسى جەريانىدا تۇتقان دوستلىرىدىن كېلىدۇ.
3. ئاخبارات يىپ ئۇچى خىلمۇ خىل يىغىنلاردىن كېلىدۇ.
4. ئاخبارات يىپ ئۇچى ئىختىيارىي مۇخبىرلار ۋە ئاپتورلار ئىچىدىكى ئاكتىپلاردىن كېلىدۇ.
5. ئاخبارات يىپ ئۇچى ھەر ىىل تارقىتىش ۋاستىلىرى ئېلان قىلغان خەۋەر، ماقالە ۋە مۇشتەرىلەرنىڭ خېتىدىن كېلىدۇ.
6. ئاخبارات يىپ ئۇچى ھەر خىل ئېلان ۋە ھاۋا رايدىن بېرىلگەن ئالدىن مەلۇماتتىن كېلىدۇ.
7. ئاخبارات يىپ ئۇچى كۈندىلىك تۇرمۇشتىن كېلىدۇ.

3-باب. مۇخبىرلىقتىكى ئاساسىي ھالقىلار


1.        خەۋەر قىلىش ئىدىيىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش لازىم.
خەۋەر قىلىش ئىدىيىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش مۇخبىرلىققا كىرىشىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى، شۇنداقلا پۈتكۈل مۇخبىرلىق پائالىيىتىنىڭ مۇقەددىمىسى.
مۇخبىرلار خەۋەر قىلىش ئىدىيىسىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋالغاندا نۆۋەتتىكى ئاىبارات خەۋەرچىلىكىدە نېمىنى تەشەببۇس قىلىپ نېمىنى تەكىتلەش كېرەكلىكىنى، نېمىگە قارشى تۇرۇپ، نېمىلەردىن ساقلىنىش لازىملىقىنى بىلەلەيدۇ، شۇنداقلا تەشۋىقات كېلىماتىنى توغرا ئىگىلەپ، مۇخبىرلىقتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.
2.خەۋەر قىلىنىدىغان تېمىنى تاللاپ بېكىتىش لازىم.
خەۋەر قىلىنىدىغان تېمىنى تاللاش دېگىنىمىز مۇخبىرنىڭ زىيارەت قىلماقچى بولغان تېمىسىنى تاللاپ بېكىتىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئاساسلىقى مۇخبىرنىڭ قەيەرگە بېرىشى، قايسى ئورۇننى، كىمنى، قانداق مەسىلە توغرىلىق زىيارەت قىلماقچى بولغانلىقىدىن ئىبارەت مەسىلىنى ھەل قىلىپ بېرىدۇ.
3. مۇخبىرلىق ئالدىدىكى تەييارلىقنى ياخشى ئىشلەش كېرەك
تەييارلىق خىزمەتنى پۇختا، ياخشى  ئىشلىگەندە مۇخبىرلىق ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن زىيارەت قىلىنىدىغان ئوبيېكىت بىلەن پۇختا تونۇشۇش، ئۆزىنىڭ زىيارەت لېنىيەسىنى ئېنىق ۋە كونكىرت بىكىتىۋېلىش لازىم.
4. ماتېرىيال ئىگىلەش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش
مۇخبىرنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئاخبارات قىممىتىگە ئىگە بولغان پاكىتلارنى ئىگىلەشتىن ئىبارەت. ئاخبارات پاكىتى بولسا ئادەم، ۋاقىت، ئورۇن، ۋەقە، مۇھىت شارائىت قاتارلىق ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماتېرىياللاردىن تەشكىل تاپىدۇ. مۇشۇ تەرەپتىكى ماتېرىياللارنى تولۇق قولغا كەلتۈرگەندىلا ئاندىن كونكىرت ئاخبارات پاكىتلىرىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. شۇڭا ئاخبارات پاكىتلىرىنى ئىگىلەش پۈتكۈل ئاخبارات مۇخبىرلىق پائالىيىتىنىڭ مەركىزىي ھالقىسى دەيمىز.
بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
1.مۇمكىنقەدەر ماتېرىياللارنى ئەتراپلىق ئىگىلەش ھەم بىرىنچى قول ماتېرىيالنى ئىگىلەش كېرەك.
2.ماتېرىياللارنى تەھلىل قىلىپ پىششىقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
5. مۇخبىرلىق خاتىرىسى يېزىش
مۇخبىرلىق قىلغاندا خاتىرە يېزىش مۇىبىرلىق جەريانىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم بىر ھالقا.
مۇخبىرلىق قىلغاندا چوقۇم خاتىرە قالدۇرۇش كېرەك.ئۇنىڭ ئەھمىيىتى:
1. خاتىرە يېزىش مۇخبىرلىق كەسپىنىڭ تەلىپى ھەم مۇخبىرنىڭ مەجبۇرىيىتى، چۈنكى مۇخبىر ھازىرقى زامان تارىخىنىڭ خاتىرىلىگۈچىسى.
2.خاتىرىنى ياخشى يېزىش ئاخبارات خەۋەرلىرىنىڭ چىن ھەم توغرا بولۇشى ئۈچۈن پايدىلىق.
3.خاتىرە يېزىش مۇخبىرنىڭ ماتېرىيال توپلاشتىكى مۇھىم بىر يولى.
مۇخبىرلىق خاتىرىسى قالدۇرۇشنىڭ ئادەتتە  ئۈچ خىل ئۇسۇلى بولۇپ ئۇ ئۈنئالغۇغا ئېلىۋېلىش، ئەستە قالدۇرۇش ۋە خاتىرە يېزىشتىن ئىبارەت.
ئۇنداقتا خاتىرە قالدۇرۇشتا نېمىلەرنى يېزىش كېرەك؟
1.        مۇھىم نۇقتىنى يېزىش كېرەك.

بۇ مۇھىم ھالقا، ئىدىيۋى تونۇشتىكى بىر قانچە مۇھىم تەرەپ، شەخسلەرنىڭ ئىش-ھەرىكىتىدىكى بىر قانچە مۇھىم ۋەقەلىك، ئاساسلىق تەجىرىبە –ساۋاقلار، مۇھىم ئارقا كۆرۈنۈش ماتېرىياللىرىنى ككرسىتىدۇ.
2.        ئاسان ئۇنتۇلۇپ قالىدىغان نۇقتىلارنى يېزىش كېرەك.
يەنى، ئادەتتە ۋاقىت، ئورۇن، ئادەم ئىسمى،  سان –سىفىر، شەخسلەرنىڭ ئالاھىدىلىككە ئىگە سۆزلىرى، ھەر خىل كەسپىي ۋە تېخنىكىلىق ئاتالغۇلار...
3.گۇمانلىق نۇقتىلارنى يېزىش كېرەك.
يەنى سۆز بىلەن پاكىت ئوخشاش بولمىغاندا، ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ سۆزلىرى ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالدا گۇمانلىق نۇقتىلارنى يېزىپ قويۇپ مۇۋاپىق پۇرسەتتە ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.
4.ئىدىيىنى خاتىرىلەش
يەنى شەخسلەرنىڭ مەلۇم ۋەقە - ھادىسىگە بولغان ئىدىيىۋى تونۇشۇنى خاتىرىلىۋېلىشى كېرەك.
5.زىيارەت ئوبيېكتىنىڭ خاسلىققا ئىگە ئەسلى سۆزىنى خاتىرىلەش.
6. كۆز كۆرگەن ماتېرىياللارنى خاتىرىلەش.
7. ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى خاتىرىلەش.

4-باب ئاخبارات يېزىقچىلىقىنىڭ ئاساسىي تەلىپى ۋە مۇھىم ھالقىلار


1.        ئاخبارات يېزىقچىلىقىنىڭ ئاساسىي تەلىپى

ئاخبارات يېزىقچىلىقىنىڭ ئاساسىي تەلىپىنى ئاىبارات خەۋەرلىرىنىڭ چىن بولۇشى، ئاخبارات خەۋەرلىرىنىڭ ئىدىيىۋىلىكى ۋە يېتەكچىلىك خاراكتېرى، ئاخبارات خەۋەرلىرىنىڭ ۋاقىتچانلىقى ۋە ئاخبارات خەۋەرلىرىدە پاكىت ئارقىلىق سۆزلەشتىن ئىبارەت تۆت نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
ئاخباراتنىڭ چىنلىقى قايسى تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
بىرىنچى، ئاخباراتنىڭ بەش ئامىلى چىن بولۇشى كېرەك؛ ئىككىنچى،خەۋەردە ئىشلىتىلگەن ماتېرىيال ۋە سان-سىفىرلار ئىشەنچلىك بولۇشى كېرەك؛ ئۈچىنچى: خەۋەردىكى پاكىتلارغا بېرىلگەن ئىزاھات ۋە چۈشەندۈرۈشلەر شەيئىلەرنىڭ ئەسلى قىياپىتىگە ئۇيغۇن كېلىشى، بىر تەرەپلىمە بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.

نادىر ئەسەر يارىتىشتا پۇختا ئاساس بولۇشى كېرەك


داڭلىق سەھىپە، نادىر ئەسەر يارىتىشتا قاتتىق تەلەپنىڭ ھوددىسىدىن چىقالايدىغان مۇكەممەل ئاخبارات قوشۇنىنىڭ بولۇشى بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەر بىر ئاخبارات خادىمىنىڭ مول ئاخبارات بىلىمى ۋە پۇختا ماھارەت ئاساسىغا ئىگە بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
نادىر ئەسەر يارىتىشتا توۋەندىكى توت تۈرلۈك ئاڭنى تىكلىشى زۆرۈر
1.نادىر ئەسەر ئېڭىنى تىكلىشى كېرەك. بۇنىڭدا ئىزدىنىش،  ئوڭۇشسىزلىق، مۇۋەپپەقىيەتتىن ئىبارەت مۇقەررەر باسقۇچتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوتۇش كېرەك. شۇ چاغدىلا نادىر ئەسەر يارىتىش ئېڭى تەبىي ھالدا زىيارەت قىلىش ۋە مۇخبىرلىك قىلىش جەريانىغا سىڭىدۇ.
2. بىر پۈتۈن گەۋدە ئېڭىنى تىكلەپ،  مۇھىم ئاخبارات – تەشۋىقات ۋاستىسى بولغان گېزىت، رادىئو تېلېۋىزىيەسى پۈتكۈل ئاخبارات خىزمىتىگە كۈچلۈك ماسلاشتۇرۇش لازىم.
3. رىقابەت ئېڭى بولۇشى كېرەك. ھازىرقى دەۋر ئىسلاھات دەۋرى، ئۇچۇر دەۋرى، رىقابەر دەۋرى. شۇڭا ئاخبارات تەشۋىقات سېپىمۇ ئۆز ئالاھىدىلىكى ۋە ئەمەلىي كۈچىگە تايىنىپ ئوز ئارا توغرا رىقابەتنى يولغا قويغاندا ئاخبارات ئەسەرلىرىنىڭ يېڭىلىقى، تېزلىكى،  ئۇچۇر قىممىتى، جەلىپكارلىقىنى  ئاشۇرغىلى بولىدۇ . بۇنىڭدا يېڭى خەۋەرلەرنى تالىشىش كېرەك. كىم بالدۇر يىپ ئۇچىغا ئېرىشسە ھەمدە تېز ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك خەۋەر قىلالىسا شۇ كىشى ياخشى مۇخبىر ھېسابلىنىدۇ.
4.يۈكسەك بۇرچ ئېڭى، كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق، يۇقىرى ئاڭ -سەۋىيە، زور ئاخبارات تېمىلىرىنى ئىگىلەيدىغان ھەمدە مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر تەرەپ قىلالايدىغان كەسپىي ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشى كېرەك.
«جىلىن گىزىتى» نىڭ مۇخبىرى ۋاڭ رۇينىڭ «ئائىلە مىزانى» دېگەن ئەسىرى جۇڭگو ئاخبارات مۇكاپاتى بويىچە بىرىنجى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئۇ بۇ ئەسەرنى يېزىش جەريانى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: بىرىنچىدىن، سىياسىي جەھەتتە سەزگۈر بولۇشى ، ئەدەتتىكى ئىشلاردىمۇ ئەستايىدىل، چوڭ ئىشلاردا مەسئۇلىيەتچان بولۇش لازىم . ئىككىنچىدىن: ئاخبارات تېمىلىرى ۋە خەۋەرنىڭ يىپ ئۇچىنى ئىگىلەشتە تېز ۋە چاققان بولۇپ، ئۇچۇر ئىگىلەشكە ماھىر بولۇش كېرەك. ئۇچىنچىدىن: پىكىر يۈرگۈزۈش، ھوكۇم قىلىشتا كەسكىن بولۇش، ھەرىكەتتە تېز بولۇش،  لىڭتاسمىلىق قىلماسلىق، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقىشقا قادىر بولۇش كېرەك. مېنىڭچە بۇ ئۈچ نۇقتىنى نادىر ئەسەر يارىتىشنىڭ ئاساسلىق  ماھارىتى دېسەك مۇبالىغە قىلغان بولمايمىز. دېمەك، بۇ ئۈچ نۇقتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا مۇخبىردا كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بولۇشى لازىم. نام - شوھرەتكە بېرىلمەسلىكى، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتماسلىقى، گېزىت، رادىئو - تېلېۋىزىيە ئاخباراتىنىڭ يۈكسەك نوپۇزىغا داغ تەگكۇزمەسلىكى، يازغان ھەربىر پارچە ماقالىسىغا مەسئۇل بولۇشى لازىم.






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-30 22:58  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-1 15:38:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى ماتىرىيال ئىكەن، بىز مەكتىپىزدە « كىچىك مۇخبىرلار پونكىتي» قۇرۇشنى ئويلىشىۋاتقانىدۇق. بۇ مۇخبىرلارنى تەربىيىلەشتىكى ياخشى دەرسلىك بولغۇدەك، رەھمەت سىزگە ئەلتۇغ ئەپەندى!

ۋاقتى: 2015-12-1 15:52:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى ماتېرىيالكەن....

ۋاقتى: 2016-3-22 00:22:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەندەك ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىيالماي جەرىمانە تۆلەيدىغان مۇخبىرغا ئوبدان دەرسلىككەن بۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-23 19:23:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qongkurqak يوللىغان ۋاقتى  2016-3-22 12:22 AM
مەندەك ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىيالماي جەرىمانە تۆلەيدىغان  ...

  ئەمەلىيەتتە، ئۆزلىرى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ بولغان دەرسلەر بۇ! مۇختەر مەخسۇتنىڭ «ئاخبارات مۇخبىرلىقى ۋە يېزىقچىلىقى» ناملىق كىتابىدىن ئېلىپ تەييارلىغاندەك ئېسىمدە.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش